سەن ئۈچۈن“ئەخمەق“بولاي ئىجىلىم

ۋاقتى: 2012-03-05 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 179 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

سەن ئۈچۈن“ئەخمەق“بولاي ئىجىلىم

 

(ئىجىلىم:لوپنۇر دىئالىكتىدا يۈرىۋاتقان يىگىت-قىزلار،توي قىلغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنى ئىجىلىم دېيىشىدۇ)

(بۇ يازمىنى مەن بىلەن توي قىلغاندىن بېرى ئېجىل-ئىناق ئۈتۈپ كېلىۋاتقان كۈيۈمچان ئايالىمنىڭ بايرىمىغا،شۇنداقلا ۋاپا-ساداقەت بابىدا يىگانە بارلىق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.)

 

    كونىلار“ئۆزىنى داڭلىغان بىرىنچى ئەخمەق،خوتۇنىنى داڭلىغان ئىككىنچى ئەخمەق“دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرۇپتىكەن.مېنىڭچە بۇ ھېكمەتتە چوڭلارنىڭ نەزەردە تۇتقىنى كىشىلەرگە ئادىل،مۇۋاپىق باھا بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئەل تارازىسىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىدۇر. مانا بۇ ئۇيغۇر ئەخلاق سېستىمىسىنىڭ موھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى.ئەتە ئىجىلىمنىڭ بايرىمى ،گەرچە بۇرۇندىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ،ئۇنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان؛ئۇنىڭ ئۈستىگە بايرام كەلسىلا ئىلھامى كېلىپ قەسىدە تۇقۇشقا باشلايدىغان“پەسىل قۇشلىرى“غا بۈرۇندىن قارىشى بولۇپ،ئۇلارغا ئىزچىل ئىنكار پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ،بۈگۈن بىر ئاز بولسىمۇ ئەرلىك كىبىرىمنى تاشلاپ قۇيۇپ، ئىجىلىم ئۈچۈن بىر قەلەم تەۋرىتىپ،ئۇنىڭغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىمنى ئىزھار قىلىۋىلىشنى لايىق تاپتىم.مېنى ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەن دېسەڭلارمۇ مەيلى.

ئادەتتە بىز ئەرلەرنىڭ كۆز قاراش جەھەتتىكى نۇرغۇن مۇتەسىپ تەرەپلىرىمىز بولغاچقا،ئىجىللىرىمىزنىڭ تارتقان جاپالىرىغا،بەرگەن قۇربالىقلىرىغا يۈز تۇرانە،ئادىل باھا بېرىشكە جاھىللىق قىلىدىكەنمىز.بەزىدە ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش ئىشلەپ،ئىشتىن كىيىن قازان بېشىدا تەرلەپ-پىشىپ يېتىشەلمەيۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ،ياردەم قىلغۇمىز،ئۇنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكۈمىز كەلسىمۇ“ئىش قىلىپ بېرىپ ئۇنى يامان ئۆگىتىپ قويماي،بولمىسا بۇندىن كىيىن شىللەمگە مىنىدۇ“دېگەن ئوي بىلەن ياردەملىشىشتىن ۋاز كېچىدىكەنمىز.خۇددى بىز ئۇنى ئەمىرىمىزگە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆيدىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلاردىن تارتىپ،بالابېقىشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئالدىن ھەق بېرىپ مەڭگۈلۈك كۆتىرە بېرىۋاتقاندەك،ئۇنى ئۆزىمىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا،سىرداش،قەلبداش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،پەقەت ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا يېنىمىزدا تۇرغۇزىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەنمىز.بىز خۇددى ئۆزىمىز قۇرىغان بۇ ۋەتەننىڭ مەڭگۈلۈك شاھىنشاھىدەك،ئۇلارنى بولسا بىز ئۈچۈن شەرتسىز خىزمەت قىلىدىغان پۇقرالار ساناپ بوزەك قىلغۇمىز،ئىشلەتكۈمىز ھەتتا بەزىدە ئېكىسپۇلاتاتسىيە قىلغۇمىز كېلىدىكەن.ھەممىز دېگۈدەك،باللىرىمىزغا ئانا بولىۋاتقان ئاياللىرىمىزنى،بىزگە ئانا بولىۋاتقان ئانىلىرىمىزنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ بولالمايدىكەنمىز.بۇ بەلكىم تارىخنىڭ خاتا بولسىمۇ،دەۋىر بىلەن يەنىلا تەڭ ئىلگىرلەۋاتقان قاراڭغۇ تەرىپى بولسا كېرەك.تارىخ ئەنە شۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ دادىلىرىمىز ئانىلىرىمىزنى،بىز ئاياللىرىمىزنى،باللىرىمىز ئاياللىرىنى….ئەنە شۇ تەرىزدە، ئاشۇنداق پوزىتسىيەدە تۇرۇپ باشقۇرۋاتقان،ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايدۇ.بىز دائىم ”ئانىلىرىمىزنى دۇنيادىكى بىر ئۇلۇغ ئىنسان،ئۇنىڭ بەرگەن بىر تېمىم سۈتى ئۈچۈن يەتتە قېتىم ھەجگە يۈدۈپ ئاپرساقمۇ،ئۇنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىنى ئاقلىيالمايمىز“دېگەندەك شۇئارلار بىلەن شېئىرلارنى يېزىپ،داستانلارنى ئۈنىمىزنىڭ بارىچە توۋلاپ ئۆتىدىكەنمىز.ئەمما،“ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدىرى يوق“دېگەندەك كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجىللىرىمىزنىڭمۇ بىر ئانا ئىكەنلىكىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ قويمايدىكەنمىز.گاھىلىرىمىز ھەددىمىزدىن ئېشىپ ئۇرىدىكەنمىز،تىللايدىكەنمىز،خورلايدىكەنمىز.گاھىلىرىمىز گۈلدىن گۈلگە قونۇپ يۇرگەن كېپىنەكتەك يېنىمىزدىكى ”گۈلنىڭ پۇرىقى قالمىدى“ دەپ قاراپ،باشقا گۈللەرنىڭ ئىشقىدا پۇچىلىنىپ،تولغىنىپ يۈرىيدىكەنمىز.ناۋادا بىز باشقا گۈللەرگە بەرگەن مىھرىمىزنى ئۆز ئىجىللىرىمىزغا بەرگەن بولساق،ئۇلار بىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بولاتتى. شۇنىڭغا قاراپ“ئىنسان دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە،ئىچكەن سۈتى خام بولغاچقا،سۈرگەن خىياللىرىمۇ خام ،قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرىمۇ خام بولىدىغان ئوخشايدۇ“دەپ ئويلاپ قالدىم.

تېخى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئەرلىرىمىز“نېمىشقا ئاياللار بايرىمى بار،ئەرلەر بايرىمى يوق؛نېمىشقا ئاياللار بىرلەشمىسى بار،ئەرلەر بىرلەشمىسى يوق،بىزنىڭمۇ بايرىمىمىز بولىشى كېرەك“دەپ داۋراڭ سالىدىغان بولىۋالدى.بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئوينىغان بىر ئىتوتتا بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى تەبىر بېرىپتىكەن.يەنى،ئاياللارنىڭ ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىغاچقا ئاياللار بىرلەشمىسى بولغان.دېمەك،بۇ نوقتىدىن قارىغاندا،ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرلىشىغا بىز ئەرلەر“تۆھپە“قوشۇپتىكەنمىز.مېنىڭچە ئاياللارنىڭ بايرىمى بولىشىمۇ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىز ئەرلەرگە قارىغاندا تارتقان جاپاسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن بولغان.

ھەي!مەندىن رەنجىمە ئىجىلىم!ئەسلى بۇ يازمىنى سېنىڭ ئۈچۈنلا تەييارلىماقچى ئىدىم،بۇ يازمىغا سېنىڭ نامىڭلا پۈتۈلىشى كېرەك ئىدى.گەرچە ئىككىمىز بىر ئائىلە قۇرۇپ،مەن ساڭا مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە مۇتەسسىپ ئەرلەردەك چېكىدىن ئاشۇرۋەتمىگەن بولساممۇ،بەزىدە يەنىلا قاندا بار خۇيلىرىمنى چىقرىپ قويغان بولۇشۇم مومكىن.شۇڭىلاشقا ئادىل مەيداندا تۇرۇپ سەن بىلەن تەقدىرداش، ھەمشىرلىرىڭ ئۈچۈنمۇ ئاز تولا قەلەم تەۋرىتىشنى لايىق تاپتىم.سەن دائىم“ئاياللارنىڭ ئىچى بەك تار بولىدۇ“دەيتىڭ.مېنىڭچە بۇ جەھەتكە كەلگەندە سېنىڭ ئىچى تارلىق قىلمايدىغىنىڭنى،ئەكسىچە ئېچىنىشلىق قىسمەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىختىيارسىز ياش تۈكۈپ،ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

ئاڭلا ئىجىلىم!ئادەم دۇنياغا كەلگەندە كىيىن،مەلۇم ياشقا كەلگەندە تۇرمۇشلۇق بولىدۇ.بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشلۇق بولىشى بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۆز ئەۋلادىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن بولسا،يەنە بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا بىر كوللىكتىپ بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز كوللىكتىپىنى قوغداش،ئاسىراش،تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ.چۈنكى،سەن ماڭا بۇرۇن يات ئىدىڭ.بىز تۇرمۇشلۇق بولدۇق،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز مەڭگۈلۈك تۇققانلاردىن بولۇپ قالدۇق.مېنىڭ ئەسلىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.سېنىڭ بىلەن توي قىلىۋىدىم،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم تېخىمۇ كۆپەيدى.ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار،ماڭ ئىللىق سالام قىلىدىغانلار،ئىززەت ھۆرمىتىمنى قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى.مېنىڭچە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ساڭا ئوخشاش ئۇيغۇر ئانىلىرى بولغاچقىلا بۈگۈنكىدەك مىللەت ھالىتىنى ساقلاپ قالالىغان.شۇڭىلاشقا بىزدە ”ئانىلىرىمىز بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ“دېگەن سۆز بار بولغان.بۇ يەردىكى ئىككىنچى قولدا تەۋرەۋاتقان دۇنيا ماڭا دائىم نەق ئۇيغۇرلىرىمىز ياشاۋاتقان دۇنيادەك بىلىنىدۇ.ئوغلىمىز تۇغۇلغاندا،گەرچە قىز بالا ۋاقتىڭدا ئۇيقۇغا شۇنچە ئامراق بولساڭمۇ،ئۇ يىغلىغان چاغدا ئورنىڭدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىڭگە،ھاردىم دېمەي بۆشۈكنى تەۋرەتكەنلىرىڭگە قاراپ،ۋۇجۇدۇڭدا ھەقىقەتەن دۇنيانى تەۋرەتكۈدەك ئىنسانى خىسلەتنىڭ بارلىقىغان ئىشەنگەن ئىدىم.

ئاڭلا ئىجىلىم!“ئىجىلىم“دېگەن بۇ سۆزگە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئامراق بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلەمسەن؟چۈنكى بۇ سۆز سېنىڭ يالغۇز مېنىڭ ئايالىم بولۇپلا قالماستىن، بۇ ھايات سەپىرىمدە ئىناق ئۆتىدىغان ھەمرايىم ئىكەنلىكىڭنى تولۇق مەنىسى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.بۇ سۆز يەنە سەن بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتسەملا يېڭىلا قۇرىغان بۇ ۋەتىنىمنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.قارا ئىجىلىم!ھازىر دۆلىتىمىز تەكىتلەۋاتقان ”ئىناق جەمىيەت،ئىناق ئائىلە“ دېگەن شۇئار روھىنىىڭ بۇ سۆز بىلەن مەنە جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ قالغىنىنى.دۆلىتىمىز بۇ شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى،لىكىن ئەجداتلىرىمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ،ئائىلىدە ”ئىجىل“ئۆتۈشنى ئوتتۇرغا قويۇپ،شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ئۆزىگە ئۇدۇم قىلغانلىقىنى“ئىجىلىم“دېگەن بۇ سۆزدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

”ئىجىلىم“ دېگەن بۇ سۆزنى بىلگەندىن كىيىن“خوتۇن“دېگەن سۆز قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولدى.ئەسلىدە“خوتۇن“دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى تىلىمىزدا“قاتۇن“بۇلۇپ،قەدىمدە پەقەت پادىشاھلارنىڭ ئالىي مەرتىۋىلىك ئاياللىرىغا بېرىلگەن ئۈنۋان ئىكەندۇق.شۇنداق بولىشىغا قارىماي،يەنىلا“ئىجىلىم“دېگەن سۆزنى ياقتۇرۇپ قالدىم.نېمە ئۈچۈن بىلەمسەن؟چۈنكى،بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق دەرىجە مەرتىۋە مەنىسى يوق.ھەر قانداق ئادەمگە ماس كېلىۋىرىدۇ.بۇنداق دېسەم،“مەن قەلبىڭىزدىكى خانىش بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمۇ؟“دەپ ئويلاپ قالمىغىن.سەن قەلبىمدىكى ھەقىقىي بىر خانىش،لىكىن سېنىڭ بۇرۇنقى خانىشلاردىن چوڭ پەرقىڭ بار.سەن بۇرۇنقى خانىشلاردەك،بالىنى تۇغۇپ،ئىنىكئانا ئىزدەپ يۈرمەيسەن.پادىشايىڭنىڭ خىزمىتىنى چاكارلىرىڭنىڭ قىلىشى ئۈچۈن تاشلاپ بەرمەيسەن.سەن ئۇلارغا قارىغاندا پادىشايىڭغا نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆيىنىسەن،ياخشى كۆرىسەن.شۇڭا بارلىغىڭنى ماڭا،بالىمىزغا ئاتاشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىسەن.بۇرۇنقى پادىشاھلار بەلكىم خانىشلىرىنى مەجبۇرى ئالغان،خانىشلارمۇ پادىشاھنى ياخشى كۆرمىسىمۇ،راھەت تۇرمۇش ۋە ئابروي ئۈچۈن ئۇلارغا تەگكەن بولىشى مومكىن.لىكىن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ياخشى كۆرۈپ،بۇ پادىشاھلىقنى قۇرىغان.سېنىڭمۇ،مېنىڭمۇ بۇ تۇرمۇش ئارقىلىق بىر-بىرىمىزدىن پايدا ئېلىش غەرىمىز يوق.غەرەرسىز بۇ زىمىنغا قۇرۇلغان پادىشالىقىمىزنىڭ ھۇلى ئەلۋەتتە مۇستەھكەم بولىدۇ.

ئاڭلا ئىجىلىم!ھازىرغا كەلگۈچە مەيلى يۈرۈش-تۇرۇش،مەيلى ئەخلاقى-پەزىلەت جەھەتتە بولسۇن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى،ئەخلاق-ئەقىدىلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنىڭ ئۈچۈن سەندىن چەكسىز سۈيۈنىمەن.ئىلىم ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىكىڭ،خىزمىتىڭنى جان دىل بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيدىغانلىقىڭ،ئوقۇغۇچىلىرىڭغا ئۆز بالاڭغا ئوخشاش كۆيۈنىدىغانلىقىڭدىن چەكسىز سۈيۈنىمەن.ئېسىڭدىمۇ؟تۇنجى قېتىم نان يېقىپ ئەكىلىپ،مېنى ھەيران قالدۇرغىنىڭ.مەن ئىلگىرى توردا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە ئەر قېرىنداشلىرىمنىڭ“مەن نان ياقتىم،نېنىم ئوخشاپتىمۇ؟“دېگەندەك يازمىلىرىنى ئوقۇپ ئۇلارغا بىر خىل ھەيرانلىق ۋە قايىللىق نەزىرى بىلەن قاراپ قالغان ئىدىم.سەن“مەن نان ياقتىم“دەپ،ياققان نانلىرىڭنى ئۈستەلگە يايغان ۋاقتىڭدا ئوخشاشلا ھەيران قالغان،قايىل بولغان ۋە سېنىڭدىن ئىپتىخارلانغان ئىدىم.چۈنكى،توي قىلىپ ئۆيىدە تۈزۈك تاماقمۇ ئېتەلمەيدىغان شەھەرلىك قىزلىرىمىز كۆپىيىپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە،ساڭا ئوخشاش شەھەردە ياشاپ،شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئالى مەلۇماتلىق خىزمەتچىنىڭ نان يېقىشى ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق.سېنىڭ ئۇ كۈنىدىكى خۇشاللىقىڭ،ئوغلىمىزنىڭ مەن ھەر كۈنى بالا باقىدىغان جايغا ئۇنى ئالغىلى بارغاندىكى خوشاللىقىغا ئوخشاپ كىتىدۇ.نانلىرىڭ ئۆزۈڭگە ئوخشاش نازۇك،يۇمىلاق.رەڭگىمۇ يۈزۈڭگە ئوخشاش قىزىل.تەمىممۇ بىزنىڭ مۇھابىتىمىزدەك شىرىن.ئۇنىڭ شىرىنلىكىنى بىر ئولتۇرۇشتا بىر نېنىڭنى چايغا چىلاپ يەۋەتكىنىمدىن ئالىقاچان بايقىدىڭ.بىلىمەن،سەن ھەر دائىم ئەتكەن تامىقىڭنى ئىشتىھا بىلەن يىشىمنى،تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن،دۇئا قىلىشىمنى ۋە“تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ“دەپ قويۇشۇمنى ئارزۇ قىلىسەن.سەندىكى بۇ ئارزۇ مېنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇمدەكلا كۈچلۈك ھەم قىزغىن.مەن سېنىڭ ئەنە ئاشۇنداق قۇربان بېرىش روھىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن.

ئاڭلا ئىجىلىم!مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ،بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن،ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم.بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا سەن ھەقىقەتەن يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىڭ.باشقىلارنىڭ“ئۇنىڭ بىلەن قاچان توي قىلىسىز؟“دېگەن سۆزلىرى يۈرۈكىڭگە پاتتى.لىكىن سەن باشتىن ئاخىر مېنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ كەلدىڭ.ئاغزىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان دەرتلىرىڭنى“ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىسۇن“دەپ ئىچىڭگە يۈتىۋەتتىڭ.ئۇ چاغلار سېنىڭ ئەمدىلا چېچەك ئېچىشقا باشلىغان گۈلدەك،ياشلىق باھارىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان،قەلبىڭ شوخ،لىرىك تۇيغۇلارغا تويۇنغان ئېسىل كۈيدەك دىللارنى لەرزىگە سالىدىغان چاغلىرىڭ ئىدى.لىكىن سەن باشقىلاردەك ئاتالمىش مۇھاببەت سەپسەتىلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمىدىڭ.ئىزچىل ھالدا ۋاپادارلىقنى،سەمىمىيلىكنى ئۆزۈڭگە ئۇدۇم قىلىپ كەلدىڭ.مەن سېنىڭ ئەنە ئاشۇنداق قەيسەرلىگىڭدىن،ۋاپادارلىقىڭدىن چەكسىز سۈيۈنىمەن.ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن سېنىڭ قېشىڭغا قايتىپ كەلمەي،چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىشنى خىيال قىلغىنىمدىن ھەقىقەتەن خىجىل بولىمەن.مەن سېنى تاللاپ ھەقىقەتەن توغرا قىلغان ئىكەنمەن.مەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىلا،پەقەت سەندەك بىر تايانچىم،يۆلەنچۈگۈم بولسىلا مەيلى قانداقلا بىر جايدا خىزمەت قىلسام چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم.

ئاڭلا ئىجىلىم!توي قىلىشتىن بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ”كېلىن بىلەن قېيىنئانا ئوت بىلەن سۇ“دېگەن ئوخشىتىشلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىمدا،كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مومكىن بولغان باش قېتىنچىلىقلىرىنى ئويلاپ ھەقىقەتەن قىينالغان ئىدىم.شۇڭىلاشقا بىز توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مەندە تاسادىبى بىرەر گەپ بولۇپ،سەن بىلەن ئاپام ئوتتۇرسىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم.لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇ ئەنسىرەشلىرىمنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.سەندىن بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولدۇم.سېنىڭ بۇ جەھەتتە پىشقان دېپلۇمات ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم.

ئاڭلا ئىجىلىم!سۆزلەپ كەلسەم سۆزۈم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.ئەتە سېنىڭ بايرىمىڭ.بۈگۈن سەن ئۈچۈن ”ئىككىنچى ئەخمەق“بولدۇم. ئەگەردە سەن ئۈچۈن يەنە ئەخمەق بولۇش پۇرسىتى كەلسە،ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمەن.چۈنكى،سەن مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجىلىم!

بايرىمىڭنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشىنى،مەن بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈڭنىڭ خۇددى بايرامدەك شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەپ ئىجىلىڭدىن.

 

 

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. كروران
    2012/03/08 08:56:20

    ئىجىلىڭىزنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم، كروران تورىغىمۇ يوللاپ قويسام بولامدۇ؟

    • lopnuri
      2012/03/08 13:18:08

      ئەگەر سىزگە يارىغان بولسا،ئەلۋەتتە بولىدۇ.

  2. رىسالەت
    2012/03/06 14:57:13

    ۋاھ….ئىجىلىڭىز نىمانداق بەخىتلىك؟ سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

    • lopnuri
      2012/03/07 08:15:54

      بەخت ھەمىمىزگە تەڭ يار بولسۇن!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif