س.ي.مالوف:ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى

 

 

س.ي.مالوف:ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى

پروفېسور س.ي.مالوف

 

ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئازىيە بىلەن مەركىيزى ئازىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ياشايدۇ.ئۇيغۇرلار قىيديمى زاماندىن تارتىپ شانلىق ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان تۈرك خەلقىدۇر.شۇ قيدىمقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالديقليرى ھازىرقى ۋاقىتدا مەركيزى جۇڭگونىڭ گانسۇ ۋىلاييتيتيدە سۇجۇئۇ ۋە گانجۇئۇ شەھەرلىرىنىڭ ئەترافلىرىندا ياشايدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى«سيرق ئۇيغۇرلار»دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قيديمقى زامان دينى بولغان بۇددا مەزھىپىگە ئيبادەت قىليدۇ.شۇ قاتاردا ئۇلار ميللى دينى–شامانيزىمنيمۇ تاشليماي كيليدۇ.سيرق ئۇيغۇرلار ئون ميڭغا يېقىن بولۇپ،بر قىسمى مانغۇلليشىب،بىر قسمى خەنزۇلىشىپ كەتكەن.ئۇلارنىڭ ئاساسى كەسپى چارۋىچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تلى بلەن سيرق ئۇيغۇرلارنىڭ تلى ئاريسيدا خيليلا فەرق بار.سيرق ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنييتينڭ تەئسيراتى بولميدى.شۇنڭ ئۈچۈن سيرق ئۇيغۇرلارنڭ تليدا ئەرب ۋە فارس سۆزليرى يوق.ئۇلارنڭ تليدا بىر ئاز بولسيمۇ جۇڭگونڭ مەئمۇرى ۋە بۇددى مەزھيبى سۆزليرى ئاريليشب قالغان.ئاساسەن،ئۇلار ئۆزليرينڭ ئانا تليدا سۆزليشيدۇ.سيرق ئۇيغۇرلار تلينڭ فونيتيكا ئۈزۈلۈشينى ناھاييتى كونا دەپ ئويلاشقا توغرى كيليدۇ.كۆپچيلك تۈركى خەلقليرينڭ تيللريدا جاراڭلق تاۋۇش بولسا ،سريق ئۇيغۇرلارنڭ تليدا تولاراق جاراڭسز ،مەسيلەن :سيرق ئۇيغۇرلار كەلتى ،پارتى ديسە ،باشقا تۈرك خەلقليريدە :كەلدى ،باردى،ئالدى دەپ ئيتيليدۇ.سيرق ئۇيغۇلار «مۇندن،بۇرۇندا »دېگەن سۆزلەرنى«مۇنتا،بۇرۇنتا»دەيدۇ،ئۇلاردا «ي»ھەرفى قايسى بر ئورۇنلاردا«ز»غا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.مەسيلەن:ئاياق-ئازاق،قويماق-قوزماق،تويماق-توزماق دەب ئيتيليدۇ.

سيرق ئۇيغۇلار ساناشنى كونا تەرتىپتە يۈرگۈزىدۇ.ئۇلار« ئون برنى –پير ييگرمە،ييگرمە برنى-پير ئوتتۇس،ئوتتۇز برنى-پير قيرق »دەيدۇ.فيئللارنى سەرفلەشمۇ باشقيچە،سيرق ئۇيغۇرلاردا ئۆتكەن زامان فېيئيلى شۇنداغ ئيتيليدۇ:مەن كەلتى،سەن كەلتى،ميس كەلتى،ئالار كەلتى…..

شيڭجاڭدا سيرق ئۇيغۇرلارنڭ قيرانداشليرى ياشايدۇ.ليكن بۇلار ئۆزليرينى سيرق ئۇيغۇرلار دەپ ئۇ ئۇيغۇرلار ئۆزليرينڭ قيدىمقى زامانديكى بوۋيليريغا ئوخشاش بۇددى ياكى خريستيئان مەزھاپلىرىدە ئەمەس،ئۇلار مۇسلمانلار.ئۇلارنڭ ئاساسى كەسپى ديھقانچيلق بولۇپ،ئۇلار قول ھۇنەرۋەنچيلك(گيلەم توقۇش ،قەغەز ئشلەب چقرىدش ۋە باشقيلار چارۋيچيلق ۋە باشقا كەسپلەر بلەنمۇ مەشغۇل بوليدۇ.

ئۇيغۇرلار بر نەچچە قسمغا بۆلينيدۇ.مەسيلەن:لوپنۇر ئۇيغۇليرينى(بۇلار ئۆزليرينى «لوپتۇق»دەپ ئاتايدۇ)ئالساق،شيڭجاڭديكى كۆپچيلك ئۇيغۇرلارغا ،ئۇلارنيڭ مەدەنيتيدە فەرق بار.ئانگلييە ساياھەتچيسى ئاۋرەلى شتەييننڭ سۆزليريگە قاريغاندا،ئۇنڭ تەرجيميليرى قايسى بر ۋاقتلاردا ئۇيغۇر تلينڭ لوپنۇر شيۋيسينى تەرجيمە قلشدا قينچيلقلارغا ئۇچرىغان .لوپنۇر ئۇيغۇرليرى تام ۋە قومۇشدن سيلنغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.ئۇلاربيلچيلق ،ئوۋچيلق ھەم ديھقانچيلق بلەن مەشغۇل بوليدۇ.

لوپنۇر ئۇيغۇرليريغا ييقن بولغان ئۇيغۇرلار –دولانلار بوليدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار ماررال –بېشى،بۇغرا ئەترافليريدا ۋە باشقا جايلاردا ياشايدۇ.

خوتەن ۋيلاييتيدە ياشايديغان ئۇيغۇرلارنى بر گۇرۇھقا بۆلۈش مۇمكىن،چۈنكى بۇلارنڭمۇ تليدا بر ئاز فەرق بار.شڭجاڭدىكى ياشىغان بارلق ئۇيغۇرلارنى ئالساق،بۇلار تەبئىي شارائىتلار ئارقيسيدا (تۇرفان بلەن قۇمۇل ئوتتۇرسيديكى تاغلار ۋە چۆل بەياۋانلار )بر-برسيدن ئاجريلپ ياشاپ كەلگەن بولسيمۇ ،ئۇلار ھەمميسى بر پۇتۇن خەلق بولۇپ،ھېسابلينيدۇ.

س س س ر دا ئىككى يۇز مڭغا ييقن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار شڭجاڭدن چققان بولۇپ ،ئۇلارنڭ توليسى ئۆتكەن ئەسرنڭ 80نچى يللريدا كۆچۈپ چقيدۇ.

سوۋيت ئۇيغۇرليرى ئۆزبەكستاندا ،قازاقستاندا،قرغزستاندا بر ئاز ئۇيغۇرلار تۇركمەنستاندا (بەيرام ئەلى ئەترافليرىدا ياشايدۇ.)

ئە.ھىدايەتوف ۋە ق.ھەسەنوفلارنىڭ تەھرىرى ئاستىيدا تۈزۈلگەن“تىل،ئەدەبىيات،تارىخ مەسىلىلىرى“ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

 

قازاق ئېلىنىڭ نەشىرىياتى،1948-يىلى

 

ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ تىلى ئەسلىي ئەسەر تىلى بويىچە ئېلىنغان،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن.

 

توردىكى مەنبە:بىلىك مۇنبىرى

 

تورغا يوللىغۇچى:ئىۋرىغۇل


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=462

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 2دانە
  1. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ 100 يىل بۇرۇنقى نۇپۇسى بىلەن 100 يىل كىيىنكى نۇپۇسى ئاساسەن پەرقلەنمەيدىكەن،بۇنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خەنزۇلارغا سىڭىپ كەتكەنمىدۇ؟

    • مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران قالدىم،بەلكىم يۇقىرقدىكى ماقالىدە قەيىت قىلىنغىنىغا ئوخشاش،ئۇلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن دىننىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنگەچكە،يەرلىك كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى ۋە نىكاھ مۇناسىۋتى نىسبەتەن قۇيۇق.شۇڭىلاشقا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سىڭىپ كەتكەن بولۇش ئېھتماللىقىمۇ يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا،لىنگەنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» ناملىق كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا،ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇڭغۇللارغا،يەنە بىر قىسمى خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مومكىن.مەنمۇ بۇ ھەقتە بەك كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىكەنمەن.كەچۈرۈڭ سۇئالىڭزغا سىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بېرەلمەي قالدىم.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: