لوپنور دىيالېكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە

لوپنور دىيالېكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممتى ۋە ئۇنى  قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە

كۈرەش تاھىر

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: لوپنور دىيالېكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مەركىزىي دىيالېكت، خوتەن دىيالېكتى بىلەن بىر قاتاردا ئۈچ چوڭ دىيالېكىتنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن لوپنوردىيالېكتى مەركىزىي دىيالېكت ۋە خوتەن دىيالېكتىغا سېلىشتۇرغاندا ئىستىمال قىلىنىش دائىرىسى باغانسېرى تارىيىپ يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالماقتا. مەزكۇر ماقالىدا لوپنور دىيالېكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى، لوپنور دىيالېكتى ئىستىمال دائىرىسى تارىيىشنىڭ ئالامەتلىرى ۋە سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنىپ  لوپنور دىيالېكتىنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: لوپنور دىيالېكتى،لوپنور مەدەنىيىتى، لوپنور دىيالېكتىنىڭ يوقولۇشى، لوپنور دىيالېكتىنى قوغداش

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت-شېۋىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەھەللىۋىي(رايون)ۋارىيانتلىرىدىن ئىبارەت. لوپنور دىئالېكتى «ئاسىيانىڭ يۈرۈكى» دەپ نام ئالغان لوپنور رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بولۇپ، بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق لوپنور، چارقىلىقدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە ۋە بۈگۈرنىڭ قىسمەن رايونىدا(ئاساسلىقى سوخۇ يېزىسى) ئىستىمال قىلىنىدۇ، ئىستىمال قىلىدىغان ئاھالە 40 مىڭدىن ئاشىدۇ. گەرچە لوپنوردىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپوسىنىڭ 0.4% نى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن فونىتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتى ۋە خوتەن دىئالېتىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەلۇمكى، مەلۇم بىر جاينىڭ مەدەنىيىتى ئەڭ مۇھىمى ئۆرپ-ئادەت ۋە دىيالېكتتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلدىن تەشكىل تاپىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش بىلەن دىيالېكتلارنى قوغداشقائوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. تۆۋەندە لوپنور دىيالېكتىنىڭ لوپنورمەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىش جەھەتتىكى رولى، يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان لوپنور دىيالېكتىنى قۇتقۇزۇش ۋە خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

بىرىنچى، لوپنوردىيالېكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى

دىيالېكتلارنى مەدەنىيەت نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش تىل(دىيالېكت)لارنىڭ تاشقى قىسمى ھەققىدىكى تەتقىقات كاتېگورىيسىگە ياتىدۇ.شۇڭا لوپنور دىيالېكتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئونتولوگىيىلىك تەتقىقاتى (ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكىسى، گرامماتىكىسى، لېكسىكىسى)ئۈچۈن مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لوپنور دىيالېكتى لوپنور مەدەنىيىتى ئىپادىلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە لوپنور مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت يەرلەك مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بەرگەچكە، ساقلاپ قېلىش، ئاسراش ۋە قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،لوپنور دىيالېكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى يەنى لوپنور دىيالېكتىنىڭ لوپنور مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش جەھتتىكى رولى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

(1) لوپنور دىيالېكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى.گەرچە نۆۋەتتە لوپنور دېئالېكتى يوقولۇش گېرداۋىداتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى تۈركولوگلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يوقىلىشتىن بۇرۇن خاتىرىگە ئېلىنىلدى. دىيالېكت مەلۇم بىر جاينىڭ مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،دىيالېكت ماتېرىياللىرى مەزكۇر جاينىڭ مەھەللىۋىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتامۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا يۈز يىللار مەبەينىدەئۇيغۇرشۇناسلار ۋە تۈركولوگلارنىڭ ئىزچىل دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بىر ئەسردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار لوپنورلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، تىلى، مەدەنىيىتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن تەكشۈرۈش، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۈلدى. بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق جەھەتتە لوپنور دىئالېكتى توغرۇلۇق بىر نەچچەپارچە يىرىك كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالىلار يېزىلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولغانلىرىدىن س.يې. مالوفنىڭ «لوپنور دىيالېكتى»(فرۇنزى،1957-يىلى نەشرى) ناملىق كىتابى،ئى.ر.تېنېشېۋنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى توغرىسىدا»(«تۈركولوگىيە تەتقىقاتى»، 147-150-بەتلەر، باكۇ، 1963-يىلى) ناملىق ماقالىسى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»(شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989-يىلنەشرى)،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى»(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى 1999-يىلى نەشرى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنوردىئالېكتى»(شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2006-يىل نەشرى) ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى»(2004-يىلى نەشرى) ناملىق كىتاپلىرى، فۇ ماۋجى ئەپەندى قاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات»(1-2قىسىم، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى)، گاۋشىجىيې()ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى ۋە دىيالېكت تەكشۈرۈش»(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى 1994-يىلى نەشرى)، مېھراى خانىم يازغان «ئۇيغۇرتىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات»(1994-يىلى نەشرى)،  غۇلام غوپۇرنىڭ «ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرى سۆزلۈكى»(مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى )ناملىق كىتابى، قۇمۇل شېۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»(شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى)، مۇنەۋەرھەبىبۇللا تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى ۋە تىل تەكشۈرۈش»(مىللەتلەر نەشرىياتى2004-يىلى نەشرى)، مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2006-يىل نەشرى) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتى تۈزگەن«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت-شېۋىلىرى لۇغىتى»(مىللەتلەر نەشرىياتى2007-يىلى نەشرى) قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يوقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئەسەرلەر لوپنور دىيالېكتىڭ لوپنور مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەققىدىكى تونۇشۇمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

(2) لوپنوردىيالېكتى ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لوپنور دىيالېكتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. لوپنور دىيالېكتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بەزى ساقىندىلىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان. چۆلمۆگ (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ölmögč»)—كۆل، كۆلچەك؛ قاراسىڭڭەك(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «qarasiηäk»)—پاشا؛ تۈڭۈلمەك(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «töηülmäk»)—ئۈمىتسىزلەنمەك، ئايرىلماق؛ بۆلۆك~بۆلەك(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا«bölök~böläk»)—سوۋغات؛ ئىجە(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ijä»)—ئاچا، ھەدە؛ ئۇسقاق(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «susqaq»)—چۆمۈچ؛ ئالتىن(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «altin»)—ئاست،تۆۋەن، پەس؛ باقىر(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «baqir»)—مىس قاتارلىقلار. ھازىرقى زامانئۇيغۇر تىلىدىكى «پ»لىق رەۋىشداشلار يارىدەمچى پېئىل «يات-» بىلەن بىرىككەندە تاۋۇشلاردا ئۆگىرىش يۈز بەرگەچكە ئەدەبىي تىلدا روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ. لېكىن لوپنور دىيالېكتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىغا تەۋە شەكلىنى ساقلاپ قالغان.ئەدەبىي تىلدىكى «ئوقۇۋاتىمەن»، «يېزىۋاتىمەن» دېگەندەك شەكىللەر لوپنور دىيالېكتىدا «ئوقۇۋياتامەن»، «يازىۋياتامەن» دېگەن شەكىلدە زاھىر بولىدۇ.

لوپنور دېئالېكتى ئۆزى ئىپادىلەۋاتقان لوپنور مەدەنىيىتىگە ئوخشاش ئوچۇقلۇق ۋە سىغدۇرۇشچان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.لوپنور دىيالېكتىنىڭ لېكسىكىسىدا ئىسلام دىنىڭ تەسىرىدە پارس تىلىدىن «نىگارەن»،ئارمان،ناماز…قاتارلىق سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئەرەپ تىلىدىن ئارام(ھارام)،ئازىر(ھازىر)، ئازىز~ئەزىز(ئەزىز)، ئاق(ھەق)، ئاقىل(ئەقىل)،ئاگال(ئاۋال)…قاتارلىق سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان. تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لوپنور دىيالېكتىنىڭ لېكسىكىسىدا موڭغۇل تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر مەۋجۇد.مەسىلەن، گۆن~گۈن(gön~gün)—چوڭقۇر، موغول تىلىدىكى «gün»(گۈن) دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛ گۆكۈ(gökü)—قارماق، موڭغۇل تىلىدىكى «gökü»(گۆكۈ) دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛ جارا(jara)—كىرپە، موڭغۇل تىلىدىكى «jira»(جىرا) دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛ غارغالتا(arğaltağ)—، پورت،لەڭگەر،موڭغۇل تىلىدىكى «arğaltağ »() دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛ گۆلمۆ(gölmö)—چىكەتكە،موڭغۇل تىلىدىكى «golom»(گولوم) دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛جارا(jara)—كىرپە، موڭغولچە؛ سونور(sonor)—سەھەر، موڭغولچە. لوپنور دىيالېكتىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە قاتارلىق تىللار دىكى سۆزلەربىلەن ئوخشاش. مەسىلەن، تۈتۈك(tütük)—قويغا سۈت ئېمىتىدىغان، قومۇشتىن ياسالغان نەيچە(بۇ سۆز باشقا تۈركىي تىللاردا «tütäk»(تۈتەك) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ «چۆگۈننىڭ ئاغزى» دېگەن مەنىدەئىستىمال قىلىنىدۇ)؛ يۇمۇش(yumuš)—ئىش، خىزمەت(بۇ سۆز قىرغىز تىلىدا جۇمۇش(jumuš)، قازاق تىلىدا «jumus»(جۇمۇس) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)؛ئاۋۇشقا(avušqa)—قېرى(باشقا تۈركىي تىللاردا «avičqa»(ئاۋىچقا)دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)؛ كۆكۈشىل(köküšil)—سۇس كۆك(باشقا تۈركىي تىللاردا «köküšin»(كۆكۈشىن) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)؛ چىۋىن(ivinč)—پاشا(سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىمۇ مۇشۇ مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ)؛ ئاتا-مالا(ata-bala)—ئاتا-بالا(سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا «ata-mula»(ئاتا-مۇلا) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)، بالامەت(balamät)—بالايى ئاپەت(قىرغىز تىلىدا «balamat»(بالامات) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)؛ چاقىر-چۇقۇر(aqir-čuqurč)—چاقىر-چۇقۇر(قىرغىزتىلىدا «čaqer-čükür» (چاقېر-چۈكۈر) دەپ تەلپپۇز قىلىنىدۇ)؛ قىۋىتنا(qivitna)—كۆزىنى مىدىرلاتماق(قىرغىز تىلىدا «قېبىڭدا» (qebiηda) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). لوپنور رايونىدا كۆچمەنلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىشى، ئاممىۋىي تاراتقۇلارنىڭ ئومۇمىيلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان ۋە قوللىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن لوپنور دېئالېكتىدا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.شۇڭا لوپنور دىيالېكتىنىڭ لېكسىكىسىدا «سو» (错)—خاتا ، دۇڭشى(东西)—نەرسە،ماخۇ (马号)—ئات ئېغىلى، پاگىي (发酵粉)—خېمىرتۇرۇچ، سەنپەن (算盘)—چوت، چىگەنزە (气管子)—نەيچە،مادى(牝的;母的)—مىدە، دىڭدىڭ ئات (颠马)، شاڭتۇ (乡头)، تۇڭچى (通事)—تەرجىمان، شاڭيۇ (乡约)، دەنخا (电话)—تېلېفون،گەنزە (馆子)، ياچەن(银元、洋钱),  پەييى (翻译)قاتارلىق خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۇچرايدۇ. رۇس تىلىدىن ئارپالان(ئايرۇپىلان)، بېنزىن، لامپا، مايكا، مەليۇن(مىليون)،پەرخوتت(پاراخوت)، كۇمۇتى(كومىتىت)، ئىشپويۇن(ئىشپىيون)قاتارلىقلار.

(3) لوپنوردېئالېكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىشقا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى لېكسىكىسىنى بېيىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇس جەھەتتە مۇھىم لېكسىكىلىق قىممەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىل تەكشۈرۈش ئاساسىدايېزىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تىلشۇناسلار دېئالېكت-شېۋىلەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئاساسلىقى ئەدەبىي تىلغا قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئۇنى بېيىتىشتا نامايەن بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئالدىنقى ئەسرنىڭ 50-يىللىرى رۇس تىلىدىن لوپنور دىيالېكتىغا قوبۇل قىلىنغان بەزى سۆزلەرنىڭ ئورىنىغا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر ئالمىشىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسىنى بېيىتىشتامۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، «»(چوتكا) نىڭ ئورىنىغا «مويكەچ»(moykäč)، «»(سىفلىس) نىڭ ئورنىغا «يەل يارا» (yälyara) ياكى «يەل كېسەل»(yälkesäl)، «» (ئاپىچكا) نىڭ ئورنىغا «دارۇخانا»(daruxana) قاتارلىق سۆزلەر ئالماشقان. لوپنوردىيالېكتىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزدا تەڭدىشى يوق بولۇپ، ئەدەبىي تىلىمىزدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئىستىمال قىلىشقابولىدۇ.  مەسىلەن، يۆگىمەش(ئەدەبىي تىلدا«خۇاجەر»(花卷))، لاۋيا(ئەدەبىي تىلدا «دۇفۇ»(豆腐))، يەر توزغاق(ئەدەبىي تىلدا «موگۇ»(磨菇))، مىتەۋە(ئەدەبىي تىلدا «داۋلى»(道理)) قاتارلىقلار. يوقىرىدىكى سۆزلەر ياسىلىشى جەھەتتىن ئاددىي، مەنەجەھتتىن ئىخچام بولۇپ، ئەدەبىي تىلىمىزنى بېيىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لوپنوردىيالېكتى لېكسىكىسىغا خاس بولغان سۆلەر لوپنور ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى سۆزلەرنى ئىجادقىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە لوپنور دىيالېكتىدا لوپنور مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە تەدرىجى زورىيىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى ئۇقۇم، يېڭى شەيئىلەرنى ئىپادىلەشكەئامال بولمىغاندا، باشقا تىللاردىن كىرمە سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.  تىلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلانماي قارغۇلارچە سۆز قوبۇل قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دېيالېكت-شېۋىلىرىنىڭ لېكسىكىسىدىكى سۆزلەرنى يېتەلىك قېزىپ،توپلاپ، ۋە رەتلەپ ئەدەبىي تىلىمىزنى بېيىتىشىمىز زۆرۈر.

  (2) لوپنور دېئالېكتى لوپنور مەدەنىيىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان.

لوپنور دىيالېكتىنىڭ لېكسىكىسىدا لوپنورلۇقلارنىڭ كۈندۈلۇك تۇرمۇشىدىكى شەيئىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ناھايىتى زور سالماقنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلار ئادەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكت-شېۋىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن:

ئاجگىرىم(ajgirim) : ئېنىق، ئوچۇق،چۈشىنىشلىك؛ مەسىلەن: ئاجگىرىم گەپ قىلساڭچۇ!

ئاراچول(aračol):  ئىشتىن سىرتقى بىكار ۋاقىت ؛ مەسىلەن:ئاراچول بولغاندا ئۆيگە كېلىپ تۇرغىن.

ئالقۇ(alqu): ①ئالقىماق،ھالقىماق،ئالقىش؛②داڭلاش.

ئوتۇنلۇق(otunluq): ①ئوتۇن دۆۋىلەيدىغان جاي؛②جاڭگالدىكى ئوتۇن كۆپ جاينى كۆرسىتىدۇ.

ئولغاق(olğaq): ئوغلاق.

ئىچى قاراڭغۇداپ قېلىش(iči qaraηğudap qeliš) : ھوشىدىن كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش.

ئىلمەك(ilmäk) : ياش توغراق نوتىسىدىن ياسالغان، قوي –ئۆچكەتۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.

ئىلىك (ilik): ①يىلىك،قول؛② قول ۋە پۇت سۆڭەكلىرى.

ئۆڭكىلەڭ(öηkiläη) : غەلىتە، بىر قىسمىلا.

ئۈدەن بولۇش(üdän boluš) : ئەسقېتىش، كېرەككە كېلىش. مەسىلەن : بۇ بالام خىلى ئىشلارغا ئۈدەن بولۇپ قالدى.

ئۈنى سۇۋاپ قېلىش(uni suvap qeliš) : ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، ئاۋازى چىقماي قېلىش.

ئېشەك باغلىغۇچ(ešäk bağliğuč) : ① ئات-ئېشەكلەرنى باغلايدىغان ياغاچ؛ ② ئادەمنىڭ ئوقىرەك سۆڭىكى.

ئېگىلىش(egiliš) : ① بوي بېرىش؛② يولنىڭ قايرىلمىسى ،دوقمۇش.

ئەرىپ قېلىش(ärip qeliš)  : كىچىك بالىلارنىڭ يىغلاپ قېتىپ قېلىشى.

ئەندەش(ändäš) :  قوي كالىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇلىقىغا بەلگە سېلىش.

بارقۇ(barqu): ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان ، لېكىن تولۇق يېتىلىپ بولمىغان قوي بالىسى.

باغىر(bağir) : جىگەر.

باقا(baqa) : ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان قوي بالىسى.

باگان(bagan) :  چوت، كەكە.

بوختاق(boxtaq) : ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تىزىدىن يوتىسىغىچە بولغان سۆڭىكى.

بۇيلا(buyla) : ئارغامچىنىڭ ئۈزۈندىسى.

پەتەڭگۈچ(pätäηgüč) : رەگەتكە، سوزماق، ئاتقۇچ.

تىرگەن(tirgän) : ئېتىزلارنىڭ-ئېرىقلارنىڭ قىرى.

تۆشلەڭ(töšläη) : كالا، ئېشەكلەرنى ھارۋىغا قاتقاندا چىڭىتىش رولىنى ئوينايدىغان تاسما.

تۇشاش(tušaš) : ئات، ئېشەكلەنى يىراققا كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئىككى پۇتىنى

تۇغ(tuğ) : ① ئېشەك كالىلارنى باغلايدىغان ياغاچ؛② توسما.

تېۋىنە(tewinä) : بېگىز چوڭلۇقىدىكى يىڭنە.

تەرانە بولۇش(täranä boluš) :  تە بولۇش،جىلە بولۇش؛ مەسىلەن: بۇ گەپنى ساڭا قارىتىپ قىلمىسام نېمە تەرانە بولىسەن؟

تەرمەچ(tämäč): ئۇششاق ئوتۇن پارچىسى.مەسىلەن: ئوت تۇتاشتۇرغىدەك تەرمەچ تېرىپ كەلسەڭچۇ!

جىۋىش~زىۋىش(jiviš~ziviš): جىگەرنى ھايۋانات يېغى، پىياز، زېرە قاتارلىقلاربىلەن ئارلاشتۇرۇپ، چاۋا: ياغ بىلەن ئوراپ، سىرتىدىن ئۈچەي بىلەن يۆگەپ گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك (شەكلى ھېسىپقا ئۇخشاش ئۇزۇنچاق).

جۇل(jul) : ئېشەكنىڭ توقۇمى.

چاپىنداق(apindaqč):  ياغاچلارنى چاپقاندا چىققان ياغاچ پارچىسى.

چاچىراتقۇ(ačiratquč) : ئەمدىلا چۈشكەن مۇشتۇمدەك قوغۇن – تاۋۇز.

چارا(arač) : شەكلى تەڭنىگە ئوخشايدىغان، ياغاچتىن ياسالغان، چارۋىلارغا يەم بېرىدىغان قاچا.

چام(amč): ①قەدەم؛②ھاشاردا ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەر.

چول~چولماق(ol-čolmaq č) : دەريا – كۆللەرنىڭ سۈيى چوڭقۇر جايى.

چىۋىش(evišč): ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان چىشى ئۆچكە.

چۆكۈچەك(čöküčäk):ئىككى ئۇچىدىن باغلاپ قول يەتكۈدەك قىلىپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇلغان ئۇزۇنچاق شال.يەنى چىنە ـ قاچىلارنى قويۇش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.

چۇناق(unaqč): تۇغۇلغاندىلا قۇلىقى يوق ياكى ئىنتايىن كىچىك (ھايۋانلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ) .مەسىلەن : چۇناق ئۆچكە.

چېكە(ekäč) : دەريالارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن جاي.

چەتمەك(čätmäk): توشقان تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قاپقان.

خىدەر قىلىش(xidär qiliš) : ئۆزى شۇنداق ئېھتىياجلىق نەرسە بولسىمۇ، لېكىن باشقىلار بەرسە خۇددى لازىم ئەمەستەك ساختا ھالەتكەكىرىۋىلىش.

خۇۋا(xuva): سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭلەرنىڭ قىرى.

خەۋەلىك بولۇش(xävälik boluš) : دېققەت قىلىش، ئېھتىيات قىلىش، ئاۋايلاش.

داشى(daši):①سۈيى قۇرۇپ شورلىشىپ قالغان كۆل ئورنى ؛②چوڭ دائىرىدىكى دائىم زەي سۇ يىغىلىپ تۇرىدىغانجاي.

داڭداڭ(daηdaη) : قوۋۇرغا سۆڭەك.

دۇڭسۇڭ(duηsuη) : يولدىن چىققان، تاپتىن چىققان، يامان(ئاياللارغاكۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ ). مەسلەن: تازىمۇ بىر دۇڭسۇڭ ئايالكەن .

دەمەسقەدەم(dämäsqädäm): نەگە ماڭسا شۇيەرگە مېڭىش، ئارقىسىدىن قالماسلىق.

دەندەرەكشىتىۋېتىش(dändäräkšivitiš) : ئالدىرىتىپ جېنىنى قويماسلىق، ئالدىراش.

زاققال (zaqqal): كۆزىنى ئۈزمەي قاراش، دېققەت بىلەن كۆزىتىش. مەسىلەن : سەن ئۇنىڭغا زاققال

ساقاق(saqaq) : ① بېلىقنىڭ نەپەس ئېلىش ئەزاسى»؛② ئۆچكىنىڭ ئېڭىكىدىكى بىر تۇتام تۈك.

سۆرۆ(sörö): ①دۆۋە ؛②ئوت،پىچان دۆۋىلەش ئۈچۈن يەردىن ئېگىز قىلىپ سېلىنغان قوتان.

سۇكېچە(sukečä) : چارۋىلارنىڭ ئوشۇقىدىن تىزىغىچە بولغان سۆڭىكىنىڭ ئاتىلىشى.

سۇلاق(sulaq):  مال –ۋارانلار سۇ ئىچىدىغان جاي، يەنى قىش پەسلى قوي- كالىلارنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۇن مۇزنى چېپىپ ئاچقان يەر.

سەيپى قىلىش(säypi qiliš) : ھەزەر ئەيلەش، ئۆزىنى قاچۇرۇش.

شاپىراق(apiraqš) : دەل- دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى.

شىمالىپ قېلىش(imalip qelišš) : ① پىشىپ ئۆتۈپ كېتىش؛ ② قول قاتارلىق ئەزالارنىڭ قايناقسۇدا كۆيۈپ، پىشپ قېلىشى.

شۈدە(üdäš) : كىر. مەسىلەن : قولۇڭ بەك شۈدە بولۇپ كېتىپتۇ يۇيۇۋەتكىن.

غايلاپ كېتىش(aylap ketišğ) : تىك ھاڭ ياكى تار يەردىن ماڭغاندا بېشى قېيىپ يىقىلىپ كېتىش.

غوقا(oğağ): ياغاچتىن ياسالغان گۆش ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىلىپ قويۇش ئۈچۇن ئىشلىتىدىغان ياغاچ ئىلغۇچ .

غىيىلىش(iyilišğ) : ئالىيىش .

قاتىلماق(qatilmaq) : ياردەملەشمەك. مەسىلەن :ماڭا بىردەم قاتىلىشىپ بەرسەڭچۇ.

قاراپ تۇر جۇمۇ !

قازانوچوق(qazanočoq):①ئاشخانا؛②تاماق ئېتىدىغان ئوچاقنى كۆرسىتىدۇ.

قاغدۇ(qağdu) :قىش پەسلى چارۋىلارغابېرىش ئۈچۈن كۈزدە كېسىپ قۇرۇتىۋىلىنغان توغراق نوتىلىرى.

قالجاق(qaljaq): چىشى جەرەننىڭ ئاتىلىشى،ئەركىكى تېكە، بالىسى ئوغلاق دەپ ئاتىلىدۇ.

قورۇنجۇ قىلىش(qorunju qiliš) : قوغداش، دالدا قىلىش.

قولۇشتۇق(qoluštuq):توي قىلماقچى بولۇپ كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم. مەسىلەن: قولۇشتۇقۇڭ بارمۇ؟

قىرچىن(qirčin):  توغراق بىخچىسى، يېڭىدىن ئۈنۈپ چىققان توغراق كۆچىتى.

قىسىم(qisim): ①قاسماق ؛②پولۇ ئەتكەندە قازاننىڭ ئاستىدىكى كۆيۈپ كەتكەن قىسمى.

قېينىگەچ(qeynigäč) : ئايالىنىڭ ئاچىسى ياكى سىڭلىسىنى ئاتاش ئۇسۇلى.

قېيىن ئاغا(ağqeyin a) : ئايالىنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسىنى ئاتاش ئۇسۇلى.

كۆبدۈن(köbdün): قارنى يوغان،تويماس. مەسىلەن : ئۇ تازىمۇ كۆبدۈن نىمە ئىكەن.

كۆدەي(ködäy): قومۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان زەي سۇدا ئۈنىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك.

كۆك بۆرەك(kök böräk) : ئۇششۇق، مۇتتەھەم.

كۆكۈجۈن(köküjün) : كۆكەرمە، ئۇششۇق؛ مەسىلەن: ئۇ تازىمۇ بىر كۆكۈجۈن ئادەمكەن.

كۆڭتەي(köngtäy):سۇ ئۆتكۈزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نو شەكىللىك ياغاچ.

كۆۋىلەش(köviläš) : ئېغىناش (ھايۋانلارغا ) ئىشلىتىلىدۇ.

كېرەل(keräl): كېلە(قۇملۇقلاردىكى ئۆمۆلۈگۈچى جانلىق).

كېشىك(kešik) :چوڭلارنىڭ ئۆزى ئازراق يەپ بولۇپ كىچىك بالىلارغا ئاشۇرۇپ بەرگەن تامىقى.مەسىلەن : بالام سەن مىنىڭ كېشىگىمنى يېگىن ھە !

گارايى(garayi) : دۆت، لەقۋا، ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغان.

گىدىك(gidik) : كۈچۈك ، ئىتنىڭ كۈچىكى.

لىڭشىمال(liηšimaq): دەريا- ئۆستەڭلەرگە كىشىلەر سېلىۋالغان، توغراق ياغىچى  بىلەن جازا قىلىۋىلىپ، ئۈستى يۇلغۇن شېخى بىلەن يېپىلغان  ئاددىيغىنە كۆۋرۈك.

ماز(maz) : ① كونا پاختا؛② ئۆپكە قۇيغاندا ئىشلىتىدىغان خېمىر ئېرىتمىسى.

نىياۋە(niyavä): نېسىۋە، يەنى مەلۇم نەرسىنى بۆلگەندە ھەربىر ئادەمگە كىلىشكە تېگىشلىك نەرسە. مەسىلەن: ئۇنىڭ نىياۋىسىنى ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟

يالتىغاي(yaltiğay):تارتىنچاق، كۆڭلىدە گېپى بولسىمۇ دىيەلمەيدىغان. مەسىلەن،تازىمۇ يالتىغاي نىمىكەنسەن.

ياڭشاش(yaηšäš) :  تىللاش،خاپىلاش. مەسىلەن : دادام مېنى ياڭشاپ كەتتى.

يېقىن قىلىپ چېتىپ قويۇش .مەسىلەن : ئشەكنى تۇشاپ قويدۇڭمۇ؟

ھەلەق(häläq) : مەينەت (كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.) مەسىلەن :بالام ئۇ ھەلەق نەرسە ئىكەن، تۇتماڭ ھە !

ھەر خىل ئىنسان توپىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك مۇھىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشقاچقا،تۈرلۈك تىللار ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئۆزىنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرۇپ ماڭىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلىگەچكە، دىيالېكت-شۋېىلەردە ھەرخىل لېكسىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دىيالېكت-شېۋىلەرنىڭ لېكسىكىلىق تەركىپلىرىدىمۇ ماس ھالدا يېڭىلىنىشلاريۈز بېرىپ، بەزى تەركىپلەر ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالسا، بەزى تەركىپلەر داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ. مەيلى ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان دىيالېكت پەرقى بولسۇن، ياكى ئوخشاش بولمىغان دەۋرنىڭ مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان دىيالېكت پەرقى بولسۇن ئوخشاشلا دىيالېكت تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەدەنىيەت تارىخىى يېقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىيالېكت لېكسىكىسى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. لوپنوردىيالېكتىدا جۇغراپىيىلىك مۇھىتنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن تۆۋەندىكىلەرئۇچرايدۇ: ئۆسسۆڭ—ئۆستەڭ؛ ئۆتۆ—كىچىك كۆل، پارچە-پۇرات كۆللەر؛ئىلەك~ئەلەك—دەريانىڭ تارماق ئېقىنى؛ يىمەن—دەشت، چۆل-باياۋان؛ ئويموت~ئويمات—ئويمان؛ گۆۋۈ—گوبى؛ سەرلىك—تۆپىلىك،دۆڭلۈك؛ جەڭگەل—جاڭگال قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوخشاش بولمىغان يەر ناملارنىڭ بارلىققاكېلىشىگە سەۋەپ بولغان. لوپنور دىيالېكتىدىكى يەر ناملىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە خوتەن دىيالېكتىدىكى يەر ناملىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

(4) لوپنوردىيالېكتى لوپنورلۇقلارنىڭ ئىگىلىك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى ئەكس ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئانتروپولوگ ل.ئا.ۋايت(L.A.White) «ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت تىل(سۆز) دە ئاپىرىدەبولىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدى. شۇڭا ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق سىمۋول(رەمزە) ۋەبەلگىلەر  بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ  دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ۋە بوستانلىق شارائىتىدىكى چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشاش بولىمىغان دىيالېكت-شېۋىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان سۆز-ئاتالمىلار ئىپادىلىنىدۇ. لوپنورئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى زامانلاردا ئاساسلىقى بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ لېكسىكىسىدا بېلىق تۇرۇش ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

مانجار—تاربوغۇزدىكى ئېقىن سۇغا سېلىپ قويۇلىدىغان، بېلىق تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، تالدىن توقۇلغان تەتۈر ئېغىزلىق سېۋەت.

غارغالتا—پورت، كېمە توختايدىغان جاي.

سۆسۈك~سۈسۈك—كۆلگەيېڭى سۇ كىرگەندە بېلىقلارنىڭ توپلىشىپ سۇ ئۈستىگە چىقىشى.

قاما-بېلىق تۇتىدىغان تورغا باغلىنىدىغان ياغاچ.

كەپ—تور توقۇيدىغان ئەسۋاپ.

كۆلچى—كۆلچى،كۆلدىن بېلىق تۇتقۇچى.

گۆكۈ—بېلىق قارمىقى.

گۆلمۆ~گۆلمى—بېلىق تورى.

لاقۇ—لاقۇ بېلىقى،قاسرىقى يوق بىر خىل بېلىق بولۇپ تارىم دەرياسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.

تاياماق—قولۋاق ۋەكېمىلەرنى ھەيدىمەك.

تىرنا—كىچىك بېلىق.

  يېقىن يۈز يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 20-ئەسرنىڭ60-يىللىرىدىن كېيىن لوپنور كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى لوپنورلۇقلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن لوپنورلۇقلار چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى ھەمدە ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.

لوپنور دېئالېكتىنى ۋاسىتە قىلغان لوپنور مەدەنىيىتى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەھەلىۋىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.لوپنور دېئالېكتى لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، دىنىي-ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى،مىجەز-خۇلقى قاتارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئەكس ئتتۈرۈپ بېرىدىغان بولغاچقا،لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ ئەينىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەسىلەن كۈنۈمىزدە ئېيتىلىۋاتقان لوپنور خەلق قوشاقلىرى، خەلق ناخشىلىرى، خەلق چۆچەلىرى،تېپىشماقلىرى ئەگەر لوپنور دېئالېكتىدىن مۇستەسنا قىلىنىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ مەھەلىۋىي ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ. لوپنورلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، لوپنور دىيالېكتى لوپنورلۇقلار ئۆرپ-ئادىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە توشوغۇچىسى، گەرچە لوپنورلۇقلارنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرى زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىغائەگىشىپ يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن لوپنور دىيالېكتىدا لوپنورلۇقلارتوي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، يېمەك-ئىچمەك، يۈرۈش-تۇرۇش، كېيىم-كېچەك قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئىستىمال قىلىنىدىغان نۇرغۇن ئادەت سۆزلىرى، ماقال-تەمسىللىرى،ناخشا-قوشاقلىرى، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نۇرغۇن نامايەندىلىرى ساقلىنىپ قالغان. لوپنور دىيالېكتى بۇلارنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىلدۇر.ئەگەر لوپنور مەدەنىيىتى لوپنور دىيالېكتىدىن ئايرىلىدىكەن ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ.

(5) لوپنوردىيالېكتى لوپنور ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكەئىگە. دىيالېكتلار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللىنىدىغان بولغاچقا،ھازىر مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتقان دىيالېكتلاردىكى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى پەقەت تارىخىي ماتېرىياللارغا باغلىغاندىلا توغرا شەرھىيلىگىلى بولىدۇ. لوپنورلۇقلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. بىر قىسىم ئالىملار ھازىرقى لوپنورلۇقلار قەدىمكى كروران دۆلىتى ئاھالىسىنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھازىرقى لوپنورلۇقلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. زامانىۋىي ئارخولوگىيىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندابۇنىڭدىن 7000 يىل بۇرۇنقى تاش قوراللار دەۋرىدە لوپنور كۆلى رايونىدا ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن تەكلىماكان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لوپنور رايونى شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا-سېتىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. مۇشۇ رايوندىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەرھەققىدىكى ئانتروپولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، لوپنور رايونىداياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەردە ھەم كاپكاز ئىرقىنىڭ، ھەم موڭغوللوئىد ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ لوپنور رايونى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى سۈپىتىدە شەرق ۋە غەرپنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىرىق ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇشىدىكى مەيدان بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

لوپنور مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مەھەلىۋىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر خىل مەدەنىيەت تىپى. لوپنور دېئالېكتىمۇ شۇ مەھەلىۋىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭ توشۇغۇچىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا لوپنور دېئالېكتى بولمايدىكەن، لوپنورمەدەنىيىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. لوپنورلۇقلار ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى،لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلىيەلەيدىغانلار، ئىككىنچىسى لوپنورلۇقلارنىڭ قان سىستېمىدىن بولغانلار(ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە خوتەن دىيالېكتى ئىستىمال قىلىنىدىغان رايونلاردىن كۆچۈپ كەلمىگەنلەر)، ئۈچۈنچىسى، لوپنورمەدەنىيىتىنى رىل ئالىدىغانلار. لوپنور ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى «لوپنورلۇقلار» دېگەندىن كۆرە «لوپتۇق» ياكى «لوپلۇق»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىشىدۇ.  بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تىلشۇناسى مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «لوپنور ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى «لوپتۇق» دېيىشىدۇ. بۇ خۇددى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن رايون نامى بىلەن، مەسىلەن «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك»،«قۇمۇللۇق» دەپ ئاتىغانلىرىغا ئوخشاش.»(مىرسۇلتان ئوسمانوۋ: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى،4-بەت) بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى،«لوپنورلۇقلار» قانداقتۇر بىر مىللەت ياكى قەبىلە بولماستىن بەلكى لوپنور رايونىداياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رايون جەھەتتىن ئاتىلىشىدىن ئىبارەت.

  ئىنسان توپىنىڭ رىل ئېلىش شەكلى كۆپ خىل ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە ئۈچ خىل شەكىلدە بولىدۇ.بىرىنچىسى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئادەتتە ئىرىق ۋە جەمەت ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. قانداشلىق مۇناسىۋەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى رىل ئېلىش شەكلى بولۇپ، ئائىلىدىن جەمەتكە، جەمەتتىن ئۇرۇققا، ئۇرۇقتىن قەبىلىگە، قەبىلىدىن ئىرىق ياكى مىللەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئىككىنچىسى، مەھەللىۋىي مۇناسىۋەت. بۇخىل مۇناسىۋەت ئادەتتە ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ بىر ئىكەنلىكى، يەنى يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق رىل ئېلىنىدۇ. ئۈچۈنچىسى، مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى. بۇ ئادەتتەئوخشاش بىر خىل مەدەنىيەتنى مەزكۇر توپنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە دەپ قاراشتائىپادىلىنىدۇ. يوقۇرىدىكى ئۈچ خىل مۇناسىۋەت بەزىدە بىردەكلىكنى ئىپادىلىسە،بەزىدە بىردەكلىكنى ساقلىمايدۇ، ھەتتا ئۆزئارا كىرىشىپ كېتىدۇ، زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ياش تەتقىقاتچى غالىپ بارات ئەرك ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئاساسىدا يازغان «كروراننىڭ سىرى» ناملىق ئەسىرىدە بۈگۈنكى لوپنورلۇقلارنىڭ قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تەھقىقلىدى.مىلادىيە 840-يىلى ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھىندى-ياۋروپاتىلىدا سۆزلىشىدىغان كرورانلىقلار بىلەن ئۇچرۇشۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرتىلى بىلەن كرورانلىقلارنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇچرۇشىشلار مەيدانغا كەلدى. تۈرك تىلى نوپۇزلۇق تىل بولغاچقا، كرورانلىقلار ئۇيغۇر تىلىنى دوراپ سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كرورانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ھازىرقى لوپنور ئۇيغۇرلىرى قەدەمكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى توخرىلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. لوپنور دىيالېكتى لوپنور رايونىدا مەۋجۇد بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا لوپنور رايونىدىكى ئەڭ دەسلەپكى يەرلىك تىللار(ئاساسلىقى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغاتەۋە بولغان توخرى تىلى) بىلەن ئۆزئارا ئۇچرۇشۇش ۋە يۇغۇرۇلۇش جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. لوپنور دىيالېكتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىى تونۇش ۋەتەتقىق قىلىش لوپنور رايونىدا ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رولى بار.

يوقۇرىدا لوپنور دىيالېكتى بىلەن لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن لوپنور دىيالېكتىنىڭ قىممىتى مۇلاھىزەقىلىندى. ئەمەلىيەتتە لوپنور دىيالېكتىنىڭ قىممىتى بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ،ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي قىممىتى مەۋجۇد. مەسىلەن، لوپنور دىيالېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى لوپنور رايونىدا ئومۇمىيلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئوقو-ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشقا تېخمۇپايدىلىق بولىدۇ؛ لوپنور دىيالېكتىغا مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېتىشسىزلىكىنى تولۇقلاپ لوپنورلۇقلارنىڭ ئالاقەئېھتىياجىنى بېيىتىدۇ، شۇنداقلا لوپنور مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچۈنچى، لوپنوردىئالېكتى ئىستىمال دائىرىسى تارىيىشىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە سەۋەپلىرى

ئازاتلىقتىن ئىلگىرى لوپنورلۇقلار ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقى، قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى، باشقا دىيالېكت-شېۋە رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بېرىش-كېلىشنىڭ قويۇق بولاسلىقى تۈپەيلىدىن،  لوپنوردىيالېكتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكت-شۋىلىرىنىڭ تەسىرىمۇ ئاز ئىدى.ئازاتلىقتىن كېيىن لوپنور رايونىدا سودا، سانائەت، دېھقانچىلىق، قاتناش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لوپنور دىيالېكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن تەدرىجى يېقىنلاشتى. نەتىجىدە، 20-ئەسرنىڭ 50-يىللىرىداپەقەت يانشانغان لوپنورلۇقلار لوپنور دىيالېكتىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت،ئىشچى-خىزمەتچىلەر،ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى دېھقانلاردا ئەدەبىي تىلنى ئىستىمال قىلىش خاھىشى پەيدا بولدى.بۇنداق خاھىش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويولۇشىغا، بولۇپمۇ غەربنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كۆچمەنلەر نوپوسنىڭ ئارتىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئومۇمىيلىشىشىغا ئەگىشىپ لوپنور دىئالېكتىنىڭ ئىستىمال قىلىنىش دائىرىسى بارغانسېرى تارايماقتا، بولۇپمۇ ياشلار لوپنور دىئالېكتىداسۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالدى. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، لوپنوردىكى ياش-ئۆسمۈرلەر نۆۋەتتە لوپنور دىيالېكىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ئەھۋال ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇد . لوپنوردىكى ئوقوغۇچىلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، دېھقانلار، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ياش پەرقى بىلەن تىل ئىستىمال قىلىش ئوتتۇرىسىدائورگانىك باغلىنىش بارلىقىنى بايقايمىز. تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا،لوپنور دىيالېكتى رايونىنىڭ ناھىيە-شەھەرلىرىدىن تاللاپ تەكشۈرۈلگەن ۋەكۆزىتىلگەن  يېشى 30 ياشتىن يوقۇرى بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتە سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100 كىشى ئىچىدە80% كىشى لوپنور دىيالېكتىنى ياخشى سۆزلىيەلەيمىز، ياكى ئاڭلاپ چۈشۈنەلەيمىز دەپ قارايدۇ. يېشى 18—22 ئەتراپىدىكى ستۇدېنتلار ئىچىدە 60% لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى،    يېشى 9-15ئەتراپىدا بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ 90% لوپنوردىيالېكتىدا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى ياكى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى.يوقۇرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار لوپنور دىيالېكتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدابارا-بارا ئىستىمالدىن قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن لوپنور دىيالېكتى رايونىنىڭ ناھىيە-شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يېزا-بازارلاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ لوپنور دىيالېكتىنى سۆزلىيەلىشى ۋە ئاڭلاپ چۈشۈنەلىشى بىرقەدەر ياخشى بولسىمۇ،لېكىن ھازىرقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پۇرۇقى يەنىلا كۈچلۈك،سۆز-جۈملىلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن لوپنور دىيالېكتى تەركىبلىرىنى ھامان ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ.لوپنور دىئالېكتى ئىستىمال دائىرىسى تارىيىشىنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

   (1) تىل مۇھىتىنىڭ يوقولۇشى.تەكشۈرۈشلەرگەئاساسلانغاندا، لوپنور ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقوغۇچىلار،ئوقوغۇچىلار بىلەن ئوقوغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە ئادەتتە لوپنور دىيالېكتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يۈرگۈزۈلمەكتە. مەكتەپلەردەيولغا قويۇلۇۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەربىيىسى ئوقوشۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگىمۇ تەسر كۆرسەتمەكتە. گەرچە يېشى چوڭراق لوپنورلۇقلارنىڭ تىلىدالوپنور دىيالېكتىنىڭ پۇرۇقى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تىلىدائەدەبىي تىلنىڭ سالمىقى ئېغىر. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىقتىسادنىڭ تېزسۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لوپنور رايونى «كۆچمەنلەر رايونى»غا ئايلانماقتا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكت رايونلىرىدىن كەلگەن «كۆچمەنلەر» نوپوسىنىڭ ئارتىشى ئورتاق تىلدا—ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا سۆزلىشىش ئېھتىياجىنى بارلىققاكەلتۈردى. شۇڭا نۆۋەتتە لوپنور دىيالېكتى دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە تىل مۇھىتىنىڭ كەم بولۇشى مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

(2) ياشاش مۇھىتىنىڭ تارىيىشى. لوپنور دىيالېكتىنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ تارىيىشى ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە خوتەن دىيالېكتىدىن زور دەرىجىدە ئاز بولۇپ، يېزىلارغا،چارۋىچىلىق نوقتىلىرىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلىنى مەركەز قىلغان مەركىزىي دىيالېكت چەمبىرى لوپنور دىيالېكتىنى قورشاپ تۇرىدۇ. كورلا ۋە لوپنور ناھىيىسى ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى لوپنورلۇقلارنىڭ شەھەرلىشىشىنى تېزلەتتى. ئاتا-ئانىسى نەدە بولسا، باللىرىمۇ شۇيەردە بولىدىغان بولغاچقا، بالىلار شەھەردە باشقىلار بىلەن راۋان تىل ئالاقىسىدە بولۇشى ئۈچۈن، لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلەشتىن ۋاز كەچمەكتە. لوپنورلۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇلار يات مۇھىتقا ئاسان سىڭىدىغان بولغاچقا،بۇنداق خاراكتىر لوپنور دىيالېكتىنىڭ تەدرىجى يوقولۇشىغا سەۋەپ بولماقتا.

(3) قوغداش ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى. لوپنور دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە خوتەن دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دىيالېكتنى قوغداش، ئاسراش ئېڭى ئاجىز دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ لوپنور دىيالېكتىنى قوغداشقا ھىچقانداق تەدبىر كۆرسەتمىگەنلىكىنمۇ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى دەپ قارشقا بولىدۇ.

ئۈچۈنچى، لوپنوردىيالېكتىنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى

تۈرلۈك دىئالېكت-شېۋىلەرنى قوغدىغاندىلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. تىلنى قوغداش مەسىلىسى ئالدى بىلەن يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداشنى كۆرسىتىدۇ. تىلشۇناسلار بۇ مەسىلىنى 20-ئەسىرنىڭ70-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 90-يىللارغا كەلگەندە بىرقانچە قېتىملىق خەلقارالىق ئىلمىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلانغان. بۇيىغىنلاردا ئالىملار  يوقولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارنىڭ يوقولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىش، يوقولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارنىڭ ماتىرىياللىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىردەك تونۇشقا كەلدى. يۇنىسكو(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى) تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى، ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىدىدىكى كۆپ قىسىمتىللارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە پۈتۈن دۇنياغا ھەر يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئېلىمىزدەخەنزۇ تىلىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلللىرىدىن باشقا، يەنە خەنزۇتىلىنىڭ دىيالېكتلىرىمۇ مەۋجۇد. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە خەنزۇ تىلىنىڭ دىيالېكتلىرىنى قوغداش  يوقولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى قوغداشقا قارىغاندا ئالىملارنىڭ كۆپرەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلدى. نۆۋەتتە خەنزۇ تىلىنىڭ دىيالېكتلىرىنى زادى قوغداش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر مەۋجۇد.ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان دىيالېكت-شېۋىلىرىنى قوغداش مەسىلىسى تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. لېكىن يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ دۇنيادىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپى، ئېلىمىزدە يولغاقويۇلىۋاتقان غەرپنى كەڭ ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، خەلقئارادىكى ئالىملارنىڭ يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ھەققىدىكى بىردەك تونۇشى قاتارلىق نوقتىلاردىن قارىغاندا، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان دىيالېكتلارمۇ يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارغا ئوخشاشلا قوغدىلىنىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

(1) لوپنوردىيالېكتىنى قوغداشنى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك

يوقىلىش گىرداۋىغابېرىپ قالغان دىيالېكتلارنى قوغداش مەسىلىسىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نوقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، تىل تەتقىقات ئۇسۇلىمىزنى تەڭشىمىسەك بولماىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز. چۈنكى ئېلىمىزدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت-شېۋىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشلار بولۇنغان ۋە بۇ ساھەدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىزمەتلەر پەقەت نوقۇل تىلشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئىشلىنىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نوقتىسىدىن ئىشلەنمىگەن. غەيرىي مەددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىۋىي ئۆلچەملەر ۋە خىزمەت مىزانلىرى مەۋجۇد بولۇپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان دىيالېكتلارنى قوغداشنىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ. ئەگەر يوقىلىش گىرداۋىغابېرىپ قالغان دىيالېكتلارنى قوغداشنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش دائىرىسىدە ئېلىپ بارىمىز دەيدىكەنمىز نېگىزلىك نەزەرىيە، خىزمەت پرىنسىپى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

(2) تاراتقۇلارنىڭ لوپنور دىيالېكتىتىنى قوغداش ۋە لوپنور مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىش جەھەتتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىش

لوپنور دىيالېكتى يالغۇز لوپنورلۇقلارنىڭ يەرلىك تىلى بولۇپ قالماستىن، يەنە لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.ئەگەر لوپنورلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ دىيالېكتىدا سۆزلىيەلمىسە،لوپنور قوشاقلىرى، ناخشىلىرى ۋە باشقا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنىمۇچۈشىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن لوپنور مەدەنىيىتىمۇ يوقولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا لوپنور دىئالېكتىنىڭ يوقۇلۇشى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت، كىتاپ، ژورنال،ئىنتېرنېت، قول تېلېفونى قاتارلىق ئاممىۋىي تاراتقۇلاردا لوپنور دىيالېكتىغامۇناسىۋەتلىك پروگراممىلارنى بېرىش كېرەك.

(3) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئومىيلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە لوپنور دىئالېكتىنىنىڭ ئىستىمال قىلىنىشىنى جانلاندۇرۇش

بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەدەبىي تىل بىلەن دىئالېكت زىددىيەتلىك ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئومىيلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە لوپنور دىئالېكتىنىىڭ ئىستىمال قىلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش كېرەك. يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان دىيالېكتلارنى قوغداش مۇرەككەپ مەسىلە. چۈنكى يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان دىيالېكتلارنى قانداق قوغداش، ئۆلگەن دىيالېكتلارنى قانداق تىرىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ تىل ماترىياللارنى قانداق خاتىرىلەش، دىيالېكتتىن ۋاز كەچكەن توپقا قانداق مۇئامىلەقىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنە بىر جەھەتتىن ئورتاق ئەدەبىي تىلنى يولغا قويۇش مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەدەبىي تىل بىلەن دىئالېكت-شېۋىلەر زىددىيەتلىك ئەمەس. دىئالېكت-شېۋىلەر مەھەللىۋىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم توشوغۇچىسى، دىئالېكت-شېۋىلەرنى قوغدىغانلىق مەھەللىۋىي مەدەنىيەت ئەئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئادەتتە ئىنسانلار كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن تىللارنى ئىگىلىگەن بولىدۇ، شۇڭا ئەدەبىي تىل بىلەن دىئالېكت-شېۋىلەرنىڭ زىددىيىتىدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن لوپنور ناھىيىلىك ھۆكۈمەت«لوپنور ناھىيىسىنىڭ لوپنور مەدەنىيىتى ئېكولوگىيسىنى قوغداش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىشى، پىلان ئىچىدە لوپنور دىيالېكتىنىڭ تىل مۇھىتىنى تۈزەش، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى نىزامنامىسى»نى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش شەرتىدە، ياش-ئۆسمۈرلەرنى لوپنوردىيالېكتىدا سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە لوپنور دىئالېكتى دەرسىنى تەسىس قىلىش، ئەل ئىچىدە لوپنور دىيالېكتىدا ناخشا ئېيتىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش،رادىيو-تېلېۋىزىيەدە لوپنور دىيالېكتىدە پروگراممىلارنى بېرىش، دۆلەت مەمۇرلىرىنىمۇ لوپنور دىيالېكتىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق لوپنور دىيالېكتىنىڭ تىل مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك. يوقۇرىدىكى چارىلەرنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە لوپنور دىيالېكتى دەرسى تەسىس قىلىش لوپنور مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە قوغداشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى.گەرچە بۇنىڭ شەرت-شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن لوپنور ناھىيىسىدە لوپنورلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان لوپنور مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتوتى قۇرۇش يەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

  پايدىلانغانماتىرىياللار:

(1) مىرسۇلتان ئوسمانوف:«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى1989-يىل.

(2) مىرسۇلتان ئوسمانوف: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2006-يىل.

(3) مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار:«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2006-يىل.

(4) غالىپ بارات ئەرك: «كىروراننىڭ سىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل نەشرى.

(5) مويدىن سايىت: «لوپنورئەسلىمىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىل نەشرى.

ئەسلى مەنبە: ”سېھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3655

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: