ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(2)

ۋاقتى: 2011-09-08 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 118 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

2 .بىر قەدەم «چىكىنىش يولى»مۇ چىگىش مەسىلىلەرنى يىشەلەيدۇ.

 

   ئوقۇغۇچى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىقلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ،  ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، سىنىپ مۇدىرى بۇ ئەھۋاللارغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەكىسچە  ئاكتىپلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.  بۇ خىل خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە،  مۇنداق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.  

   زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە  ئېغىر- بېسىقلىق،  سەمىمىيلىك بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىلا، ھەرقانداق زىددىيەتنى كىلىشتۈرۈگىلى بولىدۇ. بۇ ئىش ئارقىلىق مەنمۇ مائارىپ ۋە ئادەم تەربىيلەشتە ھۆرمەت قىلىش ۋە ھۆرمەتلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم.

   ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى:

     سۈبھىنۇر بولسا سىنىپىمىزدىكى نەتىجىسى ياخشى، ئەتراپلىق تەربىيلىنىۋاتقان ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ،  بىراق سەل مەغرۇر قىز ئىدى.

     بىركۈنى 6-سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا، مەن ئىشخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋاتاتتىم. سۈبھىنۇر يىغلىغان پېتى ئىشخانامغا يۈگۈرۈپ كىردى.  مەن ئۇنى بىرەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.  مەن قولياغلىقىمنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ تەسەللى بەردىم. مەن ئارتۇق گەپ سۆز قىلماستىن ئۇنىڭغا سۇئال ۋە رىغبەتلەندۈرۈش نەزىرىدە قارىدىم.

-مۇئەللىم،  بۈگۈن مەن تۇنجى قېتىم جازالىنىپ مۇنبەردە تۇرغۇزۇپ قويۇلدۇم،  شۇنچە كۆپ كۆزلەر ماڭا تىكىلىپ تۇرسا نېمەدىگەن سەتچىلىك،  مەن نېمىنى ئويلىغىنىمىمۇ بىلمەيمەن، دەرس ۋاقتى توشۇشنى كۈتمەستىنلا، سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم.  دەپ بېقىڭە،  مەن بۇنىڭدىن كېيىن، باشقىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن، -ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغانىدى.

    مەنمۇ خۇددى يۈرىكىمنى ئېغىر تاش بېسىۋالغاندەك ناھايىتى بىئارام بولۇپ كەتتىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ناھيىتى تىرىشچان،  ئىرادىلىك،  تەرتىپ-ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ،  شۇنچە جازالانغۇدەك خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    مەن بىر ئازىدىن كېيىن  ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىم.  بۈگۈن ئېنگىلىزتىلى مۇئەللىمى ئۇنى دوسكىغا چىقىرىپ يېڭى ئۆگەنگەن سۆزلۈكلەرنى يازغۇزۇپتۇ.  ئۇ دوسكىغا چىقىپلا زېھنى چېچىلىپ،  قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ،  مۇئەللىمنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي قاپتۇ، نەتىجىدە،  جازلالىنىپ تۇغۇزۇپ قۇيۇلغانىكەن.  ئۇ ناھايىتى كەسكىن،  ئەمما تۆۋەن تەلەپپڭۇزدا:

   -مۇئەللىم، مەن ئەمدى ئىنگىلىزتىلى دەرسىگە قاتناشمايمەن،  بولمىسا يەنە ئورۇنسىز جازالىنىپ قالىمەن، -دېدى.

    مەن دەماللىققا بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.  مەن ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىمىنىڭ سەل چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىنى ھېس قىلدىم.  ئەمما، مەن سۈبھىنۇرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسەممۇ،  ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىمىنى ئەيىبلىسەممۇ بولمايتتى.  ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن مەن پىشقەدەم ھېسابلانساممۇ،  بىراق يەنىلا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خالىقلاردىن ساقلىنىش تەس.   خىزمەتكە قاتناشقان شۇنچە يىللاردىن بېرى مەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم.

    مەن سۈبھىنۇرغا:

   -بۇ ئىشتا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى سىزدىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ.  بىراق سىزدىنمۇ كىچىككىنە سەۋەنلىك ئۆتۈپ كىتىپتۇ،-دېدىم.  ئۇ قائىدە چۈشىدىغان ئاڭلىق ئوقۇغۇچى بولغاچقا،  مېنىڭ تەربىيەمنى قوبۇل قىلدى.

    سۈبھىنۇر: – بۇ قېتىمقى ئۇقۇشماسلىق ئۈچۈن مەن ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرىمەن،-دېدى.  ئۇنىڭ بىرجۈپ كۆزىدە ياش تامچىلىرى بىلەن يەنە ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.

   -ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى خىزمىتىگە ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان ھەم ياش، سىزدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.  سىزمۇ ئۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك،  سىزگە تەلەپنى يوقىرى قويۇشى،  سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى،- دېدىم مەن  يەنە.

    ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن:

    -مۇئەللىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ -دەپ سورىدى.

   -مېنىڭچە، ئارقىڭىزغا بىر قەدەر چىكىنسىڭىزلا ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. سىز ئالدى بىلەن ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىش مەقسىتىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ بىرپارچە خەت يېزىڭ.  ئۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم تەسىرلىنىپ سىزدىنمۇ ئەپۇ سورىشى مۇمكىن، باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشمۇ بىر خىل گۈزەل-ئەخلاق، -دېدىم.

    چۈشتىن كېيىن ئۇ ماڭا بىرپارچە خەتنى تاپشۇردى.  بۇ بىرپارچە ھۆرمەت ۋە كەمتەرلىك ھېسسىياتقا تولغان ئەپۇ سوراش خېتى ئىدى.  بىر نەچچە قۇر خەت كۆز ياشتىن ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.  ئىشنىڭ نەتىجىسى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقتى. ئوخشىمايدىغان يېرى ئىنگىلىزتىلى ئۇتقۇچىسى بۇ خەتنى پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇپ بېرىپتۇ.  «پەقەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبى بىرلەشسىلا، ئوقۇتۇش بىلەن ئۆگىنىشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز بىرلىكتە قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، ئۆئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ياخشى ھەمكارلىشايلى!…»

    ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى سەمىمىيىلىك بىلەن تەكشۈرگەن ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ كەمچىللىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ.  شۇ ئىشتىن كېيىن ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى سىنىپقا كۈلۈمسىرەپ كىرىدىغان بولغان،  دەرسخانا كەيپىياتىمۇ ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن.  مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا سىنىپىمىزنىڭ ئىنگىلىزتىلى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى چىقتى.  بولۇپمۇ سۈبھىنۇرنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.

    دېمەك ھەربىر كىشىنىڭ بىر قەدەم «چېكىنىش يولى» قالدۇرۇشى، ھەرقانداق چاغدا غەلبىنىڭ ئاساسى بولىدۇ،  خالاس.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. باھادىر
    2012/02/10 20:01:21

    ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى ئنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ..
    ۋەقەلىك ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەمما ئالدىدىكى سۈرەتتىن سۈبىنۇرنى ۋە ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرىنى تاپالمىدىم ….. بەك ئەپسۇسلاندىم..
    مەزمۇن بىلەن سۈرەت ماس كەلمەپتۇ….سۈرەتنى ئالماشتۇرۇشنى ياكى سۈرەتنى ئۈچۈرۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

    • lopnuri
      2012/02/11 11:27:12

      بۇ ھېكايىلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! سۈرەتنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىڭىزنى ئويلىنىپ باقسام بولىدۇ. بۇ سۈرەتتە ئەلۋەتتە ھېكايىدە ئېيتىلغان شەخىسلەرنى تاپالمايسىز. چۈنكى، بۇ سۈررەتنى مەن توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ مۇشۇ مەزمۇنغا مۇۋاپىق كېلىدۇ،دەپ قاراپلا چىقىرىپ قويغان ئىدىم. تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif