ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ(دۆڭقوتان)نىڭ ئومۇمي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بايان(2)
لوپنىڭ ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىگى ( تۇقۇمىچىلىغى )
لوپ خەلقى خېلى بۇرۇنلا تۇقۇمچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ئىدى. ئىلگىرى لوپتا چىگە تولا ئىدى. چىگىنىڭ ئېگىز ئۆسكەنلىرىنى تاللاپ ئېلىپ، بوغۇم – بۇغۇم قىلىپ باغلاپ بىرەر كۈن سۇغا چىلاپ يۇمشىغاندىن كېيىن يۇلغۇن زىق بىلەن يېرىپ، كالتا – كالتا ئۇشتاپ ، سويۇپ تۇرقىسىنى ( ئىنچىكە ، ئۇزۇن تالاسىنى ) ئىلىپ ئۇنىڭدىن گۆلمۆ (تور ) توقۇپ، بېلىق تۇتاتتى. تاشقى قاسىرغىنى ئاغامچى قىلىپ ئىشلەيتتى. چىگە يىلدىن – يىلغا ئۆسۈۋەرگەندىن كېيىن كونىلىرى ئاپتاپ چىقىپ ئاقىرىپ كىتىدۇ. بۇنى كىشلەر يىغىپ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ،يۇمشىتىپ شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ، توزۇغىنى ئېلىپ، ساۋاپ يىپ ئىگىرىپ، پالاز توقۇپ، ئۆيدە سىلىنچا پالاز، ئاشلىق قاچىلايدىغان تاغا (قاپ ) قىلىپ ئىشلىتەتتى. ئېھتىياجىدىن ئاشقىنىنى ئاشلىققا تىگىشەتتى. قوي بار ئائىلىلەر توزۇققا قوي يوڭىنى ئارلاشتۇرۇپ يىپ ئىگىرىپ پالاز توقۇيتتى. بۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلۇپ، يوقىرى باھادا ساتالايتتى. قوي يوق ئائىلىلەر تۇزۇقتىلا پالاز تۇقۇيتتى. بۇنىڭ سۈپىتى ناچار بولسىمۇ، ئىشلەتكىلى ۋە ساتقىلى بولاتتى. ھەممە ئائىلىلەردىكى ئاياللار ۋە قىزلار پالاز توقۇپ، ئائىلە تۇقۇمچىلىغى بىلەن شۇغۇللىناتتى. قوي يۇڭىدا يىپ ئىگىرىپ، چەكمەن توقۇيتتى. يىپنى سىپتا، ئىنچىكە ئىگىرىپ، ئاق – قارا چەكمەن توقۇپ، چەكمەن چاپان، چەكمەن تامبال تىكىپ، ئەتىياز ، كۈز ، قىش پەسىللىرىدە كىيەتتى. بەزى ئائىلەردە چەكمەننى يوتقاننىڭ تېشى، كۆرپىنىڭ تېشى، پاشىلىق قىلىپ ئىشلەتكەندىن سىرىت يەنە چوڭ- كىچىك خورجۇن، مىنىدىغان ئاتقا سالىدىغان قوش چۇچىلىق كالتە كىيىم، ئات ئىشەككە بوغۇز (يەم ) بېرىدىغان توۋرا قىلىپ ئىشلىتەتتى. ئاق يۇڭنى ھەر خىل رەڭدە بوياپ قىزىل – قارىلىق پالاز توقۇپ، ئولتۇرغان ئۆيلەرنى زىننەتلەيتتى. لوپنىڭ قىزىل – قارىلىق پالىزى ئۆي زىننەتلەيدىغان ئىسىل بويۇم ھىساپلىناتتى. بەزى ئائىلىلەردە كالىنىڭ تېرىسىنى ئاشلاپ ئاق كۆن ئېتىدىغان ئۇستازلار بار ئىدى. باشقا ئائىلىلەرمۇ بۇ ئۇستىلارغا ئاق كۆن ئەتكۈزۈپ، ئاياق ئىشىنى ھەل قىلاتتى ۋە تاسما تىلىپ نوقتا، يۈگەن، ئۆزەڭگۇ باغ، غانجۇغا ھەم بەل تاسمىسى ( پىدەي ) قىلىپ بېلىنى باغلايتتى. قوي تېرىسىنى ھەممە ئائىلىلەردە ئوخشاشلا ئاشلاۋىرەتتى. قوي تىرىسىدە چوڭ – كىچىك جۇۋا، دامبو (يوتقان ) ، شىم (تېرە ئىشتان قىلىپ كىيەتتى. دەرىخ بىلەن تاشلانغان ، ئۇزۇن ، قىسقا كۆرپە ( پاقلان تېرىسى ) جۇۋا تىكىپ كىيەتتى، بۇ قىممەت باھاللىق كىيىم بولۇپ بىر قەدەر باي ئائىلىلەردىكى ئەر – ئاياللار كىيەتتى.
ئىلگىرى لوپتا موزدوز، سەيپۇڭ، تۈمۈرچى دىگەنگە ئوخشاش قول ھۆنەرۋەنلەر يوق ئىدى. 1800 – يىللىرى قۇجەقۇلى بەگ ( لوپنىڭ بىگى )قاراشەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردىن ھۈنەرۋەنلەرنى لوپقا ئەكىلىپ ھۈنەر قىلدۇرغان ھەم بىر قىسىم ئوغۇل – قىزلارغا ھۈنەر ئۆگەتكەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن لوپتىمۇ موزدۇز، سەيپوڭ، تۈمۈرچى ئوستىلار بار بولغان ئىكەن. لوپتا ياغاچنى ، قومۇشنى ھۆلدەپ لاي بىلەن سۇۋاپ تام ئۆي قىلىپ ئولتۇراتتى. 1880- يىللىرى كۇچالىق تۇردى كېسەك، چوڭ كۆللۈك چارىتاش ، تىكەنلىكچى ئەقىل قاتارلىق تامچى، ياغاچچى ئۇستىلار كەينى –كەينىدىن لوپقا كىلىپ، كېسەك قۇيۇپ، كېسەكتە تام ئۆي سالغان، شۇنىڭدىن كىيىن لوپتا كىشلەر كېسەكتىن تام ئۆي سېلىپ، تاملىرىغا ئىشىك – راملىرىغا، جەنزە بارايلىرىغا نەقىش ئۇيۇپ، ئۆينى زىننەتلەپ ئولتۇرغان. بۇنىڭ ئىزناسى ھازىرمۇ « بۆز كۆل » مەھەللىسىدە بار.
لوپتا ئىلگىرى سۇ كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن دەريالاردىن ئۆتۈش يىراق، سۇلۇق جايلارغا كېمىلىك بېرىش ، بېلىق تۇتۇش ئىشلىرىدا كېمە ئىنتايىن موھىم سۇ قاتناش قورالى ئىدى، بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا توغراقتىن كېمە چىپىپ، كېمىنى 3 تۈر بويىچە ئىشلتىىپ كەلگەن.
1- تۈرى ئۈچ كېمىنى قاتار قىلىپ قوشلاپ، ئۈستىگە شال ياكى ياغاچنى تىزىپ باغلاپ، ئەتىياز ،كۈز پەسللىرىدە دەريادىن ئات، كالا، ئېشەكلەرنى ئۆتكۈزەتتى.
2 –تۈرى : بىرقەدەر چوڭ بولغان كېمىلەرنى چېپىپ ، كەلكۈن كەلگەن چاغلاردا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا دەريادىن ئۆتۈشتە ئىشلىتەتتى.
3 – تۈرى : بىر ياكى ئىككى ئادەم كۆتىرىدىغان كىچىك كېمىلەرنى چېپىپ، بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توغراقتىن چوڭ – كىچىك تەڭلە، تاۋاق چېپىپ ئائىلىدە ئىشلىتەتتى. كېمە – تەڭلە قاتارلىق سايمانلار ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ياغونچاق ھەر بىر ئائىلىدە بار بولۇپ، بۇغداي، قوناقلارنى يۇمشىتىپ ئىستىمال قىلىشتا موھىم ئائىلە تۇرمۇش سايمىنى ھىساپلىناتتى. سۇ تۇگمىنى ، چوگاز(جۇگاز) قاتارلىق بوغداي، قىچى ، زاغۇننى يۇمشىتىدىغان ياغاچ تاشتىن ياسالغان ئاددى سايمانلارنى ياساپ ئىشلىتىپ كەلگەن. بۇ ئاددى سايمانلارنى ئازاتلىقتىن كېيىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئىشلىتىپ كەلگەن.
لوپنىڭ مەدەنىيىتى
مەرىپەتنىڭ ئاساسى مائارىپتا ، لوپتا ئازاتلىقتىن ئىلگىرى مائارىپ تەربىيىسى ئاساسەن يوق بولۇپ، ئاھالىنىڭ كۆپى ساۋاتسىز ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىمۇ تۆۋەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى لوپتا مەرىپەتتىن سۆز ئېچىش سەل ئارتۇقچە بولۇشى مومكىن. لېكىن ئىنسان بولىدىكەن تۇرمۇش بولىدۇ. تۇرمۇش تەبىئى ھالدا كىشىلەرگە مەلۇم مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ. لوپ خەلقى جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدە تىرىكچىلىك قىلىپ ئاددى، يىرىك بولغان ئۆزگىچە لوپ مەدەنىيىتىنى ياراتقان.
1.لوپ خەلقى ئەمگەكچان ، باتۇر، جاپاغا چىداش روھىغا ئىگە ، ئاق كۆڭۇل، ساددا، سەمىمىي ، مىھماندوست خەلق ، دوستلۇقنى ، ئىتتىپاقلىقنى ، سەمىمىلىكنى ئادىمىلىكنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمى قىلىپ، ياخشى بولغان كىشىلىك ئەخلاق قارشىنى شەكىللەندۇرگەن.
2. لوپ خەلقى بىر –بىرىگە ياردەم بىرىدىغان ، كۆيۈنىدىغان ، خەلقپەرۋەر كۆز قاراشنى بۇرۇندىن تارتىپ ساقلاپ كەلگەن. مەسىلەن : لوپتا قوغۇن ، تاۋۇز ، سۈت ، قېتىق ، بېلىق قاتارلىق ئىستىمال بويۇملىرىنى ئۆز ئىھتىياجىدىن ئاشقىنىنى پۇلغا ساتماي ئەتىراپتىكى خۇلۇم – قوشنا ،ئۇرۇق – توغقان ۋە باشقىلارغا ياردەم ئاساسىدا بىرەتتى.“ ئەركەك ئات، ئۇي كالىنىڭ كۈچى خالىس بولىدۇ“ دەپ قاراپ، ئېھتىياجى بارلارغا ئىشلىتىپ ئىلىشقا بىرەتتى. ”سورىغۇچىنىڭ بىر يۈزى قارا بولسا، بەرمىگۇچىنىڭ 10يۈزى قارا بولىدۇ، بىرەر نەرسە سوراپ كەلگەنلەرگە بەرمەي قۇرۇق قول قايتۇرسا بولمايدۇ“ دەپ بىرەر نەرسە سوراپ كەلگەنلەرگە ، ئۆز ئېھتىياجىنى كام قىلىپ بولسىمۇ، سورىغان نەرسىلىرىنى بىرەتتى. ئۆز ئارا ئۆتنە قىلىشقان نەرسىلەرنى قايتۇرغاندا ، ئاز تولا كام قايتۇرۇلغان بولسىمۇ،“ ئۆتنە يېرىم دېگەن شۇ، ئاتا – بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن“ دەپ قاراپ رازى بولۇشۇپ كېتەتتى.
3. لوپ خەلقى ئۈلۈم – يىتىم، ئاغىرىق-سالاق بولغان، بىرەر تەبىئى ئاپەتكە ئۇچىراپ ، ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە بىرىپ، تەسەللى ئېيتىپ، ئامانلىق تىلەپ، قولدىن كېلىشىچە ، ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ موقىم بۇلۇش، ئىللىقلىق ھىس قىلىشىغا ياردەم قىلاتتى. توي-نەزىرلەرنى ئاددى-ساددا ئۆتكۇزۇپ، ئىسىراپچىلىق قىلمايتتى. ئىسىراپچىلىق قىلسا «يامان » بولىدۇ دەپ، تىجەشلىك بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۇزەتتى. لوپ خەلقى كىشىنىڭ ھەققىدىن بەك قورقۇپ ، يېقىن كەلمەيتتى. تۇرمۇش غورىگۈل، جاپالىق بولسىمۇ، ئىنسانى قەلبنىڭ پاك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرەتتى.
4. لوپ خەلقى بۇرۇندىنلا ”تازىلىق سالامەتلىكنىڭ موھىم شەرتى ، بەركەتنىڭ باشلامچىسى“ دەپ قاراپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ جاي تازلىغىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى. ئەر – ئاياللار 3 كۈندە بىر قىتىم ئومۇمى بەدەن تازلىغى قىلمىسا، ”ئاياللارنىڭ ئەتكەن تامىغى پاك بولمايدۇ، ئەرلەرنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ بەركىتى بولمايدۇ“ دېيىلەتتى. كىيىمنىڭ شەكلى ئاددى بولسىمۇ پاكىز، رەتلىك كىيىنەتتى. ئەرلەر ئوزۇن قونجلۇق ئۆتەك كىيىپ، يىنىغا ئۆتۈكنىڭ قونچىغا تېگىپ تۇرىدىغان چوچىلىق غىلاپ ئېسىپ، قىش –ياز بېلىنى گۈل چېكىلگەن بەلۋاغ بىلەن باغلاپ يۈرەتتى. ئاياللار ئۇزۇن ،كەڭرى كۆينەك ، ئىشتان كىيىپ، چېچىنى ئىككى ئۆرۈم قىلىپ ، كەينىگە تاشلاپ يۈرەتتى. قېشىغا ئوسما قويۇپ پاكلىقىنى ، گۈزەللىگىنى نامايەن قىلاتتى. ياتلىق بولمىغان قىزلار چېچىنى سەكىلەك يەنى 9،13،17 ئۆرۈم قىلىپ، سەبىلىگىنى نامايەن قىلاتتى. قىز – ئاياللار كىيمىنى بەدىنى بىلىنگۈسىز دەرىجىدە كەڭرى كىيەتتى. بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان تار كىيىملەرنى ھەرگىز كىيمەيتتى.
5. ئات كۈچلۈكلىگى ، چاپقۇرلىغى بىلەن ئاساسلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىناتتى. كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە بىردىن ئىككىگىچە ئاتنى جابدۇپ مىنەتتى. ئاتنىڭ سېمىز ، ئىگەر جابدۇقلىرىنىڭ خىل بولۇشىغا كۆڭۇل بۆلۈپ، ئاتنىڭ نوقتا يۈگەن ، قوشقۇنلىرىغا كۆمۈشتىن ياڭزا قويۇپ، بوينىغا كۆمۈش قۇيۇلغان كەمەردۈرگۈچ ئېسىپ ، ئاتنى ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى بۇلۇشىغا لايىق چاپقۇر، كۆركەم بولىشىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. 1850 – يىللىرى ئەيسا بەگ ( ئەينى چاغدىكى لوپنىڭ بىگى ) قاراشەھەردىن « ئايغىر » ئەكىلىپ، لوپنىڭ ئىتىنىڭ نەسلىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن كۆپلىگەن يۈرگۈرۈك ئاتلار كۆپىيىپ، مەھەللىلەر بويىچە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنلىرىنى ئويناپ، ئۇتۇپ چىققان ئادەم ۋە ئاتنى تەبرىكلەيتتى. ئۇتۇپ چىققان ئادەمگە چاي تارتىپ بېرىلەتتى. ئاتقا قوناق (يەم ) بېرىلىپ بويىنىغا قىزىل رەخت باغلاپ تەبرىكلەيتتى. ئاراسالدا ۋە قىشلاردا ئارغامچا تارتىشىش، قول بىسىشىش ئىلىك سۇندۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلار ئۆتكۈزۇلۈپ، ئۇتقانلارغا تىگىشلىك مۇكاپات بېرىلىپ، كەيپىيات جانلاندۇرۇلاتتى.
6. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن لوپتا بىر قىسىم خەلق قوشاقچىلىرى ئۆتكەن. بۇلار: قاغانىياز موللا ، بارات مەھەممەت، قادىر دەسمەن، ئىمىن پەرھات قاتارلىقلار .بۇ قوشاقچىلار ئاساسلىغى مۇھەببەتنى مەدىھلىگەن شۇنداقلا ئازاتلىقتىن ئىلگىركى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئۈستىگە قويغان ئالۋاڭ –سىلىقنىڭ كۆپلىگى، شاڭيو بوجاڭ، بەيشاڭ يايىلارنىڭ زالىملىغى، خەلقنىڭ جاپالىق تۇرمۇش ئۆتكۇزۋاتقانلىغىنى سۆككەن بولسا، ئازاتلىقتىن كىينك پارتىيمىزنىڭ ئادىللىغىنى، خەلقنىڭ باياشات تۇرمۇش كەچۇرۋاتقانلىغىنى مەدىھلىگەن. بۇ قوشاقچىلار ساۋاتسىز بۇلۇپ پەقەت ئەقلى تەپەككۇرىغا تايىنىپ قوشاق چىقارغان. يازمىچە خاتىرلەنمىگەچكە، بىر مەزگىل ئېيتىلىپ يۈرۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بەزىلىرى يوقاپ كەتكەن.بەزى قوشاقلارنىڭ ئاز قىسمى ھازىرمۇ تەمسىل قاتارىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر مىسال كەلتۈرەي:
يارا چىقسۇن دەپسەن بارات مايماققا،
بىر ئاغزىمدا تەڭ كىلۇرمەن بولسۇڭ ئايماققا.
سىنىڭ ئاغزىڭ بەك چىرايلىق ئوخشايدىكەن ،
مەدىكارچى ئوماچ ئىچكەن تاۋاققا .
ئەسكەرتىش : بۇ قوشاقنى چىقارغۇچى بارات مەمەت 1978 – يىلى ۋاپات بولغان. قوشاقنى 1945 – يىلى غوداي مەھەللىسدەچىقارغان « بىر ئايال » يارا چىققان بارات مايماقنىڭ «ھالىغا » دەپتىكەن . شۇنىڭغا قارىتا چىقارغان ئىكەن.
يوقارقىلاردىن بىزنىڭ ئاتا –بوۋىلىرىمىزنىڭ جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا ، تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، ياشاش جەريانىدا دەسلەپكى بىخ ھالىتىدىكى ئاددى، ئۆزگىچە بولغان تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، لوپنۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تىگىشلىك تۆھپە قوشقانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپتا يۇز بەرگەن ۋەقەلەر
لوپ ناھىيە ئورنىدىن يىراق ، يول قاتنىشى جاپالىق، چەت بىر جاي بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭدا يۇز بەرگەن چوڭ –كىچىك ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
1. شىڭشىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئۇرۇشىدا ماجۇڭيىڭنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى جەنۇبى شىنجاڭغا قاچقاندا، ئىنچىكە دەريا ( تارىم دەريا ) نى بويلاپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ، لوپ خەلقى قۇرقۇپ ، ئۆي ۋاق چارۋىلىرىنى تاشلاپ يەيدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ، يىراق جاڭگاللىق جايلارغا قىچىپ كەتكەن ئىكەن. ئەسكەرلەرنىڭ تۇيۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوت قالىمغان، قاتتىقىراق ئاۋاز چىقىرالمىغان ،كىچىك بالىلارنى گېرەم كولاپ گېرەمنىڭ ئىچىدە باققان، ئۆيدە بىقىپ يۈرگەن ئىت – مۈشۇكلىرىنى ئۆلتۇرۋەتكەن. سىرتىلارغا چىقالماي، مۆكۈنۈپ يۈرگەن ئىكەن. ئەسكەرلەر ئۆيلەرنىڭ ئىشكلىرىنى چېقىپ كىرىپ ئالغۇدەك نەرسىلەرنى ئېلىپ، چارۋىلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ يەپ،ئات -ئۇلىغىنى ئېلىپ، يول بويى بۇلاپ –تالاپ خەلقنىڭ مال – مۈلكىگە ئىغىر زىيان سالغان. ئادەم ئۈلۈش ، يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ، كىشلەر روھى جەھەتتە بەك قورقۇپ كەتكەن. بۇ ۋەھىمىلىك ۋەقە بىر ئاي داۋاملاشقان، بۇ ۋەقەنى لوپ خەلقى، « توڭگان قاچقاچى » دەپ ئاتىغان. بۇ ۋەقە لوپ خەلقىنىڭ يادىدىن ھەرگىز چىقمايدۇ.
2. 1936 – يىللىرى شىڭشىسەي شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئادەم تۇتقاندا، لوپتن ئابلا بەگ ھاجىنى ( لوپنىڭ بىگى )تۇتۇش ئۈچۈن سوۋىت ئارمىيەدىن بىر بەن ئەسكەرنى لوپقا ئەۋەتكەن. بۇ ئەسكەرلەر بىرىنچى قېتىم كەلگەندە چوڭ مەھەللە، سالدام، غوراي قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىزدەپ ئابلا بەگ ھاجىنى تاپالمىغان. بۇ جەرياندا نىياز موللا، تاھىر ئوستا، ئەمەت ئوردەك قاتارلىق 3 ئادەمنى بىر يەردە ( قارچۇغا يېزىسىنىڭ ئىسمايىل جۇرۇندىكى دوڭ دىگەن يەرنىڭ يىنىدا ) ئىتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. پاتما كۆلى دېگەن يەردە نىياز سوفى موللا دېگەن ئادەمنىڭ 3 بالىسىنى بىر يەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. بۇ بالىلارنىڭ ئۈچىلىسى ئاتلىق ئىكەن. ئەسكەرلەر ئاتنى تالاشقان. بالىلار ئاتنى بەرمىگەن ئىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر ئۈچ بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋىتىپ، ئاتلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. نىزاسۇفى موللىنىڭ بالىسىنىڭ چوڭى 18ياش، ئوتتۇرانچىسى 15ياش، كىچىگى 12 ياش بولۇپ ھەممىسى ئۇغۇل بالا ئىكەن. ئۇلار جەمئى ئالتە ئادەمنى ئۆلتۇرۋەتكەن.
شىڭشىسەي ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر ئىككىنچى قىتىم كەلگەندە ئودۇللا غوداي مەھەللىسىگە بىرىپ ئابلا بەك ھاجىنى ئۆيىدە تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە يالاپ ئاپىرىپ تۈرمىگە تاشلاپ، بىر يىلدىن كىيىن تاغارغا سولاپ بوغۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن ئىكەن.
3. 1890 –يىللىرى لوپتا « چىچەك » كىسىلى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. بەزى ئائىلىلەردە ئائىلدىكى بارلىق ئادەم « چىچەك » بىلەن ئاغىرىپ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. ئاخىرى كېسەل بولغان ئادەم بايقالغان ھامان كېسەل ئادەمنى تاشلاۋىتىپ، ساق ئادەملەر باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن. كۆچۈپ كەتكەنلەر ساق قالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن قاراشەھەردىن بىر خەنزۇ تىۋىپنى ئاپىرىپ، ئادەملەرنى چەككەندىن كىيىن ،بۇ كېسەلنىڭ ئالدى ئىلىنغان. ئەينى چاغدا كۆرۈلگەن چېچەك كېسىلىدە لوپتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقماي كېلىۋاتىدۇ.
خۇلاسە
ئازاتلىقتىن ئىلگىركى 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا لوپ خەلقى كەلكۈن سۈيىگە ئەگىشىپ ، كۆچمەن ھالەتتە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ، جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدە ياشاپ كەلگەن. ئىلگىركى ئۆتكەن ھەرقايسى دەۋىرلەردە لوپ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ھىچقانداق ياخشىلىنىش بولماي جاپالىق ناچار تۇرمۇش شارائىتى ، ھەر خىل تەبىئى ئاپەتلەر ، كېسەللىك ۋە باشقا تۇقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ خەلق يوقسىزلىق، ۋەھىيمە ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ.
1. ئازاتلىقتن ئىلگىرى دۆلەت ھاكىميىتى ئاز ساندىكى بۇرژۇئازىيە كاپتالىزىمىنىڭ مەنپەتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغى ئۈچۈن، دۆلتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، خەلقمىزنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ناچار ئىدى، شىنجاڭدىكى خەلقلەرمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى. شۇنىڭغا ماس ھالدا لوپ خەلقىمۇ ناچار تۇرمۇش شارائىتىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى.
2. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەققىياتقا ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلمىگەن. جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ ، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرمىگەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنى يىتەكلىشى ۋە تەشكىللىشى يوق بولغانلىقتىن ، لوپ خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۈچى ، قابىليىتى يەتمەي شۇنداق ناچار تۇرمۇش شارائىتىدە ئۆتۇشكە مەجبۇر بولغان.
3. ئىلگىركى ئۆتكەن ھەرقانداق دەۋىردە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن. لوپتا مائارىپ تەربىيىسى يوق ، ئاھالىلار ساۋاتسىز بولغانلىقتىن تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە تەبىئەتتىن پايدىلىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن بولغانلىغى ئۈچۈن تۇرمۇش ناچار، جاپالىق بولسىمۇ ، ھايات ياشىغانلىغىغا شۈكرى قىلىپ ئۆتكەن.
ئاخىرقى يەكۈن
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن بۇلۇپمۇ، ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئىچىۋىتىلگەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەر ساھەدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۇلۈپ، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. خەلق غەمسىز باياشاتلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. لوپتىكى ھازىرقىدەك تەرەققىيات ئىلگىركى ئۆتكەن ھەرقانداق دەۋىردە بولۇپ باقمىغان. بۇ باياشاتلىق تۇرمۇش جۇڭگۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاتلىرىنىڭ جاپالىق كۆرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن. بۇنىڭدىن بۇنداق بىرھەقىقەتنى چۈشىنىشكە بولىدۇ: دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر بىر مىللەت ۋە ھەر بىر شەخىسنىڭ ئىستقبالى، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۆلەت تەرەققى قىلسا ، بېيىسا، مىللەتلەر ۋە شەخىسلەر بېيىيدۇ ، باياشات تۇرمۇش كەچۇرۇىدۇ. ئەگەر دۆلەت تەرەققى قىلمىسا، گۈللەنمىسە دۆلەت ئىچىدىكى مىللەت ۋە شەخىسلەرنىڭ بېيىشى، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى مومكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مىللەت ھەر بىرشەخىس ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ ، گۈللىنىشى ، ئۈنۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىپ، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلىشى ، ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشقا تىرىشىشى لازىم
نىياز ئايۇپ
2008 –يىلى 3 – ئاينىڭ 30- كۈنى
مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى
http://www.xjlopnur.com/showart_lopnur.asp?cat_id=63&art_id=525
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1300
يۇقارقى مەزمۇن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسى ھەققىدە دىيىلگەنمۇ ياكى كورلىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسى ھەققىدىمۇ؟
بۇ كورلىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسى ھەققىدىكى ئەسلىمە.