سېنى كۈتەيمەن
سېنى كۈتەيمەن
سەن باھاردا مەجنۇنتال بولساڭ،
سىپاپ ئۆتەي مەيىن شامال بوپ.
سەن چۈشلەردە پەرىشتە بولساڭ،
سۈرۈپ ئۆتەي شىرىن خىيال بوپ.
سەن قەلبىمگە بىر قۇياش بولساڭ،
مەن ياشايمەن سەندىن مىھىر ئېپ.
سەن لېرىكا بولساڭ ناۋادا،
مەن يازىمەن گۈزەل شېئىر قىپ.
سەن قىزىل گۈل بولساڭ ناۋادا،
بۇلبۇل بولۇپ سېنى كۈيلەيمەن.
تاڭ سەھەردە كەلمەكچى بولساڭ،
چولپان بولۇپ سېنى كۈتەيمەن.