لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

ئابدۇۋەلى كېرەم غولبۇيى

(غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى،گەنسۇ،لەنجۇ،730030)

قىسقىچەمەزمۇنى:لوپنور دىيارى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تارىخى ئوزۇن،مەدەنىيەت بايلىقلىرى كۆپ،يىپەك يولىدىكى مۇھىم رايون.ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىياتىمۇ يەرلىك شىۋە ئالاھىدىلىكى،قەدىمىيلىكى،ئەنئەنىيلىكى ۋە يەرلىك تۈسىنىڭ قۇيۇقلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ.بۇ ماقالىدە بىز لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ مەنىدارلىق،قەدىمىيلىك،ئاھاڭدارلىق ۋە تراگىدىيلىك قاتارلىق ئىستىتىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئەدەبىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئاچقۇلۇق سۆزلەر:لوپنور رايونى؛خەلق داستانلىرى؛ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى؛

لوپنور شىنجاڭ رايوننىڭ تەكلىماكان قوملۇقىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ،قۇرۇپ كەتكەن لوپنور كۆلىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.ئۇ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرق بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.ئەمگەكچان،ئاقكۈڭۈل ۋە تىرىشچان لوپنور خەلقى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەپسانە،رىۋايەت،قوشاق،چۆچەك،لەتىپە ۋە داستانلارنى ئىجاد قىلىپ ۋە تارقىتىپ،ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.بىز بۇ ماقالىدە لوپنور خەلق ئېغىز داستانلىرىنىڭ ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئەدەبىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

1.قەدىمىيلىك

لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى موتىف،دىننىي موراسىم ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرىلىدۇ. بىرىنچى موتىف جەھەتتىن ئالغاندا لوپنور خەلق داستانلىرىدا بالا تىلەش موتىفى،ئەھدىلىشىش موتىفى،سىناق موتىفى ۋە خەۋەر موتىفى قاتارلىق قەدىمىي موتىفلار بار.«تاھىر-زۆھرە»،«بوز يىگىت بىلەن ئاق جوۋان»ۋە«ئاللاريار قىسىسى»داستانلىرىدا

مال-دونياسى ھەددى ھىساپسىز،ھوقۇقى چەكسىز شاھ ياكى بەگ ئۆز ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولمىغانلىقىدىن چەكسىز ئازاپلىنىدۇ ۋە تەڭرىدىن ياكى ئاللاھدىن پەرزەنت تىلەيدۇ.مەسىلەن«تاھىر-زۆھرە»داستانىدا:«…ياش ئەللىكتىن ھالقىپ،چاچلىرىغا ئاق چالغان چاغقا يەتكەندىلا تېخى بىرمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يۈرىكى دەردكە تولۇپتۇ.شانۇ-شەۋكەتلىك تاجۇ-تەخت،ھەددى-ھېساپسىز مال-دۇنيالىرى كۆزلىرىگەكۆرۈنمەپتۇ.غەم-غۇسسىدە گېلىدىن غىزا ئۆتمەي،كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي،چىرايلىرى سارغىيىشقا باشلاپتۇ.ئۇلار بارچە ئامالىنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ھاجىتى ھەل بولمىغاندىن كېيىن تەڭرىگە ئىلتىجا قىپتۇ…»[①]دەپ تەسۋىرلەپ،ئاقخان شاھ بىلەن قاراخان شاھنىڭ پەرزەنت ئىشقىدا قىينالغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.«ئاللايار قىسىسى»دە غازىباينىڭ بالا يۈزى كۆرەلمەي ئازابلانغانلىقى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:«…بۇ يۇرتتا غازىباي ئىسىملىك بىر بەگ ئۆتكەنىكەن.ئۇئىنتايىن كۈچلۈك ۋە مەرد بولغاچقا جىمى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن.بىراق ئۆمرىنىڭ بىر قىسمى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىرمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي كېچە-كۈندۈز ھەسرەت ئىچىدە ئۆرتىنىپ،ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ تەڭرىگە ئىلتىجاقىلىدىكەن.ئات-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىگاھىغا بېرىپ،قوي،كالا ئۆلتۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلىپ،پەرزەنت تىلەپ ياش تۈكىدىكەن…»بۇ ئابزاس باياندىن بىز مەرتىۋىلىك بەگنىڭ پەرزەنتسىزلىك ئوتىدا كۈيگەنلىك كۆرۈنىشىنى ھېس قىلىپلا قالماي،ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرزەنت تىلەش ئۈچۈن قوي-كالا ئۆلتۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلىشتەك قەدىمىي ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادىتىنى كۆرەلەيمىز.«تاھىر-زۆھرە»داستانىدىمۇ قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرايدۇ. شاھلارنىڭ ئاھۇ-زارى ۋە دۇئا-تىلاۋىتى ئىجاۋەت بولۇپ،خانىشلار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن «شاھلار چەكسىز خوشال بولۇپ تەڭرىگە شۈكۈر ئەيلەپ،نۇرغۇنلىغان مال-ۋاران ئۆلتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مازارگاھىغانەزىر-چىراغ يىقىپتۇ.»[②]بالاتىلەش ئادىتى،تەڭرىگە نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش موراسىمى ئوزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ بولۇپ،ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدا ،بولۇپمۇلوپنور خەلق داستانلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.ئەھدىلىشىش مۇتىفى ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدا«غېرىپ-سەنەم»،«تاھىر-زۆھرە»داستانلىرىدا شاھ بىلەن ۋەزىر،شاھ بىلەن شاھ ھامىلدار ئايالىنىڭ ئوڭۇشلۇق يەڭگىشى ئۈچۈن بوغاز كىيىكنى ئاتمىغانلىقى،شۇ سەۋەپ ئۆز ئارا ئەھد تۈزۈپ توغۇلمىغان پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كېلىشىم بىتكەنلىك بايانى بىر خىل ئەنئەنۋىي سىيۇژىت بولۇپ،بىز ئۇنى ئەھدىلىشىش مۇتىفى دەپ ئاتايمىز.لوپنور داستالىرىنىڭ قەدىمىيلىكى بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىق ۋەچارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىىرىش ئىگىلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن«ئاللايارقىسىسى»«گۈلچىلە بىلەن ئاق ئوغلاق»«بوز كۆرپەش بىلەن قاراساچ ئايىم»قاتارلىق داستالىرىدا ئوۋچىلىق،بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساسلىق تىرىكچىلىك ئۇسۇلى بۇيىچە تەسۋىرلىنىپ،يىگىتلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش سىنىقىمۇ بەيگە،ئوقيا ئېتىش ۋە چېلىشىش قاتارلىق يايلاق ئىگىلىكىنىڭ شەكىللىرىنى ئاساس قىلغان.«ئاققۇلان بەردىخان»(«ئاقئۆلەن بەردىخان»دەپمۇ ئېلىنىدۇ)دېگەن داستاندا جاڭگالغا تاشلانغان ئاققۇلان بەردىخان ۋە مەختۇمسۇلا كىيىك(بەزى ۋارىياتلىرىدا ئېيىق)ئىمىتىپ چوڭ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل  ئىناق مۇناسىۋەت ئىنسانلارنىڭ ھايۋان ئىتىقاتچىلىقىغابېرىپ تاقىلىدۇ.قىسقىسى،لوپنور داستانلىرىدىكى قەدىمىيلىك مۇتىف،ئىتىقاد ۋەئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. «بوز كۆرپەش بىلەن قاراساچ ئايىم»داستانىدا لاچىننىڭ خەت تۇشۇپ بوزكۆرپەش بىلەن قاراساچ ئايىمغا خەۋەرچى بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن،بۇ خىل

قوش خەۋەرچىلىك سيۇژىتى «يۈسۈپ -ئەھمەد»ۋە«ئالپامىش»داستانىدىمۇ ئۇچرايدۇ،بۇ قەھرىمانلىق داستانلىرىدا تورنا خەت تۇشۇپ خەۋەرچىلىك قىلىدۇ.دېمەك بۇ بىر قەدىمىي

مۇتىف شەكلىدۇر.

2.مەنىدارلىق

لوپنور داستانلىرىدا بايان قىلىنغان كەسكىن زىددىيەتلەرگە تولغان ۋەقەلەر،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ پاك مۇھەببەت يولىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق سەزگۈزەشتىلىرى،قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتلىرى،ئۇلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى ياقلاش يولىدا رەزىل كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئارقىلىق  قەھرىمانلىق،مەردلىك،پاك مۇھەببەت ۋە دوستلۇق شۇنىڭدەك يورت سۈيەرلىك،تىنچلىقپەرلىك مەزمۇنلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.مەسىلەن«ئاققۇلان بەردىخان»داستانىدا ئاققۇلان بەردىخاننىڭ سىڭلىسى مەختوسۇلانى قوغداش ئۈچۈن يولىدايەتتە باشلىق يالماۋوزنى ئۆلتۈرگەنلىكى،قالماق تاجاۋوزچىلار بىلەن ئېلىشقانلىقى ۋەئاقىۋەتتە سىڭلىسىدىن ئايرىلىپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق سىيۇژىتلارئارقىلىق ئاكا-سىڭىل قىرىنداشلىق مېھرى ۋە قەھرىمانلىق روھىي بايان قىلىنغان،بولۇپمۇ مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى بالىسىنىڭ مېھرىدىن كىچىپ،ئاكىسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ كۆزىنى ساقايتىپ جەم بولغانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقەلىك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى لەرزىگە سالىدۇ.«بوزكۆرپەش –قارا ساچ ئايىم»دە ئىككىسىنىڭ پاك ۋە چىن مۇھەببىتىنىڭ يولىدا باياغىلدەك رەزىل كۆچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى،بىراق بوز كۆرپەشنىڭ كەڭ قورساقلىقى كىشىلىك ھاياتتىكى ئالىيجاناپلىق،ئاقكۈڭۈللۈك ۋە مەردلىك قاتارلىق ئىسىل پەزىلەتلەر مەدىھلەنگەن.

3.ئاھاڭدارلىق

لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ قاپىيەسى توق،رېتىمدار،مىسرالىرى ۋە كۈيلىنىشى لوپنورناخشا- قوشاقلارنىڭ ئاھاڭىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ،مۇزىكىدارلىقى كۈچلۈك.

بۇ تېرەك ئېگىز تېرەك                                    ساندۇق پۈتكەندە ئاڭا،

تۈۋىدىن كەسمەك كېرەك                                تاھىر سالماق كېرەك.

كېسىلگەن بۇ تېرەكتىن،                                  تاھىر سولانغان ساندۇق،

ساندۇق ئەتتۈرمەك كېرەك.                                     دەريادىن ئاقماق كېرەك.

«تاھىر-زۆھرە»دىن ئېلىنغان بۇمىسرالاردا«تېرەك،كېرەك،كەسمەك،ئەتتۈرمەك،سالماق،ئاقماق

»دېگەن قاپىيىلىك سۆزلەر بۇ بېيىتلارنى ئېيتىش ۋەدىكلاماتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ،كۈچلۈك مۇزىكىدارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگەقىلغان.بۇ مىسرالاردا يەتتە بوغۇملۇق خەلق قوشاقلىرىنىڭ شەكلىنى قوللۇنۇپ،ئېغىزدائېيتىشقا ۋە يادلاشقا قولاي فورمىغا كەلگەن.تىلى ئاددىي،چۈشىنىشلىك ۋە ئاممىباب بولۇپ،ئوقىغان ئادەمگە يەڭگىل ۋە رېتىمدار تويغۇ بېرىدۇ. خەلق داستانلىرى ئەسلى داستانچىلار ساز بىلەن ئورۇنلايدىغان مۇزىكا تىلى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ھېكايەبولغانلىقتىن،ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىق ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن روشەن.يەنەمەسىلەن:

كۆتۈرۈلگەنجۇت بوران،      كۆلپەت چۈشتى باشىمغا،         ئاق جوۋانىم سەن قېنى؟

گۈلشاخىنى قايرىدى.             ئاغۇ چۈشتى ئاشىمغا.           ئۆمۈرلۈك بوپ ئۆتەلمىدىم.

بۇجادۇگەر يالماۋۇز،            «تاي يېتىم» ياتارشاختا،             رازى بولغىن ئامرىقىم،

مېنىياردىن ئايرىدى.              قاياشىم كەلمەسقاشىمغا.        مەڭگۈلۈك كۈتمەلمەدىم.

«بوز يىگىت بىلەن ئاق جوۋان»دېگەن داستاندا  ئېيتىلغان بۇ كۇپلىتلاردا«قايرىدى،ئاي-

يرىدى،باشىمغا،ئاشىمغا،قاشىمغا،ئۆتەلمىدىم،كۈتۈلمىدىم»دېگەن سۆزلەر

«ب ئا ب ئا»«ئا ب ب ب»شەكلىدە كىلىپ قاپىيىلىنىپ،بۇشېئىرلارنى ئالاھىدە رېتىمدارلىىققا ۋە ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلغان.

4.يەرلىكلىك

بۇ ئالاھىدىلىك لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ مۇھىم بىرتەرىپى،ئۇ يەرلىك شىۋە سۆزلىرى،يەر ناملىرى ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىت قاتارلىق جەھەتتەئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ.كۇنكىرىت قىل-

ساق: بىرىنچى،يەرلىك شىۋە.لوپنور داستانلىرىدايەرلىك شىۋە سۆزلىرى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن«تاھىر-زوھرە»داستانىدا«ئىجە،ئىنە،قىزغىنە،ئۇدىگەن»دېگەن يەرلىك شىۋە سۆزلىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.«…ھەي يېتىم ئوغلاق،جانىڭ يۇتقاكىر(كىشى قارغايدىغان سۆز)،باشىڭدا چاقماق چاقىل…-ھەي،قوتقىنە(موماي مەنىسىدە)بۇنچىلىك كايىپ كەتمە…»[③]بۇمىساللاردا تىلغان ئېلىنغان شىۋە سۆزلىرى لوپنورنىڭ بەزى يەرلىك تىل ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.لوپنورخەلق قوشاقلىرىدا كۆرسىتىلگەن«سەھەردە ئويغۇنادۇرمەن\يىلاندەك تولغۇنادۇرمەن»دېگەن گىرامماتكىلىق ئۆزگىچىلىكلىرى زاماننىڭ تەرەققىياتى قىلىشىغا ئەگىشىپ لوپنور خەلقنىڭ باشقا يورتلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بارا-بارا يۇقىلىشقا يۈزلەندى،بىراق شىۋە سۆز-ئاتالغۇلار يەنەمەلۇم ساندا ساقىلنىپ ھازىرغىچە ئىستىمال قىلىنماقتا.لوپنور خەلق داستانلىرى ئەنئەنىۋىي ئاغزاكىي مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىلدىكى يەرلىك شىۋەسۆزلىرىنى ساقلاپ قالغان.«ئاقمۇ چادىر يايدۇراي،\كۆكمۇ چادىريايدۇراي»«چادىر،چىدىر دېگەن مەنىدە»كەلگەن.«جاغىرىم بولماسۇن ئاغىر،\ئۇچام بولماسۇن ياغىر.\ئىنىدىن چۈش مالى بىلەن،\قوشاق باغىرغا باغىر»بۇ مىسرالاردىكى ئاغىر،ياغىر،باغىر»سۆزلىرى لوپنور يەرلىك تەلەپپۇز بىلەن ئېلىنغان شىۋە سۆزلەربولۇپ،«ئېغىر،يېغىر ۋە يۈرەك»دېگەن مەنىلەردە قوللۇنۇلغان.ئۇنىڭدىن باشقا لوپنورخەلق داستانلىرىدا يەر ناملىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.«تاھىر-زۆھرە»داستانىدا تىلغائېلىنغا«قارا تاغ،قوم دەريا،قاراكۆل،سولانما جاڭگاللىقى،ئاق دەۋە»دېگەن يەرناملىرى،«بوز كۆرپەش-قاراساچ ئايىم»داستانىدىكى«قارا ساچ ئاگنىيى.نۇرۇما،سولۇما،گويتېرەك»دېگەن يەر ناملىرى،«ئاللار قىسىسى»قارداي قاتارلىق يەر ناملىرى لوپنور يەرلىك تۈسكە ئىگە يەر ناملرى بولۇپ، بەزىلىرى بورۇن بولغان،ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان يەر ناملىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇمۇ لوپنورنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.لوپنورلۇق تەتقىقاتچى مامۇت قاسىم ئەپەندى كىتابىنىڭ كىرىش سۈز قىسمىدا ئېيتقاندەك«ئەسەردە ھېكايەت قىلىنغان بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.تەسۋىرلەنگەن مۇھىت بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.ئۇنىڭدىكى سيۇژىت،نەزمە-قوشاقلار لوپنور دىئالېكت ۋە يەرلىك ئۇسلۇب قويۇق ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ تارىخىي چىنلىقنى،ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.»[④]

5.تراگىدىيىلىك

تراگىدىيە گۈزەللىكى بولسا ئىستىتىكىنىڭ مۇھىم كاتوگورىيىسى،ئەسەرنىڭ ئىستىتىكا گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى.لوپنور داستانلىرىدا تراگىدىيىلىك ئەڭ كۆپ قوللىنىغان شەكىل بولۇپ،كىشىنىڭ قەلبىدە لەرزە پەيدا قىلىدىغان ئەسەرلەرمۇ تراگىدىيىلىك داستانلاردۇر.«تاھىر-زۆھرە»«بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان» ۋە«بوزكۆرپەش

-قاراساچ ئايىم»قاتارلىق ئۈچ داستان بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.تاھىر-زوھرە ئەسلى توغۇلماستىن بېشى باغلانغان،كىچىكىدىن بىللە ئويناپ بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق،بىراق تاھىرنىڭ شاھ ئاتىسى مەزگىلسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ يېتىم بولغاچقا،قاراشاھ

دەرىجە-تەبىقە قارىشى تۈپەيلىدىن ئەھدىنامىگە خىلابلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ نىكاھىسىغا قارشى تۇرىدۇ.مەلىكە زۆھرەنى تاجاۋوزچىلارنى چىگىندۈرگەن سەركەردە قارا باتورغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلماقچى بولۇپ،تاھىرغا تۆھمەت چاپلاپ ساندۇققا سولاپ دەرياغا تاشلايدۇ.بەختكە يارىشا تاھىر ئامان قىلىپ،رىمشاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ،بىراق ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ رىم مەلىكىسى بىلەن قەتئى بىللە بولمايدۇ ۋە زۆھرەنى ئىزدەپ بېرىپ يوشۇرۇن كۆرۈشىدۇ.زالىم قاراشاھ ئۇنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ.زۆھرەمۇ ئۇنىڭ قەبرىسىگە كىرىپ جان ئۇزۇپ ئۇ ئالەمدەروھى قوشۇلىدۇ.بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە تەسىرلىك مۇھەببەت تراگىدىيىسى بولۇپ،ھازىرغىچە زىيادى،ل.مۇتەللىپ قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە يازما ئەدەبىياتتىن ئورۇن ئېلىپ،سەھنىلەردە ئوينالغان.«بوزكۆرپەش-قاراساچئايىم»داستانىمۇ بىر جۈپ مورادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،قاراساچ ئايىمنىڭ بەگ ئاتىسى سېلوباي بىلەن قارانىيەت ئاكىسى باياغىل زەھەرلەنگەن ئوق بىلەن سىڭلىسىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۋالغان «كەلگۈندى»بوزكۆرپەشنى يارىلاندۇرۇپ،ئاندىن ئاجىزلىشىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ئۇنى قىيما-چىيما قىلىپ گۆشىنى دەرەخلەرگە ئېسىپ ئۇنى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئايرىۋەتمەكچى بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.قارا ساچ ئايىم بوز كۆرپەشنىڭ بەدىنىنى رەتلەپ،ئۆز جايىغا كەلتۈرۈپ،ئاللاھدىن ئۇنىڭ بىجىرىم جىسمىنى تىلەپ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يىنىدا پىچاق بىلەن جان بەرگەنلىكىدەك جانلىق ۋە ئوبرازلىق كۆرۈنۈش سۈرەتلەنگەن.ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئارقىلىق فېئۇداللىق نىكاھ ۋە تەبىقە تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش روھى،مۇھەببەتكە ساداقەتمەنلىك روھى بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.«بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»بوز يىگىت ئاقكۈڭۈللىكىدىن ئايالى ئاق جۇۋاننىڭ گىپىگە كىرمەي يالماۋۇز دەللىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ،ئېچىنىشلىق زىياكەنشلىككە ئۇچرىغانلىقى،ئايالى ئاق جۇۋاننىڭ پەم-پاراسەت بىلەن دەللە ۋە بول باقارنى ئۆلتۈرۈپ ئىرىنىڭ قىساسىنى ئالغانلىق ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن.

   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، لوپنور خەلق داستانلىرى ۋەقەلىكى مول،تىلى گۈزەل،قورولمىسى جانلىق بولۇپلا قالماي نەپىسلىك،تراگىدىيىلىك،يەرلىكلىك،قەدىمىيلىق،مەنىدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىق قاتارلىق ئىسستىتىكىلىق ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە.لوپنور خەلق داستانلىرى لوپنور

خەلقىنىڭ گۈزەل ھېس-تويغۇ،ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى،غايە،ئىدىيىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،ئۇلار

نىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش ۋە تىرىشىش روھى مەدىھىيىلەنگەن.ئۇنىڭ يەنە يۈكسەكلىك،ساتىرىكلىك ۋە پەلىسەپىلىك قاتارلىق ئىسستىتىكىلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بولۇپ،ماقالىمىزنىڭ سەھىپىسى چەكلىك،پايدىلىنىش ماتىرىيالى ۋە يېزىلىش ۋاقتى قىس بولۇش سەۋەبلىك بۇ تەرەپلەرنى تەپسىلىي يېزىش ئىمكانىيىىتى بولمىدى،كەسىپداشلارنىڭ تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(بۇ ماقالەدۆلەت ئىجتدىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تېمىسى«غەربىي شىمال تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ داستان تەتقىقاتى»ۋەمائارىپ مىنىستىرلىكى ئىجدىمائىي پەنلەر نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى«شەرق زەنجىرسىمان چاتما ھېكايىلىرى تەتىقاتى»نىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسى)

(国家社科基金2008年度一般项目《西北突厥语民族达斯坦论》(08BZW085)和教育部人文社会科学重点研究基地2010年度重点项目《东方连环串插式故事研究》(10JD750001)课题的阶段性成果)

ئىزاھلار

[①] مامۇتقاسىم:«بوز يىگىت ۋە ئاق جوۋان»،بېيجىڭ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشرى.2-بەت

[②] مامۇتقاسىم:«بوز يىگىت ۋە ئاق جوۋان»،بېيجىڭ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشرى.3-بەت

[③] مامۇتقاسىم:«بوز يىگىت ۋە ئاق جوۋان»،بېيجىڭ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشرى.15-بەت

[④] مامۇتقاسىم:«بوز يىگىت ۋە ئاق جوۋان»،بېيجىڭ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشرى.4-بەت

پايدىلانمىلار

1.نىجاد مۇخلىس،ئەخمەت ھېمىت رەتلىگەن:«تۈتىنامە»،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى1992-يىل نەشرى.

2.ئابدۇۋەلى كېرىم:«نىزار ىداستانىدىكى بالا تېلەش مۇتىفى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى»«مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى»2007-يىل1-سان

3.ئابدۇۋەلى كېرىم:«نىزارى داستان ئىجادىيىتى تەتقىقاتى»،مىللەتلەرنەشىرىياتى2005-يىل نەشىرى.

4.ئوسمان ئىسمايىل:«ئۇيغۇر سېھرىلىك چۆچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»،شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشىرىياتى2006-يىل نەشرى

5.ئوسمان ئىسمايىل:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ھەققىدە بايان» ،شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشىرىياتى2009-يىل نەشرى.

مامۇت قاسىم:«بوز يىگىت ۋە ئاق جوۋان»،بېيجىڭ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىل نەشرى6.

7.【俄】普洛普著、贾放译:《故事形态学》,北京:中华书局,2006年版。

8. 【俄】普洛普著、贾放译:《神奇故事历史根源》,北京:中华书局,2006年版。

9.陈岗龙;《蒙古族民间文学比较研究》,北京:北京大学出版社2001年版。


ئاپتور:ئابدۇۋەلى كېرەم غولبۇيى(1974-يىلى توغۇلغان)غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى ئۇيغۇرتىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مودىرى، پرافېسسورى،ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى

ئەسلى مەنبەسى:“سېھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3799

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-05-14
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: