مەن ئۆزگىرىشىم كېرەك!

ۋاقتى: 2011-08-06 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 95 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

مەن ئۆزگىرىشىم كېرەك!

 

مانا ھازىرغا كەلگۈچە ساق 30نەچچە يىللىق ھايات مۇساپەمنى تاماملىغان،30نەچچە يىللىق ھاياتىمدا 20يىلغا يېقىن ۋاقىتىمنى مەكتەپ ئەتىراپىدا ئۆتكۈزگەن،ئۆزۈم ئاساسلىقى ئەدەبىيات ۋە تىل خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان،بۇ جەرياندا خېلى كۆپ كىتاپلارنى كۆرۈپ مەنىۋى ئۇزۇق ئالغان بولساممۇ، ھازىرغا كەلگۈچە باشقا مىللەت  يازغۇچىلىرى يازغان رومان ياكى پوۋىستنى ئوقۇپ باقماپتىمەن.بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ مەندە خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە رومان ياكى پوۋىستلارنى ئوقۇغۇدەك تىل سەۋىيەمنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس.بەلكىم بۇ مەندىكى تار دائىردىكى يەكلەش،ئۆزۈمنى باشقا مىللەت ئەدەبىياتى ۋە مەدىنىيىتىدىن چەكلەش شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىش، كىملىكىم، مىللىتىم، روھىيىتىمنى،ئۆزلۈكۈمنى ئانا مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى بىلەن سۇغۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشۇم مومكىن.لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇنداق تار دائىردىكى يەكلەش ۋە چەكلەشنىڭ ماڭا نىسبەتەن بىر خىل كۆزىنى ئىتىپ قويۇپ خامان تەپكەن ئۇلاقتەك قىسمەتنىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالدىغانلىقىمدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ.شۇنداق ئۆز مەدەنىيىتىمدىن،تارىخىمدىن،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمەن.ئۆز ئەنئەننىلىرىمگە ۋارىسلىق قىلىش،قوغداش،ئەۋلادىمغا يەتكۈزۈش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم.كۆز ئالدىمدا تەرەققىي قىلغان شەھەر،تەرەققىي قىلغان تېخنىكا،تەرەققىي قىلغان ئىقتىساد،تەرەققىي قىلغان مىللەت ۋە دۆلەت.قۇلاق تۈۋىمدە ”دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش،ئورتاق گۈللىنىش،تەرەققىي قىلغان مىللەت ۋە دۆلەت پۇقرالىردىن بولۇش“دېگەندەك شۇئارلار توختىماي ياڭرىماقتا.ئەتىراپنى خېلى تەپسىلى كۈزەتتىم،تەپەككۇرۇمدا ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىنى زىيارەت قىلىپ،كۆكرەك بوشلۇقۇمدا دۇپۇلدەپ سوقۇۋاتقان تىنىمسىز ئەزايىمنىڭ رېتىملىرىغا قۇلاق سالدىم.ھەممە نەرسە ئۆزگەردى،ئۆزگىرۋاتىدۇ،ئۆزگىرىدۇ.تېلىۋىزۇردا ئامېرىكىغا تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان قارا تەنلىك ئوباما ”بىز ئۆزگىرىشكە موھتاج“دېگەن شۇئارى بىلەن ئامېرىكا سىياسى سەھنىسىنى زىل-زىلگە سېلىپ،رەقىبىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ ئامېرىكا تارىخىغا ئەزەلدىن يېزىلىپ باقمىغان سەلتەنەتلىك تارىخنى يازماقچى بولىۋاتىدۇ.كوچىغا چىقتىم،ئادەم ئەڭ ئاۋات كوچىدىكى ئىگىز بىنانىڭ ئەڭ چېلىقارلىق جايىغا ئېسىلغان“تەرەققىياتنىڭ ئۆزى ھەقىقەت“دېگەن شۇئارغا كۆزۈم چۈشتى.شۇنداق مىللىتىم،خەلقىم،ۋەتىنىم تەرەققىي قىلىشى كېرەك،ئەڭ موھىمى مەن تەرەققىي قىلىشىم،ئۆزگىرشىم كېرەك.چۈنكى ھەر قانداق ئىشتا قەدەمنى ئۆزىدىن باشلاش ناھايىتى موھىم.پەقەت “ تۆھپەم،تۆھپىڭىز، تۆھپىسى = خەلقىم،مىللىتىمنىڭ تەرققىياتى“بولىدىغانلىقى ھەقىقەت ئىكەن.

شۇنداق مەن ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى دەپ ئولتۇرماسلىقىم لازىم.“تەقدىر بىزنىڭ ھەركىتىمىزنىڭ يېرىمىغا ئىگە،ئۇ قالغان يېرىمىغا ياكى تەخمىنەن يېرىمىغا ئۆزىمىزنى مەسئۇل قىلىدۇ؛ئۆزىنىڭ خاراكتىرىنى دەۋىر ۋە ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ تەلىپى بويىچە ئىسلاھ قىلالىغان ئادەم يامان ئاقىۋەتكە قالمايدۇ؛خۇدا ئەركىنلىك ئىرادىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن ۋە بىزگە تەۋە شان-شەرەپنى ئۆزى ئېلىۋالماسلىق ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئۆزى بىۋاستە قىلمايدۇ“.بۇندىن بىر مىڭ بەش يۈز يىل ياشىغان نىككولو ماكياۋىللى يۇقىرقىدەك مەشھۇر تەلىماتلىرى بىلەن تارىختىكى نۇرغۇن ھۆكۈمدارلىرنىڭ ئۆز دۆلىتىنى تۇتۇپ تۇرىشىغا،ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنى بوي سۇندۇرىشىغا ئىرادە ۋە كۈچ بەرگەن ئىكەن.بۇ دۇنيا توختىماي ئۆزگىرۋاتقان بولغاچقىلا ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.ئادەملەر توختىماي ئۆزگىرۋاتقاچقىلا دۇنيانى مۇشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرگەن.بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت.

مەن قاچاندىن باشلاپ ئۆزگىرىمەن،قانداق ئۆزگىرىمەن،قايسى يول بىلەن ئۆزگىرمەن.360 گىرادۇس ئۆزگەرسەم ئۆزۈمگە ئەسلا ئوخشىماي قالىمەن.180گىرادۇس ئۆزگەرسەمچۇ؟ياق،بۇنداق بولغاندا يا ئۆزۈمگە يا باشقىلارغا ئۆخشىماي قالىمەن.90گىرادۇس ئۆزگەرسەمچۇ؟ياق،ئۇنداقتا كىشىلەر مېنى قانداغاي دېيىشمەمدۇ؟زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟بۇ ھەقتە ئۇزاق ئويلاندىم،360 بىلەن 90 ئوتتۇرسىدىكى پەرق بەك چوڭ،بۇ خىل ئۆزگىرىش مېنى ئۆز ئوغلۇممۇ تونىيالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ.360بىلەن 180 ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئانچە چوڭ ئەمەس،لىكىن بۇ خىل ئۆزگىرىش مېنى مەيدانسىز،بايراقسىز ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ.ياق،مەن ئۆزلۈكۈمنى ساقلىشىم كېرەك.ئۆزلۈكۈمنى ساقلىغانلىقىم كىملىكىمنى ساقلىغانلىقىم.ئەلۋەتتە ئۆزلۈكۈم ۋە كىملىكىمنى ساقلىشىم مېنىڭ ئالاھىدە بىر ئادەم قاتارىدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاساسى.

ھەي!مەن زادى نىمىلەرنى يېزىۋاتىمەن،باشتا ئۆزگىرشىم كېرەك دەۋاتاتىم.ئەمدى ئۆزگىرىشتىن قورقىۋاتىمەنغۇ؟بۇ ئىككىسى پۈتۈنلەي زىدىيەتلىك نەرسىغۇ؟توغرا دۇنيا زىدىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ،زىدىيەت بولمىسا،دۇنيا ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل باھانە.تۈركىيىلىكلەرنىڭ شاكىلاتىنى سېتىش ئۈچۈن تاپقان باھانىلىرىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئېسىل باھانە.“ئۆزگىرىش“تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا بولغان تونۇشۇم خاتا كەتكەن ئوخشايدۇ.ئۆزگىرىشنىڭ تۈرلىرى كۆپ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش،قىسمەن ئۆزگىرىش،دائىرلىك ئۆزگىرىش،سان جەھەتتە ئۆزگىرىش،سۈپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش،ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش، شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىرىش قاتارلىقلار“ئۆزگىرىش“نى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەردۇر.توغرا بولارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشىم ناھايىتى موھىمدەك قىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئۆزلۈكۈمنىمۇ،كىملىكىمنىمۇ ساقلاپ قالالايدىكەنمەن.يەنە تېخى ئۆزگىرىش مەقسىتىمگىمۇ يىتەلەيدىكەنمەن.“بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش“نىڭ ئۆزى بولماي نېمە؟

مەندىكى جاھىللارچە ئۆزگەرمەسلىك خىيالى دەۋىر،زامان،ماكان بىلەن چىقشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىكەنمەن،قەدىمىمنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆزگىرىش يولىغا قاراپ ھازىرلا ئېلىشىم كېرەك.بىر سىكۇنت كېچىككەنلىكىم،بىر قەدەمنى ئاز ئېلىشىمغا سەۋەبچى بولغىدەك؛بىر قەدەمنى ئاز ئېلىشىم،بىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قالغانلىقىمغا سەۋەبچى بولغىدەك؛بىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قالغىنىم،بىر تەرەققىياتتىن قۇرۇق قالغانلىقىم بولغىدەك؛بىر تەرەققىياتتىن قۇرۇق قالغىنىم،بىر پۇشايمىنىمنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپچى بولغىدەك.

ھەقىقىي مەنىدىكى ”ئۆزگىرىش“يولىنى تاپقاندەك قىلىمەن.بۇ خىل ئۆزگىرىش ماڭا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى پىچىرلاۋاتقاندەك قىلىدۇ:سەن بىر ئۇيغۇر مىللىتىڭىنى،ئېتىقادىڭنى،ئۆرپ-ئادىتىڭنى،سەنئىتىڭنى،تىلىڭنى ئۆزگەرتىمىسەڭمۇ بولىدۇ.سەن ئۆزگەرتمەكچى بولغان نەرسە،سېنىڭ ھورۇنلۇقۇڭ،ھەسەتخورلۇقۇڭ،كۆرەلمەسلىكىڭ،ئاجىزلىقىڭ،كەمچىللىكىڭ،ئېتىقادسىزلىقىڭ سەن پەقەت ۋۇجۇدۇڭدىكى مۇشۇ ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتسەڭلا باشقا ئۆزگىرىشلەرگە تەبىئىي ھالدا يول ئاچالايسەن.“ئۆزگىرىش“سىنى ئەمەس،سەن ئۆزگىرىشنى كونتىرول قىلالايسەن.“ئۆزگىرىش“تەرپىدىن كونتىرول قىلىنغانلىقىڭ روھى جەھەتتىكى قۇللۇقۇڭنى تۇنجى قەدىمى خالاس.شۇڭا ئەڭ ئاۋال ئۆزەڭنى تونۇ،ئاندىن باشقىلارنى؛ئاۋال ئۆزۈڭنى باشقۇر،ئاندىن باشقىلارنى؛ئاۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت،ئاندىن باشقىلارنى ئۆزگەرتەلەيسەن.

ئەسلىدە بىر كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى يازماقچى ئىدىم.تەپەككۇرۇم،خىيالىم قانات قېقىش لىنىيىسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىپ قالغاچقا،تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن يازمىنى ئاخىرلاشتۇردىغان بولدۇم.بۇندىن كىيىن ئامال بار قىلماقچى بولغان ئىشىمنى ئاۋال قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.بۇنىڭ ئۈچۈن دائىم خام خىيال سۈرىدىغان ئادىتىمنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشىم كېرەك.“ئادەت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ“،“ئادەتنىڭ قانداق بولىشى مۇۋاپىقىيەتنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدۇ“.ناچار ئادەت بولسا،يىغلاپ تۇرۇپ خوشلىشاي،ياخشى ئادەت بولسا،قوغلاپ يۈرۈپ يېپىشاي.شۇنداق قىلساملا ھەقىقىي مەنىدىكى ”ئۆزگىرىش“مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمەن.

 

2009-يىلى2-ئاينىڭ 15-كۈنى

                                                          -لوپنۇرى

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif