سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە5)

ۋاقتى: 2011-12-12 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 77 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

مېنىڭ ئون بىرىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

خىياللارنىڭ توسماي يولىنى،

چېچەك كەبى كەتتىم ئېچىلىپ.

مەن ئازابنى ئۇنتۇدۇم تامام،

باھار كېلىپ باققاندا كۈلۈپ.

 

يېشىل چۈشكە ئورۇنۇپ يېتىپ،

ۋىسال بىلەن مۇڭداشتىم تازا.

ئارمانلارنى چىقتىم پەپىلەپ،

ئۆز-ئۆزۈمنى قىلىپ تەققازا.

 

دالىلارغا ئەركىلەپ شامال،

تاغ-دەريادىن ئۆتكەندە ئاتلاپ.

مايسىلارنىڭ يازغان خېتىنى،

تاڭ ئاتقىچە ئوقۇدۇم يادلاپ.

 

ئەگىز بىلەن بىللە قوشۇلۇپ،

ئېتىزلارغا يېيىلدىم جىمجىت.

غەم-تەشۋىشنىڭ پىلانلىرىنى،

ئىككىلەنمەي ئەيلىدىم بىتچىت.

 

 

ئايزىتنىڭ ئونىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

ئىزلىرىمنى ئىزلىگەن ھىدىڭ،

سىڭىشىپتۇ يالپۇز  قىنىغا.

خىيال بىلەن چېچىمنى ئۆرۈپ،

قاراپ قالدىم  سېنىڭ يولىڭغا.

 

ۋاقىت مېنى قوغلايدۇ تىنماي،

بىز ماڭمىغان چىغىر يول ئارا.

چۈشىۋاتقان چېچىمنى ساناپ،

سۇندۇرۋەتتىم تاغاقنى ئاستا.

 

تەشنا رەڭدە سىزىلغان يۈرەك،

سېغىنىشقا تۇرار چېلىنىپ.

قاراقلاردىن يامغۇر چۈشمەكتە،

كۈتۈش  رەڭگى سۇغاق دۇغلىنىپ،

 

يېشىل چۈشكە ئۇرۇنۇپ تۇرغان.

ۋىسال كۈلۈپ كەلمەكتە ئەنە،

تىڭشاپ چىقتىم ئۆزەمنى جىمجىت.

يىقىنلاشتى تۇنۇش بىر سايە،

 

شىلدىر-شىلدىر ئاققان سۇلارمۇ؟

تىۋىش تىڭشاپ قالدى جىممىدە،

ئايغا قاراپ خىيالچان بۇلاق.

بىزگە قاراپ قالدى ھەۋەستە،

 

سانالمىدى مىسرا بۇغۇمى.

ۋاقىت قوغلاپ كەلمەكتە بىزنى،

ئۈتۈپ كەتتى ئارلىقتىن كېچە.

كۈنگە تاشلاپ ھەممە دەردىنى،

 

مېنىڭ ئون ئىككىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

چۈشىمەكتە سۇنبۇل چېچىڭنى،

سۇندۇرۋەتكەن تارغاق پارچىسى.

قارىقىڭدىن چۈشكەن يامغۇرنىڭ،

يۈرۈگۈمدە قاپتۇ تامچىسى. 

 

كۈتۈش رەڭگى سۈزۈلمەك بولۇپ،

ئىچ-باغرىمنى رەتلەيدۇ تىنماي.

ئۈمىد قوغلاپ كېلەر يېقىنلاپ،

ھىجرانىمغا قەتئىي بوي سۇنماي.

 

ئايغا قاراپ خىيالچان بۇلاق،

تۈنەپ چىقسا يۇمماي كۆزىنى.

يېقىنلاشقان تونۇش بىر سايە،

ئېرىپ كەتتى ئېيتماي سۆزىنى.

 

لەۋلىرىمدە قاپتۇ بىر تالاي،

ھەرىسىمان چىشنىڭ ئىزلىرى.

بىر ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇپ،

قېچىپ كەتكەچ ۋىسال قىزلىرى.

 

ئايزىتنىڭ ئون بىرىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

سېھىرلەنگەن تۇيغۇغا ئوخشاش،

چايقىلىدۇ سۈزۈك لېرىكا.

ئېرىپ كەتكەن سۆزلەر ئىچىدىن،

يادلانماقتا تۇنۇش مۇزىكا .

 

كىلىۋالدى ئىسىمگە يارقىن،

ئايغا باققان خىيالچان بۇلاق.

ھىجرانلارغا بوي سۇنمىغان ئوت،

قوزغىماقتا دىلدا ئىشتىياق.

 

يۈرىگىڭدە قالغان تامچىنى ،

سەھەر بىلەن گۈللەرگە بەرگىن.

كۈتۈش ئىچرە ئۆتكەن خىيالنى،

نەزمە پۈتۈپ كۆكلىتىپ قويغىن.

 

مېنىڭ ئون ئۈچىنىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

 سۈزۈپ ئالماق بولدۇم ۋىسالنى،

ئېرىپ كەتكەن سۆزلەر ئىچىدىن.

ھىجرانلارغا بويسۇنمىغان ئوت،

ئۆرتەپ چىقتى مېنى كېچىدىن.

 

يۈرۈگۈمدە قالغان تامچىنى،

ھورلاندۇرۇپ تازا سۈمۈردۈم.

كۈتۈش ئىچرە خىياللار سۈرگەچ،

يوللىرىڭغا راسا تەلمۈردۈم.

 

تاڭ سەھەردە يۇيۇنغان گۈللەر،

ئۈندى جىمجىت ئېسىمگە يارقىن.

سېھىرلەنگەن تۇيغۇرلار كېلىپ،

پەيدا قىلدى يۈرەكتە يانغىن.

 

كۆككە باققان خىيالچان بۇلاق،

ئاي نۇرىدىن ئالدى دەرماننى.

نەزمە پۈتۈپ كۆكلەتتىم مەنمۇ،

ساڭا سېزىك بولغان ئارماننى.

 

ئايزىتنىڭ ئون ئىككىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

 

بوي تارتىدۇ ئىچىدە كۈلۈپ،

نەزمە بىلەن كۆكلىگەن ئارمان.

تۇيغۇلاردىن كەتتى يىراقلاپ،

مىسرالاردا ياتسىراپ ھىجران.

 

گۈللەر بىلەن كۈلدۈم سەھەردە،

يېشىللىققا پۈركىنىپ لەرزان.

سېھىرلەنگەن سۈزۈك تۇيغۇدىن،

سۆيگۈ پۇراپ تورىدۇ پىنھان.

 

سېزىك بولغان گۈزەل ئارمىنىڭ ،

تۈنلىرىمگە بولماقتا چىراغ.

تىرناق ياساپ ئولتۇردۇم يەنە،

قىزىل رەڭگە ئەيمىنىپ قاراپ.

 

مېنىڭ ئون تۆتىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

قىزىل رەڭگە چۈشكەندە كۆزۈم،

تارتىنىشىڭ كەلدى ئېسىمگە.

گەرچە سۆيگۈ ئازاب بەرسىمۇ،

سولاپ يۈردۈم ئۇنى ئىچىمگە.

 

سۈزۈك تۇيغۇ،سۈزۈك ھاياجان،

تۈنلىرىمنى يۇرۇتتى سۈزۈك.

مىسرالاردا ياتسىراپ ھىجران،

ئۇخلىيالماس ھەركۈنى تۈزۈك.

 

باھار بىلەن كۈلدى تۇيغۇلار،

كۆكتە قاتار قىلغانچە جەۋلان.

ۋىسال جىمجىت قوشۇلدى بىردىن،

يېشىللىققا پۈركىنىپ لەرزان.

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif