لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە

لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە

ئوسمان ئىسمايىل تارىم

       قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۈر ماقالىدا لوپنوررايۇنىدا ئىجات قىلىنغان بەش پارچە خەلق داستانى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ،جۈملىدىن بۇ بەش پارچە داستاننىڭ ۋاريانتلىرى سېلىشتۇرىلىدۇ، بۇ داستانلارغا ئاساس بولغان جۇغراپىيىلىك موھىت ۋە ئۆرپ- ئادەت مەدىنىيىتى شەرھىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن شامان دىنى ئېتىقادى، قوللىنىلغان شېئىرىي شەكىللەر ۋە موتىفلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

1.   لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ دائىرىسى

مۇتەخەسىسلەر “ لوپنور خەلق داستانلىرى“  دىگەندە تۆۋەندىكى يەتتە داستاننى نەزەردەتۇتۇپ كەلدى. بۇلار: «تاھىر-زوھرا»، «قىزىل گۈلۈم» ،«مىنكۈن باتۇر ۋە  ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى» «ئاققۇلان بەردىخان»، «بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»،«بوزكۆرپەش-قاراساچ ئايىم»، «ئاللايار قىسىسى» نامىدىكى داستانلار. ئەمما مەن بۇنىڭ ئىچىدە «تاھىر-زوھرا» بىلەن «قىزىل گۈلۈم»نى لوپنور خەلق داستانلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى لايىق تاپمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

«تاھىر-زوھرا» داستانى مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقىلىپلا قالماي، ھىندىستان، ئىران، ئەرەپ دۆلەتلىرى،ئۆزبېكىستان، تۈركمەنستان، رۇسىيەدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ كەڭ تارقالغان①. گەرچە بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقالغان بىرنەچچە نۇسخىسىدا، ۋەقەلىك پەيدا بولغان قاراخان پادىشاھلىقى- قاراشەھەرتەۋەسىدىكى پادىشاھلىق، تاھىر تاشلانغان دەريا-قاراشەھەر دەرياسى، تاھىر بىلەن زوھرەنىڭ قەبرىسى باشئەگىم تېغىنىڭ ئۈستىدە② دەپ بايان قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە باشئەگىمدە«تاھىر-زوھرە»نامىدىكى قەبرە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەزكۈر داستان دىيارىمىزدا پەيدا بولغان دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن،داستان دىيارىمىزدىكى قايسى زامان، قايسى ۋەقەگە ئاساسلانغان، تاھىر تاشلانغان دەريا قايسى دەريا، بۇ دەريا ۋادىسىدىكى «رۇم شەھىرى» قايسى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇداستاننىڭ ۋەقەلىكى قانداق يول بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا تارقىلىپ كەتتى، دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، «تاھىر- زوھرە»داستانى قاراشەھەر ۋە باشئەگىمدە يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە ئاساسلانغان دىگەندىمۇ، ئۇ يەرلەرلوپنور رايونىنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ داستاننى ھازىرچە لوپنورلۇقلارغىلا خاس داستان دىيەلمەيمىز.

ئەمدى «قىزىل گۈلۈم»(ياكى «قىزىل گۈل») داستانىغا كەلسەك، بۇ ئەسەر دەسلەپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن1981-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىندى، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە 2005-يىلى 9-ئايدانەشىر قىلىنغان  «ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنىڭ قامۇسى» ناملىق كىتاپنىڭ 9-قىسمىغا كىرگۈزۈلدى. مەزكۇر ئەسەربۇلبۇلنىڭ قىزىلگۈلگە ئاتاپ ئېيتقان قوشاقلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا داستانغا خاس ھېچقانداق ۋەقەلىك يوق. شۇڭا مېنىڭچە ئۇنىڭغا داستان قاتارىدا ئەمەس،بەلكى خەلق قوشاقلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. لوپنور مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى مويدىن سايىتمۇ لوپنور دىيارىدا «قىزىل گۈلۈم» دەيدىغان داستاننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ③. ئەمما لوپنوردا«قىزىل گۈل» ناملىق بىر چۆچەكنىڭ كەڭ تارقىلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. مەزكۇر چۆچەك دەسلەپ مويدىن سايىت تەرىپىدىن رەتلىنىپ، «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى④، كېيىن مامۇت قاسىم تەرىپىدىن رەتلىنىپ، «بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان» ناملىق ئېپىك ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى⑤. بۇ چۆچەكتە بىر گۈزەل ۋە ئاق كۆڭۇل قىزنىڭ ھايۋان تەلئەتلىك بىر مەخلۇق بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، قىز ئاستا- ئاستا بۇ مەخلۇقنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى، ئاخىرىدا بۇ مەخلۇقنىڭ ئەسلى ھالىتىگە- كېلىىشكەن شاھزادىگە ئايلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ چۆچەك دەل خەلقئارادا ئىنتايىن كۆپ تارقالغان «ساھىپجامال ۋە ئاجايىپ مەخلۇق» ناملىق چۆچەكنىڭ ئۇيغۇرچە ۋاريانتى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ ئاتالمىش«قىزىل گۈلۈم» ياكى «قىزىل گۈل» داستانى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.

يوقۇرىقى سەۋەپتىن كۆرە، مەن «تاھىر- زوھرە» داستانى بىلەن «قىزىل گۈلۈم»ناملىق ئەسەرنى لوپنور خەلق داستانلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزمىدىم. مەن پەقەت «مىنكۈن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى»، «ئاققۇلان بەردىخان»، «بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»، «بوزكۆرپەش-قاراساچ ئايىم»، «ئاللايار قىسىسى» ناملىق بەش داستاننىلا لوپنور خەلق داستانلىرى دەپ تونۇدۇم. تۆۋەندە بۇ داستانلار ھەققىدىكى بىرقىسىم مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

  2.لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى

   1) «مىنكۈن باتۇر ۋە  ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى»

 

     «مىنكۈن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى» ناملىق بۇ داستاننى مويدىن سايىت رەتلەپ، ئەشۇ نام بىلەن كىتاپ قىلىپ تۈزىگەن⑥. بۇ چوڭ ھەجىمدىكى داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىنكۈن ئىسىملىك بىر باتۇر ۋەئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ داستان خۇددى«گۆر ئوغلى» داستانىغا ئوخشاش، بىر نەچچە چاتما داستاندىن تەركىپ تاپقان. ئۇنىڭدا ئەۋۋال مىنكۈن باتۇرنىڭ پائالىيەتلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، مىنكۈن باتۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قۇتبۇل،نىزغاي، قۇتبېكە ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىدىن كېنىزەم، بوزكۆرپەش، قوتۇش،قۇتقۇش،كۈنسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدۇ.

2 ) «ئاققۇلان بەردىخان»

بۇ داستاننىڭ ھازىرغىچە ئىككى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىرى «ئاقئولام بەردىخان» نامىدىكى نۇسخا، ئۇنى مويدىن سايىت رەتلىگەن⑦.يەنە بىرى «ئاققۇلان بەردىخان» نامىدىكى نۇسخا، بۇ نۇسخىنى مامۇت قاسىم رەتلىگەن⑧.مەزكۇرداستاندا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ:        بايتۇرخان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئاۋۋال تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. ئوغۇللارنىڭ چوڭى«ئاققۇلان بەردىخان» دەپ ئاتىلىدۇ. بايتۇرخان كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنت كۆرىدۇ.ئۇ «قىز بالا مېنىڭ نەسلىمنى بۇزىدۇ»دەپ قاراپ،ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولىدۇ.ئاققۇلان بەردىخان دادىسىغا «بۇ جازانى مەن ئىجرا قىلاي» دەپ،سىڭلىسىنى ئېلىپ جاڭگالغا بېرىپ،ئۇنى بىر كېيىككە بېقىش ئۈچۈن بېرىدۇ. كېيىك بالىنى ئۈچ يىل باققاندىن كېيىن،ئاققۇلان بەردىخان ئۇنى قايتۇرىۋېلىپ،ئۆزى باقىدۇ  ۋە ئورمانلىققا ئۆي سېلىپ سىڭلىسى بىلەن بىللە ھايات كەچۇرىدۇ. بۇ قىز «مەختۇمسۇلا»دەپ ئاتىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرى ئاققۇلان بەردىخان ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە، مەختۇمسۇلا ئوچاقتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، يەتتەباشلىق يالماۋۇزنىڭ يېنىغا ئوت سوراپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يالماۋۇزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرايدۇ. ئاققۇلان بەردىخان بۇنى بىلگەندىن كېيىن، يالماۋۇزنى بويسۇندۇرۇپ، سىڭلىسىنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. يەنە بىر كۈنى ئاققۇلان بەردىخان ئوۋغاچىقىپ كەتكەندە، مەختۇمسۇلا يىراق ئەلنىڭ شاھى بۆگۈستان(ئۆگەستان) تەرىپىدىن بۇلاپ قېچىلىدۇ. مەختۇمسۇلا بۆگۈستاننىڭ ئوردىسىدا بىر نەچچە يىل تۇتقۇن ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بۆگۈستاندىن ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ. بۇ چاغدا بايتۇرخان ۋاپات بولغاچقا،ئاققۇلان بەردىخان ئورمانلىقتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىپ،دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدۇ.مەختۇمسۇلا ئاخىرى بۆگۈستاننىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقىپ، ئاكىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكا-سىڭىل قايتا جەم بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۆگۈستان شاھ مەختۇمسۇلانىڭ ئىشقى پىراقىغا چىدىيالماي، ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ ۋە مەختۇمسۇلانىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ جان ئۈزىدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ داستان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى كەڭ تارقىلىپ كەلگەن «چىن تۆمۈر باتۇر»داستانىنىڭ لوپنور ۋاريانتىدۇر. «ئاققۇلان بەردىخان»داستانى بىلەن «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانى چوڭ جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، لېكىن بۇلار يەنە ۋەقە، پېرسۇناژ، شارائىت ۋە تىل جەھەتتىن روشەن پەرقلەرگە ئىگە.  ئەڭ موھىم پەرقى شۇكى،  «ئاققۇلان بەردىخان»داستانىدىكى يالماۋۇز بۆگۈستاننىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ جىن-شاياتۇنلار مەملىكىتىنىڭ پادىشاھىدۇر. مەختۇمسۇلاغا قىلىنغان ئىككى قېتىملىق زىيانكەشلىكنىڭ ھەرئىككىلىسى مانا شۇ يالماۋۇز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن قىلىنغان. داستاننىڭ ئاخىرىدا بۆگۈستان مەختۇمسۇلانىڭ ئىشقى پىراقىدا ۋاپات بولىدۇ. بۇ ۋەقەلىك «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىدا يوق. مېنىڭ پەرىزىمچە «ئاققۇلان بەردىخان»داستانى   «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىنىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسىدۇر.

3)«بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»    

  

                        

بۇ داستاننىڭ ئىككى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ،بىرى ئابلىمىت مۇھەممەت ئاقيولى نەشىرىگە تەييارلىغان نۇسخا⑨،يەنە بىرى مامۇت قاسىم نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخا⑩.

ئابلىمىت مۇھەممەت ئاقيولى نەشىرگەتەييارلىغان نۇسخىدا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: بوزيىگىت ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە باتۇر يىگىت چۈشىدە مەشرىق پادىشاھىنىڭ يالغۇز قىزى ئاق بېكەشنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاق بېكەشنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇنى تاپىدۇ. ئاق بېكەشمۇ بوزيىگىتنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق توي قىلىدۇ ۋە بالىلىق بولۇپ، بەختلىك ياشايدۇ. ئەسلىدە ئاق بېكەشنى ياخشى كۆرگەن بىرنەچچە شاھزادە ئاق بېكەش تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ شاھزادىلەر بىرلىشىپ،بوز يىگىتكە سۈيىقەست قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار بىر جادۇگەر موماينى سېتىۋېلىپ، ئۇنى بوزيىگىتنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىدۇ. بۇ موماي بوز يىگىتنى ئالداپ، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئارقىدىنلا شاھزادىلەر بوزيىگىتكە قاپقان قۇرۇپ، ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ ۋەئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئاق بېكەشمۇ دەرەختىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ.

     بۇ داستاننىڭ مامۇت قاسىم تەييارلىغان نۇسخىسى يوقۇرىقى نۇسخىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا بوز يىگىتنىڭ دۈشمىنى  شاھزادىلەر ئەمەس، بەلكى بىر ۋەھشى يالماۋۇز ۋەئۇنىڭ يول باقار ۋە چۆل باقار ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن ئىبارەت. يول باقار بىلەن چۈل باقار كىشىلەرنىڭ چارۋىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ. بوز يىگىت بۇ ئىككى مەخلۇقنى يېڭىپ،چارۋىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بوز يىگىت ئاق جۇۋانغا (يوقۇرىقى نۇسخىدا بۇ قىز «ئاق بېكەش» دىيىلگەن) ئۆيلۈنۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىۋاتقاندا، ئۈچ خەتەرلىك يولغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇ ئاق جۇۋاننىڭ ئاچىسى ئاقتار ئايىمنىڭ ياردىمىدە بۇ يوللاردىن سالامەت ئۆتۈپ  كېتىدۇ. كېيىن يالماۋۇز كېلىپ،ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ قاچىدۇ ۋە ئىككى ئوغلى- يول باقار بىلەن چۈل باقارنى باشلاپ كېلىپ،  ئۇخلاپ قالقان  بوزيىگىتنى باغلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. غەزەپلەنگەن ئاق جۇۋان ئوغلى بىلەن بىرلىشىپ، يالماۋۇزنىڭ  ئىككى ئوغلىنى ئالداپ ئېلىپ كېلىپ،ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە بوزيىگىتنىڭ جەسىدىنى قۇچاغلاپ جان ئۈزىدۇ.

4) «بوزكۆرپەش-قاراساچ ئايىم»

بۇداستاننىڭ ئۈچ نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بىرىنچى نۇسخىسىنى شىرىپ مۇسا⑪، ئىككىنچىسىنى يۈسۈپ ئىسھاق⑫، ئۈچىنچىسىنى مامۇت قاسىم⑬نەشىرگە تەييارلىغان.

مەزكۇر داستاننىڭ شىرىپ مۇسا تەييارلىغان نۇسخىسىنىڭ  ئاساسى ۋەقەلىكى مۇنداق: بوز كۆرپەش ئىسىملىك باتۇر ۋە ئەقىللىق بىر يىگىت بولۇپ،ئۇ ياقا يۇرتقا بېرىپ، سۇلۇباي ئىسىملىك باينىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدۇ. سۇلۇ باي زالىم كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى باياغىلمۇ دادىسىغائوخشاش قارا نىيەت ئىدى. ئەمما سۇلۇ باينىڭ قاراساچ ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ،ئۇگۈزەل ۋە ئاقكۆڭۈل ئىدى. بوز كۆرپەش سۇلۇباينىڭ ئۆيىدە ئىشلەش جەريانىدا قارا ساچئايىم بىلەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئاشىقى بىقارار بولۇپ، چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىدۇ. باياغىلنىڭ پاتما ئىسىملىك بۇزۇق خوتۇنى بار ئىدى. ئۇ بوز كۆرپەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما بوز كۆر پەش تەرىپىدىن دەككىسىنى يەپ، مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. شۇنىڭ  بىلەن بوز كۆرپەش بىلەن قاراساچ ئايىم ئۈستىدىن پىتنە-پاسات تېرىپ، سۇلۇ بايغا چاقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن 《بوز كۆر پەش ماڭا يامان نىيەتتە بولدى》 دەپ باياغىلغا داتلايدۇ. غەزەپلەنگەن سۇلۇباي بىلەن باياغىل بوز كۆر پەشنى ئوۋغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى زەھەرلەنگەن ئوقيا بىلەن ئېتىپ  ئۆلتۈرىدۇ ۋە تېنىنى پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قاراساچ ئايىم بوز كۆرپەشنىڭ تېنىنى تېرىپ كېلىپ دەپىن قىلىدۇ ۋە كۆكرىكىگە خەنجەر سېلىپ ئۆلىۋالىدۇ. بۇ پاجىئەنى كۆرگەن سۇلۇباينىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ جان ئۈزىدۇ. باياغىل بولسا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ.

  يۈسۈپ ئىسھاق نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخىنىڭ ۋەقەلىكى يوقۇرىقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. مامۇت قاسىم نەشىرگە  تەييارلىغان نۇسخىسىغا كەلسەك، بۇ نۇسخىنىڭ ۋەقەلىكىمۇ شىرىپ مۇسا نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخىغا ئاساسي جەھەتتىن ئوخشايدۇ.ئەمما قىسمەن ۋەقەلىكتە پەرق بار.

   5) «ئاللا يار قىسىسى»

       بۇ داستان مامۇت قاسىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان⑭. ئۇنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق: لوپ دىيارىدا غازىباي ئىسىملىك بىر بەگ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللايار ئىسىملىك  بىر بېقىۋالغان ئوغلى ۋە قۇندۇز ئىسىملىك قىزى بار ئىكەن . ئاللايار بىلەن قۇندۇز بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ،مۇھەببەتلىشىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىرىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ. قۇندۇز ئىنتايىن ساھىبجامال قىز ئىدى. ئۇنىڭ تەرىپى يۇرت-يۇرتلارغا تاراپ كېتىدۇ. يەكەن پادىشاھى قۇندۇزنىڭ گۈزەللىكىدىن خەۋەر تېپىپ، غازىبايغا خەت ئەۋەتىپ، قىزىنى يەكەنگە ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. غازىباي قېيىنى ئاكىسى بەدەك قۇلنى باش قىلىپ، ئاللايار قاتارلىق  يىگىتلەرنىڭ ھەمرالىقىدا قۇندۇزنى يەكەنگە يولغا سالىدۇ. بەدەك قۇل باشچىلىقىدىكى بۇ بىر توپ كىشى كېمە بىلەن كۆلدىن ئۆتۈۋاتقاندا بوران چىقىپ ،كېمىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. بەدەك قۇل،ئاللايار ۋە قۇندۇز مىڭ جاپادا  قىرغاققاچىقىۋالىدۇ، ئەمما باشقا يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى سۇغا غەرىق بولىدۇ. بەدەك قۇل قاتارلىقلار قۇملۇقتا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئۇلارنى تازا قىينايدۇ. ئاۋال بەدەك قۇل ۋاپات بولىدۇ،ئارقىدىنلا قۇندۇزمۇ ھالسىزلىنىپ،ئاللايارنىڭ قۇچىغىدا جان ئۈزىدۇ. ئاللايار ئۇلارنى دەپنە قىلىپ قويۇپ،ئۆزىمۇ يوقاپ كېتىدۇ. كىشلەر ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ.

     3. لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ يەرلىك خۇسۇسىيەتلىرى

مەلۇمكى،ئەدەبىيات-سەنئەت قايسى ئىجتىمائى توپ تەرىپىدىن يارىتىلغان بولسا،ئۇنىڭدا شۇ ئىجتىمائى توپنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. كونكىرىت ئېيىتقاندا ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە شۇ ئەسەرنى ياراتقان كىشلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنى-ئېتقادى، ئېستىتىك قىزىقىشى ۋە پىسخىكىسى ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. بۇ ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى بىر ئومۇمى قانۇنىيەت. لوپنور خەلق داستانلىرىمۇ بۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس.

لوپنور خەلق داستانلىرىدا لوپنورنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى، لوپنور خەلقىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئەمگەكلىرى، ھەرخىل ماددى ۋە مەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى، شامان دىنى ئېتقادىنڭ ھەرخىل ئىپادىلىرى، لوپنور خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت شەكىللىرى قاتارلىقلار ئىنتايىن روشەن ئەكىس ئەتكەن. تۆۋەندە بۇلار ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆتىمىز.

       1>.لوپنورنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى لوپنورخەلق داستانلىرىنڭ ۋەقەلىك سەھنىسىدۇر. مەلۇمكى لوپنورنىڭ ئەتراپى قۇم دۆڭلىرى، ئىپتىدائى توغراق ۋە يۇلغۇن بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قۇم دۆڭلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە دەريا-ئېقىنلار ۋە كۆللەرمۇ كۆپ ئىدى. بۇنداق قۇم، توغراق ۋە كۆللەرنىڭ گىرەلىشىشى لوپنور رايونىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ھاسىل قىلغان. بۇ خىل جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىك خەلق داستانلىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ شارائىت تەسۋىرىدە ئىنتايىن روشەن گەۋدىلىنىدۇ. بىز «بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»، «ئاللايار قىسسىسى» داستانلىرىدا قۇملۇق،   توغراقلىق،جاڭگاللىق، چاتقاللىق، يۇلغۇنلۇق، ئېقىۋاتقان قۇم، يېغىۋاتقان توپا، جىگدىلىك، تېرەكلىك،يىكەنلىك، دەريا، كۆل، ئوتلاق قاتارلىقلار ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داستان قەھرىمانلىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئات، كالا، قوي، تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى، توشقان، كىيىك، جەرەن، قىرغاۋۇل، يولۋاس،تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرىمىز. بۇنداق مۇھىت بارلىق لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ۋەقەلىكىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە قانات يايدۇرىدىغان سەھنە بولۇپ قالغان. بىز باشقا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدا كۆپ كۆرىدىغان ھەشەمەتلىك ئوردا -قەسىرلەرنى،ئاۋات شەھەر-بازارلارنى، سودا-سېتىق ۋە ھۈنەر -كەسىپ دۇكانلىرىنى لوپنور خەلق داستانلىرىدا زادىلا كۆرەلمەيمىز. شۇڭا بىز لوپنور خەلق داستانلىرى ئۆزى پەيدابولغان مۇھىتنىڭ جانلىق كارتىنىسى، لوپنورنىڭ جۇغراپىيلىك شارائىتى دەل لوپنور خەلق داستانلىرىدىكى ۋەقەلىك يۈز بىرىدىغان مەيدان دەپ ئېيتالايمىز.

2>. لوپنورلۇقلارنىڭ مەدەنىيتى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ روھىدۇر. ئەگەربىز لوپنور رايونىنىڭ تەبئى ئىكىلوگىيسى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ مەيدان سەھنىسى، تاشقى شەكلى دېسەك، ئۇ ھالدا لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيتى دەل مۇشۇ تاشقى شەكىل ئىچىدىكى مەزمۇندىن ئىبارەت.

لوپنور خەلق داستانلىرىداباش قەھرىماننىڭ ئوۋچىلىق پائالىيتىدىكى مەرگەنلىكى ۋە كۈچتىنگىرلىكى بايان قىلىنىدۇ،چارۋىدارلارنىڭ يۇرت كاتتىسى ۋە بەگلىرى ئىكەنلىكى ئېيتىلدۇ، شۇنداقلا داستان پىرسۇناژلىرىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدا يەنەكۆل ۋە بېلىقچىلىق پائالىيەتلىرىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ. مانا بۇ خىل ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئەمگىكى لوپنور دىيارىدىكى كىشلەرنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا دىھقانچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا-تىجارەت كەسپى لوپنورلۇقلارنىڭ ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولمىغاچقا، بۇخىل ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى خەلق داستانلىرىدا بايان قىلىنمىغان ياكى ئىنتايىن سۇس تەسۋىرلەنگەن.

لوپنور خەلقى لوپنوردىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيلىك ماكاندا ياشاش جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، كىيىم-كېچەك ۋە يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىنى بەرپا قىلغان. خەلق داستانلىرىدا بۇنداق ماددى تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىز داستانلاردا بىر قىسىم پىرسۇناژلارنىڭ چېدىر ئۆي ياكى ئوتاق(كەپە) ئۆيلەردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۆينىڭ تەكتىگە يولۋاس، ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى سېلىنچا قىلغانلىقىنى، بېشىغا قالپاق، پۇتىغا چورۇق كېيىۋالغانلىقىنى، توزغاقتىن تەكىي(ياستۇق) ياسىۋالغانلىقىنى، جام-ئاياقلىرىدا سۈت چاي، قېتىق- قېمىزلارنى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك ماددى تۇرمۇش مەدەنىيىتىنڭ ئىپادىسىدۇر.

قوشاق توقۇش ۋە قوشاق ئېيتىش پائالىيتى لوپنورلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سەنئەت شەكلى ئىدى. ئۇلاردائىم قوشاق ئارقىلىق ئۆز سەرگۈزەشتلىرىنى، ھېسسيات چۈشەنچىلىرىنى ۋەئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيتتى. بىرەر ئالاھىدە ۋەقە يۈز بەرسە، بۇ ۋەقە بىردەمدىلا قوشاققا قېتىلىپ بولاتتى. كىشلەر ئۆزئارا سالاملاشقاندا، توي-تۆكۈن پائالىيەتلىرىدە، مىھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا، ئەمگەك قىلغاندا، ھەتتا سۆھبەتلەشكەندە داۋاملىق قوشاق ئېيتاتتى. ئۆز ۋاقتىدىكى لوپنور خەلقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماھىر قوشاقچى ئىدى. قوشاقسىز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بۇ خىل ئەھۋالمۇ خەلق داستانلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسلەن:«بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»دىكى بوز يىگىت ئاق جۇۋاننىڭ چېدىرى ئالدىغا كىلىپ قوشاق ئېيتىدۇ، چېدىر ئىچىدىكى ئاق جۇۋانمۇ ئۇنىڭغا قوشاق ئارقىلىق جاۋاب بىرىدۇ.

بوز يىگىت:  ئاقارىپ تۇرغان ئاق چادىر

كۆكەرىپ تۇرغان كۆك چادىر

ئىچىڭدە نە جان بولسا،

جاۋاب بەرسەڭەي چادىر.

ئاق جۇۋان:  ئاقارىپ تۇرغان ئاي ئەمەس،

كۆكەرىپ تۇرغان كۈن ئەمەس.

ياتنى بىلمەيەي سۆزلىمەس،

ئۆزەڭكىم سەنەي ئاكە؟

بوزيىگىت :  ئۆزەم ئازغان بىر يىگىت،

كۆڭلۈم سۈزۈك خاس يىگىت.

توققۇز چادىر كۆرۈندى،

مېھمان بولسام بولماسمۇ؟

ئاق جۇۋان:  چادىر قىزلار چۈشكۈنى،

ياتلارتۇرار جاي ئەمەس.

خەستەكۆڭلۈڭ ئاق بولسا،

ساڭامەيلىممۇ يوق ئەمەس.

شۇنداق قىلىپ،بۇ ئىككىسى قوشاق ئارقىلىق تونىشىدۇ ۋە قوشاق ئارقىلىق كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ مۇھەببەتلىشىدۇ. بوز كۆرپەش بىلەن قاراساچ ئايىم، ئاللايار بىلەن قۇندۇز قاتارلىق ئاشىق-مەشۇقلار ۋە باشقا پىرسۇناژلارمۇ بىر-بىرىگە داۋاملىق قوشاق ئېيتىش ئارقىلىق ھىسسيات ۋە مەخسەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

دېمەك،لوپنور خەلقىنىڭ ماددى، ئىجتىمائى ۋە سەنئەت فولكلورى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكىنى شەكىللەندۈرگەن . ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا، لوپنور مەدەنىيتى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە روھى تۈۋرۈكى بولۇپقالغان.

3>.شامان دىنى ئېتقادى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ ئىچكى ئىنىرگىيەسىدۇر.لوپنورخەلق داستانلىرىنىڭ يەنە بىر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلكى شۇكى، ئۇنىڭغاباشتىن-ئاخىر شامان دىنى ئېتقادى روھى ئۇزۇق بولغان. مەلۇمكى شامان دىنى قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن مەزگىل ئېتىقاد قىلغان دىن. بۇ دىن كۈچلۈك تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە كۆپ ئىلاھلىق دىن ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ئالىملار ئىپتىدائى دىن ئوبيېكىتىلىرى بولغان تەبئىەتكە چوقۇنۇش، ئەجداتقاچوقۇنۇش، تۇتىمغا چوقۇنۇش ۋە سېھرىگەرلىك ئادەتلىرى بىلەن شامان دىنى ئېتىقادلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىدۇ.

لوپنورخەلق داستانلىرىدا ھايۋانغا چوقۇنۇش كۆزقارشى ئەڭ كۆپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىز«ئاققۇلان بەردىخان» داستانىدا بىر كىيىكنىڭ ئادەم بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى كۆرسەك، «مىنكۇن باتۇر» داستانىدا قولانتاي ئىسىملىك بىر ئاتنىڭ نىزغاي ئىسىملىك يىگىتنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغانلىقى ۋە ئۇنى بەختكە ئىرىشتۇرگەنلىكىنى كۆرىمىز. «بوزكۆرپەش ۋە  قاراساچ ئايىم» داستانىدابوزكۆرپەشكە ئۇنىڭ ئېتى غەمخورلۇق قىلغانلىقى بايان قىلىنسا، «ئاققۇلان بەردىخان» داستانىدائات بىلەن بۈركۈتنىڭ ئاققۇلان بەردىخانغا چوڭ ياردەم بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.شامان دىنى تەتقىقاتچىلىرى بۈركۈت، ئات، ئېيىق ۋە كىيىكلەرنى شامان ئىلاھى ھايۋانلىرى دەپ قاراپ كەلدى. شۇڭا بىز لوپنور خەلق داستانلىرىدا ئىلاھى كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۇ ھايۋانلارنى شامان دىنى ئېتقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمىز.

«ئاققۇلانبەردىخان» داستانىدىكى ئاساسى ۋەقەلىك قىزنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇشىغا باغلىق ھالداپەيدا بولىدۇ. ئوتقا چوقۇنۇش شامان دىنى ئېتىقادىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئاسىيادا ياشايدىغان قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز زەردۇشت دىنى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا ئوتنى ئۇلۇغلىغان. شامان پىرىخونلىرىنىڭ پىرە ئوينىغاندائوت يېقىشى ۋە كىسەلنى قوغلىماقچى بولغاندا ئىسرىق سېلىشى ئەنە شۇنداق ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «ئاققۇلان بەردىخان» داستانىدا مەختۇمسۇلا ئوت ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن يالماۋۇزنىڭ ماكانىغا بارىدۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. بۇنداق جاپا-مۇشەققەتلىك ئوت ئىزدەش سەپىرى ياكى ئوتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بۇلۇش ئەھۋالى قەدىمكى كىشلەرنىڭ ئوتقا بولغان سىرلىق كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

«ياداتاش سېھىرگەرلىكى» ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن يەنە بىر ئېتقاد پائالىيتىدۇر. ئەجدادلىرىمىز «يادا» دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. ياداتاشقا ئەپسۇن ئوقۇپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ دەپ تونۇلغان كىشىلەر «يادىچى» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇلوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. لوپنور خەلق داستانلىرىدا دەل مانا شۇ يادا تاش سېھىرگەرلىكى بايان قىلىنغان. «بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»داستانىدا مۇنداق قوشاق بار:

ھاۋاداقى بۇلۇتنۇ،

يىغىۋالار جاداچى .

تاغ ئىچىدەكى پولاتنۇ ،

ئۇرۇپ سوقار تۆمۈرچى .

بۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسىدا« يادىچى ھاۋادىكى بۇلۇتنى يىغىۋالىدۇ (بۇلۇتنى بىر يەرگەتوپلاپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ) » دېيىلگەن. «ئاللايار قىسسىسى» داستانىدىمۇ ئاللايار قاتارلىقلار چۆلدە ئىسسىق ۋە ئۇسسۇزلىق دەستىدىن ئېغىر خەتەر ئىچىدە قالغاندا ،بىربوۋاينىڭ يادا تاشقا ئەپسۇن ئوقۇپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ،ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. لوپنور خەلق داستانلىرىدىكى بۇخىل تەسۋىرلەر مىللىتىمىزنىڭ ئەنەشۇ «ياداتاش» ئېتقادىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.

مەلۇمكى پەرھىز ئېتىقادى ئىپتىدائىي دىني چۈشەنچىلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسىمى. پەرھىز تۇتۇش ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مەۋجۇدادلارنى ۋە ھەر خىل روھ–ئەرۋاھلارنى رەنجىتمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماسلىق مەقسىتىدە ئۆزلىرىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى مەنئىي قىلىش ئادىتىدىن ئىبارەت. پەرھىز تۇتۇشتا ئىنسانلارنىڭ بەلگىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى چەكلەنگەن ياكى بەلگىلىك سۆز-ھەرىكەتتە بولۇش بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەلۇم سىرلىق كۈچكە تەسىر كۆرسىتىپ، بالا-قازادىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ . «ئاققۇلان بەردىخان » داستانىدا ئاققۇلان بەردىخان ئوۋغا چىقىش ئالدىدا سىڭلىسىغا «ئوتنى ئۆچۈرمە، توخۇنى تاق دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ چېچىڭنى تارىما »دەيدۇ. بىراق مەختۇمسۇلا بۇ پەرھىزلەرگە رىئايە قىلمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ يالماۋۇز ۋە بۆگۈستاننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. «بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان » ناملىق داستاندا بوز يىگىت دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاق جۇۋان «باتۇرلارنىڭ جەسىدىنى كىگىزگە ئوراپ ،قىرىق بىر كۈن يەرگە قويماي كۆتۈرۈپ يۈرسە تىرىلىدۇ » دېگەن شەرتكە ئاساسەن ئۇنى كىگىزگە يۆگەپ قىرىق كۈن كۆتۈرىدۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى بىر موماينىڭ « كىگىزنى يۇسا ئاقارمىغانغا ئوخشاش، ئۆلۈكنى كۆتۈرسەتىرىلمەيدۇ» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، جەسەتنى تاشلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىرىلىشكە ئازقالغان بوز يىگىت مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە گىرپتار بولىدۇ .« بوز كۆرپەش- قارا ساچ ئايىم» داستانىدىمۇ «پارچىلىۋېتىلگەن باتۇرلارنىڭ تېنىنى جاي-جايىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈچ قېتىم ئاتلىسا جەسەت تىرىلىدۇ» دەيدىغان پەرھىز ئېتىقادى بايان قىلىنغان .

ئىپتىدائىي ئېتىقاد شەكىللىرىنىڭ يەنە بىرى پالچىلىقتۇر.قەدىمقى ئىنسانلار ئىشلەپچىقىرىش ھاياتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە پالچىلىقنى قوللانغان. لوپنور خەلق داستانلىرىدىمۇ بىز بۇ ھالنى ئېنىق كۆرۈپ ئالالايمىز . « بوز كۆرپەش -قارا ساچ ئايىم »داستانىدا پالچى پال سېلىش ئارقىلىق بوز كۆرپەشنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتنى ئالدىن ئېيتىپ بىرىدۇ. «ئاللايار قىسسىسى»دا بوۋاي ھايۋاننىڭ ئۇستىخېنىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان سىزىقچىلارغا قاراپ پال ئېچىپ، ئاللايار قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ئېنىقلايدۇ. « بوزيىگىت بىلەن ئاق جۇۋان» داستانىدىمۇ بوز يىگىتنىڭ قىيىنئاتىسى ئۇستىخاننى كۆيدۈرۈپ،كۆيئوغلىنىڭ تەغدىرى ھەققىدە پال ئاچىدۇ.

دېمەك ئىپتىدائىي ئېتىقاد، يەنى شامان دىنى ئېتىقادى لوپنورخەلق داستانلىرىدا ئىنتايىن قويۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھال مەزكۇرداستانلارنىڭ ئىنتايىن قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .چۈنكى لوپنور خەلق داستانلىرىدا ئىسلام دىنى ،بۇددا دىنى ۋە باشقا دىنلارنىڭ تەسىرى سېزىلەرلىك ئەمەس،بەلكى شامان دىنى چۈشەنچىلىرىلا مەزكۇر داستاننىڭ ئاساسىي روھى بولۇپ قالغان.

      4>. ئورۇن جاي ناملىرى ۋە ئادەم ئىسىملىرى لوپنورخەلق داستانلىرىنىڭ يەرلىك بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ۋەقەلىك باغدات، شام، دەمەشىق، ھەلىپشەرۋان، ئىسپاھان ، رۇم، ئەرمەن، قەندىھار، مىسىر،يەمەن قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولغان دەپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ جايلار ئۇيغۇر دىيارىدىن تولىمۇ يېراقتىدۇر. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە لوپنور خەلق داستانلىرىدىكى ۋەقەلىكلەر كەڭسۇ، كەڭئوت، قارا قوشۇن، قاراداي، يۇلتۇز كۆل، قۇم دەريا، نورۇما، سولۇما،گۆشتېرەك دېگەنگە ئوخشاش لوپنور دىيارىغا خاس جايلاردا پەيدا بولىدۇ. بۇ ھال مەزكۇر داستانلارنىڭ ئانا ماكانى لوپنور ئىكەنلىگىنى شۆبھىسىز ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .

لوپنور خەلق داستانلىرىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭداپەرھاد، قەيىس ،يۈسۈپ، ۋامۇق، مەسئۇد، قەمەر، لەيلى، شىرىن، ھۆرلىقا، زۇلەيخا، ئۇزرا،دىلئارا دېگەنگە ئوخشاش ئەرەپ-پارىسچە ئىسىملار ئەمەس، بەلكى مىنكۇن، ئاققۇلان، كۆرپەش،جانقۇلى، يولباقار، چۆلباقار ،ئاق جۇۋان، قارا ساچ، جۇجى بەردى، دالۇغا بەردى، پاڭچۇلۇق،بەدەكقۇل، باققان باتۇر، قوشقۇلاق ،قۇتبۇل، ئايقىز، كۈنسۇن دېگەنگە ئوخشاش قەدىمىي ئۇيغۇرچە ئىسىملار قوللىنىلغان. دەل مۇشۇنداق ئادەم ئىسىملىرىنىڭ خاسلىقىمۇ مەزكۇرداستانلارنى كۈچلۈك مىللىي ۋە يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلغان.

5>. قوشاق شەكلى لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ بەدىئى خاسلىقىدۇر. بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى نەسىر ۋە نەزىم تىلىنىڭ بىرلەشمىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىم قىسىمى كۆپ خىل شېئرىي شەكىلدە ئىجادقىلىنغان. ئادەتتە بىر قىسىم تارىخي داستانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىنتايىن مولبولغان مۇھەببەت داستانلىرى ۋە قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ شېئىرلىرى  مۇخەممەس، مۇسەللەس ،مۇرەببە، مەسنەۋى، غەزەل قاتارلىق ئۇزۇن مىسرالىق شېئرىي شەكىللەردە ئىجاد قىلىنغان. ۋەزىن جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ئۇ ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇرەككەپ بەھىرلىرىدە يارىتىلغان . بۇ خىل ئەھۋال ئەنئەنىۋى خەلق داستانلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئەدىبلىرىمىز تەرىپىدىن توپلاپ رەتلەنگەنلىكىنى، ئەدىبلىرىمىز  يازما شېئرىيەتنىڭ شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ شئېرلىرىنى باشقىدىن يېزىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، لوپنور خەلق داستانلىرىدىكى ئەھۋال ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ئۇنىڭدىكى شېئرلارنىڭ ھەممىسى يىنىك ۋەزىندىكى قوشاق شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان. بۇشېئرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى بىر كوپلېتى تۆت مىسرالىق، ھەر بىر مىسراسى يەتتە ياكى سەككىز بۇغۇملۇق شەكىلدە تۈزۈلگەن. يەنە بىر قىسىمى لوپنور خەلق قوشاقلىرىغا خاس بولغان ئالتە مىسرالىق، يەتتە بۇغۇملۇق شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقائون ياكى ئون بىر بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن شېئرلارمۇ بار. بۇ شېئرلار ھەممىسى مۇرەككەپ ئارۇز ۋەزىن بەھىرلىرىدە ئەمەس، بەلكى ئاددى-ساددا، ئاغزاكىي جانلىق تىلغا ئەپچىل ماسلاشقان بارماق ۋەزىندە ئىجاد قىلىنغان .

6>.ئەنئەنىۋى موتىفلار لوپنور خەلق داستانلىرىنىڭ سۇژىت چوڭقۇرلىغىدۇر. لوپنور خەلق داستانلىرىدا لوپنورنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى قۇيۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان قەدىمىي موتىفلارمۇ كۆپ ئىشلىتىلگەن. بۇلاردىن قەھرىماننىڭ غەيرىي تەبئى چوڭ بولۇشى، ھايۋان بىلەن ھەمكارلىشىش، پادىشاھنىڭ ساھىپجامال ئايالنى تارتىۋېلىشقا ئورۇنۇشى ، قىيىن شەرت ئارقىلىق كۆيئوغۇل تاللاش،  دىۋىنى ياكى ئەجدىھانى  ئۆلتۈرۈپ مەلىكىنى قۇتقۇزۇش، جادۇگەر موماينىڭ قەھرىمانغا سۇيقەسىت قىلىشى، بىر غېرىچ مەخلۇقنىڭ باتۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشى، ئۈچ ئاچا-سىڭىل مەلىكىنىڭ لايىق تاللىشى، چۈشدە كۆرگەن ساھىپجامالنى ئىزلەش، تېپىشماق ئېيتىپ ئەقلىنى سىناش، سۈيقەسىتچىلەرنى ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈش، سۇمۇرۇغنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىش، چوڭ-كىچىك كۆيئوغۇللارنىڭ زىدىيەت-كۈرەشلىرى، كىيىكنى قوغلاپ باشقا مەنزىلگە بېرىپ قېلىش، يالماۋۇزلارنىڭ قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى، چېچىنى ياكى سۈرىتىنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. بۇ موتىفلار ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى، چۆچەكلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدە تەكرار بايان قىلىنىدىغان موتىفلار بولۇپ، ئۇلار لوپنور خەلق داستانلىرىدىمۇ ئېھتىياجغا ئاساسەن قوللىنىلىپ، سوژىتنى كېڭەيتىش، ۋەقەلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش، باش قەھرىماننىڭ خاراكتېرىنى ئېچىش  ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇلغان.

دىمەك، لوپنور خەلق داستانلىرى لوپنور خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىنى تۈپ مەزمۇن قىلغان، شامان دىنى تۇپرىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، لوپنورنىڭ قوشاق شەكلىنى قورال قىلغان  ۋە خەلق پىروزىسىدىكى ئاكتىپ موتىفلار ئارقىلىق ئۆز سۇژىتىنى بېيىتىپ بارغان بىر خىل ئالاھىدە سەنئەت ھادىسىسىدۇر. شۆبھىسىزكى، لوپنور خەلق داستانلىرى يوقۇرىقى خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ساھەسىدە يارقىن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. لوپنور خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك كۆزقارىشى ۋە ئېھتىياجى بويىچە بۇ ئالاھىدە سەنئەت تۈرىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈنگىچە يەتكۈزۈپ كەلدى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا غەيرى ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى كەڭ قانات يېيىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە لوپنور خەلق داستانلىرىمۇ قوغدىلىش ۋەۋارىسلىق قىلىنىشقا جىددى مۇھتاج بولماقتا.

 ئىزاھلار

   ① بۇھەقتە باتۇر راشىدىننىڭ«داستانلاردۇنياسىغا ساياھەت» ناملىق كىتاپىنىڭ 355-358-بەتلىرىگە قاراڭ. ئالمۇتا 2003-يىلى پەن نەشىرىياتى نەشىرى.

②ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە «تاھىر-زوھرە»داستانىنىڭ تۆۋەندىكى ئالتە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى: A.گۇننار ياررىڭ توپلىغان نۇسخا. بۇنۇسخىنى گۇما ناھىيىسىدىن ئالىم ئاخۇن ۋە ھاشىم ئاخۇنلار ئېيتىپ بەرگەن. بۇ نۇسخادەسلەپ مىللەتلەر نەشىرىياتى 1997-يىلى12-ئايدا نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتاپتا ئېلان قىلىنغان،كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى4-ئايدا نەشىر قىلىنغان «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-خەلق داستانلىرى» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. B.ئەرشىدىن تاتلىق تەييارلىغان ىۇسخا. بۇ نۇسخا «مىراس»ژۇرنىلىنىڭ1985-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. C.ئەلى ئېزىز قاتارلىقلار تەييارلىغان نۇسخا. بۇ نۇسخا ئاپتونۇمرايۇنلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 63-نومۇرلۇق قول يازمىغا ئاساسەن نەشىرگەتەييارلانغان، «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ1985-يىللىق ئومۇمىي 18-سانىدا ئېلان قىلىنغان. D. تۇرسۇن زېردىن تەييارلىغان نۇسخا.بۇ نۇسخا غۇلجا شەھەرىدىكى توختى شەمشىدىننىڭ ئېيتىپ بەرگىنى ۋە موللا تاھىرتاش خاتىرىلەپ قالدۇرغان قول يازمىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلانغان، دەسلەپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى 7-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» نىڭ 2-قىسىمىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1998-يىلى 2-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن تاللانما»ۋە 2005-يىلى9-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ قامۇسى»ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن. E.قەييۇم مەمتىمىن بىلەن ئەمەت ياسىن تەييارلىغان نۇسخا. بۇ نۇسخىنى باي ناھىيە كانچى يېزا 2-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇن كەنجى ئېيتىپ بەرگەن،باي ناھىيىلىك ئۈچ توپلام ئىشخانىسى نەشىرگە تەييارلىغان «باي خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاپتا ئېلان قىلىنغان.F.مامۇت قاسىم تەييارلىغان نۇسخا. بۇ نۇسخا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى3-ئايدانەشىر قىلىنغان«بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىنغان

③ مويدىن سايىت:«لوپنورئەسلىمىلىرى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2003-يىلى4-ئاي نەشىرى، 67-75-بەتلەرگەقاراڭ.

④«قىزىل گۈل»،مويدىن سايىت رەتلىگەن،ھېيىت ئاخۇن، تۇراخۇن قاتارلىقلار ئېيتىپ بەرگەن،«بۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ1991-يىلى2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

⑤«قىزىل گۈل»،مامۇت قاسىم نەشىرگە تەييارلىغان، «بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىنغان، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىلى3-ئاي نەشىرى

     ⑥«مىنكۈن باتۇر ۋە  ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى»، مويدىن سايىت نەشىرگەتەييارلىغان، مىللەتلەر نەشىرىياتى   2005-يىلى 10-ئاي نەشىرى، مويدىن سايىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ داستاننى ئۇنىڭغا كورلىدىن توختى موللا، ساۋۇت سېيىت، ھەنىپىخان، لوپنوردىن قۇربان قاسىم، قەييۇم ئىمىن قاتارلىقلار ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن.

  ⑦«ئاقئولان بەردىخان»، مويدىن سايىت نەشىرگە تەييارلىغان،«بۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

⑧ «ئاققۇلان بەردىخان»، مامۇتقاسىم تەرىپىدىن رەتلىنىپ، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىلى3-ئايدا نەشىر قىلغان «بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان» ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىنغان.

⑨ «ئاق بېكەش بىلەن بوز يىگىت»،ئابلىمىت مۇھەممەت ئاقيولى نەشىرىگە تەييارلىغان، «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

⑩«بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان»، مامۇت قاسىم نەشىرگە تەييارلىغان، ئۇ  دەل مۇشۇنام بىلەن  مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن2006-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلىنغان توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

⑪«بوز كۆرپەش ۋە قارا ساچ ئايىم»،شىرىپ مۇسا نەشىرگە تەييارلىغان .شىرىپ مۇسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ نۇسخىنى لوپنور ناھىيىسىدىكى ئىسلام ھېلىم  ۋە بېغىم نىيازنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە ئاساسەن رەتلىگەن. داستاننىڭ مەزكۇر نۇسخىسى دەسلەپ 《بۇلاق》 ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 14-سانىدا ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى بىلەن مىللەتلەر نەشىرىياتى بىرلىشىپ 2005-يىلى9-ئايد انەشىرقىلغان《ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قامۇسى》نىڭ 9-قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن.

  ⑫«بوزكۆرپەش ۋە قارا كۆز ئايىم»،يۈسۈپ ئىسھاق نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخا. بۇ نۇسخا ئىسلام ھېلىم ۋە سۇلايمان سېتىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە ئاساسەن رەتلەنگەن بولۇپ، ئۇدەسلەپ 《مىراس》ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلىنغان،كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1991-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلىنغان 《ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى》 ناملىق توپلامنىڭ 3-قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن.

  ⑬«بوز كۆرپەش – قارا ساچ ئايىم»، مامۇت قاسىم نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخا. بۇ نۇسخا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن2006-يىل3-ئايدا نەشىر قىلىنغان《بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان》ناملىق توپلامغاكىرگۈزۈلگەن.

«ئاللا يار قىسىسى»، مامۇت قاسىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ، مىللەتلەرنەشىرىياتى 2006-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلغان 《بوز يىگىت بىلەن ئاق جۇۋان》 ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

ئاپتۇر: ئوسمان ئىسمايىل تارىم  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيەئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى،   ئېلخەت: tarim@xju.edu.cn

ئەسلى مەنبە: سېھىرلىك لوپنۇر ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3805

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-05-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: