ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقي ھېكايىسى-ئىلمىي تەدبىرلەر(8)

سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەريانىدىكى ئىلمىي تەدبىرلەر

 

    ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، پەلسەپىۋى ھېكمەتلەردىن پايدىلنىپ ،  دەل جايىدا  سۆزلەپ ،  باشقىلارنى قايىل  قىلغاندا  سىنىپ  مۇدىرلىق خىزمىتى ناھايتى ئوڭۇشلۇق  بولىدۇ .

    1  . شەخىس بىلەن كوللېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش :

   ھېكايەت : مەلۇم بىر قۇش ھەر يىلى ئۇچۇش مەنزىلىدە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتىدىكەن ، ئەمما ئۇلار بىر ئۇچۇشتىلا  بۇ ئوكياندىن  ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىكەن ، شۇڭا  ئۇلار ئاغزىغا  بىر تال    شاخ ( شاخچە ) چىشلىۋېلىپ ، ھارغان چاغدا شاخچىنى سۇغا تاشلاپ ، ئۆزلىرى ئۈستىدە  ئارام ئېلىۋالىدىكەن. بىر تال شاخچىغا تايىنىپ بۇ قۇشلار ئاتلانتىك ئوكياندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋالىدىكەن.

  دېمەك، مۇشۇ قۇشتەك كىشىلىك ھاياتىمىزدىمۇ چەكسىز ئېقىنلاردىن ئۆتمەكچى بولغاندا بىر  تال شاخنىڭ ھەمراھ بولشى بىزنىڭ  غەلبىگە يېتىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا بۇ شاخ دەل سىنىپ كوللىكتىپى. پەقەت سىنىپ كوللىكتىپىغا تايانغاندا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر  سىنىپ  كولكىتىپىغا  تايانغاندا  ھەر بىر ئوقۇغۇچى تولۇقسىز مەكتەپ ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈپ، كۈتكەن قىرغاقلارغا يېتىپ بارالايدۇ  دەپ  قارايمەن…

 (تولۇقلىما: «ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسى»، «سىنىپ قائىدىسى»، «ئۆزىگە ئىشنىش»، «قەيسەرلىك» قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلىگەندە، بۇ ھېكايەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ)

2. ھەربىي مەشىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش.

 

 ھېكايەت : بۈركۈت بالىسىنىڭ قاناتلىرى يېتىلگەندىن كىيىن، ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇچۇشنى ئۆگەتمەكچى بولۇپتۇ. ئۇ بالىسىنى قىياغا باشلاپ بېرىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن ھاڭدىن ئىتتىرىۋېتىپتۇ. تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا بەزى بۈركۈت بالىلىرى قانات قېقىپ يۈرۈپ ئۇچۇشنى ئۆگىنىۋاپتۇ. بەزىلىرى پەسكە چۈشۈپ ھالاك بوپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۈركۈت ئاخىرى قۇشلار ئىچىدە ئەڭ ئىگىز پەرۋاز قىلىدىغان قۇشقا ئايلىنىپتۇ.

 دېمەك،  بىر ئادەم ھايات-ماماتلىق جەريانىدىكى كەچۈرمىشكە ئىگە بولغاندا ئاندىن مۇستەھكەم ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدۇ.  ئون كۈنلۈك ھەربى مەشىق ھەر بىر بالىغا نىسبەتەن بىر مەيدان قاتتىق سىناق.  ئۇ پاراسەت،  ئىقتىدار،  سەۋرىچانلىق،  ئىرادىنى تاۋلايدىغان چوڭ سىناق.  كىمكى ئەگەر ھالاك بولمايمەن دەيدىكەن چوقۇم تەشۋىشلەردىن غالىپ كېلىپ،  قانات قېقىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆرلىشى كېرەك.

3. «بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى غەلبە» دېگەن ھېكمەتنىڭ نېگىزلىك مەنىسىنى چۈشىنىش.

  ھېكايەت:  بۈركۈت قېرىپ ئوتتۇزغا كىرگەندە تىرناقلىرى ھەم تۇمشۇقلىرى ئۇزىراپ ھەم ئەگرى-بۈگرىلىشىپ، ئوۋنى قاماللىيالمايدىغان، شۇنداقلا ئوزۇقنى تېپىپ يىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ-دە، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىراق بەزى قېرى بۈركۈتلەر مۇنداق قىلىدۇ.  ئۇلار ئۇزۇن تۇمشۇقلىرىنى تاكى قىپقىزىل قانغا بويالغىچە قىيا تاشلارغا قاتتىق ئۇرىدۇ ۋە سۈركەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورنىغا يېڭى ئۆتكۈر تۇمشۇق چىقىدۇ.  ئاندىن بۇ ئۆتكۈر تۇمشۇقلىرى بىلەن ئۇزۇن ۋە ئەگرى-بۈگرى تىرناقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ تاشلايدۇ. ئاخىرى يېپيېڭى، قاتتىق تىرناقلار ئۆسۈپ چىقىدۇ.  ئۇلار بۇنىڭغا تايىنىپ يەنە ئوتتۇز يىل ياشايدۇ.

 دېمەك،  كۆپلىگەن كىشىلەر ئوبىيېكتىپ مەۋجۈد بولغان قىيىنچىلىقتىن قورقىدۇ. ھەربىي مەشىقنىڭ 4-، 5- كۈنلىرى تەن قۇۋۋىتىنىڭ بىر چېكى بولىدۇ.  بەرداشلىق بېرەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟  ئەمەلىي رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمىگەندە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۆزىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ. ئۆزىدىكى قورقۇنچاقلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن غالىب كەلگەندىلا، ھەربىي مەشىقتە ئۇتۇپ چىقالايدۇ.

4 . قانداق قىلغاندا ئىناق سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟

  ھېكايەت:  جورجى بولسا ئون ياشلاردىكى ئوغۇل بالا بولۇپ، ئۇنىڭ ئالتۇندەك سېرىق چاچلىرى كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئەمما بىر كۈنى ئۇ بىر ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن چېچىنى قويۇپ بەرمەكچى بولدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ شۈبھىلىك قاراشلىرىغا، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، ساۋاقداشلىرنىڭ مەسخىرىلىرىگە پەرۋا قىلماستىن چېچىنى قويۇپ بەردى. كىيىن ئۇ يەنە چېچىنى قىرقىۋەتى. باشقىلار جورجى ئۇزۇن چاچ قويۇشتىن زېرىكىپتۇ دەپ ئويلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ چېچىنى خىمىيىلىك داۋالاشتا چېچى چۈشۈپ كەتكەن بىر قىزچاققا تەقدىم قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. 

 دېمەك،   كۆپلىگەن مۇھىم پەزىلەتلەر ئىچىدە مېھىر-شەپقەتكە تولغان مۇھەببەت ئىنتايىن مۇھىم.  پەقەت باشقىلارغا كۆيۈنۈش، قەيسەرلىك بىلەن تەقدىم قىلىش بولغاندىلا،  سىنپ كوللېكتىپىمىزنى ئىناق، ئىتتىپاقلاشقان، ئىلگىرلىگەن سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

5. كەڭ قورساقلىقنىڭ قۇدرىتى.

 

ھېكايەت:  مۇئەللىم ساۋاقداشلارغا ئۆزلىرى ئۆچ كۆرىدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىسمىنى بەرەنگىنىڭ ئۈستىگە ئويۇپ يېزىپ،  ئاندىن بۇ بەرەنگىنى خالتىغا سېلىشنى بويرۇپتۇ.  بىر كۈن ئىچىدە نۇغۇنلىغان ساۋاقداشلار خالتىلىرىغا ئون- يىگىرمىدىن بەرەنگىنى سېلىپ، كۆڭۈللىرى بەكمۇ شادلىنىپتۇ.  ئويلىمىغان يەردىن مۇئەللىم ئۇلارغا بۇ خالتىلارنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋېلىشنى،  ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئۆشنىسىدىن ئالماسلىقنى تەلەپ قىپتۇ.  بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بالىلار خالتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن تولىمۇ جاپا تارتىپۇ- دە،  مۇئەللىمىنىڭ مەقسىتىنى ئاندىن چۈشىنىپتۇ.  ئەسلىدە ئاغرىنىش ۋە ئۆچمەنلىك كىشىگە چەكسىز ئازاب ۋە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.  ساۋاقداشلار بىلەن بولغان  زىددىيەتنى خوشاللىق ئىچىدە ھەل قىلغاندا،  كىشى ئاندىن خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك ياشايدۇ.

6.سۆز-چۆچەك قىلىشنىڭ زەرەرى

 ھېكايە:   بىر قىزچاق باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.  كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنى كونتېرول قىلالماي قالىدىكەن،  ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئازابلىنىپ،  مومىسىدىن قانداق قىلغاندا بۇ يامان ئادەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.  مومىسى ئۇنىڭغا بىر توخۇنى كۆتۈرۈۋېلىپ كەنتنى بىر ئايلىنىپ چىقىشنى، بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن پەيلىرىنى يۇلۇپ تاشلاشنى بويرۇپتۇ.  قىزچاق بۇ تاپشۇرمىنى ئورۇنلاپ بولۇپ، مومىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، مومىسى ئۇنىڭغا: «سىز ئەمدى ئاشۇ يۇلۇپ تاشلىۋەتكەن پەيلەرنى تېرىپ كېلىڭ» دەپتۇ.  قىز ھەيران بولۇپ: « پەي دېگەن شۇنچىلىك يەڭگىل تۇرسا، بۇ چاققا ئۇچۇپ كەتمەي تۇرامدۇ؟ مەن قانداق تېرىپ كېلىمەن؟» دەپتۇ.  مومىسى: «توغرا، بۇ پەيلەر دەل سىز دېگەن غەيۋەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ،  گەپ ئاغزىڭىزدىن چىقتىمۇ، بولدى، قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ،   ئۇ پەيدا قىلغان (ئاۋارىچىلىق) كۆڭۈل ئاغرىقىنىمۇ يوقاتقىلى بولمايدۇ» دەپتۇ.   قىز شۇندىن باشلاپ بۇ خىل يامان ئادىتىنى تاشلاپتۇ.

دېمەك،  ساۋاقداشلار ئارا تۇخۇمدىن تۈك ئۆندۈرۈپ، چويلىدا توختىمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلۋالماسلىقىمىز كېرەك،  بولمىسا بىغۇبار كۆڭۈللەرگە ئازار يىتىدۇ.  بىز باشقىلارغا ياردەم قىلالمىساق،  ئۇھالدا ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇپ،  ئۆز ئاغزىمىزغا ئىگە بولىشىمىز لازىم.

7.ئەمەلىي كۈچ-مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى زۆرۆر شەرت (ئامىل)

 

 ھېكايەت:  ئاكا-ئۇكا رايىتلار ئايرۇپىلاننى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئۇلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپتۇ.  رەت قىلىشقا ئامالسىز بولغاچقا،  ئاكىسى ئالدىغا چىقىپتۇ ۋە «قۇشلارنىڭ ئىچىدە پەقەت شاتۇتلا سۆزقىلىشنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇ مەڭگۈ ئېگىز پەرۋاز قىلالمايدۇ» دەپتۇ.

 ئىككى ئادەم پىچاق سېتىپتۇ.  بىرسى «ئېسىل پىچاق، ئېسىل پىچاق» دەپ ماختاپ توۋلاپتۇ،  يەنە بىرسى گاچا بولغاچقا، بىرقانچە سىمنى ئۈستەلگە قويۇپ، پىچاق بىلەن چاناپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىپتۇ،   نەتىجىدە ئالدىنقىسىنىڭ يايمىسىغا ھېچكىم كەلمەپتۇ،  كېينكىسىنىڭ بازىرى قىزىپ كېتىپتۇ.

 دېمەك،  سەمىمىيلىك،  راستچىللىق بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.  ھەرقانداق تاشقى سۆلەت ۋە رېئال بولمىغان لاپ ئۇرۇش ئىچكى ئاجىزلىق ۋە پۈچەكلىكنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. سۈزۈك سۇ چوڭقۇر بولىدۇ،  دانالار كەم سۆز بولىدۇ،  ھەقىقى ئىلىم ئىگىلىرى ھەرۋاقىت كەمتەر،  سۈكۈت ئىچىدە ياشايدۇ.  ھەربىر ئوقۇغۇچى شۇنى ئەستە تۇتۇشى لازىمكى: «كەمتەرلىك ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت».

ئەمەلىي ئىقتىدار مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.  ھەرقانداق چاغدا ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، لاپ ئۇرماسلىق كېرەك.

 سىنىپ مۇدىرى مانا مۇشۇنداق كۆپلىگەن ھېكايىلەرنى دەل ۋاقتىدا قوللانغاندا،  ئۇ تۈمەنلىگەن قۇرۇق سۆز ۋە تەربىيىلەردىن،   ۋارقىراش-جارقىراشلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

 ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبى مۇنبەت بوستانلىققا ئايلانسا،  سىنىپ مۇدىرى بۇ يېشىل زىمىنغا گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېتىقادنىڭ ئۇرۇقىنى تەرگىنىدە ئاجايىپ خۇشپۇراق گۈللەر بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىدۇ.

    كەسىپداشلار،  ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ۋىجدان بىلەن ياشىرىپ تۇرىدۇ.  ياخشى سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن يوقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە كۈچلۈك كەسپچانلىق روھى بولۇشى لازىم.

    زۇڭتۇڭ ۋېلسون بىر تۈرلۈك يېڭى سىياسەتنى  يولغا قويماقچى بولغاندا ئىنتايىن زور توسالغۇغا دۇچ كەپتۇ. كاتىپى ئۇنىڭغا لايىھەنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. زۇڭتۇڭ ئۇنىڭغا:«باشلىقىم ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ»دەپتۇ. كاتىپ ھەيران بولۇپ: «سىز زۇڭتۇڭ تۇرسىڭىز،  كىم سىزنىڭ باشلىقىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ.  زۇڭتۇڭ كەسكىنلىك بىلەن:«ۋىجدانىم مېنىڭ باشلىقىم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

بىر ياغاچچى ئىش قىلغاندا ياغاچنىڭ ئالدى-كەينىنى ناھايىتى سىلىق قىلىدىكەن.  بىرسى ئۇنىڭدىن«كەينىنى ھېچكىم كۆرمىسە؟» دەپ سوراپتۇ.  ياغاچچى: «باشقىلار كۆرەلمىگەن بىلەن مەن كۆرەلەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.  ئادەمنىڭ ئىككى جۈپ كۆزى بار،  بىرسى يۈزىدە،  يەنە بىرسى قەلبىدە،  بۇ دەل ۋىجداندۇر.  ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە شىۋىرلاپ تۇرىدۇ،  بىز پەقەت بۇ بىرجۈپ كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ،  بەدەل تۆلەشكە رازى بولساقلا،  مۇمكىنلىك يوق زىمىندىمۇ ئۈمىدنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇ يەرنى گۈلزارلىققا ئايلاندۇرالايمىز.

 

 

كۆپچىلىككە رەھمەت.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=704

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: