كىنايە ۋە ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلق رولى توغرسىدا

كىنايە ۋە ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلق رولى توغرسىدا

 

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە كىنايىنىڭ نامى ، تەبىرى ،شەكىللىنىش ئاساسى، تۈرلىرى ، ئۇنى قولانغاندا دىققەت قىلىشقا تىگشلىك نوقتىلار ، ئۇنىڭ ئاغزاكىي ۋە يازما نۇتۇقتىكى ئىستىلىستىكىلىق رولى قاتارلىق مەسىللەرئەمىلىي مىساللار ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە، كىنايە، ئىستىلىستىكىلىق رول

 

  1. كىنايە ۋە ئۇنىڭ تەبىرى

«كىنايە » ئۇيغۇر تىلىغا پارىسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ ، خەنزۇ تىلىدا«反语»، ئىنگىلىز تىلىدا«irony»،روس تىلىدا « $poh$:» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.  بۇ سۆزنىڭ مەنىسى سۆز ۋە ئىبارىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن باشقا كۆچمە مەنىلەردە قوللىنىشى ياكى بىر چۈشەنچىنى ئىككىنچى بىر چۈشەنچە بىلەن چۈشەندۈرمەك، دارتما گەپ دىگەنلىكتۇر. ئۇيغۇر تىلىدا كىنايىنىڭ «تەنە»،«ئىرونىيە»دېگەندەك شەكىللىرىمۇ بار. بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «كىنايە»، «تەنە»، «ئىرونىيە» سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى تىلىمىزغا باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆز بولۇپ ،تىلىمىزدا بىرلا ئىستىلىستىك ۋاستىنى كۆرسىتىدۇ. تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بىر تىلدا ئوخشاش بىر ئاتالغۇنى بىر قانچە سۆز بىلەن ئىپادىلەش ،يەنە كېلىپ ئوخشاش بىر مەنىدە ئشلىتىش كىشلەرنىڭ كاللىسىدا بەزى مۈجىمەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئايرىم-ئايرىم ئىشلەتكەندە، بۇ ئاتالغۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ ئاتالغۇ دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشى نەتىجىدە ، ئۆگىنىش ، خىزمەت ۋە تەتقىقات داۋامىدا بەزى ئىلمىي خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويشى مۆمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بۇلاردىن بىرنىلا ئېلىپ شۇنىلا دائىملىق ئىشلەتكەن تۈزۈك.  تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئەڭ ئاۋال بۇ ئۇچ سۆز ئىچىدىكى «ئىرونىيە» سۆزى ئىنگىلىز ۋە روس تىللىرىدىكى «$poh$: »،« irony » سۆزلىرىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ ، قالغان ئىككى سۆزگە قارىغاندا ، ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ئەڭ تۆۋەن ، كۆپىنچە كىشىلەر ئانچە چۈشۈنۈپ كىتەلمەيدىغان ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە تازا چۈشۈپ كەتمەيدىغان سۆز . شۇڭا بۇنداق كۆپىنچە كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان سۆزنى ئەڭ ياخشىسى ئشلەتمىگەن تۈزۈك. ئەمدى «تەنە» سۆزىگە كەلسەك ، بۇ سۆز ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى (1) باشقىلارنى كەمسىتىپ ئېيتىلغان دارىتما، ئەگىتمە سۆز. (2) نارازى بولۇپ مىننەت دوق بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت. (3) ئىستىلىتىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ سۆزنىڭ پارىسچىدىن كىرگەن «تەنە( ئۆسۈملۈكنىڭ غول ۋە يىلتىز قىسمى مەسلەن، يەككە تەنە) » دېگەن ئاھاڭداش شەكلىمۇ بار . «كىنايە» ۋە «تەنە» سۆزلىرىدىن بىرنى تاللاشقا توغىرا كەلسە، مېنىڭچە «كىنايە»سۆزىنى تاللىغان ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ سۆز تىلىمىزدا بىرلا ئىستىلىستىك ۋاستىنىڭ نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن خاس ئىسىم دائىرسىگە كىرىدۇ بىرلا مەنە ئاڭلىتىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز قېلىپلاشتۇرۇلۇپ دائىم ئىشلىتىلسە ، كىشلەر بىر ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ بىر خىل ئىستىلىستىك ۋاستە  ئىكەنلىگنى بىلەلەيدۇ. « تەنە » سۆزى بولسا ، بايا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك بىر قانچە مەنە ئاڭلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ پارىس تىلىدىن كىرگەن ئاھاڭداش شەكلىمۇ بار . بۇ سۆزنىڭ مەنىسى پەقەت مۇئەييەن كونتېكىست ئىچىدىلا ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن. ئۈچۈن«كىنايە» سۆزىنىلا ئىشلەتكەن تۈزۈك .

ئەمدى كىنايىنىڭ قانداق ئىستىلىستىك ۋاستە ئىكەنلىكىگە كەلسەك ، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت كىتاپلاردا كىنايىگە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تەبىر بېرىلگەن.

  1)  ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، سەلبىي مەنىدىكى سۆز بىلەن ئىجابىي مەنىنى ، ئىجابىي مەنىدىكى سۆز بىلەن سەلبىي مەنىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىك ۋاستە. ( خوجا ئابدۇللا ئىبراھىمى ، ئەمەت نىياز، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1987-يىل 11-ئاي نەشىرى)

2) ئوي-پىكىرنى ئۇنىڭغا قارشى مەنىلىك سۆز جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشتۇر. ( يولۋاس راشىدىن ، سىتىلىستىكا ساۋادى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى، 2002- يىل نەشىرى)

3) كىنايە دېگىنىمىز ، لاتىنچە « ئاللىگورىيە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر مەۋھۇم چۈشەنچىنى كونكىرىت نەرسە ياكى ھادىسە ئارقىلىق ئىپادىلەش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك ، كىنايە دېگىنىمىز ، ماقالە ئەسەرلەردە ياكى نۇتۇقلاردائىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سەلبىي مەنىدىكى سۆز بىلەن ئىجابىي مەنىنى ، ئىجابىي مەنىدىكى سۆز بىلەن سەلبىي مەنىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىك ۋاستە.( سەمەت تۇرسۇن، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي نەشىرى)

4) بەلاغەت ئىلمىدە ، سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلىك خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىسى ئاساسىدا باشقا بىر مەنىنى ئىپادىلەش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ.( زەمىر سەيدۇللا ، كىلاسسىك ئسىتىلىستىكا دەرس لېكسىيەسى)

يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى كىنايىگە بېرىلگەن تەبىر بولۇپ، بۇ تەبىرلەرنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بار. بۇ تەبىرلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تەبىر بىلەن ئۈچىنچى تەبىر ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئەمما ئۈچىنچى تەبىردىكى« كىنايە سۆزى لاتىنچە ئاللىگورىيە دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ……..» دېگەن جۈملىدىكى « ئاللېگورىيە» سۆزى بىرىنچىدىن ، كېلىش مەنبەسى خاتا ئېلىنغان . ئىككىنچىدىن، بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتە، كىنايە سۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قۇيۇلغان . ئەمەلىيەتتە « ئاللېگورىيە » سۆزى گرىك تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەۋھۇم چۈشەنچىلەرنى ئوبراز ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەش ؛ كىنايە دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ( ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى  ‹ قىسقارتىلمىسى›  49-بەت ) . يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ، «ئاللېگورىيە » سۆزىنىڭ « تەنە» دېگەن مەنىسى بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئىستىلىستىكىسىدا ئۇ كىنايىىدىن روشەن ھالدا پەرقلىندىغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنى كۆرسىتىدۇ. يولۋاس راشىدىن ئەپەندىنىڭ «سىتىلىستىكا ساۋادى » ناملىق كىتابىدا «ئاللېگورىيە – مەسەل لەتىپىلەردىن پايدىلىنىپ بىرەر داۋلىنى ئىپادىلەيدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدۇر.» دەپ تەبىر بېرىلگەن . دىمەك ، «ئاللېگورىيە» بىلەن « كىنايە» تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدىغان ئىككى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدۇر. كىلاسسىك ئىستىلىستىكىدىمۇ بۇ ئىككى سۆز گەرچە «مەجاز»دىن ئىبارەت ئىستىلىستىك شەكىلنىڭ تۇرلىرى بولسىمۇ ، يەنىلا ئىككى خىل ئىستىلىستىكىلىق شەكىل سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئىككىنچى تەبىرگە كەلسەك ، بۇ تەبىردە كىنايىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر ئاز تومتاق ، كىنايە ھەققىدە دەرۇ ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ. بىز يوقىرقى تەبىرلەرنى يۇغۇرۇپ كەلسەك ، تۆۋەندىكىدەك تەبىرگە ئېرىشەلەيمىز.

كىنايە- ئاغزاكىي نۇتۇق ھەم ماقالە ئەسەرلەردە ، سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلىك بولۇش خۇسۇسيتىدىن پايدىلىنىپ ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سەلبىي مەنىدىكى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىجابىي مەنىنى ، ئىجابىي مەنىدىكى سۆز – جۈملىلەربىلەن سەلبىي مەنىنى ئىپادىلەش ياكى سۆز- جۈملىلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا باشقا بىر مەنانى ئىپادىلەش سەنئىتىدۇر.

.2  كىنايىنىڭ ئاساسى

1)        ئوبىكتىپ ئاساسى

ھەممىىمىزگە مەلۇم ، ئوبىكتىپ دۇنيا زىدىيەت بىلەن تولغان . زىدىيەت ، قارمۇ-قارشلىق بولغاندىلا دۇنيا ئاندىن مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ، تەرەققىي قىلالايدۇ. دۇنيادىكى سانسىزلىغان شەيئىلەر ھەم بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ ھەم بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدۇ. ئاينىڭمۇ قاراڭغۇ ،يورۇق بولىدىغان چاغلىرى ، ئادەمنىڭمۇ ئازاپلىندىغان ،خوشال بولىدىغان ،ئايرىلدىغان ھەم جەم بولىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.  رىئال دۇنيادىكى كىشلەرنىڭ خارەكتىر خۇسۇسىيەتلىرىمۇ زىتلىق بىلەن تولغان بولىدۇ. گۈزەللىك ئىچىدە خۇنۈكلۈك، خۇنۈكلۈك ئىچىدەگۈزەللىك بولىدۇ. تىلىدىن قارىسا شىكەر ، دىلىدىن بولسا زەھەر تامىدىغان كىشىلەرمۇ ھېلىھەم ئۇچىراپ تۇ رىدۇ. بايلار ئۆزىنى دائىم نامىراتتەك ، نامىراتلار ئۆزىنى بايدەك قىلىپ پەردازلاشقا تىرىشىدۇ. بەزىلەر ماددىي بايلىق بىلەن بەھىرلىنىش بىلەن چەكلەنسە، بەزىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.  شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدىكى ، رىئال دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا،ھەر ۋاقىت زىدىيەت مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ زىدىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ. زىدىيەتلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ئايلىنىشى جەريانىدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇ شەيئىي ،ھادىسە ، خارەكتىر خۇسۇسىيەتلەرگە بولغان ئامىراقلىق ، ئۆچمەنلىك، يىرگىنىش، قارشى تۇرۇش ھېسىياتلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئپادىلەش زۆرۈريىتى تۇغۇلىدۇ. مانا بۇ زۆرۈريەت كىنايىنى زور ئوبىكتىپ ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2)      تىل ئاساسى

تىلدىكى كۆپ مەنىلىك ۋە قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەرنىڭ كۆپ بولىشى ، ئەسلى مەنە ئارقىلىق كېلىپ چىققان كۆچمە مەنىلەرنىڭ مۇئەييەن كونتېكىستتا ئالاھىدە مەنە ئىپادىلەپ بېرەلىشى، جۈملىلەرنى ھەر خىل ئىنتۇناتسىيەدە ئېيتىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقى كىنايىنى يىتەرلىك تىل ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

3)      پسخىك ئاساسى

مۇئەييەن بىر تىل موھىتىدا، مەلۇم بىر سىرتقى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن سېلىشتۇرما-باغلىما تەسەۋۇر كىنايىنىڭ ئاساسلىق پىسخىك ئاساسىدۇر. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان سىرتقى كۈچ ياخشىلىق-يامانلىق، گۈزەللىك-خۇنۈكلۈك، باي-كەمبەغەللىك قاتارلىق ئۆز ئارا زىدىيەتلىك تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىل ھالەتلەرگە بولغان ھەر خىل پوزىتسىيەلىرىنى ئۆزىنىڭ دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ باغلانما تەسەۋۇرنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىنايىدە سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن ۋە ھەقىقىي ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان مەنە يۇشۇرۇن ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. كىشلەرنىڭ نورمال پىسىخىكىسىدىن ئېيتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشكارا نەرسىلەرگە قارىغاندا ، يۇشۇرۇن نەرسىلەرگە كۆپىرەك قىزىقىدۇ. بۇ خىل پىسخك جەريان كىشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىۋى ھېسىياتىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئىپادىلەش جەريانىدىمۇ موھىم رول ئوينايدۇ. بۇ خىل ھالەت كىنايىنى پۇختا پىسخىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  1. كىنايىنىڭ تۈرلىرى

كىنايە ئاغزاكىي نۇتۇقتىمۇ ، بەدىئي ئەسەرلەردىمۇ ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە. مەسىلەن ئالايلى، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا دەرسكە توغراجاۋاپ بېرەلمىگەن ئوقۇغۇچىغا « ئولتۇر، كاللاڭ قالتىس ئىشلەيدۇ جۇمۇ سىنىڭ » دىگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن بولسا، بۇ جۈملىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ نارازىلىق ، قانائەتلەنمەسلىك ھېسىياتى ئىجابىي مەنىنى بىلدۈردىغان «كاللىسى قالتىس ئىشلەش» دىگەن  ئىبارە بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، بۇ ئىبارە كىنايىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەرەپ ، پارىس تىلىرنىڭ كىلاسسىك ئىستىلىستىكا قىسىملىرىدا كىنايە ئىپادىلەنگەن مەنىسىگە ئاساسەن ، ئادەتتىكى كىنايە ۋە تەئىرىز دەپ ئايرىلغان. بىز يۇقىردا كۆرسەتكەن مىسال ئادەتتىكى كىنايىدۇر. تەئىرىز كىنايىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ ، بالاغەت ئىلمىدە ئۇ ياپما شەكىلدە نارازىلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ روس تىلىدا «سەركىزەم» دەپ ئاتىلىدۇ. تەئىرىز نارازىلىق مەنىسىدىكى ئېتىراز سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ ، بىر مەنە ئارقىلىق يەنە بىر مەنىنى ئىپادىلەش جەريانىدا تەسۋىرلىگۈچىنى تەنقىدلەش ۋە ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنىمۇ ئىپادىلىگەن بولىدۇ. مەسىلەن:

 ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇققەدەس تۇپراق بولمىش ئانا ۋەتىنىنى ھاتەملەرچە سېخىيلىق بىلەن ئىككى قوللاپ تۇتقانلىرىغا كۆپ تەسەننا،-دېدى بەدەخشان ئەمىرى مەسخىرلىك تەلەپپۇزدا كۈلۈپ ، ئەمما بۈيۈك سەئىدىيە تەسەرۇپىغا لەشكەر تارتىشتەك كاتتا ئىش زىنھار قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

                        ( ياسىنجان سادىق ، جاللات خېنىم ، 595-بەت)

بۇ مىسالدا بەدەخشان ئەمىرى ئۆز ۋەتىننى سېتىش بەدىلىگە تەخىتكە ئېرىشىش تاماسىدا يۇرگەن ئاپپاق خوجىنىڭ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ نۇمۇسسىزلىقىنى كۈچلۈك مەسخرە قىلغان ھەم مۇشۇنداق كىشىلەرگە بولغان يىرگىنىش، نارازىلىق ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن . مانا بۇ تەئرىزدۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئسىتىلىستىكىسىدا كىنايە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ، ئىجابىي پىكىرنى سەلبىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەش ، سەلبىي پىكرنى ئىجابىي سۆز- جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1)          ئىجابىي پىكىرنى سەلبىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەش

بەزىدە مەزمۇننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىجابىي ئوي-پىكىرنى سەلبىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى « ھاماقەت ئاپا » دىگەن يۇمۇرنى كۆرۈپ باقايلى.

-       مىنىڭچە ئاپام بالا بېقىشنى بىلمەيدىكەن .

-       قانداق دەيسەن ؟

-       مەن ئويغاق چاغدا ئۇخلا دەپ كارۋاتقا چىقىرىپ قويىدۇ. ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا قوپ دەپ توۋلاپ ئويغىتىۋىتىدۇ.

يۇمۇرنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدىكى، بۇ يۇمۇرنىڭ ماۋزۇسىدىكى« ھاماقەت » سۆزى سەلبىي مەنىلىك سۆز بولسىمۇ ، ئەمما بۇجايدا بالىنى قەرەلىدە ياتقۇزۇپ، ئەتىسى ۋاقتىدا ئويغىتىدىغان تەلەپچان ئاپىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى .

(1)   قىز دەپ ئېيتتىم پەرىسەن،

قوشۇلماقتىن نېرى سەن.

جاللاتلارنىڭ پىرى سەن،

ئاشىقىنى ساتقان قىز.

(2) ئۇ تۈگمەنچى بىلەن خوشلۇشۇپ ، ئۆز ئۇيىگە قاراپ ماڭدى. تۈگمەنچى ئۇنىڭغا قارا ئېشىكىنى توقۇپ مىندۈرۈپ قويدى . بۇ كاساپەت دۇلدۇلنىڭ ئۆزى ئىدى، بىر دەممۇ توختىماي تاكىراڭشىپ چاپاتتى.

بۇلاردىن (1) مىسالدىكى « جاللاتلارنىڭ پىرى سەن» دىگەن سۆز شائىرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرگەن قىزغا بولغان تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز مىھىر- مۇھابىتىنى ئىپەدىلەيدۇ. (2) مىسالدىكى «كاساپەت» ئەسلى تىل ھاقارەت سۆزى بولسىمۇ، ئاپتۇرنىڭ«بىر دەممۇ توختىماي تاكىراڭشىپ چاپىدىغان»،« دۇلدۇل» دىن قېلىشمايدىغان جانىۋارغا بولغان سۈيۈنۈش ھېسىياتىنى ئپادىلەيدۇ. دىمەك ، ئوي-پىكىرنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەش كىنايىننىڭ ئىجابىي پىكىرنى سەلبىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەش تۈرىگە كىرىدۇ.

2)       سەلبىي پىكرنى ئىجابىي سۆز- جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەش

بەزىدە مەزمۇننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن سەلبىي ئوي-پىكىرنى ئىجابىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن:

(1) سىرتتىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان دۈشمەنلەرنى كۈتىۋالىدىغان قوراللىق پارتىزانلار ھازىرمۇ بايانداي، ياماتۇ ۋە پەنجىم غولى يوللىرىدا كۈزەتچىلىك قىلاتتى.

                                                    ( زوردۇن سابىر ، ئانا يۇرت) 

(2) ئۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسىغا ئوت تۇتاشقانىدى قارىگاھتىن قېچىپ چىقىشقا ئۇلگۈرگەن لەشكەرلەرگە ئاقسۇ لەشكەرلىرى ئەجەل قىلىچى ، ئەجەل نەيزىلىرىنى سوۋغا قىلىشاتتى.

                                            ( ياسىنجان سادىق ، جاللات خېنىم)

(3) يېقىندا يەنى ، 1999-يىل 8-ئايدا « ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى» ناملىق بىر پارچە رومان نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق سۈئىي ھالدا خېلى داغدۇغا پەيدا قىلدى. « شىجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» 1999-يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ رومان ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى . سۆھبەت يىغىنىدا سۆھبەت بايان قىلۈۇچىلار بۇ روماننى تامامەن مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان كاتتا رومان دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. مەن ئۇ چاغدا تېخى بۇ «كاتتا رومان»نىڭ «ئازاپ دەرۋازىسى»ناملىق بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەت كەچكە سۆھبەت يىغىنىدا تەسىراتىمنى شەرتلىك ھالدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ «كاتتا رومان» نىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

               ( يالقۇن روزى ، تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما)

بۇمىساللاردىكى (1) مىسالدىكى « كۈتۈۋىلىش» (2) مىسالدىكى «سوۋغا قىلىش» (3) مىسالدىكى « كاتتا رومان » لارنىڭ ھەممىسى ئىجابىي مەنىدىكى سۆز بولسىمۇ ئەمما بۇجايلاردا سەلبىي مەنىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. كىنايىنىڭ بۇ خىل شەكلى ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان شەكلىدۇر.

   كىنايە تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا قاراپ ، سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن كىنايە، جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن كىنايە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مەسلەن :

تۈرمە شىڭسەينىڭ ئىجادىيىتى، لىكىن ئۇ بۇ جىنايىتىنى گومىداڭ ، كوممۇنىستلارغا ۋە ھەقىقەت تۇغىنى كۆتۈرگەنلەرگە دۆڭگەپ : « شىنجاڭنى خەۋىپتىن ساقلاش ئۈچۈن تۈرمىنى كۆپەيتتىم »دېمەكتە. تۈرمە ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ھىمايە قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى.

                                          ( زوردۇن سابىر ، ئانا يۇرت )

بۇ مسالدىكى ئۈستىدىكىسى سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن كىنايە ، ئاستىدىكىسى جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن كىنايىدۇر.

4. كىنايىنى قوللانغاندا دىققەت قىلىشقا تىگشلىك بىر قانچە نوقتا

كىنايە كۈچلۈك ھەجىۋى قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە بولىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۇنى قوللانغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

    1) ئوخشاش بولمىغان ئوبىكىتقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيە قوللىنىش كېرەك . كىنايىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىش ئىستىلىستىكىنىڭ«سەمىمىي بولۇش »پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا كىنايىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىشكە ئۇنى باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان ،تەنقىتلەيدىغان قورال قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.

2)كىنايە شۇ تىلنى قوللانغۇچى كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مۇئەييەن دەرىجىدە چېكى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ چېكىدىن ئاشۇرۋىتىلسە بىمەنە نەرسىگە ئايلىنىپ يەتمەكچى بولغان ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ.

3)كىنايىدە ئىپادىلەنگەن مەنە ئەسلى مەنىنڭ ئەكسىچە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى ئىشلەتكەندە قىلىۋاتقان گەپنىڭ ئورامى ، يېزىلىۋاتقان ئەسەر مەزمۇنىنڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ ، كونتېكىستكە ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىش كېرەك.

5.كىنايىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رولى

 كىنايە ئاغزاكىي ۋە يازما نۇتۇقتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولۇپ ئۇنى مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە قوللانغاندا ياخشى ئىتىلىستىك ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى ، شۇ ئارقىلىق تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئوي-پىكىرنى جانلىق ، ئوبرازلىق ، تەسىرلىك ئىپادىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

1)كىنايە ئاغزاكىي ۋە يازما نۇتۇقلاردا مۇۋاپىق قوللىنىلسا، ئەڭ ياخشى ھەجىۋى قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبىكىتقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ھەر خىل پوزىتسىيەلىرىنى روشەن ھالدا ئىپادىلەپ بەرگىلى ، ھەق-ناھەق مەسىللىرىدە ئاپتۇرنىڭ قايسى مەيداندا تۇرۇپ ، كىملەرنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، كىملەرنى مەدىيلەۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

2) كىنايە ئاغزاكىي ۋە يازما نۇتۇقنىڭ يۇمۇرلۇقلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئىپادىلىمەكچى بولغان ھېسىياتنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن:

ئەپەندىمنىڭ ئايالى بازاردىن سېتىۋالغان يېڭى يوق قىسقا كۆڭلەكنى كىيىپ :

-      ئەپەندىم قارىڭا، كىيگەن كۆڭلىكىم يارشىپتىمۇ؟-دەپتۇ.

-      ئالامەت يارشىپتۇ، – دەپتۇ ئەپەندىم ئايالىدىن نارازى بولۇپ ،- ئەممازە     يەنە ئازىراق قىسقا بولۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ يارىشاكەندۇق.

-      قانداق دەيسىز، – دەپ سوراپتۇ ئەپەندىمنىڭ ئايالى خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي.

-       قانداق دەيسىلەرغۇ؟! – دەپتۇ ئەپەندىم ئايالىغا، – ئەگەر مەن دېگەندەك قىلساڭلار ، كاسا-يوتاڭلار تېخىمۇ تولۇق كۆرۈنەتتى –دە، مەن تۈگۈل باشقىلارنىمۇ ئالامەت جەلىپ قىلغان بولاتتىڭلار.

(قاھار ئابدۇرشىت، نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يېڭى لەتىپىلىرى)

مانا بۇ لەتىپىدە ئەپەندىم كىنايە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۇمۇرلۇق يول بىلەن ئايالىنىڭ بولمىغۇر قىلىقىنى كۈچلۈك مەسخىرە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. كىنايىنىڭ بۇخىل ئىستىلىستىكىلىق رولى بىرتەرەپتىن ، كۈچلۈك مەسخىرە ئارقىلىق ناچار سۆز-ھەرىكەتلەنى قامچىلىسا ، يەنە بىرتەرەپتىن ، باشقىلار نى سۆزلىنىۋاتقان ئوبىكىت توغرسىدا مۇئەييەن تەربىيەگە ئىگە قىلىدۇ.

3)كىنايىدە ئىنتۇناتسىيە ناھايىتى موھىم رول ئوينىغاچقا، ئۇ ئارقىلىق نۇتۇقنىڭ جانلىقلىقىنى ، ئاھاڭدارلىقىنى ئاشۇرغىلى ھەم ئوخشىمىغان موھىتتا ھەر خىل تۈسلەرنى ھاسىل قىلىپ نۇتۇقنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

دېمەك، يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ، كىنايە ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈمى ناھايىتى يوقىرى بولغان ئىتىلىستىكىلىق ۋاستە. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلسا ، تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ باشقا ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغان ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى ، نۇتۇقنى جانلىق ، ئوبرازلىق، يۇمۇرلۇق تۈسكە ئىگە قىلىپ كىشلەرنى شۇ ئوبىيكىتقا جەلىپ قىلغىلى ھەم ئۇلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۈ.

 

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1.  يولۋاس راشىدىن ، سىتىلىستىكا ساۋادى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ، 2002- يىل نەشرى

2.  رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدىن لېكسىيەلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1988- يىل 6-ئاي نەشىرى

3.  خوجا ئابدۇللا ئىبىراھىمى، ئەمەت نىياز، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى ، 1987- يىل 11-ئاي نەشرى

4.  سەمەت تۇرسۇن ، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2004-يىل 3-ئاي نەشرى

5.  زەمىر سەيدۇللازادە، كىلاسسىك ئىستىلىستىكا دەرس لېكسىيەسى

6.  لىيۇمىن ، خەنزۇ – ئۇيغۇر تىللىرىنىڭ ئىستىلىستىك ۋاستىلىرىدىن ئۇمۇمىي چۈشەنچە ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1995-يىل 8- ئاي نەشرى

7.  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ‹ قىسقارتىلمىسى› ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،1999-يىل 8-ئاي نەشىرى

 

 

مەزكۇر ماقالەم شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ 2005-يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=25

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: