لوپنور دىئالىكتىدىكى چارۋىچىلقتاقوللىنىۋاتقان بەزى ئىسىملار توغرىسىدا ئىزاھات

لوپنور دىئالىكتىدىكى چارۋىچىلقتاقوللىنىۋاتقان بەزى ئىسىملار توغرىسىدا ئىزاھات

ئاپتۇرى: كېرەم سۇلايمان

(لوپنۇر ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)

لوپلۇقلار ئۆز تارىخىداناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۇلار زامانغا نىسبەتەن خىلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقانىدى. شۇ سەۋەپتىن لوپنور دىئالىكتىدا چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىگە ئائىت ئسىملار خىلى كۆپ بۇلۇپ، مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇئىسملارنىڭ زور كۆپچۈللىگى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا  قوللۇنۇلماقتا.

بىر قىسىملىرى لوپنور دىئالىكتىغىلا خاس بۇلۇپ،ھازىرقى زامان ئەدەبى تىلدا قوللۇنۇلمايدۇ. ئورتاق تىلنى ئشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ھازىر لوپنوردىئالىكتى يەنىلا تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ خاسىيەتلىك ئشقا پايدىسى بۇلۇپ قالار دەپ شۇ ئىسىملارنىڭ بىر قىسمىنى ئىزاھلىماقچىمەن. ئىزاھلاشتا مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولسا،مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ تۈزۈتۈش بېرىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.

      1-كۈيەك:

لوپنوردا چارۋىچىلار ئانا ماللارنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆللۈتۈش ئۈچۈن بۇنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋاقىتنى بىكىتىپ، ئاندىن نەسىللەندۈرىدۇ.

بۇنىڭغا دىققەت قىلىنماي ئانا ماللار خالىغان ۋاقىتتا نەسىللەنسە تۆللەر يا بالدۇر،يا كىيىن ئېلىنىپ، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. يەنى ئانا ماللار ئورۇقلاپ كېتىدۇ. تۆللەرنىڭ ئەي بۇلۇش نىسپىتى تۆۋەن بۇلىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىغى ئېشىپ كىتىدۇ.قىسقىسى زىيان كۆپ بۇلىدۇ.چارۋىچىلار بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانا ماللار بىلەن بىرگە بىقىلىۋاتقان قوشقار،تېكىلەرنىڭ كۆپۈيۈش جىنسى ئەزاسىنىڭ ئالدىغا كىگىز ياكى پالاز پارچىسىنى تارتىپ قويىدۇ.

مانا مۇشۇ نەرسىنى –(كۆيەك)دەپ ئاتايدۇ.

   2-كۆجەك:

چارۋىچىلار چوڭ قوتانلارغا يانداشتۇرۇپ كىچىك قوتانلارنى ياسايدۇ.بۇ كىچىك قوتانغا بەزىدە پاخلان،ئوغلاقلارنى ئايرىپ سولاپ قويىدۇ. بەزىدە ئومومى چارۋىنى سولاپ،بىر-بىردىن چىقىرىپ سانىنى ئالىدۇ. مانا مۇشۇ ئشلارغا ئىلىتىدىغان كىچىك قوتان – (كۆجەك) دەپ ئاتىلىدۇ.

    3-سىچەك:

چارۋىچىلىقتا ئاجىز-ئورۇق ماللار ئايرىلىپ بېقىلىدىغان كىچىك قوتان .

   4-سۆرۈ:

چارۋىچىلار كۈز پەسلىدە يايلاقنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە قالىق ياساپ،ئۇنىڭغا ئورۇپ باغلانغان ئوت-چۆپلەرنى بىسىپ قويىدۇ. بۇ قالىقنىڭ ئەتىراپلىرى ئېتىلمەيدۇ. ئوت-چۆپلەر قاچان لازىم بولساشۇ چاغدا ئىشلىتىدۇ.

مانا مۇشۇ ئوت بىسىلغان قالىق-سۆرۈ دىيىلىدۇ.

   5-غوقا:

غوقا ئىككى خىل بولىدۇ.بىر خىلى ئىلمەك ھاسا شەكىللىك بۇلۇپ،ئۇزۇنلىغى 3-4 مىتىر كىلىدۇ. چارۋىچىلار بۇ خىل غوقىنىڭ ئىلمىگىنى قوي-ئۆچكە، پاخلان-ئوغلاقلارنىڭ بوينىغا سېلىپ تۇتىۋالىدۇ. بۇغوقا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ غوقا قىرچىن نوتىسىنى ئوتتا پۇچىلاپ ئېگىش ئارقىلىق ياسايدۇ.

يەنە بىرخىلى مۇنداق بولىدۇ. قىرچىن ياكى تېرەك بادىرسى تاللىنىدۇ. بۇ بادىرىنىڭ تۈۋى تەرەپتىكى بىر شېخى 20 سانتىمىتىر قالدۇرۇلۇپ كېسىلىدۇ. قالدى شاخلىرى پۈتۈنلەي ئېلىۋىتىلىدۇ. بۇ بادىرا ئاخلاپ قۇرۇتۇلغاندىن كىيىن غوقا بولىدۇ. بۇ غوقا بىلەن دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى پۇتاشقا ئىشلىتىدۇ.

   6-قاشلىغۇچ:

چوڭ چارۋىلارنىڭ تۈكىنى تاراپ، تاتىلاشقا ئشلىتىدىغان، ياغاچتىن ياسالغان تاغاقسىمان سايمان.

   7-كۆشۈك :

لوپلۇقلار ئۇزۇن مەزگىل كۆچمەن چارىچىلىق بىلەن شۇغولۇنۇش جەيانىدا ئاچا تۇياق ھايۋانلارنىڭ يىگەن ئوت-چۆپ،يەم-خەشەكلىرىنى كۆشەش ئارقىلىق سىڭدۈرىدىغانلىغىنى بىلىۋالغان. لوپلۇقلار مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن يەم-خەشەكنى كۆپ يەۋىلىپ،سىڭدۈرەلمەي،قورسىغى كۆپۈپ ئاغرىپ قالغان قوي-ئۆچكىلەرنى مەجبورى كۆشەتكۆزىدۇ.

مەجبورى كۆشۈتۈش مۇنداق بولىدۇ: چۇكا چوڭلۇقتا 20 سانتىمىتىر ئۇزۇن لوتا يۆل قىرچىن ياغاچ تەييارلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىغا شوينا يىپ باغلىنىدۇ. مانا مۇشۇ يۆل ياغاچنى يەم-خەشەكنى كۆپ يەۋىلىپ سىڭدۈرەلمەي ئاغرىپ قالغان قوي-ئۈچكىگە توغرا چىشلەتكۈزۈپ، چوققىسىغا تارتىپ باغلاپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاغرىپ قالغان قوي-ئۆچكە مەجبورى ھالدا كۆشەشكە مەجبور بولىدۇ. مۇشۇنداق مەجبورى كۆشۈتۈش ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ ھەركىتى پەيدىن-پەي ئەسلىگە كىلىپ،ھەزىم بولمىغان يەم- خەشەكلەر ئاستا-ئاستا ھەزىم بۇلۇشقا باشلايدۇ.شۇ ئاساستا سالامەتلىگىمۇ تەدىرجى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاغرىپ قالغان قوي- ئۆچكىگەچىشلىتىلگەن ئەشۇ يۆل ياغاچ (كۆشەك) دىيىلىدۇ.

8-كاجۋا:

كاجۋا سۆزى ئەدەبى تىلدىمۇ قوللىنىدۇ.

لوپلۇقلارنىڭ كاجۋاسى-قوي، ئۆچكىلەرنىڭ پۇتلىرى سۇنۇپ ئۆرە تۇرالمايدىغان، يېتىپ قوپالمايدىغان بولۇپ قالسا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق ياسىلىدۇ.پۇتى سۇنغان قوي،ئۆچكىلەرنىڭ 4 پۇتىنىڭ ئالدى-كىيىن ئارلىقى،توغرىسى ئارىلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ،4دانە قوزۇق يەرگە قېقىلىدۇ.4 قوزۇقنىڭ ئارلىقىغا ماس كەلتۈرۈپ كىگىز ياكى پالاز پاچىسى 50-60 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتە 4 ئۇچىدىن قوزۇققا تارتىپ باغلىنىدۇ.پۇتى سۇنغان چارۋا 4 قوزۇق ئارلىقىغا تارتىپ باغلانغان كىگىزياكى پالاز پارچىسى ئۆستىگە ئارتىلدۇرۇپ قويىلىدۇ. سۇنمىغان پۇتى يەرگە تىگىدۇ،سۇنغان پۇتى يەرگە تەگمەيدۇ. يەم- خەشەكلەر مۇشۇ يەردە بېرىلىدۇ. سۇنۇق ساقايغىچە مۇشۇ ھالەتتە تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ پۇتى سۇنغان چارۋىنى ئارتىلدۇرۇپ قويىدىغان ئاشۇ قورۇلما-كاجۋا دىيىلىدۇ.

    9-چۆكۈچەك:

چۆكۈچەك-لوپلۇقلار ھەرقانداق ئۆينىڭ ئېشىك ئېچىلىدىغان تەرىپىدىكى بۇلۇڭغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ .

ئۇ مۇنداق ياسىلىدۇ.تەخمىنەن 2 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاچىماق بادىرىدىن تەييارلىنىدۇ.بۇلارنىڭ بىرى بۇلۇڭنىڭ ئۇچىغا،ئىككىسى بۇلۇڭ تەرەپلەرگە قادىلىدۇ.بۇ ئۆچ ئاچىماق بادىرىنىڭ ئاچىماق ئۇچلىرى ماس كېلىدىغان ياغاچلار بىلەن تۇتاشتۇرىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە كىچىك ياغاچلار توغرىسىغا قويۇلۇپ،تۆپپۈسىگە يا قومۇچ يا يىكەن سېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۆكۈچەك پۈتىدۇ ياكى تەييارلىنىدۇ. چۆكۈچەك دىگەن ئەنە شۇ نەرسەدۇر.

چۆكۈچەكنىڭ ئۈستگەسۈت،قايماق،ئۇن،نان،قاچا-قۇچا،يۇز قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلۇپ،ئۇلارنى زىيانداشلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ.

مەلۇم لوپنور شۇناس ئۆزىنىڭ ماقالىسىدا:《لوپلۇقلار چۆكۈچەككە يوتقان كۆرپە يىغىپ قويىدۇ.》دەپ يېزىپتۇ .بۇئارقىلىق زور كۆپچۈللۈكنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارغا، قېرىداش مىللەت كىشىلىرىگە خاتا چۆشەنچە بەرگەن. ئۇنى ئوقىغان لوپلۇقلار بىر-بىرىگە《بۇ لوپنور شۇناس نامىغامۇناسىپ ئش قىلماپتۇ》دەپ ئەپسۇسلانغان. بۇ ئەمىلى ئەھۋال قىلچە يالغاننى قوشمۇدۇم.

10-تۆشلەڭ:-بۇ ئەدەبى تىلدا كەمەلدۈرۈك دىيىلىدۇ.

 11-ئەرگۈل:-بۇ ئەدىبى تىلدا تۈڭكە دىيىلىدۇ.

 12-چارا:-كىر يۇيۇشقائشلىتىلىدىغان تەڭلە.( ياغاچتىن ياسىلىدۇ)

13-چاۋلاڭ:-بۇ ئەدىبى تىلدا ئولاڭ دىيىلىدۇ.

14- گىجىم:-بۇ ئەبەدى تىلدا يۇپۇق (ئات يوپىغى) دىيىلىدۇ.

15-تۇغ:-بۇ سۆز ئەدەبى تىلدىمۇئىشلىتىلىدۇ. ئۇ (بايراق، تۇغان)مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

لوپلۇقلار مۇشۇ مەنىدەقوللۇنىدۇ.ئۇندىن تاشقىرى تۆۋەندىكىدەك مەنىگىمۇ ئىگە: لوپلۇقلارنىڭ چارۋاقوتانلىرىدا ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە 3-4 مىتىرئۇزۇنلۇتىكى چوماقلىق تۈز ياغاچ قاداپ قويىدۇ.

بۇ مىنىلگەن ئۇلاقلارنى باغلاپ قويۇشقا ھەم قاڭتىرىپ، سوۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. مانا بۇ ياغاچ دۆڭقۇتان،قارچۇغا يېزىلىرىدا (تۇغ)،لوپنور بازىرىغا يېقىن جايدىكى يېزىلاردا(لاشىن) دىيىلىدۇ.

  16-چاچمائوغاق:

بۇ ئوغاقنىڭ ئەگمىسى تۈزرەك ئىگىلىدۇ. ئادەتتىكى ئوغاقتەك ساپلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئوغاقتىن ئۇزۇنراق بولىدۇ. چارۋىچىلار كۆز ۋاختى ئوت-چۆپلەرنى چاچما قىلىپ ئورۇشقا ئىشلىتىدۇ. چاچما قىلىپ ئورغاندا ئوت-چۆپلەر قاملاپ تۇتۇلمايدۇ.ئۆنچە قىلىنمايدۇ. ئومىچى چاچما ئوغاق بىلەن چاپقان ئوت جايىغىلا چىچىلىپ قالىدۇ ھەم شۇ يەردە قۇرۇيدۇ. چاچما ئوتتا ئەتىيازلىغى تۆللىگەن ئانا ماللار بېقىلىدۇ.

17-تۈتۈك:

ئانىسىدىن يىتىم قالغان ئوغلاق-پاخلانلارغا سۈت ئىچكۆزىدىغان، غالدىراڭ (چوڭ) قۇمۇچۇچتىن ياسالغان،ئىچى كاۋاك بۇلىدۇ.

  18-ئاسقۇ:

ئاسقۇ ئىككى خىل بۇلىدۇ. بىر خىلى قومۇچ ساتمىلاردا ئولتۇرغان چارۋىچىلار يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئارتىپ قويىدىغان ئاسقۇ. بۇئاسقۇنىڭ ياسىلىشى مۇنداق بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇزۇنلۇغى 2 مىتىر كەلگىدەك ئاغامچاۈبىلەن 4ۈمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بادىرا ياغاچ تەييارلىنىدۇ.ئاغامچىلار ئۆيگە سىلىنغان چەنزىلەرگە ئارىلىق قالدۇرۇپ ،ئىككى قاتلاپ باغلىنىدۇ. تەييارلانغان بادىراياغاچنىڭ بىر ئۇچى بىر ئاغامچىغا،يەنە بىر ئۇچى ئىككىنچى ئاغامچىغا ئۆتكۈزۈپ قويىلىدۇ. ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. يوتقان-كۆرپە ئارتىپ قويىدىغان ئاسقۇ ئەشۇنداق بولىدۇ.

يەنە بىرخىل ئاسقۇ مۇنداق بولىدۇ: مەزمۇت ياغاچلارنىڭ ئاچىماق شىخى كىسىۋىلىنىپ،بىر شىخى مۇۋاپىق قالدۇرۇپ كىسىلىدۇ. ئۇ ئۇچلۇنۇپ ئىلمەك قىلىنىدۇ.يەنە بىر شېخى ئۇزۇنراق كىسىلىپ ساپ قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆينىڭ تۇرۇسىغا ئىسىلغاندىن كىيىن ئاسقۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا گۆش، نان ،باشقا يەيدىغان نەرسىلەر ئېسىپ قويىلىدۇ.

19-تۈپ:

لوپلۇقلار كېسلگەن دەرەخنىڭ يەردە قالغان قىسمىنى ۋە يەر ئۈستىگە چىقىپ قالغان كونا دەرەخلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى (تۈپ) دەيدۇ.  بۇ يەردە تىلغائىلىنغان (تۈپ) سۈنئى ياسالغان تۈپتۇر. چارۋىچىلار توغراق كۆتىگىدىن بىرەر مىتىر ھازىرلاپ،ئۇنى تۇغ (لاشىن) ئەتىراپىغا ئورەك كولاپ قادايدۇ. يەر ئۈستىگە يېرىم مىتىر چاممىسىدا چىقىپ تۇرىدۇ.

بۇ بىز ئىزاھلىماقچى بولغان (تۈپ) نىڭ دەل ئۆزى. قىرىلار، ئاياللار، بالىلار مۇشۇ تۈپنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇلاققا مىنىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئىشقىلا ئشلىتىلىدۇ.

   20-باسقۇ:-باسقۇ ئەدەبى تىدا شوتادىيىلىدۇ.

  21-چىۋىنلىق:لوپلۇقلار پاشىلىقنى چىۋىنلىق دەپ ئاتايدۇ.

بۇ تۈرىدا بىرئاز توختۇلۇپ ئۆتەيلى: قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا لوپلۇقلار پاشىنى چىۋىن ،چىۋىننى(قارا سىڭەك) دەپ ئاتاپ كەلگەن.《تۈركى تىللا دىۋانى》2-توم 17-بەتتە چىۋىن(سىڭەك)دەپ خاتىرلەنگەن.

قەدىمقى زامانلاردا ئۇيغۇرلار چىۋىننى (سىڭەك) دەپ ئاتىغان.كىيىن (سىڭەك)-چىۋىنغا، چىۋىن-پاشىغائۆزگەرگەن.لىكىن لوپلۇقلاردا بۇ ئۆزگۈرۈش بولماي ئۆز پىتى ساقلىغان. شۇ سەۋەپتىن چىۋىنلىق دەپ ئاتالغان بۇلۇشى مومكىن.

    22-ئەيلىگۈچ:

بۇ تۈمۈردىن ياسالغان،ھىلال ئاي شەكىللىك تىغ چىقىرىلغان سايمان. ئۇنىڭغا ياغاچتىن ساپ بىكىتىلىدۇ. ئاشلانغان تېرىلەرنىڭ ئۆڭىنى قىرىش،ئاقارتىش، يۇمشۇتۇش،سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    23-جەن:

جەننىڭ ئىگىزلىگى بىر مىتىر ئۇزۇنلىغى 3-4 مىتىربۇلۇپ،شال بىلەن ياسىلىدۇ. ئالدى تەرىپىدە قاناتلىق ئىشىگى بۇلىدۇ.ئىچى ساندۇق شەكىلدە كاۋاك بولىدۇ. بۇنىڭغا كىيم-كىچەك سىلىپ قويىدۇ. ئۈستىگە يوتقان-كۆرپە تىزىلىدۇ. ئۆينىڭ تۆرىگە ئونىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا يوتقان-كۆرپە ئىشكابى دەپ تەرىپ بەرسەك بولىدۇ.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى  www.loptekin.com


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3452

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-30
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: