لوپنوردىكى سىرلىق غايىپ بولۇش

ۋاقتى: 2011-07-25 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 227 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

لوپنوردىكى سىرلىق غايىپ بولۇش

 

 

لوپنور تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چۆل-باياۋان بولۇپ ،لوپنۇر كۆلى بىلەن نامى مەشھۇر .

لوپنۇر رايونىنىڭ تارىختا ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دەۋرى بولغان .ئىلگىرى بۇ يەردىمۇ يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بوستانلىقلار ۋە سۈيى ئەلۋەك گۈزەل مەنزىرلەر بار ئىدى.ئەمما ھازىر بۇ يەر سىرلىق ھالاكەت ماكانىغا ئايلاندى.ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ”سىرلىق رايون“دەپ ئاتاشماقتا .قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان يۈكسەك ئىرادىلىك كىشىلەر ”ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتمەيلا جان تەسلىم قىلغان“بولىشى مۇمكىن ،بەزىلەر لوپنورنى مەدھىيلەشمەكتە ،بەزىلەر لوپنور ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە ،يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا .

1949-   يىلى چۇڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر ئايروپىلان پىچان ناھىيسى ھاۋا تەۋەلىكىدە غايىپ بولغانىدى .  1958-يىلى كىشىلەر بۇ ئايروپىلاننى لوپنۇر شەرقىدىكى شورتاڭلىقتىن تاپتى . ئەمما شەرقى غەربكە ئۇچۇشى كېرەك بولغان بۇ ئايروپىلاننىڭ نېمىشقا جەنۇپقا ئۇچۇپ ،بۇ تىراگېدىيىگە يولۇققانلىقىنىڭ سىرى ھازىرغىچە ئېچىلمىدى .

     1950-يىلى تارىم ئويمانلىقىدا باندىت تازىلاۋاتقان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ بىر ئەسكىرى ئاتلىق غايىب بولغان ،1982-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر لوپنورنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يۇلغۇنلۇق جىلغىدىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپقان .

1959-يىلى نېفىت ئىدارىسىنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكى لى چۈنيۈ قاتارلىق كىشىلەر لوپنۇرنىڭ شەرقىي رايونىدا ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدا ،4جەسەتنى بايقىغان ،بۇ جەسەتلەرنىڭ بىرى ئوڭدىسىغا ياتقان بولۇپ،يېنىدا بىر سائەت تۇراتتى،بارمىقىغا ئۈزۈك تاقىۋالغانىدى.تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر جەسەتنىڭ يېنىدىن يەنە بىر سېرىق قەغەز قاپچۇقنى بايقىغان ،ئۇنى ئېچىپ قارىسا ھەممىسى كىپەك ئالتۇن ئىكەن .جەسەتلەرنىڭ يېنىدىن يەنە نان ۋە سەرەڭگە تېپىلغان ،شۇ يەردىكى پىشقەدەملەرنىڭ پەرقلەندۈرىشىگە قارىغاندا ،ئۇ شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن چوڭ قاپلىق سەرەڭگە ئىكەن .نەق مەيداندا بۇ 4 جەسەتنىڭ ھەممىسى ناھايىتى رەتلىك ياتقان ،باشلىرىمۇ بىرلا تەرەپكە قارىتىلغان ،يانلىرىدا بولسا تۆگە چۇمى بار ئىكەن ،ئەمما تۆگىگە مۇناسىۋەتلىك ھىچ بىر ئىزنا يوق ئىكەن .تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر نەق مەيداندىن يەنە بىر قاڭالتىر چۆگۈن تاپقان بولۇپ،چۆگۈنگە لىق قۇم تولۇپ كەتكەن ئىكەن ،قۇم تۆكىۋىتىلگەندىن كېيىنمۇ ،چۆگۈن يەنىلا ئېغىر بىلىنگەن ،كېيىن ئۇلار بۇ چۆگۈننىڭ قوش قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنى بۇزغان ،شۇندىلا ئۇنىڭغا ئالتۇن يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىقلانغان ،ئەترەت ئەزالىرى قايتقاندىن كېيىن ئالتۇننى جىڭلاپ كۆرگەندە ،ئۈچ كىلوگرامدىن ئارتۇقراق كەلگەن ،ئۇلار بۇ ئالتۇننى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .

بۇ تەكشۈرۈش ئەترىتى يەنە لوپنۇردا ئىككى ئايرۇپىلاننى بايقىغان ،بۇ ئىككى ئايرۇپىلاننىڭمۇ ئارلىقى يىراق ئەمەس ئىكەن .بىر ئايرۇپىلان خېلى ساق ،يەنە بىرسى ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىكەن ،ئايرۇپىلاندا ئادەم يوق بولۇپ،ئايرۇپىلاننىڭ ئۈستىگە<>دېگەن خەت شەكلى ۋە گومىنداڭنىڭ پارتىيە گېربى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن ،ھەر بىر ئايرۇپىلاننىڭ ئايرۇپىلان بۆلمىسىدە بىردىن پىلىموت ۋە ئىككى كىشلىك ئورۇن بار ئىكەن .بۇ ئالامەتلەر بۇ ئايرۇپىلاننىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىكەنلىكنى بىلدۈرەتتى .

تەكشۈرۈش ئەترىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ قارا شەھەردىكى قىسىمغا قايتقاندىن كېيىن ،قۇملۇققا قايتا كىرىپ بۇ ئايرۇپىلاننى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈمىدىدە بولغان ،بىراق بۇ ۋاقىتتا بۇ رايون ئاللىقاچان چەكلەنگەن رايون قىلىپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالغان .

1976-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ كان ئىشلىرى 1-رايون تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتى9-تارماق ئەترىتىنىڭ ماشىنىسى لوپنۇرنىڭ شىمالىدا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش جەريانىدا غايىپ بولۇپ كەتكەن ،كېيىن بۇ ماشىنا پىچان ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن تېپىلغان ،ئەمما ماشىنىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن .

1980-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مەشھۇر ئالىم پېڭ جيامۇ لوپنۇردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا غايىب بولۇپ كەتكەن ،ئەينى چاغدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئايرۇپىلان ،ئارمىيە،ساقچى ئاپشاركىسى چىقىرىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇنى تاپالمىغان .

1990-يىلى قۇمۇللۇق يەتتە ئادەم بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن لوپنۇردا خرۇستال ئىزدەش جەريانىدا غايىب بولغان .ئىككى يىلدىن كېيىن گېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ خادىملىرى قۇرۇپ كەتكەن ئۈچ جەسەتنى بايقىغان ،بۇ ئۈچ جەسەتتىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا ماشىنا بايقالغان بولسىمۇ ،باشقا تۆت ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان .

1995-يىلى يازدا مىرەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بىر نەپەر خىزمەتچىسى ئىككى نەپەر تۇققىنى بىلەن بىر جېپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لوپنۇردا ياقۇت ئىزدەش جەريانىدا غايىب بولغان ،كېيىن كرورەنگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئىككى جەسەت تېپىلغان ،ماشىنا ساق بولۇپ ،ماشىنىغا ئىشلىتىدىغان ماي،سۇ ۋە يېمەكلىك يېتەرلىك ئىكەن ،ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆلۈپ كېتىشى بىر سىر بولۇپ قالغان .

1996-يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنى جۇڭگولۇق بىر ئېكىسپېدىتسىيىچى لوپنۇرنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا غايىب بولۇپ كەتكەن .تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن ئىىزدەش ئارقىلىق ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان .قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە بەش كۈن بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭمۇ ھەممە نەرسىسى يېتەرلىك ئىكەن ،ئۇ خېلى تەجرىبىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى بولۇپ ،نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكىنى سىر بولۇپ قالغان .
راھىب فاشيەن نوم ئەكىلىش سەپىرىدە لوپنۇردىن ئۆتكەن ،ئۇ ۋەھىمىلىك ھالدا :“قۇم بارخانلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بەتبەشىرە ئىسسىق شامال ئالۋاستىسى بار ئىكەن .ئۇنىڭغا يولۇققانلار ھەرگىزمۇ تىرىك قالمايدىكەن ….“

دەپ يازغانىدى. ئەجىبا ،يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ داڭلىق راھىبنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنىڭ ئىسپاتلىنىشىمىدۇ؟

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/02/13 10:38:08

    مەنغۇ قۇملۇقنىڭ 20 مىتىر ئىچكىرىسىگىچە كىرىپ باققان. قۇملۇق ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىم جىق بولغىنى بىلەن بىرەر كىچە قۇملۇقتا تۈنەپ باقمىدىم. قۇملۇقنىڭ ھەيۋەتلىك، جىمجىتلىقىنى ئېتىراپ قىلساممۇ، لېكىن سىرلىق قىسمىنى تېخىچە ھېس قىلىپ بولالمىدىم. ئەمما قۇملۇق ئىچىگە كىرىپ باققۇم بار. قۇملۇققا زەڭ سېلىپ قارىسىڭىز ئالتۇنرەڭ قۇملۇق نۇرغۇنلىغان چىرايلىق رەڭلەردىن تەركىپ تاپقانكەن.
    لوپنۇرغا بولسا يولدىن ئۆتكۈچە ئۆتۈپ باقتىم. ئەمما ئىچىگە كىرىپ باقمىدىم.

    • lopnuri
      2012/02/13 10:44:59

      چەرچەن نىيەگە شۇنداق يېقىن تۇرسا. قۇملۇققا چوقۇم بىر كىرىڭ. سىزگە چوقۇم نۇرغۇن ئېسىل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif