روھ غەليانلىرى

ۋاقتى: 2011-11-06 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 365 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

روھ غەليانلىرى

 

روھىمدا غەليان كۆتۈرگەن سۈكۈت،

سەن ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلانغىن دېدى.

تېنىمدە بەزمىگە چۈشكەن قۇرۇتلار،

غايىنى توختىماي غاجىلاپ يېدى.

 

بەزىدە تاڭ سەھەر تۇرۇپ ئورنۇمدىن،

غەپلەتنىڭ گېلىنى غەزەپلىك سىقتىم.

بەزىدە قۇياشنىڭ نۇر دەستىسىنى،

ئىرادەم تېنىگە مەقسەتلىك تىقتىم.

 

مازارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن چېغىمدا،

ئۆلۈمنى توساتتىن ئالدىم ئېسىمگە.

ئۇنتۇدۇم ئۆزۈمنى سازلار ئەۋجىدە،

شەيتانلار ئېسىلدى پاكىز پېشىمگە.

 

كەلگەندە بېشىمغا ئېغىر قىسمەتلەر،

ئاللاھتىن تىلىدىم گۇناھلىرىمنى.

بۇزدۇمغۇ مىڭ قېتىم قىلغان قەسەمنى،

چىللىسا ئىشرەتلەر ئەرۋاھلىرىمنى.

 

سىقمىدىم ۋاقىتنىڭ قوللىرىدىن چىڭ،

بەرسىمۇ ئۆمۈرۈمگە تالايلاپ پۇرسەت.

تەۋرەندىم ھورۇنلۇق بۆشۈكلىرىدە،

تىلىدىم خىيالدىن،تەلەيدىن شەپقەت.

 

كىتاپلار چىللىسا ئىلىم قوينىغا،

ھە، دېدىم ۋە لېكىن بارمىدىم يوقلاپ.

تەپەككۇر پىچىقىم گاللىشىپ كەتسە،

ئەقىلنىڭ تېشىدا قويمىدىم چاقلاپ.

 

ئابروينىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ مېڭىپ،

ئېرىشتىم ئاخىرى قۇرۇق ماختاشقا.

ۋىجدانىم ئەيىبلەپ كەتسە ناۋادا،

ئۇرۇندۇم ئۆزۈمنى قالتىس ئاقلاشقا.

 

ھەق-ناھەق ئارلىشىپ كەتسە بەزىدە،

قاشلىدىم بېشىمنى مەنپەئەت ئالدىدا.

دوستلارنىڭ بېشىغا چۈشسە كۈلپەتلەر،

يۇشۇردۇم ئۆزۈمنى مەينەت دالدىغا.

 

بىر چەتتە پاڭقىيىپ كۆردۈم تاماشا،

يامانلار ياخشىنى ئەتكەندە بوزەك.

سۆزلىسە ئاتىلار مەرتلىك قىسسسى،

ئالمىدىم ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئۆرنەك.

 

ئويلىدىم ئادەملىك ئورنۇم ھەققىدە،

بارمىدۇ بەزەندە ھايۋاندىن پەرقىم.

ساتقىلى بولسا گەر مېنى بازاردا،

قانچىگە توختاركىن قىممىتىم،نەرقىم.

 

ياق، بۇنداق ياشىماي گۈزەل ھاياتنى،

ئىزىمنى قالدۇراي ئىجاد يولىدا.

تۇتقۇزاي خۇشپۇراق گۈل دەستىلەرنى،

خەلقىمنىڭ ئۈمىدتە سۇنغان قولىغا.

 

دەل تۇتۇپ ۋىجدانىم تارازىسىنى،

ئىنساپنى ۋاپاغا دوست قىلىپ ئۆتەي.

سورىسا ئەزرائىل مېنىڭدىن سوۋغا،

شۇ چاغدا دۇنيادىن ئارمانسىز كېتەي.

 

2011-يىلى 11-ئاينىڭ5-كۈنى

 

 كورلا شەھىرىدە يېزىلدى

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. مەلەك
    2011/11/11 00:47:39

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! لوپنورىنىڭ بىلوگىباستىن بۇ يەرگە كۆچىۋالغىنىنى ئۇقمايدىكەنمەن، مۇبارەك بولسۇن! بۇ شېئىرنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، شېئىرىيەت ساھەسى ئاھ پاھ،كۆيدۈم پىشتىم بىلەن تولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە روھ بىلەن پىچىرلىشىدىغانلار يەنە قانچىلىكتۇ

    • lopnuri
      2011/11/11 11:11:32

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇرۇنقى مۇنبەرلەردىن تېمىلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتىم. بلوگباستىكى تور خاتىرەم تازا موقىم بولماي،تولا چاتاق چىقىپ شۇنىڭ بىلەن ۋورد پرەسكە كۆچۈۋالغان ئىدىم. بۇ تور خاتىرەمگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا! قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!

  2. نازۇگۇم
    2011/11/07 15:16:20

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بىلوگىڭىزدىكى سەرخىل تېمىلارنى ئارلاپ كۆرۈپ چىقتىم،ياخشى باشلاپسىز. بۇ يازمىڭىزنىڭ ئاخىرقى مىسراسى بەك ياخشى چۈشۈپتۇ.ئاللاھ خالىسا ۋاقتىم چىقسا كىرىپ تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن.ھە راست مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.قۇتلۇق قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزگەيسىز….

    • lopnuri
      2011/11/11 11:16:13

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بلوگىمغا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن! سىزلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكرىڭىزلار مېنىڭ ئىلگىرلەش يولۇمدىكى ماياك بولغۇسى.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif