<<كىروران گۈزىلى>>نىڭ ئىرقى زادى نىمە ؟

ۋاقتى: 2011-09-10 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 296 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

<<كىروران گۈزىلى>>نىڭ ئىرقى زادى نىمە ؟

 

غالىپ بارات ئەرك

 

<<كىروران گۈزىلى>>قەدىمىيلىكى ۋە بىجىرىم ساقلانغانلىقى،شۇنداقلا قەدىمكى بىر مەدەنىيەت ياراتقۇچىلىرىدىن بولىشى سەۋەپلىك تولىمۇ مەشھۇر بولۇپ،ئىلىمىز ئارخىلوگلىرى بۇ قەدىمىي جەسەتنى 1978-يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قىزىپ چىقارغان. بۇ قەبرىستانلىق شەرقىي مىرىدىئان88گىرادۇس55مىنۇت ،21سىكۇنىت. شىمالىي كەڭلىك 40 گىرادۇس،40 مىنۇت،35سكۇنىتقا جايلاشقان بولۇپ،لوپ كۆلى بىلەن بولغان ئارلىقى 70 كىلومىتىر،كىروران قەدىمىي شەھرىدىن كۆرلا تەرەپكە ماڭىدىغان يىپەك يولى بويىدا بولۇپ،كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇرۇق ئېقىنى بىلەن بولغان ئارلىقى ئىككى كىلومىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ .ئارخىلوگ ۋاڭ بىڭخۇا ئەپەندە بۇ قەبرىستانلىق ھەققىدە :<< بۇ قەدىمي قەبرىستانلىق بىزگە شىنجاڭ رايۇنىدا ناھايىتى قەدىمىي رايۇن ئالاھىدىلكى ۋە يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلككە ئىگە ئارخىلوگىيلىك مەدىنىيەتنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى>> دەپ يازىدۇ .

<<كىروران گۈزىلى>> بايقالغان قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بويۇملارنى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ :

نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى جۇغراپىيە فاكۇلتىتى ، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى تىخنىكا بۆلىمى،بىيجىڭ ئونۋېرسىتىتى تارىخ فاكۇلتىتى ئارخىلوگىيە كەسپى كاربون 14 تەجىربىخانىسى. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى كاربون 14 تەجىربىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار يىل دەۋرىنى تەجىربە قىلىپ بىكىتكەن .

نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى جۇغراپىيە فاكۇلتىتى،جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ ئۆسۈملۈك ، تۇپراق،قۇملۇق تەتقىقات ئورنى مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن ئالغان ياغاچ ئەۋرىسكىسىنى تەجىرىبە قىلىپ بۇنىڭدىن 117+-(پىلوس مىنوس)6412 يىل بۇرۇن دەپ بىكىتكەن. مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن تىپىلغان باشقا ھەمدەپنە بويۇملىرى تەجىرىبە قىلىنىپ بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋىرگە مەنسۇپلىقىنى بىكىتكەن . ھەمدە لوپلۇق يەرلىك ئاھالىنىڭ ئارخىلوگىيلىك مەدىنىيىتى دىگەن قاراش ئومۇملاشقان.

تەتقىقات ئارقىلىق << كىروران گۈزىلى>> نىڭ ۋاپات بولغاندا يىشىنىڭ 40-45 ئىكەنلىكىنى ، قان تىپىنىڭ o بولۇپ ، بوي ئىگىزلىكىنىڭ 155.8 سانتىمىتىر ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى .

ئارخىلوگ مۇ شۇنيىڭ خانىم << كىروران گۈزىلى>> نىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ . :

<< بۇ بىر ئايالنىڭ جەسىتى بولۇپ ، مۇكەممەل ساقلانغان،بويى 150 سانتىمىتىر بولۇپ،جەسەتنىڭ يۈزى سۈزۈك، ئۇنىڭ ئورۇق ھەم چوڭ،ئىڭىكى ئۈچلۇق ، چوڭقۇر كۆزلىرى سەل-پەل يۇمۇلغان،تۈز ھەم بىگىزدەك بۇرنى بولۇپ،نىپىز لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلغان،تېرىسى قوڭۇر،چاچلىرى سارغۇچ قوڭۇر بولۇپ،مۇرىسىگە تەبىئي يىيىلىپ تۇرىدۇ….. >>

<<كىروران گۈزىلى >> ھەققىدە ئارخىلوگ ئابدۇقەييۇم خوجا مۇنداق يازىدۇ :
<< لەھەت سوقىچاق تۆت چارسا قىزىلغان بولۇپ ، چوڭقۇرلىقى بىر مىتىر ئەتراپىدا ، ئۇزۇنلىقى 1.74 مىتىر ، كەڭلىكى 0.7 مىتىر ، لەھەت ئىچىگە بىر ئايال (كىروران گۈزىلى ) ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پىتى قويۇلغان . يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا بەرسىلەردىن ناھايىتى قىلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇپ توقۇلغان بىر خىل ئالاھىدە ياپقۇ يىپىلغان . ئايالنىڭ بېىشغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، قالپاقنىڭ سول يىنىغا ئىككى تال قۇش پىيى (قۇشنىڭ قانات پىيى بولىشى مۇمكىن) قالپاققا قىستۇرۇلغان . (پەيلەرنىڭ بىرى بىجىرىم ساقلانغان ، يەنە بىرى بۇزۇلغان ) . ئۇچىسى (بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمى ) نى قوڭۇر رەڭلىك يىپتىن قوپال تۇقۇلغان يۇڭ تۇقۇلما يۆگەلگەن بولۇپ ، كىپەنلىك قىلىنغان بۇ يۇڭ تۇقۇلمىنىڭ چۆرىسى ئۇچلاپ تەييارلانغان بىگىزسىمان (يۇلغۇن چىۋىقلىرى ) بىلەن ئىلىپ قويۇلغان . مىيىتنىڭ سول يىنىغا (باش بىلەن سول مۈرىسىگە يىقىن جايدا) لوپنۇر كەندىرىنىڭ چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناھايىتى قىلىن ۋە زىچ قىلىپ تۇقۇلغان تەكتى يۇمىلاق بىر خىل ئالاھىدە بويۇم (بۇ خىل تۇقۇلغان بۇيۇمدىن سۇ ئۆتمەيدۇ ) قويۇلغان . بۇتىغا بۇغا تىرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىيدۈلگەن……..>>

<< كىروران گۈزىلى >> نىڭ بۇنىڭدىن قانچە بالدۇر دەپنە قىلىنغانلىقى تۇغىرسىدا تېخىچە ئىختىلاپ بار . چۈنكى ئىككى سانلىق مەلۇماتنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ ، ناۋادا ياغاچ شۇ قەبرىنىڭ ئىچىدىن ئېلىنغان بولسا ، 3800 يىل ئاشۇ قەبرىدىكى يادىكارلىقلارنىڭ كۆپرەكىنىڭ يىل دەۋرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . قەبرىستانلىقتىن ساپال بويۇملەرنىڭ تىپىلماسلىقىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا . بۇ جەسەتنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى تارىختا ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قىلىشى ھاۋا كىلىماتى ۋە جۇغراپىيلىق مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا ئارخىلوگ تەن لىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ جەسەتكە ئاقسىل تۈردىكى ماددىنىڭ سۈرتۈلگەنلىكىنى بايقىغان .چەرچەن ناھىيسى تەۋەسىدە ملادىدىن ئون ئەسىر بۇرۇنقى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تىپىلغان جەسەتلەرگىمۇ بىر قەۋەت ئاچ سىرىق ماددىنىڭ سۈرتۈلگەنلىكىنى بايقىغان . لىكىن خىراجەت ۋە شارائىت تۈپەيلى ، بۇ ماددىنى ھازىرغىچە ئىنىقلاش مۇمكىن بولمىغان .

ئارخىلوگىيە نۇقتىسىدىن تارىخ بىلەن سىلىشتۇرۇپ قارىغاندا ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار مۇقەددەمكى جەسەتنى پالانى مىللەت دەپ ئايرىش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى ئاھالىلەر ھەققىدە ئىنىق يازما ماتىرىيال يوق . يەنە كىلىپ مىللەتمۇ شەكىللەنمىگەن ئىنسانلار توپىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ بولمايدۇ . ئەمما ئىرقىي جەھەتتىن مەلۇم دەرجىدە چۈشەنچە بىرىش مۇمكىن .<<كىروران گۈزىلى>> نىڭ ئىرقىىي ۋە قان تىپى ۋە مىللەت تەركىۋى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قاراش بار :

بىرىنچى قاراش:- ئىلىمىزدىكى ئىنسان شۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار دەسلەپكى قەدەمدە << بۇ جەسەتتە قەدىمىي ئارىئان ئىرقىي ئالاھىدىلكى بار بولۇپ ، ئىلمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئايالىدۇر >> دەپ ھۆكۈم قىلدى .

ئىككىنچى قاراش :-ئىلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئىنسان شۇناسلىرىدىن خەن كاڭشىن ئەپەندى : << كۆنچى دەياسىنىڭ ئاياغ ئىقىندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق جەسەتلىرىدە ياۋۇرپا ئادەملىرىنىڭ ئىرقىي خۇسۇسىيەتلىرى گەۋدىلىك >> دەپ يازىدۇ .

ئۈچىنچى قاراش :- ئۇيغۇر ئارخىلوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى بولسا << ئىپتىدائىي ياۋۇرپا ئىرقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ناھايىتى گەۋدىلىك >> دەپ قارايدۇ.

ئۇنداقتا << كىروران گۈزىلى >> ۋە << كىروران گۈزىلى >> تپىلغان قەدىمىي قەبرىستانلىق ، كىروران شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بۇ زىمىندا قانداق پەيدا بولۇپ قالدى ؟ بەزى ئالىملار ئېيىتقاندەك ياۋرۇپادىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنمۇ ؟
ياق ، بەزى غەرپ كىشىلىرى بۇ ياۋرۇپا ئىرقىدىكى كىشلەرنى ياۋرۇپادىن كەلگەن ۋە شەرققە مەدەنىيەت تارقاتقان دەپ ئۆزلىرىنىڭ << غەرپ مەر كەز، ئارىئان ئىرقىي ئىسىل ئىرق ۋە دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار >> دىگەن نەزەرىيسىنى داۋاملىق بازارغا سېلىشتىكى كۆزىر دەسمايىسى قىلماقتا…….بەزى كىشلەر بولسا شۇ نەزەرىينى كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ دوسىت تارتىشماقتا . ئەگەر بىز ياۋرۇپا ئىرقىنى ياۋرۇپا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويساق ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ياۋرۇپا ئىرقىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاھالىلەرنى ياۋرۇپادىن كەلگەن چۈشۈندۈرىمىزمۇ ؟

ئەجەبا، << سوۋىت ئىتتىپاقى چوڭ ئىنىسىكلوپىدىيىسى >> 26-تومىدا << ئانتىروپولوگىيلىك تىپ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە، ئۇيغۇرلارغا ئاز مىقدارغا مۇڭغۇل ئىرقىي ئامىللىرىمۇ ئارلىشىپ كەتكەن >> دىسە، 44-تومىدا :<< ئانتىروپولوگىيدە ئۇيغۇرلار بىرخىل ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىراخېكىفىلىق پامىر-پەرغانە ياۋرۇپا ئىرقىي تىپى ئۈستۈن تۇرىدۇ . بۇ تىپقا مۇڭغۇلۇئىد ئامىللىرىمۇ ئارلاشقان >> دىيىلگەن . ئىلىمىز ئالىملىرىدىن رىن يىفىي بىلەن دوكتۇر ياسىن ھوشۇر : دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى ئىنسان شۇناس ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى ، ئۇيغۇر ئىرقىي ئالاھىدىلكىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل تىپ بار .
بىرىنچى : يەكەن دەرياسى بويىدىكى مارالبىشى ، خوتەن ھەم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى گىرۋەكلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ پامىر-پەرغانە تىلى (ئوتتۇرا ئاسىيا ئىككى دەريا تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گەۋدىلىك.
ئككىنچى : دولانلىق ،كەلپىن ،ئاقسۇ، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا جەنۇبىي سىبىرىيە ئىرقىي زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
ئۈچىنچى : يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئۇزۇن-ئوتتۇرا باشلىقلار تىپىنى تەشكىل قىلدىغان ئوتتۇرا دىڭىز ئىرقىي گۇرۇھىنىڭ ھىندى-ئاففان تىپىغا كىرىدۇ،د ەپ يازىدۇ .

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارمۇ ياۋرۇپادىن كەلگەنمۇ ؟
ئەمىلىيەتتە مەيلى ياۋرۇپا ئىرقىي دەپ ئاتالسۇن ياكى ئارىئان ئىرقىي ناملاشسۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ياۋرۇپادىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ . ئىرق بىئولۇگىيلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ ، ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بىر مىللەت بىرلا ئىرىققا تەۋە بولىشىمۇ ، شۇ مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ بىر قانچە ئىرقىي ئالاھىدىلىكنى سىڭدۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن . ئۇ جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە كىلىماتنىڭ تەسىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن . مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىش تەدىرجى تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە ئىرقىي جەھەتتە مەلۇم ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن . شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنڭ ئىرقىي ياۋۇرپا ئىرقىي تىپىغا تەۋە بولسىمۇ ، ئەزەلدىن ئوتتۇرا ئاسيادا ياشاپ كەلگەن بولۇپ ، يەرلىك قەدىمىي ئاھالە ، شۇنداقلا تارىم ۋادىسىنىڭ تۈپ ئاھالىسى . مىلادىينىڭ بىشىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپاغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە يازما پاكىتلار بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ياۋرۇپالىق بولۇپ ، كىيىن شىنجاڭغا جۈملىدىن تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا پاكىت يوق .شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي مەسلىسىدە ئامىرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى ئىممۇنىتىت-ئىرسىيەت تەجىربىخانىسدىكى جاۋ تۇڭماۋ ئەپەندىم غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرسى گىنىنى ئانالىز قىلىپ ۋە ھىساپلاپ : <<ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تۈر جەھەتتىن مۇڭغۇل ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ (ياۋرۇپا ئىرقى-ئا) قۇشۇلمىسىدىن كەلگەن >> دىگەن يەكۈنگە ئىرىشكەن .

ئىلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئارخىلوگى ۋاڭ بىڭخۇا : << ئۆردەك قەبرىستانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يىقىن 10 ئۇرۇندا بايقالغان ئىنسانلارنىڭ ئىزىدىن كىرورانلىقلارنىڭ ئىرقىغا مەسلىسىگە جاۋاپ بىرىدۇ. >>:-
<< خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىروران پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى كىروران ئاھالىسىنىڭ ئىرقىي تەركىبىدە يىڭى تەرەققىيات بولغان . ئۇلار كاۋكاز ئىرقىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشىغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇل ئېرقىدىكىلەرمۇ بار>> دەپ يازىدۇ .

بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى لىن مېيسۈن:-<< بۇ ئىككى قىتىملىق ئارخىلوگىيلىك تەشكۈرۈش ئارقىلىق بىز كىرورانلىقلارنىڭ شەرقتە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قەدىمكى ھىندى -ياۋرۇپالىقلار ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدۇق >> دەيدۇ .

ئەنگىلىيە ئىنسان شۇناسى كىت ئارخىلوگ سىتەيىن يىغقان ماتىرياللارغا ئاساسەن ئىرقىي جەھەتتىن << كىروران تىپى >> نى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، ئۇ كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تىپىلغان جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭىكىنى سىزىش ۋى ئۆلچەش ئارقىلىق : << بارلىق باش سۆڭەكلەر بىرلا مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئۇلاردا مۇڭغۇل ئىرقىي بىلەن كاكاز ئىرقي –ئىككى ئىرىقنىڭ ئالاھىدىلكى بولۇپ ، ئوتتۇرا تىپتۇر ، بۇ تەبىئىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى >> دەيدۇ .

گىرمانىيلىك ئىنشانسۇناشلاردىن كائىل ھىرمان يۇرتجۇ ۋە ئاندىرىس ۋالىندېر ئون نەچچە جەسەت (مىرەندىن تىپىلغان 3 جەسەت ۋە لوپ كۆلى بويىدىن تىپىلغان 5 جەستنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى تەتقىت قىلىپ بۇ جەسەتلەرنىڭ كىت ئېيىتقان <<كىروران تىىپى >> بىلەن ناھايىتى چوڭ ئورتاقلىققى ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان .

بىر قىسىم ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە غەرپ ئالىملىرى ، غەرەزلىك ھالدا ئېيىتقان ياۋۇرپا ئىرقىنىڭ تەسىرى بار جەھەتلەرنى ياۋرۇپادىن كەلگەن دىگەن قاراشلارغا قارشى ئۇلارنڭ ئەزەلدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى ئلگىرى سۈرىدۇ . شۇلارنىڭ بىرى ئامرىكىلىق ئالام ئىسابىللا بولۇپ ، ئۇ :— شىنجاڭنىڭ قەدىمىي ئاھالىسى ياۋرۇپا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟———<< شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى >> قاتارلىق ماقالىلىرىدە بۇ خىل كۆز قاراشقا رەدىيە بىرىدۇ .
ئۇ : قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى قەيەردە ؟
<<ناھايىتى كۆپ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بۇ رايۇندا بار بولۇپ ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ، قازاق ، ئۆزبىك ، ۋە تاتارلارغا سەپ سىلىپ قاراپ باقساق بولىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنىق كاۋكاز ئالاھىدىلكى بار ، شۇڭا نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى مىللەتلەر دەل بۇ كىشلەرنڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ….>> دەپ يازسا………….
فىرانسىيلىك پيېر دىليانۇئا ناھايىتى ئىنىق قىلىپ << كىروران گۈزىلى ————— ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى >> دەپ كۆرسىتىدۇ .

<<كىروران گۈزىلى >> نىڭ ھازىرقى ئەھلاتلىرىنىڭ كىملىكى يەنە كۆپلەپ تەتقىق قىلىشنى كۈتىدىغان چوڭ تىما بولۇپ ، بىزنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىمىزنى كۈتمەكتە !

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئىنسان
    2011/10/26 03:13:00

    «بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى لىن خەيسۇن» دېگەن خاتا بولۇپ قاپتۇ. لىن مىيسۈن بولسا توغرا بولاتتى.
    林梅村. غالىپ باراتنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى سىزنىڭمۇ بىلمىدىم؟

    • lopnuri
      2011/10/26 05:15:48

      قارىغاندا،ماقالىنى ئۇرۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىق ئوخشايدۇ. سىز دېگەندەك،لىن مېيسۈن ئىكەن. ئۆزگەرتىپ قويدۇم، قىممەتلىك تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif