بۇتلارنى چېقىپ ئالتۇننى ئېلىش

 

 

بۇتلارنى چېقىپ ئالتۇننى ئېلىش

 

ھېكايە:

بىر كەمبەغەل بىر دانە بۇتقا ئۇزۇن يىل ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن تەقۋادارلىق بىلەن ئۆزىگە بەخت ئاتا قىلىشنى تىلەپتۇ.

نەتىجىدە، ئۇ بارغانسىرى نامراتلىشىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاچچىقىدا بۇتنى تامغا قارىتىپ ئېتىپتۇ. بۇتنىڭ كاللىسى چېقىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن ئالتۇن چىقىپتۇ. بۇ ئادەم ئالتۇنلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا: ”سەن ھەم دۆت،ھەم يېرگىنىچلىك ئىكەنسەن، مەن ساڭا باش قويۇپ ھۆرمەت قىلغاندا، سەن ماڭا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمىدىڭ. ئەكسىچە، مەن سېنى چېقىۋەتسەم، سەن ماڭا نۇرغۇن بايلىق بەردىڭ“ دەپتۇ.

ھېكمەت:

تۇرمۇشتا بىز ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئۆزىمىزگە نۇرغۇن مەبۇد تىكلىۋالىمىز. بارا-بارا ئۇنىڭ سادىق مۇرتىغا ئايلىنىمىز. بىز ھەر بىر مەبۇدنىڭ ئىچىدە ئەمىلىيەتتە ئالتۇن يۇشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيمىز. پەقەت ئۇنى چېقىۋەتكەندىلا،ئاندىن ئۆزىمىز ئارزۇلىغان نەرسىگە ئېرىشەلەيمىز. ھەر بىر ئادەم جەزمەن ئىچىدىكى مەبۇدنى چېقىشقا جۈرئەت قىلىشى،باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىگە تېگىشلىك ئالتۇننى قولغا كەلتۈرىشى لازىم.

 

مەنبە: ”قىسقا ھېكايە،ئۇلۇغ ھېكمەت“ ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=902

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: