‹‹ماتەك پالگان ›› ھەققىدە

 

 

‹‹ماتەك پالگان ›› ھەققىدە

                                          مۇھەممەت توختى

لوپنۇرشۇناس ئۇستازىم يولداش مويدۇن سايىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹ لوپنۇر ئەسلىمىلىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ماتەك پالگان ›› ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى يازىدۇ .

‹‹ مۇھەممەت تايىر ئاكا ‹ ماتەك پالگان › داستانىنى ئېيتىپ بولۇپ ، دادىسىدىن ئاڭلىغان داستاننى ئوقۇغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى :  بۇنىڭدىن 180يىللار ئىلگىرى كونا چوڭكۆل ، تېيىزكۆل ۋە چارا ئەتراپىدا ‹ ماتەك پالگان › نامى بىلەن مەشھۇر يېتىم – يېسىر ، ئاغرىق – مېيىپ ، تۇل – ئاجىزلارنىڭ غەمگۇزارى ئۆتكەنىكەن . ئۇ ئوۋچى بولۇپ ، ئوۋلىغان بۇغا – كېيىك ، جەرەن ، توشقان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە ئازراقلا ئېلىپ قېلىپ ، قالغىنىنى شۇ جايدىكى يېتىم-يېسىر، ئاجىز-ئورۇقلارغا تارقىتىپ بېرىۋىتىدىكەن . يۇرتنىڭ ئاقساقال –چوڭلىرى ، بەگ-بايلار سېتىپ بېرىشنى ئېيتسىمۇ ھەرگىز سېتىپ بەرمەيدىكەن . ئۇ ، بۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇپتۇ . شۇ ئەتراپتا ‹ ماتەك پالگان › غا زامانداش مۇھەممەت ئىسىملىك داڭلىق قوشاقچى ئۆتكەنىكەن . ئۇ ، ‹ ماتەك پالگان › نىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىنى قوشاق قىلىپ توقۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ-دە ، ئويلىغىنىنى ماتەك پالگانغا ئېيتىپتۇ . ماتەك پالگان ماقۇل تېپىپ، بوۋىسى ، ئاتىسى ، قېيناتىسى ۋە ئۆزىنىڭ بولۇپ ئۇچ ئەۋلاد تۆت كىشىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ .
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، مەھەللىدىكى بىر ئوچۇقچىلىقتا قوشاق ئېيتىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە ، مۇھەممەت قوشاقچى ئوتتۇرىغا بىر ئولاقنى قويۇپ ، ئۆزى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېمە ھەيدىگەن ھەرىكەت ھالىتىدە ئولتۇرۇپ بۇ داستاننى ئېيتقان . داستان ئېيتىلىپ مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە ، ئەتراپتا تۇرغان كىشىلەر داستانغا ئالقىش-بارىكاللا ياڭراتقان ھەم ئۇنىڭ ‹ كېمە › سىگە پۇل-تەڭگە ۋە باشقا نەرسىلەرنى تاشلىغان . مۇھەممەت قوشاقچى: ‹‹داستاننىڭ قىممىتىنى پۇل-تەڭگىگە تەڭ قىلدى ›› دەپ ئويلاپ ، راۋان ئېيتىلىۋاتقان داستاننى توختىتىپ ، يۇتداشلىرىدىن رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلەپ :
توۋا  ،  توۋا  بىلمەدىم ،
نېمە  بولدۇ  بۇ خەقلەر .
قوشۇق قاتسام پالگانغا ،
پۇل  تەمە  قىلدى دەرلەر .
بىزدە  قانچەسى  باردۇر ،
ماتەك پالگاندەك ئەرلەر .

ئاغىر  كەلدى  كېمەمگە ،
تاشلانغان پۇل ، مالىڭلار .
قوشۇق قالسۇن ئۆزۈمگە ،
پۇلنى   ئالىپ  كېتىڭلار ،
خوشال بولسۇن كۈچۈڭلار ،
ئوسما   ئالىپ  بېرىڭلار .
دېگەن ئىككى كۇپلىت قوشاق ئېيتىپلا ئۇلىقىنى كۆتۈرۈپ مەيداندىن چىقىپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن داستاننىڭ ماتەك پالگاننىڭ كېيىنكى ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان قىسمى تېپىلماي قالغان . ….. ››
يۇقارقى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ قوشاقلار ‹‹ ماتەك پالگان›› نىڭ كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى بولۇشى مۈمكىن .

ماتەك پالگان

(ئازات بوۋىنىڭ ماتەك پالگانغا چىقارغان قوشۇقى )

            1

دىۋىچىلارغا ئورناتىپ ،
تۈشەتمىگەن پىرلارىنى .
ۋۇجۇتقا ئالىپ چىقار بولسا ،
شۇ ئوناغان (1) خىيالىنى .
ئاغاچا گاڭگۇڭ بىلەن ،
ئاچماي كۈلەر چىرايىنى .
ئايىققىچە(2) كىردۈرۈپ(3) ،
قىلالماغان ئىلاسىنى(4) .

قىلالماي    ئىلاسىنى ،
پادەسىز ئىكەنغۇ يالغان .
ئىڭڭالىغا(5) چالىقىپ(6) ،
بۇغاسىنى ئاتارسەن تايغان .
ياياق(7) قوغلاغانىڭدا ،
بۇغا-كېيىككىچە ھارغان .
كۈپتەڭگە(8) مىلتىق ئاسىپ ،
چىمەندە قولۇڭڭۇ سالغان .
ئادەم  تۆرەلگەن  بىلەن ،
ساڭڭا ئوخشارمۇ ماتەك پالگان .
2
ئادەم  تۆرەلگەن  بىلەن ،
ئوخشايمۇدۇ (9) ئاناسىغا .
ئاينى بۇلۇت باسقاندەك ،
كۆك مويۇننۇ(10) قاناتىغا .
ئۆيدىن ئېشىككە چىقالماي ،
پۇتۇداقى   تاناسىغا .
مېنى تېۋىپ دېسۇن ،
ئايتىپ(11) بارسۇن ئاتاسىغا .

3

( تۆۋەندىكىسى ماتەك پالگاننىڭ ئۆزىگە چىقارغان قوپشۇقى )

مىڭلاپ  قوينى  يەگەنلەر ،
ياغ چاڭڭاللىغان(12) مەرگەنلەر .
ئۇدۇل چىقسا چىۋەرلەر ،

 لوپتا(13) يوقتۇر بۇنداق ئەرەنلەر ،
ئەركەلەتەدۇ   لوپ  بەگلەر .
گۈل جاھان ئالىم سوپۇ(14) ،
خۇدايىممى بىلمەيمىسىلەر .

مەڭلىك  قىز  ئاغاچانى ،
پاتقاققا پاتقاندۇ ساچى(15) .
ئايساخاڭڭا ئايتىڭلار ،
تامىزماسۇن(16) ياشىنى .
ئۈچ ئاي قارالىق تۇتۇپ ،
تاراماسۇن   باشىنى .

قارا ئۇيۇممۇ ئۆلتۈرۈپ ،
چىقاسۇنلار  ئاشىممى  .
بالالارىم   يىغلاسا ،
ئاياماسمەن جانىممى .
خۇدايىمدىن تىلەيمەن ،
بىر قاشۇقچە قانىممى .
شۇنۇ كەلىپ كۆرۈڭلەر ،
پالاس پاتقان يانىممى .

پالاس پاتقان يانىمغا ،
ماڭسام تاياغىم يۆلەك .
كەلىپ يوقلامايدۇلار ،
تۇققان – ئۇرۇغۇم بۆلەك .
تۆلەگەن(17) ياقىن ئولتۇر ،
ئارقامغا بولغىن ئۆۋەك(18) .
ئارقامغا بولغىن ئۆۋەك ،
ئالدىمغا كەلگىن ئىتىپ(19) .
مەنى شۇنداق بولارىممى ،
بىر سەر نوشۇدۇر(20) ئىچىپ .

(تۆۋەندىكىسى ماتەك پالگان ئاغرىپ ياتقاندا ،ئۆز ھالىغا يىغلاپ چىقارغان قوشۇقى)

ئازىتقۇچۇم(21) كەلسەنە ،
مەندىنقۇ گاشەت قىلماي(22) .
غىزاڭ بولسا يەسەنە ،
دەردىممى ئارا قىلماي .
خالچەگە گەپ دەسەنە ،
خالچەگە گەپپى دەسەڭ ،
كەلەرئىدى شۇ چاققا .
سادىققۇ مەندىن قاچتى ،
ئەمدى كەلمەس قۇچاققا .
مەن بۇ ئالەمدىن كەچتىم ،
پۇتۇم كىردى تۇشاققا .
خوجەمنىيازغا ئايتىڭلار ،
ئالسۇنلار مەنى تاپىپ .
نىيازجانما مۇقۇلۇس(23) ،
يىغلاپ يانىمدا ياتىپ .
ئېشىككە چىقىپ قاراڭ ،
كەلەرمۇ تاڭ ماڭڭا ئاتىپ .
شىلدەرەندەك(24) بۇلۇتلارنى ،
زىلتاتقاندەك كىرپىك-قاشى .
شىكارغا بارۇرىدا ،
ئەرگىپ كەلگەن قاشقا ئاتى .
ئاھ ئۇرۇپ ئۇلۇق تىنىپ ،
ياتۇڭڭا(25) ئاققاندۇ ياشى .
………………..
ئەسكەرتىش : ئېيتىپ بەرگۈچى بۇ قوشاقنى مۇشۇنچىلىك ئېسىگە ئالالىغان .

سۆزلەرگە ئىزاھات
1. ئوناغان – ئويلىغان ، خىيال قىلغان .
2. ئايىققىچە – ئېيىققىچە .
3. كىردۈرۈپ – كىرگۈزۈپ .
4. ئىلاسى – ھىلىسى ، ھىلە-مىكرى .
5. ئىڭڭالىغا – ئەڭ ئالدىغا .
6. چالىقىپ – يولۇقۇپ .
7. ياياق – پىيادە .
8. كۆپتەڭڭە – مۈرەڭگە ، ئۆشنەڭگە .
9. ئوخشاتمايمىدۇ – ئوخشاتمامدۇ .
10. كۆك مويۇن – قارچۇغا قۇش .
11. ئايتىپ – ئېيتىپ ، دەپ .
12. چاڭڭاللىغان – تۇتقان ، چاڭگاللىغان .
13. لوپ – لوپنۇر .
14. ئالىم سوپۇ – ھېلىم سوپى يەنى لوپنۇرلۇق كىشى ئىسمى  .
15. ساچى – چېچى .
16. تامىزماسۇن – ئاققۇزمىسۇن ، تامدۇرمىسۇن .
17. تۆلەگەن – كىشى ئىسمى يەنى لوپنۇرلۇق كىشى ئىسمى .
18. ئۆۋەك –يۆلەك ، يار-يۆلەك .
19. ئىتىپ – ئىتتىرىپ .
20. نوشۇدۇر – زەھەر .
21. ئازىتقۇچۇم – ئايالىم ، خوتۇنۇم ياكى مەھبۇبەم .
22. گاشەت قىلماي – زېرىكمەي .
23. مۇقۇلۇس – ( ئېيتىپ بەرگۈچىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدىكەن )
24. شىلدەرەن – قويۇق ، زىچ .
25. ياتۇڭڭا – يېنىڭغا ياكى يېرىمىڭغا .

ئېيتىپ بەرگۈچى : لوپنۇر ناھيە تارىم يېزا چوڭكۆل كەنتىدىن يۇنۇس ئارزۇ 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە .


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3627

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: