كروران ۋە كورلا

ۋاقتى: 2011-09-02 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 146 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

كروران ۋە كورلا 

غالىب بارات ئەرك

كروران ۋە كورلا  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان  قەدىمكى شەھەر ۋە ھازىرقى زامان شەھىرى.    كروران قەدىمكى بىر شەھەرنىڭ ۋە شۇ شەھەرنى مەركەز قىلغان بىر دۆلەتنىڭ نامى بولسا،كورلا زامانىمىزدا تېز گۈللىنىۋاتقان، مەملىكەت بويىچە «جەلپكار شەھەر»دەپ نام ئالغان،قەدىمىي يۇرتنىڭ،ياش شەھەرنىڭ،شۇنداقلا بايىنغولىن موڭغۇل  ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سىياسىي،ئىقتىساد مەركىزىنىڭ نامى .

كروران : بۇ قەدىمكى شەھەر چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان،ھازىر كروران شەھىرى دەپ قارىلىۋاتقان  قەلئەنىڭ كونكىرىت ئورنى شەرقىي مېرىدىئان 22  55° 89  قا ،شىمالىي كەڭلىك  55  29° 40 قا جايلاشقان. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،كروران شەھىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2– ئەسىردىن بۇرۇن قۇرۇلغان،شۇ ۋاقىتلاردا كروران   دۆلىتى (تازا كۈچەيگەن چاغلاردا ھازىرقى چاقىلىق،چەرچەن،نىيا ناھىيىلىرىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم   زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،گەرچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77–يىلىدىن باشلاپ خەنزۇچە يازمىلاردا چەرچەن دېيىلگەن    بولسىمۇ قارۇشتى يېزىقىدىكى يازمىلاردا يەنىلا كروران دەپ يېزىلغان)مۇ مەۋجۇت بولغان. كروران شەھىرى دائىرىسىدىن     تېپىلغان يازما پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى يىل دەۋرى مىلادىيە 330– يىلى بولۇپ،بەزى ئالىملار مۇشۇنى ئاساس قىلىپ بۇ شەھەرنى 4–ئەسىردە ۋەيران بولغان،دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار باشقا يازما ئۇچۇرلارنى مۇلاھىزە قىلىپ،بۇ   شەھەرنى مىلادىيە5–ئەسىرلەردە ۋەيران بولغان، دەپ قارايدۇ. مەيلى بۇ شەھەر قاچان قۇرۇلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،كروران شەھىرىنى مەركەز قىلغان لوپ رايونىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئاھالىلەر ياشاپ كەلگەن. ئارخېئولوگلار تاپقان تاش قوراللار مۇندىن 6 ~ 7 مىڭ يىللار بۇرۇنلا بۇ رايوندا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى مۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى ئاھالىلەرنى،قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغىدىن تېپىلغان«كروران گۈزىلى» 3800 يىللار بۇرۇنقى ئاھالىلەرنى نامايان قىلىپ بەردى. مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،كروراننى مەركەز قىلغان رايون– تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياغ ئېقىنى-ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن ۋە قەدىمىي يۇرت بولۇپلا قالماي،يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان بەلۋاغ ھېسابلىنىدۇ . ئارخېئولوگلارنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى قېزىش ۋە تەكشۈرۈشلىرىدە بايقالغان نەچچە ئون تارىخىي ئىزنا،بۇ رايوننىڭ قەدىمدە گۈللەنگەن نۇرغۇنلىغان شەھەر – بازارلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

كروران نامى خەنزۇچە كلاسسىك ئەسەرلەردە 楼兰 دېگەن جاي نامى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۋېتسىيلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، دوكتۇر سېۋىن ھېدىن 1900– يىلى لوپلۇق ئۆردەكنىڭ ۋاستىسى بىلەن كروران خارابىسىنى تونۇشى ھەم كېيىنكى يىلى قېزىپ تەكشۈرۈشى بىلەن، كروران شەھىرى دۇنياۋى قىزغىنلىق قوزغىدى. شۇندىن بۇيانقى بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ   شەھەرنى خېلى كۆپ ئارخېئولوگ،ئالىملار قازدى ۋە تەكشۈردى،نەتىجىدە بۇ يەردىن تېپىلغان خەنزۇ يازمىلاردىن 13 پارچىدىن ئارتۇقىدا (ھېرمان، 1931- يىلى «كروران»)楼兰 دېگەن جاي نامى كۆرۈلگەن. بۇندىن باشقا ئەينى ۋاقىتتىكى كروران   ئېلىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە krorayina،a krorain، krora’ina دېگەن نام كۆرۈلگەن. قارۇشتىشۇناس،كرورانشۇناس لىن مېيسۈننىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا («كروران » 1999) ، 2- ئەسىردىكى گرېك  ئالىمى پتولمىينىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدە Khauranai دەپ يېزىلغان بولسا،ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ داڭلىق سودىگەرلىرى بولغان سوغداقلارنىڭ يېزىقىدا Krwr ‘n  دەپ يېزىلغان. ئالىملار مۇشۇنداق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن،楼兰 بىلەن krora’ina نى بىر نامنىڭ ئىككى خىل يېزىقتىكى خاتىرىسى دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى،قايسىسى قايسىسىنىڭ    ئاساسى دېگەن مەسىلىگە تېخى جاۋاب تېپىلمىدى،كۆپىنچە ھاللاردا ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنىڭ مەنبەسى دېيىلگەن. گەرچە ھازىرغىچە 楼兰 دېگەن نامنىڭ مەنىسى يېشىلمىگەن بولسىمۇ،گېرمانىيىلىك ئالىم ئالبېرىت ھېرمان «كروران » ناملىق كىتابىدا قارۇشتى يېزىقىدىكى krora’ina «شەھەر» دېگەن مەنىدە دېگەن يەكۈننى چىقارغاندىن كېيىن،بەزى   ئالىملار قوبۇل قىلدى. يەنە بەزى ئالىملار بۇ نامنى «تۇپراق» (مېڭ فەنرېن «كروراننىڭ يېڭى تارىخى» 1990) دېگەن   چۈشەندۈرۈشلەرمۇ بولدى. بۇ نامنى ئوقۇشتا خەنزۇچە يېزىلىشىغا تارتىپ k تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلماي،«روراينا» دەپ تەلەپپۇز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ بار ، لېكىن ئۇيغۇر (قۇربان ۋەلى ۋە باشقىلار) ۋە خەنزۇ ئالىملار (مېڭ فەنرېن، لېن  مېيسۈن …) قاتارلىقلار بۇ نامنى 库罗来纳 ياكى 克楼拉因  دەپ ئوقۇغان،بۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن،قارۇشتى يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىدە kr تاۋۇشىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 كورلا : جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىۋاتقان شەھەر بولۇپ شەرقىي مېرىدىئان 12° 85 ~  ´27° 86 ، شىمالىي كەڭلىك  14° 41 ~ 14° 42 قا جايلاشقان،شەرقتىن غەربكە 127 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 105 كىلومېتىر،ئومۇمىي كۆلىمى 7116.9 كۇۋادرات كىلومېتىر. كورلا شەھىرى رايونىمىزدىكى بىر قەدەر قەدىمىي يۇرتلاردىن بىرى     ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادىيەدىن سەل بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،  كورلا شەھىرى دائىرىسىدە 13 جايدا تارىخىي ئىز بايقالغان، بۇلاردىن تۆت جايدىكىسى قەبرىستانلىق،توققۇز يەردىكىسى        خارابىلىقتىن ئىبارەت. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق،مىلادىيەنىڭ بېشىدىن 10–ئەسىرگىچە بولغان  ئارىلىققا مەنسۇپ ئىزلاردىن ئاقدۆڭ تۇر،قوشدۆڭ تۇر، 29– پولك خىش زاۋۇتى يېنىدىكى خارابە ۋە شۇ   ئەتراپتىكى مازار،سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىغا يېقىن قەبرىستانلىق ۋە ئۈزگەن شەھەرچىسى بار. مىلادىيە 1–ئەسىردىن 10–ئەسىرلەر-گىچە بولغان ئارىلىقتا كورلا شەھىرى دائىرىسىدە ياشىغان كىشىلەردىن قالغان ئىزنالاردىن يەنە شاغالدۆڭ شەھەرچىسى (7-10– ئەسىرلەر) ،توبرىچى شەھەرچىسى (7-10– ئەسىرلەر) ،ئۈستۈن چاچىدىكى تۇر،باشئەگىم    ئېلېكتر     ئىستانسىسىنىڭ شىمالىدىكى قەبرىستانلىق (8- 14- ئەسىر) ،سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئائىلىلىك قورۇسىنىڭ بىر   كىلومېتىر شىمالىدىكى خارابە ئىزى،شاھىقەلەندەر (ھازىر شاھ قەلئە دەپ ئاتاش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ،مىلادىيەنىڭ    بېشىغا مەنسۇپ خارابە) قاتارلىقلار بار . چەرچىدىكى تۇر ۋە كۆنچى مازىرىم يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئىزنالىرى ھېسابلىنىدۇ .

تارىخىي ماتېرىياللارغا قارايدىغان بولساق،كورلا نامى بىلەن يېقىنراق بولغان يەر نامى «خەننامە»دىكى  渠梨国 بولۇپ، كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۇنىڭغا، چېدىر بەگلىكى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك . ئورنى  ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ  دەپ  ئىزاھات بېرىلگەن. «خەننامە»دىكى ئۇچۇردا ئېيتىلغان 渠梨 بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، كورلا نامىنىڭ ئەڭ  ئىپتىدائىي شەكلى ئىكەن. تارىخچى سېن جوڭميەن بۇ ھەقتە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، 渠梨نى“كورلا“غا  تەلەپپۇز جەھەتتىن  يېقىن كەلسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇساپە جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراپ،بۇلارنىڭ بىر جاي ۋە بىر نام ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالىم بۇ  ئىككى خەتنى قەدىمكى تەلەپپۇزى بويىچە [g‘iwoliei] دەپ ئوقۇغان ۋە ئېتىمولوگىيىسىنى      سوغداق نامى دەپ قارىغان. ئالىمنىڭ قارىشىچە،渠梨ئەسلىدە سوغداقلارنىڭ نامى Suguda دىن guda > gula  بولۇپ ئۆزگىرىشى بىلەن Su قىسقىراپ gulaغا ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭ بايانىدا ‹‹ خەننامە ئۇچرايدىغان 渠梨 غەربىي يۇرتتىكى غۇز () مەملىكىتىنىڭ نامى دېگەن باياننى شىپى كەلتۈرگەن ھەمدە غۇز ()نى سوغداق دەپ قارىغان. بىز渠梨  نامىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى ئۈستىدە داۋاملىق  ئىزدىنىدىغان بولساق خېتى قەدىمكى  دەۋردە  [а] ( ھېنرى ماسپېرونىڭ    تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ خەت 7-، 8– ئەسىرلەردە gj’i∂]] دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان،لېكىن ياپونچىغا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلغاندا  kijo ~ kyo دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان)، [liei] دەپ ئوقۇلىدۇ، قوشۇپ  يازغاندا  渠梨  [gаliei] ياكىkyoliei بولىدۇ ، بۇلارنى قوشۇپ ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق كىيولە ياكى كولە   بولىشى مۇمكىن. تارىخشۇناس يۈ تەيشەن渠黎 [ [gia-lek،渠梨  [ gia-lyei] دەپ ئوقۇغان. ئۇنداقتا بۇ جاي نامى بۈگۈنكى كۈندىكى  كورلا  نامىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى     تەلەپپۇز خاتىرىسىمۇ ؟بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. يەنى بىر قىيىن مەسىلە مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا يەر ناملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئىككى خەتلىك تەرجىمە پرىنسىپ قىلىنغان.

13 – ئەسىردىكى يازمىلاردا坤闾دېگەن يۇرت نامى زاھىر بولىدۇ .坤闾دېگەن ئىككى خەت ئوتتۇرا ئەسىردە[lĭo k‘uæn] دەپ ئوقۇلغان. ھېنرى ماسپېرونىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانساق، خېتى 7-، 8–ئەسىرلەردە [ǎn k’u] دەپ  ئوقۇلغان،بۇ خەت ياپونچىغا ئۆز دەۋرىدە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنغانداkon بولغان. بىز بۇ نامنى ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق  كۆنلۆ ياكى كۆنرۆ  بولىشى مۇمكىن ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ”ك“ تاۋۇشىدىن كېيىن“ ئو“ تاۋۇشى كەلمىگىنى ئۈچۈن“ ئۆ“ تاۋۇشى دېيىلدى) ، بۇلار  كۆرلۆ ~ كۆرلە نامى  بىلەن تامامەن يېقىن كېلىدۇ. بىز مۇشۇ مۇھاكىمىمىزدە كورلىنىڭ مىلادىيە 13– ئەسىردىن بۇرۇنقى بىر قەدىمىي يۇرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ”كورلا“نامىنىڭمۇ 13– ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ نام ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. يۈەن سۇلالىسى تارىخىغا قارىغاندا كۈلبەگ قۇچ 1223- يىلى كورلا (坤闾) شەھىرىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن.

. يۈەن سۇلالىسى تارىخى . شايبان تەزكىرىسىدىكى 坤闾 دىگەن جاينىڭ قەيەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى مەسىلىسىدە،‹‹جۇڭگو تارىخى ئاتلىسىدا ناھايىتى ئېنىق ھالدا ھازىرقى كورلا شەھىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى يېزىلغان. تەتقىقاتچى ليۇ يىڭشېڭ يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە جاي ناملىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى ناملىق ماقالىسىدە بۇ قاراشنى قوللىغان، كۆپىنچە تەتقىقاتلارچىلار مۇشۇ قاراشتا .

1763– يىلى كىتاب قىلىپ تۈزۈلۈپ بولغان“غەربىي دىياردىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى“ دېگەن كىتابنىڭ 2– جىلدىدا كورلا نامى 库陇勒(چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كورونكلەر دەپ يېزىلغان، ئېھتىمال موڭغۇل تىلىنىڭ   ياكى خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىدە شۇنداق بولغان بولىشى مۇمكىن) دەپ يېزىلغان.

مىر سالىھ كاشغەرىي  كۆچۈرگەن 17- ئەسىردىكى ‹‹ كاشغەر تارىخى (چىڭگىزنامە) نىڭ نەشرى نۇسخىسىدا،  «كورلە دەپ ترانسىكرىپىسىيە قىلىنغان،ئەينى ۋاقىتتا“ ئو“ۋە ”ئۆ“ تاۋۇشلىرىنىڭ بىر خىل بېسىلغانلىقى ۋە“ئە“ تاۋۇشىنىڭ   ماسلىشىشچانلىقىنى ھېسابقا ئالغاندا، نەشرىگە تەييارلىغۇچى–تارىخچى ھاجى نۇر ھاجى-«كۆرلە» دەپ ئوقۇغان بولۇشى       مۇمكىن .

ئۇيغۇر شائىرى ئاشۇراخۇن غەرىبىي 19- ئەسىردە يازغان «ئەمىر ئالى» ناملىق تارىخىي داستانىنىڭ قوليازمىسىدا «كورلا، كورليغە» دەپ يېزىلغان.

ئۇيغۇر ئالىمى مۇسا سايرامىي (1836-1917) 1908– يىلى يېزىپ تاماملىغان  تارىخى ھەمىدىينىڭ ئالىم ئۆز قەلىمى  بىلەن كۆچۈرگەن قوليازمىسىدا  كورلا دەپ يېزىلغان. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى،دوكتور،پروفېسسور ئابدۇرەئۇپ     پولات تەكلىماكانىي «تارىخى ھەمىدىي» قوليازمىسىدىكى نامنى «كورلا» دەپ ھازىرقى تىل بىلەن ئوخشاش ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ( تېلېفون زىيارىتى). بۇ كىتابنىڭ ئەنۋەر بايتۇر تەييارلىغان نەشرى نۇسخىسىدا «كورلا» دەپ ئېلىنغان.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، كورلا نامى 19–ئەسىرلەردىلا ھازىرقى تىلىمىزدىكى تەلەپپۇزى بىلەن قېلىپلىشىپ بولغان،لېكىن قىسمەن ئەھۋالدا ياكى يات تىل يازمىلىرىدا kørlø،  kurlä، korla، kurle،kurla  ، kørlä دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى ساقلىنىپ قالغان،ھازىرقى تەلەپپۇزىنى خاتىرىلىسەكla Kōr (ئو تاۋۇشى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) بولىدۇ. يۇقىرىقى پاكىتلارغا   قارىغاندا،كورلا نامى مىلادىيەنىڭ بېشىدىلا مەۋجۇت بولغان بولىشى مۇمكىن (渠黎 نامى تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلىشىدۇ)، 13–ئەسىردە يېزىلغان  坤闾 كورلا نامىنىڭ تەلەپپۇز خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى كۆپلىگەن ئالىملار مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار يۇرت نامىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە «كورلا» دېيىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىسا ، زامانىمىزدىكى تەلەپپۇزى بۇ نامنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ  la Kōr دەپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىدىن بېشارەت         بەرمەكتە. شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى،بۇ يۇرت  كېيىن دېگەندىمۇ 11- ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھازىرقىغا ئوخشاش   كورلا، دېيىلگەن. مەن «كروران » ژۇرنىلىنىڭ 2006 – يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان «كورلا نامى ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالەمدە ناھايىتى تەپسىلىي مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزگەن ئىدىم،بۇ ھەقتە قىزىزققۇچىلارنىڭ شۇ ماتېرىيالغا مۇراجەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   

كروران ۋە كورلا ناملىرىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ گەرچە كۆنچى دەرياسى ۋە ئۇنى بويلاپ ماڭغان كارۋان يولى بۇ    ئىككى يۇرتنى قەدىمدە (مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا) تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىلا بولغان، بىر – بىرىگە بېقىنىش مۇناسىۋىتى بولمىغان. ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش،يۆتكىلىش تارىخىدىن ئالغاندا ھېچ بىر مەنبەدە،كروران     ئاھالىلىرىنىڭ كورلا رايونىغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، پەقەت ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرى لوپ ۋە كىتىك ۋەيران      بولغاندىلا بىر بۆلۈك ئاھالىنىڭ  تارىم دەرياسىنى بويلاپ، 14– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن كورلىغا قەدەم باسقانلىقى      مەلۇم،بۈگۈنكى كۈندىكى لوپئېرىق ۋە كىتىكلەر كەنتى شۇ كۆچۈشنىڭ گۇۋاھىدۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا كروران ۋە كورلا ناملىرى مىلادىيەنىڭ بېشىدىلا مەۋجۇت ئىدى. كروران شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ تىلىدىكى نامنىڭ سانسىكىرىتچىلاشقان   شەكلى خالاس، مۇنداقچى ئېيتقاندا krora’ina دىن ئىبارەت بۇ نامنىڭ سانسىكىرتچىلاشمىغان شەكلى قانداق ئىدى؟krora مۇ ؟ بۇ داۋاملىق ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە. ناۋادا سانسىكىرتىچىلاشمىغان شەكلى krora بولسا ئۇ ھالدا       la Kōr بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟ مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ ئىككى نامنىڭ بىرى يەنە بىرىنى مەنبە قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئەمما بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك،قارۇشتى يېزىقىدىكى كروران مەيلى شەھەر ياكى زېمىن دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلاتسۇن،ئومۇمىي ئىسىملار قاتارىغا كىرىدۇ،خاس ئىسىم ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا،ھەر ئىككى جاي   ئەينى ۋاقىتتا شەھەر دەپلا ئاتالغان بولىشىمۇ مۇمكىن،بۇنىڭلىق بىلەن كورلا نامىنى كروران نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن    دېيىشكە بولمايدۇ . ئېيتىش مۇمكىنكى،كروران ۋە كورلا مەيلى تارىخىي نۇقتىدىن قارايلى،جۇغراپىيىلىك ياكى تىل نۇقتىسىدىن قارايلى،باشقا–باشقا يۇرت،ئۇلارنىڭ ئايرىم–ئايرىم ناملىرى بولغان،بىرى يەنە بىرىنىڭ نامىنى مەنبە قىلمىغان.

 

مەنبە:چاقىلىق مۇنبىرى غالپ بارات ئەرك مەخسۇس سەھىپىسى

 

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif