بۇ ئالدامچىلىقتىن ئاگاھ بۇلۇڭ!

 

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!سۆيۈملۈك قېرىنداشلار! پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشكەنسىرى بىزگە نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلار يارتىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپىيوتىر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىزنىڭ ئالاقە، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئىشلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ. ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ۋە يامان ئىككى تەرىپى بولغاندەك، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر قىسىم سەلبىي تەسىرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. بۇ خۇددى ھەمىمىزگە تونۇشلۇق بولغان خەلقئارالىق كاتتا مۇكاپات تەسىس قىلغۇچى نوبىلنىڭ پارتىلىتىش دورىسىنى ئىنسانىيەتكە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ ياسىغان بولسىمۇ(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نوبىل پارتىلىتىش دورىسىنى كان ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگەك يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ياسىغان ئىكەن)، ئەمما ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدا ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلەتكەنلىكىدەك بىر ئىش. ئەمىلىيەتتە ياخشى، خەيرلىك ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن زىھىن ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجاد قىلىنغان تېخنىكىلار نۆۋەتتە بىر قىسىم ناكەس كىشىلەرنىڭ قولىدا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزدىغان، جىنايەت ئۆتكۈزدىغان، ئالدامچىلىق قىلىدىغان رەزىل قورالغا ئايلىنىپ قالماقتا. سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئاتالمىش“ئەقىللىق“كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلاقلىق ياكى ياخشى كىشىلەر ئەمەس. قېنى قايسىمىز زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ياساپ كىشىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ، خىلمۇ-خىل يوللار بىلەن باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، ئۆز مەنپەئتى ئۈچۈن باشقىلارنى توزاققا دەسىتىۋاتقان كىشىلەرنى دۆت دېيەلەيمىز؟ ئۇلار دۆت كىشىلەر ئەمەس، ئەمما، ئەخلاقسىز كىشىلەردۇر. بىلىم باشقا ئىش، ئادەم بولۇش باشقا ئىش. بىلىمنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىگەللىگەن ھەم شۇ يولدا توختىماي ئىزدەنگەن، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن كىشىلەرلا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەخلاقلىق كىشىلەردۇر. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتىگە باھا بېرىشتە يالغۇز بىلىمىگە قاراپ ئەمەس، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-يەتكۈزمەسلىكى، ئائىلىسىگە كۆيۈنۈش-كۆيۈنمەسلىكى، دوست-بورادەرلىرىگە ياردەمدە بولۇش-بولماسلىقى، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش-قىلماسلىقىغىمۇ قاراش كېرەك. جەمىيىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە خىل يىللاردىن بۇيان ئەمەلىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بالىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيەلىنىشى ، ئادەم بولۇش يوللىرىنى ئۆگىتىش تەربىيىسىگە سەل قارالغان ئىدى. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەر كىشىلەرنى ئويلاندۇرماي قالمىدى.نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاقى تەربىيەگە سەل قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن مائارىپ مۇتەخەسىسلىرى مائارىپتا بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىگىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە ھەم يېتىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلە، جەمىيەت ۋە مەكتەپتە ئالغان تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭىلاشقا، ھەممىمىز ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىز ياخشى ئادەم بولۇش، باللىرىمىزنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۈچۈن كۈچىسەك، جەمىيەتتىكى بىز قاقشاۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەتتا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالىشىمىز مۇمكىن.

قىسقىسى مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشىمغا بىر نەچچە كۈن بۇرۇن چ چ دا يۈز بەرگەن كىچىككىنە ئىش سەۋەب بولدى. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئىشلەيدىغان يېقىن بۇرادىرىم، ساۋاقدېشىم بار ئىدى. تۇيۇقسىز چ چ دا خەت يېزىپ قالدى. ئادەتتە بۇ بۇرادىرىم بىلەن پاراڭلاششاق، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتەتتۇق. قارىسام بۈگۈن ئۇ خەنچە خەت يېزىپ قالدى. مەن ئادىتىم بويچە يەنىلا ئۇيغۇرچە خەت بىلەن سالام قايتۇردۇم. ئۇ يەنىلا خەنچە خەت يازدى. شۇڭا مەنمۇ كىرگۈزۈش كونۇپكىسىنى خەنچىگە تەڭشىدىم. پاراڭلىشا-پاراڭلاشماي ئۇ مەندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. مەن قولۇمدىن كەلسە چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ مەندىن بىر دوستىنىڭ ماشىنا بىلەن ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ،دوستىغا قەتئىي ياردەم قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى شۇڭا جىددىي پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى، پۇلنى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بۇرادىرىمنىڭ مەندىن تۇنجى قېتىم پۇل سورىشى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم. ھەمدە نەچچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ ماڭا 7000 يۇەن بېرىپ تۇرۇشۇمنى پۇلنى ئۇدۇللا دوستىنىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، مەندە ھازىرچە راستىنلا بۇنچىلىك نەق پۇل يوق ئىدى. شۇڭىلاشقا، بۇنچىلىك پۇلنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ، خىجىللىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ مەندە قانچىلىك پۇل بارلىقىنى سورىدى. مەن ئۆيدە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر-ئىككى مىڭ يۇەن بارلىقىنى ئېييتىم. تاكى مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ئۇنىڭدا زىنھار گۇمان قىلماپتىمەن. تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن خىيالدىن ئۆزۈمنى سەل توختىتىۋالدىم. بۇ بۇرادىرىم ئەمەلىيەتتە يۈزى شۇنداق تۆۋەن، كەم سۆز، باشقىلارنى تەڭلىكتە قويۇشنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدىغان بالا ئىدى. لېكىن چ چ دا ھازىر مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بۇ ”بۇرادەر“ بولسا، ھەدەپ ماڭا بېسىم قىلىپ، مەندىن دوستىنىڭ كارتىسىغا پۇلنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ قېلىنلىق بىلەن مېنى تەڭلىتە قويۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن سەزگۈرلۈكۈمنى سەل ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ماڭا ھازىرلا تېلېفۇن قىلىشنى ، تېلېفۇندا كۆرۈشكەندىن كېيىن چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ يەنە باھانە كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئالدىراشچىلىقتا تېلېفۇننى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ چوقۇم تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ھازىر دەرھال دوستىنىڭ كارتىسىغا پۇلنى ئاغدۇرۋېتىشىم كېرەكلىكىنى ئيتتى. مانا شۇ چاغدىلا دوستۇمنىڭ چ چ سىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىدىن سەل گۇمان قىلدىم. لېكىن ، ئۇنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىگە يەنىلا جەزىم قىلالمىدىم. چۈنكى، ئادەمنىڭ بېشىغا قانداق قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى كىم بىلسۇن دەيسىز. مېنىڭ ئويلىغىنىم، بەزىدە تېلېفۇندا ياكى يۈز تۇرانە تۇرۇپ دېگىلى بولمىغان گەپلەرنى چ چ دا بىمالال دېيىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بەلكىم دوستۇم بۇ باشقىلارنى تەڭلىتە قويدىغان ئىشنى بىۋاستە دېيىشكە خىجىل بولغان بولىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى خىيالمىغا كەلتۈردۈم. شۇڭىلاشقا، ئۇنىڭدىن تېلېفۇن كېلىشنى كۈتتۈم. تېلېفۇن جىرىڭلىسىلا جىددىي ھالدا تېلېفۇننى ئالاتتىم. لېكىن بۇ تېلېفۇنلار باشقا تونۇشلاردىن كەلگەن بولۇپ چىقاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىسى تېلفۇن قىلمىسا ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفۇن قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەچ ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دەپ تۇراتتىم. چۈشتىن ئازراق ئۆتكەندە، دوستۇمنىڭ چ چ رىمغا يازغان ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، گۇمانىمنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدىم. تۆۋەندە  مېنى توزاققا دەسسەتمەكچى بولغان ”بۇرادىرىم ”بىلەن قىلغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باققايسىلەر:

كۆزنەكنى تىتىرىتىپ مېنىڭ جاۋاب قايتۇرشۇمنى تەلەپ قىلدى

دوستى ئۈچۈن مەندىن پۇل ئۆتنە ئالماقچى بولدى

 قانچە پۇل كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەن خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆزرە ئېيتتىم

 ئۆزىنىڭ ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، مېنىڭ گۇمانىم دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى

ئۇنىڭدىن تېلېفۇن ئۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم، تۇتامغا چىقمايدىغان باھانە كۆرسىتىشكە باشلىدى

ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ئيېتىپ تۇرۋالدى، مېنىڭ سەزگۈرلۈكۈم تېخىمۇ ئاشتى

ئەتىسى دوستۇمدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى كەلدى، بۇ ئالدامچىنىڭ ئالدامچىلىقى پاش بولدى

دوستۇم بارلىق بۇرادەرلەرگە چ چ سىنىڭ ئوغرلانغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

شۇنداق قىلىپ بۇ ئالدامچىنىڭ ساختىلىقى پاش بولدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ئىش كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ھەر قېتىم  چ چ نى ئاچقان ۋاقتىمدا ئۇشۇ نەپسانىيەتچى ئەبلەخكە غەزىپىم ئۆرلەتتى. شۇڭا ، باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ مۇشۇنداق بىرەر ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال بۇ يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم. شۇڭا ، دوستلارنىڭ سەزگۈر بولىشىنى ئالدىراپ چ چ دا قارشى تەرەپكە پۇل-پۈچەك سېلىپ بەرمەسلىكىنى سەمىمىي ئاگەھلاندۇرىمەن. مۇمكىن بولسا چ چ رىڭلارنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى خەت ۋە سان ئارىلىشىپ كەلگەن ياكى ئۆزۈڭلار بىلىدىغان  بىخەتەر ئۇسۇللار بىلەم مۇستەھكەملىۋىلىڭلار. بۇ ئۇچۇرنى چ چ توپلىرىدا تەرقىتىپ، باشقا قېرىنداشلارنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قويساڭلار. ئاللاھ، ھەمىمىزگە ئاسانچىلىق بەرسۇن، يامان نىيەتلىك بەدبەختلەرنىڭ رەزىل مەقسىتى ئىشقا ئاشمىسۇن.  مۇشۇنداق ناكەس ئالدامچىلارغا بولغان نەپرىتىمنى تۆۋەندىكى مىسرالىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇمەن:

ھارام يولنى تاللىغان، ھارام نىيەت ئالدامچى،

رەسۋالىقىڭ شەنىگە مىڭلاپ لەنەت ئالدامچى.

ئىشقا ئاشماس ھەرگىزمۇ  خىياللىرىڭ، پىلانىڭ،

ھىدايەتتىن چەتنىگەن شەيتان سۈپەت ئالدامچى.

ئاق يوللارغا يولىما قارا قاسماق پۇت بىلەن،

سەسكىنىمىز سېنىڭدىن سۆرۈن تەلەت ئالدامچى.

سەمىرتمەكنى ئىستەپسەن تويماس بالا نەپسىڭنى،

ئالدامچىلىق مەرەزدۇر، يامان ئىللەت ئالدامچى.

توزاق قورۇپ يۈرۈپسەن، بۇنى توغرا بىلىپسەن،

ئۆز ئۆزڭگە قېزىپسەن ئورا- لەھەت ئالدامچى.

تالاي ئادەم كۆزىدىن ياش چىقىرىپ ئايانماي،

قارغىشلارنىڭ ئىچىدە ئۆلدۈڭ رەت-رەت ئالدامچى.

گەر يولۇڭدىن يانمىساڭ، نىشانىڭدىن تانمىساڭ،

بۇ قىلمىشىڭ دوزاققا بولار بېلەت ئالدامچى.

مەيلى ئەر بول ، ئايال بول بۇنى ئەستىن چىقارما،

ئىتقا ۋاپا، ئادەمگە كېرەك  خىسلەت ئالدامچى.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3103

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 5دانە
  1. تۇران تېكىن

    شۇڭا مەن «ئالىم بولغۇچە ئادەم بول» دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە.
    بۇنداق ئىشقا كەلگەندە تۈز نىيەت، ساددا كىشىلەر ئاسانلا ئالدىنىپ كىتىدۇ.
    لوگورىڭىزنىمۇ ئوڭشىۋالدىم.

  2. راست ھازىر بۇنداق ئالدامچىلىقلار بەك كۆپ شۇڭا ئېھتىيات قىلايلى

  3. تەڭرىقۇت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرلىق قىرىنداشلار. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم. ماڭمۇ بىر دوستۇمدىن ئىنگىلىسچە خەت كەپتۇ پۇل سوراپ. مەنمۇ ھەيران قالغانتىم ئ رەخمەت تىما ئىگسىگە

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!بۇ ھەممىمىز ئاگاھ بولىدىغان ئالدامچىلىقتۇر.بىر قىسىم كىشىلەر ئەجىر قىلماي تۇرۇپ نىممەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن بۇ خاتا يولدۇر.بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىقلارنى ئەسكەرتىش ھەر بىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

  4. ماڭىمۇ بىر ئالدامچى تېلىپۇنىڭىزغا مۇكاپات كەلدى، 5000 يۇۋەن تاپشۇرسىڭىز سىزگە 50000 يۈۋەن پۇل ئېۋەتىمىز دىسە بالىلىرىم خوشال بولغانتى،بىراق بۇنداقمۇ ئىش بۇلامدۇ ؟ _ دەپ ئىشەنمىدىم.ھەمدە پۇل ئەۋەتمىدىم،لىكىن بالىلار 5000 يۇۋەن ئەۋەتەيلى دەپ تۇرىۋالدى،مەن قارشى تۇردۇم ،

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: