لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما قول-ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدا(سۈرەتلىك)

 

لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما قول-ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدا

 

شىرىپ موسا

 

لوپنۇر ناھىيەسىنڭ غەربتە كۇچار،شايار ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرىسىدىن شەرقتە مىرەنگىچە(ھازىرقى يېزائېگىلىك 2-دىۋىزىيسىنڭ 36-پولىكىگچە) سوزۇلغان؛جەنۇپتا تەكلىماكان قۇملىغىنى، شىمالدا قۇرۇق تاغنى پاسىل قىلغان؛تارىم،كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا –تۆۋەن ئېقىنى ھېساپلانغان كەڭ زېمىنى تارىختا لوپ دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە ياشىغان يەرلىك ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يەر نامىنى ئاساس قىلپ ئۆزلىرىنى لوپلۇقلار دەپ ئاتاپ كەلدى.

مانا مۇشۇ لوپلۇقلارنىڭ خانىم- قىزلىرى ئەقىل-پارسەتلىك، دانشمەن،ئەمگەكچان،تىرىشچان،ئەجدادلىرى ئىجاد قىلغان،تۇرمۇش ئەمەلىيتىدە تاكامۇللاشتۇرغان يۇڭ تۇقولما قول-ھۆنەر سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئۇنى بۈگۈنكى دەۋرگە ساق- سالامەت يەتكۈزۈپ كەلدى.ئۇلار مىللتىمىزنىڭ يۇڭ تۇقۇلما ھۆنەر-سەنئىتى تارىخنى ئۈزۈپ قويمىدى،بۇنى مىللتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كىشىنى خۇش قىلدىغان ئىش دىيىشكە بۇلىدۇ.

   لوپلۇق خانىم-قىزلارنىڭ بىر ئالاھىدىلگى يۇڭ تۇقۇلمىلارنى توقۇشقا ماھىر بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ قولى گۈل دىيلسە مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ، ئۇلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان،ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يۇڭ تۇقۇلما قول- ھۆنەرۋەنچىلكى بىلەن ئىزچىل شۇغۇلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.توقىغان يۇڭ تۇقۇلمىلرى ئۆزىنىڭ نەپس-سىپتلىغى،پىشىق-چىدامچانلىقى، كۆركەم ،رەڭدارلىغى، ئېسىل-چىرايلقلىغى بىلەن كىشنى ھەيران   قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ داڭقى لوپنۇردىن ھالقىپ ھەتتا خىلى يىراق جايلارغىچە كەڭ تارقالغان.يۇڭ تۇقۇلمىلار يۇقىرقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتسادى قىممىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىن ھۆرمەتلىك ئورۇن ئېلىپ ھازىرغىچە ئەتىۋالىنىپ كەلمەكتە.لوپلۇقلار نىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول-ھۆنەر سەنئىتى خەلقىمىزىنىڭ ئەنئەنۋى قۇل- ھۆنەر سەنئىتىنىڭ بىر تارمىقى بۇلۇپ،ئۇ مەدەنىيەت تارىخىمزدىن ئورۇن ئېلشقا تىگشلىك ئەلۋەتتە.

1·لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول ھۆنەر-سەنئىتى ئۇزۇن تارىخا ئىگە بۇلۇپ،ئۇنى تۆۋەندىكى نوقتىلار بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بۇلىدۇ.

بىزنىڭ ئالىملىرىمز، ئارخىلوگىيە خادىملىرىمىز تەڭرى تاغلىرى، ئالتاي تاغلىرىدىكى قىياتاش رەسىملىرىنڭ سىزىلغان ۋاقتىنىڭ  4000  يىلدىن   6000 يىلغىچە بولغانلىقىنى  ئەمىلى  پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى. بىزنىڭ ناھىيەمىز دائىرسىدىكى قۇرۇقتاغدا توققۇز  ئورۇندا ھەر خىل مەزمۇندا سىزىلغان قىيا تاش رەسىملىرى بار.ئۇنىڭدا قولغا ئۆگىتىلگەن قوي،ئۆچكە،  تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ رەسىملەرنىڭ سىزىلىش تارىخىنى تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تاغلىرىدا سىزىلغان قىياتاش رەسىملىرىنىڭ تارىخى بىلەن ئوخشاش دەپ قىياس قىلشقا بولىدۇ.لوپلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى قۇرۇقتاغ دائىرسدە ياشىغان .بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم چىقرالايمىزكى: لوپلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنى  كۆندۈرگىنىگە نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولىشى مومكىن.ئۇلار قولغا ئۆگىتىلگەن بۇ ھايۋانلارنى بېقىپ ئاينىتىش بىلەن گۆشىنى،سۈتىنى ئۇزۇقلۇق قىلغان. تېرىسىدىن ھەرخىل تۇرمۇش بويۇملىرنى ھازىرلىغان. يۇڭلىرىدىن يىپ ئىگىرىپ ،يۇڭ تۇقۇلمىلار توقۇغان،بۇنى ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلار ئىسپاتلاپ بەردى.

لوپنۇر رايۇنىدىن تېپىلغان يۇڭ توقۇلما بويۇملار

لوپنۇر رايۇنىدىن تېپىلغان ھەرخىل توقۇلما تۇرمۇش بويۇملىرى

يېڭى جۇڭگۇ قۇرلغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئارخىلوگلىرىمىز كىرورەن،بارگاھ قەدىمى شەھەرلىرى دائىرسىدىكى قەبرىستانلىقلارنى قېزىپ تەكشۈردى.بۇ قەبرىستانلقلاردىن دەپنە قىلىنغىنىغا 2 مىڭ يىلدىن   4 مىڭ يىلغىچە بولغان قۇرۇق جەسەتلەر چىقتى.بۇ جەسەتلەر يۇڭ تۇقۇلمىلار بىلەن كېپەنلەنگەن. كېپەنلىكلەر ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بۇلۇپ،بۈگۈنكى زاماندىكى يۇڭ تۇقۇلملار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. لوپلۇقلارمىلادى3-ئەسر لەرگىچە ئۆز زامانىسىدا يۈكسەك تەرەققى قىلغان يىپەك يولى ئۈستىگە جايلاشقان كىرورەن،بارگاھقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە ياشىغان. بۇ شەھەرلەر شەرق بىلەن غەرپنىڭ سودا- مەدەنىيەت ئالماشتۇرشىدا موھىم رول ئوينىغان ئىدى. كىيىن يىپەك يولىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ئۇرۇشلار ، قۇرغاقچىلىق ۋە تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىشى كىرورەن،بارگاھ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر ھازىرقى لوپنۇر ناھىيەسى دائىرسى ھېساپلانغان چوڭ لوپقا كۆچۈشكە مەجبۇربولدى. بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەر تىرىكچىلىك زۆرۈريىتى بىلەن يايلاق ۋە سۇ قوغلىشىپ تارقاق ياشىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچان  تاشقى موھىت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. مانا مۇشۇنداق بىكىنمە تۇرمۇش لوپلۇقلارنى ئۆزىنىڭ كىيىم –كېچەك، سېلىنچا-يېپنچا قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكنىڭ بىرى بولغان يۇڭ تۇقۇلما قول ھۆنەرۋەنچىلكى بىلەن شۇغۇلىنشقا مەجبۇر قىلدى.

ھەممە ئائىلىدىكى ئاياللار بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇلىنىدىغان ئۇستىلارغا ئايلاندى. ھەممە ئائىلىلەر، جۈملىدىن جەمىيەتمۇ بۇ ھۆنەرگە بەك ئېھتىياجلىق ئىدى .شۇڭا بۇ ھۈنەر پۈتۈن ئائىلىلەرنى قاپلىغان ئىدى. لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول ھۈنەر سەنئىتىدە قوللىنىۋاتقان خېلى كۆپ ئاتالغۇلىرى ئۇلۇغ ئالىم،مەشھۇر تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى››دىمۇ ئۇچىرايدۇ. ‹‹تۇركى تىلار دىۋانى›› نىڭ 1-توم 168- بىتىدىكى‹ئەن›،159 -بىتىدىكى‹ئارقاغ›، 247-بىتىدىكى‹ئۆرۈش›،508 -بىتىدىكى‹كۆزەك› قاتارلىق سۆزلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر .يۇقىرىدىكى پا كىتلاردىن كۆرىۋىلشقا بولىدىكى لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول ھۈنەر سەنىئىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

2.يىپ تەييارلاش مەشغۇلات تەرتىپلىرى

يۇڭ تۇقلمىلار-يۇڭ يىپ ئارقىلىق توقۇلىدۇ.يۇڭ يىپىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قوينىڭ دۈمبە يۇڭى ھساپلىنىدۇ.بەزىدە يۇڭ ئازلىق قىلسا پۇشۇڭ قۇشۇلىدۇ.

پۇشۇڭ –بىر قانچە يىل بېسلپ تۇرۇپ،غۇلى چىرىپ كۈكۈمگە ئايلىنىپ كەتكەن چىگىلەك‹لوپنۇركەندىر› نىڭ ئۆزلىگىدىن سويۇلۇپ يىغلىپ قالغان تالالىرى يەنى كونا چىگىدۇر.

تەييارلانغان ساپ يۇڭ ياكى پۇشۇڭ قۇشۇلغان يۇڭ يۇلغۇن نوتىلىر ىدىن تەييارلانغان ئىككى ساۋا ئارقىلق ساۋىلىدۇ. ساۋاش-يۇڭ تۇزۇندۇق، يۇڭ‹تۇدەك› دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ تۈدەكتىن ئىككى خىل ئۇسۇلدا يىپ تەييارلىنىدۇ بىرسى تۇدەكنى قول ۋە ئېغىزلارنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، يىمىرىپ ئىگىرىش ئارقىلىق خام يىپ تەييارلىىندۇ. بۇ ‹يەم› دەپ ئاتىلىدۇ. يەم چاقتا ياكى بىكباشىدا سوزۈلۈش ئارقىلق پىشىق يىپقا ئايلاندۇرلىدۇ.

يەنە بىرسى ساۋالغان يۇڭ چوڭراق ئۇشقا ئايلاندۇرلۇپ، سول بىلەككە چەمەكلىندۇ، چەمەكلەنگەن يۇڭ قول ئارقىلىق يەمدەك ئىگىرىلىدۇ. بۇ چەلەك ئارقىلىق تۇلۇنۇپ پىشىق يىپقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

يۇقىردىكى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن تەييار قىلىنغان يىپلار كالاۋا قىلىندۇ، كالاۋا قىلىنغان  يىپلار سۇدا پاكىز يۇيىلىدۇ.بۇنداق قىلش ئارقىلىق يىپنىڭ چىدامچانلىغى ئاشۇرلىدۇ.تۇقۇلمىلارنىڭ سۇغا چۈشكەندە قىسقىراپ كەتمەسىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن بۇ يىپلار تۈرىلىپ يۇ مىلاق قىلىنىدۇ. يىپ تەييارلاش مەشغۇلات تەرتپلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.تەييارلانغان يىپلارنىڭ توم- ئىنچىكىلگى 2 خىل بۇلىدۇ. كىيىم-كىچەككە ئىشلىتىدىغان يۇڭ تۇقۇلمىلارنىڭ يىپلىرى ئىنچىكىرەك بولىدۇ.قالدى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىدىغان يۇڭ تۇقۇلمىلارنىڭ يىپلىرى تومىراق  بولىدۇ.

3.تاغار قۇيۇش مەشغۇلات تەرتىپىلرى

لوپلۇقلار تەييار بولغان ئۆرۈش يىپىنى يۈگۈرۈپ ئارقاغ سالغىدەك ھالغا كەلتۈرۈش جەرياننى ‹تاغارقۇيۇش› دەپ ئاتايدۇ.بۇنى ‹تاغار قۇيۇش› دەپ ئاتاشىنڭ ئاساسى مۇنداق بۇلىشى مۈمكىن،لوپلۇقلارنىڭ تاغىرى تەخمىنەن 6مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى يۇڭ تۇقۇلمىدىن پۈتىدۈ. لوپلۇقلار تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىغىنى ئەنە شۇ تاغارنى ئۆلچەم بىرلىگى قىلىپ ھېسابلايدۇ.ھەرقانداق بىر بۇيۇمنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا ئىشلىتىدىغان يۇڭ تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئۇزۇن لىقىمۇ تاغار بۇيىچە ھېساپلىنىپ ئاندىن تۇقۇلىدۇ.يۇڭ تۇقۇلملارنى تۇقۇشتا ئەنە شۇ ‹تاغار بىرلىگى› ئاساس قىلنغانلىغى ئۈچۈن بەلكىم يۇقىرقىدەك ئاتالغان بولىشى مۈمكىن .

تاغار قۇيۇشتا تەييارلانغان يىپلاردىن قانچە تاغار پۈتىدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلىنىدۇ.مۆلچەرلەنگەن تاغارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى بويىچە 1.5مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى قۇزۇقلار چەمبەر ھاسىل قىلىپ يەرگە قېقىلىدۇ. قېقىلغان قۇزۇقلارنىڭ بىرسى ئۈرۈش يىپ يۈگۈرۈشنىڭ ھەم باشلىنش نوقتىسى ھەم تۈگەنچى نوقتىسى قىلنىدۇ. بۇنوقتا ‹ كەتەنجۈك› دەپ ئاتىلىدۇ. كەتەنجۈكتىن باشلاپ يۈگۈرۈلگەن يىپ قۇزۇقلارغا ئېلىنىپ كەتەنچۈككە كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىلىنىپ تەتۈر يۈگۈرلۈپ قۇزۇقلارغا ئىلىنىدۇ.بۇ تۇقۇلمىنىڭ ئېنىنڭ كەڭلىگى توشقىچە داۋاملىشىدۇ .ئورۇش يىپ مەلۇم مىقداردا يۈگۈرۈلگەندىن كىيىن ‹ كۆزەكلەش› باشلىنىدۇ. كۆزەكلەشتە ئىشلىتىدىغان سايمانلار كۆزەك يىپ،بىر مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 4 چاسىلا نغان،ئىككى ئۇچى تۇرۇملىنىپ تۆشۈك تېشلىگەن نۇرۇم ياغاچ ، بىر مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى ۋادىدىن ئىبارەت. كەتەنچۈكتىن تەخمىنەن 1- 2 مىتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ ، نۇرۇم ئۈرۈشنىڭ ئېنىگە توغرا قۇيۇلۇپ يەرگە ئورنىتلىدۇ. ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە ساۋا بىكىتىلىدۇ .كۆزەك يىپنىڭ ئۇچى نۇرۇمغا باغلىنىدۇ ، كۆزەك يىپ-ئۇرۇش يىپىنىڭ بىرتېلىنى قالدۇرۇپ ،يەنە بىر  تېلىغا ئالماپ ئۆتكۈزۈلۈپ مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ نۇرۇمغا يۆگىلىدۇ، ئاندىن  كىيىن ساۋىغا قىناپ باغلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق كۆزەك يىپىنىڭ ئورنى مۇقىملىشىدۇ، بۇ مەشغۇلات ئۇرۇش يىپ ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ. مانا بۇ كۆزەكلەش جەريانىدۇر.

كۆزەكلەنگەن ئورۇننىڭ ئالدى تەرىپىگە ( سەرىك ) باغلىنىدۇ، بۇنىڭدا بىر مىتىر ئۇزۇنلىقىتىكى ساۋا ئۇرۇش يىپىنىڭ ئىنىگە توغرا قويۇلىدۇ، كۆزەكلەنگەن كۆزەكلەنمىگەن 2 تال يىپىنى جۈپلەپ، شۇ بىرلىك بويىچە ساۋىغا قىناپ باغلىنىدۇ. باغلانغان سەرىك ھەرىكەتچان بولىدۇ، ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇلسا كۆزەكلەنگەن يىپلار بىلەن كۆزەكلەنمىگەن يىپلار ئېنىق ئايرىلىپ تال- تال ھالەتكە كېلىدۇ. چىگىلىپ قالمايدۇ.يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەشغۇلات تەرتىپلىرى ئورۇنلىنىش بىلەن تاغار قۇيۇش ئىشىمۇ تاماملىنىدۇ.

4. تاغار سوقۇش مەشغۇلات تەرتىپلىرى ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرى

لوپلۇقلار يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشنى (تاغار سوقۇش)دەپ ئاتىلىدۇ. تاغار سوقۇش بىلەن تاغار سوقۇشتا ئىشلتىلىدىغان جابدۇقلارنىڭ رولى بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق. تاغار سوقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلارنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تاغار سوقۇش ھۆنەر مەشغۇلاتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا بولىدۇ.

تاغار سوقۇشتا ئىشلىتىدىغان جابدۇقلار:- تۈرۈم، داختا، ئۇرغۇچ، قىلىچ قاتارلىقلار، تاغار سوقۇشنى باشلاش ئۈچۈن ئۇرۇش يىپلارنى تۇتاشتۇرىدىغان كەتەنچۈك ئارىلىقىغا 1 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، بىلەكچىلىك توملۇقتىكى ياغاچ كالتەك ئۆتكۈزۈلىدۇ. كالتەكنىڭ ئىككى ئۇچى يەرگە قېقىلغان قوزۇققا تارتىپ باغلىنىدۇ. بۇ تاغار سوقۇشنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ھېساپلىنىدۇ. ئۇدۇمنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى تۈرۈم تۆشۈكلەرگە 2 دانە ئاچا پۇت بېكىتىلىدۇ. ئۇ گويا ئۇزۇنچاق بەلدىڭ ھالىتىگە كېلىدۇ. ئۇ تىكلەپ قويۇلسا كۆزەكلەنگەن ئۇرۇش يىپ ئۈستىگە كۆتىرىلىپ چىقىدۇ. كۆزەكلەنمىگەن يىپ پەستە تۇرىدۇ. مانا شۇ ئىككىگە بۆلۈنگەن ئۇرۇش يىپىنىڭ ئارىسىغا ئارقاغ يىپ سېلىنىپ چىگىلىدۇ. بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئارقاغ يىپ سېلىپ توقۇش باسقۇچى بولوپ ھېساپلىنىدۇ.

داختا:- بۇ 1 مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى، بىر سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى، ئوتتۇرىسىنىڭ كەڭلىگى 20 سانتىمىتىر، ئىككى ئۇچىنىڭ كەڭلىگى 10-15 سانتىمىتىر  كېلىدىغان ئىككى ئۇچى تۈرۈملۈنۈپ تۆشۈك تېشىلگەن شال، بۇ تۈرۈم بىلەن سەرىكىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. كۆزەكلەنمىگەن ئۇرۇش يىپى ئۈستىگە چىقىرىلىپ كۆزەكلەنگەن ئۇرۇش يىپ ئاستىدا قالدۇرۇلۇپ، بۇ ئىككى يىپنىڭ ئارىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىككى ئۇچىدىكى تۆشۈكلەرگە تارتقۇ بېكىتىلىدۇ. 1- قېتىملىق ئارقاغ سېلىنىپ بولۇنغاندىن كىيىن داختا تارتقۇ بىلەن كەينىگە يەنى تۇرۇم تەرەپكە تارتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئارقاق سېلىنغان جايدا كۆزەكلەنمىگەن يىپ ئۈستىگە كۆتىرىلىپ چىقىدۇ، كۆزەكلەنگەن يىپ ئاستىدا قالىدۇ، بۇ ئىككسىنىڭ ئارىسىغا 2- قېتىملىق ئارقاغ سېلىنىدۇ. 1-، 2- قېتىملىق ئارقاغ سېلىشنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشى بىلەن بىر پۈتۈن توقۇلما پۈتۈپ چىقىدۇ.

ئۇرغۇچ:- بۇ يېرىم مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى ساۋىغا ئۇزۇنلىقىنى بويلاپ يىپ تۈرۈش بىلەن ھازىرلىنىدۇ، ئۇ موكىنىڭ رولىنى ئويناپ، ئارقاغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قىلىچ:- ئۇ قاتتىق ياغاچتىن ياسىلىدۇ. شەكلى قىلىچقىلا ئوخشايدۇ، شۇڭا بەلكىم ئۇنىڭغا قىلىچ دەپ ئات قويۇلغان بولوشى مۇمكىن، ئۇ ئارقىلىق توقۇلغان ئارقاغ يىپ چىگىلىدۇ، يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشتا ئىشلىتىدىغان جابدۇقلار يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئاددىي، ئىپتىدائى ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر مۇنچە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. يەنى بۇ جابدۇقلارنى ياساش ئوڭاي، كۆپ ئەمگەك كۈچى، مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ، ئاز چىقىم بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ. ئۆزى يىنىك بۈلۈپ كۆچمەنچىلىك تۇرمۇشقا باب كېلىدۇ. شۇ زامانغا نىسبەتەن ئىش ئۈنۈمىنى بەك تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ. بۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا خىزمەت قىلىپ، زامانىۋى توقۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

5.يۇڭ توقۇلمىلارغا گۈل چىقىرىش ھۆنەر سەنئىتى

يۇڭ توقۇلمىلار- سىدام ۋە گۈللۈك ئاساستا ئىككى خىل توقۇلىدۇ.

سىدام توقۇلمىلارنىڭ يىپلىرى بىر خىل رەڭدە ئىنچىكە تەييارلىنىدۇ، توقۇلمىمۇ بىر خىل رەڭدە سىپتا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ تۇقۇلمىلار ئاساسەن كىيىم- كېچەككە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ (يۇڭ چەكمەن) دەپ ئاتىلىدۇ. يۇڭ چەكمەنلەر ھازىر زاۋۇت رەختىلىرىدەك نېپىز، كۆركەم بولمىسىمۇ ئۆزىگە يارىشا ئەۋزەللىگى بار، ئۇ پىششىق، چىداملىق بولۇپ، لوپنىڭ جاڭگاللىرىدا كىيىپ يۈرۈشكە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ قىشلىقى ئىسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى يوقىرى بولىدۇ. يازلىقى تېمپىراتۇرىنى بىر خىل ساقلايدۇ. ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولۇپ بەدەنگە يېقىشلىق ، سالامەتلىككە پايدىلىق .

گۈللۈك يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ يىپلىرى سىدام يوڭ توقۇلمىلارنىڭ يىپىدىن تومىراق بولىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلمىلارغا گۈل چىقىرىش ھۈنەر سەنئىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىغا ئىگە. ئارخىلوگىيىلىك قېزىش جەريانىدا كىرورەندىن بىر پارچە يۇڭ توقۇلما تېپىلغان. بۇنىڭغا ئاتنىڭ رەسىمى توقۇپ چىقىرىلغان. بۇنداق ھۈنەر سەنئەت زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قوللىنىلمىغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق بولوشتا – ھۆنەرنىڭ تەسلىگى، ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ قىيىنلىقى، كۆپ ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغانلىقى، تەننەرخىنىڭ يوقىرىلىقىغا ئوخشاش ئامىللار سەۋەپ بولغان بولوشى مۇمكىن. كىيىن بۇ ھۈنەر -سەنئەتنىڭ ئورنىنى رەڭدار، كۆركەم، ئاسان ئىشلىگىلى بولىدىغان، ئاز ئەمگەك كۈچى كېتىدىغان، تەننەرخى ئەرزان بولغان ئىككى خىل گۈل چىقىرىش ئۇسۇلى ئىگەللىگەن.

بىرى ئۇرۇش يىپ ئارقىلىق گۈل چىقىرىلىدىغان يۇڭ توقۇلىمىلاردۇر .بۇ تۇقۇلمىلاردا ئۇرۇش يىپ ئاساسى رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن ھەر خىل رەڭدە بويالغان رەڭلىك يىپلار تەييارلىنىدۇ. تاغار قۇيغاندا (ئۇرۇش يىپلار يۈگۈرۈلگەندە) ھەر بىر رەڭدە بويالغان يىپتىن 4 تال ياكى 6 تال (ئۇنىڭدىن ئوشۇق جۈپ يىپ بولسىمۇ بولىدۇ ) بىرلىك قىلىنىپ قاتار يۈرگۈرۈلىدۇ. تاغار سوققاندا (توقىغاندا) ئاشۇ رەڭلىك ئۇرۇش يىپلارنىڭ رەڭگى ئاساسىدا يوللۇق توقۇلمىلار پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ خىل توقۇلما ھەر خىل رەڭلىك گىئومىتىرىك پاراللىل تۈز سىزىقلار يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپقاچقا ،ناھايىتى رەڭدار، كۆركەم، چىرايلىق بولىدۇ.

يەنە بىرى ئارقاغ يىپ ئارقىلىق گۈل چىقىرىلىدىغان يۇڭ توقۇلمىلاردۇر. بۇ توقۇلمىلاردا ھەر خىل رەڭدىكى يىپ تەييارلاش ھاجەتسىز، پەقەت ئىككى خىل رەڭدىكى يىپ تەييارلانسىلا بولىدۇ. ئۇرۇشقا كۆپۈنچە قارا يىپ ئارقاغقا ئاق يىپ ئىشلىتىلىدۇ. توقۇلما پۈتكەندە ئارقاغ يىپ توقۇلمىنىڭ ئىنىدە قاتار تىزىلغان ئاق چىشتەك كۆرىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى لوپلۇقلار (كۈچۈك چىشى) ياكى ( قۇلۇق چىشى) گۈللىك دەپ ئاتايدۇ.

يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2 خىل توقۇلمىلار ئوخشاشلا پالاز، تاغار، خۇرجۇن،ئات يوپىغى، ئات توۋرىسى قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىغا ئىشلتىلىدۇ.

6. يۇڭ توقۇلما قول ھۈنەر سەنئىتنىڭ ئەمگەك كۈچلىرى

لوپلۇقلاردا يۇڭ توقۇلما قول ھۈنىرى بىلەن مەخسۇس شوغۇللىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان كەسپى ھۆنەرۋەن يوق. ئۇنى قىلىدىغانلار ھەر بىر ئائىلىدىكى ئاياللاردىن ئىبارەت. تۈدەكنى ئىگىرىپ يەم قىلىشقىچە، يەم ۋە چەمەكنى سوزۇپ يىپ تەييارلاشقىچە، تاغار توقۇشتىن- تاغار سوقۇشقىچە بولغان ئىشلار ئىش ئىگىسى، شۇنداقلا يا ئۇ، يا بۇ سەۋەپلەر بىلەن نەق مەيدانغا كەلگەن بىر قانچىلىغان ئاياللارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىشىپ بەرگەن ئورتاق ئەمگىگى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. بىرسىنى «ماۋۇ ئىشىمنى قىلىپ بەر » دەپ چاقىرىش مەۋجۇت بولمايدۇ. ئىش قىلىشىپ بەرگەنلەرگە ھەق تۆلەنمەيدۇ، ئىش كۈنى قايتۇرۇلمايدۇ، خالىسانە بولىدۇ.

 لوپلۇقلارنىڭ ئائىللىرىدە يۇڭ توقۇلما قول ھۈنىرى بىلەن شوغۇللىنىش ئادەتكە ئايلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىشنى قىلشقا ھېچكىم ھېچكىمنى مەجبۇرلىمايدۇ، ئۆزلىگىدىن قىلىدۇ. قىلمىسا زىرىكىپ قالىدۇ، بۇ ئىشنى قىلىش بىلەن زىرىكىشنى باسىدۇ. كۆڭلى شادلىنىدۇ، غەيۋەت- شىكايەتتىن يىراق بولىدۇ. خۇلۇم- قوشنىلار، تونۇش- بىلىشلەر بىلەن ئىش ئۈستىدە پات- پات كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. يىراقلىشىپ، ياتلىشىپ كەتمەيدۇ. ھەر بىر ئائىلىدە ئەرلەر بۇ ھۈنەرگە كامىل ئاياللىرنىڭ بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ھۆنەرگە كامىل قىزلارنى ئاتا- ئانىلار ئۆزىگە كېلىن قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يىگىتلەر ئۆزىگە قۇلۇشلۇق قىلىشقا ئالدىرايدۇ. قىسقىسى: بۇ ھۆنەرگە كامىللار ئائىلىنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن جەمىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.

7. يۇڭ توقۇلما قول ھۆنەر سەنئىتىنىڭ يېڭى جۇڭگۇ قورۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە بۇندىن كىيىنكى ئىستىقبالى توغرىسىدا مۆلچەر.

 يېڭى جۇڭگۇ قورۇلغاندىن كىيىنكى (ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) باسقۇچىدا لوپلۇقلار پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۆمىتىنىڭ چاقىرقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ يۇڭ توقۇلما، قول ھۈنەر- سەنئىتىمۇ خېلى راۋاجلاندى.توقۇلغان مەھسۇلاتلارمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. مانا بۇ مەزگىلنى لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ- توقۇلما، قول- ھۆنەر سەنئىتى راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋىر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

    1958- يىلى دۆلىتىمىز دائىرىسىدە خەلق كوممۇناسى ئومۇميۈزلۈك قورۇلدى. يەر، چارۋا قاتارلىق مۈلۈكلەر كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتتى. پىلانلىق ئىگىلىك يولغا قويۇلغاچقا ، قويىنىڭ يۇڭلىرىمۇ سودا ئورۇنلىرىغا سېتىپ بېرىلدى. ئائىلىلەردە توقۇلىدىغان يۇڭ- تۇقۇلمىلارنىڭ خام ئەشىياسى ئۈزۈلۈپ قالدى. كوللىكتىپ ئەمگەك قىلىش يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بوش ۋاقتى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل سولچىل سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلگەچكە، يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشنى بۈگۈنى (4 كۈنلۈك) دەپ چەكلىسە، ئەتىسى كاپتالىزىم بىلەن شوغۇنلغانلىق دەپ قالپاق كەيدۈردى. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەر خىل ئىجتىمائىي سەۋەپلەر بىلەن يۇڭ- توقۇلما، قول- ھۆنەر سەنئىتى بىر مەزگىل توختاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى.

پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىپ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قويولغاندىن كىيىن چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما قول- ھۆنەر سەنئىتى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. قايسى ئائىلە يۇڭ- توقۇلما بويۇملارغا ئېھتىياجلىق  بولسا شۇ ئائىلىدە توقۇلدى، لىكىن بۇرۇنقىدەك كەڭ كۆلەمدە بولمىدى. ھەممە ئائىللەرنى قاپلاشتەك ۋەزىيەت يارتىلمىدى. بۇنداق بولوشنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئوبىكتىپ ئامىللاردىن ئىزدەشكە بولىدۇ:

 يېڭى جۇڭگۇ قورۇلغاندىن كىيىن لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى يايلاق ئوت- سۇ قوغلىشىپ تارقاق ياشايدىغان ئادىتى ئۆزگىرىپ، بىر كەنتنى ياكى بىر يېزىنى بىرلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى. مەدەنىي- مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرى تىز راۋاجلاندى. ئەنئەنىۋى قول- ھۆنەرۋەنچىلىكنىڭ ئورنىنى زامانىۋى سانائەت ئىگەللەشكە باشلىدى. ئىستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتىرىلىپ يۇڭ چەكمەن كىيىم كەيمەيدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا سانائەت ماللىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بولدى. يۇڭ- توقۇلمىلارغا بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۆنەر بىلەن ئىزچىل شۇغۇنلىنىپ كەلگەنلەر ياشتا چوڭىيىپ، ئۆلگەنلىرى ئۈلۈپ، تىرىك قالغانلىرى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن ئايرىلدى. بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز قالدى. بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ شۇنداق ئېيتالايمىزكى: لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما قول ھۈنەر-سەنئىتى بۇندىن كىيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە يوقۇلۇپ كەتمىسىمۇ، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشى پۇرسىتىگەئېرىشەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.

يىراق كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى تەغدىرى  قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ھازىرغىچە بىر نىمە دېمەك قىيىن. بۇ ئىش كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىرادىسىگە باغلىقتۇر. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما قول ھۈنەر-سەنئىتىنى ئەتىراپلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ھۆنەر باسقۇچلىرىنى ۋە ئۇنىڭ مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاپ، تەپسىلى خاتىرىگە ئېلىپ، نوپۇزلۇق بىر ماتىرىيال تەييارلاش مىللىتىمىزنىڭ يۇڭ- توقۇلما قول ھۆنەر سەنئىتى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە رىئال ھەم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە دىيىشكە بولىدۇ.

 

ماقالىنىڭ توردىكى مەنبەسى:لوپنۇر لېنىيىسى تورى

 سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: ئۈستىدىكى رەڭلىك سۈرەتنىڭ مەنبەسى لوپنۇر ناھىيە ھۆكۈمەت تورى، ئاستىدىكى رەڭسىز سۈرەتلەر بېرگماننىڭ“شىنجاڭ ئارخلوگىيىسى“ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=854

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: