سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە1)
سەھرادىكى باھار كېچىسى
مېنىڭ بىرىنچى پارچە شېئىرىم
خىلۋەتتىكى دوڭغاق جىگدىدە،
تۈنىگەندە ساماۋىي چۈشلەر.
يۇپۇرماقلار شىۋىرلاپ ئاستا،
سۆزلىنىدۇ يېشىل كەچمىشلەر.
جىگدە ھىدى تارىلىپ ئاستا،
تۈن قىزىنى قىلسا ھامىلدار.
كۆز قىسىدۇ جىمى ئالەمگە،
ئاسماندىكى ئويناق يۇلتۇزلار.
مەجنۇنتالنىڭ نازۇك بېلىنى،
مەيىن شامال قايرىيدۇ ئاستا.
مەشۇقىنى چاقىرىپ تىنماي،
كۇركىرايدۇ ئۇيقۇسىز پاقا.
كۆكتە جىمجىت ماڭار جېدەللەپ،
ۋىسالنى دەپ چىققان ھىلال ئاي.
كۆل بويىدىكى پاشا بەزمىسى،
قىزىپ كېتەر ئاجايىپ ئايھاي!
ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇزۈك سۇ،
چاڭقاق يەرگە سىڭسە پۇرۇقلاپ.
سەمىرىيدۇ بارچە مەۋجۈدات،
قىشتىن بېرى كەتكەن ئورۇقلاپ.
يېزىدىكى باھار كېچىسى،
شائىرانە خىياللارغا باي.
قۇلاق سېلىپ بېقىڭا دوستۇم،
شېئىر ئوقۇپ يۈرۈيدۇ تورغاي.
ئايزىتنىڭ بىرىنچى پارچە مۇشائىرسى
شېئىر ئوقۇپ يۈرۈيدۇ تورغاي،
سەھرادىكى باھار كېچىسى.
قايتىلاندى يېشىل چۈشلەرمۇ،
بۇلۇت يىغلاپ تۈنىگەن كۈنى.
ئېقىپ كىرەر جىگدە ھىدلىرى،
سېغىنىشنىڭ نازۇك قەلبىگە.
سامان يولى كەتتى ئاقىرىپ،
پىنھان يولنى يورتىپ خېرە.
ناز قىلىدۇ مەجنۇنتال سۇغا،
شاماللارغا سېلىپ چىچىنى .
سۇغا چىقتى سۈيۈملۈك بىر قىز،
بۇلاقلارغا تۆكۈپ سىرىنى .
يولتۇزلارنى ھەسەتكە باشلاپ،
بۇلۇت يۈرەر ھىلالنى كۆزلەپ.
دوڭغاق جىگدە چۈشىدىن چىقىپ،
قوغلىماقتا قاغىنى مۈگدەپ.
ئېرىق ئاتلاپ يۈرۈيدۇ سۇمۇ،
باھار چىللاپ ھەممىگەخوشال.
قولياغلىققا تىكىپ گۈل يۈرەك ،
ئولتۇرىدۇ كېچىككەن ۋىسال.
مېنىڭ ئىككىنچى پارچە جاۋاپ مۇشائىرەم
قولياغلىققا تىكەن گۈليۈرەك،
ئېچىلىدۇ ئاستا پورەكلەپ.
دەريا-كۆللەر يېتەر ۋىسالغا،
قۇيۇلغاندا يامغۇر چېلەكلەپ.
سىڭىپ كېتەر جىگدە ھىدىمۇ،
باھار چىللاپ سوققان يۈرەككە.
ھەۋەس بىلەن قارار قۇشلارمۇ،
ئۇز ياسىنىپ كەتكەن تېرەككە.
ناز قىلىدۇ سۇغا مەجنۇنتال،
ئۈمچەيگەنچە ئېقىتىپ پوتلا.
بوت-بوت ياساپ ئوماق بالىلار،
كۆكلەم ئۈچۈن تەييارلار سوۋغا.
چىقىرىدۇ كۆمۈش يۇپۇرماق،
دوڭغاق جىگدە بېلىگە مۇشتلاپ.
قارلىغاچلار كېلىدۇ قايتىپ،
زىمىستاندا كەتكەن يامانلاپ.
سەھەر تۇرۇپ ھەر كۈنى قۇياش،
بېرەر بارچە جانلىققا مەدەت.
ئايىماستىن تۆكۈپ مېھرىنى،
ياغدۇرىدۇ زېمىنغا بەرىكەت.
رۇخسارىنى قالدۇرۇپ باھار،
بۇلاق بويىدىن يانىدۇ تەمكىن.
ياز قېنىغا كەتسە قوشۇلۇپ،
ئاندىن كۆڭلى تاپىدۇ تەسكىن.
ئايزىتنىڭ ئىككىنچى پارچە مۇشائىرسى
رۇخسارىنى قالدۇرۇپ باھار،
يېشىلللىققا كەتتى پۈركىنىپ.
كۆڭۈل سۆزى ئېيتالماي يولتۇز،
پىچىرلايدۇ ئايغا ئىنتىلىپ.
مەجنونتالغا قورۇنۇپ بىقىپ،
كىملەرنىدۇ ئويلار شوخ بۇلاق.
پورەكلىگەن گۈل يۈرەكلەردىن،
يازغا كىرىپ كىتەر ئىشتىياق.
ياز قېنىغا كەتسە قوشۇلۇپ،
شېرىن ھېستا تەرلەر ھاياجان.
ئايدىڭ كەچكە ھەمرا جۈپ سايە،
ئۇنتۇپ قالار ۋاقىتنى ھامان.
مېنىڭ ئۈچىنچى پارچە مۇشائىرەم
ئۇنتۇپ قالار ۋاقىتنى چوقۇم،
باھار يازغا ئۇلاشقان كۈنى.
گۈلگە ئاشىق بولغان بۇلبۇلنىڭ،
باشلىنىدۇ يېقىملىق ئۈنى.
شىرىن ھېسقا تويماي كېپىنەك،
گۈلزارلىقنى ئەيلەيدۇ ماكان.
چېچەكلەردىن خوشلىشىپ باغلار،
غورىلايدۇ كېچىدە پىنھان.
يېشىل چۈشكە خىيالى چۆكۈپ.
دەرتلىرىنى كۆشەيدۇ يۇلتۇز.
قىياقلارغا نازلىنىپ باقار،
سۇ بويىدا خۇشپۇراق يالپۇز.
بۇلدۇقلايدۇ كۈچەپ بۇلاقمۇ،
سىرلىرىنى قىلغاندەك ئىزھار.
يازغا يېشىل توننى كەيدۈرۈپ،
ھاياجاندا قايتىدۇ باھار.
ئۇسۇل ئۇينار مەجنۇنتاللارمۇ،
يېيىۋىتىپ سۇمبۇل چېچىنى.
ياز ھۆسنىگە تويماي قۇياشمۇ،
قىسقارتىدۇ ئۇزۇن كېچىنى.
چاقماق بىلەن كېلەر بەسلىشىپ،
گۈلدۈرماما ھەيدەپ مەپىنى.
ئاستا سۈرۈپ كېلىدۇ شامال،
لەيلەپ يۈرگەن نەمخۇش كۆرپىنى.
يۇيۇپ بولۇپ زېمىنى يۈزىنى.
ئەتلەس بەلۋاغ باغلايدۇ ئاسمان.
يېشىل ھايات قوينىدا تەمكىن،
يېشىل ئارمان قىلىدۇ جەۋلان.
كىيىنكى يازما: سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە2)