”سەھرا چىراي“دىن ”ئۇيغۇر چىراي“غا …

ۋاقتى: 2011-07-20 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 4,849 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

”سەھرا چىراي“دىن ”ئۇيغۇر چىراي“غا …

 

ئادەملەر زادى قاچاندىن باشلاپ بىر بىرىنى ياراتمايدىغان،كەمسىتىدىغان بولۇشقا باشلىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئىللەت ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلگەن بولىشى مومكىن.كىشىلەردىكى بىر-بىرىنى ياراتماسلىق ۋە كەمسىتىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدا گەپ يوق.دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنە شۇ بىر-بىرىنى ياراتماسلىقتىن،بىرى يەنە بىرىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن كېلىپ چىققان.ناۋادا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كىشى قايسى دۆلەت ۋە مىللەتكە تەۋە بولىشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلارنى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلسا،دۇنيانىڭ ھەققىي مەنىدىكى گۈزەللىكىنى كۆرەلىگەن بولاتتۇق.ئەپسۇس،ئىنسان گەرچە تەپەككۇرغا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇق بولسىمۇ،لىكىن تەبىئىتىدە يەنىلا ھايۋانات خاراكتىرى بولغاچقا،ھازىرغا كەلگۈچە بۇ گۈزەللىكتىن مەھرۇم ھالدا ياشاپ كەلمەكتە.

سەھرا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ياشىغان جايى،ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاشۇ گۈزەل سەھرالاردىن ئۆز نىسىۋىسىنى تېپىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.ھازىرقى شەھەرلەر بولسا ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ،مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ئاندىن پەيدا بولغان.گەرچە ھازىر ئادەملەر يېزىلارغا قارىغاندا شەھەرلەردە ياشاشنى بەكرەك ئارزۇ قىلسىمۇ،سەھرالار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يەۋاتقان يېمەكلىك،ئىچىۋاتقان ئىچىملىك،كىيىۋاتقان كېيىم –كېچەكلەرنىڭ ھەممىسى سەھرالارنىڭ بىزگە بەرگەن نىممىتى.سەھراسىز ھاياتلىقنى تەسەۋۇر قىلىش مومكىن ئەمەس.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا،سەھرالار ئىنسانلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا،ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىشقا مۇناسىپ.لىكىن كىشىلەر نىمىشقىدۇر شەھەرنى سەھرادىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.بەلكىم بۇ ئىنساندىكى تۇزكورلۇق پىسخىكىسىنىڭ ئاشكارلىنىشى بولسا كېرەك.بۇ خىل ھالەتنى ئەجداتلىرىمىز“تۇزىنى يەپ،تۇزلۇقىنى چاقماق“دېگەن ھېكمەتكە يىغىنچاقلىغان.نۇرغۇن شەھەرلىكلەرنىڭ“يېزىلارمۇ شەھەرلەردەك بولسىكەن“دېگەندەك ئىدىيىسى كۈچلۈك.ئۇلار شەھەرنى يېزىلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە شەھەردە يېزىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر بار.بۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.لىكىن بىز ھەممە يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلساق،بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ھالاك قىلىشنى ئارزۇ قىلغىنىمىز بىلەن باراۋەر.بۇ يەردە مۇنداق بىر چۆچەكنى قىسقىچە قىستۇرۇپ ئۆتەي.

  بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن،ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشكە ھەددىدىن زىيادە ئامراق ئىكەن.ئالتۇن كۈمۈشنى ئۆز يېنىدىكى بالا-چاقىلىرىدىن،ئۆز دۆلىتىدىكى ئادەملەردىنمۇ چارە كۆرىدىكەن.بىر كۈنى ئۇ خىيالىدا ”ئەي،خۇدا مەن نېمىنى تۇتسام شۇنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بەرسەڭ“دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.خۇدا ”بولىدۇ،مەن سېنىڭ تەلىپىڭنى ئىجابەت قىلدىم“دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.پادىشاھ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ.ئۇ ئورنىدىن سەھەر ئويغىنىپ قارىسا يېنىدا سۈرەتتەك چىرايلىق ئايالى ياتقۇدەك،پادىشاھنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋىسى كېلىپ،ئۇنى شۇنداق تۇتقان ئىكەن،ئايالى دەرھال ئالتۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ.ئۇ شۇنداق چۆچۈپ كېتىپ،كارۋىتىنى تۇتۇپتىكەن،كارۋاتمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ.ناشتا قىلاي دەپ ناننى تۇتۇپتىكەن نانمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ.ئۇسساپ گېلى قۇرۇپ،چاي ئىچىش ئۈچۈن پىيالىنى قولىغا ئاپتىكەن.پىيالىمۇ،چايمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ.دەل شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئەڭ ئومراق مەلىكىسى كېلىپ قاپتۇ.ھەمدە دادىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقماقچى بوپتۇ.دادىسى ئۇنى شۇنداق قۇچىقىغا ئېلىشىغا قىزى ئالتۇن ھەيكەلگە ئايلىنىپ قاپتۇ.بۇنى كۆرگەن پادىشاھ شۇچاغدىلا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىپتۇ.

  بۇ يەردە پادىشاھنىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى،ئۇنىڭ ئۆز ئەتىراپىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرگە ئېتىبارسىز پوزىتسىيەدە بولغانلىقىدا.ناۋادا شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر يېزىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئەنە شۇنداق بىر خىل تۆۋەن كۆرۈش ھەمدە“ياندىكى كاسىپنىڭ قەدىرى يوق“دېگەندەك پوزتسىيەدە بولساق، پادىشاھنىڭ كۈنىگە قېلىپ،پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكىشىمىز ئېنىق.بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز يېزىلارنى،يېزىلاردىكى دېھقانلىرىمىزنى ھامان ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۈپ كەلدى.ئۇلارنى قالاقلىقنىڭ ۋەكىلى،ھېچنېمە ئۇقمايدىغان كىشىلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ،نۇرغۇن ئېتوتلاردا ئۇلارنىڭ ساددا،ئاقكۆڭۈل،سەمىمىيلىكىنى كۈلكە پەيدا قىلىدىغان قۇرال قىلىۋالدى.ئادەتتە،سۆزلەش قابىلىيىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس،سەمىمىي كىشىلەرنى“سەھرالىقتەك گەپ قىلىدۇ“.كىيىۋالغان كىيىملىرى قاملاشماي قالسا،“سەھرالىقتەك كىيىنىۋاپتۇ“دېگەندەك كەمسىتىش خاراكتىردىكى تەڭلەشتۈرۈشلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى.شەھەرلىكلەر جەمىيەتىنىڭ تەرەققىياتىنى ھامان زىيالىلارنىڭ تۆھپىسى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلدى.دېھقانلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.

ئەمىلىيەتتە قارايدىغان بولساق،ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆز ئېتوتىدا دېگەندەك“دېھقانلىرىمىز بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى،تىلىمىزنى ساقلاپ كەلدى“.ئۇيغۇر دوپپىلىرى،ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى،ئۇيغۇر ئېتىقاد ئادەتلىرى،ئۇيغۇر ئەخلاقى-پەزىلەتلىرى،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى پەقەت دېھقانلىرىمىز تەرىپىدىنلا خېلى جانلىق ھالدا ساقلىنىپ،كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرلۇپ كېلىۋاتىدۇ.ئۆز مەدەنىيىتىگە،ئۆرپ-ئادىتىگە ۋە تىلىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدىغانلار يەنىلا“ھەممىنى بىلگۈچى“بىز شەھەرلىكلەردىن چىقىۋاتىدۇ.يالغۇز ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس،ئۆز مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈشمۇ يەنە شۇ شەھەردە ياشىغۇچى زىيالىلىرىمىزدىن چىقىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەش قىلىپ سۆزلەيدىغان،ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ياراتماي ئالىقانداق مالاچۇەرخانىلارغا يۈرگرەۋاتقان،ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۇچىسىغا كىيىشتىن ئۇيۇلىدىغان كىشىلەر يەنىلا بىز شەھەرلىكلەركەنمىز.

بىر كۈنى ئايالىم ئىككىمىز بالىمىزنى ئېلىپ،شەھرىمىزدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان بىر سودا بازىرىغا بېرىپ،بىرمىللىيچە كېيىم-كېچەك ساتىدىغان دۇكانغا كىردۇق،ئايالىم بىر ئۇزۇن يەڭ كۆينەكنى كىيىپ باقماقماقچى بولۇپ،كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.شۇ چاغدا دۇكانغاكۇساركۇ كېيىۋالغان،چاچلىرىنى ئاتقۇزىۋالغان ئىككى قىزچاق كىرىپ كەلدى.ھەمدە دۇكاندىكى كىيىملەرگە مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن بىرى يەنە بىر سىگە:

-ئاداش بۇ دۇكاندىكى كىيىملەر ھەجەپمۇ سەرا(سەھرا)چىرايكىنا،بىكار ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلىپ كەپتۇق.يەنىلا شىياۋكاڭچىڭدىكى جۇەنمەيدەنگە بارغىنىمىز ياخشىكەن-دېدى.

-شۇنى دېگىنە،سەرا چىراي ئەمەس ئاداش.ئۇيغۇر چىراي.دېدى يەنە بىر بىر خىل مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا.

كۆز ئالدىمدىكى قاراقاش،قارا كۆز،زۇۋانى ئۇيغۇرچە چىقىۋاتقان بۇ قىزلىرىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئۇلارغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قاپتىمەن.پەقەت ئايالىم چىقىپ،“كۆينەك ياراشتىمۇ؟“دېگەن چاغدىلا ئاندىن ئېسىمگە كەلدىم.ئۇلارغا ھەقىقەتەن باھا بېرىشنى بىلمەي قالدىم.بۇرۇن“ھەجەپ سەھرا چىراي كىيملەرنى كىيىۋاپسەن“دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا،نېمىشقىكىن نورمال پاراڭ ھېسابىدا قاراپ ئۆتكۈزۋىتىپتىكەنمەن.ئەمدىلىكتە“سەھرا چىراي“نىڭ“ئۇيغۇر چىراي“غا تەرەققىي قىلىشى مېنى بۇ مەسىلىدە ئويلىنىپ بېقىشقا قىستىدى.ئەلۋەتتە بۇ گەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئىككى قىزچاق ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلاللىشى ناتايىن.لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە ئۇچۇق-ئاشكارا قىلغان ھاقارەت سۆزى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مودا گېپىگە ئايلىنىشى مومكىن.بۇ خۇددى ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەش قىلىپ سۆزلەشنى موددا قىلغاندەكلا بىر ئىش.

ئاخىردا سەھرانى ۋە سەھرالىقلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلىرىمىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقانلىق“شىر چۇرۇقنى قۇرۇتقانلىق“،“شىر چورۇقنى قۇرۇتقانلىق“ ئۇچۇشنى بىلىپ،چۈشۈشنى بىلمىگەنلىك.چۈشۈشنى بىلمىگەنلىك ئاخىردا ئۆز-ئۆزىنى قەدىرسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق.بىز ئۆزىمىزنىڭ قەدىرلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدكەنمىز باشقىلارنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك.ئەڭ موھىمى ئۆزىمىز تەۋە بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلاپ قالايلايمىز،باشقىلارمۇ بىزنىڭ خاسلىقىمىزنى،ئارتۇقچىلىقىمىزنى كۆرگەندىلا بىزگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ.

 

2009-يىلى3-ئاينىڭ28-كۈنى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئۇيغۇرتېكىن
    2011/08/15 06:00:40

    ئېسىل يازما بوپتۇ، لوپنۇرى بلوگىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل، تېتىملىق ئەسەرلەرنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. :lol:

    • lopnuri
      2011/08/15 09:09:51

      كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى،ئۇزاق بوپتۇ تور يۈزىدە ئۇچىراشمىغىلى. بىلوگىڭىزنى بىر مەزگىل تاقاپ قويغان ئىدىڭىز.ھازىر يەنە ماڭدۇرۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ پات-پات كېلىپ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif