بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟

 

بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟

كەنجىبەگ سۇباتاي ئوغلى دولىموۋ(تىببىي پەنلەر نامزاتى)

ھەر قېتىم ”بابۇرنامە“نى ئوقۇغۇنىمدا ھەم جىسمانىي ھەم ئەقلىي جەھەتتە بىقۇۋەت ئىنسان بولغان بابۇرنىڭ 47 يېشىدا ئالامدىن كەتكىنى مېنى تەئەججۈپكە سالىدۇ. كۆپ جەڭگى جېدەللەر ۋە جاراھەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بابۇر ئۆز ۋەتىنىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان تەدبىرلىرىنى ھىندى ئېلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇ يۇرتتا بار-يوقى بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 47 يېشىدا- ئاتىسى ئۆمەرشاھ يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بابۇر كۆپ جەڭلەردە يارىدار بولدى،ئەمما ئامان قالدى. شۇڭا، ئۇ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازغان:

ئەگەر تىغى ئالەم بىجۇنبەد زى جاي،

نەبۇررەد رەگى تا نە خاھەد خۇداي.

مەنىسى:مەيلى ئالەم تېغى ئۆز جايىدىن قوزغالسۇن،خۇدا خالىمىسا،بىرەر تۆمۈرنىمۇ كېسەلمەيدۇ.

مەلۇمكى،ھىندىستان دورا-دەرمان مىسلىسىز كۆپ خىل گىياھلارغا باي ئۆلكە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ خەۋپلىكلىرى ھەم شۇ ئۆلكىدە مەۋجۇت: ئىلان زەھىرى، قاراقۇرت زەھىرى، تەركىبىدە كۈچلۈك زەھەرى بار گىياھلار، ئۆسۈملىكلەر(كۇرارە مىۋىسى ۋە باشقىلار). مەن تىبابەت خادىمى بولۇش سۈپىتىدە بابۇر ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەردە شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ھال-ئەھۋالى، روھىيىتى ۋە  ئۇنىڭ جىسمانىي ھالىتىنىڭ بايانلىرىغا بەك ئېتىبار بەردىم. “بابۇرنامە”دە،  گۈلبەدەن بېگىمنىڭ “ھۇمايۇننامە” ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، ئىبراھىم لودىينىڭ ئانىسى بايدا بەرگەن زەھەردىن بابۇر زەھەرلەندى ۋە ئېغىر كېسەلگە مۇبتىلا بولدى، ئەمما تىرىك قالدى.مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ تائامنى بابۇر بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغان بىر خادىم شۇ ۋاقىتتىلا ئۆلگەن. بېرىلگەن زەھەر شۇنداق كۈچلۈك بولغان.بۇ ھالەت بابۇرنىڭ جىسمانىي بىقۇۋۋەتلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر پاكىتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىگەن. كۈندىن-كۈنگە ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بېرىۋەرگەن. ئەھۋالى يامانلىشىشنىڭ تىببي مەنزىرەسى(سەۋەبى) ئۆزلۈكسىز جىگەر كېسەللىكىنى، ئېنىقراقى،ئاستا-ئاستا زەھەرلەيدىغان جىگەر ياللۇغىنى (hepatitis) ئەسلىتىدۇ. بۇ كېسەللىك بەلكىم، ئەسلى جىگەر توقۇلمىسىنى يىمىرگۈچى جىگەر ياللۇغى (گېپاتاتروپ) ماددىسى تەسىرىدە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

بايدا بابۇرنى ئوتتۇرا ئەسر شەرق دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان مەرگىمۇش ياكى تىسئان بېرىكمىسى بار بولغان ماددا بىلەن زەھەرلىگەن بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ ماددىلار شۈبىھسىزكى، جىگەر توقۇلمىسىنىڭ ئۆتكۈر زەھەرلىنىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ جىگەردە نېتۇرۇنلاش پائالىيىتى سۇسلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىچكى ئەزالاردا ناچار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مۇنداق خۇلاسىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، بۇ مەسىلىدە بىرەر ئېنىقراق تىببىي ئىلىمگە يېقىنراق كېلىدىغان مەنبەنى ئۇچىراتمىدۇق. بابۇرنامىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالار يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىكىرلەرنى تەستىقلىشى مۇمكىن.

يەكشەنبە كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 16سىدا ئىسسىتتىم، تىتىرىدىم، قايتا-قايتا ئاشۇنداق بولدى. يىگىرمە بەش-يىگىرمە ئالتە كۈنگە سوزۇلدى. دورىنى ئىچتىم. ئاخىرى سەل پايدا قىلدى. ئۇيقۇسىزلىق ۋە تەشنالىقتىن تولىمۇ ھەرەج تارتتىم. بۇ مەرەز ئايامدە ئۈچ-تۆت روبائىي پۈتۈلدى، ئۇلارنىڭ بىرى:

جىسمىمدا ئىسسىتما كۈندە مەھكەم بولادۇر،

كۆزدىن ئۆچەدۇر ئۇيقۇ چۇ ئاخشام بولەدۇر.

ھەر ئىككىسى غېمىم بىلە سەبرىمدەك،

بارغان سايى بۇ ئارتەدۇر، ئول كەم بولادۇر.

پىرىمقۇل قادىرۇۋنىڭ ”يۇلتۇزلۇق تۈنلەر“ناملىق رومانىدا بابۇرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىشى ، رەڭگى-روھىنىڭ بارا-بارا سارغىيىشى، ئورۇقلاپ كېتىشى، ئۇيقۇسىزلىقى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بېرىلگەن“ ھۇمايۇن ئوغلۇم، بەيدا ماڭا زەھەر بەرگەندىن كېيىن ھېچ ئۆزۈمگە كېلەلمىدىم، قالغان كۈچۈم ئىجاد قىلىشقا يەتسىمۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش بولاتتى. ئەمدى دۆلەت يۈكىنى سەن يەلكەڭگە ئالمىقىڭ كېرەك“. يەنە ”مىزان ئۆتۈپ قەۋس ئېيى كىرگەندە، بابۇرنىڭ كېسەللىكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىرەر يېرىدە يارا ياكى شىش يوق، لېكىن ئىچى قىززىدى، قىزىتمىسى ئۆرلىدى.بىتاقەت بولدى، ئۇيقۇسىزلىق قىينىدى. چىرايى كۈنسايىن سولۇپ باردى“. ”ھۇمايۇن كەلسە، ئاتىسى  چوڭ ئاق تۆشەكتە تەرگە پېتىپ ياتقان بولۇپ،رەڭگى ساپ-سېرىق بولۇپ كەتكەنىكەن“…..

يۇقىردىكى ئالامەتلەر : ئۇ ئۇيقۇسىزلىق، بىتاقەتلىك، سارغىيىش، ئورۇقلاش، جىگەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يەنى،جىگەرنىڭ ئورگانىزىمدىكى قاننى زەھەرلىك ماددىلاردىن تازىلاش خۇسۇسىيىتى يوقالغانلىقتىن، تازلىنىشى زۆرۈر بولغان قان زەھەرسىزلەندۈرۈلمەستىن تەنگە،مەركىزى ئەزالارغا تارقالغانلىقتىن بىشارەت بېرىدۇ . چۈنكى، ئورگانىزىمدىكى 3500-4000 مىللىمىتىر قان جىگەر توقۇلمىلىرىدىن(پاراناخىمەسىدىن) دىن تازلىنىپ ئۆتۈپ، بەدەنگە تارقىلىشى كېرەك. جىگەرنىڭ بۇ ئاساسىي پائالىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىقىشى يۇقىردا بايان قىلىنغان سەۋەبكە( مەنزەرگە) ئېلىپ كېلىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، زۆھۈرىدىن مۇھەممەد بابۇر جىگەر پائالىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى – يەنى جىگەر ياللۇغى (گېپاتاتارىيە)دىن كۆز يۇمغان دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرغا قويۇش مۇمكىن.

”ئۆزبىكىستان ئەدەبىيات –سەنئىتى“گېزىتىنىڭ 2004-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.

ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3229

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-06-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: