راستىنلا كىتاپنى ئاز ئوقۇيدىغان ئوخشايمىز
راستىنلا كىتاپنى ئاز ئوقۇيدىغان ئوخشايمىز
بۇ يازمىنىڭ ئاساسىي ،مەزمۇنىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىلەرگە ”مەشھۇر شەخسلەر ۋە كۈتۈپخانا“ دېگەن قىسقا ماقالىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان نۇرغۇن مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كۇتۇپخانا بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان.
سىماچىيەن ئۆلمەس ئەسىرى ”تارىخى خاتىرىلەر“نى يېزىش ئۈچۈن جۇڭگۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، سالنامىچى بولۇپ كىتاپ باشقۇرغاندا، ئەينى دەۋردە ھۆكۈمەت ساقلاۋاتقان بارلىق كىتاپلارنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىققان.
ۋاڭ چۇڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ پەيلاسوپ، ھەر كۈنى شېنياڭ كوچىلىرىدىكى كىتاپ بوتكىلىرىغا بېرىپ كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق مول بىلىم توپلىغان.
ماركىس لوندۇن بۈيۈك بېرىتانىيە موزىيى كۇتۇپخانىسىدا كۆپلىگەن ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك ئىزىنى قالدۇرۇپ، داڭلىق ئەسىرى“كاپىتال“ نى يېزىپ پۈتتۈرگەن.
لېنىن ياش ۋاختىدا مەكتەپتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن، قازان ۋە سامارىدىكى كۇتۇپخانىلاردا جاپاغا چىداپ ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈپ، كېيىن پېتىربورگ داشۆسىنىڭ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن قانۇن فاكولتىتىنىڭ «ئا» دەرىجىلىك دېپلومىغا ئېرىشكەن. ئۇ «پەلسەپە خاتىرىلىرى» نى يازغاندا 50 خىلغا يېقىن مەخسۇس كىتاپ ۋە ماقالىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرىۋالغان. بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى شىۋىتسارىيە پايتەختىدىكى بوئىرىن كۇتۇپخانىسىدا خاتىرىلىگەن.
ماۋزېدۇڭ مول بىلىمگە ئىگە ئىدى، بۇنى ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدە چاڭشا كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ ئەستايىدىل كىتاپ ئوقۇغانلىقى ۋە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەچ ئۆگەنگەنلىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
سەي يۈئەنفېي ئىلىم ساھەسىسدىكى بۇ ئاتاقلىق ئەرباپ، كىچىك ۋاختىدا ئائىلىسى نامرات، كىتاپ ئېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا، كۆپ كىتاپ ساقلىغان تاغىسىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان، كەڭ دائىرىدە كىتاپ ئوقۇش ئۇنىڭ كېيىنكى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالغان.
ئېدىسون كىچىكىدىن باشلاپ خىمىيە كىتاپلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. كېيىن ئۇ تەيتۇرۇ شەھرىدىكى پويىزدا گېزىت ساتقاندا، دائىم شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا بېرىپ قېتىرقىنىپ كىتاپ ئوقۇپ، ئاخىرىدا «كەشپىيات پادىشاھى» بولغان.
نىيوتۇن ئەنگىليەلىك بۈيۈك ئالىم نىيوتون 14 يېشىدىن باشلاپ پۈتكۈل ۋاقتىنى دىگۈدەك كۇتۇپخانا ۋە خۇسۇسىيلاردىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا سەرپ قىلغان.
ئەمدى داڭلىق ئۇيغۇر شەخىسلىرىنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قەدىمكىلەردىن فارابىي،مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى قاتارلىقلار؛ يېقىنقىلاردىن تىيىپچان ئېلىيۇپ، لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، قاتارلىقلار؛ ھازىرقىلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانۇف، ئىبراھىم مۇتئى، ئەركىن سىدىق، زەپەر ئابلىز، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىچىكىدىن تارتىپلا كىتاپنى دوست تۇتقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت ۋە تۆھپىلىرىنىڭ ئاچقۇچى ئۇلار كۆرگەن كىتاپلاردىن ئايرىلالمايدۇ.
دېمەك،كىتاپنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا بىز كىتاپقا قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمىز؟ بۇنى تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇسىڭىز، ئاز تولا چۈشىنىپ قېلىشىڭىز مومكىن. قېنى مەرھەمەت! بولسا چىداپ ئاخىرغىچە ئوقۇڭ! زىيان چىقتى دېسىڭىز مېنى ئىزدەڭ.
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا نۇرغۇن تور بېكەتلەردە “ كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇمايدۇ؟“ دېگەن بىر تېمىنى كۆرگەن ئىدىم. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلانغان ئىدى: .“ئۇلۇغ“لىقى سەۋەپلىك ئوقۇمايدۇ. 2. پۇللۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ. 3. ساۋاتسىزلىقى تۈپەيلى ئوقۇمايدۇ.4. نامرات بولغاچقا ئوقۇمايدۇ. 5. بەك ”ئالدىراش“ بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ. (كىيىنكى ئىككى تۈر لوپنۇرى تەرپىدىن قېتىلدى). بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن مەن راستىنلا بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىنىپ قالدىم. ئۇيغۇرلار راستىنلا كىتاپ ئوقۇمامدۇ؟ نېمە ئوقۇمايدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللار كاللامنى توختىماي قوچۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەتە ئاز تولا چۈشەنچىگە ئېرىشىش نېيتىدە ئوقۇغۇچىلىرىم ئارىسىدا بەزى تەكشۈرۈشلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تەكشۈرۈپ باقتىم. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە مېنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. سىنىپمدا ئوقۇۋاتقان 45 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەنلەر ئونغىمۇ يەتمەيدىكەن( بۇ بالىلار مەكتەپكە كەلگىلى بىر يېرىم يىل بولغانىدى). دائىم ۋاقىت چىقسا كىتاپ كۆرىدىغانلار ئاساسى جەھەتتىن يوق ئىكەن. ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىنى مۇزىكا ئاڭلاش، تورغا چىقىش، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ئوخشاش ئىشلارغا سەرپ قىلىدىكەن. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ بەش يىل توشقىچە كۈتۈپخانىدىن بىرەر كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇماي ئوقۇش پۈتتۈرۋەتكەنلىكىنى، كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسىنىڭ چامداننىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قالغانچە بىر قېتىممۇ ئىشلىتىلمەي يېپيېڭى تۇرغانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا دېيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. بىر يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپتىن راسخۇت چىقىرىپ ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىنىڭ كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. لىكىن ئۇ يەرگە كىتاپ ئارىيەت ئالغىلى بارغانلار ئاساسى جەھەتتىن يوق ئىكەن. مەن كۈتۈپخانا خادىملىرىدىن سۈرۈشتۈرسەم كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى 100يۇەن زاكالەت پۇلى تاپشۇردىغانلىقىنى ئاڭلاپ كەينىگە يېنىپ كېتىپ قاپتۇ. ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلمەپتۇ. بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ شىنخۇا كىتاپخانىسىنى ئارىلاپ باقاي دەپ كىرگەن ئىدىم. ئۆزۈم ياقتۇرغان 88 يۇەن قىممىتىدىكى بىر كىتاپنى ئېلىپ، پۇل تۆلەيدىغان يەرگە بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇردۇم. ئالدىمدىكى بىر خەنزۇ يولداش 1123 يۇەنلىك كىتاپ سېتىۋالدى. ئۇنىڭغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ قالدىم. ھەم ئۇنىڭدىن بۇ كىتاپلارنى شەخسى ئالغانلىقىنى ياكى ئىدارىگە ئالغانلىقىنى سوراپ باقسام ئۇ شەخسى ئالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتسام بىر تونۇشۇم ئۇچىراپ قالدى. بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ قولۇمدىكى كىتاپنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئۇ كىتاپنى قولىغا ئېلىپ بىرىنچى قىلغان ئىشى ئۇنىڭ باھاسىغا قاراش بولدى. ئۇ كىتاپنىڭ كەينىدىكى باھاسىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى. “ ئاداش 88 كويغا ھازىر 3 كىلو گۆش كېلىدۇ، نىمانچە قىممەت كىتاپ بۇ، بۇنى ئوقۇسا ئالىم قىلمايدىغاندۇ؟“ دېدى بىر خىل مەسخىرلىك تەلەپپۇزدا. “ ياق، ئالىمغۇ قىلمايدۇ، بىراق بۇ كىتاپقا قىزىقىپ قالدىم، شۇڭا ئالدىم“ دېدىم قىسقىلا قىلىپ. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە يەنە پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى. شۇڭا ئىشىم بارلىقىنى باھانە قىلىپ يولۇمغا ماڭدىم. ماڭغاچ كىتاپخانىدا كۆرگەن ھېلىقى يولداش بىلەن بۇ تونۇشۇمنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم. ”بىز مەسىللىلەرگە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاددى نەزەر بىلەن قارايدىغاندىمىز؟ كىتاپ بىلەن گۆش ئوتتۇرسىدا سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئورتاقلىقلار بولسىمۇ، ئەمما سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان تەرەپ كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر بىر نەچچە قىز بالا مېھمان قىل دېگەن بولسا، 88 يۇەن ئەمەس؛ 888 يۇەن بولسىمۇ، بۇ دېگەن ئوغۇلبالىچىلىق دەپ قورسىقى ئاغىرمىغان بولاتتى.“ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۇنىڭدىن كىيىن، تەتىلگە چىقىدىغانغا بىر ھەپتە قالغاندا تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى. تېلىفۇننى ئالسام ئوبلاستلىق كۈتۈپخاندا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئايال ئىكەن. ئۇ تۇلىمۇ تۈزۈت قىلغان، ئۆتۈنگەن تەلەپپۇزدا بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئوقۇرمەنلەردىن پىكىر ئېلىش يىغىنى ئېچىلدىغانلىقىنى مېنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىمنى ئېيتتى. چۈشتىن كىيىن قىلىدىغان ئىشىم بار بولسىمۇ، ئۇنىڭغا چوقۇم بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ھەمدە رۇخسەت سوراپ ئۇ يەرگە دەل ۋاقتىدا يىتىپ باردىم. خىيالىمدا ”مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم“ دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. لىكىن يىغىن زالىغا كىرىپلا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئەتىراپقا تېز سۈرئەتتە كۆز يۈگۈرتۇپ چىقتىم. لىكىن بىرەر ئۇيغۇر چىراي ئادەمنى تاپالمىدىم. شۇنداق تەڭلىچىلىكتە تۇرغاندا ماڭا تېلېفۇن قىلغان ھېلىقى ئايال سىرتىن كىرىپ، مېنى بىر بۇلۇڭغا باشلىدى. ئۇ مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن ھەقىقەتەن خۇشال بولغان ئىدى. 200 دىن ئۇشۇق ئادەم ئىچىدە كۈتۈپخانىدىكى ئايالنى قوشقاندا ئاران تۆتلا ئۇيغۇر بار ئىكەنمىز. كۈتۈپخانا باشلىقى يىغىن باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بىر نەچچە خەنزۇ خىزمەتچى كۈتۈپخانىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى، مۇلازىمەت شەكىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بىرەيلەن كۈتۈپخانىدىكى كىتاپلارنىڭ سانىنى ئېيتقاندا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ دېيىشچە ھازىر ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاپ 80 مىڭ پارچە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 72 مىڭى خەنزۇچە، بەش مىڭى ئۇيغۇرچە، ئۈچ مىڭى مۇڭغۇلچە كىتاپ ئىكەن. بۇ ساننى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ ئارقىدىنلا نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى كىتاپلارنىڭ بۇنداق ئاز ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى“ بىرىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپ ئاز؛ ئىككىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كىتاپ ئارىيەت ئالدىغانلىرى ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك؛ ئۈچىنچىدىن، كىتاپ سېتىۋالدىغان مەبلەغ كەمچىل“.
ئۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرۇشلىرىدىن كىيىن رەسمىي پىكىر بېرىش باشلاندى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئارقا –ئارقىدىن كۈتۈپخانا مۇلازىمەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىكتىرۇنلۇق كۈتۈپخانا قۇرۇلىشىنى تىزراق ئېلىپ بېرىش، كونا گېزىت-ژورناللار بۆلىمىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق پىكىرلەرنى بەردى. شۇ قاتاردا مەنمۇ يۈرۈكۈم پوكۇلداپ تۇرسىمۇ، ئىلمىي كىتاپلارنىڭ سالمىقىنى كۆپەيتىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى كىتاپلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى پىكىرنى بەردىم. ھەمدە ئۇلارغا ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ سانىنىنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 7-8مىڭ پارچە كىتاپ نەشىر قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ كۈتۈپخانىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاز بولىشىدىكى بىر سەۋەبنىڭ ئۇلارنىڭ كىتاپ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى بىر ئامال قىلىپ چۈشەندۈردۇم. بۇ گەپلىرىم ئارقىلىق يەنىلا كىتاپ ئوقۇماسلىقتىكى ئاساسلىق جاۋاكارلىقنى مۇشۇ خەقلەرنىڭ ئالدىدا ئۇچۇق ئاشكارە ئۆز ئۈستمىزگە ئېلىشتىن باش تارتماقچى بولدۇم. ( بۇ دېگەن مەندىكى كونا كېسەل بولسا كېرەك). يىغىن ئاخىردا كۈتۈپخانا قائىدىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغانلار، بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاپ ئارىيەت ئالغانلار60 يۇەن قىممىتىدىكى ئىلكتىرۇنلۇق كىتاپ ئوقۇش كارتىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. يىغىن تۈگىگەندىن كىيىن ھېلىقى ئۇيغۇر ئايال ئۈچەيلەننى ئاتايىتەن ئۇزۇتۇپ چىقتى. “ بۇگۈن ھەقىقەتەن مېنىڭ يۈزۈمنى قىلدىڭلار“ دېگەن گەپنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى.
كۈتۈپخانىدىن قانداق چىقىپ، قايسى تەرەپكە ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن. كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىياللار بىلەن ئۆي تەرەپكە ماڭماي باشقا تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن. شۇ كېچىسى خىيال سۈرۈپ تازا ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئاتايىتەن كۈتۈپخانىغا بېرىپ، بۇ كۈتۈپخانىدىن زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ كىتاپ ئارىيەت ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى، بۇ كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ كۆرىدىغانلار 50 كىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشچە ھازىر كۈتۈپخانىدىكى خەنزۇچە كىتاپلار خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالمايۋېتىپتىمىش. ئۇلاردا ھەتتا بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن بىردىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بېجىرگەنلەرمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. ئۇيغۇرلاردا ئېھتىياج ئاز بولغاچقىمۇ، كۈتۈپخانا رەھبەرلىرى نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭى كىتاپ ئېلىشقا توغرا كەلسە، كۆپرەك مەبلەغنى خەنزۇچە كىتاپ ئېلىشقا ئىشلىتىدىكەن. دېمەك، بۇ كۈتۈپخانىدا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ بۇنچىلىك ئاز بولىشىغا يەنىلا ئۆزىمىز سەۋەبچى ئىكەنمىز. ھازىر ئوبلاستىمىزدىكى ئومۇمىي نوپۇس 1 مىلىيۇن 189مىڭ 366 بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 383مىڭ873 ئىكەن. بىز ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىدا ساقلانغان كىتاپلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ باقساق بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە ئەلۋەتتە كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدۇ.
بىز يازمىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنى “ نامراتلىق “ دېگەن ئىدۇق. ئوبلاستىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدىن ئالغاندا، مەيلى قايسى كەسىپتىكى كىشىلەر بولسۇن، ئىشقىلىپ قورسىقى ئاچ، يالىڭاچ قالىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن كىچىك كۈتۈپخانىلار قۇرۇلۇپ كىتاپ جىق بولمىسىمۇ، مەلۇم ساندا كىتاپ ساقلاقلىق. كىتاپ سېتىۋىلىشقا پۇل چىقىرىشقا قىيمىساق، مۇشۇنداق جايلاردىن ئارىيەت ئالساق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ لىكىن مېنىڭ ئىگەلىشىمچە، بۇنداق كۈتۈپخانىلار بىر بولسا، بىر قۇلۇپ سالغانچە كىشىلەرگە ئىچىلمايۋاتىدۇ؛ بىر بولسا ئوقۇيدىغان ئادەملەر يوق توپا بېسىپ تۇرۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىز قىشىچە قىلىدىغان ئىش يوق، ھاراق ئىچىپ كەيىپ-ساپا قىلىدىغان، توپلىشىپ قىمار ئوينايدىغان ئىشلار بىلەن مەلكە بولىۋاتىدۇ. ئەمدى دېھقانلىرىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ، كىشلەر تەرپىدىن “ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى“ دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى. ئالدىنقى يىلى يازدا قەشقەرگە بىر يىغىنغا بارغان ئىدىم. داڭلىق ئوبزۇرچى يالقۇن روزى بىزگە مۇنداق بىر خەۋەرنى دەپ بەردى. يەنى ئۇلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەلۇم بىر ۋىلايەتنى نوقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيىدە كىتاپ ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، %98 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىدىن دەرسلىك كىتاپتىن باشقا كىتاپ ياكى ژورنال چىقمىغان. ئەمدى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كىتاپقا بولغان كۆز قارىشى مۇشۇنچىلىك تۇرسا، دېھقانلىرىمىزدىن يامانلاشقا ئەلۋەتتە ھەققىمىز يوق.
باللىرىمىز نېمىشقا كىتاپ ئوقۇمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئۆزلىرى كىتاپ ئوقۇمىسا، ئۇلارنى كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلىمىسە، رىغبەتلەندۈرمىسە ئۇلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يېتىلمەيدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدە ئىلگىكىلەرگە ئوخشاشلا خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ. بۇ بىر مىللەتكە نىسبەتەن بىر خەتەرلىك يۈزلىنىش ھېساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ ئۇلارنىڭ خېرىدارنىڭ ئاز بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى 8 مىليۇندىن ئارتۇق دەپ ھېساپلاپ كېلىۋاتىمىز. ئادەتتە بىر يېڭى كىتاپ نەشىر قىلىنسا تىراژى ئادەتتە 3000 ياكى 5000 بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايە، رومانلارنىڭ سەل كۆپرەك، ئىلمىي كىتاپلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن خىرىدارى يوق. مېنىڭ بىلىشىمچە، “ ئانا يۇرت“، ”ئىز“، ”ئويغانغان زىمىن“، ”كاككۇك قونغان تال“ قاتارلىق بىر قانچە رومان ۋە كىتاپلارلا بىر قانچە قېتىم نەشىر قىلىنىپ تىراژى 10 مىڭلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.ئىلمىي كىتاپلار بىر قېتىم چىققانچە ئاساسىي جەھەتتىن نەشر قىلىنمايدۇ. بۇ بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
گەپنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ مىساللارغا قاراپ بىز ئۇيغۇرلار راستىنلا كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئوخشايمىز دېگەن خىيالغىمۇ كېلىپ قالدىم. سىز دەپ بېقىڭا، بىز راستىنلا كىتاپ ئوقۇمامدۇق؟ ياق! ھازىر ئۇيغۇرلاردا كىتاپقا بولغان پوزىتسىيەدىن قارىغاندا، كىتاپ ئوقۇيدىغانلار يوق ئەمەس بار.لىكىن كىتاپ ئوقۇيدىغانلار بىلەن ئوقۇمايدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا پەرق ناھايىتى چوڭ بولماقتا. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قوشقان تۆھپىسى موھىم ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە ئەڭ موھىمى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى. ئەگەر ئومۇمىي ساپارىمىز ياخشى بولمىسا، نەتىجە قازانغانلارنى قوللاپ-قۇۋەتلىمەكتە يوق، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن غەيۋەت قىلىدىغان، ئۇلارغا ئورا كولايدىغان، بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭىلاشقا بىزدە ھېچبولمىسا باشقىلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى چۈشەنگىدەك، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىدەك ساپا ھازىرلانمىسا بولمايدۇ. بۇنداق ساپا قانداق ھازىرلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىلىم ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز، ئويلىنىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. قېنى، ھەمىمىز بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقايلى. بۇرۇن ئوقۇمىغان بولساق ھازىر ئوقۇشنى باشلىساقمۇ كېچىككەن بولمايمىز. مېنىڭچە كىتاپ ئوقۇماسلىققا ھەرگىز باھانە كۆرسەتمەڭ. كىتاپ ئۈلكەرنىڭ ئالبىنىسى ئەمەس. بۇ دۇنيادا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئەھمىيەتلىك ئىش. بۇنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭ.
2011/09/09 14:50:49
كىتاب ھەققىدە دەتلىرىم تولا،ئىختىيارسىزلا پائالىيىەت نوقتىلىرىمنىڭ ھەممىسىدىلا دۆۋىلىنىپ كىتىدۇ
2011/09/11 01:27:55
توردا ئۇچىراشمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ،ياخشى تۇرۋاتامسىز؟سالدام ئەپەندى.