بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى(6)

 

 

Ⅵمۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

 

   1 .تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچە ئارقىلىق ياسالغان ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

 

تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر جۈملىدە مۇستەقىل لېكسىكىلىق بىرلىك سۈپىتىدە بىر-بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

باھار بىلەن تەڭ پۈتكۈل كائىنات جانلىنىشقا باشلىدى.

  2 .بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

  1 )بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ،ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

تۆگىتاپان،توشقانقۇلاق،قىرىققۇلاق،مۈشۈكياپىلاق،

 

سەكسەنپۇت،بۇغىئوت،ئىشقىلىپ،  جاھانكەزدى

 

ئەسكەرتىش:

 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قانداق بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز دەپ تونۇش مەسىلىسى تېخى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل بولمىدى.شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار كونكىرىت مەسىللەردە ئۇيغۇر تىلچىلىرى ئارىسىدا ھېلىمۇ ئىختىلاپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.

     ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقى نوقتىسىدىن ئالغاندا،بىرىككەن سۆزلەرنى شۇنىڭدەك بىرىككەن سۆزلۈك يۆلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە قوشۇپ يازغان پايدىلىق.تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان بىرىكمىلەرنى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ كىيىنچە بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.بىز ھازىرچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن قوشۇپ يېزىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز قاتارىدا ئالدۇق.

   2 )بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبى قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھازىرغىچە كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئاشقازان،سەپرائوت،قاراماي،قارادۆڭ،قاراشەھەر….

 

بۇغىئوت،تۆگىتاپان،قارىمۇچ،قارىقات،بالىياتقۇ،سەللىگۈل….

 

3 )بىرىنچى تەركىبى ئىككىنچى تەركىبىگە ”مۇ“باغلىغۇچىسى ياكى ”ۋە“باغلىغۇچىسىنى ئۆزگەرگەن شەكلى“ئۇ“ئارقىلىق قوشۇلغان بىرىكمىلەر بىرىككەن سۆز ھېسابلىنىپ، قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

باغۇبوستان،               ئەيشۇئىشرەت،           دادۇپەرياد،         قولمۇقول

 

قارىمۇقارىشى،           خىلمۇخىل  ،              قاتمۇقات،             ئۈستىمۇئۈست

 

   4 )ئىككىنچى تەركىبى ”ب“بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم بېشىدىكى ”ب“ تاۋۇشى ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئىملادا ”ب“ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

 

ئونبىشى،يۈزبېشى،مىڭبېگى،يۈزبېگى،موزايبېشى،شىللىباغ،بەلباغ،پاينەكباش،قاپاقباش،يۇمشاقباش،ئۈستىباش،يېڭىباشتىن،كۆكباش،كاتتىباش،ئىشتانباغ،گۈلباغ،ئازادباغ،دۆلەتباغ،چىنباغ،مارالبېشى،يۇلتۇزباغ،سايباغ،شامالباغ،ئەمەتباقى،توختىباقى، ئاخۇنباي،ئابلاباقى…………..

 

   5 )تىلىمىزغا پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن “ _باز،_بان“ بىلەن ياسالغان سۆزلەردىكى قوشۇمچىنىڭ بېشىدا كەلگەن ”ب“ تاۋۇشلىرى ئۇزۇن يىل داۋامىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ ”_ۋاز،_ۋەن،_ۋان ”  بولۇپ كەتكەن.پەقەت ”_باز“شەكلى ئايرىم سۆزلەردە ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان.بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ئىملادا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىرى،فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش  ياسىغان ھالىتىدە ،فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىرى ئەسلىي ھالىتىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

دارۋاز(ئەسلى دارباز)                            قىمارۋاز(ئەسلى قىمارباز)

 

يۇرتۋاز (ئەسلى يۇرتباز)                      سىياسەتۋاز( ئەسلى سىياسەتباز)

 

باغۋەن(ئەسلى باغبان)                  سايىۋەن(ئەسلى سايىبان)

 

جانباز،خوتۇنباز،تەركىپباز،تەرەپباز……….

 

6 )ئىككىنچى تەركىبى لېكسىكىلىق مەنىسىنى يوقىتىپ مۇستەقىل قوللىنىشتىن قالغان ياكى لېكسىكىلىق مەنىسى سۇسلىشىپ،قوللىنىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بىرىككەن سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

بالىۋاقا(ئەسلى بالا بارقا)              ئۆيۋاق(ئەسلى ئۆي- بارق)،تەڭتۈش،تەلتۆكۈس  

 

    3.جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى  

   1 )جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئاتا-ئانا                   توي_تۆكۈن                   ئات_ ئۇلاغ

 

خۇشال-خۇرام            ھارماي-تالماي            ئۇزۇن-قىسقا

 

قاتتىق-قۇرۇق             پات-پات                   قات-قات

 

قەۋەت-قەۋەت

 

2)ئىككىنچى تەركىبى كېلىشلەر بىلەن تۈرلەنگەن تەكرارلانغان جۈپ سۆزلەر ئوتتۇرغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئارقا-ئارقىدىن               زامان-زاماندىن              كەينى-كەينىدىن

 

جاي-جايىغا                  جاي-جايىدا                   تۆپە-تۆپىسىگە

 

ئۆز-ئۆزىنى                     بىر-بىرىنىڭ                    دوقمۇش-دوقمۇشتا

 

3)بىرىنچى تەركىبى چىقىش كېلىش بىلەن كېلىپ تەكرارلانغان سۆزلەردىن ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆزلەر ھېسابلىنىپ،ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

كۈندىن-كۈنگە                        ھېلىدىن-ھېلىغا                شاختىن-شاخقا

 

ئۆيدىن-ئۆيگە                         ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا

 

   4 )تەكرار كەلگەن ھەر ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندىن سىرت يەنە كېيىنكى سۆزلەرگە باش كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۇلار جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ،ئىككى سۆز ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

 

جايى-جايىدا                       ئورنى-ئورنىدا                  ۋاقتى-ۋاقتىدا

 

جايى-جايىغا                        ئورنى-ئورنىغا                   ئىچى-ئىچىدىن

 

5)تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ كېيىنكىسىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە ”-لاپ،-لەپ“قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ،ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئاي-ئايلاپ                  كېچە-كېچىلەپ                      تۆپە-تۆپىلەپ

 

ئويلاپ-ئويلاپ              يۈزلەپ-يۈزلەپ                     ئارىلاپ-ئارىلاپ

 

6)ئىككى تەركىبلىك ياكى تەكرار كەلگەن تەقلىد سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

تاراق-تۇرۇق                پاژ-پۇژ                    لىغىر-لىغىر

 

ۋال-ۋۇل                       شىپ-شىپ              قىمىر-قىمىر

 

    7)ئىككىنچى تەركىبى بىرىنچى تەركىبىگە  قاپىيە نوقتىسىدىن ئۇلىنىپ كېلىپ، ئالدىنقى تەركىبىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇردىغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

نان-پان                    ئاش-پاش             چاي-پاي                تۇز-پۇز  

 

سەل-پەل                  ئاز-پاز                    لاتا-پۇتا

 

      مايماق-سايماق     قارا-قۇرا                   ساراڭ-سۇرۇڭ

 

   4 . سانلارنىڭ ئىملاسى

سانلار تېكىست ئىچىدە تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە يېزىلىدۇ.

   1 )بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

بىر ئادەم                  بىر ساپاق ئۈزۈم              ئىككى تاۋۇز          بەش يۈەن

 

6 قەلەم                     8 كىشى                          9 خالتا……..

 

  2 )دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا،كەينىدىن دەرىجە سان بەلگىسى ”-“ قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

1-ئاي              12-قىسىم          “ 9-دىكابېر“ ۋەقەسى        مىلادىيە 480-يىلى

 

  3)بىر قانچە دەرىجە سان قاتار كەلگەندە،مەيلى ھەرپ بىلەن يېزىلسۇن ياكى رەقەم بىلەن يېزىلسۇن ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى كاماندا ئەزالىرى……..

 

1-،2-،3- كاماندا ئەزالىرى……………

 

    4) سانلىق مەلۇماتلاردىكى كۆپ خانىلىق ساناق سانلار ئارىلاش يېزىلسا بولىدۇ. رەقەم بىلەن يېزىلغاندا ھەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر تەتۈر پەش “ , “ قويۇلىدۇ.

 

مەسىلەن: 154 مىڭ 630 سەر كۈمۈش         1 مىليۇن 600 مىڭ يۇەن

 

630,154 سەر كۈمۈش                           600,000  , 1  يۇەن

 

5)ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ھەرپلىك ياكى رەقەملىك ئىپادە بىلەن يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

 

سەككىزدىن بەش ياكى        ئوندىن بىر ياكى

 

نۆل پۈتۈن ئوندىن بىر ياكى 0.1         بىر پۈتۈن يۈزدىن ئالتە ياكى 1.06

 

   6)بىر ئىش ۋەقەنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بىلەن تاماملىنىش نوقتىسىنى بىلدۈرىدىغان يىل ناملىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنمىسا،ئوتتۇرغا سىزىق قويۇلۇپ،ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.ئەگەر مۇنداق يىل ناملىرى مىلادىيە ھېسابىدا بولۇپ قالسا،كىچىك سان ئوڭغا،چوڭ سان سولغا يېزىلىدۇ.مىلادىدىن بۇرۇنقىلىرىدا چوڭ سان ئوڭغا،كىچىك سان سولغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

مەھمۇد كاشغەرى(  1008_1105 )    

  يۈسۈپ خاس ھاجىپ (  1019_1085 )

 

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان (  1449_1551 ) 

 نەۋايى (  1441_1501 )

 

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (  1896_1932 )    

  تاڭ سۇلالىسى(  618_907 )

 

ئارىستوتىل  ( مىلادىدىن ئىلگىركى 384_324 )

 

پىلاتون   ( مىلادىدىن ئىلگىركى 427_347)

 

    7 )رىم رەقەملىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ سۇلالىلەر،كىتاب بابلىرى ۋە توملىرى،شۇنىڭدەك خىمىيە فورمۇلالىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.مۇنداق ئەھۋالدا رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

 

Ⅰ باب              Ⅴ توم                كاربون Ⅳ ئوكسىدى

 

كۆپ ئىشلىتىلدىغان رىم رەقەملىرى

1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15
XIII XIV XV
16 17 18 19 20 30 40 50 60 70 80 90 100 500 1000
XVI XVII XVIII XIX XX XXX XL L LX LXX LXXX XC C D M

 

 

    8)قەرەللىك ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈردىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن “ _ يىللىق“ دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

2007-يىللىق ئۈرۈمچى چېگرا سودا يەرمەنكىسى

 

2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى

 

   9 )رەقەم ۋە پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلغان سانلاردىن كېيىن ئەگەر شەخس قوشۇمچىسىنى قوشۇشقا توغرا كەلسە،شەخس قوشۇمچىسى سانلارغا بىۋاستە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

بۇ دەپتەرنىڭ 14 ى مېنىڭ، 12 سى سېنىڭ

 

ۋەزىپىنىڭ% 90  ى ئورۇنلاندى

 

   10 )فورمۇلالار،ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

F=am   (نىيوتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)

 

×M =  (ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى قانۇنى)

 

   11)ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

 

نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ياكى نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا     300,000 km     

 

300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چېنىقىش زالى ياكى   300  كېلىدىغان چېنىقىش زالى

 

12)پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن :

 

§1 .             §2 .            §3 .            §4 .        §5.           §6 .      

 

مەشق

1.تۆۋەندىكى بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.

(1)مىڭبېگى (2)موزايۋېشى(3)بەلۋاغ(4)پاينەكباش(5)قاپاقۋاش (6)يېڭىۋاشتىن(7)كاتىباش(8)مارالبېشى(9)سايۋاغ(10)ئەمەتباقى

(11)قارىمۇ_قارشى (12)خىلمۇخىل (13)قارامۇچ(14)سەكسەن پۇت

2.مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.

1) بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ پەقەت ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.(       )

2) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ.(                )

3) ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ.(               )

4) فورمۇلالار،ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.(        )

5) قەرەللىك ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈردىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن “ _ يىللىق“ دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ.(              )

6) يىل ناملىرى مىلادىيە ھېسابىدا بولۇپ قالسا،كىچىك سان سولغا،چوڭ سان ئوڭغا يېزىلىدۇ.(                 )

7) رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ.(            )

8)تۈپ ۋە ياسالما سۆزلەر ئۆز-ئارا قوشۇپ يېزىلىدۇ.(               )

9) بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ،ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ.(                  )

10) جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇپ يېزىلىدۇ.

3.تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تېپىڭ.

1)مۈشۈك ياپىلاق كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.

2)ياخشىبالىلار تىرىشىپ ئوقۇيدۇ.

3) Ⅰ. بابنى ئوقۇپ بولدۇم.

4)ساۋاغداشلار§.1 نى كۆچۈرۈپ كېلىڭلار.

5)شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ ئالتىدەن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

6) ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (  1932_1896 ) ۋەتەنپەرۋەر شائىردۇر.

7)12 مۇقام ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدۇ.

8)بۇ ئورمانلىقتا خىلمۇ-خىل قۇشلار ياشايدۇ.

9)ئۇلار ۋەزىپىنىڭ توقسان ٪ نى ئورۇنلاپ بولدى.

10)بالىلار كەينى.كەينىدىن يېتىپ كەلدى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=604

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: