6-نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى(1)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار! 2013-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى نىڭشانىڭ يىچۇەن شەھرىدە ئېچىلغان ”جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ ئېچىلدى. مەنمۇ بۇ يىغىننىڭ بىر قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يىغىن ھەققىدە تورداشلارغا ئاز تولا ئۇچۇر بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما خىزمەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ۋاقتىدا يازمىنى تەييارلاپ بولالمىدىم. گەرچە يىغىن ئېچىلغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ھەقتە دوستلارنى خەۋەردار قىلىشنى لايىق تاپتىم. بىر قىسىم تور بەتلەردە بۇ يىغىن ھەققىدە قىسقا ئۇچۇرلار ۋە سۈرەتلەر بېرىلدى. تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ خەۋەردار بولماقچى بولغىنى يالغۇز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى بولماستىن بەلكى، يىغىندا نىمىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، قانداق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلنغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. شۇڭا، دەسلەپكى قەدەمدە يىغىننىڭ ئچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن ئىككى پارچە نۇتۇقنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ نۇتۇقتىن يىغىننىڭ روھى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىشىڭلار مۇمكىن. يىغىن ۋە نىڭشادىكى ئېكىسكۇرسىيىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار جىددىي تەييارلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا  ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىلىدۇ.

 

 

جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى

جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى:تەۋەككۈل تىلىۋالدى

          ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار، خانىملار ئەپەندىلەر:

         بۈگۈن بىز جاڭنەندەك گۈزەل يىنچۈەن شەھرىگە جەم بولۇپ، جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىمىز، مەن بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن_ جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن، ياردەم بەرگەن شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، كەلگۈسى گوروھى مەدەنىيەت كېڭەيتىش جەمئىيىتى، دۇنيا جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگۇلۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى باش جەمئيىتى، خۇنەن، شىنجۇۋ فوتو ئىلىكتىر ئىنىرگىيە بايلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتىمەن؛ بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يىنچۈەندە ئېچىلدى، شۇڭا ئالدى بىلەن نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە ھەر مىللەت مۇتەخەسىس ئالىملارنىڭ قىزغىن قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بولۇپمۇ شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ياتاق، تاماق ۋە ئېكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن! رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەر، مىھمانلار ۋە دوستلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

         بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يەنە بىر قېتىملىق مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر،خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

        ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، يىغىنغا جەمئىي 60 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە تاپشۇرۋالدۇق. كۆپچىللىك ئۆزلىرىنىڭ ئىزدىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى قىزغىن قوللىدى ۋە يىغىنغا ئاكتىپ قاتناشتى. مەن تەتقىقات جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ۋە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي نامىدىن ئولتۇرغان ۋەكىللەرگە ۋە بارلىق خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

      جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى 1998-يىلى10-ئايدا، بېيجىڭدا تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئالتە قېتىم بولدى. ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بولۇپمۇ يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر-تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىشلىرىدا يېڭى تەتقىقاتلار بارلىققا كېلىپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى. ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر مىللەت مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئالىملىرى بىېيجىڭدا ياكى شىنجاڭدا بولسۇن، شۇ يەردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دوستانە غەمخورلىقىغا، پائال قوللىشىغا ئېرىشىپ، مىللەتلەر تارىخى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، مۇقام سەنئىتى، داستانچىلىق، ئۇسسۇل، ئۆرپ-ئادەت، دىنى تەتقىقات، نەشىرىيات –ئاخباراتچىلىق، كىنو-تېلىۋىزىيە، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش قاتارلىق تۈرلۈك سەھەلەردە، ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ كەلدى.

         ئۇيغۇر كادىرلىرى ئامما ئارىسىدا ”ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش“ مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن =سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە قان-تەرى ۋە ئەمگىكىنى سەرپ قىلدى. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارمۇ ئۆزىنىڭ زور تۆپىسىنى قوشتى.

        ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى، بىز شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتى جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت.بىز چوقۇم ماركىسىزىملىق تارىخى قاراش، مەدەنىيەت قارىشى ۋە مىللەت قارىشىنى توغرا تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي، دىئالىكتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن جاپالىق تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقات ساھەسىنى تىرىشىپ ئېچىپ، نەزىريىۋىي جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تەتقىقات ئەمەلىيىتى ۋە تەجىربىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقات دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىمىز لازىم. غەيرىي مەددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە، بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئىدىيە ۋە قىممەت قارىشى سېستىمىسى شۇنداقلا شەكىللەندۈرگەن ھېسىياتى، تونۇشى، ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتتا زور ئىستىقبالغا ئىگە. بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار، نۇرغۇن يېڭى تەتقىقات تېمىلىرى ۋە يىڭى ئىلىملەرنى ئالدىمىزغا قويدى، ۋەزىپىمىز ئېغىر، يولىمىز ئۇزاق. بىز چوقۇم دەۋىرنىڭ تەلىپى ۋە تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئالغا ئىلگىرلەپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز، شۇنداقلا دەۋىرنىڭ بىزگە تاپشۇرغان شەرەپلىك ۋەزىپىسى.

        مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار! مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.

           بىرىنچى، ئىدىيە جەھەتتە، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كوممىتېتىنىڭ ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كوممىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكلنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن ۋە تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجىرا قىلىشىمىز، توغرا سىياسىي يۆلىنىشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىدا چىڭ تۇرشىمىز كېرەك.

         ئىككىنچى، ئالىم، مۇتەخەسىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە ئىزدىشىمىز كېرەك. تەتقىقاتنى ھەر قايسى تەرەپتىن كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى تولۇق قېزىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتلىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، تۆھپىمىزنى قوشىشىمىز كېرەك.

          ئۈچىنچىدىن، مۇستەھكەم ئىلمىي ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ئەستايىدىل تەتقىقات پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، كەسپىي ساپا ۋە ئىلمىي سۈپەتنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كۆپ كىتاب كۆرۈپ، كۆپ ئويلىنىپ، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرشىمىز، نەتىجە قازىنىشىمىز كېرەك.

          تۆتىنچىدىن، دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي مەددىي مەدەنىيەت تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ بىزنىڭ ئۆزلۈكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، جاپالىق تىرىشىپ، ياش ئالىملارنى پائال تەربىيەلەپ، ئىلمىي تەتقىقات قوشۇنىنى  ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ياش ئالىملارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى پائال قوللىشىمىزغا ئېھتىياجلىق. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىمىزنى توختاۋسىز ئىلگىرلەتكىلى، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

         ئالىملار، يولداشلار دوستلار:

          جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى ئىزچىل پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ۋە غەمخورلىقىغا،  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. جەمىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ دېققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى. كۆپچىللىك تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، نەچچە كۈنلۈك چەكلىك ۋاقىتنى تولۇق قەدىرلەپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئەقىل –پاراسىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، دوستلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھەسسمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى يىغىندىن كېيىن يىغىن مۇتەخەسىسلىرى، ئالىملىرى بىلەن بىر قانچە مەخسۇس تېمىلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ماقالە ئوقۇپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىتا ئىلمىي قوغداش، ئىلمىي تەتقىقات ئۈستىدە كەڭ ئىزدىنىشىمىز كېرەك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ، ۋەكىللەرنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىشىنى، بەھۇزۇر سۆزلىشىپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، كۆپچىللىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىمىز چوقۇم كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى!

           ئاخىردا كۆپچىللىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن!

كۆپچىللىككە رەھمەت!

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئەسلىمە ۋە كەلگۈسىگە نەزەر

جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى: تۇرۇپ بارات

        مۆھتىرەم رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەر، دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:

           مەن جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان رەھبەرلەرنى، مۇتەخەسىس، ئالىم-ئۇستازلارنى ، دوستلارنى، خانىملار ۋە ئەپەندىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنىڭ ئىلھامىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كوممىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى. ئىقتىساد جەمئىيەت تېز راۋاجلىنىپ، ئىشلىرىمىزدا شانلىق مۇۋاپىقىيەتلەر بارلىققا كەلدى. تەتقىقات جەمئىيىتىمىز جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كوممىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا خۇشاللىنارلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتمەكچى ۋە كەلگۈسى ئىلمىي تەتقىقات پىلانى ھەققىدە ئازراق توختالماقچىمەن.

          بىرىنچى، ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز

         مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكى  ۋە غەمخورلىقى، يولداشلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، مەخسۇس ۋەزىپىلىك خادىم كەمچىل بولغان ئەھۋالدىمۇ زور مىقداردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. “ ئىلمىي تەتقىقاتنى چىڭ تۇتۇپ نەتىجە قازىنىش، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، كېڭەيتىش“ باش مەقسەتكە ئاساسەن تەشكىلىي قۇرۇلۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق:

               1.تەشكىلىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، جەمئىيەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەزالارنى تىزىملىتىش، ئارخىپ-ماتىرىيال تولۇقلاش، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردۇق؛ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئارخىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلىرىنى ئېنىقلاپ، كونكىرىت خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تاكاممۇللاشتۇردۇق ۋە قېلىپلاشتۇردۇق.

              2 . يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يىللىق تەكشۈرۈش، مالىيە ئىقتىسادىنى تەپتىش قىلىش، خۇلاسىلەش، ئىئانە مەبلىغى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدۇق.

             3. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇربان ھېيتلىق، نورۇزلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزدۇق.

             4. 2012-يىلى 7-ئاپىرىلدىن 16-ئاپىرىلغىچە جەمئىيىتىمىز جۇڭگۇ گۈزەل-سەنئەت سارىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگۇ گۈزەل-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، داڭلىق رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ ”تەڭرىتاغ روھى“ ناملىق گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىنى  ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كوممىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك ئەزاسى شۆھرەت زاكىر ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى. بېيجىڭدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە زاتلىرى كۆرگەزمىنى كۆردى. 2013-يىلى 7-ئايدا قەھرىمان قېيۇم مۇزىكا كېچىلىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

            5.“جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مەجمۇئەسى(6)“ نى تەھرىرلەش، تىزىش خىزمەتلىرىنى تاماملىدۇق، يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنىدۇ.

            6.تۇرسۇن ئايۇپ ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە ئۇنىڭ ”ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەسىلىلەر“ ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى تارقىتىش مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتۇق.

           7 .مەدەنىيەت كېڭەيتىش جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە تۈر تۇرغۇزۇپ، “ ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى“ ناملىق كىتابقا ماتىرىيال توپلاش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىنى پىلانلىدۇق؛ ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقاتنى باشلىدۇق؛ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى، تىل- يېزىق جەھەتلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق.

          8. ”زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر شەخسلىرى“ ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابنى ئىشلەشنى ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش خىزمەتلىرىگە تەييارلىق كۆردۇق ۋە كىرىشتۇق.

         ئىككىنچى، كەلگۈسىگە نەزەر

         ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەزمۇنى ئىنتايىن مول، كۆپ پەن، كۆپ ساھە گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولغان مۇھىم تەتقىقات پېنى، بۇ جەھەتتە تىرىشىپ ئىزدىنىشىمىز، توختاۋسىز ئىلگىرلىشىمىز ۋە تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا تولىمۇ زۆرۈر.

          شۇڭا ئالدى بىلەن تەتقىقات جەمئىيىتىمىزنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىك ئاپاراتىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپكە پىششىق، قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان، تەتقىقاتقا بېرىلگەن، پىداكارلىق روھىغا باي مۇنەۋەر ئىقتىساسلىقلارنى جەمئىيىتىمىزگە جەلىپ قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ۋەكىللىك ، ئىلمىيلىك خاراكتىرىنى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، يېڭى ئىلمىي ساھەلەرنى ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

          ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىلدا يۇقىردا دەپ ئۆتكەن تەتقىقات ساھەسىدە تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلاپ، تەتقىقات تېمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىمىزنى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرىشىمىز، دۆلەت ۋە مىلەتكە تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

        جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا، مول مەزمۇنغا، قۇدىرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەزەلدىن بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، تولۇقلىنىپ كەلدى، دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن نۇرغۇن يېڭى ئامىللارنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزلۈكسىز بېيىدى. يېڭى ئەسىردە مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى بولۇپمۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى ئەۋىج ئالدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى مەدەنىيەتنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى  بىلەن بىر قاتاردا قەد كۆتۈرگۈزۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىش يولىدا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

        بىز پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۈجى شى جىنپىڭنىڭ ”19-ئاۋغۇست“ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر مىللەت كەسپىي خادىملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي يىغىن ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار ماتىرىياللارنى يىغىپ توپلاپ تەتقىق قىلىشىمىز، دۆلەت ئىچى –سىرتىدىكى ئالىملار بىلەن بولغان ئىلمىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دۆلەت ئىچى –سىرتىغا تەشۋىق قىلىشىمىز، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش، رەتلەش ۋە ساقلاشقا مەسلىھەتچىلىك قىلىشىمىز ۋە ياردەم بېرىشىمىز، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە ئاپاراتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىشىمىز، ئىلىم سەركىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم.

       جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى ئۇيغۇر غەيرى مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا تېخىمۇ زور تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان مۇتەخەسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاساس خاراكتىرلىك، سېستىمىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يىغىش، توپلاش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن سېستىما قۇرۇلىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

        بىز ”جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مەجمۇئەسى ”نى داۋاملىق ياخشى چىقىرىشىمىز ۋە ماتىرىيال جەملەنگەن، ئۇچۇر ئالماشتۇردىغان، ئىلمىي تەتقىقاتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان مەئىشەتلىك باغقا ئايلاندۇرشىمىز كېرەك.

          جەمئىيىتىمىز ”ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى“ نامىدا يۈرۈشلۈك كىتاب نەشر قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ ۋە ئۇزاققىچە تەھرىرلەپ نەشىر قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە تۈر تۇرغۇزۇپ، كەلگۈسى گوروھىنىڭ باش دېرىكتورى، مەدەنىيەت كېڭەيتىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دۇڭ فاڭيى ئەپەندىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشتى، پىلانلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان زور قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، جۈملىدىن بىز ئېيتىۋاتقان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، دىنىي ئېتىقاد، ئىجتىمائى-ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش ھاياتى، ئائىلە ۋە كىشلىك ھايات تۈزۈملىرى، ئېكىلوگىيە، پەن-تېخنىكا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مۇقام مۇزىكىسى، تىل-يېزىق، ھۈنەر-سەنئەت، رەسساملىق، خەتتاتلىق، بىناكارلىق سەنئىتى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تارىخىي داڭلىق شەخىسلەر قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

           بىز يەنە “ زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر شەخىسلىرى“ ناملىق ئىككى قىسىملىق لۇغەت خاراكتىرلىك قورال كىتابنى تۈزۈش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، ھەر قايسىڭلارنىڭ بۇ كاتتا ئىشقا ئەقىل تەدبىر كۆرسىتىپ، تەسەۋۇرۇڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆپچىللىكنىڭ پائال قوللىشى ۋە قىزغىن ئىشتىراكى نەتىجىسىدە بۇ ئىلمىي پىلان ئوڭۇشلۇق روياپقا چىققۇسى.

          ئىنسانىيەت تارىخى ئېقىنىدا غەيرىي تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنسانىيەت جەمئىيىىتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئورتاق تەشكىل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ساقلىدى ۋە خاتىرلىدى. شۇ ئارقىلىق دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ھەر مىللەت خەلقى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چەمبەرچەس باغلانغان ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى( ئالايلۇق، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئورۇنداش سەنئىتى، ئەنئەنىۋىي بىلىم ۋە ئىقتىدار، شۇنداقلا بۇلارغا ئالاقىدار سايمان جابدۇق، بويۇم، قاتارلىقلار) ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقى ( يەنى ، ئەنئەنىۋىي ئادەتلەر بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋىي ۋە ئۈنۋېرسال ئەل ئىچى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى) نى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ھەر خىل بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈتلىقى ۋە تەرققىياتىغا باغلىق بولغان ئۆزگىچە مەۋجۈلۈق شەكلى، تۇرمۇش بىلىملىرى ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى نامايەن قىلىپ، مىللىي روھ ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

       بىزنىڭچە، ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۇزاق مۇددەتلىك، سېستىمىلىق ئىش، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، “ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى“ دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا ب د ت پەن –مائارىپ تەشكىلاتى ئىنسانلار ئاغزاكى تارقىتىپ، كۆڭۈلدە خاتىرلەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، شەكىلسىز، جانلىق ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت مىراسى دەپ تەبىر بېرىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەنىۋىيلىك ۋە ئەقلىيلىك جەھەتتە بەكرەك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بىزنىڭ روھىمىز، ھېس-تۇيغۇمىز ۋە تەپەككۇرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئۇقۇملاردىن ئايانكى، ئۇيغۇرلار تارىختا ياراتقان مول ۋە رەڭدار شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇنيا، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، بۇلار ئىچىدە دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن“ ئۇيغۇر مۇقاملىرى“ ، ”ئۇيغۇر مەشرەپلىرى“ قاتارلىق ئىنسانىيەت مەنىۋىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەتلىك مىراسلارمۇ بار، بۇ ئىسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىدۇر.

       غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئالاھىدىكى غەيرىي ماددىي بولۇش، سوبىكتى مۇرەككەپ بولۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان بولۇش، مىلليلىككە ئىگە بولۇش، رايۇن خاراكتىرلىك بولۇش، ئۆزگىچە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئادەتتە مەلۇم مىللەت، دۆلەت ۋە رايۇندىكى خەلقنىڭ ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ، ھەرىكەت شەكلى، قائىدە يۇسۇن، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلاردا كۆنكىرىت ئىپادىلىنىدۇ، ئۆزگىچىلىك، يىگانىلىق ۋە قايتا پەيدا بولماسلىق خاركتىرىگە ئىگە. بولۇپمۇ مىللىتىمىز ياراتقان ئىدىيە سېستىمىسى، قىممەت سېستىمىسى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرگەن ھېس-تۇيغۇ، ئاڭ ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، دوراش ۋە ئوخشىتىۋىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىباھا غەيرىي مەدەنىيەت سەمەرىسىدۇر. شۇڭا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلمىي قوغدىغانلىق ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت گېنى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسىنى قوغدىغانلىقتۇر. ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللەتلرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر بولۇپ، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز لازىم، بۇ مۇتەخەسىس-ئالىملىرىمىز ۋە دوستلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا مۇھتاج.

         يولداشلار، مۇتەخەسىس، ئالىملار، دوستلار! بىز بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ مەلۇم نەتىجە قازاندۇق، بۇ ئۇتۇقلار رەھبىرىي ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلىقى ۋە ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا جەمىيىتىمىز ئەزالىرىنىڭ پائال ئىشتىراكى ۋە قوللىشىنىڭ نەتىجىسى. قىلىدىغان ئىشىمىز تېخى كۆپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى تېما، يېڭى تەتقىقات ساھەلىرى بىزنىڭ جاپالىق ئەجىر-مىھنەتلىرىمىز ئارقىلىق تەتقىق قىلىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

         جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىشىنىمىزكى، پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز!

2013-يىلى 23-سىنتەبىر يىنچۈەن


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3456

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: