سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە4)

ۋاقتى: 2011-12-06 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 90 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئايزىتنىڭ يەتتىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

ۋىسال كېلىپ چەككەندەئىشىك،

دېرىزىنى ئاچتىم ئاۋايلاپ.

ئەركىلەيدۇ نازۇك ھېسلىرىم،

تۈنلىرىڭگە ئاستا پىچىرلاپ.

 

تاتلىق چۈشتىن ئويغانغان سايەڭ،

يېڭى كۈنگە كىتىدۇ كىرىپ.

سەھرادىكى باھار كېچىسى،

لېرىكىغا كەتتى قېتىلىپ.

 

باغرى ئىسسىق ،ئوتلۇق ھاياجان،

مىسرالارغا قېتىلدى كۈلۈپ.

كۈن-تۈنلەرگە سىرداش خىياللار،

قويدى يەنە نەزمىلەر پۈتۈپ.

 

مېنىڭ سەككىزىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

 ئەركىلىگەن نازۇك ھېسلىرىڭ،

ۋۇجۇدۇمنى سالدى لەرزىگە.

مىسرالارغا قېتىلساڭ كۈلۈپ،

مەستخۇشلۇقۇم يەتتى چېكىگە.

 

تاتلىق چۈشتىن ئويغانغان سايەڭ،

چۈشكەن چاغدا كۆڭلۈم بېتىگە.

باغرى ئىسسىق ئوتلۇق ھاياجان،

تىزدى مېنى ئاشىق رېتىگە.

 

كۈن-تۈنلەرگە سىرداش خىيالىم،

ئەسلىگەندە باھار پەسلىنى.

يېڭى كۈنگە كەتسەممۇ كىرىپ،

ئۇنتالمىدىم يارنىڭ ۋەسلىنى.

 

ئايزىتنىڭ سەككىزىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

قىشقا كىرىپ كەتكەن سۇلاردىن،

كاچكول ئاچتىم مۇزنى پارچىلاپ.

قولى يېرىق يۇغان دەرخلەر،

كۈن سانايدۇ يىللارنى ئارلاپ.

 

ھەممە نەرسە توڭلىغان تامام،

يولمۇ قالدى جىمجىت سۈكۈتتە.

باھارسىراپ قالغان خىياللار،

بەرباتلىقتىن قاچار ئۈمۈتتە.

 

يېڭى كۈنگە كىرگەن ئىزىڭدىن،

تېرىلۋالدىم ئاپپاق چىچەكنى.

يولتۇز بولۇپ چاقنار ھىسلىرىم،

سەن مەنسىرەپ ئايلانغان  تۈنى.

 

مەستخۇشلىقىڭ مەي بولغان كۈنى،

ھىجرانلاردىن كەتتىم يىراقلاپ.

تىزىق قىلىپ تاتلىق مېغىزنى،

ساقلاپ قويدۇم ساڭىلا ئاتاپ.

 

مېنىڭ توققۇزىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

 ماڭا ئاتاپ تىزغان تىزىقنى،

تۇمار قىلىپ ئاستىم بوينۇمغا.

تېرىۋالغان ئاپئاق چېچىكىڭ،

مېۋە بەردى شېرىن تۇيغۇمدا.

 

سەن مەنسىرەپ ئايلانغان كۈنى،

مەن سەنسىرەپ ئايغا تىكىلدىم.

باھارسىراپ قالغاندا تۇيغۇم،

كاچكۇلدىكى مۇزدەك چېقىلدىم.

 

قولى يېرىق يوغان دەرەخلەر،

باشلىرىمنى سىلىدى تەمكىن.

ھىجرانلىرىڭ كەتسە يىراقلاپ،

يۈرمەس ئىدىم مۇنچىلىك غەمكىن.

 

كۈن سانىدىم ۋىسالنى ئويلاپ،

ئۈمىتلىرىم بولماستا بەربات.

دۆۋىلەندى خىياللار جىمجىت،

تەڭلىگەندە ھېسلىرىڭ سوۋغات.

 

ئايزىتنىڭ توققۇزىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

باشلىرىڭنى سىلىغان دەرەخ،

چۆچەك بۇلۇپ كىردى چۈشۈمگە.

شاخلىرىنى قولۇڭ دەپ بىلىپ،

چاچلىرىمنى يايدىم ئىچىگە.

 

شامال بولۇپ تاراپ چېچىمنى،

يىغلاپ كەتتى سەنسىرىگەن تۈن.

ئايدىڭ بىلەن يوللارغا تاراپ،

چۆكۈپ كەتتىم خىيالغا پۈتۈن.

 

دۆۋىلەنگەن جىمجىت خىيالدىن،

چىقىپ كەتتىم ۋاقىتنى ئىزلەپ.

تەشنا رەڭدە ئىسمىڭنى ئويۇپ.

يۈرەك سىزدىم ئۆزەمنى بەزلەپ.

 

مېنىڭ ئونىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

چۈشلىرىڭگە كىرگەن چۆچەككە،

باش قەھرىمان قىلدىم ئۆزۈمنى.

يېيىلغاندا چاچلىرىڭ لەرزان،

ئېيتالمىدىم پۈككەن سۆزۈمنى.

 

تەشنا رەڭدە سىزغان يۈرەككە،

سېغىنىشنى يايدىم پەم بىلەن.

كۆز ئالدىمدا قارايغان گۈگۈم،

تۈن قوينىغا سىڭدى غەم بىلەن.

 

دۆۋىلەنگەن جىمجىت خىيالغا،

كىرىپ كەتتىم ئۆزۈمنى تۇيماي.

چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈپ قىرىق تال،

پۇراپ كەتتىم نەچچە رەت تويماي.

 

ۋاقىت ماڭغان چىغىر يوللاردىن،

ئىزلىرىڭنى ئىزلىدىم يالغۇز.

توختاپ قالدىم ئۆستەڭ بويىدا،

ھىدلىرىڭدىن ئۈنگەندە يالپۇز.

 

تەرمەچ تەردىم كەينىمگە باقماي،

ئايدىڭ بىلەن يوللارغا تاراپ.

ئىسىرىق سالدىم ۋىسال كەيپىدە،

قۇتىرىغان ئازابنى قىيناپ. 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif