لوپلۇقلار ھەققىدە رىۋايەت

ۋاقتى: 2012-03-05 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 85 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

لوپلۇقلار ھەققىدە رىۋايەت

 

لوپ رايۇنىغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇللار بىلەن ماچىنلىقلار بىللە ياشاپ،قىز بېرىپ، قىز ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ چاغلاردا لوپلۇقلار لوپ شەھرىدە ياشايدىكەن،كەۋلىيەلەر دەپ ئاتىلىدىكەن ھەم بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. كېيىنچە ئىمامى مۇشۇ يەرلىكلەر تەرپىدىن ئۆلتۈرلۈپتۇ. لوپ كۆلى ئەتىراپىدىكى يېڭىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر سۈننىي مەزھىپىگە ئىتىقاد قىلىدىكەن، ئەمما دىنغا ساداقەتمەن ئەمەسكەن. شۇڭىلاشقا، يۈسۈپ سەككاكى دېگەن داموللا لەشكەر تارتىپ لوپ شەھرىگە باستۇرۇپ كەپتۇ، تالاپەت تارتىشتىن قورققانلىقتىن ئۇلار سوۋغا-سالام بىلەن داموللىغا ياخشى كۆرۈنمەك بوپتۇ. لېكىن داموللا سوۋغا ئولپاننى قۇبۇل قىلماي لوپ شەھىرىدە قەتلىئام يۈرگۈزۈپ چۆل قىلىۋېتىپتۇ. زەمانى ئەخبارلارغا قارىغاندا، بۇ ۋاقىئە تۇغلۇق تۆمۈرخان دىننىي ئىسلامغا كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن بولغان ئىكەن. داموللا قەتلىئامدا ھايات قالغانلاردىن 15 ئۆيلۈكنى ئاقسۇ ئەتىراپىدىكى يار بېشى كەنتىگە، يەنە بىر قىسىم ئاز سانلىق كىشىلەرنى كېرىيەنىڭ قالۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان، بىر قىسمى خوتەنگە بېرىپ لوپ كەنتىنى بەرپا قىلغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر لوپ كۆلى ئەتىراپىدىكى قۇمۇشلۇقلار ئىچىگە يۇشۇرۇنغان،ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېلىمۇ شۇ كۆلنىڭ بويلىرىدا ياشىماقتا. يەنە بىر زامانى ئەخباردا ئېيتىلىشىچە، لوپ شەھرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئوتۇغۇچخان دېگەن بىر پادىشاھ چىققان ھەمدە ھازىرقى چاقىلىقنى ئاستانە قىلىپ پادىشاھلىق قۇرىغان. كېيىنچە غازلىقتىن كەلگەن مۇڭغۇللارنىڭ پادىشاھى قۇنتەيجى ئوتۇغۇچخاننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ خاننى ئۆلتۈرۈپ خانلىقنى يوقىتىپتۇ. بۇلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ھايات قالغان بىر قىسمى خوتەنگىچە قېچىپ بېرىپتۇ. يەنە بىر قىسمى قۇمۇشلۇقلار ئارىسىغا كىرىپ يۇشۇرنۇپتۇ. ھازىرقى ئاھالىلەر شۇلارنىڭ 7-ئەۋلادى ئىكەن.

(بۇ رىۋايەتنى رۇس ئېكىسپىدىسىيەچىسى پرژىۋالىسكىي 1876-يىلى خاتىرلىگەن بولۇپ، ”لوپ كۆلىگە سەپەر“ ناملىق كىتاپتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىندى.)

 

مەنبە:مويدۇن سايىت بوستان، غالىپ بارات ئەرك تۈزگەن ”ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى-لوپنۇر قىسمى“ دىن ئېلىندى.

 

تورغا يوللىغۇچى:لوپنۇرى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif