لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن-بەلەك ئەۋەتىش

لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن تەرمىلەر(1)

ئاپتورى:شېرىپ مۇسا

لوپلۇقلارنىڭ يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا «بەلەك» ئەۋەتىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزگىچەيەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئادەتلىرى توغرىسىدا

         لوپلۇقلارئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان، قىزغىن مۇئامىلەقىلىدىغان خەلق. ئۇرۇق-تۇققانلار بىر تىزىق مارجاندەك باغلىنىشچانلىققا ئىگەبولۇپ، بىر يەردە بىرگە ئولتۇرۇشنى، بىرگە تىرىكچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار چارۋىلىرىنى تۇتاش كەتكەن يايلاقلاردا يانداش باقىدۇ، ئوسا چىققان يەرلەردە يانداش تېرىقچىلىق قىلىدۇ. بىرگە شىكارغا چىقىدۇ،ئوۋلىغان يىلۋەسۇنلىرىنى تەڭ بۆلىشىدۇ، سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمەيدۇ. تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە قولايلىق بولغان يەرلەردە ئۇرۇق-تۇققانلار كىچىك تەبىئى مەھەللەرنى بىنا قىلىپ بىرگە ئولتۇرىدۇ. مۇبادا چوڭ مەھەللىلەردە ئولتۇراقلىشىشقا توغرا كەلسە مەھەللىنىڭ ئايرىم بىر يېرىدە توپ ئولتۇرىشىدۇ. سەھەر تۇرۇپ سالام-سائەت قىلىشىدۇ،ئەھۋاللىشىدۇ، قىلىنىدىغان ئىشلارنى مەسىلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. كېسەللەر بولسابىرگە يوقلىشىدۇ، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلىشىدۇ. ئائىلىلەر تاماق سۇنىشىدۇ. قىسقىسى، يېقىن ئولتۇرغان ئۇرۇق-تۇققانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەنەشۇنداق قىزغىن بولىدۇ. مۇبادا مەلۇم ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلار ئايرىلىپ يىراق جايلاردا ياشاشقا توغرا كەلسە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارىنىڭ يىراقلىغى بىلەن سۇسلۇشۇپ قالمايدۇ. ئۇ تەرەپتىكىلەر بۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ قېشىغا ياكى بۇ تەرەپتىكىلەر ئۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ قېشىغا يىلدا بىر-ئىككى قېتىم بېرىپ، بىر-بىرىنى يوقلۇشۇپ تۇرىدۇ. ئۆزلىرى كېلەلمىگەندە بارىدىغانلاردىن تىنچ-ئامانلىغىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، «بەلەك» ئەۋەتىدۇ. لوپلۇقلار «بەلەك»ئەۋەتىشنى-تىرىكلىكتىن نىشانە دەپ ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ «بەلەك ئەۋەتىش» دېگىنى-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى خالتا ئەۋەتىش دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش. «بەلەك» سۆزى قەدىمى تۈركى تىل بولۇپ، ئۇ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغىرىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم 500-بېتىدە «بەلەك» شەكلىدەخاتىرىگە ئېلىنغان. مەنىسى- «سوۋغا-سالام» دەپ ئىزاھلانغان. لوپلۇقلار تىلىدىكى«بەلەك» سۆزى مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن دىۋاندىكى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ ئەھۋالدا لوپلۇقلارنىڭ «بەلەك» سۆزىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولغانلىغىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا، ئۇنى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا، يېقىن كىشىلىرىگە ئەۋەتىدىغان «خالتا» مەنىسىدە قوللۇنۇپ كەلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن،لوپلۇقلارنىڭ «بەلەك» ئەۋەتىش ئىشى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دەپ يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ، ئەلىۋەتتە. لوپلۇقلارنىڭ «بەلەك» قىلىدىغان نەرسىلىرى-توغاچ،تاتلىق-تۇرۇم، يەل-يىمىش، قەن-گېزەك ۋە رەخ… قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ نەرسىلەر خالتىغا قاچىلىنىپ، ئاغزى مەھكەم تىكىلىپ ئاندىن كېيىن ئەۋەتىلىدۇ.

         لوپلۇقلار ئارىسىدا20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دىنى مائارىپ، پەننى مائارىپ ئىشلىرى ئاساسى جەھەتتىن يولغا قويۇلمىغان. ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا ئاھالىلەر ساۋاتسىز قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا لوپلۇقلارنىڭ خەت يېزىپ «بەلەك» كە قوشۇپ ئېۋەتىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.لېكىن، ئۇلار ئارىسىدا سېغىنىش ھېسىياتلىرىنى، كۆڭلى ئاغرىغان تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر بار ئىدى. لازىم تېپىلسا بۇ شەرتلىك بەلگىلەر «بەلەك» ئىچىگە سېلىپ قويۇلاتتى. تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلار كۆرۈپ ئېۋەتكۈچىنىڭ مەقسىتىنى بىر قاراش بىلەنلا چۈشىنىپ ئالاتتى. بۇ شەرتلىك بەلگىلەر-بىر-ئىككى تال سامان پارچىسى، كۆيدۈرۈپ تېشىلگەن قەغەز پارچىسى، قۇش پېيى، كۆمۈر پارچىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى: سامان-سېنى سېغىنىپ چىرايىم ساماندەك سارغىيىپ كەتتى دېگەننى، تېشىلگەن قەغەز پارچىسى-سېنى سېغىنىشتىن يۈرەك-باغرىم ھوتمۇ-تۆشۈك بولۇپ كەتتى دېگەننى، قۇش پېيى-قۇشتەك قاناتلىق بولغان بولسام، ئۇچۇپ بېرىپ سېنى يوقلاپ كۆرۈپ كېلەتتىم دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ بەلگىلەر-ۋاپادار تۇققانلارغا ئەۋەتىلگەن بەلەكنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ.كۆمۈر پارچىسى-سېنىڭ كۆڭلۈڭ بىزدىن بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ، بىزنى ئۇنتۇپ كېتىپسەن، شۇڭابىزنى يوقلاپمۇ كەلمىدىڭ، كۆڭلۈڭ كۆمۈر پارچىسىدەك قارا بولۇپ كېتىپتۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ بەلگە-ۋاپاسىزراق تۇققانلارغا ئەۋەتىلگەن بەلگىلەرگە سېلىنىدۇ.

         20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا لوپلۇقلار ئارىسىدا دىنى، پەننى مائارىپ ئىشلىرى مەلۇم دەرىجىدە يولغاقويۇلدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاز بولسۇن ساۋاتلىق كىشىلەر بارلىققا كەلدى. لوپلۇقلارئەشۇ ساۋاتلىق كىشىلەرگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان خەتلەرنى يازدۇرۇپ، بەلەككە قوشۇپ تۇققانلىرىغا ئېۋەتىدىغان ئىش پەيدىن پەي شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىش ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان ئىشلار ئىدى. بىراق، لوپلۇقلار كېچىكىپ،كېچىككەندىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېچىكىپ ئاندىن يولغا قويدى. شۇنداقتىمۇ بۇنى لوپلۇقلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا قاراپ باسقان قەدەملىرىنىڭ بىرسى دېيىشكە بولىدۇ.بەلەككە قوشۇپ ئېۋەتىلىدىغان خەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى شەرتلىك بەلگىلەرگە قارىغاندا كەڭرەك بولاتتى. ئۇنىڭدا، شەرتلىك بەلگىلەر ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلاردىن باشقا ئۆي ئىچى ئەھۋالى، قىلىۋاتقان ئوقىتى، قانداق كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىغى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭمۇ ئەھۋالى كونكرېت يېزىلاتتى. بۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا خەت يېزىپ ئەۋەتىش كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەت يېزىپ ئەۋەتىش ئىمكانىيىتى بارلار شەرتلىك بەلگىلەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدىغان بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلارنىڭ سانى كۆپەيدى. خەت يازدۇرۇشقا ئىمكانىيىتى يوقلار يەنىلا شەرتلىك بەلگىلەرنى قوللاندى. بۇلارنىڭ سانى بارا-بارا ئازايدى. بۇ ئەھۋال يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە ئەنە شۇنداق ھالەتتە داۋاملاشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن لوپلۇقلار بىراقلا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم باستى. سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق جەمئىيەتلەردىن ئىلغار جەمئىيەت بولۇپ، لوپلۇقلار سىياسى، ئىختىسادى، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھەر بىر ئائىلىلەردە خەت يازالايدىغان ساۋاتلىقلار يېتىشىپ چىقتى. يىراقتىكى تۇققانلىرىغا خەت يېزىپ ئېۋەتىشتە قىينالمايدىغان شارائىت يارىتىلدى. قاتناش ئىشلىرى راۋانلاشقاچقا، ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ يىراق جايلاردىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ قېشىغا قىينالمايلا بېرىپ كېلەلەيدىغان بولدى. پوچتا ئىشلىرى يولغا قويۇلغاچقا بەلەكلىرىنى، خەت-چەكلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ئەۋەتەلەيدىغان،كېيىنچە ئۆي تېلىفۇنلىرى، قول تېلىفۇنلىرى ئومۇملاشقاچقا خالىغان ۋاقىتتىلا يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن سۆزلۈشۈپ ئۇچرىشالايدىغان بولدى.

         سوتسىيالىزىم جەمئىيىتى لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەنە شۇنداق قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەچكە، ئۇلارنىڭ بەلەككە شەرتلىك بەلگىلەرنى سېلىپ ئېۋەتىدىغان ئادەتلىرى زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى ھەم ئۇزاققا بارمايلا ئۆزلىگىدىن يوقالدى. بۇ تارىخى تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.

ئەسلى مەنبە:سىھىرلىك لوپنۇر ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبەسى :لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3555

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-17
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: