لوپلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى_ كۈنچىققانبەگ

ۋاقتى: 2011-07-23 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 243 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

كۈنچىققانبەگ

 

بۇ سۇرەتنى روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى پرژىۋالىسكىي تارتقان

 

 

 

لوپلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى_ كۈنچىققانبەگ

 

غالىپ بارات ئەرك

 

 قەدىمدىن تارتىپ تارىم، كۆنچى ۋە چەرچەن دەريالىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە ئېقىپ كېلىپ، بۇ جايدا لوپ، قاراقوشۇن، قارا بوران، ئارقا كۆل، تېيىز كۆل، قارا كۆل، تارتما كۆل قاتارلىق نۇرغۇن كۆللەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ دەريا – كۆللەرنى مەركەز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان، بۇ مەدەنىيەت دەسلەپكى چاغلاردا كروران مەدەنىيىتى دەپ، ئۇنى بەرپا قىلغۇچىلار كرورانلىقلار دەپ ئاتالغان. كېيىن كروران، قۇتۇم( مىرەن قەدىمىي شەھىرى)، قاغان( چاقىلىق بازىرى)، لوپ( قەدىمكى ۋاششەھىرى) ۋە كېتىك قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى تۈپەيلىدىن، بۇ يەرلەردىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى باشقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن، يەنە ئاز بىر قىسمى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلماي دەريا – كۆللەرنى بويلاپ ياشاپ كەلگەن، ئۇلار يۇرت نامى بىلەن ”لوپتۇق − لوپلۇق“ دەپ ئاتالغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار كروران نامىنى ئۇنتۇپ لوپ نامىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار كەڭ دائىرىدە لوپلۇق دەپ ئاتالسا، كىچىك دائىرىدە دەريا – كۆللىرىنىڭ نامى بىلەن قاراقوشۇنلۇق، قارا كۆللۈك دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان.

 -18 ئەسىردىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ پىنھان جايلىرىدا ياشاۋاتقان لوپلۇقلارنىڭ ۋە بۇ سىرلىق زېمىننىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەر ۋە ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، يەنە چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىمۇ بۇ يەرگە ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. لوپلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار چەت ئەللىكلەرنىڭ كىتاب، ماتېرىياللىرىدىن جاھانغا مەلۇم بولدى. شۇ قاتاردا قاراقوشۇنلۇقلار تەرىپىدىن ”يۇرت ئاتىسى“ دەپ تەرىپلەنگەن خەلقپەرۋەر زات كۈنچىققانبەگ ھەققىدىكى خاتىرىلەرمۇ ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلدى.

خەلق ئارىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، قاراقوشۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇرت ئاتىسى كۈنچىققانبەگنىڭ ئەجدادلىرى كروران ۋەيران بولغاندىن كېيىنمۇ يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلماي، دەريا – كۆللەرنى بويلاپ كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، قۇشچىلىق، ئوۋچىلىققا تايىنىپ ھايات كەچۈرگەن.

 كۈنچىققانبەگنىڭ سېۋىن ھېدىنغا ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئىسسىمقۇللۇ ۋە ماتتاس دېگەن ئەجدادلىرى قاراقوشۇن كۆلىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر كۆل بويىدىكى ئابدال دېگەن يەردە ياشىغانىكەن. ماتتاسنىڭ ئوغلى نۇرمەتبەگ يۇرتى ئابدالدا ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا جەنۇبقا − يېڭىدىن شەكىللەنگەن قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كېلىپ يۇرت بىنا قىلغان ھەمدە بۇ يەرگە ئابدال دەپ كونا يۇرتىنىڭ نامىنى قويغان( بەزى ئىلمىي قاراشلاردا قاراقوشۇن كۆلى 18 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەكىللەنگەن دېيىلگەن، ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولسا ئۇلار 18 – ئەسىرلەردە شىمال تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن بولىدۇ) . نۇرمەتبەگنىڭ ئوغلى جاھانبەگ، جاھانبەگنىڭ ئوغلى كۈنچىققانبەگ. كۈنچىققانبەگ 1812 – يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كۈن ئەمدىلا چىققاندا جاھانساي دەرياسى( ھازىرقى مىرەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى) بويىدا تۇغۇلغان.

 كۈنچىققانبەگ قاراقوشۇن كۆلى بويىدىكى ئابدال كەنتىدە ئولتۇراقلاشقان. 1898 – يىللىرى سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئابدالنى تاشلاپ يۇرت چاپقانغا كەتكەن ھەمدە ئەسلى يۇرت نامى ئابدالنى داۋاملىق قوللىنىپ يېڭى ئابدال دەپ ئاتىغان. كونا ئابدال بىلەن يېڭى ئابدالنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 4 كىلومېتىر كېلىدۇ.

كۈنچىققانبەگ قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ بېگى بولۇپلا قالماستىن، يۇرت ئاتىسى بولغان. كۈنچىققانبەگ توغرىسىدا رۇس ئېكسپېدىتسىيىچىسى پىرژېۋالىسكى مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”ئۇ پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن ئادەم بولۇپ، جاھانساي دەرياسى بويىدا تۇغۇلغان، 1885 – يىلى 73 ياشتا ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ساغلام ھەم بەردەم ئىكەن. ئۇ پۇقرالىرىغا خۇددى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىكەن. ئۇ مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ئوتۇن يېرىشىدىن تارتىپ، تېرىقچىلىق قىلىشىغىچە ياردەملىشىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئالۋان – سېلىق سالمايدىكەن. مەھەللىسىدىكىلەردىن بىرەرسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا، جەزمەن ياردەم بېرىدىكەن، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ناھايىتى نامرات ئىكەن“. پرژېۋالىسكىنىڭ يازغانلىرى كۈنچىققانبەگنىڭ تولىمۇ پەزىلەتلىك، ئادىل، ھەققانىيەتچى، خەلقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر زات ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەتەنمۇ ”يۇرت ئاتىسى“ ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پرژېۋالىسكى ئىككى قېتىمدا قاراقوشۇن رايونىدا ئالتە ئايدەك تۇرغان. فرانسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى گابرېل بونۋالوتمۇ ئۇنىڭغا شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان پەزىلەتلىك كىشى دەپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

قاراقوشۇنلۇقلار مەخسۇس كۈنچىققانبەگكە ئاتاپ قوشاق قوشۇپ مەدھىيە ئوقۇغان، قوشاقلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:“ كۈنچىققانبەگ ئەمدىلا چىققان قۇياشقا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ نۇرلىرىڭىز پۈتۈن جاھانغا چېچىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا مېھرى- شەپقەت قىلغىنىڭىزدا، ئۈنىڭىز خۇددى بۇلبۇل سايرىغاندەك يېقىملىق بولۇپ، ھەممە خۇش كەيىپ ئاڭلايدۇ. سىز يېتىم – يېسىرلارغا يولۇقسىڭىز ساخاۋەت قولىڭىزنى سۇندىڭىز. بۇرۇن بىزنىڭ خان – بېگىمىز پەقەت سىزلا ئىدىڭىز، ھازىر بولدى تۈمەنمىڭ. ئاللا سىزگە توختى ۋە جان ئاتلىق ئىككى ئوغۇل ئاتا قىلدى، ھۆكۈمەت سىزگە ئاقچا بەردى، يەنە سىزنىڭ پۇل بايلىقىڭىزنى بۇلىۋالدى، مانا بۇلار سىزنىڭ <دوست قاياشىڭىز> . شېيىخنىياز ۋە ئابدۇراخمان ئاتلىق بۈركۈت كەبى ئوغلانلىرىڭىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتى. سىزنىڭ قوي پادىڭىز قوتان – قوتان، يەرلىرىڭىز بىپايان، كۆز يەتكۈسىز، چاكارلىرىڭىز ئېتىزلىرىڭىزدا ئىشلەيدۇ، يەرلىرىڭىزگە 30 ئۇرۇق چاچىدۇ، ئېغىرلىقىدىن ھايۋانلارمۇ يۆتكىيەلمەيدۇ“ دېگەنگە ئوخشاش. بۇ بىر مۇبالىغە قوشاق بولۇپ، پرژېۋالىسكىنىڭ يېزىشىچە، ئۇنىڭ بىرلا ئېتى، 10 نەچچە مودەك تېرىلغۇ يېرى بار ئىكەن، ئۇلار مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى، ”ئەسلى بىرلا بېگىمىز بار ئىدى، ھازىر بولدى تۈمەن مىڭ“ دېگەندەك مىسرالار بىلەن ئۇلارنىڭ كۈنچىققانبەگكە ئازراقلا مائاش بېرىپ پۇل – بايلىقلىرىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن بۇلاپ كەتكەنلىكىگە كىنايە قىلغان.

كۈنچىققانبەگ قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇش بىلەن بىللە يەنە يۇرتنىڭ قازىسىغا ئوخشاش دەۋا – دەستۇر ئىشلىرىنى باشقۇرغان، دەۋا ئىشلىرىنىڭ ھەققانىي بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۇرت ئاقساقاللىرىنىمۇ قاتناشتۇرغان. ھەر بىر دەۋانى سورىغاندا ئىمكانقەدەر ئىسلام ئەھكاملىرى ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقارغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بىلىدىغانلىرى ناھايىتى چەكلىك بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا بۇرۇنقى دەۋا مىساللىرىغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشقان. قاراقوشۇنلۇقلاردا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن، لېكىن ئوغرىلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئۇلار ئادەتتىكى ئوغرىلىق قىلمىشلىرىغىمۇ ئىنتايىن قاتتىق جازا بەرگەن، ھەتتا يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىپ، شۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.كۈنچىققانبەگنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھاكىمىيىتى بىلەن قەتئىي سىغىشالمىغان، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئىزچىل تۈردە چىڭ سۇلالىسى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ساقلانغان، يامۇلنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتقان، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ 70 نەچچە ياشقا كىرگىچە كورلىغا پەقەت ئىككى – ئۈچ قېتىملا بارغان( بىر قېتىمدا مەخسۇس كورلىغا بېرىپ مانجۇچە چاچتىن خالاس بولۇش ئۈچۈن پارا بەرگەن)، چاقىلىقتىن باشقا يەرگە بېرىپ باقمىغان، يامۇل ئەمەلدارلىرىدىن ھېچكىم ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن، بىر قېتىم تۇرپاندىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ ۋاڭغا سالام بەرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇ ئۈچ- تۆت چاقىرىم يولغىچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك مېڭىپ، تاماكا چىلانغان سۇنى ئىچىپ توختىماي قۇسۇپ جىددىي كېسەل بولۇۋېلىپ قايتىپ كەتكەن، كېيىن ئەمەلدارلارغا سوۋغا- سالام يوللاپلا بۇ ئىشنى تاماملىغان.كۈنچىققانبەگ 1898 – يىلى كونا ئابدالدا قازا قىلغان. كۈنچىققانبەگنىڭ شېيىخنىياز، ئابدۇراخمان، توختاخۇن ۋە جان( تولۇق ئىسمى نامەلۇم) ئىسىملىك تۆت ئوغلى بولغان، ئالدىنقى ئىككىسى 1870 – يىلدىن بۇرۇن قازا قىلغان. ستەيىن 1905 – يىلى بۇ يەرگە كەلگەندە توختاخۇننىڭ 35 ياش ئىكەنلىكىگە ئاساسلانغاندا، توختاخۇن 1870 – يىللىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. توختاخۇن قاراقوشۇن ئەتراپىدىكى لوپلۇقلارنىڭ ئاخۇنى بولغان، ئېكسپىدىتسىپىچىلەرگە يول باشلىغۇچى بولغان، جۈملىدىن سېۋىن ھېدىن ۋە ستەيىنلەرگە يول باشلىغان. كېيىنكى ئۆمرىنى سوپىلىق بىلەن مازارلاردا ئۆتكۈزگەن. پرژېۋالىسكىنىڭ ئېيتىشىچە كۈنچىققانبەگنىڭ بەگلىك مەرتىۋىسىگە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى جان ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما ياڭ ليەننىڭ تەكشۈرۈشىچە كۈنچىققانبەگنىڭ نەۋرە ئۇكىسى مۇھەممەتجان نىياز(1930 – يىللاردا قازا قىلغان بولۇپ، كۈنچىققانبەگنىڭ ئۇكىسى دېگەن قاراشمۇ بار) ۋارىسلىق قىلغان. توختاخۇن سوپى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋارىسلىق قىلمىغان. توختاخۇننىڭ ئوغلى تۇردى، تۇردىنىڭ ئوغلى ئەمەت(1895 − 1989)، كۈنچىققانبەگنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ چاقىلىق ناھىيىسىدە ياشىماقتا.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/02/14 08:29:02

    كۈنچىققانبەگ ھەققىدە بىرەر رومان ياكى ئەدەبىي ئەسەر يېزىلسا بولغۇدەك جۇمۇ.

    • lopnuri
      2012/02/14 12:27:01

      توغرا دەيسىز،مويدۇن سايىت ئاكىنىڭ «كرورەندىكى ئىزچىلار»ناملىق رومانىدا كۈنچىققان بەگ ھەققىدە خېلى كۆپ مەزمۇنلار بار. لېكىن بۇ روماندىكى باش پىرسۇناژ يەنىلا ئۆردەك بولۇپ،كۈنچىققان بەگ ئۆردەكنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى قوللىغۇچى قاتارىدا تەسۋىرلىنىدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif