شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۈچ مۇستەبىت (سۈرەتلىك )

ۋاقتى: 2011-08-14 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 1,066 قېتىم / 5 دانە باھا يوللانغان باھا

 

1.ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزى ناھىيىسىدە بيۇكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1889-يىلى يىگىرمە ئالتە يېشىدا بېيجىڭدا دۆلەتلىك كېجۈي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىنشى ئۇنۋانىنى ئېلىپ ئەمەلدار بولغان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭۋېي ناھىيىسىدە ئامبال،خېجۇ ۋىلايىتىدە ۋالىي،گەنسۇ ھەربىي مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

  ئۇ 1907-يىلى 44يېشىدا،شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭغا چىقىپ،شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي،مەمۇرى ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان ياڭ زېڭشىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش،يەرلىك خەلقنى قۇل قىلىش،تالان-تاراج قىلىش ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شۇملۇقلارنى قىلغان.

ياڭ زىڭشىن 1928-يىلى7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆلكىلىك رۇسچە قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا فەن ياۋنەن ئەۋەتكەن سولچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ياڭزىڭشىڭنىڭ ئەسكەر ۋاقتى

 ياڭزىڭشىڭنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارلىققا كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى.

شىنجاڭغا ئالىي ھۆكۈمران بولغان مەزگىلى

شىنجاڭغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنى كۈتىۋىلىش خاتىرىسى

 

ياڭزىڭشىڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن فار-فۇر بويۇم

2.جىن شۇرېن 1879-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىدە توغۇلغان.جىن شۇرېن 1928-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى باش قوماندان،1929-يىلى قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى بولغان .جىن شۇرېنمۇ شىنجاڭ خەلقىگە زور بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ”1933-يىلى 12-ئايدا شىڭ شىسەي جىنشۇرېننىڭ شىنجاڭ خەلقىغە قىلغان ئېغىر زۇلۇمى،ئۇنىڭ ياڭ زىڭشىنغا ۋارىسلىق قىلىپ يۈرگۈزگەن مۇستەبىت سىياسىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ماتىرىيال يېزىپ تاپشۇرغان.1935-يىلى5-ئايدا جىياڭنىڭ يەرلىك مەھكىمىسى جىنشۇرېننى سوتلاپ،ئۇنىڭغا جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ۋە بەش يىللىق سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بەرگەن.لىكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي شىمالدىكى ھەربىي مەمۇرى ئەمەلدارلاردىن دېڭ باۋشەن،لوداچاڭ،ماگوفاڭ،ما خۇيىڭ قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تېلېگىرامما يوللاپ جىن شۇرېننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.نەتىجىدە 2935-يىلى10-ئۆكتەبىر بايرىمىدا جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن.ئاندىن جىشۇرېن لەنجۇغا قايتىپ1941-يىلى8-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان(شېرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ <شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەشھۇر شەخىسلەر> ناملىق كىتابىدىن)“

 

جىن شۇرىننىڭ ئۆلكە رەئىسى بولغان ۋاقتى

 

جىن شۇرىننىڭ مەھكىمىسىدە چۈشكەن سۈرىتى

جىن شۇرېن (سولدىن بىرىنچىسى) شىنجاڭدىكى مەزگىلدە قاتناشقان بىر پائالىيەت

 

 

 

3.شېڭ شىسەي1895-يىلى شەرقى شىمالدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن ناھىيىسىدە توغۇلغان،1915-يىلى ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.شېڭشىسەي1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ جىن شۇرېننى تەخىتتىن قوغلىغان. 1944-يىلى9-ئاينىڭ11-كۈنىگىچە11يىل جەريانىدا،ئۇيغۇرنى ئۆزئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى بارلىققا خەلىققە دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش،باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قولانغان. ھەمدە يىغىن ئېچىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەت بايلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ بۇلىغان،ئۆلتۈرگەن. كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرىدىن ماۋزىمېن(ماۋزېدوڭنىڭ ئىنىسى)،چېن تىيەنچۇ قاتارلىقلارنى،ئۆز ئىنىسى شېڭ شىچى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈۋەتكەن.1944-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭدىن كېتىدىغان ۋاقتىدا50مىڭ سەر ئالتۇننى ئېلىپ كەتكەن. ;} und*q 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى (تەيۋەننىڭ) تەيبېيدا ئۆلگەن.

 

شىڭ شىسەينىڭ ياش ۋاقتى

ھەربىي سەپكە قاتناشقان ۋاقتى

خىزمەت كورسىتىپ ئوردىنلارغا ئىگە بولغان ۋاقتى

 شىنجاڭغا ھۆكۈمران بولغان مەزگىلى

 

شىڭ شىسەينىڭ ئايالى ۋە قىزى

شىڭ شىسەي دەۋرىدە تارقىتىلغان ھەرخىل ماركا ۋە بېلەتلەر

شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى يەر ئىشلىتىش ھۆججىتى

شىڭ شىسەينىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى

ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى،شىڭشىسەينىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى پىڭ جىيۇەن

دۇجڭيۇەن يازغان شىڭ شىسەي ۋە يېڭى شىنجاڭ ناملىق كىتاپ

شىڭشىسەي شىىنجاڭغا دۇبەن بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تاشكەنتكە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

5نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/15 15:40:58

    5-سۈرەتتىكى كىشى قەشقەر دوتىيى مافۇشىڭ ئىكەن،ما ئادىرىستىن كۆرۈپ بېقىڭ.
    http://image.baidu.com/i?tn=baiduimage&ct=201326592&cl=2&lm=-1&fr=&sf=1&fmq=&pv=&ic=0&z=&se=1&showtab=0&fb=0&width=&height=&face=0&istype=2&word=%C2%ED%B8%A3%D0%CB&s=0

    • lopnuri
      2011/08/15 15:47:45

      مەن راستىنلا خاتالىشىپتىمەن.سىزگە كۆپ رەخمەت.بۇ سۈرەتنى ئۆچۈرۋەتتىم.

  2. ھونزادە
    2011/08/15 11:26:11

    باياتىن شەخسىي كىتابخانىغا قايتا بېرىپ ‹‹يىپەك يولىدىكى 99 سىر›› دىگەن كىتابنى 100 يۈەنگە يامان بەك تالىشىپ تۇرۇپ ئاران سېتۋالدىم.ئەمدى ‹‹يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستى›› دىگەن كىتابنى ئالسام بۇلاتتى،ئەڭ ياخشىسى سىز ئالاقىلىشىپ بېقىڭە ئۆزەمگە لازىم ئىدى دەپ چۈشۈرۈپ سېتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس سىزگە.

  3. ھونزادە
    2011/08/15 02:46:30

    ۋاھ!مەن كۆرۈپ باقمىغان سۈرەتلەردىن نەچچىسى باركەن،ساقلىۋالدىم،رەھمەت.

    • lopnuri
      2011/08/15 03:22:58

      ئەرزىمەيدۇ.سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. تارىخى قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز.ھارمىغايسىز.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif