ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتىدا ئەكس ئەتكەن يەرلىك مەدەنىيەت ھەققىدە ئىزدىنىش

ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور  دىئالېكتىدا ئەكس ئەتكەن يەرلىك مەدەنىيەت ھەققىدە ئىزدىنىش

ئابلىمىت يۇنۇس

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتى،ئۈرۈمچى،830046)

 

  

1.مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن لوپنور دېئالېكتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى

لوپنور دېئالېكتى ۋە مەدەنىيىتى تارىختىن بۇيان ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىدىن ئالغان تۆۋەندىكى نەقىلدىن بۇنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز. شائىر بوغدا ئابدۇللا مۇنداق دەيدۇ:“تەكلىماكان ۋە لوپنورتېمىسىغا قىزىقمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھەقتەھېكايە قىلىپ بېرىدىغان قېرىسال ئادەملەر باراغانچە ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.تارىختانۇرغۇن ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى ۋە شەخسلەر بۇ زىمىنغا كېلىپ ئىلىم-پەن دۇنياسىغامەلۇم بولمىغان،يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تىلسىملىق مۆجىزىلەرنى بايقىدى.تالاي-تالاي كىتابلارنى يېزىپ قالدۇردى.بىراق تەكلىماكان قانچەقازغانسېرى شۇنچە سىرلىق كۆرۈنىدىغان زىمىن”(تارىم قەدەمىيەتلىرى2011،1) “تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا،تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچەرەك بىر توپى ياشايدۇ،بۇ توپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي توپىدىن ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي ھالەتلىرىدىن سەل پەرقلنىىدۇ،تارىختائۇلار ياشىغان بۇ زىمىن لوپ دەپ ئاتالغانلىقتىن،قوشنا يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارغائوخشاش،يۇرتنىڭ نامىنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنى لوپلۇق دەپ ئاتىغان”(ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىلوپنور قىسمى،كىرىش سۆز). لوپنور مەدەنىيىتىگەئوخشاش لوپنور دىئالېكتىمۇ تىلشۇناسلارنى جەلپ قىلىپ كەلدى. لوپنور دېئالېكتى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى؛تۈركىي تىللاردا ئاز ئۇچرايدىغان  فونېما ۋارىيانتلىرى ھەم نۇتۇق ئېقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگۈرىشىنىڭ كۆپ خىللىقى؛لۇغەت تەركىبىگە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەمدە قەدىمكى كۇسان-ئاگنى(تۇخار تىلى)تىللىرىنىڭ ئىزنالىرىنىڭ بولغانلىقىدەك ئۆزگىچەفونېتىكىلىك ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكىتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.بىراق مۇشۇنداق بىر مۇھىم دىئالېكتى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن خىرىسقا دۇچ كېلىپ  ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ يەر شارىدا نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان جانلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ قالدى.كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا،تىلمۇمەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى. ھازىرقى  زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتى ۋە يەرلىك شېۋىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جاريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك،كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت تارىخى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. دىئالېكىت ئورتاق تىلنىڭ مەۋجۈدىيەت شەكلى.ھەربىر دىئالېكىت ئورتاق تىلنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دىئالېكىتتىن ئايرىلغان ئورتاق تىل مەۋجۈت ئەمەس.مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىئالېكىت-شېۋىلەرنىڭ يوقۇلىشى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.نۆۋەتتە ئەدەبىي تىل كەڭ ئومۇملاىشىپ مائارىپ،رادىئو-تلېۋىزور،ئاخبارات-نەشىريات ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش،سودا،قاتناش،ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنىڭ تېز بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى دىئالېكىتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەنلىدى ھەتتا يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى.لوپنور دىئالېكىتىمۇ بۇ خىل ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمىدى.“تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا،لوپنور دىئالېكتى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن.بىز لوپنورغاتەكشۈرۈشكە باغىنىمىزدا،پەقەت ناھايىتى چەت-يىراق جايلاردىلا ساپ لوپنورتەلەپپۇزىنى ئاڭلىيالىدۇق.لوپنوردىكى ياشلار لوپنور دىئالېكتىدا سۆزلىيەلمەيدىكەن”(مۇھەببەتقاسىم:ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىئالېكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى2006،10).ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف لوپنور دىئالېكتىنىڭ فونېتىكىلىق جەھەتتىكى خاسلىقىنى60-يىللاردىلا ئاللىقاچان يوقاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:“لوپنورلۇقلارنىڭ ئەدەبىي تىلنىڭ،ئەتراپىدىكى دىئالېكىت،شېۋىلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇشى باشقارايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېز بولدى،نەتىجىدە خۇددى تىنىق سۇ قاتتىق چايقىلىپ كەتكەندەك يەرلىك دىئالېكىت تەركىبلىرى بىلەن ئەدەبىي تىل تەركىبلىرى تېزلا ئارىلىشىپ،قايسى بىرىنىڭ لوپنور دىئالېكتىغا خاس ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشق اتەس بوللۇپ قالدى ”(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالېكت2006،3)مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى يەنە1992-يىلى لوپنور ناھىيىلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ نامىدا نەشر قىلىنغانلوپنور خەلق قوشاقلىرىقاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلار،شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ تىلشۇناسلىققا ئائىت فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق جەھەتتىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكى،پەقەت لېكسىكىلىق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،تىل نۇقتىسىدىن،ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا لېكسىكانۇقتىسىدىن لوپنور دىئالېكتىنى نۆۋەتتە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.چۈنكى،بۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ تىل(ئەلۋەتتە دىئالېكتنىمۇئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )بىلەن مەدەنىيەت زىچ مۇناسىۋەلىك بولغانلىقتىن، بۇ تىلشۇناسلارنى جەلپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ،ھەم يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن تىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋىي تىلشۇناسلىقنىڭ ئىلگىرىكى پەقەت تىلنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋەقانۇنىيەتلىرىنىلا تەتقىق قىلىشتەك تار رامكىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ تىل تەتقىقاتىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى.

2. تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى

«مەدەنىيەت»دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئالىملارئوخشىمىغان نۇقتىدىن بۇ ئۇقۇمغا تەبىر بەرگەن ھەم ئۇنى ھەر خىل ئىزاھلىغان.ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا،ھازىرغا قەدەر مەدەنىيەت سۆزىگە بېرىلگەن تەبىر 200 خىلدىن ئاشىدۇ، بولۇپمۇ بۆنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىلىك مەدەنىيەت ئانتروپولوگى ئېدۋارد. ب. تېلورنىڭ «ئىپتىدائىي مەدەنىيەت» (1877 –يىلى)ناملىق ئەسىرىدىكى «مەدەنىيەت» دېگەن ئۇقۇمغا بەرگەن تەبىرىنى ئالاھىدە تىلغائېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە،«مەدەنىيەت» كىشىلىك جەمئىيەتتىكى تەبىئىي ھادىسە، مۇرەككەپ بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ،ئۇ چۈشەنچە بىلىم، ئېتىقاد، سەنئەت ۋەئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مەدەنىيەت سۆزى كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى،ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. تار مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، مەنىۋى مەھسۇلارنى، يەنى بارلىق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.

مەلۇمكى،تىل بىلەن مەدەنىيەت زىچ مۇناسىۋەتلىك، تىل مەدەنىيەتنى خاتىرىلەيدىغان،تارقىتىدىغان ھەم مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاسىتە، بىراق مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قورالدۇر.

كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت تىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇچاغدا تىلمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ، بۇ ھالدا مەدەنىيەت بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىنس-تۈر مۇناسىۋىتى، يەنى ھەجىم جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئېلىش-ئېلىنىش مۇناسىۋىتى بولىدۇ.بىراق،تىل بىر خىل ئالاھىدە ئىجتىمائىي ھادىسە ، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن پىكىرئالماشتۇرۇش قورالى، ئىنسانلار بىلەن مەدەنىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان ۋاسىتە،دېمەك ،تىل خاراكتېرى ۋە رولى جەھەتتىن باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئوخسىمايدىغان ئالامەتلەرگە ئىگە. تىل بىلەن باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنە بىرخىل پاراللېل، تەڭداش مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىننى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئىنسانلار تىلىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،مەدەنىيەت تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇننىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.تىلنىڭ پارچىلىنىشى ھېچ بولمىغاندا، قىسمەن ھالدا مەدەنىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

تىل مەدەنىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ۋاسىتە ۋەشەكىل، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق تىلغا مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ تامغا بېسىلماي قالمايدۇ.بۇ ھەقتە سېلىتۇما تىلشۇناسلىقنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان ج.ل.ك.گرىممى مۇنداق دەيدۇ:“بىزنىڭ تىلىمىز-بىزنىڭ تارىخمىزدۇر.ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا،سۆڭەك،قورال-سايمان ۋەقەبرىلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر جانلىق دەلىل-پاكىت باركى، بو دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر”(لىن ياۋخۇامىللەتشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمىي بايان1997-يىل،12)

مەلۇمكى،تىل-فونېتىكا،سۆزلەم ۋە گرامماتىكىدىن تەركىب تاپقان بىر پۈتۈن سىستېما.مەدەنىيەتنىڭ تىلنىڭ بۇ ئۈچ تەركىبى قىسمىغا بولغان تەسىرى بىردەك ئەمەس. مەدەنىيەتنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى ئالدى بىلەن شۇ تىلنىڭ لېكسىكىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىرتىلنىڭ لېكسىكىسى ئەڭ ئۆزگىرشچان بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئەينەك سۈپىتىدە جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ.ئەلۋەتتە، مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىرتىلنىڭ گرامماتىكىسىغا بولغان تەسىرىنى يوق ئەمەس،لېكسىغا قارىغاند ائۇنىڭ تەسىرى ئاجىزراق بولىدۇ.تىل بىلەن مەدەنىيەت شۇنداق زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ ساھەنۇرغۇنلىغان ئانتروپولوگ، تىلشۇناس، سوتسىئولوگ، ھەم پەيلاسوپلارنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلكەن. ئامېرىكىلىق داڭلىق ئانتروپولوگ ھەم تىلشۇناسلاردىن بوئاس،ساپىر قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ نېگىزلىك مەزمۇنى- تىلنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاراتقان بولسا، يەنەبىر تەرەپتىن ئۇلار تىلنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيىتىنى تەكىتلەپ،تىلنى شۇ تىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ،-دەپ قارىدى. ئۇلارتىلنى ئىجتىمائىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مۇھىت بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلدى،نەتىجىدە ئامېرىكا تۇپرىقىدا تىل ئانتروپولوگىيىسى،-دېگەن يېڭى ئارىلىق پەنلىرىمۇ ۋۇجۇتقا كەلدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ،بۇ ھەقتىكى تەتقىقات بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىشقاباشلىدى.

ئېلىمىزدە، بۇ ساھە توھرىسىدىكى تەتقىقات ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى.مەشھۇر تىلشۇناس لو چاڭپىينىڭ «تىل ۋە مەدەنىيەت»ناملىق ئەسىرى 1950–يىلى ئېلان قىلىندى. ئەسەر دۆلىتىمىزدىكى تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدەنلگەن تۇنجى ئەسەر بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن جۇڭگو مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلىنىشى،-دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.بۇ ئەسەرجەمى7 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يەنىلا لېكسىكىغا بېرىپ تاقىلىدۇ،يەنى مەزكۇر ئەسەردە تىلنىڭ لېكسىكىسىدا يوشۇرۇنغان مىللىي مەدەنىيەت ئانالىز قىلىنغان. 80-يىللارغا كەلگەندە، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات تېخىمۇ چوڭقۇرلىدى.نۇرغۇنلىغان تىلشۇناسلار تىل بىلەن تەپەككۈرنىڭ مۇناسىۋىتى، مەدەنىيەتنىڭ تىلغابولغان تەسىرى، تىلنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى تەتقىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدەئىزدەندى.نەتىجىدە، ئېلىمىزدىمۇمەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى،فولكلور تىلشۇناسلىقى،-دېگەنگە ئوخشاش ئۆتۈشمە ياكى ئارىلىق پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋى سىستېمىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، تىل تەتقىقاتىدا يېڭى بىربۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.

تىل بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك،بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كاتېگورىيە. ئۇلارنىڭ مەزمۇنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تىل مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىپادە شەكلى. تىل-مىللەتنى باغلاپ تۇرىدىغان تۈگۈندۇر. مىللەت تىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساس. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، مەدەنىيەت تارىخى نۇقتىسىدىن كۈزەتكەندە، تىلنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. تىل مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان ئامىللار ئىچىدە مۇھىم ئورۇنداتۇرىدۇ. مىللەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىغانلىقى ئۈچۇن،شۇمىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. تىل مىللەتنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان تۈگۈن.شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغان بەلگىسىدۇر.ھەقىقەتەن،مىللەتنىڭ باشقا ئامىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تىل بىر قەدەر تۇراقلىق، ئۆزگىرىشى ئاستا. شۇنىڭ ئۈچۇن،تىل- ئانتروپولوگىيىنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.ئالىملارتارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسسۇلىنى قوللىنىپ گېنولوگىيىلىك ۋە تىپولوگىيىلىك كلاسسىفىكاتسىيە ئۇسسۇلى بويىچە تىللارنى تۈرلەرگە بۆلدى.بۇتەتقىقات نەتىجىلىرى تىلشۇناسلىق ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ئانتروپولوگىيە ئۈچۈنمۇغايەت زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.ئەلۋەتتە ،تىلچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ تىل تەتقىق قىلىشتا قوللانغان ئۇسسۇلى ھەم ھاياجان نۇقتىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيىسى ئېلىمىزدەمىللەتشۇناسلىقدەپمۇ ئاتىلىدۇ. (لىن ياۋخۇامىللەتشۇناسلىقھەققىدە ئومۇمىي بايان(،1997-يىل،12)ناملىق ئەسەردە، مىللەتشۇناسلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىلشۇناسلىق تېمىلىرى ۋە مېتودلىرى كۆرسۈتىلگەن.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇرۇق-تۇغقان ناملىرى، تۇغقان ناملىرىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى. بۇ بىزنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن نىكاھ-ئائىلە تۈزۈملىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئانتروپولوگىيەئىلىمىدىكى تەدرىجى تەرەققىيەت ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ مورگان ئىنسانىيەتنىڭ ئائىلە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالداقوللانغان ئۇسۇلدۇر.

    2. مەلۇم بىر مىللەت تىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سۆز قوبۇل قىلىش ھادىسىسى. ئۇ ئاساسەن مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىسىسىدىن پەيدا بولىدىغان ھادىسە. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆز قوبۇل قىلىش مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ بەلگىسى،-دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەنە مىللەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىكى ئۈزۈلۈپ قالغان دەۋرنىڭ يالدامىسى ۋە پاكىتى،-دەپ قارىلىدۇ.

  3.تىل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەرگۈزەشتلىرىنى ھەم قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەسلەن، مەلۇم بىر تىلنىڭ لېكسىكىسىدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبى شۇ مللەتنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ھەمدە ئۇلار ياشىغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئالايلۇق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەر تىلىنىڭ لۇغەت سوستاۋىدا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مول بىر يۈرۈش سۆزلەر بولىدۇ.

 

 4.يەر ناملىرى ۋەئۇرۇق-جەمەت ناملىرى قاتارلىقلار. ئانتروپولوگىيە تىلشۇناسلىقى (مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى،-دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئانتروپولوگىيە، بولۇپمۇمەدەنىيەت ئانتروپولوگىيىسى بىلەن تىلشۇناسلىقنىڭ كېسىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىرخىل ئۇنىۋېرسال ئۆتۈشمە پەن. بو پەننىڭ تەتقىقات دائىرىسى-تىل قۇرۇلمىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تىل بىلەن مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى،دۇنياقارىشى قارىشى ھەمدە تىل بىلەن پۈتكۈل مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭ پەلسەپە،پسىخولوگىيە،مىللەتشۇناسلىق،تارىخ، فولكلور قاتارلىق پەنلەر بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق.

3. دىئالېكت بىلەن يەرلك مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى

 

ئەينى بىر تىلدىكى دىئالېكت-شېۋىلەرنىڭ پەرقى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنىڭ مۇھىم نامايەندىسىدۇر. دىئئالېكتقا قارىتابولغان چۈشىنىشىمىز ۋە تەتقىقاتىمىز بىزنىڭ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.دىئالېكت تەتقىقاتى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تەتقىقاتى ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم تولۇقلايدۇ.

    دىئالېكت ۋە فولكلور تەتقىقاتىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن «تىل ۋە مەدەنىيەت» كە مەنسۈپ بولغاچقا،بۇ ساھەمۇ ئوخشاشلا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلدى.

دىئالېكت ئومۇمىي خەلق ئورتاق تىلىنىڭ يەرلىك ۋارىيانتى،مەلۇم بىر رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان قورالى. دىئالېكت بىلەن فولكلورنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى زىچ بولىدۇ. دىئالېكت فولكلورنى خاتىرىلەيدۇ.فولكلور دىئالېكتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دىئالېكت تەتقىقاتى بىلەن فولكلور تەتقىقاتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، تىل مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دىئالېكتمۇ شۇ دىئالېكت رايونىدىكى كىشىلەرنى ڭمەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەت ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكتىن ئىبارەت. ھازىرغا قەدەرئەنئەنىۋى تىلشۇناشلىق، دىئالېكتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن لوپنور دىئالېېكتى توغرىسىداخېلى كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلدى.نۆۋەتتە لوپنور دىئاالېكتى فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق جەھەتتىن ئۆز خاسلىقىنى يوقاتقان مۇشۇنداق بىرئەھۋالدا،نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتلىرىنى تەتقىق قىلىش بىز ئىشلەشكە تېگىشلىك مۇھىم تېمىدۇر.بۇ بىر يېڭى ساھە بوغانلىقتىن بۇنىڭغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىلىرى ناھايىتى ئاز ، ھەتتا يوق دېيەرلىك. بۇ ساھە تېخىچە تولۇق تەتقىق قىلىنمىغان، بوشلۇق ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە لوپنور دىئالېكتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى يوقاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ رىئال ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولسا كېرەك.

ھازىر دۇنيا مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان شارائىتتا، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرمۇئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مىللىي مەدەنىيىتى،يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى قانداق قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى.

جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى،ئۇچۇر ئىنقىلانىنىڭ تېز بولۇشى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قەدىمىنىڭ تېز بولۇشى،بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ غەرىبىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋە تۇرمۇسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، نەتىجىدە ھەرقايسى دىئالېكت ۋە دىئالېكت مەدەنىيىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزگەردى، بەزىلىرى قوشۇلۇپ كەتتى، بەزىلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. مۇشۇنداق شارائىتتا مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر دىئالېكتلىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش نۆۋەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

4.مەدەنىيەت تىلشۇناشلىقى نۇقتىسىدىن لوپنور دىئالېكتىنى تەكشۈرۈشنىڭ نەزىرىيە ئاساسى ۋە ئۆرنىكى

تىلشۇناس مۇھەببەت قاسىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتىدېگەن ئەسىرىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەن مەدەنىيەت ئامىللىرى ھەققىدەبىزگە ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. دىئالېكت بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى بېيىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى شۇنىڭدەك فولكلور تىلشۇناسلىقى ئىلىمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، بۇ ساھەدە قوش يۆنىلىشلىك ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغراكېلىدۇ.

تىلشۇناس چىن جەنمىن ئەپەندى  دېئالېكت سۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن يەرلىك مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن:

1.ئالاھىدە ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دېئالېكت سۆزلىرى ھەم ئۇنىڭ مەنىسى.

 2. ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دېئالېكت سۆزلىرى ھەم ئۇنىڭ مەنىسى.

 3. دېئالېكت سۆزلىرى ۋە فولكلور، بۇنىڭدىن باشقا دىئالېكت رايونىدىكى كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى، تۇغقان ناملىرى، قارغىش سۆزلىرى قاتارلىقلار ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان ھادىسىلەردۇر.

 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەت ئامىللىرى ئەكس ئەتكەن، دىئالېكت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش يوسۇنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، ياشىغان جۇغراپىيىلىك شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىئالېكت سۆزلىرىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

 

دېمەك،بىز ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن لوپنور دىئالېكتىنى تۆۋەندىكى مۇھىم تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلىش مۇمكىن:

 1.لوپنور دىئالېكتى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى.

 2.لوپنور دىئالېكتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مەدەنىيەت چەكلىمىسى. يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى دىئالېكت چەكلىمىسى.

3. يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ لوپنور دىئالېكتتىكى مۇھىم ساقلاندىلىرى(ئىزنالىرى)

4. تۇغقان ناملىرى، كسشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى،قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر(بەزىلەر ئۇنى “كىرمە سۆز”دەپمۇ ئاتايدۇ) لوپنور دىئالېكتىدا بىرقىسىم موڭغۇل،خەنزۇ تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر بار،بولۇپمۇ موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. تۇراقلىق ئىبارىلەر، تابۇسۆزلىرى، قارغىش سۆزلىرى:چاقما قاغىل(بېشىڭغا چاقماق چۈشسۇن)،ئۆلۈم مەڭزەپ قال(ئۆلۈمگە يۈز تۇتقىن)،ئۆيۈڭڭە پاقا چىللاسۇن(ئۆيۈڭدە پاقا كوكىرىسۇن)،تىلىڭڭا كۆيدۈرگە چىق(تىلىڭغا كۆيدۈرگە چىقسۇن)؛ ۋە ئالقىش(ياخشى تىلەك) سۆزلىرى:جانىم ساڭڭا،جانىمنى بەردىم،كۆرۆ كۈنۈممۇ بەردىم،ياشا جاشىممى بەردىم،ئۆلۈپ كېتەي…ماقال-تەمسىل، تېپىشماق….قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 5.يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تىلدىلى مەۋجۇت شەكلى (ئۆي-تۇرالغۇغا ئائىت سۆزلۈك، خاس بويۇم ۋەنەرسە-كېرەك ناملىرى، ماددىي نەرسىلەرناملىرى).

 6. لوپنور دىئالېكت رايونىدىكى يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەماسلىشىش .

      ئالايلۇق ياشاش ئۇسسۇلى يەنى تۇرمۇش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشى تىلغا بولۇپمۇ لېكسىكىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لوپنورلۇقلار تاكىXX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە ئاساسەن بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىققا شۇغۇللىنىپ كەلگەن.شۇڭا بۇدىئالېكىتتا بۇنىڭغا ئائىت ئەدەبىي تىلدا يوق سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: مانجا: بېلىق تۇتىدىغان تالدىن توقۇلغان تەتۈر ئېغىزلىق سېۋەت.

    گۆلمە: سۇغا تىك سېلىنىدىغان ۋالىبول سېتكىسىگە ئوخشاش تور.        سۇغان:ئاسمان قىلتاق، غاز- ئۆردەكلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن سۇ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان قىسماق.    كۆلچۈ: بېلىقچى، ساچقاق: بېلىق ساچىيدىغان ئارا.

        تاپان: ئويۇپ ياسالغان كېمە. غارغالتا:كېمە  توختايدىغان جاي. لوپنور دىئالېكتى دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، ئەكسىچە نوپۇسى ئاز، ئاھالىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق،قاتناش ئىشلىرى قولايسىز بولۇشتەك ئامىللار ھەم ئۇلار ياشىغان ئۆزگىچە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت لوپنور دىئالېكتىنىڭ لېكسىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن ناملىرىمۇ باشقا جايلارنىڭكىدىن خېلى پەرقلىق. مەسىلەن: بۆكتۈك(چاتقاللىق)؛يىمەن(دەشت-چۆل)؛ پۇتا(يۇلغۇن)؛ تورۇشەن(ياۋاتوڭگۇزنىڭ كۈچىكى)؛ چايقاق (دولقۇن)؛ چىرۋەك (قۇلۇلە)؛ چىلە(يۇلغۇننىڭ يوپۇرمىقى)؛داشى (شورلۇق كۆل)؛ دەلەيكۇر (دولقۇن)؛ مەسىلەن: دەلەيكۇر يامان ئىكەن، ھازىردەريادىن ئۆتەلمەيمىز؛ دۈمبە (تۆپە، تۆپىلەڭ يەر)؛ سەر، سەرلىك (تۆپىلىك، تۆپە)؛سويۇ (قومۇشنىڭ يېڭى چىققان نوتىسى)؛ شۇمقۇش (مۈشۈك ياپىلاق)؛ قارىشتامال(شەپەرىڭ)؛سىكىرگۈچ (چېكەتكە)؛ كۈنچىچەك (ئاپتاپپەرەس)؛ قارا سىڭگەك (چىۋىن)؛….. 

 تۇغقان ناملىرىمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەزەلدىن ئانتروپولوگلار ۋە تىلشۇناسلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن.    لوپنوردىئالېكتىدىمۇ بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە پەرقلەر بار. مەسىلەن: قاڭ (بوۋا، چوڭ دادا)؛ياغ دادا(بوۋا،ئاتىسىنىڭ ئاتىسى) ؛ئىنە (ئانا)؛ئىجە(ئاچا)؛ قورۇتقا (ئانىسىنىڭ ئانىسى،چوڭ ئانا)؛ توقۇشماق (تۇغقان، ئۇرۇق تۇغقان)؛كۆك ئانا (مومىسىنىڭ ئانىسى).ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا ئىككى دىئالېكتقا قارىغاندا، لوپنوردىئالېكتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرى كۆپرەك ساقلىنىپ قالغانلىقى، يەنەئۆزىنىڭ  تىل جەھەتتىكى ساپلىقى، ئەرەب-پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئازلىقى، بۇ دىئالېكت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكى، لوپنوردىكى ئۇرۇق- قەبىلىلەر، تارىخى ئىزلار ھەم يەر ناملىرى، قوشاقچىلىقنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلار بۇ دىئالېكتنىڭ مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.لوپنور دىئالېكتى ئۆزىنىڭ باشقا ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىدىن كۆپرەك پەرقلىنىدىغانلىقى بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر شۇناسلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ۋە بۈگۈنگىچە تىل ۋە ئارخېئولوگىيە بويىچە بىرمۇنچە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان.    مىللىي تىل بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋەتىگە ئوخشاشلا، دىئالېكت بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس مۇناسىۋەت بار.   يۇقىرىدابىز دېئالېكت بىلەن فولكلورنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى شۇنىڭدەك تىلىمىزدىكى مۇشۇ ساھە ئۈستىدە ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەر توغرىسىدا توختىلپ ئۆتتۇق، ئۇيغۇر تىلىدىكى دېئالېكتلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شۇ دېئالېكتتا ئەكس ئەتكەن ئۆزگىچە،رەڭگارەڭ ھەم مول مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئوخشاشلا پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ھەرقايسى دېئالېكت  رايونىدىكى مەدەنىيەت بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئوتتۇرىسىداھەم بىردەكلىك بولىدۇ، ھەم تىل، پسخىكا، مىجەز-خۇلق، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى،ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى… قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرىدكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى چۈشىنىشتە، دېئالېكت سۆزلىرى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق قىلىش دېئالېكت بىلەن ئورتاق تىلنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكەئىگە.

خۇلاسە قىلغاندا،لوپنور دىئالېكتىنى فونېتىكا،گرامماتىكا ۋە لېكسىكا ساھەلىرى بويىچە  تەتقىق قىلىش ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشتا زورئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ خىل تەتقىقات چوڭقۇرلاشسا،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان باشقا تۈركىي تىللارنىڭ،شۇنىڭدەك موڭغۇل،خەنزۇ تىللىرى بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاشتا مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە. لوپنور دىئالېكتى چوڭقۇر قېزىلسا،تارىم ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن تىللارنىڭ،جۈملىدىن تۇخار(توخرى)،ساك،سوغدى تىللىرىنىڭ قالدۇق ئىزلىرىنى تېپىشتا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.بولۇپمۇ دىئالېكىتلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان جانلىق تىل ماتېرىياللىرى،جۈملىدىن شېئىر، قوشاق، ھىكمەتلىك سۆز، مەسەل، ماقال-تەمسىل ،تېپىشماق، ئىدىئوم، يېڭىلىشتۇرماق، ھېكايە، ئەپسانە،رىۋايەت،بالىلارچۆچىكى قاتارلىقلار مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.ئۇلار پەقەت تىلنىڭ جەۋھىرى،تىلنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ قالماستىن،مۇناسىۋەتلىك پەنلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇ مىللىتىمىزنىڭ ماددىي ۋە روھىمەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 

پايدىلانمىلار

1. ئېدۋارد.تىلور:ئىپتىدائىي مەدەنىيەت، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى،2005-يىل1-ئاي نەشىرى

2. جاڭ زىمىڭ، چىڭ گاڭ:ئانتروپولوگىيە》、، جوڭگو خەلق نەشىرىياتى،  2008- يىل2-ئاي نەشىرى،

3. مىرسۇلتان ئوسمانوف: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى،  1989- يىل6-ئاي نەشىرى،

4. مۇھەببەتقاسىم: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدېئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2006- يىل10-ئاي نەشىرى،.

5. چىن جەنمىن: دېئالېكت سۆزلىرىدىن يەرلىك مەدەنىيەتكە نەزەر،تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىژورنىلىنىڭ1997-يىللىق 4-سانى،

6. ساۋجىيۈن: دېئالېكت ۋە يەرلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدا》《تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى، ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 3-سانى

7. ش.ئۇ.ئا.ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئونى تەرىپىدىن تۈزۈلگەنھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ دىئالېكىت ۋە شېۋىلىرى لۇغىتى،مىللەتلەر نەشرياتى،بېيجىڭ،2007،7-ئاي نەشرى

ئەسلى مەنبە: ”سىھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق توپلام

 

 

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3816

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-06-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 2دانە
  1. بۇ ماقالە قاچان يېزىلغان بولغايتى؟ يەنە ئاپتور توغۇرلۇق مەلۇمات بەرگىلى بولارمۇ؟؟؟ ماقالىنىڭ ئەسلىي مەنبەسىنىمۇ ھەم………….

    • بۇ ماقالە 2012-يىلى 10-ئايدا بايىنغۇلىن لوپنۇر ناھىيەسىدە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلغان، ھەمدە مۇشۇ يىغىندىكى ماقالىلەر 2013-يىلى يىل ئاخىردا «سېھىرلىك لوپنۇر» دېگەن نام بىلەن شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئاپتۇرنىڭ ئادىرىسى ماقالىنىڭ باش قىسمىدا ئېنىق بېرىلگەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: