ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش
ئىليا بەختىيا
يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،
تۆكۈۋىتىدۇ مېھمان كەلدى ئۆيگە دەپ.
دېسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.
ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن، كۆڭلى گۈل،
باغ-باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى – چۆل.
دوستقا دېگەن مېھرى ئوچۇق، كۆڭلى ئاق،
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.
ئەتە-ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،
قۇلۇپ سالماس، قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ.
چۈشەنمەستىن دېسەڭ ئەگەر: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.
كۆچەت تىكىپ، سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ.
دوست-بۇرادەر كۆڭلى تويسا شۇ باغقا،
مەن قاتارغا قوشۇلدۇم دەر شۇ ۋاقتا.
قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،
بىرى كۈلسە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ.
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ قوشنىنى،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار – دوستىنى.
جاپاريىڭمۇ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ،
ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ.
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ تەڭ بۆلۈشۈپ،
شادلىق كۈنى ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ.
ناخشا-سازسىز، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،
سەن كۈلمىسەڭ، ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ.
سەن ئېگىلسەڭ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،
ھە، سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن.
ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان،
بىلىم-ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان،
ئوق ئورنىدا ھەمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ.
ئەمگەك قىلار ئىنسان ئامان بولسۇن! دەپ.
مەنبە:كەتمەنباي تور خاتىرسى
2011/11/11 13:43:31
بۇ شېئىرنىڭ ناخشىسىغىمۇ ئامراق ئىدىم. كېچىككەن بولساممۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!~~~
2011/11/11 15:59:18
تەڭ بولسۇن، ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزگەنسىز؟ ياقا يۇرتتا ھېيت ئۆتكۈزۈش بىر قەدەر قىيىن. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر قىتىم قۇربان ھېيتنى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈپ باققان. ئۈچ كۈن بەك تەستە چىدىغان ئىدىم.