لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن-دولۇغا قاراش

لوپلۇقلارنىڭ دولۇغا قاراش ئادىتى توغرىسىدا

 ئاپتۇرى:شېرىپ موسا

لوپلۇقلار دولۇغاقاراشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى ھازىرقى دەۋرىمىزگە ئامان-ئېسەن يەتكۈزۈپ كەلدى. بۇنى لوپلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆرىپ-ئادەت مەدىنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى دېسەك مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. لوپلۇقلار دولۇغا قاراشنى قاچان يولغاقويغان، قانداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن، كېيىنكى تەغدىرى قانداق بولغان دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئائىت تارىخى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

دۆلىتىمىز تارىخىدا ئەڭ دەسلەپ خۇاشالار (خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ ئورتاق نامى)دا پال سېلىش-دولۇغا قاراش ئادەتلىرى بارلىقى قەدىمكى تارىخى ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىدۇ. خۇاشالارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يېزىقى شاڭ سۇلالىسى(مىلادىن ئىلگىرى تەخمىنەن Ⅸ-ⅩⅥئەسىر)دەۋرىدە تاشپاقا قېپى ۋە كالا، قويلارنىڭ دولۇ سۆڭىكىگە ئويۇلغان پال سېلىش-دولۇغا قاراش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بەلگىلەر ئاساسىدا تەدىرىجى ھالدا ئىسلاھ قىلىنىپ بارلىققا كەلگەنلىكى ئېنىق، خۇاشالارنىڭ مۇنەججىملىرى دولۇغا قاراشتا-دولۇلارغا ئويۇلغان بەلگىلەرنى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تىزىپ، ئۇنىڭدىن خۇراپىلارچە ياخشىلىق-يامانلىق توغرىسىدا (مەنە) چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن دولۇغا قاراش تاماملىناتتى. غەربىي دىياربىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا يولغاقويۇلغان. يىپەك يولى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ راۋاجلانغان. بۇ مۇناسىۋەت سىياسى، ئىختىسادى، سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيگەن. مانا مۇشۇمۇناسىۋەتنىڭ تۈرتكىسىدە خۇاشالارنىڭ پال سېلىش-دولۇغا قاراش مەدەنىيىتى غەربىي دىيارغا تارالغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ پىكرىمىزنى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلارئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

1965-يىلى 1-ئايداتۇرپاننىڭ سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىسى ئەتراپىدىكى ئەنجانلىق خارابىلىگىدىكى قەدىمكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى ئىزىدىن بىر كومزەك تېپىلغان. ئۇ كومزەك ئىچىدىن بىرتۈركۈم قوليازمىلار بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقى بار 25تال تارىشا چىققان. بۇ قوجۇ دۆلىتى (مىلادى 499-640-يىللار) دەۋرىدىكى پال چوكىلىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن. بۇ پال چوكىلىرى شۇ زاماندا ئۆگىنىلگەن جوڭگۇچە مۇنەججىمىلىكنىڭ بىر خىلى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. لېكىن، شىنجاڭدا دولۇغا قاراشقا ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك بويۇملارنىڭ تېپىلغان-تېپىلمىغانلىغى توغرىسىدا بىرەر مەلۇمات يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ چاغلاردا لوپلۇقلاردا دولۇغا قاراش بار ئىدى. لېكىن پال سېلىش يوق ئىدى. لوپلۇقلارنىڭ تىلىدا (پال) سۆزىنىڭ يوقلىغى بۇ پىكرىمىزنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. تۇرپان تەرەپلەردە پال سېلىشنىڭ، لوپ تەرەپلەردە دولۇغاقاراشنىڭ بولغانلىقىغا قاراپ پال سېلىش، دولۇغا قاراشلار-ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي دىيارغا تارالغان دېيىشىمىزگە ئاساس بولالايدۇ. ئەمدى بىز لوپلۇقلارنىڭ دولۇغا قاراشلىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتەيلى.

لوپلۇقلارنىڭ قارايدىغان دولۇلىرى دەسلەپتە قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭكى بىلەن چەكلىنەتتى. دولۇغا قاراشنىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتى يوق بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا قارىسابولىۋېرەتتى. قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئولتۇرىلىدىغانلىرى چەكلىك بولغاچقا دولۇلىرىمۇ شۇنىڭغا چوشلۇق بولاتتى. ئەمىلى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتتى. دولۇغا قارىتىمەن دەپ بىر جاندارنى ئۆلتۈرگىلى بولمايتتى. مانامۇشۇنداق ئەھۋالدا لوپلۇقلار كېيىنچە خالىغان ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدىغان بېلىق دولۇسىنى ئىشلىتىدىغان بولدى. بېلىقنىڭ دولۇسى قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ دولۇسىدەك ئېنىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ئەمەس. لوپلۇقلارنىڭ (بالىقنىڭ دولۇسى)دېگىنى-بېلىقنىڭ دۈمبە چاچۇسى (قانىتى)نىڭ بەدەنگە تۇتاشقان قىسمىنىڭ تېگىدە يەنى گۆش ئىچىدە بىر قاتار سۆڭەكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قېيىقچە بايراق شەكىللىك بىر سۆڭىكىدۇر. بېلىق كۈندە ياكى بىر قانچە كۈندە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولغاچقائۇنىڭ دولۇسىنى خالىغان ۋاقىتتا لازىم بولغاندا تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. لوپلۇقلاردا دولۇغا ئاساسلىغى ياشانغان مۇنەججىم ئاياللار قارايدۇ. مۇنەججىم ئايال بېلىق دولۇسىنى سۈپكەچلەپ (ئىسلام دىنىغا ئېتىقادقىلىشتىن بۇرۇنلاردا بەلكىم ئېتىقاد قىلغان دىنلىرىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن سۈپكەچلەپ)يالقۇنلىنىپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىنىدۇ. دولۇ كۆيۈپ ئاق رەڭگە كىرگەندىن كېيىن ئوتتىن تارتىپ چىقىرىپ سوۋۇتۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇنەججىم ئايال قولىغا ئېلىپ،دولۇنىڭ ياپىلاق يۈزلىرىگە كۆيۈپ چىققان كۆپۈرتمىلەرگە قاراپ مەنە ئېيتىدۇ. بۇنداق مەنە ئېيتىشتا خۇراپىلىق ئاساسى رول ئوينايدۇ.

بىز يۇقىرىداخۇاشالارنىڭ دولۇغا قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن لوپلۇقلارنىڭ زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن دولۇ قاراشلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنداق بولۇشى-لوپلۇقلارنىڭ خۇاشالارنىڭ قەدىمكى دولۇغا قاراشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا ئاددىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ تەرەققى قىلدۇرغانلىغى بىلەن مۇناسىۋەت دەپ قاراشقابولىدۇ.بۇنى يەنىمۇ ئىگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.

لوپلۇقلارنىڭ دولۇغاقاراشلىرى ئادەتتىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى مال-چارۋىلىرى ياكى ئۆيدىكى مال-مۈلۈكلىرى يۈتۈپ كەتسە، شۇ نەرسىلەرنىڭ تېپىلىش-تېپىلماسلىغىنى بىلىش ئۈچۈنلادولۇغا قارىتىدۇ. كىشىلەر ساۋاتسىز، نادان خۇراپى بولغاچقا، دولۇغا قارايدىغان مۇنەججىم ئاياللارنىڭ «يۈتكەن نەرسىلىرىڭ بىر پىنھان يەردە تۇرىدۇ، ئىزدەپ بارساڭلا تېپىۋالىسەن» دېگەنلىرىگە ئىشىنىپ تەسەللى تاپىدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ راستلىغى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلسە، مۇنەججىم ئايالنىڭ داڭقى ئەتراپقا تارىلىدۇ، يالغان بولۇپ چىقسا ئابرۇيى تۈكۈلىدۇ. كىشىلەر مۇنەججىم ئايالنىڭ «يۈتكەن نەسىلىرىڭ دولۇغا چۈشمەي تاپالمايدىغاندەك قىلىسەن» دېگەنلىرىگە ئىشىنىپ روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. دولۇغاقارايدىغانلار دولۇغا قاراپ بەرگىنى ئۈچۈن كىشىلەردىن ھەق ئالمايدۇ، خالىسانەقاراپ بېرىدۇ، بۇ ئادەتكە ئايلانغان. مەخسۇس بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ جان باقىدىغانلارمۇ يوق. بۇ ئادەت لوپلۇقلار ئارىسىدا 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچەداۋاملاشتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى.بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مائارىپ ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسۈپ خۇراپاتلىققائىشەنمەيدىغان بولدى، دولۇغا قارايدىغانلار ياشتا چوڭ ئاياللار بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگىدى. ئۇلارنىڭ تەربىيلەپ قويغان شاگىرتلىرى بولمىغاچقا بۇ ئادەت زاۋاللىققا يۈزلۈنۈپ يوقالدى.

ئەسلى مەنبە:“سېھىرلىك لوپنۇر“ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبەسى : لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3618

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-01-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 1دانە
  1. ياخشى

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: