ماتىۋىن خوجىنىڭ بالىلىرى ۋە ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ بىنا بولۇشى توغرىسىدا

ماتىۋىن خوجىنىڭ بالىلىرى ۋە ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ بىنا بولۇشى توغرىسىدا

ئابلىزئوسمان

ئاپتور:لوپنۇر ناھىيەسى ئاقسۇپا يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. خوشۇت ناھىيىلىك پارتىكوم ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.

          ماتىۋىن خوجا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى توغرىسىدىكى گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن، ماتىۋىن خوجىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. ماتىۋىن خوجىنىڭ ئاتىسى، بوۋىسى ۋە چوڭ بوۋىلىرى 1740-يىللاردىن تاكى 1840-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلىگىچە تېيىزكۆل، چارا دېگەن يەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن، ماتىۋىن خوجىنىڭ چوڭ بوۋىسى ①چولۇن دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردىكى قۇمۇل تەرەپتىن كېلىپ تېيىز كۆلدەتۇرۇپ قالغان. ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن بىر بالىلىق بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇنىڭ بالىسى ② سېتىندى دېگەن كىشى ئاتىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ، ئۇيەر،بۇيەرلەردە قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە جېنىنى جان ئېتىپ ياشىغان. شۇڭاكىشىلەر ئۇنى ‹سېتىندى› دەپ ئاتاشقا. سېتىندى خوتۇن ئالغاندىن كېيىن، بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، بالىسىغا ③ خوجا ئەمىر دەپ ئىسىم قويۇپ ئەرتىۋارلاپ چوڭقىلغان. خوجا ئەمىر تۇغۇلىشىدىنلا كۆزى چوڭراق، پۇت-قولى ئۇزۇنراق، قۇلىقى يوغانراق بولۇپ تۇغۇلغان. قىلىقلىرى ئۆزگىچە، مىجەز-خۇلقى غەيرىي بولۇپ چوڭ بولغان. خوجا ئەمىر ياش ۋاقىتلىرىدا تىكەنلىك، چارا، چوڭكۆل، دۆڭقۇتان (مىرسالى مەھەللىسى)، كۆنچى (لوپنۇر بازىرى)، كورلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللانغان. شۇ مەزگىللەردە خوجا ئەمىرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن تېيىز كۆلدىكى كىشىلەر ئۇنى (سېتىقچى) دەپ ئاتاشقان.خوجا ئەمىر ئۆي-ئوچاقلىق بولغان كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، بالىسىغاماتىۋىن دەپ ئات قويغان. ماتىۋىن كىچىك ۋاقتىدىلا چېچەن ھەم ئەقىللىق بولۇپ،ئاتىسى خوجا ئەمىرنىڭ تەربىيسىدە قامەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ ئۆسۈپ چوڭ بولغان.خوجا ئەمىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ماتىۋىن خوجا ئىزچىل سۇ ۋە يايلاق قوغلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، چوڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى تىكلەپ، چوڭ بوۋىسى چولۇن،بوۋىسى سېتىندى ۋە ئاتىسى خوجا ئەمىر ‹سېتىقچى بەگلەردىن كېيىنكى 4-ئەۋلاد كىشى بولۇپ قالغان ھەمدە ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، ياخشى تەبىئەتلىك ئادەم بولۇپ يېتىشكەن.

          ماتىۋىن خوجا 1840-يىلىدىن 1920-يىلغىچە، تېيىز كۆلدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ كىشى ئۆمرىدە 6 ئوغۇل، 2 قىز پەرزەنتلىك بولغان. شۇ مەزگىللەردە تېيىز كۆل ئەتراپىدا يولۋاس،بۆرە، توڭگۇز، جەرەن، كىيىك دېگەندەك ياۋايى ھايۋانلار ھە دېگەندىلا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇرغان. مەھەللە ئىچىدە ‹ئەمەتنىڭ ئوندەك قويىنى بۆرە بوغۇپتۇ،سەمەتنىڭ كالىسىنى يولۋاس يەپ كېتىپتۇ› دېگەن گەپ-سۆزلەر قۇلاققا پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرغان. 1884-يىللىرى مەزگىلىدە، كونا چوڭكۆل تەرەپتىن گاۋا (ۋابا) تارقىلىپتۇدېگەن خەۋەر كەلگەندىن كېيىن تېيىز كۆلدىكى كىشىلەر ۋابا كېسىلى يۇقۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىر-بىرىگە يېقىن يولاشمايدىغان بولۇشۇپ كەتكەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر مەھەللە ئىچىدىكى تۇرار جايلىرىنى تاشلاپ، مەھەللە ئەتراپىدىكى جاڭگاللىقلارغا ياكى توغراقلىق، قۇملۇقلار ئارىسىدىكى خىلۋەت جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. تازا قۇرامىغا يەتكەن ماتىۋىن خوجا ۋابادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،مەھەللىدىكى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بىر جاڭگاللىققا بېرىپ، قومۇش ساتما ئۆي تۇتۇپ جايلىشىدۇ. بىر كۈنى ماتىۋىن خوجا بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ كەچرەك قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قومۇش ساتما ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىگىنى، خوتۇنىنىڭ ئۆينىڭ بىر چېتىدە ھوشسىز ياتقانلىقىنى، 4ئايلىق بولغان ئوغلىنىڭ ئۆيدە يوقتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكىنىچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئايالى ھوشىغا كېلىپ ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كېتىدۇ. ھەمدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېرىگە سۆزلەپ بېرىدۇ. ماتىۋىن خوجا بىر يولۋاسنىڭ قومۇش ساتمائۆينىڭ بىر تەرىپىنى بۇزۇۋېتىپ ئېتىلغان پېتى ئۆيگە كىرىپ، بالىنى چىشلەپ ئېلىپ كەتكەنلىگىنى بىلىدۇ. ئۇ شۇ ھامان دەرغەزەپكە كېلىپ قولىغا توقماقنى ئېلىپ بالىسىنى ۋە يولۋاسنى ئىزدەپ ماڭىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇ نە يولۋاسنى، نە بالىسىنى تاپالمايدۇ. كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ماتىۋىن خوجا بالىسىنى يەپ كەتكەن ھېلىقى يولۋاسنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىنى پەملەپ يولۋاس بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويىدۇ. بىر كۈنى قاش قارايغان چاغدا، ھېلىقى يولۋاس راست دېگەندەك ئاغزىنى يوغان ئاچقىنىچە ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىدۇ. پەم-پاراسەتلىك ماتىۋىن خوجا شۇ پەيىتتە قورقماي ۋە تەمتىرىمەي ئوچاقتىكى ئوتتا كۆيۈپ قىپقىزىل چوغ بولۇپ كەتكەن چۇچۇلىنى يولۋاسنىڭ ئاغزىغا تىقىپ يولۋاس بىلەن بىر پەس ئېلىشىدۇ. چۇچۇلىدىكى چوغ يولۋاسنىڭ تىلى ۋە كانىيىنى كۆيدۈرىدۇ. چۇچۇل يولۋاسنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆكرەك قىسىمىغائىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا يولۋاس ھەم كۆيۈككە چىدىيالماي ھەم نەپەس ئالالماي جان تەسلىم قىلىپ يەرگە يىقىلىدۇ. كېيىنچە تېيىز كۆل مەھەللىسىدىكى كىشىلەر ماتىۋىن خوجىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ماختىشىپ كېتىدۇ.يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بوران-چاپقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تىنچ تۇرمۇش ئۆز رېتىمىغا چۈشىدۇ. شۇندىن كېيىن يىل، ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ماتىۋىن خوجىنىڭ 6ئوغلى بىر-بىرلەپ تۇغۇلۇپ، ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ كەينى-كەينىدىن قاتارغاقوشۇلىدۇ.

        ماتىۋىن خوجىنىڭ ھاسانبەگ، خەلىپە ھاجىم، ئابدۇرىھىم، كەلدىئاخۇن، ئەمەت ۋە مەنسۇر دېگەن 6 ئوغلى قاۋۇل، مەردانە ۋە غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ماتىۋىن خوجىنىڭ ئوغۇللىرى ئەنە شۇ يىللاردا مال-چارۋا بېقىش، ئوۋچىلىق قىلىش، بېلىق تۇتۇش ۋە ئائىلىدىكى ئېغىر-يىنىك ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ ئۇنى رازى قىلغان. بۇ ئالتە ئوغۇلنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەلدىئاخۇن ماتىۋىن كۈچتۈڭگۈر،ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇشقا ماھىر ئادەم بولغان. باشقىلار بېلىق كېمىسىنى كۆل ياقىسىغا ئېلىپ بارماقچى ياكى ئۇ كۆلدىن بۇ كۆلگە يۆتكىمەكچى بولغاندا ئات ياكى كالا ئىشلەتكەن. ئەمما كەلدىئاخۇن ماتىۋىن كالا ياكى ئات ئىشلەتمەي بەلكى كېمىنى كۆتۈرۈپ ياكى ئۆزى سۆرەپ بارغان. باشقىلار بىرەر كۆلدىن بىرەرمۇ بېلىق تۇتالمىغان بولسا، ئۇ شۇ كۆلدىن لىققىدە بىر كېمە بېلىق تۇتقان. كىشىلەر بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىشقان، ئۇ قوشاق توقۇش ۋە قوشاق ئېيتىشقا ھېرىسمەن كىشى بولغان، ماتىۋىن خوجىنىڭ 5-ئوغلى ئەمەت ماتىۋىن ھايۋانلارنىڭ ئىزىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى خىلىدىكى ھايۋان ئىكەنلىگىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن‹ئۇستا ئىزچى› دەپ تەرىپلەنگەن. ماتىۋىن خوجىنىڭ كەنجى ئوغلى مەنسۇر ماتىۋىن قوي بېقىش جەريانىدا بولسۇن ياكى باشقا ئىش بىلەن سىرتقا چىققان ياكى ئوۋچىلىق قىلغىلى چىققاندا بولسۇن، ئۆزى بارغان يەردىكى سۇ، يايلاق ۋە جاڭگاللىقلارنى سەپ سېلىپ كۆزىتىدىغان، قايسى يەرنىڭ قوي، مال-چارۋا بېقىشقا، قايسى يەرنىڭ سۇ باشلاپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باب كېللىدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ پەملەپ قويىدىغان ھەمدە مال-چارۋا بېقىشنىڭ ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلىدىغان ئادەم بولۇپ چوڭ بولغان. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كونا چوڭكۆل تەرەپتىن بىر خەۋەر كېلىدۇ، خەۋەردەخوتەن تەرەپتىن بىر ئاجايىپ مەخلۇق قۇملۇقنى بويلاپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەم ياكى مال-چارۋىلارنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، يالماپ يۈتۈپ مۇشۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان، بۇ خەۋەر مەھەللىدىكىلەرگە تېز تارقىلىپ، مەھەللىنى ۋەھىمە قاپلىغان، شۇ ۋاقىتتا ماتىۋىن خوجا 6 ئوغلىغا بۇ غەلىتە مەخلۇقنى ئۆلتۈرۈپ،ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشنى تاپىلايدۇ. ماتىۋىن خوجىنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىغاتوقماق ئېلىپ، تېيىز كۆل مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقنى ئىزدەيدۇ. بۇ چاغ 6-ئاي مەزگىلى بولۇپ، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا ئۇلار بىر ئاز سالقىنداش ئۈچۈن قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى يۇلغۇنلۇققا كېلىدۇ.ئۇلار يۇلغۇننىڭ سايىسىدا چوڭ ھەم ئۇزۇن قورقۇنچلىق بىر غەلىتە نەرسىنىڭ تىلىنى چىقىرىپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ياتقانلىقىنى توساتتىن بايقاپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئىزدەپ يۈرگەن ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىگىنى پەملەپ، تۇيۇقسىز ھالەتتەتۇرغان بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە توقماق بىلەن ئۇرىۋېرىپ، ئاخىرى بۇ غەلىتە مەخلۇقنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەھەللىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىنىدۇ. مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇ 6 ئوغلانغا ئاپىرىن ئېيتىشىدۇ. بىر مەھەل ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن مەھەللە ئىچى شۇندىن كېيىن ئۆزرېتىمىغا چۈشىدۇ. بۇ 6 ئوغۇلنىڭ داڭقى يىراق-يېقىنغا پۇر كېتىدۇ.

         ماتىۋىن خوجا ئۆزىنىڭ بالا-ۋاقىلىرى، ئائىلە ئىگىلىكىدە ئىشلەۋاتقانلارغا باراۋۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قويىنى باقىدىغان قويچىلارغا، ئائىلە ئىشلىرىغاقارىشىدىغانلارغا ۋە مەھەللىدىكى ياشلارغا ھەر دائىم بوغاز بولۇپ قالغان جاندارلارنى، چىشى مال-چارۋىلارنى ۋە يېشىغا توشىمىغان جاندارلارنى ئۆلتۈرۈپ يېمەسلىك، ئادەم بىلىكىدىن كىچىك بېلىقلارنى تۇتماسلىق، سەپەرگە بىللە چىققان ھەمرالىرىنى تاشلاپ كەتمەسلىك، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، قوتان-قورۇ، ئوت-سامان،ئوتۇن-ياغاچ ۋە توختام سۇغا چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلماسلىق توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرىدۇ. ماتىۋىن خوجىنىڭ ئادىمىيىلىك پەزىلىتى، چىقىشقاق خۇشخۇي مىجەزى ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈز-ئابرۇيىنى زىيادە قىلىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا ئاتىماستىن بەلكى ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن ‹ماتىۋىن دادا› دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ.ئايلار، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ماتىۋىن دادىنىڭ ئىلكىدىكى قوي 18مىڭغا، پەقەت ئۇنىڭ قويىنى باقىدىغان قويچىلار 100دىن ئارتۇق كىشىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىگىلىكى يىلدىن-يىلغا كېڭىيىپ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان بېسىممۇ يىلدىن-يىلغا زورىيىپ كېتىدۇ.

          1895- يىللىرى مەزگىلىدە، ماتىۋىن خوجا ياشىنىپ قالغانلىقىنى ھەمدە بىر چوڭ ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قانچە كىچىك ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىپ، ئىشلارنىڭ بىرقەدەر مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، چوڭ ئۆينىڭ ئىلكىدىكى 18مىڭ تۇياق قوينى 6 ئوغلىغا 3مىڭدىن توغرا كەلتۈرۈپ مىراس قاتارىدا ئايرىپ بېرىدۇ. بۇۋاقىتتا كەنجە ئوغۇل بولغان مەنسۇر ماتىۋىن ئاكىلىرى بىلەن يايلاق تالىشىپ يۈرمەي،بۇرۇن ئۆزى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان شىمال تەرەپكە قاراپ ئاتلىق يولغا چىقىدۇ. ئۇ تېيىز كۆلدىن ئايرىلىپ شۇ ماڭغانچە بىر كۈن يول يۈرۈپ يول بويى ئەتراپنى كۆزىتىپ،بىر مۇنچە تەبىئى كۆللەر، تۈپتۈز كەتكەن ئوتلاقلار، توغراق-يۇلغۇنلۇقلار ۋەچاتقاللار ئارىلىشىپ ئۆسكەن جاڭگاللىقلاردىن ئۆتۈپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ بىر چېكەدوقمۇشى ئەتراپىغا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن تېخى باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمىغان ياخشى جاي ئىكەنلىگىنى، سۇ ۋە يايلاقلىرىنىڭ چارۋا بېقىشقا تازا باب كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ مۇشۇ يەرگە قوي قوتانلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلىشىش قارارىغا كېلىدۇ. (ئەسلىدە مەنسۇر ماتىۋىن 2يىل بۇرۇن كەلدىئاخۇن ۋە ئەمەت دېگەن 2ئاكىسى بىلەن يوقاپ كەتكەن كالىلىرىنى ئىزدەپ مۇشۇ ئەتراپقا كەلگەن ۋاقىتتا، بۇئەتراپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان.) شۇنداق قىلىپ، مەنسۇر ماتىۋىن ئاتىسى خوجا ئەمىرتەرىپىدىن ئۆزىگە مىراس قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن 3مىڭ قوينى ۋە قوي باقىدىغان قويچىلار بىلەن قوشۇپ بىر-بىرىلەپ مۇشۇ ئەتراپقا (كۆنچى دەريا ياقىسى) يۆتكەپ كېلىدۇ. بۇ جەريانىدا قوي قوتانلىرى چايان ئىچى (ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر) رايونلىرىغا جايلاشتۇرۇلىدۇ. مەنسۇر ماتىۋىن بىلەن تۈنجى تۈركۈمدە تېيىز كۆلدىن كەلگەن قويچىلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرى ۋە مەنسۇر ماتىۋىننىڭ قىسمەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆتەكلىك دېگەن يەرگە (كۆنچى دەرياسىدىن 6 چاقىرىم كېلىدۇ)جايلىشىدۇ. بۇ يەر ئەينى چاغدا كونا مەھەللە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:شۇ ئارىلىقتا مەنسۇر ماتىۋىننىڭ 5 ئاكىسىنىڭ بالىلىرىدىن بۆكۈر ئىشان، ئوسمان تايغان، ھاشىم لاغلى، ئايۇپ تۇردى، سايىت كەلدى، ھاشىم پوكانچى، ئابدۇللا جىن قاتارلىق كىشىلەرگە قېتىشلىق ئون نەچچە ئۆيلۈك ئادەم كۆنچى دەرياسى ياقىسىغايانداشتۇرۇپ ئۆي سېلىپ كەينى-كەينىدىن ماكانلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇر ماتىۋىن قاتارلىقلار كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان كۆتەكلىك مەھەللىسى دەريا بويىدىكى يەرگەكۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن كونا مەھەللە دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدەكۆنچى دەرياسى بويىغا جايلاشقان مەھەللىدە ئادەم ۋە ئائىلە تەدىرىجى كۆپىيىدۇ. شۇمەزگىللەردە كۆنچى (لوپنۇر ناھىيە بازىرى) تەرەپتىن بىر قانچە كۇچالىق ئىمام، قارى،سوپى-ئىشان دېگەندەك كىشىلەر كېلىپ، دەريا بويىدىكى مەھەللىدە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىپ، ناماز ئوقۇپ ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ يەر تېخى يېڭىدىن بىناقىلىنىۋاتقان يەر بولۇپ، ناماز ئوقۇيدىغان، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان مەسچىت بولمىغانلىقتىن مەنسۇر ماتىۋىن قاتارلىق بىر قانچە كىشى بۇ قارى-موللا،خوجا-ئىماملارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا ئىشلىتىشى ئۈچۈن دەريا بويىدىكى بوش يەرگە بىر سۇپا ياساپ، سۇپىنىڭ تۆت ئەتراپى ۋە ئۈستى تەرىپىنى دەريانىڭ ياداڭلىقىدىكى ئاقۇش سېغىز چوقا توپىسىدىن لاي ئېتىپ سۇۋاپ، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ بۇ سۇپىنى موللىلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئورنى قىلىپ بېرىدۇ. (سېغىز چوقا توپىسى دېگىنىمىز-قاردەك ئاق بولمىسىمۇ توپا رەڭگىدىن بىر ئاز ئاق بولغان، دوسكىغا خەت يازسا ئاقۇش ھالەتتە ياخشى خەت يازغىلى بولىدىغان سېغىز توپىنىڭ قات-قات ياكى غۇجمەك ھالەتكە كېلىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان قاتتىق سېغىز توپىنى كۆرسىتىدۇ) بۇ سۇپا ھەم كۆركەم ھەم ئاقۇش بولغاچقا، ھەمدە قارى-موللىلار شۇ سۇپا ئۈستىدە ناماز ئوقۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغاچقا، بۇ ئاخۇن-قارىلارنى كۆرگىلى كېلىدىغان شۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.كىشىلەر ئارىسىدا ‹نەگە ماڭدىڭ؟› دېگەن سوئالغا ‹ئاق سۇپا›غا بېرىپ،ئاخۇن-قارىلارنى كۆرۈپ كېلىمەن دېگەن جاۋاب سۆزى 10-15كۈندەك ھەر كۈنى نەچچە قېتىم تەكرارلىنىۋەرگەنلىكتىن بۇ مەھەللىنىڭ نامىنى كىشىلەر «ئاقسۇپا» دەپ ئاتاپ ئادەتلىنىپ قالغان. شۇنداق قىلىپ شۇ مەزگىلدە «ئاقسۇپا» دېگەن يەر-جاي نامى ئەنە شۇنداق پەيدابولغان. 1895-يىللىرى ئاقسۇپا مەھەللىسى دەسلەپكى قەدەمدە بىنا بولۇشقاباشلىغاندىن تارتىپ، 1949-يىلى 10-ئايدىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتادەريا بويىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان چوڭ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگەجايلاشقان مەھەللىدە دۆڭ جەمەتى، دوغا جەمەتى، مۇتىھەم جەمەتى، پاكا توڭكەي جەمەتى، بىلال ھاجى جەمەتى، مەزىن مىراب جەمەتى، سابىر جەمەتى، ساغلىق-گۈلى جەمەتى، قارۇنا ھارۇن جەمەتى، شاڭيە باي جەمەتى، شاڭچى جەمەتى، خاڭتۇ جەمەتى،زەرگەر جەمەتى، ياقۇپ توكۇر جەمەتى، تاھىر باي جەمەتى، سۇلتان-تىماق جەمەتى، ھاشىم لاغلى پوكانچى جەمەتى، ساقۇلەت جەمەتى، پولات-تۆمۈرچى جەمەتى، چوقۇر جەمەتى، پاكارقاسىم جەمەتى، چاتاق-شالۋاق جەمەتى قاتارلىق ماتىۋىن خوجا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى ھەمدە سىرتتىن كەلگەن قىسمەن ھۈنەرۋەن كىشىلەر قوشۇلۇپ،ئۇرۇق-ئەۋلاد، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى گىرەلىشىپ كەتكەن ئومۇمى ئاھالە گەۋدىسى شەكىللەنگەن.

         1903-يىللىرى مەزگىلىدە، ئاقسۇپا مەھەللىدە ئادەم كۆپىيىپ، خېلى ئاۋاتلاشقان، بۇ ئىش كۆنچى ناھىيەئامبال يامۇلىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئاقسۇپا يېزىسىدا تۇنجى قېتىم تۈتۈن بېگى(شاڭيە) تەسسىس قىلىنىپ، مەنسۇر ماتىۋىن شاڭيەلىككە تەيىنلەنگەن. شۇندىن كېيىن مەنسۇر شاڭيە ئاقسۇپا خەلقنى ئۇدا 3 يىل سۇ قۇرۇلۇشى ھاشىرىغا تەشكىللىگەن. بۇجەريانىدا كونا چوڭكۆلدىكى ‹ئىنچىكە› دېگەن كۆلنىڭ (كۆلنىڭ يېرىمى ئېقىن) سۈيى پەسىرەك يەرگە ئۆستەڭ ئارقىلىق باشلانغان ھەمدە يېڭى بىر كۆل ھاسىل قىلىنغان.ئىككىنچى يىلى يەنە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنە بىر يېڭى كۆل ھاسىل قىلىنغان. كۆل سۈيى يېنىپ تارتىلغان پەيىتتە قۇرۇق چىققان يەرلەرگە بۇغداي، قىچا قاتارلىقلار تېرىلىپ يىغىۋېلىنغان. مۇشۇ خىل ئۇسۇل  3يىل داۋاملىشىپ سۇ ئاققۇزۇلغان مۇساپە پەيدىنپەي ئاقسۇپا تەۋەسىگىچە ئۇزارتىلغان. نەتىجىدە ئاقسۇپا يېزىسى تەۋەسىدە بىر چوڭ كۆل شەكىللەنگەن. كۆل سۈيىدە سۇ ئوتى، چىغىرىق، يېكەن ۋە ئۇچار-قاناتلارنىڭ (غاز،ئۆردەك، ھاڭگىرت) قاتارلىقلارنىڭ پەرۋاز قىلىپ يايرايدىغان باغچىسى بولغان. كۆلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قومۇش، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرگە جان كىرىپ،باغجانلاپ ئۆسۈپ شۇ ئەتراپنىڭ مۇھىتى كۆركەملەشكەن. ئاقسۇپا خەلقى ئۆز ئەمگىكىنىڭ تەمىنى تېتىپ، بۇ چوڭ كۆلدىن بېلىق تۇتۇپ يەپ تۇرمۇشىنى قامدىغان، كېيىن بۇ كۆلگەكىشىلەر ‹قارۇنا قۇسۇق› (بېلىقچى قارنا قۇش بۇ كۆلگە نۇرغۇن بېلىقنى قۇسۇپ چىقىرىۋاتقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ نام بەرگەن. شۇ مەزگىلدە كونا چوڭ كۆلدىن ئاقسۇپا مەھەللىسىگە سۇ باشلاپ كېلىش ھاشار قۇرۇلۇشى 3يىل داۋاملاشقان.ھاشارچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 1500دىن ئارتۇق قوي ۋە 50كە يېقىن كالا سەرپ قىلىنغان. سۇ باشلاپ كېلىش ئومۇمى مۇساپىسى 40 كىلومىتردىن ئاشقان. ئاقسۇپاتەۋەسىدە چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قىلىش جەھەتتىكى پايدىلانغىلى بولىدىغان سۇ مەنبەسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قارۇنا قۇسۇق (ئاقسۇپا سۇ ئامبىرى قىلىنغان كۆل) كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى قۇم كۆۋرۈك دېگەن يەردىن چوڭ بىر باشلام ئېلىنىپ مەلۇم مىقداردىكى سۇچايان ئىچى (ئاياق ئېقىندىكى يايلاقلارنىڭ ئومۇمى نامى) تەرەپتىكى يايلاقلارغا باشلانغان. قولايلىق جايدىن يەنە بىر باشلام ئېلىنىپ، مەلۇم مىقداردىكى سۇ ئۇزۇنئېرىق، ساتاكا، كۆتەكلىك، سور كۆل، قىياقلىق، چايلىق، قارىغات دېگەن جايلارغىچە 10كىلومىتر سوزۇلغان چوڭ ئۆستەڭ ئارقىلىق شۇ جايلاردىكى ئاختاما يەرلەر تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئاقتۇرۇلغان. يەنە بىر تارماق ئۆستەڭ سۈيى مەھەللە ئىچى ۋە ئاياق مەھەللىگە يەتكۈزۈلگەن. ئۆستەڭ قاشلىرىغا سۆگەت تىكىلگەن. قىياقلىق دېگەن يەردىكى بىر كىلومىتر كېلىدىغان يەنە بىر تارماق ئېرىقنىڭ ئىككى ياقىسىدا سۆگەتلىك ئورمان بەلۋېغى بىنا قىلىنغان. ساتاكا، كۆتەكلىك، ياسىق دېگەن جايلاردا (ئاقسۇپامەھەللىسىنىڭ جەنۇبي شەرقى تەرەپلىرىدىكى مەھەللە ئەتراپى) دەسلەپكى قەدەمدە  500موئەتراپىدا ئاختاما يەر بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئارىلاش بولۇش ھالىتى شەكىللەنگەن. گەرچە مەھەللىنىڭ بويىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ شۇۋاقىتلاردا سۈيى ئۇلۇغ بولسىمۇ ئەمما دەريا سۇ يۈزى پەس بولغاچقا، دەريا سۈيى پەقەت چارۋا ۋە ئادەملەرنىڭ سۇ ئىستېمالى ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن. مەھەللەئىچىدىكى بىنەم يەرلەرگە دەريا سۈيىنى ئاققۇزۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللە ئىچىگە باشلاپ كېلىنگەن ئۆستەڭ سۈتى چەكلىك ھەم مۇقىمسىزبولغانلىقتىن ھەمدە كىشىلەرنىڭ سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ چارۋا بېقىشتىن ئىبارەت كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرۈش قارشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە مېۋىلىك باغ بىنا قىلىشقا، سەي-كۆكتات تېرىشقا، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىشقا تازا قىزىقمىغان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.«لوپنۇر تارىخى ماتېرىياللىرى» 6-،7-قىسىم.

2.ئاپتور تەييارلىغان «ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىشلار» ماۋزۇلۇق خام ماتېرىياللار.

زىيارەت قىلىغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر:

ئاقسۇپايېزىسىدىن مۇھەممەت تايىر، ياسىن ھارۇن، شوداۋۇت ھاجى، ئەنۋەر ئابلىمىت، مۇھەممەتقاسىم، غېنى ئابلەت، توختىسۇن ئەخمەت، ياقۇپ ئەمەت چوقۇر، دانىياز، بەكرى ئەختەم،سۇلايمان قاسىم، سىدىق لىكە ئىسمايىل، تۇرسۇن ھاشىم.لوپنۇربازىرىدىن ئىسمايىل سادىق.

مەنبە :لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3827

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-07-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: