«تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»ئېچىلدى(1)

 

 

 

2011-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر تېلفۇننى قۇبۇل قىلدىم،تېلېفۇن چەرچەندە خىزمەت قىلىۋاتقان قۇمۇللۇق شائىرە رىسالەت مەرداندىن كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا قىسقىلا ئەھۋاللاشتىم. ئۇ مەندىن ”لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى“دېگەن كىتابنى تاپقىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. مەن ئەلۋەتتە، ”جىددىي لازىم بولسا، بىرنى تېپىپ بېرەي“دېدىم. ئۇ ماڭا رەھمەت دېگەچ،ئۇرۇمچىدىن قايتىپ كەلگەندە ئېلىپ قايتىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئۇنىڭغىچە مەنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ كىتابنى تېپىپ قويدۇم.ئۇ ئالاھەزەل ئون كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ماڭا تېلېفۇن قىلدى. بىز كورلا شەھرىدىكى چوڭبازارنىڭ ئالدىدا كۆرۈشتۇق. ئۇ شۇ چاغدىلا ماڭا 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى لوپنۇردا ”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“بارلىقىنى، كىتابنى شۇ يىغىنغا ماقالە تەييارلاش ئۈچۈن سورىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەر مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇردى. لوپنۇرلۇق بولغانلىقىم، لوپنۇر مەدەنىيەت ھەم تارىخىغا ئالاھىدە قىزىققانلىقىم ئۈچۈن دەرۇلا بۇ يىغىنغا باشقىلارنىڭ قاتناشسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ ماڭا ”بۇ خەۋەرنى ماڭا چاقىلىق پوچتا ئىدارىسىدىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى غالىپ بارات ئاكا يەتكۈزدى. مەن ئۇنىڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرىنى ئېيتىپ بېرەي ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ“دېدى. ئويگە قايتىپ كېلىپلا كومپىيوتىرنى ئاچتىم.مۇڭداشقۇنى ئېچىپ غالىپ ئاكىنىڭ مۇڭداشقۇسىغا دوستلۇق تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتىۋەتتىم. ئۇ تېزلا مېنى قوشۇۋالدى.ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتنى ھەم بىزنىڭ ماقالە قاتناشتۇرساق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورۇدۇم.ئۇ ئۆزى بىلىدىغان دائىرە ئىچىدە ماڭا ئەھۋالنى ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈردى. ماقالە تاپشۇرۇش ۋاقت سۈرۈكىگە بىر ئايلا قالغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىن بوش ۋاقتىم چىقسىلا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈش،تاللىغان تېمامنى قايىل قىلارلىق ئىسپات ۋە دەللىلەر بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلدىم. چۈنكى، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلدىغان ماقالىلەر قاتتىق تاللاش ۋە شاللاشتىن ئۆتىشى كېرەك ئىدى. ماقالىنى تاپشۇرۇش سۈرىكىگە ئىككى كۈن قالغاندا ئاران پۈتتۈردۇم. ئارلىقتا كروران ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.ئۇ ماڭا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى تەتقىقاتچى،ئېكىسپىدىتسىيىچى،شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ئۆمەرجان ئىمىن ئاكىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن.ھەم ماقالىنى بىۋاستە شۇ كىشىگە تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ماقالىنى يوللىۋەتتىم.يوللىغان ماقالەمنىڭ تېمىسى ”لوپ چىگىسى ۋە ئۇنىڭ لوپنۇر خەلقىنىڭ ئىجتىائىي تۇرمۇشىدا ئوينىغان رولى“ناملىق ماقالە ئىدى. ئارىدىن بىر ئايدىن ئۇشۇقراق ۋاقت ئۆتكەندە، ئۆمەرجان ئاكا مۇڭداشقۇ ئارقىلىق ماقالەمنىڭ تاللانغانلىقىنى يىغىننىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېچىلىدىغانلىقىنى،يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپنامە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.خۇشال بولۇشۇم بىر پارچە ماقالەمنىڭ يىغىنغا ئاتاپ چىقىرىلغان ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزلگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى، بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ نۇرغۇن ئاتاقلىق تەتقىقاتچى ئالىملار بىلەن ئۇچىرىشىش، ئۇلارنىڭ لوپنۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن تەييارلىغان ئېسىل ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئىدى. كۈتكەن پەيت ئاخىر يىتىپ كەلدى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى يىغىنغا قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. يىغىن 10-ئاينىڭ 22-،23-كۈنلىرى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەردار بولدۇم. تەققازالىق بىلەن كۈنكەن ۋاقىت ئاخىر يىتىپ كەلدى.21-چېسلا لوپنۇر مېھمانخانىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ياتاققا ئورۇنلاشتۇق.تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتا ھەر بىر يىغىن قاتناشچىلىرىغا يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك قوللانمىلارنى تارقىتىش بىلەن بىرگە لوپنۇر قالپىقىدىن بىر دانە، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆينەكتىن بىردانە،“ لوپنۇر تارىخى ماتىرىياللىرىدىن تاللانمىلار“ناملىق كىتابتىن بىر پارچىدىن تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. تۇنجى كۈنى كېلىپلا ئېرىشكەن بۇ قىممەتلىك سوۋغىلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. شۇ كۈنى كەچتە لوپنۇر مىھمانخانىسدا كۈتۈۋېلىش تامىقىغا داخىل بولدۇق. تاماق جەريانىدا، يىغىنغا كەلگەن داڭلىق ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم. يىغىنغاجوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنڭ تەتقىقاتچىسى لاڭيىڭ خانىم(ئەسئەت سۇلايمان مۇئەللىمنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، پروففىسور ئازاد سۇلتان مۇئەللىم، شائىر ، تەرجىمان ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى، داڭلىق رەسسام ئابدۇشۈكۈر نەسىردىن، ئۇستازىم ئارسلان ئابدۇللا،  يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، ئابدۇكېرىم راخمان، ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانى، غەيرەتجان ئوسمان ئوتىغۇر، ئوسمان ئىسمايىل تارىم،تۇرسۇن قۇربان تۈركەش، ئابدۇشۈكۈر موللەك، ئابلەت نۇردۇن، داڭلىق ئارخىلوگ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل،دىلمۇرات ئۆمەر، ئابدۇبەسىر شۈكۈر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەركىن ئارىز، ئابدۇۋەلى ئەلى، ئابىلجان ھېيىت،مۇھەممەد باغراش، ئەكبەر غولام،ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەخمەت سۇلايمان،ھاشىم تۇردى. كۈرەش رەجەپ،پولات ھېۋزۇللا، غالىپ بارات ئەرك،ياسىن مۇخپۇل،مۇھەممەد سالىھ مەتروزى، مەخمۇت سۇلايمان، ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن (كىشى ئىسىملىرى ئېسىمدە قالغىنى بويىچە تىزىلدى) قاتارلىق تەتقىقاتچى، يازغۇچى، سەنئەتكارلارمۇ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن قېيۇم باۋدۇن، غۇپۇر ئابدۇللالارمۇ قاتناشقان ئىدى. كەچلىك تاماق ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمايلا تارقاشتۇق.ئادەم كۆپ بولغاچقا، يىغىن قاتناشچىلىرى ئۈچ مىھمانخانىغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەتىسى سەھەر سائەت 6دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە مەخسۇس ئاپتۇبۇس بىلەن يىغىن ئېچىلىدىغان جايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. دەسلەپ يېرىم سائەت ئەتىراپىدا يېڭىدىن سېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ ياردەم مەبلىغى بىلەن سېلىنغان لوپنۇر ناھىيەلىك ئاممىۋىي مەدەنيەت سارىيىنىڭ لېنتا كسىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. ئاندىن زالغا كىرىپ، ئۆزىمىز خالىغان جايدىن مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ ئولتۇردۇق. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى سۇلايمان ھۈسەيىن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئازاد سۇلتان، غەيرەت ئاسىم، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئسى دىلشات ئاكىلار سۆز قىلدى. قېيۇم باۋدۇن يىغىننىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

قېيۇم باۋدۇن غۇپۇر ئابدۇللالار رەئىس سەھنىسىدە

لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى سۇلايمان ھۆسىيىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

 

-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر كۈن ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش،كەچتە ”قۇياش يۇرتىدىكى مىلودىيە“ناملىق مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى،23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ئۇزۇنلىقى 1600 مېتىردىن ئاشىدىغان قولدا توقۇلغان دۇنيا جىنىس رېكوتىغا كىرگۈزۈلگەن پالازغا گۇۋاھنامە بېرىش مۇراسىمى،لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ساياھەت ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلىش، لوپنۇر ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى كۆرگەزمە زالىدا ئابدۇكېرىم نەسردىن باشچىلىقىدىكى رەسساملارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى، داڭلىق خەتتات ئەرشىدىن رېشىتنىڭ لوپنۇر تېمىسىدىكى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ۋە بىر قىسىم يەرلىك فوتۇگىرافلارنىڭ لوپنۇر خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان فوتو ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى، يېپىلىش مۇراسىمى، ئۇزىتىش چېيى ….

 

   22-كۈنى ئەتتىگەندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا لايىڭ خانىم، چۈشتىن كېيىنكىسىگە ئازاد سۇلتان مۇئەللىملەر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا سۆزگە چىققانلار ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل(تېمىسى:كروران رايۇنى ئارخىلوگىيىسىدىكى ھالقىلىق بۆسۈش-كىچىك دەريا ئارخىلوگىيىسىدىكى يېڭى بايقاشلاردىن لوپنۇر كۆلى غەربىي جەنۇبىنىڭ قەدىمكى مۇھىتىغا نەزەر)، تۇرسۇن كېرەم(تېمىسى:لوپلۇقلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتى،ئۆر-ئادەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئىگىلىگىدىكى بەزى مەسىلىلەر)، ئابدۇكېرىم راخمان(تېمىسى:لوپنۇر زىيارىتىدىن تۇغۇلغان ھېسلار)، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر(تېمىسى:لوپنۇر دىيالىكتىدىكى قەدىمكى سۆز تەركىبلىرى توغرىسىدا)، غەيرەتجان ئوسمان(لوپنۇر تەتقىقاتىغا دائىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان ماتىرىياللار ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمىلىك تەقرىز)، ھاشىم تۇردى(تېمىسى:لوپنۇر تەلەپپۇزى ھەققىدە)، ھۇشۇر ياقۇپ(تېمىسى:لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆزگىچە تاماق تۈرلىرى ۋە قوشۇمچە ئۇزۇقلۇقلىرى توغرىسىدا)، ئابدۇبەسىر شۈكۈر(تېمىسى:لوپنۇر خەلق داستانى“ئاق ئۈلەمبەردىخان“دىكى ئات ئوبرازى)، ياسىن مۇخپۇل(تېمىسى:لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى توغرىسىدا)، كۆرەش تاھىر(تېمىسى:لوپنۇر دىئالىكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە)، يۇنۇسجان ئېلى (تېمىسى:لوپنۇرنىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما)، ھەسەنجان ئابلىز(تېمىسى:مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىن لوپنۇر قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرىغا نەزەر)، رىسالەت مەردان(تېمىسى:لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە)، شېرىپ موسا(تېمىسى:لوپنۇرلۇقلارنىڭ يۇڭ-توقۇلما سەنئىتى توغرىسىدا) قاتارلىقلار.

ئابدۇكېرىم راخمان ئىلمي دوكىلات بەرمەكتە

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇۋاپىقىيىتى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى لوپنۇرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بولدى. ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇ بولدىكى، يىغىنغا ئاتاپ جەمئىي تۆت كىتاب ۋە مەخسۇس بىر سان ژورنال چىقىرلىپتۇ. تۆت كىتاب: لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ ماقالىلەر توپلىمى(ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى كىتاب)، لوپنۇر تارىخ ماتىرىياللىرىدىن تاللانمىلار دىن ئىبارەت. بىر ژورنال : شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانى.

 

ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە توپلامنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى تارقىتىلغان بولۇپ،رەسمىي نەشىرى يەنە بىر ئايدىن كېيىن نەشىردىن چىقىدىكەن. بۇ ئىككى توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەر تۆۋەندىكىچە:

 

خەنزۇچە توپلام

 

لوپنۇر ناھىيەسىگە مەخسۇس بېغىشلانغان ”شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى“ۋە ئۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

يىغىنغا ئاتاپ چىقىرىلغان ”لوپنۇر تارىخى ماتىرىياللىرىدىن تاللانما“ناملىق كىتاب

-كۈنى كەچتە ”قۇياش شەھرىدىكى مىلودىيە“ ناملىق لوپنۇر ناھىيىسى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىك ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ،كېچىلىكتە لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت ئامىللىرى نامايەن قىلىنىش بىلەن بىرگە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈردىغان نۇمۇرلار ئورۇنلاندى. ئاساسلىق نۇمۇر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە.

 

مەزكۇر ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر يەنە ئايرىم تېما قىلىپ يوللىنىدۇ، قىزىقساڭلار داۋاملىق دېققەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر.

 

مەزكۇر يازمىنى رۇخسەتسىز باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەڭ!

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2521

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-11-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 3دانە
  1. بىزنىڭ مالىم لوپنۇرغا بېرىپ ياخشى قىپتىمەن، بارمىغان بولسام ئارماندا قالاركەنمەن دەپ يۈرگەنتى بورناكۇن، ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەن -دە ! بىزگە دەپمۇ قويمىغىنىنى دەيمەنا ما مالىمنىڭ!

    • بىر ھون ئەپەندىنىڭ ئۇستازى كىم بولىدىكىن؟ئەگەر كەلگەن بولسىلا ئوبدان بىر ھال-مۇڭ قىلىشاركەنمىز.ئاللاھ خالىسا، كېيىن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولۇپ قالار.

  2. مەنمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ بەك خوش بولدۇم. داۋامىنى ساقلايمىز.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: