تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر كاۋاپ بايرىمى

 

2013-يىلى4- ئاينىڭ 22- كۈنى ناھىيىمىزدە لوپنۇر شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لۇپنۇرلۇقلار كاۋىپى بايرىمىغا ئوت يېقىش مۇراسىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داغدۇغلۇق ئېچىلدى، مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى كاۋاپ بايرىمىنىڭ قىزغىن كەيپياتتا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يەنە كاۋاپ بايرىمى تۈردىكى پائالىيەتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئېچىلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

 

لوپنۇرلۇق بوۋاي ياغاچقا ئوت ياقماقتا

لوپنۇرلۇق بوۋاي ئوت يېقىلغان مەشئەلنى ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزغا سۇنماقتا

قىزچاق مەشئەلنى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا

يىگىتلەر مەشئەلنى ئات بىلەن يەتكۈزمەكتە

پەنەر چىراغدا كاۋاپ ئوتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئوتنى ساقلاپ قالدى

مەشئەل يەتكۈزگۈچى يىگىت مەشئەلنى قىزچاققا بەردى

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت يېقىش مۇراسىمى باشلاندى، لوپنۇر كۆلى يارداڭ چوڭ جىلغىسى ياقلون چوققىسىدىكى مەشئەل تاختىسىدا، لوپنۇرلۇق بوۋاي رولىدا ياسانغان ئېغىزىدا ئوت شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، قەدىمىي شەكىلىدىكى ياغاچتىن ئوچ چىقىرىش شەكىلى ئارقىلىق ئوت يېقىپ، لوپنۇر شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لۇپنۇرلۇقلار كاۋىپى بايرىمىغا ئوت ياقتى. ئۇندىن كېيىن، بوۋاي مەشئەلنى ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزغا سۇندى. قىزچاق مەشئەلنى ئات مىنگەن يىگىتكە سۇندى، ئات مىنگەن يىگىت قەدىمىي پەنەر چىراغنى قولىدىكى مەشئەل بىلەن ياندۇردى.

بىر ئوغۇل بالا مەيداندىكى ”ئۈمىد يالقۇنى“نى ياندۇردى

 

مەشئەلنى قولدا ۋە ئات ئارقىلىق يەتكۈزگەندىن كېيىن، سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، كاۋاپ بايرىمىنىڭ مەشئىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا باش نۇقتىغا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەيدانىدىكى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانى مەركىزىگە يەتكۈزۈلۈپ، يۈزلىگەن كادىرلار، خەلق ئاممىسى ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈمىد يالقۇنىنىڭ يالقۇنچىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەمدە مىڭلىغان ئۈمىدى ۋە ئارزۇغا ۋەكىل قىلىنغان تىنچلىق كەپتىرى قويۇپ بېرىلدى.

 

2013- يىللىق لوپنۇر شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لۇپنۇرلۇقلار كاۋىپى بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ناھىيىمىزدىكى مەدەنىيەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېچىلدى.

12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كورلا لوپنۇر پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيە پارتىكوم مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيە  باشلىقى سۇلايمان ھۈسەيىن، ناھىيە پارتىكوم دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گېجىيەن، ناھىيە  پارتىكوم دائىمىي ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت ھادى، ناھىيە مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت ساۋۇر، ۋاڭ خوڭچۈن، قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى ئاخبارارت ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.شىنخۇا تورى، خەلق تورى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى، ياشىن تورى، بايىنغولىن گېزىتى دىن ئىبارەت 20 دىن ئارتۇق شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ناھىيىمىزدىكى لوپنۇرلۇقلار كاۋاپ مەدەنىيىتىگە قاتنىشىپ،  مۇھىم بولغان57 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، «ئۈچىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدىن  نەق مەيداندا سۇئال سوراش ئېلىپ باردى. سەھنىدە ئولتۇرغان رەھبەرلەر قىزغىن كەيپىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

116 ئۆسمۈرنىڭ نەق مەيداندا سىزغان رەسىملىرى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كورلا لوپنۇر پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيە پارتىكوم مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيە باشلىقى سۇلايمان ھۈسەيىن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى« بۇ قېتىملىق كاۋاپ بايرىمىدا، ئاساسلىقى كاۋاب بايرىمىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئالاھىدىكىنى نايامەن قىلىدىغان، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، داڭلىق بايرام تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرىنەرلىك نايامەن قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ئېسىل بولغان بىر قېتىملىق نازۇ نېمەت تەنتەنىلىك يىغىنى ئويۇشتۇردۇق. بۇندىن باشقا، بىز بارلىق كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە بارلىق ئاخبارات خادىملىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە خەۋەر بېرىپ، لۇپنۇرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كەڭ دائىرىدە تارقاتتى. بۇ يەنە بىزنىڭ لۇپنۇرنىڭ تەبرىك تەشۋىق كارتىسى بولۇپ قالدى، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىپ، لوپنۇر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدان كۆرۈنىشلىرى

4- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئاساس بولۇپ ئويۇشتۇرغان، لۇپنۇر ناھىيىسى خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالغان 2013- يىللىق لوپنۇر شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لۇپنۇرلۇقلار كاۋاپى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئېلىپ باردى، مەزكۇر پائالىيەتتە « قۇياش شەھىرىدىكى ئېسىل نازۇ نېمەت ساياھىتى» نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ « دەسلەپكى» كاۋاپ مەدەنىيىتى مۇراسىمىدىن ھوزۇرلاندى.

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى، شىنجاڭدىكى « ياخشى بالا» ساخاۋەتچى ئالىم خالىق، شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە كاتىپ چېڭ گۈيفاڭ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى دىلشات ئېزىز، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مەمەت ئېزىز، ئوبلاستىلىق خەلق قۇرۇلتىيى سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى توختى نۇر ، ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ پارتگۇرۇپپىسى شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې خۇڭلۇڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، يېزائىگىلىك 2-شىسى، قېرىنداش ناھىيىدىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ناھىيە  پارتىكوم دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گې جىيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 كورلا لوپنۇر پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيە پارتىكوم مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيە باشلىقى سۇلايمان ھۈسەيىن تەبرىك سۆزى قىلدى

كورلا لوپنۇر پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيە پارتىكوم مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيە باشلىقى سۇلايمان ھۈسەيىن تەبرىك سۆزى قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى « 1411» خىزمىتى تەرەققىي قىلدۇرۇش، « مەدنىيلەشكەن ناھىيە » قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زامانىۋىيلىشىشىنى يېتەكچى قىلىپ، «غەربتىكى قۇياش شەھىرى لوپنۇرلۇقلار» نى تەشۋىق قىلىشىنى باش تېما قىلىپ بېكىتىش، « بايرام ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەپكىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق ئۈچ ئىشلەپچىقىرىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، ئاكتىپلىق بىلەن مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئىقتىسادنى تەڭشەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىساد  شەكلىنىڭ ئايلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تېخىمۇ چوڭ دائىرىدا تېخىمۇ كەڭ ساھە بويىچە لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، لوپنۇر مەدەنيىىتىنى ساياھىتىنى مەنبە قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى«غەربىي يۇرت نازۇ نىمەت شەھىرى» نى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن ئىقتسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى.

 شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە كاتىپى چېڭ گۈيفاڭ سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن بالشىقى، قوشۇمچە كاتىپ چېڭگۈيفاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: لوپنۇرلۇقلار كاۋاپ مەدەنىيتى جۇڭىۇا ئەنئەنىۋىي يېمەكلىك مەدەنييىتنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى، ئۇزاقن مانلاردىن بۇيان، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن بۇندىن تېخىمۇ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بۇ ئالاھىدە يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تۇنۇشتۇردى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ نازۇ نېمەت ۋە مەدەنىيىتىنى باشقا جايلارغا، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈردى.

 خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ يىغىش مۇراسىمى

تاماق ئېتىش ئۇسسۇلى

ئالىمجان خالىق كاۋاپلارغا باھا بەرمەكتە

لوپنۇر مەدەنىيىتى  كۆرگەزمىسى

مۇراسىم ئېچىلغان كۈنى، لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئەنئەنىۋىي سەنئەت ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندالدى، 116 نەپەر ئۆسمۈر 116 مېتىرلىق رەسىم سزىدى، لوپنۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلدى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كاۋىپى قاتارلىق ئېسىل مۇسابىقىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، مىڭلىغان مۇخبىر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.

 

 

 

مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3136

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-05-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 4دانە
  1. كىتاب 1989-يىلى 3-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان، ئىبراھىم نىياز.
    ‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار›دىگەن كىتابنىڭ ئۇلىنىشىنى قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن!

    • ببولىدۇ،مەن ھازىر سىرتتا ئۆگىنىشتە ئىدىم.يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئوڭشاپ قوياي.

    • «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى يېڭىلاندى. ئەمدى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  2. تەڭرىقۇت

    ئاللاھ لوپنورنى ۋە لوپنورلۇق قىرىنداشلارنى ئەخلەت ئادەملەرنىڭ لوپنورنى ئەخلەت قىلشىدىن ساقلىسۇن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: