ئېلكىتاب-يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى

 

ئىلاۋە:

دائىم دېگۈدەك مۇنبەر ياكى مەتبۇئاتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆرىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمەن.نۇرغۇن يازمىلار يوللانغان ھامان ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزتىشكە باشلايمىز. بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى بولۇپمۇ، يېڭى ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى تۈپەيلىدىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. بەلكىم بەزى كىشىلەر“بىر –ئىككى خەتنىڭ خاتا يېزىلىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس،نىمانچىۋىلا ئەزۋەيلەپ كېتىدىغاندۇ“دېيىشى مومكىن.مېنىڭچە بىر خەتنىڭ ھەتتا بىر ھەرپ ۋە بىر تىنىش بەلگىنىڭ خاتا يېزىلىشىمۇ ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىن بۇ ھەقتە بىزگە ساۋاق بولغىدەك مۇنداق بىر پارچە شېئىرنى قالدۇرۇپ،بىزنى ئانا تىلنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان ئىكەن:

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر»

 

مۇھەممەدجان راشىدىن

 

مەيلى دەيتىم، گەپمۇ قىلمايتىم،

قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز .

كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ،

«ئۇيغۇر» تۇرۇپ «ئۇرغۇي»دېسىڭىز.

 

سىزگە شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى،

ئۇستازىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز.

ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا،

تىل دەرسىڭىز ئىمتىھانىڭىز.

 

ناچار بولسا ئۆزىڭىزدە گەپ،

ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە .

ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس ،

ئۇرغۇي دىگەن ئىللىتىڭىزگە.

 

ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام ،

ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.

خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى ،

ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.

 

ئۇيغۇر دېگەن ئۇلۇغ نام بىلەن،

ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر» دېيىشكە،

بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.

خېلى ئۇزۇندىن بۇيان مەنمۇ ئىملا ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.ھەمدە مەسىلىنىڭ يالغۇز ئىملا خاتالىقىغا يول قويىۋاتقان كىشىلىرىمىزدە ئەمەس،بەلكى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ قويۇپلا،ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەلمىگەن ئورۇن ۋە شەخىسلەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا،قانچىلىك ۋاقتىم كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تەشۋىقات ئىشىنى بىر قىلىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان(2009-يىلى 9-ئايدا) ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى“گە كىرگۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي  تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى“نى بىر-بىرلەپ كىرگۈزدۈم(ھازىر بىر قىسىم تور بېكەتلەردە 1997-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرى بار،تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى قائىدىنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ قېتىم يوللىغىنىم ئەڭ يېڭىسى). ھەمدە ئالدى بىلەن شەخسىي تور خاتىرەمدە ”بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى“دېگەن تېمىدا باسقۇچلارغا بۆلۈپ يوللىدىم.ئاندىن كېيىن يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگىمۇ يوللىدىم. بۇ تېمامنى ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم تورداشلار باشقا تور بەتلەرگە  كۆچۈرۈپ يوللىغان ئىدى. كېيىن مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېسىمدە قېلىشىچە بېلقىز سۇلايمان دېگەن تورداش بولىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىنى ماڭا ئوخشاش بىرمۇ-بىر ئۇرۇپ چىقىپ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچلەردىن ئىزدەپ باقسام، بۇ تېمىنى ئوڭايلىقچە تاپقىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبەرگە يوللىغان تەغدىردىمۇ ۋاقىتلىقلا تۇرالايدىكەن.ۋاقتى كەلگەندە يەنە تاپقىلى بولمايدىكەن. يېقىندا ئېلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئۆتكۈزلىۋاتقان ”ئىملا نازارەتچىلىكى مۇكاپاتلىق پائاليىتى“( http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=176)نىڭ تەپسىلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ قائىدىلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا، بۇ قائىدىلەرنى ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتتىم. تور دۇنياسىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇنبەرلەرگە تېما يوللىغاندا، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ قويۇشىنى، قىسقىغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ قويىشىنى ۋە ئۆگىنىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئانا تىلىمىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قوللايلى!

(بەلكىم كىرگۈزۈش جەريانىدا مەنمۇ بىر قىسىم خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇشۇم مومكىن،تورداشلارنىڭ تەنقىدىي مەيداندا تۇرۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ئېلكىتاب ئېلقۇت بلوگى ۋە ئېلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرۇغۇچىسى ئېلقۇت ئەپەندىم تەرىپىدىن تېخىمۇ ئۆلچەملىك ھالەتكە ئەكىلىندى. ھەم چۈشۈرۈش ئادىرىسىمۇ يېڭىلاندى. يېڭى پىچىمدىكى سۈپەتلىك نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۋېلىڭلار!

چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=183831&uk=3909161718

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2776

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-01-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: