ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(7)
7 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ « مۇھەببەتلىشىشىگە » مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .
ئەمدىلا چېچەك پەسلىگە قەدەم قويغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ . تەدرىجى ھالدا ئۇلارنىڭ مەخپىيتى بارلىققاكېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىمۇ بارغانسېرى بېيىپ بارىدۇ … ئەلۋەتتە 。 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا، نۇرغۇنلىغان يەشكىلى بولمايدىغان ئىنسان تەبىيتىدىكى قىيىن مەسللەرگە يولۇقىدۇ . ئۇلار خىيال قىلىدۇ ، ئازابلىنىدۇ ، پىلان تۈزىدۇ …
ئۇنداقتا ، تەربىيلىگۈچىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن پوزىتسىيسى قانداق بولىشى كېرەك ؟ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى ، بىز مائارىپچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدىكى غەم – قايغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ئېھتىياجىنى ھەر تەرەپلىمە تۇلۇق قاندۇرالىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى رولچىسى بولىشىمىز لازىم .
مۇنداق بىر ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ :
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى تۇتقان سىنىپىمدا ئەزىمەت ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچۇم بار ئىدى . ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ دائىم سىنىپ بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى . بىراق تولۇقسىز 3 – يىللىقنىڭ 1 – مەۋسۈمىدە ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدى . دەرىسخانىدا نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ دىققىتىنى يىغالمايدىغان ، ھە دېسىلا ئايقىز ئىسىملىك قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۋالىدىغان ، ئۇششاق پارىڭى تۈگىمەيدىغان بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن چارەكلىك ئىمتىھاندا ئۇنىڭ نەتىجىسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى . ئۇ ئەسلىدە ئايقىز بىلەن بالدۇرلا مۇھەببەتلىشىپ قالغان ئىكەن.
ئايقىزمۇ ئۆگىنىشتە تىرىشچان ، ئەخلاقلىق قىز ئىدى . مەن بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلگەندىن كېيىن بۇلارغا ئوخشاش مۇھەببەت قەدىمىنى بالدۇر بېسىپ قويغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن كۆيۈنۈش ، مېھرىبانلىق تەربىيسىنى ئاساس قىلىپ ، كۆيۈمچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش كۆز قارشىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلدىم .
بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .
1 . ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش .
ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش – ئۇلارنى تەربىيلەش ۋە يېتەكلەشنىڭ ئاساسى .
(1) ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە كوللېكتىپنىڭ ئارسىدا ئۇلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشى ئىشىنى يېيىپ يۈرمەسلىك .
(2 ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئىشىنى ئۇلارنىڭ كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىقى دەپ قاراپ ، بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتىۋالماسلىق.
(3 ) سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلاردىن سىر ساقلاش .
(4) كوللېكتىپ سورۇنلاردا ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە تەنقىدلىمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق يۈز -خاتىرە قىلىش ۋە ئۆزگىرىشىگە پۇرسەت بېرىش .
مەسلەن : بىر قېتىم تەكرار ۋاقتىدا سېنىپقا كىرىپ ئەزىمەت بىلەن ئايقىزنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . بۇ چاغدا ئەگەر كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسام ،ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مېنى بۇ خىل ئەھۋالغا سەل قارايدىكەن ، دەپ قېلىشى مۇمكىن ، ئەگەر ئۇلارنى تەنقىد قىلسام ، ئۇلارنىڭ يۈزى تۆكۈلەتتى .
شۇ كۈنى ئەزىمەت ناھايتى ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغاچقا يۆتىلىپ ، بۇرۇنلىرىنى شىرتىلدىتىپ ئولتۇراتتى . مەن ئاستا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا :
ئايقىز ، سىز زۇكام بولۇشتىن قورۇقمامسىز ؟ ئەزىمەت ناھايتى ئېغىر زۇكام ، زۇكام باشقىلارغا ئاسانلا يۇقىدۇ ، جۇمۇ ، – دېدىم .
سۆزىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلار كۈلۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ئىككىسىمۇ كۈلۈپ كەتتى ، ئايقىزمۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ جايىدا ئولتۇردى . شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتا ئۇلارنىڭ بىرگە ئولتۇرۋالغانلىقىنى ئۇچىراتمىدىم .
( 5 ) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلەشكىنىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئاۋۋال ، بىز ھەرگىزمۇ قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇھەببەتلىشىش دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم . بولمىسا تېنىچ ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى ئىرغىتىپ قويغان بولىمىز . شۇڭا مەن ئەزىمەت بىلەن ئايقىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل تۈردە يېقىن ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى دەپ قاراپ كەلدىم . مۇنداق بولغاندا ئۇلار بىلەن سىردىششمۇ ئاسان بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ .
2. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن « قىزىم ساڭا ئېيتاي ، كېلىنىم سەن ئاڭلا » دېگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك .
تولۇقسىز 3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ناھايتىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ ، سىنىپ يىغىنلىرىدا ئۇلارغا « ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىش »، دېگەندەك ماقالىلەرنى ئوقۇپ بەردىم ، شۇنداقلا ئۇلارنى بۇ ماقالىلەرنى ئاڭلاش جەريانىدا ئويلىنىپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ، توغرا يولغا مېڭىشقا يېتەكلىدىم ، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ زور بولدى ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ سۆز- ھەركىتىگە نىسبەتەن يېڭى تونۇش شەكللەندى .
3 . ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆھبەتلىشىش .
مەن ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويۇشتىن ساقلاندىم . بولمىسا ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلاشقىلى ، سىرداشقىلى بولمايدۇ . ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ خىل ھېسىياتنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ، ئاندىن ئۇلار سىزگە قەلىب سىرلىرىنى ئاشكارلىيالايدۇ . شۇنداقلا ئۇلارنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يېتەكلىگىلى بولىدۇ .
ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ، بىر ئىشنى ئىقرار قىلىشنى ياكى بىرەر ئىشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك . ئەكسىچە ئۇلارغا بەزىبىر تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىش ، مەسئۇلىيەتنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك . ئۆزىنىڭ يولىنى يەنىلا ئۆزلىرىگە تايىنىپ بېسىشىغا ياردەم قىلىش لازىم .
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىشىگە پۇرسەت بېرىش، كوللېكتىپنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك .
بىر ئىككى قېتىملىق سۆھبەت بىلەنلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيمىز ، شۇڭا ، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ، كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئاستا – ئاستا كوللېكتىپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قانچىكى مېھرىبان ، سەۋىرچان بولساق ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . ئەزىمەت بىلەن ئايقىز مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشنىڭ تۈرۈتكىسىدە تەربىينى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتتى . كوللېكتىپ ئىچىدىكى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى .
خۇلاسىلىغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسلىسىگە قارىتا ، بىز تەربىيلىگۈچىلەر ئۆزىمىزنىڭ توغرا خىزمەت نىشانىمىزنى بەلگىلىۋېلىشىمىز، پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر .
بىزنىڭ مەقسىتىمىز ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ مەسلىگە قارىتا توغرا قاراشقا يېتەكلەش؛ ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار ھەرگىزمۇ بىز تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگىرىدىغان ئىش ئەمەس . بۇ نورمال فىزىئولوگىيلىك ھادىسە ، نورمال پىسخىك جەريان ۋە ھېسىياتنىڭ تەلىپى . بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكىمىز لازىم .
بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز تەھلىل يۈرگۈزۈش ، يېتەكلەش ، ياردەم قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ، ئوقۇغۇچىلارغا چىن قەلىبتىن تەربىيىمىزنى قوبۇل قىلدۇرۇش ھەرگىزمۇ مەجبۇرلىماسلىقىمىز لازىم .
ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى ، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ نىشانى;- توختىماي تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قورامىغا يەتمىگەن بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر. ئۇلارنى تەربىيلەشتە نىسبەتەن چوقۇم بوي سۇنمىسا بولمايدىغان ھېچقانداق مۇقىم قېلىپ يوق ، پەقەت سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرلىك خىزمىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىم -تەربىيە ئوبيېكتىغا لايىقلاشقان ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى ئويلاپ تېپىشىغا توغرا كېلىدۇ .
بىز دائىم : « بۇ ئوقۇغۇچى تولىمۇ بىزەڭ » ياكى « بۇ ئوقۇغۇچى ئادەم ئەمەس ! مەڭگۈ تۈزەلمەيدۇ » دېگەندەك ئاغرىنىشلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بۇ خىل بىزەڭ، مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا ، كۆپلىگەن سىنىپ مۇدىرلىرى تەن جازاسى بېرىش ياكى قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچىنى قورقىتىش ئارقىلىق تىزگىنلىمەكچى بولىدۇ . بۇ خىل چارە ۋاقتىنچە « غەلبە » قىلغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا يوشۇرۇن ئاپەت مەۋجۈد بولۇپ ، بۇ يوشۇرۇن ئاپەت ئاشكارىلانغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىنىڭ قاتماللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم ھېسىيات يېتىلدۈرۈش ، ئەتىراپلىق تەربىيلەش ، ئىدىينى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىش لازىم . بۇ خىزمەت ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل ھەرىكەت، ئادەت يېتىلدۈرشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ناۋادا تەربىيلەش پاراسىتىنى قوللانمىغاندا ئىدىيۋى تەربىيە قورۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئوشۇقچە كۈچەش بولىدۇ .
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=700