باش كىيىم،مەكتەپ ۋە ئەنئەنە (سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-08-24 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 150 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

باش كىيىم،مەكتەپ ۋە ئەنئەنە

 

”ياغلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ يۈز ئىتىشى تەدىرىجى ئادەت تۈسىنى ئالغان. چۈنكى ئىسلام دىندا ئاياللار يات ئەرلەرگە كۆرۈنسە ”نامەھرەم“ دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىشى ئىسلام دىننىڭ بۇ قائىدىسىگە ماس كەلگەچكە، ئۇيغۇر فىئودال دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرى ئۇنى ئۆز ئېھتىياجىغا بوي سۇندۇرۇش يۈزسىدىن ئاياللارنىڭ ياغلىقتا، يۈزىنى ئىتىشىنى كۈچلۈك تەرغىپ قىلغان. ھەتتا يۈزىنى ئەتمەي تالا-تۈزگە چىققان ئاياللارنى دەررىلەشتەك زورلۇق ۋاستىلەرنىمۇ ئىشقا سالغان. بۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا يۈزىنى ئېتىش تەدىرىجى مىللي ئادەت تۈسىنى ئالغان. (ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللانىڭ ئۇيغۇر ئېتنۇگىرافىيسى ناملىق كىتابىنىڭ 179-بېتىدىن ئېلىندى)“

  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىش ئەنئەنىسى بۇنىڭدىن 1000يىل بۇرۇن باشلىنىپ، تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن، ئالىقاچان مىللىي ئۆرپ ئادەت تۈسىنى ئالغان بىر ئىجتىمائى ھادىسە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ياغلىق چىگىپ يۈرىشىنى بىز ياشاۋاتقان تەبىئى جۇغراپىلىك شارائىتمۇ بەلگىلىگەن. چۈنكى شىنجاڭ ھاۋا كېلىماتى جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، بىر قەدەر قۇرغاق، بەزى رايۈنلاردا ھۆل-يىغىن كەمچىل، قار ياكى يامغۇر يېغىشنىڭ ئورنىغا قۇم توپا ياغىدىغان ھاۋارايى دائىم كۆرىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭىلاشقا ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنى پاكىز تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ بېشىغا دائىم ياغلىق سېلىپ يۈرۈيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئاياللار دائىم ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەيلى ئۆي تازىلاش جەھەتتە بولسۇن ياكى تاماق ئېتىش جەريانىدا بولسۇن ياغلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى، تاماق ئېتىش جەريانىدا تاماققا چاچنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئۇيغۇرلاردا يامان ئېلىنىدۇ. تاماقنى يالاڭباش يېيىش ياكى ئۆرە تۇرۇپ يىيىشمۇ ئۇيغۇرلار پەرھىز قىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم بولغان مۇراسىملارغا، ھەرخىل مەشرەپ مۇراسىملىرىغا، مىھماندارچىلىقلارغا ياغلىق ئارتماي بېرىشى ساھىبخانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىلىپ، باشقىلار تەرپىدىن ئەيىبلىنەتتى. دەۋىرنىڭ تۈرلۈك خىرىسلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان بۇنداق ياخشى ئادەتلىرىمىز بارا-بارا يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە ياكى سۇسلىشىپ بارماقتا.

 شۇنداق بولغاچقا ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىسى بىر تەرەپتىن دىنى ئەھكاملارغا رىئايە قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ كېلىۋاتماقتا. بىز ئابدۇرىھىم ھەبىبۇللانىڭ ياغلىق ھەققىدىكى بايانىدا ئېيتىلغان ”مىللى ئادەت تۈسىنى ئالغان“ دېگەن سۆزىنى سەل چاغلىساق بولمايدۇ. چۈنكى بىر ھادىسە مىللى ئادەت تۈسىگە ئىگە بولغانىكەن. ئۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ ماڭىدىغان خاراكتىگە ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى. لىكىن ياغلىق ئارتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەخسۇس ئىسلام دىنىغا رىئايە قىلغۇچىلارنىڭ  بەلگىسى سۈپىتىدىلا قارىلىپ بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن.

 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئايرىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەۋىج ئالغان ھەممە نەرسىلەرگە بىر خىل قورقۇش، ئەنسىرەش نەزىرى بىلەن قارايدىغان پىسخىك كېسەللىكلەرنىڭ نەتىجىسىدە مىللىيچە كىيىم كىيىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، پىچاق ئېسىش، ياغلىق چىگىشقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت تۈسىنى ئالغان ئىشلار دەرىجە جەھەتتىن كۆپتۈرلۈپ، نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ ۋە بىمەنە، كۆلكىلىك ئىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى. داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئۆزىنىڭ ”بۇرۇت ماجىراسى“ دېگەن كومىيىدىلىك ئەسىرى ئارقىلىق بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قامچىلىغان، كىشىلەرنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. لىكىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يەنىلا ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى توغرا قۇبۇل قىلالمايدىغان، توغرا چۈشىنەلمەيدىغان، ئۆز سايىسىدىنمۇ ئۆركۈپ يۇرىدىغان بېلىكوپچە كىشىلىرىمىز تەرپىدىن كونىلىق، خوراپىيلىق، دىنغا ئىشەنگەنلىك دەپ قارىلىپ تا بۈگۈنگىچە بەزى پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇن قانۇنلار ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشكە ئاشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ باشقىلار شەپكىسى ئەكەل دېسە، بىز نېمىشكە تىرىشچانلىقىمىزنى چەكتىن ئاشۇرۇپ بېشىنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئۇرۇنىمىز؟ بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئوبدان ئويلىنىپ كۆرىشىگە مۇناسىۋەتلىك موھىم ھالقا. تۆۋەندە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھىكايىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.

بالام تۇغۇلۇپ ئايىغى چىققاندىن كىيىن، ئۇنى دائىم مەھەللىدە ئويناتقىلى ئاچىقاتتىم. مەن بۇ مەھەللىگە كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، بالامنى بۇ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئوينىتىش جەريانىدا كىچىك دوستلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئوغلۇممۇ پەسكە چۈشۈپ ئويناشقا بەك ئامراق ئىدى. كاللامدا شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىر كۈنى ئوغلۇم ئاغرىپ قالغاچقا مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ ئۆيدە بالامغا قارىدىم. بالام ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا، دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلار بولغان ۋاقىت بولغاچقا، بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە كەتكەن ۋاقىت ئىدى. مەھەلىمىزنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىكى گۈللۈكتە ئۆسكەن ياپ-يېشىل ئوت-چۆپلەرنى تاماشا قىلغاچ كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىككى ياش ئەتىراپىدىكى ئۇكىسىنى ئوينىتىپ يۈرگەن، بېشىغا قارا ياغلىق ئارتىۋالغان 10 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىزچاققا چۈشتى. بۇ قىز ئوغلۇمنى ئويناتقىلى ئەچىقسام دائىم يۈگرەپ كېلىپ ئۇنى ئوينىتىپ كىتىدىغان ناھايىتى ئوماق بىر قىز ئىدى. نېرۋىلىرىم تۇيۇقسىز بۇ قىزچاق نېمىشقا مەكتەپكە بارمىغاندۇ؟ دېگەن خىيالنى چاقماق تېزلىگىدە پەيدا قىلىپ، بۇ سۇئالغا يەنە چاقماق تېزلىكىدە ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا تولغان جاۋاپلارنى بېرىپ ئۆتتى. شۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم مەكتەپتىن بالدۇر قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئۇ قىزنىڭ ئۇكىسىنى مەھەلىدە ئوينىتىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئايالىمدىن سورىسام ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىزچاقنىڭ مەكتەپكە بارماي دائىم ئۇكىسىنى باقىدىغانلىقنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئوماق سەبىينىڭ نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارمىغانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى. ئاتا-ئانىسى نامىراتمىدۇ؟ لىكىن بۇ ئاچا ئۇكىنىڭ كىيىنىشى، دۇكانغا كىرىپ پۇل خەجلىشى، ئويناۋاتقان ئۇيۇنچۇقلىرىغا قارىسام ئۇنداق ئەمەستەك قىلاتتى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئوغلۇمنى تالاغا ئويناتقىلى ئەچىقتىم. پەسكە چۈشۈپلا ھېلىقى قىزچاقنىڭ مەھەللىگە بېكىتىلگەن چېنىقش سايمالىرى بار يەردە ئۇكىسىنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم-دە، ئۇنى چاقىردىم. ئۇ مېنى ۋە ئوغلۇمنى كۆرۈپلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى. چۈنكى، كاللامنى چۇلغىۋالغان نۇرغۇن خىياللار مېنى ھەدەپ ئۇنىڭدىن سۇئال سوراشقا ئۈندەۋاتاتتى.

-قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ دەپ سورىدىم تاقەت قىلالماي.

ئۇمۇ سۇئاللىمدىن ئەندىكىپ كەتتى بولغاي، بېشىنى ئىتتىكلا كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. بەلكىم ھەيران قالغان بولسا كېرەك. لام-جىم دېمەي تۇرۇپ قالدى. بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن:

-        10 ياشقا.

-        ئۇكىڭىزچۇ؟

-        ئۇكام بىر يېرىم ياشقا.

-        سىز مەكتەپتە ئوقۇمامسىز؟

-        ئوقۇمايمەن.

-        نېمە ئۈچۈن؟

-        ئۇكامغا قارايدىغان ئادەم يوق.

-        ئاتا-ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟

-        تىجارەت قىلىدۇ.

-        مەكتەپكە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟

-        ھەئە، ئۈچىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەن ئىدىم،.

-        مەكتەپتە ئۆگىنىشىڭىز ياخشى ئەمەسمىدى؟

-        ناھايىتى ياخشى ئىدى، تېخى ئۆگىنىش ھەيئىتى ئىدىم.

-        مەكتەپكە بارغىڭىز بارمۇ؟

-        بار.

-        ئۇنداق بولسا مەن سىزگە ياردەم قىلاي. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، سىزنى مەكتەپكە ئەۋەتىدىغانغا قايىل قىلاي.

-        ئاتا-ئانامدا گەپ يوق. لىكىن مۇئەللىم مېنى ئالمايدۇ.

-        نېمە ئۈچۈن؟

سوراپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ جاۋاپ بەرمەي توختاپ قالدى.

-نېمە گەپ بولسا دەۋىرىڭ. مەن ھېچكىمگە دېمەيمەن. دېدىم ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ.

ئۇ ئەتىراپىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن:

-   دادام بىلەن ئاپامنىڭ مېنى مەكتەپتە بەك ئوقۇتقۇسى بار ئىدى. مەن مەكتەپكە ياغلىق چىگىپ باراتتىم. مۇئەللىم مېنى بىر نەچچە قېتىم مەكتەپكە ياغلىق چەگمەي كېلىڭ دېگەنىدى. ئۆيگە كېلىپ ئاپامغا دېدىم. لىكىن ئاپام مېنىڭ ياغلىقنى ئېلىۋىتىشىمگە قوشۇلمىدى. بىر كۈنى مۇئەللىم ئاپامنى مەكتەپكە چاقىرىپ سۆزلەشتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئاپام ”ئەمدى مەكتەپكە بارماي ئۇكاڭغا قارايسەن. مۇئەللىمىڭ سېنى ئوقۇتمايمەن دېدى“ دىدى. شۇندىن كىيىن قايتا مەكتەپكە بارمىدىم.

ئۇ ئاخىرقى جۈملىلەرنى دەۋاتقاندا ئاۋازى بىلىنەر بىلىنمەس تىتىرەپ كەتتى.

شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تەپەككۇر قۇشلىرىم بۇ قىزچاقنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قانات قېقىشقا باشلىدى. مانا بۇ ئەنئەنە بىلەن ھازىرقى تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلارنىڭ توقۇنىشى، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى سىقىپ چىقىرىشى ئىدى.  كاللامغا تۇيۇقسىز كەلگەن خىيالدىن ئەندىكىپ كەتتىم. كەلگۈسىدە ئوغلۇمغا دوپپا كەيگۈزۈپ مەكتەپكە ئەۋەتسەممۇ مۇئەللىملىرى ئۇنى ھەيدىۋىتەرمۇ؟ ھازىرقى نۇرغۇن ئۆزىمىزگە خاس كىيىم كېچەكلىرىمىز بەزى ياشلىرىمىزنىڭ كۆزگە ئىلمايدىغان، ئەتىۋارلىمايدىغان، كىيىۋالغان كىشىلەرنى مازاق قىلىدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى. كىيىم كىيىش بىلەن بىلىم ئېلىشنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنىشىدىغان قانداق يەرلىرى بادۇر؟ پەقەت يالاڭباش يۈرسىلا مەدەنىي ئادەم بولامدىغاندۇ؟ ھېلىقى قىزچاقتەك قىسمەتكە ئۇچىرىغان قانچىلىك ئوماقلىرىمىز باردۇر؟ يۇقىرقى مەسىلىدە زادى ئاتا-ئانا بولغۇچى خاتا قىلغانمۇ ياكى ئوقۇتقۇچىمۇ؟

مېنىڭچە، بۇنىڭدا ھەم ئاتا-ئانىدا ھەم ئوقۇتقۇچىدا گۇناھ يوق ،بەلكى،ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يەرلىك نىزام ۋە سىياسەتلىرىنىڭ توغرا چۈشىنەلمەي، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىجىرا قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزدە.چۈنكى،قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا مەلۇم بىر ھۆججەتتىن ”مەكتەپلەردە دىننى تۈسى كۈچلۈك كىيىملەرنى كېيىشكە بولمايدۇ“ دېگەن مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ يەردىكى ”دىننى تۈس“ دېگەن ئاتالغۇ زادى قانداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈش جەريانىدا بۇ ھەقتە ئەنۋەر سەمەدنىڭ ”ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر“ ناملىق كىتابىدىن مۇنداق بايانلارنى ئۇچىراتتىم: ”ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ھەممىسىدە بەدەننى تۇلۇق يېپىش تەلەپ قىلىنغان.نۇرغۇن ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇرلار كىيىمنى پۈتۈن ۋە تولۇق كىيىشنى ئىنسانى پەزىلەت ،ئەخلاق ۋە ھايانىڭ ئەڭ موھىم بەلگىسى دەپ قارىغان بولۇپ ئاياللار يۈز ۋە قول ئالقىنىدىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ياپىدىغان كىيىملەرنى،ئەرلەرمۇ بوينىدىن پۇت ئۇشۇقىغىچە ۋە قول بېغىشىغىچە ياپىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ كەلگەن.“ (مەزكۇر كىتاپنىڭ 225-بېتىگە قارالسۇن). مېنىڭچە،بولغاندا،يۇقىردا بايان قىلىنغان ئۆلچەمدىكى كىيىملەر ھەققى ”دىننى تۈس ئالغان“ كىيىملەردۇر. تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى:

 

 

مېنىڭچە يۇقىرقىلار ئىسلام تۈسىدىكى ياكى دىنني تۈستىكى كىيىملەردۇر.

 

ئەمدى مەكتەپلىرىمىزدىكى بالىرىمىزنىڭ كىيىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ كىيىنىشى يۇقىرقى ئۆلچەمگە توشامدۇ،توشمامدۇ؟ بۇ يەردە پەقەت بىزنى قايمۇقتۇرۋاتقىنى قىز،ئوغۇللىرىمىزدىكى باش كىيىم مەسىلىسى. قارايدىغان بولساق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىيىنىشىدىن پەرىقلىنىدىغان يېرى، بىزدە پەقەت باش كىيىملا ئارتۇق .قالغان كىيىملىرىمىز باشقا مىللەت باللىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. كۆپىنچە باللىرىمىز مەكتەپكە بارغاندا يەنىلا مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ،ئاندىن بېشىغا ئۆزىنىڭ ياغلىق ۋە دوپپىلىرىنى كىيىشىدۇ. باش كىيىمىنى كىيىش بىلەن مەكتەپ فورمىلىرىمىزغا دىننىي قوشۇلۇپ قالامدۇ،يوق؟ باش كىيىمى كىيىش ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ بۇنى تازا ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. يەنە دېققىتىمىزنى ئەنۋەر سەمەدنىڭ كىتابىدىكى بايانلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ”ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر“ ناملىق كىتاپنىڭ 230-بېتىدە ئاپتۇر كىيىمنى كىيشكە ئائىت پەرھىزلەر دېگەن تېمىدا توختالغاندا باش كىيىمى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرغا قويغان:

”ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيمىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان.ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن. مەيلى ئەنئەنە تۈپەيلىدىن بولسۇن ياكى دىننى ئەقىدە تۈپەيلىدىن بولسۇن،يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلار بېشىغا بىر نەرسە كىيمەي يۈرۈشنى ئىنتايىن يامان كۆرگەن. بولۇپمۇ،بۇ چەكلىمە ئاياللارغا ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ،“بېشىغا نەرسە ئارتمىغان ئايال بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ،ئۆيدە قۇت بەرىكەت بولمايدۇ“ دەپ قاراش ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇيغۇرلار باش كىيىمنى باشقا كىيىملەرگە قارىغاندا بەكرەك ئۇلۇغلايدىغان بولۇپ،بۇنداق ئۇلۇغلاش قارىشى قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن باشنى مۇققەدەس بىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار باش كىيىملىرىنى ئىگىز جايلارغا قويىدۇ. يەرگە تاشلاپ قويۇشتىن،دەسسەپ سېلىشتىن،باشقىلارنىڭ باش كىيمى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىن،تەتۈر ئۆرۈپ كىيىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر “ بۆك ۋە تۇماقنىڭ قىرىنى قاتلاپ كىيسە قوش خوتۇنلۇق بولۇپ قالىدۇ“ دەپ ئاشۇنداق كىيىش ئۇسۇلىدىنمۇ چەكلىنىدۇ. قىسقىسى، باش كىيىمگە ھۆرمەت  بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۇنى بەك ئەتىۋارلايدۇ.“ ئەمدى تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرما قىلىپ باقايلى:

مانا بۇ ھەم مىللىيچە ھەم دىننى تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەردۇر.

 

 

قېنى قايسىمىز دىلنار ئابدۇللا،كەشتە تىكىۋاتقان قىز ۋە 3-سۈرەتتكى بالىلار كىيىۋالغان كىيىملەرنى دىنىي تۈستىكى كىيىم دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز؟ مېنىڭچە ھېچقايسىمىز بۇنى دىننى تۈستىكى كىيىم دېيەلمەيمىز.

يۇقىرقى بايانلاردىن شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدىكى، مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ  مەكتەپ فورمىسى بىلەن باش كىيىم كىيىشى ئۆرپ-ئادەت دائىرسىدىكى ئىش بولۇپ،قانداقتۇر ”دىننى تۈستىكى كىيىم كېچەكلەر“دائىرسىگە كىرمەيدۇ. يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېزىز مېھمانلارغا باش كىيىمى سوۋغا قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا دۆلەت باشلىقلىرى كەلسىمۇ،ئۇلارغا ئېسىل ئۇيغۇر دوپپىلىرى سوۋغا قىلىنىدۇ. دوپپىلىرىمىزنى دۆلەت باشلىقلىرىمىزمۇ دىنىمىزنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇماستىن،بەلكى ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇيدۇ. بۇ خۇددى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ غەربنىڭ كاستۇم بۇرۇلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسىنى پار قىلىپ كىيگىنى بىلەن بىر قاتاردىكى ئىش خالاس. ئەگەر قىز- ئاياللارنىڭ كىيىم  باش كىيىملىرى ئىچىدە دىننى تۈسكە ئىگە كىيىملەرنى مىسالغا ئالساق، لېچەك، چۈمبەل،پەرەنجە قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ. ياغلىق بۇ دائىرىگە كىرىشى ناتايىن. قىزىنى ياغلىق دەۋاسى تۈپەيلى مەكتەپتىن چىقىرۋالغان ئانىغا كەلسەك، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا يىلتىز تارتقان يۇقىرقىدەك پەرھىز ۋە ئۇلۇغلاش كۆز قاراشلىرى ئۇنىڭ قىزىنى زور بەدەل بىلەن مەكتەپتىن چىقىرۋىلىش خاھىشىغا ئاساس بولغان بولۇپ، بۇنى مەلۇم جەھەتتىن  چۈشىنىش مومكىن.  

 يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ كىشىلىرىمىزنىڭ باش كىيىمى كىيىشىنى بەلگىلىگەن بولىشى مومكىن.  پروفىسور ئابدۇكېرىم رەھمان ئۆزىنىڭ “ 20-ئەسىر ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى “ ناملىق كىتابىدا “ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى كىيىم-كېچەك قۇرلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە شۇ يۇسۇندا ئۆزگىچە مەدەنىيەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىشى مۇققەرەركى، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ياشىغان تەبىئىي جغراپىيىۋى شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، شىنجاڭ ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىزدىن يىراق،ھاۋاسى قۇرغاق،كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋارايى تېمپىراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز،جۇدۇن، شامال،بوران كۆپ، قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى چوڭ بولغاچقا، بۇ يەردىكى كىشىلەر قۇرغاقچىلىق،چۆل-باياۋان ۋە ھەر خىل ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇككەممەل ۋە يۈرۈشلۈك كېيىم-كېچەك تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن“(مەزكۇر كىتاپنىڭ 217-بېتىگە قارالسۇن).

بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، باش كىيىملىرى ئەنە شۇنداق بىر جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ مەسئۇلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل باش كىيىملىرى بىر جەھەتتىن كىشىلىرىمىزنىڭ باش تازىلىقىنى ساقلاشتا موھىم رول ئوينىسا، يەنە بىر جەھەتتىن باشنى ئىسسىق ساقلاشتا موھىم رول ئوينايدۇ.

گەرچە شۇ دەمدە ئاڭلاۋاتقىنىم ناھايىتىمۇ ئاددى بىر ئىش بولسىمۇ، كاللامدا تۆۋەندىكىدەك غايەت زور سالماققا ئىگە سۇئاللار پەيدا بولماقتا. ”ئەگەر نۇرغۇن قىزلىرىمىز مۇشۇنداق قىسمەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتسە، كەلگۈسىدە مىللىتىمىز ئانىلىرىنىڭ ساپاسى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ”. بىز قاچانمۇ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىمىز بىلەن دىننىي ئېتىقادىمىز ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى توغرا تونۇيالارمىز؟ …..

 خىياللىرىمدىن بىر دەقىقە ئويغىنىپ، ئەتىراپىمغا بىر خىل ئەنسىرەش نەزىرىدە باقتىم. ئوغلۇم ھېلىقى قىزچاق بىلەن بىر خىلدا قوغلىشىپ ئويناۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ چىرايىدا نە ئەنسىرەش، نە تەمتىرەش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭغا بىر خىل ھەۋەس بىلەن قارىدىم، ئۆزۈمنىڭ سەھرادا غەمسىز ئۆتكەن، نەيزىنىڭ ئۇچىدەك ئۇچلۇق بۇغداي ئېڭىزلىرىدا يالاڭئاياق  خۇددى يۇمشاق توپىلىق يولدا يۈگۈرگەندەك يۈگۈرگەن، دوستلىرىم بىلەن نەچچە يۈز قوينى قېتىپ كەڭ كەتكەن جاڭگاللىقتا ۋەللەي ئوينىغان، بەزىدە قىزىرشىپ قېلىپ چۈجە خورازدەك سوقۇشۇپ كەتكەن، قوزىلار بىلەن تەڭ ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇنى دۈم يېتىپ ئىچكەن چاغلىرىمنى چاقماق تېزلىكىدە كۆڭۈل ئىكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزدۈم.“ مەنمۇ شۇ چاغدا ساڭا ئوخشاش غەمسىز ئىدىم، بالىلىق تەپەككۇرۇم بىلەن مىللەت، دۆلەت، ئېرق، مائارىپ، دىن، ئەنئەنە، ئۆزلۈك، كىملىك دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيتتىم. ھەتتا ئەخمەقلەرچە ھالدا تېلىۋىزۇردا ئاڭلىغان“شىنجاڭ“ دېگەن بۇ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمنى مەن تۇرىۋاتقان كەنتنىڭ ئۆزى دەپ تەسەۋۇر قىلاتتىم. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك كېچىلىرى نۇرغۇن تۈگىمەس خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى ئازابلاشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايتىم، كەچلىك چاينى ئېچىپ بولغاندىن كىيىنلا كۈندۈزدىكى ئۇيۇنلىرىمنىڭ تەمىنى كۆشىگەچ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتەتتىم. سەن مۇشۇ تاپتا مېنىڭ نېمە خىياللارنى سۈرۋاتقىنىمغا قىلچىمۇ قىزىقمايسەن ھەم قىزىقىشنىمۇ خالىمايسەن؟ توغرا بۇ سېنىڭ تېگى يوق خىياللارنى سۈرىدىغان، ئۆزۈڭنى ھەر تەرەپكە ئاتىدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس. لىكىن مېنى ئەنسىرتىدىغىنى، ۋاقىت رەھىمسىز، يىللار رەھىمسىز سېنىمۇ بىر كۈنلەرگە بارغاندا مېنى سالغان كويلارغا سالماي قالمايدۇ. بەلكىم مەندىمۇ بەكرەك ئازاپلىق، ئاچچىق خىياللارنى سۈرۈشۈڭ مومكىن.

 ئوينىۋال ئوغلۇم، كۈلىۋال ئوغلۇم، بالىلىقىڭغا قېنىۋال ئوغلۇم. كەلگۈسى جەڭلەرگە ھەققىي بىر ئەركەكتەك، ئۆز ئادەمىيلىك خىسلىتىڭ، غورۇرۇڭ، ئېتىقادىڭ، غەيرىتىڭ بىلەن يۈزلىنەلىسەڭ مەن شۇنىڭدىن رازى.

ھۆرمەتلىك دوستۇم، مەن مانا مۇشۇنداق بىر خىيالپۇرۇش ئادەم، خىيال سۈرمىسەم نەپىسىم تۇيۇقسىز توختاپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. بەزىدە “ مەن ئۆزۈمچە ئاددىي ئىشلارنى ئارتۇقچە ئويلاپ كەتتىمۇ قانداق، تۆگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرسىتىدىغان پىسخىك كېسەلگە گىرپتار بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟ “ دېگەن يەرگىمۇ كېلىمەن. بۇنداق خىياللارنى ئون يىلنىڭ ئالدىدا جاھىللارچە تاشلىۋەتكەن تاماكىدەك تاشلىۋەتكۈممۇ كېلىدۇ. لىكىن تاماكىنىڭ خۇمارىغا قارىغاندا خىياللانىڭ خۇمارى كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. ئۆزۈمنى تارتالماي قېلىۋاتىمەن؟ قېنى ماڭا ياردەم بېرەلەمسىز؟

 

 ماقالىنىڭ مەنبەسى:ئۆزۈم

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: ئۈستىدىكى تۆت پارچە سۈرەت ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىن،كىيىنكىلىرى بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.

                                                                     – لوپنۇرى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif