چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى لوپنور

چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى لوپنور

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

مۇھىم مەزمۇنى :مەزكۇر ماقالىدە چەتئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ، جۈملىدىن ئىتالىيەلىك ماركوپولو،رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكى، فىرانسىيەلىك بونۋالت، شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىن ، ئەنگىلىيىلىك ستەيىن قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى، جۈملىدىن لوپنور رايونىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنغان لوپنور ھەققىدىكى مەلۇماتلار  قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:  چەتئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، لوپنور،ئىلمىي تەكشۈرۈش

لوپنور ئىنسانلار پائالىيىتى بالدۇر باشلانغان رايونلارنىڭ بىرى، بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان. تارىختا بۇ رايون غەرب-شەرق ئالاقىسىدە ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان مۇھىم جاي بولغان.  كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە،ھەرخىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ جاي بىر مەزگىل  نەزەردىن چەتتە قالغان بولسىمۇ، لېكىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن  بۇ جايغا كېلىدىغان چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى .  ئەمەلىيەتتە لوپنور رايونىغا 13-ئەسىردىلا ئىتالىيەلىك ماركوپولو كەلگەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ  رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكىي،  فىرانسىيەلىك بونۋالت ۋە ئورلېئان شاھزادىسى ھېنرىي، ئەنگىلىيەلىك لىتلېدال، رۇسىيەلىك پېۋتسوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ،شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىن ۋە بېرگمان، ئەنگىلىيىلىك ستەيىن، ياپونىيەلىك تاچىبانى زىيچو قاتارلىقلار كېلىپ بۇ رايوننى ھەر جەھەتتىن تەكشۈردى، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىننىڭ كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى نەتىجىسىدە، بىر مەھەل  نەزەردىن چەتتە قالغان بۇ يۇرت باشقىچەجانلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ سىرلىق زېمىننىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلدى. كېيىن لوپنورلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بۇيەرنى تەكشۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدىن جاھانغا مەلۇم بولدى.

ئەلۋەتتە بۇ ئەسەرلەر دەۋرىمىزدىن نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى يېزىلىپ ھەرخىل تىللاردا نەشىرقىلىنغان، ئۇلاردا ئەينى زاماندىكى لوپنور ۋە لوپنورلۇقلارنىڭ ئەھۋالى ھەرخىل نوقتىلاردىن ئەكس ئەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى بايانلار لوپنور رايونىنىڭ تارىخى ۋە بۇ جايدا ياشىغان خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم  قىممەتكە  ئىگە. تۆۋەندە مۇشۇلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئىتالىيەلىك ماركوپولونىڭ لوپنور سەپىرى

ئىتالىيەلىك ماركوپولو لوپنور رايونىغا كەلگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق سەيياھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇئىتالىيەنىڭ گۈزەل ۋېنتىسيە شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،  ئۇنىڭ ئاتىسى نىكوپولو ۋە تاغىسى مافېئو  ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپول ۋە قارادېڭىز قىرغاقلىرىدا قاتناپ سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر ئىدى. مىلادى 1271- يىلى نىكوپولو ۋە ئىنىسى مافېئو رىم پاپاسى گىرىگورى   xنىڭ   جۇڭگودىكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ  پادىشاھى قۇبلايخانغا يازغان خېتىنى ئېلىپ2-قېتىم جۇڭگوغا ئەلچىلىككە ماڭغاندا، 17ياشلاردىكى ماركوپولومۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان. ئۇ ئاتىسى ۋە تاغىسىغا ئەگىشىپ سەپەردە كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپ يۈەن سۇلالىسىنىڭ چوڭ ئاستانىسىگە ـــــ خانبالىققا(بېيجىڭغا)يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بولۇپمۇ قۇبلايخان ياش ھەم ئەقىللىق ماركوپولونى ئىنتايىن ئەتىۋارلىغان. ماركوپولو ئوردىدا ۋەزىپە ئۆتەپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆزىتىپ تەكشۈرگەن. مىلادى 1292-يىلى ئۇ ئاتىسى ۋە تاغىسى بىلەن يۇرتىنى سېغىنىش ئىستىكىدە غەرپكە قايتىپ،1295-يىلى ۋېنتىسىيەگە قايتىپ كەلگەن. 1298-يىلى ۋېنتىسىيە بىلەن قوشنىسى گېنويە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە،ماركوپولو ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىر جەڭ كېمىسى تەييارلاپ،گېنويەلىكلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. بىراق دېڭىز ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئاقىۋەتتە گېنويەنىڭ قاراڭغۇ، زەي تۈرمىسىگە قامالغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ پۈتكۈل زېھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرققە قىلغان ئۇنتۇلماس سەپىرىنى ئەسلەپ،تۈرمىدىشى ھەم دوستى ــــــ پىسالىق لوستچېللوغا ھەممىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ بەرگەن. لوستچېللونىڭ خاتىرىلىشى ئارقىلىق كېيىن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن«ماركوپولو ساياھەت  خاتىرىسى » بارلىققاكەلگەن. «ماركوپولو ساياھەت  خاتىرىسى »دىكى ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىگە ئائىت خاتىرىلەر ، بولۇپمۇ لوپنور ھەققىدىكى بايانلار ئەينى ۋاقىتتىكى لوپنور رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ لوپنورغا تۇنجى بولۇپ كەلگەن بىر غەرپلىك سەيياھنىڭ بۇ رايونغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن ، بەلكى بۇ رايوننىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 8 ئەسىربۇرۇنقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھالدا قايتا يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.

ماركوپولو شەرققە قىلغان سەپىرىدە پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كاشىغەرگە، ئاندىن يەركەنگە ، خوتەنگە ، چەرچەنگە كەلگەن بولۇپ،چەرچەندىن شەرققە يۈرۈپ بەش كۈن ماڭغاندىن كېيىن لوپنور بازىرىغا يېتىپ كەلگەن. «ماركوپولو ساياھەت  خاتىرىسى » دە لوپنور ھەققىدە مۇنداق بايانلارقالدۇرۇلغان:« بۇجاي ئۇلۇغ خان (قۇبلايخان) نىڭ زېمىنىغا تەۋە بولۇپ ، ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن ، قۇملۇقتىن ئۆتىدىغان بارلىق سەيياھ،سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە لوپنور بازىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، بىرتەرەپتىن ئارام ئېلىپ ھاردۇقىنى چىقارسا ، يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى سەپەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلىۋالىدىكەن…»(1) بۇ خاتىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى،مىلادى 1270-يىللىرى ، يەنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنورلۇقلار ئاللىقاچان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ بولغان ھەم لوپنور رايونى ئاللىقاچان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ جاي ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق-غەرپ قاتنىشىدىكى مۇھىم ئوتتۇرا بېكەت بولغان. بۇ بىر تەرەپتىن لوپنور رايونىنىڭ بۇرۇندىن «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلايخان ھەربىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ئەينى ۋاقىتتا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا لوپنور، چارقىلىق،چەرچەن، ئودۇن ( خوتەن) قاتارلىق تۆت ئۆتەڭ تەسىس قىلغان. بۇ ئۆتەڭلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ لوپنوردا ئۆتەڭ تەسىس قىلىنىشى لوپنورنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىلىك رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ،  لوپنور رايونىغا زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان.

    رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنور سەپىرى

    شىنجاڭغا كەلگەن چاررۇسىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئىچىدە پىرژىۋالىسكى ئەڭ بۇرۇن لوپنورغا كەلگەن تەۋەككۇلچى سەيياھتۇر. پىرژىۋالىسكى 1839-يىلى رۇسىيىنىڭ سىمولنىسىك ئۆلكىسىدە بىر قورۇق خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1885-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارمىيەگە قاتناشقان. 1864-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋارشاۋادىكى ئوفېتسىرلار مەكتىپىدە تارىخ ۋە جۇغراپىيەئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1867-يىلنىڭ بېشىدا ئۆز ئىلتىماسىغا ئاساسەن سىبىرىيەگە يۆتكىلىپ بېرىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇسسۇرى دەرياسى ۋادىسىنى تەكشۈرگەن ۋە 1869-يىلى «ئۇسسۇرى چېگرا رايونىغا ساياھەت خاتىرىسى » دېگەن ئېكىسپېدىتسىيە خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رۇسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابىنىڭ ياردىمى بىلەن شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرائاسىيانى1870-1873-يىللىرى،1876-1877-يىللىرى،1879-1880-يىللىرى،1883-1885-يىللىرى ۋە 1888-يىلى بەش  قېتىم تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە  2- ۋە 4- قېتىملىق سەپىرىدە لوپنور رايونىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، بولۇپمۇ 2-قېتىملىق سەپىرىدە لوپنور كۆلىنى بايقىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. كېيىنكى چاغلاردا  بۇ نۇرغۇن گۇمان ۋە مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن لوپنور كۆلىنى تاپقان بولۇپ، بۇنى كېيىن سېۋىن ھېدىن ئىسپاتلىغان.  ئۇ «4-قېتىملىق ئوتتۇرائاسىيا سەپىرى خاتىرىسى» دېگەن ئېكىسپېدىتسىيە خاتىرىسىدە 1876-1885-يىللاردىكى لوپنور رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىدىن  خېلى تولۇق ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ لوپنور سەپىرى ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر.

پىرژېۋالىسكى  ئىككى قېتىملىق  سەپىرىدە لوپنور ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان:«… دەريا(تارىم دەرياسى) بىلەن قۇملۇقنىڭ كۆرىشى ماھىيەتتە ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ كۆرىشى بولۇپ، كۆرەش نەتىجىسىدە قۇملۇق دەريانى يۇتۇۋېلىپ،ماماتلىق ھاياتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئەڭ ئاخىرى يوقاپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئېقىنلار قوشۇلۇپ ناھايىتى كەڭ، بۆك-باراقسان قۇمۇشلۇق،قۇرۇقلۇق بىلەن سازلىق ئايرىۋەتكەن بىر كۆلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ دەل قەدىمدىن بۇيان مەشھۇر بولغان لوپنور كۆلى ئىكەن. يەرلىك ئاھالىلەر پۈتكۈل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن رايونىنى ‹لوپنور›، لوپنور كۆلىنى بولسا ‹چوڭ كۆل›دەپ ئاتايدىكەن. مەمۇرى رايون نامى ‹قاراقوشۇن› دېيىلىدىكەن…

بۇ كۆل غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، ئۆلچەمسىز ئېللىپپىس شەكلىدە ئىكەن.كۆلنىڭ ئەڭ چوڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر ، ئەڭ كىچىك دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يەرلىكلەر تەسۋىرلەپ بەرگەن كۆلنىڭ ھالىتى مانامۇشۇنداق…

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 30 يىل ئىلگىرى دەريانىڭ سۈيى ھازىرقىدىنمۇ سۈزۈك ھەم چوڭقۇر بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ يىلسېرى ئازلىشىغا ئەگىشىپ،كۆل سۈيىمۇ بارا-بارا تېيىزلىشىپ، قۇمۇشلار بەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ. 20 يىلدىن بۇيان لوپنور كۆلى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ، ئالتە يىل ئاۋال سۇيى يەنە كۆپىيىپتۇ. ئەسلىدە قۇمۇشلۇق سازلىق سۇنى پۈتۈنلەي سىغدۇرۇپ بۇلالماي، دەريا سۈيى قىرغاققا تېشىپ كۆل يۈزىنى كېڭەيتكەن ئىكەن.»

«… پۈتكۈل لوپنور كۆلىنىڭ سۈيى ناھايىتى تېيىز بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇريېرى ئاران ئۈچ- تۆت مېتىر كېلىدىكەن. كۆل سۈيى ئاساسەن تاتلىق ، پەقەت گىياھ ئۈنمەيدىغان شور سايازلىققا تۇتاشقان جايدىكى سۇلار سەل تۇزلۇق ئىكەن…»

« لوپنور كۆلىدىكى بېلىقلار تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بېلىقلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ئاق قورساق بېلىق ۋە كارىپ بېلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىللا بېلىق بولسىمۇ ، سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ  ئاق قورساق بېلىق ناھايىتى جىق ئىكەن.يەرلىكلەر  ئاق قورساق بېلىقنى ‹بالق›،كارپ بېلىقىنى ‹تازەك بالق› دەيدىكەن…»

«يەرلىك ئاھالىلەر باش باھاردىن كەچكۈزگىچە بېلىق تۇتىدىكەن… يەپ بولالمىغان بېلىقلارنى قۇرۇتۇۋېلىپ قىشتا يېيىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدىكەن…»

« لوپنوردىكى ــــ ياكى قاراقۇشۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى  لوپنور رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 11 كەنتتە ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، تەخمىنەن 70 ئائىلىدىن تەركىپ تاپقان 300 دىن ئارتۇق نوپۇس بارئىكەن.

لوپنوردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى  ئەلۋەتتە بۇ يەرنىڭ ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىدىن ئىكەن. ھەربىر ئائىلىنىڭ ئادەتتە 2-3 بالىسى ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ 5-6 بالىسى بارئىكەن، بەزى ئائىلىلەرنىڭ پەقەتلا بالىسى يوق ئىكەن.

يېقىنقى ئۆتمۈشتە لوپنور رايونىنىڭ نوپۇسى ھازىرقىدىن بەكلا كۆپ بۇلۇپ، ئۇ چاغدا 550ئائىلە بار ئىكەن،  ئۈچتىن ئىككى قىسمى كۆلدە ياشايدىكەن. ئەمما 20 يىل ئىلگىرى ياۋا چېچەك ۋاباسى تارقىلىپ، بىر نەچچەئاي ئىچىدىلا ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بەختكە يارىشا ئامان قالغانلارمۇ يۇقۇملىنىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ماكانىدا ياشاپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ.  قوي ۋە ئاز ساندا كالا بېقىپ، سۆك تېرىپ، ئۇنىڭ ئۇنىدىن نان ئېتىپ يەپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىش چارقىلىقتا ئولتۇراقلاشقان خوتەنلىك كۆچمەنلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغانىكەن. ئۆز يېرىدە تېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يەر بولمىغاچقا،يېقىندىن بۇيان لوپنورلۇقلار  3-ئاينىڭ ئاخىرىدا چارقىلىقنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە بېرىپ بۇغداي تېرىشقا باشلاپتۇ.»

«قاراقوشۇن ۋە تارىم دەرياسى بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىرايى ھەرخىل ئىرقلارنىڭ چىرايىنىڭ ئەپچىل بىرىكىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ئازساندىكى كىشىلەر موڭغۇللارغا ناھايىتى ناھايىتى ئوخشايدىكەن، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ئارىئانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ساپ ئارىئانلاردىن خېلى زور پەرقلىنىدىكەن. كۆزىتىشىمچە، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ــــ ئوتتۇرا بويلۇق ياكى پاكارراق، جۇغى ۋىجىكرەك، كۆكرىكى پەس، مەڭزى دۆڭ ، ئېڭىكى ئۇچلۇق بولۇپ،ئىسپانلارغا ئوخشاش ساقىلى شالاڭ كېلىدىكەن. كالپۇكى قېلىن بولۇپ، چىشلىرى ئاپپاق ھەم رەتلىك ، تېرىسى بۇغداي ئۆڭ ئىكەن.

لوپنورلۇقلارئايرىم بىر خىل شىۋىدە سۆزلىشىدىغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ شىۋىسى خوتەن شىۋىسىگە ناھايىتى يېقىن، كورلا ياكى تۇرپان تەرەپلەرنىڭ شىۋىسىدىن خېلىلا پەرقلىنىدىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ بويى ۋە لوپنور ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق ئەجدادتىن بولسىمۇ ، لوپنورلۇقلار تەڭرىتېغى باغرىدىكى بوستانلىق كۆچمەنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. » ،«… ئۆيلەر قۇمۇشتىن ياسىلىدىغان بولۇپ، قۇمۇش ـــ ئۆي سېلىشتىكى بىردىنبىر ماتېرىيال ئىكەن، ئۆينىڭ تاملىرىلا ئەمەس ، تۈۋرۈكلىرىمۇ  باغلانغان قۇمۇشتىن تۇرغۇزۇلىدىكەن…تۆت تامنىڭ ھەربىر تەرىپى 6 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئىشىك جەنۇپقا قاراپ ئېچىلىدىكەن… تۇرۇسقا تۈڭلۈك قويۇلىدىكەن… ئەمەلىيەتتە قۇمۇش ئۆي سېلىشقا ۋە ئوت قالاشقىلا ئىشلىتىلمەستىن يەنە ئەتىيازدا ئۇنىڭ يۇمران نوتىسىنى يېگىلى، كۈزدە پاخىلىنى سۇپىغا سالغىلى، شۇنداقلا قۇرۇغان شېخىنى قاينىتىپ چىققان قارامتۇل شىرنىسىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدىكەن. »

«لوپنور ۋە تارىم دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان  يەنە بىر خىل مۇھىم ئۆسۈملۈك سېرىق كەندىر بولۇپ… ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان تالادىن بېلىق تورى توقۇلىدىكەن ھەم كىيىم-كېچەككە ئىشلىتىلىدىغان رەخت توقۇلىدىكەن . ..

يەرلىك كىشىلەربۇنداق رەختتىن تون، چاپان ، ئىشتان تىكىپ كېيىدىكەن. قىشتا بېشىغا يۇڭ قۇلاقچا،يازدا كىگىز تەلپەك كېيىدىكەن . ئۇلار قىشتىن باشقا چاغلاردا يالىڭاياق يۈرىدىغان بولۇپ، قىشتا ئاشلانمىغان تېرىدىن تىكىلگەن قوپال چۇرۇق كېيىدىكەن. يازدا خېلى ئابرۇيلۇق كىشىلەرمۇ يالىڭاياق يۈرىدىكەن…»

«لوپنورلۇقلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى بېلىق بولۇپ، يازدا يېڭى بېلىق يېسە ، قىشتا قۇرۇتقان بېلىق يەيدىكەن. .. ئەتىياز، ياز ۋە باش كۈزدە ئۇلاريەنە توزاق قۇرۇپ ياۋا ئۆردەك تۇتقاندىن كېيىن داستىخاندا بېلىقتىن باشقا  ياۋا ئۆردەك گۆشىمۇ پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى يېيىشلىكى ئەتىيازدا ئەمدىلا ئۆسكەن يۇمشاق ھەم يۇمران قۇمۇش نوتىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ داستىخىنىدا ئادەتتە نان، قوي گۆشى كۆرۈنمەيدىكەن، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ناھايىتى ئاز ئىكەن…»

« بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ماددى جەھەتتە مۇشۇنداق نامرات بولۇپلاقالماي، مەنىۋى جەھەتتىمۇ ناھايىتى كەمبىغەل ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېڭى ۋە قارىشى ئەتراپتىكى تار مۇھىت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، سىرتقى دۇنيادا نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەن… مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاپ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاچقا، ئۇلار ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قاپتۇ…. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سان ئۇقۇمى يوق بۇلۇپ، يۈزگىچىمۇ سانىيالمايدىكەن. ئاز ساندىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ ئىشلارنى ئەپچىل بىرتەرەپ قىلالايدىكەن. گەرچە ھەممەيلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ ، ئەمما دىنىي پائالىيەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ زادىلا ناماز ( ھەركۈنلۈك بەش ۋاق ناماز) ئۆتەپ باققانلىقىنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل لوپنوردا بىرەر ئاخۇنمۇ يوق ئىكەن.ھەر قېتىم سۈننەت تويى، قىز-يىگىت تويى ياكى ئۈلۈم نەزىرىسى بولغاندا، كىشىلەر بىرەر ساۋاتلىق بالىنى تېپىپ خالىيراق جايدا ئايەت ئوقۇتۇش بىلەن ئىشنى تاماملايدىكەن.

بۇ يەردەئادەتتە ئوغۇللار 4-5 ياشقا كىرگەندە ئەتىيازدا سۈننەت تويى قىلىنىدىكەن… قىزلارنىڭ  14-15 يېشىدىلا، ئوغۇللارنىڭ بولسا سەل كېيىنرەك تويى قىلىۋېتىلىدىكەن، ئەمما بۇرۇنلا بېشى باغلاپ قويۇلىدىكەن. كۆپىنچەئەھۋالدا قىز-ئوغۇللارغا 10 تاشقا توشماستىلا چاي ئىچۈرۈلىدىكەن. ..»

«بىرەر كىشى ئۆلسە، مېيىتى ئاستى-ئۈستى ئىككى توغراق ئۇلاققا سېلىنىپ،  تېيىز ھەم تەكشى كولانغان يەرلىككە قويۇلۇپ،  توپا بىلەن كۆمۈلىدىكەن.ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن بېلىق تورىنىڭ يېرىمى قەبرىنىڭ يېنىغا كۆمۈلۈپ، يېرىمى تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىكەن. ياغاچ قۇلۋاق ۋە بېلىق تورى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى زۆرۈر لازىمەتلىكلەر بولۇپ، قارا قوشۇنلۇقلارغا نىسبەتەن بۇلار ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولغاچقا، مېيىتقا ھەمدەپنە بويۇم قىلىنىدىكەن…»

«لوپنور ۋە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل كۆز ياللۇغى ئىكەن. چۈنكى ھاۋا دائىم توپا-تومان بولغاچقا،ئاچچىق چاڭ-توزان ھەمىشە كۆزگە كىرىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، خېلى نۇرغۇن كىشىلەر بۇغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىكەن».

«ئومۇمەن لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مانامۇشۇنداق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامرات تىرىكچىلىكى ئىزچىل دۇنياغا مەلۇم بولماپتۇ»(2).

پىرژېۋالىسكى لوپنوردىكى قاراقوشۇندا ئالتە ئايدەك تۇرغان بولۇپ ، ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە  قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ بېگى  كۈنچىققانبەگ توغرىسىدا  مۇنداق دەپ يازغان : « ئۇ پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن ئادەم بولۇپ، جاھانساي دەرياسى بويىدا تۇغۇلغان، 1885 – يىلى 73 ياشتا ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ساغلام ھەم بەردەم ئىكەن. ئۇ پۇقرالىرىغا خۇددى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەربولغانىكەن. ئۇ مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ئوتۇن يېرىشىدىن تارتىپ، تېرىقچىلىق قىلىشىغىچە ياردەملىشىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئالۋان – سېلىق سالمايدىكەن.مەھەللىسىدىكىلەردىن بىرەرسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا، جەزمەن ياردەم بېرىدىكەن،شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ناھايىتى نامرات ئىكەن»(3). بۇلار كۈنچىققانبەگنىڭ تولىمۇ پەزىلەتلىك، ئادىل، ھەققانىيەتچى، خەلقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر زات ئىكەنلىكىنى،ھەقىقەتەنمۇ «يۇرت ئاتىسى» ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئومۇمەن پرژېۋالىسكىنىڭ بايانلىرى لوپنور رايونىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تەبىئىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى خېلى مۇپەسسەل يۇرۇتۇپ بەرگەن بۇلۇپ، بۇلار ئەينى زاماندىكى لوپنورنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم 1-قول ماتېرىيال بولالايدۇ.

   فرانسىيىلىك بونۋالتنىڭ لوپنور سەپىرى

فرانسىيىلىك  گابرېل بونۋالت پرژېۋالىسكىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ شىنجاڭغا كەلگەن قارام ئېكسپېدىتسىيىچى بولۇپ، 1853-يىلى فىرانسىيەدىكى ئېپانگېداتۇغۇلغان، تروۋادا ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغان.كېيىن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ ئۆمرىدە ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن جايلارنى كەزگەن بولۇپ، قاراملىقى بىلەن نام چىقىرىپ، فىرانسىيەدىكى داڭلىق ئېكىسپېدىتسىيىچى بولۇپ قالغان ھەم پارىژ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن ئاسىيادا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1880-1882-يىللىرى،1886 -1887-يىللىرى،1889-1890- يىللىرى ئۈچ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەدە بولغان بولۇپ،مۇشۇ ئېكىسپېدىتسىيىلىرى ئاساسىدا 1892-يىلى«پارژدىن دوڭجىڭ قولتۇقىغىچە» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بايان قىلغان. ئۇ 3-قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەسىدە شىنجاڭنى ،جۈملىدىن لوپنور رايونىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ  ئەسىرىدىكى لوپنور ۋە لوپنورلۇقلار ھەققىدىكى بايانلار ئەينى چاغدىكى لوپنور رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي،جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىدىن  خېلى تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇ «پارژدىن دوڭجىڭ قولتۇقىغىچە»دېگەن ئەسىرىدە لوپنور ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى قالدۇرغان: «11-ئاينىڭ 4-كۈنى … قاش قارايغان مەھەلدە بىز ئاخىر تۆت-بەش ئائىلىلك بار بىر جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ يەردىكىلەر قۇمۇشتىن ياسالغان يۇمىلاق ئۆيلەردەئولتۇرىدىكەن … بىز ئات-ئۇلاغلارغا ئارتىلغان يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈۋاتقىنىمىزدا،ئۆي ئىگىلىرى چىقىپ ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم › دېگىنىچە بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.بىز بىر ئۆيگە كىردۇق. ئۆيدىكى لاي سۇپا ئۈستىگە بىر نەچچىلا كونا پالاز سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنەچچە پارچە تۈز تاشتىن ئاددى ئوچاق ياسالغان،تامنىڭ بۇلۇڭىغا بىرنەچچە تاغار ئاشلىق قويۇپ قويۇلغانىدى. ئۆيدىكى بىردىن بىربىسات پرژېۋالىسكى خاتىرە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئوق-دورا ساندۇقى ئىدى. تامغائۇزۇن قارا مىلتىق ۋە ئوق خالتىسى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ ئەسلى ئوۋچىلارنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۆينىڭ تورۇسى چارقىلىقتىن ئەكىلىنگەن ياغاچ بادرىلارنىڭ ئارىسىغا قۇمۇش بېسىپ يېپىلغان بولۇپ، بۇ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ خېلى ھاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. تۇرۇسقا ئوچاقنىڭ ئۇدۇلىغا كەلتۈرۈپ تۈڭلۈك چىقىرىلغان، لىمغا بىرئەسكى لاتا تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ قارلىغاچلارنىڭ پوقىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ يەردە قارلىغاچلار ئىنتايىن ئاسىرىلىدىكەن… ئوچاقنىڭ ئالدىدا ۋىجىككىنە بىر بوۋاي ئولتۇرغان بولۇپ، يۈزلىرىنى پۈتۈنلەي قورۇق بېسىپ كېتىپتۇ، چىرايى بىز كورلىدا كۆرگەن تارانچىلارغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇكېرىم ئىكەن، ئۆزىنىڭ قانچە ياشلارغا كىرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. بىرەيلەن ئۇنى 105 ياشتا دېدى،ئەمما قارىسام 95 ياشلارغا كىرگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئائىلىنىڭ مويسىپىتى ئىكەن، ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيدىكەن.

ئۇنىڭ بىرنەچچەئوغلى بۇلۇپ، ئەڭ كىچىك ئوغلىمۇ 40 نەچچە ياشلاردا بار ئىكەن، ھەممىسى ئوۋچى ئىكەن. ئۇلار ئېگىز بويلۇق، ئۇچىسىغا تېرە چاپان كىيىپ بېلىنى ئارغامچا بىلەن باغلىۋالغان،بېشىغا تۇماق كىيگەن، پۇتىغا ياۋا تۆگىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن چۇرۇق تارتىۋالغانىكەن. بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئارىلاش قانلىق بولۇپ، پېشانىسى تۈز، كۆزى چىرايلىق، سېرىق تەنلىكلەرنىڭكىدەك ئۇنداق قىسىق كۆز ئەمەس، بۇرنى قاڭشارلىق ھەم ئىلمەك، كالپۇكى سەل قېلىنراق، ساقال-بۇرۇتى شالاڭراق ئىكەن… ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، لوپنور رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىرايىغا ناھايىتى ياش تۇرۇپلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنى قېرىپ كەتكەندەك، جاپا تارتىپ كەتكەندەك كۆرسىتىپ قويىدىكەن. ھەتتا سۇمباتلىق يىگىتلەرنىڭ چىرايىمۇ كۆرۈمسىزرەك كۆرۈنىدىكەن. بۇ ئېھتىمال ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا  كېرەك.

ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر… ئالدىمىزغا چاي ھەم پىشۇرۇلغان قوي گۆشى كەلتۈردى… تاماقتىن كېيىن بىز پاراڭغا چۈشتۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىلا  يولۋاس كېلىپ ئۇلارنىڭ چارۋىسىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەگەر ئوبدان توزاق قۇرغاندا يولۋاسنى تۇتقىلى بولىدىكەن. ئۇلار يەنە ئىككى يىل ئاۋال تۆت ياۋا تۆگىنى تۇتقانلىقىنى ھەم تېرىسىنى شۈلۈۋالغانلىقىنى ئېيىتتى… مەيلى نېمە مەقسەتتە بولسۇن ، لوپنورغا كەلگەن ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ھەممىسى تۆگە تېرىسىگە ئېرىشىشنى ئويلايتتى…»

«11-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە بىز ئاتلىق ھالدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ 6 كىلومېتىر مېڭىپ… ئاخىر قۇمۇشتىن ياسالغان 5-6 ئۆي بار يەنە بىر كەنتكە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردىكى ئۆيلەر تۆنۆگۈن بىز چۈشكەن جايدىكىدىن زادىلاپەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ يەر يەنە بىر ئابدال كەنتى ئىكەن… 40 ياشلاردىكى بىر كىشى ئالدىمىزغا قارشى ئالغىلى چىقتى. بۇ كىشىنىڭ بۇرنى ناھايىتى قاڭشارلىق ،كالپۇكى بەك قېلىن، يۈز-كۆزلىرىنى قورۇق باسقان بولۇپ، كۈلۈمسىرىشى ناھايىتى يېقىملىق ھەم سېھىرلىك ئىكەن. بۇ كىشى دەل كۈنچىققانبەگ ئىدى. مەن  پرژېۋالىسكىنىڭ  كىتابىدىن ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئوقۇغان بولغاچقا ،بىر قاراپلا ئۇنى تونۇۋالغانىدىم. ئۇمۇ ئابدۇكېرىمگە ئوخشاشلا ئوۋچىلار ئائىلىسىنىڭ بېشى ئىكەن… بۇيەردە قۇشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن ياۋا ئۆردەك، بېلىقئالغۇچ، ئاققوتان، قارنا قاتارلىقلار بار ئىكەن….

…كەچلىك تاماقتاكۈنچىققانبەگ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىز بىلەن بىرگە بولدى. ساھىپخان ناھايىتى سېخيلىق بىلەن ئالدىمىزغا يوغان تاۋاقتا قوي گۆشى، چارقىلىقتىن ئەكەلگەن قوغۇن ھەم رۇسىيىنىڭ ياغدا پىشۇرۇلغان سامبۇسىسىغا ناھايىتى ئوخشايدىغان ئوتتا پىشۇرۇلغان سامبۇسا(كۆمەچ بولسا كېرەك) كەلتۈردى… بىز تاماق يەۋاتقاندا، بىر ئايال ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئۈگرە ئېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايى سەل كۆرۈمسىزرەك بولۇپ، ئەرلەرگىلا ئوخشايتتى…بالىلار ئاپىسىدىن چىرايلىقراق بولۇپ… كۆپىنچىسى ئۇچىسىغا كىيىم كەيمەي  ئەسكى لاتىنى ئارتىۋېلىشقانىدى،قارىماققا ناھايىتى تېمەن كۆرۈنەتتى….

ئوۋچىلىققا ئوخشاش بېلىقچىلىقمۇ ئابدال كەنتىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىك پائالىيىتى ئىكەن. ئۇلار تور بىلەن بېلىق تۇتۇپ، تۇتقان بېلىقنى ئىچ -قارنىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇتۇپ ، قىشلىق ئوزۇق قىلىدىكەن….ئوۋچىلىق ۋە  بېلىقچىلىقتىن باشقا ئابداللىقلار يەنە چارۋا باقىدىكەن ، چارۋىسىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن.ئۇلار ئۆزلىرى تېرىقچىلىق قىلماي،چارقىلىقتىن كەلگەن يىللىقچىلارغا يەر تېرىغۇزۇپ، شۇ يىللىق ھۇسۇلنىڭ بىر قىسمىنى ۋە باققان چارۋىلىرىنى ئۇلارغا ھەق ھېسابىدا بېرىدىكەن. ئۇمۇمەن قارىغاندا، ئابدال كەنتىدىكىلەر خېلى باياشات ئىكەن.ئۇلار تۇرپاندىكى خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاستەھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، تۇرپاندىكى يامۇل ھەريىلى ئابداللىقلاردىن باج-سېلىق ھېسابىدا بىر ئات، بىر كالا، يۈز توياق قوي ۋە بىر دانە قۇندۇز تېرىسى يىغىدىكەن.قۇندۇز تېرىسىنى ئەمەلدارلار ئۆزى ئالىدىكەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  باج-سېلىق يىغىش ئارقىلىق جاھانغا لوپنور رايونىنىڭ ئىچكىرى رايونلارغا ئوخشاشلا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە  باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەمما ،ئوخشاش جۇڭگو پۇقراسى بولسىمۇ، لوپنورلۇقلار خەنزۇلار ۋە تارانچىلارغا قارىغاندابەك ئاددى -ساددا ، تۈز كۆڭۈل كېلىدىكەن.»

«لوپنور رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي تارىم دەرياسى بىلەن باغلانغانىكەن، ئۇلار دەريانىڭ ئېقىنىغا ئەگىشىپ كۆچۈپ تۇرىدىكەن. …ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي شارائىتتىمۇ زور ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بىز كەلگەندىكى لوپنور  پرژېۋالىسكى  ئەينى يىلى كۆرگەندىكى لوپنوردىن زور دەرىجىدەپەرقلىنەتتى. .. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى بۇ يەردە شۇ چوڭ كۆل بولغاچقىلا لوپنور دېگەن نام پەيدا بولغانىكەن. لوپ دېگەن ئىسىم يەرلىك تىلدا ياۋايى ھايۋان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئىلگىرى قالماقلارنىڭ (موڭغۇللارنىڭ) كارۋىنى بۇ چوڭ كۆلگەكېلىشتىن ئىلگىرىلا  لوپ دېگەن ئىسىم باربولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا موڭغۇلچە <نۇر>(چوڭ كۆل دېگەن مەنىدە) دېگەن ئىسىم قوشۇلۇپ لوپنور دېيىلگەنىكەن.»(4)

ئومۇمەن بونۋالت پرژېۋالىسكىدىن كېيىن لوپنورغا كەلگەن سەيياھ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەسىرىدە لوپنور رايونىنىڭ تەبىئىي،ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرمۇش-ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىنى خېلى تەپسىلى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ تەسۋىرلەر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدىكى لوپنور رايونىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

    شېۋىتسىيەلىك سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنور سەپىرى

   سېۋىن ھېدىن 1865-يىلى شىۋىتسىيىدە بىر يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.  21 يېشىدا ستوكھولم ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ جۇغراپىيە، فىزىكا، زوئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن. ئوقۇشى تاماملانغاندىن كېيىن بېرلىن ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ مەشھۇر ئاسىيا ئىكىسپىدىتسىيىچىسى رىچتخوفېننىڭ يېتەكچىلىكىدە تارىخىي جۇغراپىيە ۋە ئانتولوگىيە بويىچە بىلىم ئالغان.1890-يىلىدىن باشلاپ پامىر، قەشقەر، خوتەن، لوپنور، تۇرپان، چىڭخەي  شىزاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈشتەبولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان ھەم كېيىن  مۇشۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا  «ئاسىيادىن ئۆتۈش»(2 توم)، «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەتىبەت»(2 توم)، «مېنىڭ ئىكىسپىدىتسىيىە ھاياتىم»، «ئاسىيادىكى ئىكىسپىدىتسىيە تارىخى»، «كۆچمە كۆل»، «يىپەك يولى»، «جۇڭگو- شىۋىتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈشىدىن دوكلات»(35 قىسىم) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان.

   سېۋىن ھېدىننىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئۇتۇقى ئىككى بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي لوپنور كۆلىنى تاپقانلىقى، يەنە بىرى كروران خارابىسىنى بايقىغانلىقىدۇر. ئۇ«ئاسىيادىن ئۆتۈش»، «مېنىڭ ئىكىسپىدىتىسىيە ھاياتىم»، «كۆچمە كۆل» دېگەن ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ  لوپنورنى كۆزىتىش جەريانى، لوپنور ھەققىدە يەرلىك خەلقلەردىن ئاڭلىغانلىرى، لوپنور كۆلى ھەققىدە بۇرۇن رىچىتخوفېن،پىرژىۋالىسكى قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ كۆل ھەققىدىكى يېڭى پىكىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان بولۇپ،«ئاسىيادىن ئۆتۈش» ۋە«مېنىڭ ئىكىسپىدىتسىيە ھاياتىم» دېگەن ئەسىرىدە لوپنور ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى قالدۇرغان:

     « ھازىر جۇڭگولۇقلار كورلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چۆلگە جايلاشقان پۈتكۈل رايوننى لوپنور دەپ ئاتايدىكەن… لوپنور دالىسىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى لوپنورلۇقلار دەيدىكەن.ئۇلارنىڭ قېيىقى چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بىر تال توغراق ياغىچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئويۇپ ياسىغان قېيىق ئىكەن، بۇنى ئۇلار ‹چاپما قېيىق› دەپ ئاتايدىكەن.مەن ئىجارىگە ئالغان قېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر، كەڭلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىكەن. ..كۆپ ساندىكى قېيىقلارنى ئىككى ئادەم ھەيدەيدىكەن…»

« 4- ئاينىڭ 11-كۈنى مەن قېيىق بىلەن يولغا چىقتىم… بىز ئىلەك دەرياسىدا ھاسىل بولغان بىر كىچىك كۆلگە كېلىپ توختىدۇق، چۈنكى بۇ يەردە ئويلىمىغان يەردىن نامسىز بىر كەنتنى بايقىغانىدۇق. كەنت خەلقى بىزنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇلار يېڭىلا تۇتۇپ كەلگەن بېلىقلىرىنى بىزگە پىشۇرۇپ بەردى،يەنە ئۆردەك تۇخۇمى، سەرەبىل، نانلارنى بەردى… تاماق يەۋاتقاندا بىرتوپ قېرى-ياش، ئەر-ئاياللار بىزنى ئورىۋېلىپ ئۆزئارا سۆزلىشەتتى، كۈلۈشەتتى، ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال ئىدى. ياش قىز-چوكانلار ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، ھېچبىر تارتىنماستىن ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى نامايان قىلاتتى».

«4-ئاينىڭ 12-كۈنى بوران توختىمىغاچقا، بىز يولغا چىقالماي، بۇ بېلىقچىلار كەنتىدە بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدۇق… كىشىلەر قېيىقنى ئىشلەتمىسە قىرغاققا چىقىرىپ دۈم قىلىپ قويىدىكەن ھەم يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ پات-پات سۇ چېچىپ قويىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئون يىلدىن ئارتۇق چىدايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن.»

« شۇنداق قىلىپ بىز يەنە بىر بېلىقچىلار كەنتى چىغلىققا يېتىپ كەلدۇق. تارىم دەرياسى چىغلىقتىن باشلاپ شەرقىي شىمال تەرەپكە ئاقىدىكەن.پرژېۋالىسكى  مەندىن 11 يىل بۇرۇن بايقىغان يېڭى لوپنور كۆلى چوقۇم مۇشۇ يەردىن باشلانسا كېرەك. بۇ يېڭى كۆل قارا بوران ۋە قاراقوشۇن دەپ ئىككىگەبۆلۈنىدىكەن… ئەمما ھازىر قارا بوران كۆلى يوقاپ كېتىپتۇ.»

    «… بىز بىر نەچچە قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلدىن ئۆتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بىر كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4.25 مېتىر كېلىدىكەن. بۇ مەن پۈتكۈل قاراقوشۇن كۆلى ــــ جەنۇپ تەرەپتىكى لوپنور كۆلىدە ئۆلچىگەن ئەڭ چوڭقۇر جايغا دائىر خاتىرە. بۇنىڭدىن بۇ كۆلنىڭ شۇنچە تېيىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېيىزلىشىپ سازلىققا ئايلىنىپ قالاي دېگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»(5)

«بىزنىڭ نىشانىمىز تارىم دەرياسى دېلتىسى ۋە لوپنور كۆلى ئىدى.ماركوپولو لوپنور قۇملۇقى ۋە لوپنور شەھىرى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان تۇنجى ياۋروپالىق ئىدى. ئەمما، ئاشۇ ئىتالىيەلىك داڭلىق سودىگەر لوپنور كۆلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. جۇڭگولۇقلار نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا بۇ كۆلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى بىلگەنىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلىرىدىكى خەرىتىلىرىگە بۇ كۆلمۇ چۈشۈرۈلگەنىدى. لوپنور كۆلى بويىغا بارغان تۇنجى ياۋروپالىق رۇسىيە گېنىرالى پېرژىۋالىسكىي ئىدى. ئۇ 1876 ـــ 1877 – يىللىرى ئېلىپ بارغان ئېكسپېدىتسىيەسىدە لوپنوركۆلىنىڭ جۇڭگو خەرىتىسىدە كۆرسىتىلگەن جايدىنمۇ جەنۇبتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.داڭلىق ئاسىيالىق جۇغراپىيەشۇناس بارون رىچتخوفىننىڭ قارىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ دېلتىسى كېيىنكى مەزگىللەردە ھەريىلى ئۆزگىرىپ تۇرغان، شۇ سەۋەبلىك لوپنور كۆلىمۇ جەنۇب تەرەپكە بىر مەزگىل يۆتكەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن».

« مەن دېلتىغا كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە، شەرق تەرەپتە كۆنچى دەرياسىدىن باشلىنىدىغان بىر  ئېقىننىڭ بارلىقىنى، مەندىن ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەنلەر ماڭغان يولنىڭ شەرقىنىڭ كىچىك كۆللەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ كۆللەر جۇڭگولۇقلار ئۆلچەپ چىققان لوپنور كۆلى بىلەن ئوخشاش بىر پاراللېل ئۈستىدە ئىدى. مەن بۇ كۆللەرنىڭ شەرقىنى بويلاپ ماڭدىم، ئۇ يەرنى قويۇق ئۆسكەن قۇمۇشلار قاپلاپ كەتكەنىدى. 1893 – يىلى رۇسىيەلىك كاپىتان كوزلوف قۇرۇپ كەتكىنىگە ناھايىتى ئۇزاق بولغان دەريا ئېقىنىنى بايقىغان.بۇ يەر ئىلگىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ قىنى ئىكەن… يەرلىكلەر ئۇنى ‹قۇم دەريا› ياكى‹قۇرۇق دەريا› دەپ ئاتايدىكەن. كېيىنكى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا، مەن پۇرسەت چىقىرىپ پۈتكۈل دەريا ئېقىنىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم ھەمدە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىدىم».

« بىر كۈنى كەڭرى كەتكەن بۇ دالىنى قارا بوران قاپلىدى، غايەت زور توغراق  شاخلىرى بوراندا توختىماستىن تەۋرىنەتتى… شۇڭا ئۆيدە ئارام ئېلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق ئىدى. ساھىبخان بىزنى ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن كۈتتى، بىزنىڭ يېيىشىمىز ئۈچۈن بېلىق، ياۋا ئۆردەك تۇتۇپ ئەكىلىپ بەردى، غاز تۇخۇمى، سەرەبىل قاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ بەردى. بىز ئىزچىل يەرلىك كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكىنى يېدۇق. بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇز، نان ۋە پۇراقلىق چايلارنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، تەمى ناھايىتى پەيزى بولاتتى».

«بىرقانچە كۈندىن كېيىن، تارىم دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئابدال كەنتىگە يېتىپ كەلدىم. بۇ كەنت دەل لوپنور كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىدى. كەنىتتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قۇمۇشتىن ياسالغان كەپە ئۆيلەر ئىدى. 85 ياشلىق كۈنچىققانبەگــ ـ قۇياشقا يۈزلەنگەن يولباشچى ـــ ئىلگىرى پېرژىۋالىسكى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولغانىكەن. ئۇ بىزنى ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن كۈتۈۋالدى ھەمدە بىزگە  دەريا، كۆل ۋە سازلىقلار، قۇملۇق ۋە ياۋايى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مېنى قۇلۋاققا ئولتۇرۇپ شەرق تەرەپتىكى قۇمۇشلۇق كۆل ۋە تاتلىق سۇلۇق كۆلنى سەيلە قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.»

«ئابدال كەنتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە، تارىم دەرياسى بىرقانچە تارماق ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى. بىز بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، قويۇق قۇمۇشلۇقتىن پەقەت ئۆتەلمىدۇق. ئەمما، قولۋاقچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئامالى بار ئىدى. ئۇلارقولۋاقنى  تار سۇ يولى بىلەن ھەيدىدى.قۇمۇش قاپلاپ كەتكەن ئەگرى – بۈگرى دەريادا قولۋاقنى ھەر ۋاقىت ھەيدىگىلى بولاتتى،چۈنكى قومۇشلار يىلتىزىدىن قۇمۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، يېڭى قۇمۇشلار ئۆسۈپ چىقالمايتتى. بۇ يەردە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، يەنە ناھايىتى چىرايلىق بېلىقلار بار ئىدى. بېلىق لوپنورلۇقلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى ئىدى».

«گۇگۇم چۈشكەندە، بىز تار سۇ يولىدىن بىپايان كۆلگە چىقتۇق. نۇرغۇن ياۋا غاز، ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ ۋە باشقا سۇ قۇشلىرى كۆلدە ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇلار شىمالىي قىرغاقتا دەم ئالاتتى. ..»

    «ئابدالدىن خوتەنگىچە بولغان مۇساپە 620 چاقىرىم كېلەتتى. بۇ يولنى قانچە تېز مېڭىپ تۈگەتسەم شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتىم . .. مەن تۆت ئات سېتىۋېلىپ، ۋاپادار تۆگىلىرىم بىلەن خوشلاشتىم…. ئەڭ ئاخىردا كېرىيە ئارقىلىق خوتەنگە كەلدۇق…»(6)

     ئومۇمەن سېۋىن ھېدىن يۇقىرىقى ئەسەرلىرىدە لوپنور رايونىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى  جۇغراپىيىسى، لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى بۇ رايۇننىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

     ئەنگىلىيەلىك سىتەيىننىڭ لوپنور سەپىرى

مارك ئاۋرېل سىتەيىن 1862– يىلى 11 -ئاينىڭ 26-كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ  بۇداپىشت شەھىرىدە يەھۇدى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 10 ياشقا توشقاندا گىرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. كېيىنۋېنا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە لىيپسىگ ئۇنۋېرسىتىتىدا شەرق تىللىرى بويىچە ئوقۇغان. بۇمەزگىلدە ئۇ سانسېكرت ۋە پارس تىللىرىنى ئۈگەنگەن. 21 يېشىدا تۈبىنگېن ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە بېرىتانىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.  بېرىتانىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى، بېرىتانىيە ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىدا شەرق كلاسسسىك ئارخېئولوگىيەسى ۋە شەرق تىللىرىنى ئۈگەنگەن. 1888-يىلى ھىندىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1900-يىلىدىن1930-يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ، جۈملىدىن شىنجاڭدا تۆت قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان.

ئۇنىڭ1 –قېتىملىق تەكشۈرۈشى 1900- يىلى 5-ئايدىن 1901-يىلى 7-ئايغىچە  بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ بۇقېتىملىق تەكشۈرۈشىدە   خوتەننىڭ دەندان ئۆيلۈك، نىيە قاتارلىق جايلىرىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ رايوننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇشتا  ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە پۇل، ساپال بويۇملار ۋە ھەيكەللەرنى تاپقان . كېيىن بۇ تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى»،«قەدىمكى خوتەن» دېگەندەك ئۈچ ئەسەرنى نەشىر قىلدۇرغان.

ئۇنىڭ 2-قېتىملىق تەكشۈرۈشى  1906-يىلىدىن1908-يىلىغىچە ئىككى يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىنى نىشانلاپ، ئالدى بىلەن لوپنور رايونىغا كېلىپ كروراننى تەكشۈرگەن ۋە بۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان تارشىلارنى قولغا چۈشۈرگەن. كېيىن  دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ بۇ يەردە تام رەسىملىرى ۋە باشقا سەنئەت بويۇملىرىدىن باشقا، 1500 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت،خەت-چەكلەرنى قولغا چۈشۈرگەن، ئاندىن مىرەنگە قايتىپ  ھەرخىل يېزىقلاردىكى تارشا ۋە ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئۇنىڭ «غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيىسىنىڭ سۈرەتلىك خاتىرىسى»ناملىق ئەسىرىدە ئەكس ئەتكەن.

ئۇنىڭ 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشى1913-يىلىدىن 1916-يىلىغىچە ئىككى يىل سەككىز ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ تولۇقلىمىسى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم  بۇرۇنقى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا كېيىن«ئاسىيانىڭ كىندىكىدە» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

ئۇنىڭ4-قېتىملىق تەكشۈرۈشى 1930-يىلى قىسقىلا داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ سىرىناگەردىن قەشقەرگە كېلىپ، تۇرپاننى بىر مەزگىل ئايلانغاندىن كېيىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىنى چەكلىگەن . شۇنداقتىمۇ ئۇ يوشۇرۇنچە نىيە خارابىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان، ئەمما بۇقېتىم ئاساسەن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي قايتقان.

سىتەيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ، جۈملىدىن شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى  ئاساسىدا يازغان ئەسەرلىرىدە  ئۆزىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيەسى، بايقىغان قەدىمكى ئاسار-ئەتىقىلىرى ۋە كۆرگەن ـــ بىلگەنلىرىنى چۆرىدىگەن  ھالدا ئۆزى تەكشۈرگەن جايلارنىڭ تارىخى،مەدەنىيەت- سەنئىتى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلار ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى لوپنورغا ئائىت بايانلار ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىلمىي قىمممىتى تولىمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر.

ئۇ 2-ۋە 3-قېتىملىق سەپىرىدە لوپنور ھەققىدە مۇنداق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان:«12-ئاينىڭ 10-كۈنى مىرەندىن چىقىپ كروران خارابىلىكىگە قاراپ يول ئالدىم… شىمالغا قاراپ 19 مىل ماڭغاندا تارىم دەرياسىغا بارغىلى بولاتتى. يول بويى مىرەن دەرياسىنىڭ قۇرۇپ قالاي دېگەن قىنىدا ماڭدۇق.تەخمىنەن 6 مىل مېڭىپ باراقسان ئۆسكەن توغراقلىقتىن ئۆتتۇق…كىچىك ئابدال كەنتى جايلاشقان تارىم دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى دۆڭرەك جايغا يېتىپ بېرىشقا 2 مىل قالغاندا، ئۇيەر-بۇيەردە چاتقاللار ئۆسۈپ قالغان سازلىقتىن ئۆتتۇق. ئابدال بېلىقچىلار ئولتۇراقلاشقان نامرات بىر كەنت بولسىمۇ، لېكىن ئۇئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى ساقلاپ قالغان لوپنورلۇقلار ئەڭ تەلپۈنىدىغان جاي ئىدى… لوپنورلۇقلارنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ،1914-يىلى مەن ئابدالنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان بۇ يەرنى تاشلاپ يېڭى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى مەھەللىسىنىڭ مىرەندىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم».

«ئەڭ ئاخىرقى بۇ كەنىتتىن كروران خارابىلىكىگىچە يەتتە كۈن ماڭدىم.مەن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن لوپنور قۇملۇقىنىڭ يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشى مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.‹لوپنور›موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، ئۇ تارىمدەرياسىنىڭ ئايىقىدىكى كۆل ياكى سازلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئورنى ۋە دائىرىسى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر بولغان…»

«12-ئاينىڭ 10-كۈنى بىز تارىم دەرياسىنىڭ تار، شامال يىمىرىۋەتكەن قىنىنى بويلاپ تەخمىنەن 5.5 مىل مېڭىپ ئاقكۆلگە كەلدۇق. تەخمىنەن 2 مىل يىراقلىقتا تۇرۇپ شەرقىي جەنۇپتىكى قۇم چاپقان ساتمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ لوپنورلۇقلارنىڭ بېلىقچىلق قىلىدىغان يېرى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز چىغىر يولغا چىقتۇق.ئوۋچىلار،بېلىقچىلار ھەمىشە مۇشۇ يەردىن ماڭغاچقا ، چىغىر يول ھاسىل بولغانىدى.تارىم دەرياسى مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئېقىنىنى ئۆزگەرتىپ جەنۇپقا قاراپ ئاقاتتى. بىز تارىم دەرياسى بىلەن خوشلىشىپ ، داۋاملىق شەرقىي شىمال تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، قۇمۇش ۋە ئاندا-ساندا يۇلغۇن ئۆسكەن چوڭ ئوتلاقتىن ئۆتتۇق. يولدا لوپنورلۇقلارنىڭ قوي پادىلىرىنى ئۇچراتتۇق. 8 مىل ماڭغاندىن كېيىن ئەلەم خوجا كۆلىگە كەلدۇق. كۆلنىڭ ئەتراپى سازلىق بولۇپ، ئاللىقاچان مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى… بىزنىڭ ئابدالدىكى يولباشلىغۇچىمىز موللا ۋە توختاخۇنلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆل ۋە سازلىقتىكى سۇلار تارىم دەرياسىغا يازدا كەلكۈن كەلگەندە قېپقالغان بولۇپ، لوپنورلۇقلار ‹قاراقوشۇن›دەيدىغان دېلتىدىكى سۇدىنمۇ تۇزلۇق ھەم مۇز تۇتۇش ۋاقتى كېيىن ئىكەن. »

« ئەتىسى… 18 مىل يول يۈردۇق، چۈنكى ئۇ يەردىكى يوللار بىرقەدەر ياخشى ئىدى. بىز ئەڭ ئاخىرى بېلىقچىلار مەھەللىسىدىكى چىغىر يولدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، يېڭىسۇ دەرياسىنىڭ سۈيى كىرىپ كەتكەن يېيىق سازلىققا چىقىپ قېلىشتىن ساقلاندۇق . بىراق 1914-يىلى مەن بۇيەرگە كەلگەندە سازلىق پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپتۇ.6  مىل كېلىدىغان قۇمۇشلۇقتىن ئۆتۈپ بىر جۈپ كۆلنى كۆردۇق. .. ئۇنىڭدىن كېيىن چۆلكۆلگە يېتىپ كەلدۇق… چۆل كۆلنىڭ قارشى تەرىپىدە قۇيۇق قۇمۇش ۋە يۇلغۇن ئۆسكەن بولۇپ، تاكى ياغىزماق كۆلىگىچە سوزۇلغانىدى. »

« 12-ئاينىڭ 14-كۈنى … 4 مىل مېڭىپ، كەڭ كەتكەن سۇلۇقنىڭ ئەڭ شىمالىغا كەلدۇق. بۇ يەردىكى سۇلۇق چاينۇت كۆلىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. موللا ۋە توختاخۇنلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۆل ئىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان يېڭىسۇ دەرياسىنىڭ سۈيى قەرەللىك ھالدا مۇشۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدىكەن…»

« يەنە 2 مىل مېڭىپ بىر تۇزلۇق كۆلنىڭ جەنۇبىغا كەلدۇق. بۇ بۇرۇنقى يېڭىكۆلنىڭ ئورنى ئىدى. لوپنورلۇق بېلىقچىلار يېڭىكۆلنى تۇزلۇق كۆل دەپ ئاتايتتى… سۇدىكى تۇز مىقدارى ئېشىپ بېرىۋاتقاچقا، كۆلدىكى بېلىقلار تېز ئۆلۈۋېتىپتۇ. بىز بىر ساتمىنىڭ يېنىدا قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېسىپ قويۇلغان نۇرغۇن بېلىقلارنى ، يەنە بېلىقچىلارنىڭ ئۆلەي دەپ قالغان ياكى سېزىمىنى يوقاتقان  بېلىقلارنى نېپىز مۇز ئىچىدىن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق»(6).

   ئومۇمەن سىتەيىن  يۇقىرىقى خاتىرىسىدە لوپنور رايونىنىڭ  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، لوپنورلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى ھەققىدە مۇھىم مەلۇمات بەرگەن بولۇپ،  ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى بۇرايۇننىڭ  ئەينى ۋاقىتتىكى  ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزاھ:

  (1) لياڭ شېڭجى:«ماركوپولو ساياھەت  خاتىرىسى » ، جۇڭگوتارىخ-مەدەنىيەت نەشرىياتى 1998-يىلى 9- ئاي خەنزۇچە نەشرى.

(2) (3) پرژېۋالىسكى: « لوپنورغا سەپەر»(ئەسلى نامى «4-قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى خاتىرىسى»)، 135-136-بەتلەر،280-289-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى 8-ئاي  خەنزۇچە1-نەشرى.

(4) گابرېل بونۋالت : «باياۋانغا كىرىش »(ئەسلى نامى «پارژدىن دوڭجىڭ قولتۇقىغىچە»)، 80-98-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى 1-ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى.

(5)   سۋېن ھېدىن : «ھايات-ماماتلىق باياۋان»(«ئاسىيادىن ئۆتۈش» دېگەن ئەسەردىن ئېلىنغان) ،154-167-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2005 – يىلى 8– ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشرى.

   (6) سۋېن ھېدىن: «مېنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ھاياتىم»،189-194-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010 – يىلى 4 –ئاي خەنزۇچە 1 – نەشرى.

  (7) مارك ئاۋرېل سىتەيىن:« كرورانغا سەپەر »، 12-20-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010-يىلى 7-ئايئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

ئەسلى مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى نەشىر قىلغان ”سېھىرلىك ماكان لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبەسى:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3538

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: