لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى ئالدىدا(سۈرەتلىك)

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى ئالدىدا

2011-يىلى 5-ئايدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىر ئايغا يېقىن تۇرۇپ قالدىم. بۇ يەردىكى خىزمىتىم گەرچە بەك جىددىي بولسىمۇ، جىددىيلىك ئىچىدىن يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ،ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم مەدىنى يادىكارلىقلار ۋە موھىم ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئازتولا كۆرۈش ۋە ئارىلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بىر قىسىم جايلارنىڭ گۈزەل مەزىرلىرىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندىم. تەرەققىياتنىڭ ئاقسۇ خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. ئەمما بىر قىسىم جايلارغا بارغاندا كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ، ئۈنسىز ئىزتىراپ چېكىشكە مەجبۇر بولدۇم. مېنى ئەڭ ئاۋال غەمنىڭ كويىغا سالغىنى مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى بولدى.

يەكشەنبە كۈنى سەھەردە بىز چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەت پۇكىيىدە ئىشلەيدىغان يىگىتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى كۆرگۈمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق. ئۇ بىر خىل ھەيران قالغان ھالدا: “ ئۇ ئەسكى تاملىققا بېرىپ نېمە قىلىسىلەر، ئۇنىڭ ئەتىراپىنى ھازىر چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنى ۋە بارلىق قەبرىلەرنى ھۆكۈمەت يۆتكىمەكچى بولىۋاتىدۇ“ دېگەن جاۋاپنى بەردى. بىر خىل كۆڭلىمىز يېرىم بولغان ھالدا مېھمانخانىدىن چىقتۇق. لېكىن لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈش ئىستىكىمىز كۈچلۈك بولغاچقا، يەنىلا نىيتىمىزدىن يانماي،چوڭ يولغا چىقىپ تاكسى توسۇشقا باشلىدۇق. ئۇدا ئۈچ تاكسى شوپۇرى ”ئۇ يەرگە بارمايمىز“ دېگىنىچە كېتىپ قالدى. تۆتىنچى تاكسىنى توستۇق. تاكسى شوپۇرى 40 ياشلار ئەتىراپىدىكى خۇشچىراي كىشى ئىكەن. ئۇ گىپىمىزنى ئاڭلاپ، سەل تۇرۋالغاندىن كېيىن “ قېنى، چىقىڭلار ئۇكىلىرىم. بىر ئامال قىلىپ سىلەرنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ قويىمەن“ دېدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ نەق ئوتتۇرسىغا جايلاشقان قەبرىستانلىقنى بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ، ئاخىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىگە بارغىلى بولىدىغان كوچىنى تاپتۇق. تاكسى شوپۇرى بىزنى چېقىلىپ ۋەيران قىلىنغان كونا ئۆيلەر بار بىر جايغا ئېلىپ كەلدى-دە، ھەمدە،“ مەن مۇشۇ يەرگىچە ئەكىلىپ قويالايمەن، قالغىنىنى ئاۋۇ تەرەپتە تېخى كۆچۈپ كەتمىگەن بىر قانچە ئائىلىلىك بار،شۇلاردىن سوراپ بېقىڭلار“ دېدى. بىز پۇلنى بېرىپ، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ چۈشۈپ قالدۇق. چېقىۋىتىلگەن ئويلەرنى ئارىلاپ بىرەر كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدا ئويناپ يۈرگەن ئۈچ-تۆت كىچىك بالا كۆرۈندى. ئۇلار بىزگە بىر خىل ھەيرانلىق ھەم يىتىرقاش نەزىرىدە تىكىلگىنىچە ئويناۋاتقان ئۇيىنىنى توختىپ قاراپ قالدى. بەلكىم، كۆڭلىدە ”بۇ يۇچۇن ئادەملەر بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەندۇ؟“ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. بىز ئۇلارغا ئونبەش مېتىرچە قالغاندا، ئۆيىگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ،چوڭلىرى كىچىكلىرىنى تارتقىنىچە مېڭىشقا باشلىدى. ئاخىرقى ئۈمىدىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،“ئۇكىلىرىم، قورقماڭلار! بىز بىر يەرنى سىلەردىن سورىماقچى ئىدۇق“دېدىم ئۇلارنى توختىتىشقا ئالدىراپ. ئارىدىكى يېشى چوڭراق بىر بالا سەل خاتىرجەم بولدى بولغاي قەدىمىنى توختاتتى. ”ئۇكام لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى قايسى تەرەپتە؟“ دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا سىپايىلىق بىلەن. ئۇ گەپ قىلماستىن چېقىپ ۋەيرانە قىلىۋىتىلگەن،ئالدىدا ئۈچ-تۆت تۈپ دەرەخ بار بىر ئۆينىڭ كەينىنى ئىشارە قىلدى. ئاڭغىچە يېنىمدىكى ھەمرايىم:“ ئۇكام، بىز ساڭا پۇل بېرەيلى،بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ ئاپرىپ قويساڭ بوپتىكەن“ دېدى.بۇ چاغدا بالىلارنىڭ ئەندىكىشى خېلىلا بېسىققان بولۇپ، بىر نەچچىسى تەڭلا“ بىز سىلەرنى باشلاپ بارايلى“ دېدى-دە، بىزگە يول باشلاپ ماڭدى. بەش مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن، ئەتىراپىدىكى باشقا قەبرىلەردىن سەل پەرقلىنىدىغان بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى ئىدى.

قەبرە بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك ئۇنچە ئېسىلمۇ ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرسىدا بىر گۈمبەز بار بولۇپ، ئەتىراپى پاكار رىشاتكىلىق قورشاۋ تام بىلەن قوپۇرۇلغان(بەلكىم بۇ قورشاۋ تام ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرپىدىن قوپۇرۇلغان بولسا كېرەك)،ئەتىراپىغا بىر نەچچە تۈپ تېرەك قويۇلغان ئىدى.گۈمبەزنىڭ كەينى تەرپىگە“ئىنقىلاۋىي شائىر لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ“دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ئىككى بېقىنىغا بولسا، شائىرنىڭ ”يىللارغا جاۋاپ“ ناملىق شېئىرىدىن ئىككى كوپلىت ئۇيۇلغان ئىدى. قورشاۋ تامنىڭ كەينى تەرىپىدە قۇشقاچ قەپىزىدەك چوڭلۇقتا بىر ئۇيۇق بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە تال قەلەم بىلەن بىر خاتىرە دەپتەر قويۇلغان بولۇپ، مانا بۇ شائىرنىڭ ئاددىي قەبرىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى ئىدى.



قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدۇق. بىز بىلەن بىللە كەلگەن بالىلارمۇ ئۈن-تىنسىز بىزگە قوشۇلدى. دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قەبرىنى بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ،گۈمبەزنىڭ ئىككى بېقىنىدىكى ئىككى كوپلىت شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتۇق. دەسلەپتە كىرگەندە خاتىرە دەپتەر قويۇلغان جايغا دېققەت قىلماپتىكەنمىز. شائىرنىڭ نامى پۈتۈلگەن تەرەپكە ئۆتۈپ،كۆزۈم تۇيۇقسىز بۇ جايغا چۈشۈپ قالدى. خاتىرىنى ئېلىپ تېز-تېز ۋاراقلاشقا، ئىچىدىكى يېزىلغان مەزمۇنلانى ئوقۇشقا باشلىدۇق. خاتىرە دەپتەرگە بۇ قەبرىنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى، نام-شەرىپلىرى، بەزىلەرنىڭ قىسقا شېئىرلىرى خاتىرلەنگەن ئىدى.بەلكىم، بۇ خاتىرە دەپتەر قەبرىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرنىڭ گۈمبەزگە قالايمىقان خەت يېزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قويۇلغان بولسا كېرەك. مەقبەرە ئاساسىي جەھەتتىن خەت يېزىلمىغان،پاكىز ھالەتتە ئىدى.






قەبرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن تارتىپ تاكى قەبرىستانلىقتىن يانغۇچە ”ئاقسۇدا 1945-يىل“،“لۇتپۇللا مۇتەللىپ“،“قاينام ئۆركىشى“ قاتارلىق بىر قىسىم لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتالغان ئەسەرلەردىكى شائىرغا ئائىت بايانلار كاللامدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. شائىر بىلەن خىيالەن مۇڭداشتىم.سۈكۈتكە چۈمگەن قەبرىستانلىقتا شائىر ”يىللارغا جاۋاب“دېگەن شېئىرىنى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىق ئاۋازدا دېكلىماتسىيە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. شائىرنىڭ تۈرمە تېمىغا بارمىقىنى چىشلەپ قانىتىپ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچىراتقىنىچە شېئىر يېزىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۇرۇمدا قىياس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. شائىرنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا،ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھايات ئىدى. شائىردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھ ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەم ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيتتى. لېكىن،شائىر تۇرۋاتقان بۇ جاي ماڭا خېلىلا چۆلدەرەپ قالغاندەك بىلىنىپ،ئىختىيارسىز كوز چاناقلىرىمغا ياش ئولاشتى. بەلكىم، يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ قەبرىسى قانداقتۇر بىر جايغا يۆتكىلىپ كېتىشى مومكىن. شائىرنىڭ يېنى تەككەن بۇ تۇپراقتا ئاتالمىش زامانىۋىيلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان ئىگىز بىنالار قەد كۆتۈرىشىمۇ مومكىن.ئەسلىدە شائىرغا ئوخشاش كىشىلىرىمىزنىڭ مەقبەرىلىرى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىۋىتىلمەي، ئەۋلادلىرىمىزغا جانلىق تەربىيە ئىشلەش بازىلىرى قىلىپ ساقلىنىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. لېكىن، ۋاقتى كەلگەندە ، بۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ،ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشەلەيدىغان ئاتامانلىرىمىزدىن قانچىسى چىقار. ھەي،“ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى بىر قىسىم تارىخى يادىكارلىق ئورۇنلىرىمۇ يۆتكىۋىتىلىش ياكى چېقىپ كۆچۈرلۈش بورىنىدىن قۇتۇلالمىغان. بەلكىم، ئەتىراپى ئاللىقاچان چېقىلىپ، ئاھالىلەر تامامەن كۆچۈرلۈپ بولۇنغان بۇ قەبرىستانلىقمۇ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا، قوينىدا ئۇلۇغ كىشىلەرنى باغاش ئىتىپ ياتقانلىقىغا قارىماي چېقىپ كۆچۈرلۈش بورىنىدىن ئامان قېلىشى ناتايىن“ دەپ ئويلىدىم ئەتىراپى ئاللىقاچان كۆك رەڭلىك قۇرۇلۇش قورشاۋ تېمىغا ئېلىنىپ بولۇنغان قەبرىستانلىققا نەزەر تاشلاپ. قەبرىستانلىقتىن ئەنە شۇنداق ئىزتىراپلىق ئويلار ئىچىدە يېنىۋىتىپ،يەنىلا كۆنگەن ئادىتىمىز بويىچە ئۆز-ئۆزۈمگە مۇنۇ سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بەردىم: ”قەبرىنىڭ نەگىلا كۆچۈرلىشى ئانچە موھىم ئەمەس،بۇ بىز ئادەتتىكى ئادەملەر توسۇپ قالايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئەڭ موھىمى قەلبىمىزدە شائىرنىڭ روھىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ،ئەۋلادلىرىمىزغا ئۇنى ئوبدان تونۇتۇپ،ئۇنىڭ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتا“. لۇتپۇللا ئاكا!سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

2011-يىلى11-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئەمدى يازمىمىزنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ «لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ» ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

























يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1137

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: