بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى(8)
Ⅷ ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1.“ئىدى،ئىكەن،ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە،ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىدى _ كىتاب ئىدى،قىزىل ئىدى،ئالتە ئىدى،شۇنداق ئىدى….
ئىكەن_ كىتاب ئىكەن،قىزىل ئىكەن،ئالتە ئىكەن،شۇنداق ئىكەن….
ئىمىش _ كىتاب ئىمىش،قىزىل ئىمىش،ئالتە ئىمىش،شۇنداق ئىمىش…..
بۇ ياردەمچى پېئىللار پېئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىدى _ ئوقۇغانىدى،بارماقچىدى؛يېزىۋىدى،يازارىدى،يازسىدى….
ئىكەن _ ئوقۇغانىكەن، ئوقۇيدىكەن؛ بارماقچىكەن؛يېزىپتىكەن،يازسىكەن، يازىدىكەن،………..
ئىمىش _ ئوقۇغانمىش،بارماقچىمىش،يازارىمىش
2 .“ مۇ،ما،غۇ،قۇ،ئا،ئە،زە،لا“ ئۇلانمىلىرى سۆز يىلتىزلىرىغا قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ. “ دە،ھە،يۇ “ ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
ئالدىڭىزمۇ؟ مەنما؟ سىزچۇ ؟ مەنغۇ كېلەرمەن شۇنداققۇ دەيمەن؟
ئېيتىپ بېقىڭا؟ شۇنداق دېگىنە. سەنزە ، كېلىپلا، كۆرۈپلا……….
ئۇ كەلدى – دە،ئولتۇرماي كەتتى.
شۇنداق ئويلاپسەن – دە، كۆرۈپسەن- دە، سەنمۇ يېزىپسەن – دە.
باردۇق- ھە . كۆردۇق _ ھە. كەتتۇق _ ھە .
كەلدى _ يۇ، كەتتى. باردى _ يۇ ئالدى
3.“ بىلەن، ۋە، ھەم، ھەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، ئارقىلىق،ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ئەمما، بىراق، لېكىن……..“ قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
مەن بىلەن سەن مەن ۋە سەن مەن ھەم سەن
سېنىڭ ئۈچۈن سەن توغرۇلۇق مەن ياكى سەن
4.سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ،سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈردىغان “ پ “ بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاپئاق،ئاپئاشكارا،كۆپكۆك،سېپسېسىق،قىپقىزىل،دۇپدۇمىلاق،قاپقارا، ياپيېشىل…..
Ⅸباشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1)خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان سۆزلەر ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
گاڭپەن،سومەن،خوشاڭ،پىنتوزا،يۇتازا………
2)خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى “ c,sh,ch,zh “ تاۋۇشلىرى ئۇيغۇرچىدا “ ج،چ،ش،س“ ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
جۇڭگۇ Zhong guo 中国
چاڭشا 长沙 Chang sha
شاڭخەي 上海 Shang hai
ساۋ ساۋ曹操 Cao cao
3)خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكى تاق يۈنمۇ “ e,ī,o,a “ ھەم قوشما يۈنمۇ “ in,ing,en,eng,uang,ua,ang “ لار پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بوخەي 渤海 Bo hai
شېڭمۇ 声母 Sheng mu
لى شىمىن 李世民 Li shi min
ئېمېيشەن 峨眉山 E mei shan
خېنەن 河南 He nan
شىنجياڭ 新疆 Xin jiang
شىڭشىڭشيا 星星峡 Xing xing xia
فاڭجىن 方针 Fang zhen
جىڭجۇ 郑州 Zheng zhou
خۇاشيا 华夏 Hua xia
گۇاڭجۇ 广州 Guang zhou
4) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى تاق يۈنمۇ “ u “ بىلەن قوشما يۈنمۇ “ un,uan “ لاردىكى “ u“ نىڭ يېزىلىشى تۆۋەندىكىچە :
(1) “ u “ تاق يۈنمۇسى “ y,x,q“ شىڭمۇلىرى بىلەن بىللە كەلگەندە ”ئۈ “ يېزىلىپ باشقىلىرىدا “ ئۇ “ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
شۈ گوجاڭ 许国璋 Xu guo zhang
شۈجۇ 徐州 Xu zhou
جياۋ يۈلۇ 焦裕禄 Jiao yu lu
يۈ گۇڭ 愚公 Yu gong
(2) قوشما يۈنمۇ ”un“ تەركىبىدىكى “ u “ تاق يۈنمۇسى ئۇيغۇرچىدا ”ئۈ“ يېزىلىدۇ.قوشما يۈنمۇ “ uan ” ،“ g,h,k“ شىڭمۇلىرىغا قوشۇلۇپ كەلگەندە،تەركىبىدىكى “ u “ ئۇيغۇرچىدا “ ئۇ ”يېزىلىدۇ. “ g,h,k“ شىڭمۇلاردىن باشقا شىڭمۇلارغا قوشۇلۇپ كەلسە،“ ئۈ “ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
يۈنمۇ 韵母 Yun mu
لۇشۇن 鲁迅 Lu xun
گۇەن ۋېنجاۋ关文钊 Guan wen zhao
جيا يۈگۇەن 嘉峪关 Jia yu guan
لى رۈيخۇەن 李瑞环 Li rui huan
كۇەن (فامىلە) 宽 Kuan
5)خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ئايرىم بوغۇم بولۇپ كەلگەن قوشما يۈنمۇ “ ou “ تەركىبىدىكى “ u “ تاۋۇشى ،قوشما يۈنمۇ “ ao,iao“ دىكى ”o“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا “ ۋ ”غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا “ ۋ “ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئوۋياڭ شيۇ 欧阳修 Ou yang xiu
جوۋ ئېنلەي 周恩来 Zhou en lai
ماۋ زېدوڭ 毛泽东 Mao ze dong
جياۋ يۈلۇ 焦裕禄 Jiao yu lu
ئاۋ مېن 澳门 Ao men
ساۋ ساۋ 曹操 Cao cao
6) خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تاق يۈنمۇلىرى ئىچىدە ”o“ تاۋۇشى ئەگەر ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ئۇيغۇرچىدا “ ئو ”يېزىلىدۇ. يېپىق بوغۇم ھالەتتە قالسا، ”ئۇ “ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بوخەي Bo hai 渤海
نىڭبو Ning bo 宁波
موخې Mo he 漠河
پو ياڭ 鄱阳 Po yang
شەندۇڭ Shan dong 山东
چۇڭچىڭ Chong qing 重庆
جۇڭخۇا Zhong hua 中华
گۇڭشې Gong she 公社
7) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدا ”uai,ai,uan,ian,an “ يۈنمۇلىرىدىكى “ a“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى “ ئە“ تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ئە“ يېزىلىدۇ.بۇلاردىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان ”ī “ تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش “ ي ”غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا “ ي “ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تيەنجىن 天津 Tian jin
لەنجۇ 兰州 Lan zhou
شەنخەيگۇەن 山海关 Shan hai guan
چاڭجياڭ 长江 Chang jiang
خۇەيخې 淮河 Huai he
خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ “ uo“ ئۇيغۇرچىدا “ ئو “ بىلەن، ”ue“ ئۇيغۇرچىدا “ ئۆ“ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
گوۋۇيۈەن Guo wu yuan 国务院
يۆ فېي Yue fei 岳飞
جاڭ شۆلياڭ Zhang xue liang 张学良
9) خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىدا فامىلە بىلەن ئىسىم ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
ئوۋياڭ شيۇ 欧阳修 Ou yang xiu
جوۋ ئېنلەي 周恩来 Zhou en lai
ماۋ زېدوڭ 毛泽东 Mao ze dong
جياۋ يۈلۇ 焦裕禄 Jiao yu lu
2 . رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ،يەنى ئالدىنقىسى جاراڭسىز،كېيىنكىسى جاراڭلىق ياكى ھەر ئىككىسىلا جاراڭلىق ۋە ياكى ھەر ئككىسىلا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
1)جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ”س“ ياكى ”ش“ لار ئۆزىدىن كېيىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەندە،سۆز بېشىغا “ ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىستىل،ئىسفىرا،ئىستاتىك،ئىستودىيە،ئىسپورا،
ئىسكىرىپكا،ئىسكىلات،ئىشتاپ،ئىشتات،ئىشتانكا،ئىشكالا………
2) “ س،ش“دىن باشقا ئىككى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشىدا قاتار كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا “ ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىتومائىن،پىتېروكارىيە،فىتور……..
3)“س،ش،ت،پ،خ،ف،ك“ قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزىدىن كېيىن “ ر،ل،م “ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا “ ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىراكتىكا،پىروگرامما،پىرولېتارىيات،تىراكتۇر،تىراگىدىيە،خىروم،خىرۇستال،
خىرىستىيان،فىرانىك،فىرانسوز،سىلانېتىس،سىمولا،شىلانكا،كىران،كىلاسسىك…
4) ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بېرىكىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا “ ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:
بىراخما،بىرىتىۋا،بىرىليانت،بىروم،بىرونېۋىك،دىراپ،دىرامما،دىراۋىد،گىرامماتىكا، گىرام………
5) رۇس فامىلىلىرىدىكى ”- ئوۋ،-ئېۋ،-يېۋ“ قوشۇمچىلىرىدىكى “ ۋ “ تاۋۇشى “ ف “ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تۇرگېنىف لېف نىكولايېۋىچ تولستوي ھەيدەروف نېكراسوف
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=646