لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تۆھپىكارلىرى
پېشقەدەم قوشاقچى ۋە داستانچى بېغىم نىياز
بېغىم نىياز 1893-يىلى لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك رايونى يېڭىسۇ كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە ئۆز دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ ساۋادىنى چىقارغان. ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى موللا بولۇپ، دادىسى نىياز سوپى ئىكەن. چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى باغ نىياز بولۇپ، كېيىن موللا دىگەن ئىسىمنى نىيازغا ئۆزگەرتكەن.
باغ نىياز ئاكىنىڭ دادىسى نىياز قۇلى بوۋاي، ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم بوۋاي ئۇنىڭ دادىسى پىراق قازى(ئەمەل ئىسمى)بوۋاي ئىكەن. بېغىم نىيازنىڭ بوۋىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دائىم ئىلىم-بىلىم سورۇنلىرى بولۇپ تۇرغاچقا، نىياز سوپى ئاكا ئۆز بوۋىسىدىن كۆپ بىلىم ئالغان ۋە ئوغلى بېغىم نىيازنىمۇ ئۆزى تەربىيلىگەن. نىياز داموللا دېگەن كىشىدىن بىلىم ئالغان. بالاغەتكە يەتكەندە نۇرغۇنلىغان پارىسچە، ئەرەبچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. شۇ چاغلاردا بېغىم نىيازنىڭ ئۆيىدە“دەھقا يىقۇل ئەخبار“، ”مۇپتاھىل جانان“، ”مەسسائىل ئەنۋار“،“مۇبەييىن ئىسلام“، ”غوجا ھاپىز“،قاتارلىق كىتابلار بولۇپ، ئۇمۇ دادىسىغا ئەگىشىپ ئاشۇ خىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ھەم نۇرغۇنلىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى يادلىغان. 1953-يىلى ئۆيگە ئوت كېتىپ نۇرغۇنلىغان كىتابلىرى كۆيۈپ كەتكەن.بېغىم نىياز ئاكا ”ئاق ئۆلەمبەردى خان ”،“قارا چاچ ئايىم“ قاتارلىق داستانلار ۋە مۇھىم قىممەتكە ئىگە ناخشا، قوشاقلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەردى. ۋەھالەنكى ۋاقىتسىز قازا تېپىپ كەتكەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان تەتقىقات خاراكتىرلىك قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق ئېچىنماقتىمىز.
پېشقەدەم قوشاقچى ۋە داستانچى مۇھەممەت تايىر
مۇھەممەت تايىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1902-يىلى لوپنۇر ناھىيىلىك چوڭكۆل كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان. ئۇنىڭ دادىسى نىياز ئىمام شاڭيو خېلى بىلىملىك كىشى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىغا ئەگىشىپ قوشاق ئېيتىپ يۈرگەن. دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنىلا قوشاق ئېيتىشنى تاشلىماي، ئۆزى قوشاق، داستان ئىجاد قىلىپ يىغىلىش ۋە سورۇنلاردا ئېيتىپ كەلگەن.بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىر قىسىم داڭلىق چۆچەك ۋە داستانلىرىنى 2-توپلامغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە رەتلاۋاتىمىز. مۇھەممەت تايىر ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ قوشاق ۋە داستان ئېيتىشنى تاشلاپ قويماي داۋاملىق تىرىشىپ ئىزدىنىپ بىزنى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىمەكتە
پېشقەدەم قوشاقچى ئەيسا موسا
ئەيسا مۇسا 1908-يىلى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئۆز كەنتىدە دىنى ۋە پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇساخۇن داڭلىق قوشاقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاتىسىدىن ئۆگىنىپ قوشاقچى بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا سورۇنلاردا ۋە ھاشار مەدىكارچىلىقلاردا قوشاق ئېيتىپ ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئاچقان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن داۋاملىق ھالغا ئۆزى قوشاق توقۇپ يۇرتداشلىرىدا ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى توپلىمىغا ”لەڭ قوشىقى“،“مۇھەببەت قوشىقى“،“چاقىلىق ئالۋېڭى“ قاتارلىق تارىخىي قوشاقلىرى كىرگۈزۈلدى.
قوشاقچى ۋە لەتىپىچى ناسىر شادەي
ناسىر شادەي ئەر، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيىلىك. 1932-يىلى 5-ئايدا دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ سالدام دېگەن يېرىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1940-يىلىدىن1945-يىلىغىچە سالدام باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن تاكى ئازادلىققىچە باشقىلارغا چاكار بولۇپ ئىشلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار كۇرسىدا ئوقۇپ 1957-يىلىدىن1965-يىلىغىچە دۆڭقوتان رايونىدا ئوقۇتقىچىلىق قىلغان. 1965-يىلى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ 1971-يىلىغىچە دېھقانچىلىق قىلغان.1971-يىلى سولچىل لۇشىيەن تەسىرىدىن تۈرمىگە قامالغان. 1973-يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ھازىر دېھقان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا قوشاقچىلارغا ئەگىشىپ قوشاق ئېيتىپ يۈرگەن، كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان چاغلىرىدا پېشقەدەم قوشاقچىلارنىڭ قوشاقلىرىنى توپلاپ ئۆگەنگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۆۋەنگە چۈشكەندىن كىيىنمۇ قوشاق توقۇپ خاتا نەرسىلەرنى تەنقىد قىلغان.
پېشقەدەم قوشاقچى ھاشىم سوپى
ھاشىم سوپى، ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان. 1919-يىلى 3-ئايدا دۆڭقوتان رايونىنىڭ سېتىۋالدى شەيىخ دېگەن يېرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى ئائىلىسى تىكەنلىك رايونىنىڭ ئۇلۇقكۆل كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. ئازادلىققىچە چاكارچىلىق قىلغان. 1950-يىللىرى كۆنچىگە كۆچۈپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، 1959-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1963-يىلدىن 1976-يىلىغىچە ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئارامدا.
ئۇ ئازادلىقتىن ئىلگىرى داڭلىق قوشاقچى ئۇزۇن مەمەتكە ئەگىشىپ ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى يادىلاپ قوشاق ئېيتىپ كەلگەن. چاكارچىلىق ھاياتىدا قوشاق توقۇپ ئوقۇغاچقا، خەلق ئۇنى ”ھاشىم دەرتمەن“دەپ ئاتىغان. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىنى كۈيلەپ ۋە بەزى كادىرلاردىكى خاتا خاھىشلار ئۈستىدە نۇرغۇن قوشاقلارنى تۈزگەن.
پېشقەدەم قوشاقچى روزى سالى
روزى سالى، ئەر، ئۇيغۇر، 1927-قارچۇغا يېزىسى چوڭ مەھەللە كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1953-يىلى لوپنۇر ناھىيە 2-رايون 9-يېزا ئات قوتان كەنتىدە باشلىق بولغان. 1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە لوپنۇر ناھىيە 3-رايون 10-يېزىغا قاراشلىق بولغان. 1956-يىلىدىن1979-يىلىغىچە ناھىيلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دۆڭقۇتان يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەن.1990-يىلى ئارامغا چىققان.روزى سالى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغىسى ئىسمايىل ئىسلامغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن قوشاق ئۆگەنگەن ھەم ئۆزى بىر قىسىم قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ داڭلىق قوشاقچى بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلاردا ئېچىلغان قوشاق ئېيتىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان
پېشقەدەم قوشاقچى ھەم داستانچى قاسىم تۇردى
قاسىم تۇردى (لەقىمى نۇرلۇپ)، ئەر، ئۇيغۇر، قارچۇغا يېزا قارچۇغا كەنتىدىن. ئارامغا چىققان ئىشچى،1912-يىلى قارچۇغا يېزىسىنىڭ شوتاڭ مەھەللىسىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە 12يېشىدىن باشلاپ دۆڭقۇتان يېزىسىنىڭ جىگدە باشلام باشلانغۇچ مەكتىپىدە ھەم ناھىيدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1944- يىلىدىن 1951-يىلىغىچە قارچۇغا يېزا چوڭ مەھەللە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1951-يىلى كورلا ئوقۇتقۇچىلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1959-يىلى شايار ناھىيسىگە كەتكەن. شايار ناھىيلىك يېمەك-ئىچمەك شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن.1981- ئارامغا چىقىپ قاچۇغا يېزىسىغا قايتىپ كەلگەن.
ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا قوشاق تۈزگەن ۋە خەلق قوشاقلىرىنى توپلىغان. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ”تەكلىماكان“قاتارلىق نەچچە يۈز كۇپلىت قوشىقى ۋە ”ئادىل شاھ“قاتارلىق چۆچەكلىرى بار.
داڭلىق قوشاقچى ئىسلام نىياز
ئىسلام نىياز، ئەر، ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا سەۋىيىلىك. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1941-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە تىكەنلىكتىكى پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان، 1949-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلغان. 1951-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە تىكەنلىك رايونىدا خىزمەتچى بولغان. 1954-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە كۇتۇپخانچىلىق كەسپىدە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرغان. 1955-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە كورلا ۋىلايەتلىك كىتابخانىدا ئىشلىگەن. 1959-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە لوپنۇر ناھىيلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدائىشلىگەن.1973-يىلىدىن باشلاپ دۆڭقۇتان يېزا ۋە ناھىيلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىدا كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر ئارامغا چىقتى. ئىسلام نىياز 1954-يىلىدىن باشلاپ خەلق ئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر ناھىيە ۋە ئوبلاستتا 5 قېتىم ناخشا-قوشاق يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان. ئۇنىڭ قوشاقلىرى ”مىراس“،“بوستان“ ژۇرنىلىدا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ نۇرغۇن قوشاقلىرى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرمەكتە.
قوشاقچى تۇردى سەمەت
تۇردى سەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1942-يىلى 9-ئايدا لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك رايونىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە تىكەنلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە لوپنۇر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1961-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە يېزىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. 1963-يىلى 9-ئايدىن 1964-يىلى 1-ئايغىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇغان. 1964-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتىگە قاتناشقان. شۇ يىلى ناھىيلىك مالىيە ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ھازىرغىچە مالىيە كادىر بولۇپ ئىشلىمەكتە.
تۇردى سەمەت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن تارتىپلا ناخشا-قوشاقلارنى قىزىقىپ، داۋاملىق ناخشا-قوشاق سورۇنلىرىغا بېرىپ پېشقەدەملەرنىڭ قوشاقلىرىنى ئۆگىنىۋالغان. كېيىنچە ئۆزىمۇ قوشاق توقىغان. يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىش ئارقىلىق توپلامغا ”مۇز ئاستىدا كۈن پاتىپ“ قاتارلىق قەدىمىي قوشاقلىرىنى تەقدىم قىلدى ھەم بىزنى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.
قوشاقچى غۇجەخمەت سوپى
غۇجەخمەت سوپى، ئەر، ئۇيغۇر. 1940-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك يېزا كۈزلەك مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1950-يىلى 7-ئايدىن 1960-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ، كورلا سىفەن ھەم شىنجاڭ سىفەن شۆيۈەنلەردە ئوقۇغان. ئۇ 1959-يىلى ”شىنجاڭ ئاياللىرى“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنغان ”سىڭلىمغا سوغا“ دېگەن شېئىرلىرى بىلەن جامائەتكە تونۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ 100 پارچىدەك شېئىر، پارچىلىرى نۇرغۇنلىغان گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ يېزىغا ھايدالغان. ئۇ يېزىدىكى جاپالىق كۈنلىرىدىمۇ ناخشا-قوشاق تۇقۇپ خەلققە ئېيتىپ بېرىپ خەلققە ئىلھام بەرگەن. 1976-يىلى خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ”بوستان“ قاتارلىق ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق قوشاقلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم توپلامغا 30پارچىدىن ئوشۇق قوشاق تەقدىم قىلدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا بايىنغۇلىن يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغۇلىن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، لوپنۇر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
ياش چۆچەكچى قۇربان قاسىم
قۇربان قاسىم، ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيىلىك.1953- يىل 9-ئايدا تىكەنلىك رايون يىڭى سۇ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1961- يىلىدىن 1965-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1965-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە لوپنۇر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.قۇربان قاسىمنىڭ ئانىسى پاتەمخان داڭلىق چۆچەكچى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئانىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ نۇرغۇنلىرىنى يادىلىۋالغان. كېيىن ئۇ يادلىۋالغان چۆچەكلىرىنى ئاممىغا ئېيتىپ بېرىپ ئامما ئىچىدە تونۇلغان. بۇ نۆۋەت بىزگە“نىزناي“،“كەنناسىر“ قاتالىق 14 پارچە چۆچەك ئېيتىپ بېرىپ، توپلامغا زور تۆھپە قوشتى.
ياش قوشاقچى مۇھەممەت توختى
مۇھەممەت توختى، ئەر، ئۇيغۇر، 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارىم يېزا بەخت كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1974-يىلدىن 1984-يىلىغىچە باشلانغۇچ تۇلۇقسىز ھەم تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1984-يىلى يېزىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1986-يىلىدىن باشلاپ تارىم يېزا بوستان كەنتىدە خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 1989-يىلى ”بايۋەتچىنىڭ كەچۈرمىشلىرى“دېگەن چۆچىكى بىلەن ئاممىغا تونۇلغان. بۇ قېتىم كۆپلىگەن ماقال-تەمسىل، چۆچەك، قوشاقلىرىنى رەتلەپ توپلىمىمىزغا تەقدىم قىلدى.
ياش قوشاقچى مۇھەممەت نىياز
مۇھەممەت نىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 1965-يىلى لوپنۇر ناھىيە ئاقسۇپى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. كېيىن يېزىغان قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-قاشاققا ئامراق بولغاچقا 1987-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق ۋە خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ”بايىنغۇلىن گېزىتى“قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 10پارچىدەك شېئىرى، خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ 30 پارچىدەك لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ توپلامغا تەقدىم قىلدى.
مەرھۇم قوشاقچى ھاجىخان سوپى
مەرھۇم ھاجىخان (ئەسلى ئىسمى شىرئېلى) 1936-يىلى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ تىكەنلىك رايونىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1942-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ، 1949-يىلىغىچە بوۋىسى ھاجىخان مىرزام، دادىسى سۇپىخان ئىماملاردىن دىنىي تەلىم ئالغان. 1949-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە تىكەنلىك رايونىدىكى پەننىي مەكتەپتە، 53-يىلىدىن 56-يىلىغىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تارمىقىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. 56-يىلىدىن 92-يىلىغىچە ناھىينىڭ تىكەنلىك، تارىم قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مەسئۇلى، ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گەنسى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مەرھۇم ھاجىخان سوپى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبى سەنئەتكە، ناخشا – قوشاق ئېيتىشقا قىزىقىپ، دادىسىدىن ئسكۇرۇپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. خەلق قوشاقلىرى ۋە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا – مۇزىكىلارنى رادىئودىن ۋە خەلقتىن ئۆگىنىپ، ئسكىرۇپكىغا تەڭكەش قىلىپ چېلىپ، ئاممىۋى مەشرەپ ۋە توي تۆكۈنلەردە كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقان. ئۆزى نۇرغۇن ناخشا – قوشاق ئىجاد قىلىپ، ئوبلاست ۋە ناھىيىدە ئېچىلغان كۆرەكلەردە تەقدىرلەنگەن ھەم مۇكاپاتلانغان. مەرھۇم 1992-يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دە تۇيۇقسىز كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى
خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ توپلىغۇچىسى يولداش توختى جامال
توختى جامال، ئەر، ئۇيغۇر، 48 ياش، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە. ئۇ 1944- يىلى 5-ئاينىڭ 15- كۈنى لوپنۇر ناھىيىسى قاراقۇم كەنتىدە ئاددى دېقان ئائلىسىدە تۇغۇلغان. 1950-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ تۇلۇقسىز سىفەن ۋە ئۈرۈمچى 2- دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1960- يىلىدىن ھازىرغىچە زور كۆپچىلىك ھاياتىنى مەدەنىيەت – سەنئەت ئشىغا ئاتىغان. ئۇ 1981-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ، قايتىدىن مەدىنىيەت خىزمىتىگە كىرىشكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان لوپنۇر خەلق ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىگە يېتىپ، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان نەچچە مىڭ كىلومىتىر يول مېڭىپ، نەچچە يۈز خەلق ئەدەبىياتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ 155 پارچىدىن ئارتۇق چۆچەك 10000 كوپلېتتىن ئوشۇق قوشاق، نەچچە مىڭ پارچە ماقال – تەمسىل ۋە ئون نەچچە پارچە داستان يىغىپ لوپنۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى تومىغا بەردى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمئيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، لوپنۇر ناھيىلىك “ ئۈچ توپلام “ تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى، ناھىيىلىك خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرى ئىشخانا خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۈچ توپلامنىڭ ئاكتىپ توپلىغۇچىسى يولداش ھۇشۇر ياقۇپ
ھۇشۇر ياقۇپ، ئەر، ئۇيغۇر، 46 ياش، ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىگە ئىگە. ئۇ 1946-يىلى لوپنۇر ناھىيسى قارچۇغا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1952-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى سەنئەت مەكتىۋىدە ئوقۇغان، 1962-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە قارچۇغا يېزىسىدا كاتىپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان 1964-يىلىدىن ھازىرغىچە ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتى، ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيلىك رادىئو ئۇزىلى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. ھازىر ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن پىنسىيىگە چىقتى. ئۇ ئەسلىدىلا ناخشا-قوشاق ماكانى بولغان دوڭقوتان رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەچكە لوپنۇر ئەدەبىياتىغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. شۇڭا 3 يىلدىن بۇيان نەچچە يۈز كىلومېتر يىراقلىقتىكى چارۋا رايونىغا بېرىپ خەلق ئەدەبىيەتچىلىرى بىلەن سىردىشىپ 10 نەچچە پارچە چۆچەك، 500 كوبلىتتىن ئوشۇق قوشاق توپلىدى ۋە جاپادىن قورقماي قايتا-قايتا توپلاپ خاتىرلەپ بۇ قېتىمقى توپلامغا ئالاھىدە كۈچ قوشتى.
كىيىنكى يازما: «ئويغانغان زىمىن»دىكى ئاچچىق قىسمەت