دېھقانلاردىن تالاشمايلى باھانى!
ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان نۇرغۇن ناھىيە-شەھەرلەردە شۈكرى قانائەتچان،تولىمۇ ساددا، سەمىمىي دىھقانلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئېتىزلىرىغا تېرىپ،تەر تۆكۈپ، جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پۇل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئېچىۋالغان بازارلارنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.بۇنداق بازارلارنىڭ كەچ ۋاقىتلىرى قانچىلىك قىزىپ ۋە ئاۋاتلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇلىدۇ. ھەر كۈنى بولمىسىمۇ،ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۆيىمىزگە يېقىن جايدىكى مۇشۇنداق بازارغا نەرسە-كېرەك ئېلىش ئويۇم بولمىسىمۇ، بىر چىقىپ ئايلىنىپ كىرىمەن. ھەمدە ئەسلىدە ئېلىش پىلانىم بولمىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىمەن.
دېھقانلار ئۆزلىرى ياققان نان-توقاچلار، ئۆزلىرى ئۇيۇتقان قېتىق-قايماقلار، ئېتىزلىرىنىڭ باشلىرىغا تېرىپ قويغان سەي-كۆكتاتلار، ئۆزلىرى يىيىشكە كۆزى قىيمىغان تۇخۇم-سوقماقلار ….ھەقىقەتەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ئىختىيارسىز توختىتىپ، ئۇلارنى بىرەر نەرسە ئېلىۋىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ يەردىكى قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بىردە كىشىگە بىر خىل ھاياتنىڭ جۇشقۇنلىقىنى، توختاۋسىزلىقىنى ھېس قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەڭپۇڭسىز قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ مۇھتاجلىق دەردىنى تارتىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش كىشىلەرنىڭ دەرت ئەلەملىرىگە گۇۋاھ بولالايدۇ. بۇ بازاردا ئەمدىلا 7-8 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سەبىي بالىلارمۇ؛ يېشى 70-80 ئۇلاشقان، بەللىرى مۈكچىيىپ، يۇزلىرىگە يىللارنىڭ يالدامىلىرى كەشتىلەنگەن، ئالدىغا تىزىلغان نەرسىلەرنى توۋلاپ سېتىشقىمۇ مادارى يوق بوۋاي-مومايلارمۇ ھەم بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇمدىن ئەسەر يوق، بىر خىل غەمكىنلىك ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ئالدىغان خېرىدار كەلسە زورىغا كۈلۈمسىرەپ، ئۇلار دېگەن باھاغا ئوڭايلا كۆنۈپ، ئاشۇ ئازغىنە تاپاۋەتلىرىنى بەلۋاغلىرىغا تۈگۈپ يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.
بۇ بازارنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلىك كىشىلەر جۈملىدىن مۇئاشلىق كىشىلەر. بۇ بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش جەريانىدا دائىم دېگۈدەك شۇنچە پۇزۇر كىيىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇ دېھقانلىرىمىز سېتىۋاتقان ئازغىنە نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى تالىشىپ ئۆزلىرى دېگەن جايغا كەلتۈرمىگىچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى دائىم ئۇچىرتىپ قالىمەن. ھەمدە ئىختىيارسىز ئۇچىسىدىكى كېيىم-كېچەكلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ كېتىمەن. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ بازاردىكى نەرسىلەر مەخسۇس بازارلارغا قارىغاندا خېلىلا ئەرزان. نۇرغۇن مۇئاشلىق كىشىلىرىمىز بۇ باھانىڭ تۆۋەن ئىكەلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تالىشىدۇ. ئەلۋەتتە نەرسە-كېرەك ئالغاندا باھانى تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش پۇل تېجەشتىكى ياخشى بىر ئۇسۇل. مەن ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئالغاندا باھا تالاشقانلىق ناچار ئادەت دېگەننى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەس. لېكىن ئىنسانپەۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، مەلۇم يوللار ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇش نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم ئەخلاقىي ئامىللارنىڭ بىرى. بىز ئاشۇ دېھقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يۈزەكى بولسىمۇ، تەسەۋۇر قىلىپ يېتەلەيمىز. مېنىڭچە، ئېھتىياجلىق كىشىلىرىمىزگە ياردەم قىلىش يالغۇز ئۇلارغا ئۆزىمىز ئېشىنغان نەرسىلەرنى ۋە پۇل-پۈچەكلەرنى بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى كېرەك. ھەر خىل تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان، تەشۋىق قىلىنۋاتقان ياردەم بېرىش ئۇسۇللىرى ئۇچۇق –ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق نەق مەيدانلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارايدىغان بولساق، ياردەمنى قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن خىجىللىق ئىلكىدە تۇرغانلىقىنى بايقايمىز. مېنىڭچە، باشقىلارغا بەرگەن ياردىمىمىزنى جامائەتكە ئاشكارلىشىمىزنىڭ قارىماققا باشقىلارنى خەير-ساخاۋەتكە ئۈندەشتەك رولى بار بولسىمۇ، لېكىن قارىشى تەرەپكە ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر. ئەگەر ئۇلارنىڭ كىشلىك غورۇرىنى ھەقىقىي يۇسۇنداق قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ئاساستا ياردەم قىلالىساق ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ياردەم قىلغان بولىمىز. ئەڭ ئاددىيسى ئۇلار ساتقان بىر باش پىياز، بىر پىيالە قېتىق، بىر باغلام كۈدە قاتارلىقلارنى ئۇلار قويغان مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىش. شۇ ئاساستا ئۇلارغا بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم. شۇڭىلاشقا، دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، دېھقانلىرىمىز ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقانلىرىنى بازارغا ئاچىقسا، قىزىرىپ-كۆپىشىپ باھا تالاشمايلى!ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا ماللىرىنى ئەرزان سېتىپ، ئاللىقاچان بىزگە ياردەم قىلىشنى باشلىۋەتتى. بىزدە ”قول قولنى يۇيسا،قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ“ دېگەن ھېكمەت بار. قېنى، پاكىزە يۇيۇلغان مىھىرلىك قوللىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يېرىلغان قوللىرىنى تەڭ سىقىمدايلى!
دېھقان ساتسا بىر گىردە،
ھەتتا ئاددى ماتانى.
بىز مۇئاشلىق تۇرۇپمۇ،
تالىشىمىز باھانى.
ئەرزان سېتىپ دېھقانلار،
قىممەت ئالار تاۋارنى.
دېھقانلارسىز قىزىتقان،
قايسى غوجام بازارنى.
تاپقىنىنى ئېپ چىقار،
قالدۇرماستىن ئۆزىگە.
ئۈمىد نۇرى چاقنايدۇ،
قاراڭ،ئۇنىڭ كۆزىگە.
قىستار ئۇنى مۇھتاجلىق،
تۇرمۇشتىكى تاغدەك غەم.
تىنىم تاپماس ھەر كۈنى،
دەرتكە داۋا ئىزدەپ ھەم.
چاك-چاك بولغان قوللىرى،
پەرقلەنمەس قورايدىن.
تۈكۈلىدۇ مىڭ كەچمىش.
قورۇق باسقان چىرايدىن.
تالاشمايلى دېھقاندىن،
نەرسە ئالساق بۇرادەر.
تىلەپ بەخت ئۇلارغا،
بولمايلى بىز تاماگەر.
كىيىنكى يازما: ئۇيغۇر يىگىت تۆت يىلدا پۈتتۈرگەن ئېسىل توننى چېڭلۇڭغا سوۋغا قىلدى
2012/05/04 19:32:39
مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى تور بەتكە كۈچۈرۈپ قۇياي،بەك پەيزى يېزىپسىز،ھەممە ئادەم دىھقان جاپاكەش دەيدۇ،بىراق مۇشۇنداق ئەمەلىي تىمىلارنى،ئىشلارنى بايقىيالمايدۇ،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا،ھارمىغايسىز…..
2012/04/23 09:48:26
ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ئۇقۇغۇچىڭىزدىن سىزگە سالام بولسۇن، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ!
2012/04/23 13:23:24
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!رۇزى قانداق ئەھۋالىڭ؟كەلگەن قەدىمىڭگە قۇتلۇق بولسۇن!ياخشى تىلەكلىرىڭگە كۆپ تەشەككۈر!