ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى

ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

 

 

«لوپنۇر ئەدەبىياتى» لوپنۇر ناھيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدا بولغان، ناھيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى چىقىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەنلەر تۈرىدىكى ئۇنۋىرسال ژورنال (ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدۇ) بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن ئۇزۇن مۇددەت ماقالە قوبۇل قىلىدۇ.

تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر: لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، لوپنور دىيالېكتى تەتقىقاتى، تارىخ-ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى،  يەر جاي ناملىرى ۋە تارىخى شەخىسلەر، ئەدەبىيات گۈلزارى، ناھيەمىزدىكى بايلىقلار… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ماقالە مەنبەسىگە قاراپ بەزى سەھىپىلەر داۋاملىق تەسىس قىلىنىدۇ.

   ماقالە قوبۇل قىلىش تەلىپى: ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرنىڭ ئىلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىيلىكى يوقىرى، سۈپەتلىك بولۇشى لازىم. بولۇپمۇ ئەسەرلەر چوقۇم ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەمگىكى بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقى، ئىلمى ماقالىلەرنىڭ پايدىلانغان ماتىرىيال ۋە ئىزاھلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولۇشى لازىم. يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردىن سىرت فوتۇ-سۈرەت ، ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەسەر ئەۋەتكەندە ئاپتۇرنىڭ ئىسمى، تەپسىلى ئادىرىسى(خىزمەت ئورنى ياكى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى)، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى قاتارلىقلار ئېنىق ئەسكەرتىلىشى لازىم. ئەسەر ژورنىلىمىز تەرىپىدىن ئىشلىتىلىنگەندىن كېيىن مەلۇم مىقداردا قەلەم ھەققى ۋە خاتىرە سۈپىتىدە ژورنالدىن بىر نۇسخا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.

   ژورنىلىمىزغا ماقالە ئەۋەتىش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە

   ئېلخەت: yuliwenxue@126.com     QQ: 249975770

   ئالاقىلاشقۇچى: ئەلى ئەمەت،  ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : 4021603، 15309969117

   ئالاقىلىشىش ئادرىسى: لوپنۇر ناھيەلىك ھۆكۈمەت بىناسى 6- قەۋەت 619- ئىشخانا.

                                       لوپنور ئەدەبىياتى تەھرىر بۆلۈمى

2-قېتىملىق شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ماقالە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

2-قېتىملىق شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى 2015-يىلى 5-ئاي ئەتراپىدا ئېچىش پىلانلاندى. يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىنغا بېغىشلاپ يېزىلغان مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىنماقچى. ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1. لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، لوپنۇر دىيالېكتى تەتقىقاتى، لوپنۇر تارىخ-ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، لوپنۇر يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتى ۋە لوپنۇرغا ئائىت شەخسلەر تەتقىقاتى… قاتارلىق مەزمۇنلاردا ماقالە قوبۇل قىلىنىدۇ.

2. يىغىنغا ئىلمىي ماقالە تاپشۇرغانلار ئاساس قىلىنىپ تەكلىپ قىلىنىدۇ.

3. ئەۋەتىلگەن ماقالىلار ئېلان قىلىنمىغان بولىشى لازىم.

4. ماقالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ھازىردىن باشلاپ 2015-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئەۋەتىلسە بولىدۇ.

5. ماقالە تاپشۇرۇۋېلىش ئادېرىسى:

Elhet adresi: lopnuredebiyati@126.com

QQ: 249975770

6. ئالاقىلاشقۇچى: ئەلى ئەمەت، تېلېفون: 15309969117

7. ئىشخانا ئادرېسى: لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى 6-قەۋەت 619-ئىشخانا

ھۆرمەت بىلەن

2-قېتىملىق شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسى

2014-يىل 9-ئاي، لوپنۇر


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3853

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-09-30
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 2دانە
  1. لوپنۇر يېنىمداتۇرسا، لوپنۇر تورى دىگەن خەتنىمۇ كۆرمىگىنىمدىن،ھەمدە تورغا كىچىكىپ كىرگىنىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم،ياندىكى كەسىپنىڭ قەدىرى يوق دەپ ،مەن ياخشى كۈرىدىغان لوپنۇر ناھىيەسى ،ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرسى،لوپنۇر خەلقىنىڭ ئۆرپە _ئادەتلىرى،لوپنۇر مەدەنىيتى، لوپنۇرنىڭ تىل ئالاھىدىلىگى،سەنئەت سۈيەر خۇشچاقچاق ئىلمى،مىھماندوست،ئىشچانلىغىنى،قۇلى ئۇچۇق ھۈنەر _ سەنئەتكە باي ئىكەنلىگىگە مەن قايىلبولغاچقا ، باشقىلار چەتئەلنى ساياھەت قىلسا،مەن لوپنۇرنى ساياھەت قىلىۋاتىمەن. ۋە ئۇلارنىڭ تۇنۇر كاۋاپلىرىنى،چىرايلىق ئايدەك مېزلىك توغاچلىرىنى ياقتۇرۇپ يىگەنلىكىم ئچۈن ،لوپنۇرنى ساياھەت قىلاتتىم،شۇڭا بۇ لوپنۇر تورىغا كىچىكىپ چىققانلىغىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.

  2. لوپنۇردا ئېچىلىدىغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 5 _ ئايدا ئېچىلىش ماقۇللۇنۇپتۇ. مەن بۇ خوشخەۋەرنى كۈرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. لوپنۇرنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى تۇلۇق بىلىپ كەتمىسەممۇ ، لوپنۇرغا ساياھەت قىلىش جەريانىدا ،نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالدىم،بۇنىڭدا كۆپەرەك بىلىدىغانلىرىم،كۆنچى دەرياسى _ لوپنۇر خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئانا دەريا ئىكەنلىگىنى بىلىمەن.ئاڭلىشىمچە ئىلگىرى كىشىلەر دەريادىن ئۈتۈش ئۈچۈن كۆۋرۈك يوق ئەھۋالدا ئىشەك مىنىپ ئۈتىدىكەنمىش،ھازىر تەرەققىيات چوڭ بولغاچقا مانا ھازىر كۆۋرۈكنىڭ ئىسىللىگى،كەچلىك مەنزىرسىنىڭ كىشىنى مەھلىياھ قىلىدىغانلىغىنى كۈرۈپ تۇرۇپتىمىز ھەمدە ساياھەتچىلەرمۇ لوپنۇرنى كۆرمىسە كورلىغا كەلگەندەك بولمايدۇ،پۈتۈن خەلقئارا دىكى ساياھەتچىلەرمۇ لوپنۇرغا،توغاچلىرىغا،تۇنۇر كاۋاپلىرىغا قىزىقىۋاتىدۇ،بىزمۇ ئاز دىگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ،لوپنۇر كاۋاپلىرنى يىيىش ئۈچۈن ئائىلە بۇيىچە بېرىپ كىلىۋاتىمىز.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: