بالىلىقتا ئوينىغان ئۇيۇنلار

بالىلىقتا ئوينىغان ئۇيۇنلار

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

(بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلىمى)

قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئۇيۇنلىرى ئىچىدە تېخى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈلمىگەن بىر نەچچە تۈرلۈك بالىلار ئۇيۇنلىرى، ئۇلارنىڭ ئوينىلىش ئۇسۇلى ۋە بالىلارغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:بالىلار ئۇيۇنلىرى، بالىلىق، پايدىلىق تەرەپ

بالىلىق چاغلىرىمنى ئويلىساملا ئاشۇ كەڭرى كەتكەن چاتقاللىق ۋە جاڭگاللىق، گاھىدە سىردىشىپ گاھىدا قىزىرىشىپ ئۆتكەن يامانلاشنى بىلمەيدىغان دوستلىرىم ئىسىمگە كېلىدۇ. ھازىر شەھەردە تۇغۇلۇپ شەھەر مۇھىتىدا چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇمنىڭ ئويناۋاتقان ئۇيۇنچۇقلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقان ئۇيۇنلىرىغا قارىسام، بۇ بالىلارنىڭ ئۇيۇن تۈرلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ھەمدە بالىلىقىمدا قويلىرىمىزنى يايلاتقاچ، كەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىدا ئوينىغان تۈرلۈك قىزقارلىق ئۇيۇنلىرىمىز ئېسىمگە كېلىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تۈزگەن بالىلار ئۇيۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆرۈپ باقتىم بۇ ئۇيۇن تۈرلىرى ئىچىدە بىز ئوينايدىغان بىر قىسىم ئۇيۇنلارنىڭ يوقلىقىنى بايقىدىم. بۇ بەلكىم ھەر جايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پەرقتىن بولسا كېرەك. شۇڭىلاشقا، تۆۋەندە بىزنىڭ لوپنۇر رايۇنىدا كىچىك چاغلىرىمىزدا ئوينىغان ئۆزگىچە ئۇيۇنلىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچى.

   1 .تارتىشماق ئۇيۇنى

ئابلىز مۇھەممەد بۆرىيار ئەپەندىنىڭ ”ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى“ناملىق كىتابىدا نامى مۇشۇ خىل ئۇيۇن بىلەن ئوخشاش يەنە بىر ئۇيۇن تۈرى تونۇشتۇرۇلغان. يەنى، ”تارتىشماق“ئۇيۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ”ئۆتۈشمەك“، ”تۈرتۈشمەك“ دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن مەۋجۈت.  بۇ ئۇيۇندا بالىلار بەللىرىگە پوتا ياكى تانا باغلىشىپ تەڭ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.كۈچلۈكرەك بالىدىن بىرسى ئالدىدا تۇرىدۇ.ھەمدە مەلۇم پاسىلنى بەلگىلەپ قويۇپ، ئۇيۇننى باشلايدۇ. كىم پاسىلدىن قارشى تەرەپنى ئۆتكۈزەلىسە، شۇ يەڭگەن بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان ”تارتىشماق“ئۇيۇنى گەرچە نام جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، ئويناش ئۇسۇلى،مۇۋاپىق كېلىدىغان ياش باسقۇچى،ئۇيۇنغا كېتىدىغان ماتىرىيال قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. تۆۋەندە بۇ خىل ئۇيۇن تۈرى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى:

ئۇيۇن ماتىرىيالى:لوپنۇر چىگىسى چېچەكلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چېچەكلىگەن غول قىسىملىرىدا ئادەمنىڭ قورساق قىسمىدىن تۆۋەنكى قىسمىغا ئوخشاش ئاچىماق شەكىلدە بىر نەرسە پەيدا بولىدۇ.

بۇ ئادەتتە يەرلىك تىلدا ”تارتىشماق“دەپ ئاتىلىدۇ. ”تارتىشماق“نىڭ غولى سۇس قىزغۇچ  رەڭدە،تۇتاشقان قىسمى بولسا ئادەتتە قېنىق قىزىل رەڭدە بولىدۇ.ئىككى ئاچىمىقىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەڭ نىسبەتتە بولۇپ، بەك ئۇزۇنلىرىنىڭ 20 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا، قىسقىلىرىنىڭ 10 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن قىسقىلىرى ئادەتتە ئۈزۈلمەيدۇ. غول قىسمىنى يارسا، ئاق توزۇنداق شەكىلدىكى نەرسە چىقىدۇ.غول قىسمى يۇمشاقراق بولىدۇ. ئىككى غولنىڭ تۇتاشقان قىسمى قاتتىق بولىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى:ئاۋال بۇ ئۇيۇن ئۈچۈن چېگە غولىدىن ”تارتىشماق“تەييار قىلىنىدۇ. ئادەتتە 15-20 تال ئەتىراپىدا تەييار قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككى ئادەم بىر بولۇپ ”تارتىشماق ئۇيۇنى“نى باشلىسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزى چوقۇم يېڭەلەيدۇ دەپ قارىغان تارتىشماقنى تاللاپ، ئۇلارنى كىرىشتۈرۈپ تەڭلا كۈچەپ تارتىدۇ. كىمنىڭ تارتىشمىقىنىڭ ئاچىمىقى يىرىلىپ كەتسە شۇ ئۇتتۇرغان بولىدۇ.بۇنى شۇ تەرىقىدە ئىككى تارتىشماقنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ئوينايدۇ. چوڭراق بالىلار بولسا، تۆت-بەش ھەتتا ئوندەك تارتىشماقنى كىرىشتۈرۈپ ئاندىن كۈچەپ تارتىدۇ. بۇنى ئۈزبشكە خېلى كۆپ كۈچ كېتىدۇ. بەزىدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ بىر قانچە ئادەم تەڭ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇيۇندا ئۇتتۇرغانلارغا بېرىلىدىغان جازا بولسا، تارىلىپ كەتكەن قوي پادىلىرىنى يىغىپ كېلىش ياكى زىرائەت تەرەپكە كەتكەن قويلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ كېلىش بولىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ ئۇيۇننىڭ ماتىرىيالى تەبىئەتتىن ئېلىنغاچقا، بۇنى ياساشقا ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئۇيۇن ئارقىلىق قوي بېقىش جەريانىدىكى بىر قىسىم بىر-بىرىگە بەس سېلىشىپ، سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇتتۇرغۇچى تەبىئىيلا مەيلى يېشى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن جازا ئۇسۇللىرىنى شەرتسىز ئورۇندايدۇ. بۇنداق بولمىغاندا بەزى ۋاقىتلاردا بالىلار زىرائەت تەرەپكە ماڭغان قوي ياكى كالىلارنى ”سەن توس“ دېسە ”سەن توس“دەپ بىر بىرىنى بۇيرۇپ، قويلار باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تارتىشماق ئۇيۇنى بىرلىكتە قوي بېقىۋاتقان بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىناق كەيپىيانى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.بۇ ئۇيۇن يەنە بالىلارنىڭ قول ۋە بېغىشلىرىنى چېنىقتۇرۇش، كۈچىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى يېڭىش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر بۇرۇنقىدەك قويلارنى كەڭ يايلىتىپ باقىدىغان لوپنۇر چىگىلىرى بولۇق ئۆسكەن ئاشۇ جاڭگاللىقلار كىشىلەر تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۋېتىلگەچكە، لوپنۇر چىگىسى ئاشۇ تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ باش قىسىملىرىدىكى كىچىكىنە يەرلەردىلا بار بولۇپ، بۇرۇنقىدەك يايلاق بولمىغاچقا، قويلارمۇ يوق دېيەرلىك.قوي كۆپ بولمىغاچقا، بىرلىكتە قوي باقىدىغان بالىلارمۇ يوق دېيەرلىك. شۇڭىلاشقا ”تارتىشماق ئۇيۇنى“ھازىر يەرلىك بالىلار تەرپىدىن بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

     2.چوكا ئۇيۇنى

ئۇيۇن ماتىرىيالى: بۇ ئۇيۇننىڭ ئاساسلىق ماتىرىيالى يۇلغۇن غولىدىن تەييار قىلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا باشقا غولى قاتتىق دەرەخلەردىن تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە يۇلغۇن غولى باشقا دەرەخلەرنىڭ غولىغا قارىغاندا سەل ئېغىر بولۇپ،ئويناشقا قولايلىق بولغىنى ئۈچۈن كۆپىرەك مۇشۇ خىل ماتىرىيال ئاساس قىلىنىدۇ. يۇلغۇن غولىنىڭ تۈز ئۆسكەن قىسمى پىچاق بىلەن كىسىۋېلىنىدۇ. ھەمدە سىرتقى پوستى قىرىپ سىلىقلىنىدۇ. ھەر بىر چوكىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئوخشاش بولىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئالدى بىلەن بىر چوكىنى ياخشى ياسىۋالغاندىن كېيىن، شۇنى ئۆلچەم قىلىپ قالغان چوكىلار تەڭ نىسبەتتە كىسىۋېلىنىدۇ. ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 15 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى: چوكا ئۇيۇنىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى، مەلۇم ساندىكى چوكا تەييارلانغاندىن كېيىن (ئادەتتە 20-30 دانە بولىدۇ) ئۇيۇن ئوينىغۇچى قولىغا پاتقۇدەك چوكىنى ئالقىنىغا ئالىدۇ. ئۇيۇننى باشلاش ئادەتتە بالىلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بويىچە بىر-بىرىگە يول قويۇش ئاساسىدا بولىدۇ. بىر تەرەپ بىر توپ چوكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئېھتىياتچانلىقى بىلەن، ناھايىتى تىز سۈرەتتە چوكىلارنى قولنىڭ دۈمبىسىگە ئالىدۇ. ھەمدە قولنىڭ دۈمبىسىگە ئالغاندىن كېيىن ھاۋاغا قارىتىپ مەلۇم ئارىلىقنى تەڭشەپ ئاتىدۇ. ھەمدە چاققانلىق بىلەن ھاۋاغا ئېتىلغان چوكىنى تۇتىدۇ. تۇتۇش شەكلىمۇ ئىككى خىل بولۇپ،بىرى چوكىنى ئېتىۋىتىپلا، قولنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ تۇتۇش. يەنە بىرى بولسا، قولنى توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ يەردىن توپىنى قېزىپ ئالغاندىكى ھالىتىگە ئوخشاش قىلىپ تۇتۇش. بۇ ئۇيۇندا كىمنىڭ تۇتىۋالغان چوكىسى كۆپ بولسا، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ.

 ئىككىنچى خىل شەكلى بولسا، مەلۇم ساندىكى چوكا سىلىق يەر يۈزىگە ئاستا چېچىلىدۇ. چوكىلارنىڭ بەزىلىرى ئۈستى-ئۈستىگە چۈشسە،بەزىلىرى ئايرىلىپ چۈشىدۇ. ئاشۇ چوكىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقا چوكىلارنى قەتئىي مىدىرتىۋەتمىگەن ئاساستا قولغا ئېلىنىدۇ. ھەمدە ئاشۇ چوكا بىلەن ئۈستى-ئۈستىگە چۈشكەن چوكىلارنى ئىلىپ ئاجىرتىشقا باشلايدۇ. ناۋادا ئىلىپ ئاجىرتىش جەريانىدا ئاستى ياكى يان تەرەپتىكى بىرەر چوكا مىدىراپ كەتسە،قارشى تەرەپ ئۇيۇننى باشلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا كىم ئەڭ بۇرۇن ھېچقانداق چوكىنى مىدىرتىۋەتمەي ھەممە چوكىلارنى ئاجىرتىۋىتەلىسە،شۇ يەڭگەن بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: چۇكا ئۇيۇنىدا بالىلار چوكىنى ئۆزلىرى تەييار قىلىدۇ.شۇڭىلاشقا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا ئۇيۇن جەريانىدىكى تەلەپلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ قول ھەركىتنىڭ چاققان بۇلۇشى، يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچان ھەم سەۋىرچان بۇلۇشى، دېققىتىنى بىر نوقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئۇيۇننىڭ ئەڭ ئەۋزەل يەنە بىر تەرىپى ئۇيۇن ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ چوكىلارنى بالىلار يەنە مەكتەپكە ئاپىرىپ كىچىك كۆلەمدىكى ھېسابلارنى ئىشلەشتە ئىشلىتەلەيدۇ. ساناق سانلارنى مەشق قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

      3 .سابۇر (قۇم بولاق) ئۇيۇنى

ئۇيۇن ماتىرىيالى:بۇ ئۇيۇننىڭ ئىسمىنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ماڭا نامەلۇم. بۇ بەلكىم خەنزۇ تىلىدىكى ”沙包“دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇيۇن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا خېلى كۆپ ئومۇملاشقان ئۇيۇندۇر. بۇ ئۇيۇندا ئىشلىتىلدىغان ”سابۇر“ ئادەتتە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلمەيدىغان پارچە-پۇرات لاتىلارنى قۇراشتۇرۇپ تىككەندىن كېيىن ئىچىگە قوي مايىقى، ھەر خىل دانلىق زىرائەتلەردىن چىقىدىغان كېپەك قاتارلىق نەرسىلەر ئىچىگە تىقىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئادەتتە قۇم تىقىلىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. چۈنكى، قۇم ئېغىر بولغاچقا، ئېتىپ ئوينىغاندا، بالىلارنىڭ بەدىنىگە قاتتىق تىگىپ كىتىدۇ. شۇڭىلاشقا،ئادەتتە ئېغىرلىقى نورمال نەرسىلەر ئىچىگە چىڭدىلىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى :بۇ ئۇيۇننى ئويناش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى تۆتتىن يۇقىرى ئادەم ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ. بىر گۇرۇپىدىكىلەر مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاپ، سابۇرنى قولىغا ئېلىپ تەييار بولىدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ئارىلىققا كىرگەندە،بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر سابۇرنى ئۇلارغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ئەگەر سوقۇۋەتسە، سوقۇلغان شۇ ئادەم ”ئۆلىدۇ“ ھەم نەق مەيداندىن چىقىرۋىتىلىدۇ. ناۋادا ئېتىش جەريانىدا ئارلىقتا يۈگىرەۋاتقانلار سابۇرنى تۇتىۋالسا، بايام ”ئۆلگەن“ بىر ئادىمى تىرىلىپ، يەنە ئۇيۇنغا قاتنىشىدۇ. نەچچە قېتىم تۇتۇۋالسا، شۇنچە ”جان“ قوشىلىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنى سابۇر بىلەن سوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇيۇن ئاخىرلىشىدۇ. مۇشۇ بويىچە ئىككى گۇرۇپ نۆۋەتلىشىپ ئوينايدۇ.

 ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا، مەلۇم ئارىلىقنى ئۆلچەم قىلىپ، بالىلار يۈگۈرگىدەك ئارىلىق قالدۇرلۇپ، لەغمەن پىلتىسى شەكىلدىكى  چوڭ-كىچىك چەمبەرلەر سىزىلىدۇ. ئۇيۇن باشلانغان ۋاقىتتا، چەمبەرنىڭ ئەڭ ئىچىكى  قىسىمىدىكىلەر سىرتىغا قاراپ پىرقىراپ يۈگىرەيدۇ. يەنە بىر گۇرۇپتىكىلەر سابۇرنى ئۇلارغا قارىتىپ ئېتىپ تۇرىدۇ. پىقىراپ يۈگىرەش جەريانىدا سابۇ يىگەنلەر ئۇيۇندىن چېكىنىدۇ، سابۇرنى بىرەر ھەمراھى تۇتۇۋالسا، ”ئۆلگەن“ ھەمراھى تىرىلىدۇ. ناۋادا سابۇرنى ئاتقۇچىلار ئىچىدىكىلەر چەمبەردىن چىقىپ كەتكۈچە ئىككىنچى گۇرۇپ ئەزالىرىنى سوقۇپ تۈگىتەلمىسە، بىرىنچى گۇرۇپتىكىلەر يەنە قايتىدىن چەمبەر ئىچىدىن ئۇيۇننى باشلايدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ خىل ئۇيۇننىڭ ئۇيۇن كەيپىياتى جىددىي ۋە كەسكىن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن چاققانلىقىنى، ئۆز_ئارا ماسلىشىشنى، ھەمكارلىشىشنى  ۋە نىشانغا دەل تەگكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇيۇن بالىلارنىڭ غەيرىتى ھەم تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارغاندا ھەرقانداق ئىش ئۈستىدىن غەلبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىپ يېتىدۇ.

4.سۇغا چۆمۈلگەندە ئوينىلىدىغان ئۇيۇنلار

ئادەتتە كىچىك ۋاقىتلاردا يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرىدە بالىلار ئۆستەڭ ياكى دەريالارنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان يەرلىرىگە سۇغا چۈمۈلۈپ يازنىڭ ئىسىقلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. ھەمدە بۇ جەرياندا يەنە سۇ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قىسىم ئۇيۇنلارنى ئوينايدۇ. بۇلاردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

      1)دېڭىز ئېتىش

بۇ بالىلار سۇغا چۈشكەندە، ئەڭ كۆپ ئوينىلىدىغان ئۇيۇن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن سۇنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر جايى تاللىنىپ، شۇ يەرنىڭ بويىغا ئىگىزرەك پەلەمپەي ياسىلىدۇ. بۇ ئادەتتە لاي ياكى سىلىق تاش ۋە ياكى خىشتىن ياسىلىدۇ. پەلەمپينىڭ ئىگىزلىكى ئادەتتە 40-50 ساتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. پەلەمپەي ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن بالىلار 20-30 مىتىر ئارىلقتىن ئۇچقاندەك يۈگرەپ كېلىپ، سۇغا باشچىلاپ شۇڭغۇيدۇ. سۇغا شۇڭغۇغاندا ئامال بار قورساق قىسمىنىڭ سۇغا ئۇدۇل كېلىپ قالماسلىققا تىرىشىلىدۇ. كىم سۇغا شۇڭغۇغاندا چاچىرىغان سۇ كۆپىكچىسى ئاز بولسا، شۇ ئەڭ چىرايلىق ”دېڭىز ئاتقان“ بولىدۇ. ھەمدە بالىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتى ”ئۆسىدۇ“. بۇ ئۇيۇننىڭ نامىنىڭ قويۇلىشىدىن دېڭىزنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بالىلىرىمىزنىڭ دېڭىز ھەققىدىكى ساددا  تەسەۋۇرىنى ، ئۆزلىرىنىڭ  چوڭقۇر دېڭىزنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇش ئارزۇلىرىنى قۇربى يىتىدىغان شەكىلدە قاندۇرىشىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە  بىر جەھەتتىن بۇ بەلكىم ھازىرقى دەۋىردىكى خەلقارادىكى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىلىرىنىڭ بالىلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىپتىدائى شەكلى بولىشى مۇمكىن.

    2)سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى

بۇ ئادەتتە بالىلار سۇغا چۈمۈلگەندە بىر-بىرى بىلەن ئۆزلىرى بىلىدىغان سۇ ئۈزۈش شەكىللىرى بويىچە مەلۇم ئارىلىقنى ئۆلچەم قىلىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئوينايدىغان بىر خىل ئۇيۇن شەكلى. بۇنىڭدا ئاساسلىق سۇ ئۈزۈش شەكىللىرىدىن غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈش، پاقىچىلاپ ئۈچۈش، كەينىلاپ ئۈزۈش قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. بۇنىڭدا بەك قاتتىق ئۆلچەم بولمايدۇ. گاھىدا مۇسابىقىلەشكۈچىلار بىر خىل سۇ ئۈزۈش ئۇسۇلىدا مۇسابىقىلەشسە، گاھىدا مۇسابىقىلەشكۈچىلەر قايسى خىل سۇ ئۈزۈش ئۇسۇلىغا ماھىر بولسا، شۇ خىل ئۇسۇلدا ئۈزۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ.

    3)سۇدا موللاق ئېتىش

سۇدا مۇللاق ئېتىش بىر خىل ماھارەت كۆرسىتىش خاراكتىردىكى ئۇيۇن شەكلى بولۇپ، ھېچقانداق مۇسابىقە خاراكتىرىنى ئالمىغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇيۇننى بالىلار ئىچىدىكى سۇ ئۈزۈشكە ئەڭ ماھىر بالىلار ئوينىيالايدۇ. ھەمدە باشقا بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ. سۇدا موللاق ئېتىش بىر قىتىم ئىتىش ۋە ئۇدا ئېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

ئومۇمەن سۇغا چۈمۈلىدىغان چاغدا ئوينىلىدىغان بۇ خىل ئۇيۇنلار جەريانىدا بالىلار بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشنى ۋە ياردەم قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. چوڭراق ۋە سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بالىلار كىچىكلەرگە سۇ ئۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ. سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلمەيدىغان بالىلارنىڭ چوڭقۇر يەرلەرگە بارماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ناۋادا بىلمەستىن بېرىپ، بىرەر خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ ئۈزۈشكە ماھىرلىرى بىرلىشىپ قۇتقۇزىدۇ. دېڭىز ئېتىشقا ئوخشاش ئۇيۈنلار ئارقىلىق تەۋەككۈلچىلىك، قۇرقۇمسىزلىق، باتۇرلۇق خاراكتىرىنى تەدىرىجىي يىتىلدۈرسە، قالغان ئۇيۇن تۈرلىرى ئارقىلىق تەبىئىي ھالدا سۇ ئۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ماھارەتنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ئۆگىنەلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ تەن ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگىمۇ پايدىلىق.

     5.قەغەز پاق-پاق ئۇيۇنى(يەرلىكتە يەنە لوش ئۇيۇنىمۇ دېيىلىدۇ)

ئۇيۇننىڭ ئاساسلىق ماتىرىيالى ۋە ياساش ئۇسۇلى: كېرەكسىز كىتاپ-دەپتەر قەغىزى، كارتۇن قەغەزدىن مەلۇم تەرتىپتە قاتلاپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە، يەنە بىرى بەش تەرەپلىك شەكىلدە بولىدۇ.

ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدىكىسى ئاۋال تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى بىر پارچە قەغەزنىڭ باش تەرىپىدىن يېرىمىغا كەلگۈچە ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە بىر تۈز سىزىقنى بويلاپ قاتلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۈچبۇلۇڭ يەنە بىر قىتىم ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە قاتلىنىدۇ.ئاندىن ئېشىپ قالغان قىسمى پۈتۈن ھالەتتە ئۇچ بۇلۇڭنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا نەق كەلتۈرلۈپ قاتلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى چەتتە يەنە تېخىمۇ كىچىك ئىككى ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۈچ بۇلۇڭلار بۇرۇن ھاسىل قىلغان چوڭ ئۈچ بۇلۇڭلارنىڭ بېقىنلىرىغا تەكشى قىلىپ قىستۇرىلىدۇ.

 بەش تەرەپلىك شەكىلدىكىسىدە ئادەتتە تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى قەغەز ئوتتۇردىن تەڭ نىسبەتتە قاتلىنىپ، بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلىنىدۇ.ئاندىن ئىككى بۇرجىكى سىزىقنى بويلاپ ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدا قاتلىنىدۇ. ئىككى ئۈچبۇلۇڭ بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كەلگەندىن كېيىن، بىر چوڭ ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىككى بۇرجىكىدىن يەنە كىچىك ئىككى ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىپ ئىچىگە قاتلىنىدۇ.بۇ ۋاقىتتا قەغەزنىڭ ئاستى تەرپىدە ئازراق قىسمى ئېشىپ قالىدۇ. بۇ ئېشىپ قالغان قىسمىنى تاكى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە قاتلىنىدۇ.ئاندىن تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىككى چېتى قاتلىنىپ ئەڭ ئاخىردا ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۇچلۇق تەرىپى بايا قاتلىغان تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىككى قانىتىنى باستۇرغان ئاساستا ئوتتۇردىكى جايغا تەكشى تىقىپ قويىلىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى: ئاۋال مەلۇم ساندىكى ”پاق-پاق“تەييار قىلىنغاندىن كېيىن،قېلىن ھەم قاتتىق ماتىرىيالدىن ياسالغان بىر ”تۇز“ ياكى ”ساقا“ ھازىرلىنىدۇ. ئۇ باشقىلىرىغا قارىغاندا قېلىن ھەم ئېغىر بولىدۇ. ئوينىغان ۋاقىتتا قەغەز پاق-پاقنىڭ بۇرجەكلىرى ئىچىگە سەل قاتلىنىپ يەرگە تېخىمۇ يېپىشىپ تۇرىدىغان ھالەتكە ئەكىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوينىغۇچى تەرەپلەر كېلىشىپ تەكشىرەك بىر جاينى تاللاپ پاق-پاقنى شۇ جايغا قويىدۇ. ئىككىنچى تەرەپ ئۆزىنىڭ ”تۇز“ى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ”تۇز“نىڭ يان قىسمىغا كۈچەپ ئۇرىدۇ. ناۋادا بېرىلگەن كۈچ يىتەرلىك بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ”تۇز“ى شامال تەسىرىدە ئوڭدىسىغا ئۆرىلىپ قالىدۇ. ھەمدە ئۇتتۇرغان بولىدۇ. ئۇتتۇرغانلار قولىدىكى باشقا قەغەز پاق-پاقلىرىنى قارشى تەرەپكە بېرىدۇ. ئۇيۇن شۇ تەرىقىسىدە داۋاملىشىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ ئۇيۇن ھازىر شەھەر باللىرى ئويناۋاتقان دۇكانلاردا تەييار سېتىلىدىغان، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن شەخىسلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق شەكىلدىكى كارتىلارنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇپ، ئويناش شەكلى ئاساسەن ئوخشاش. لېكىن ئالدىنقىسىنى بالىلار ئۆزى قول سېلىپ ياسايدۇ، ھەم لايىھەلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئۇندىن باشقا بىر-بىرىنى ئۆرۈش ئۈچۈن قەغەز پاق-پاقلار كۈچەپ ئۇرۇلغاچقا، بالىلارنىڭ بىلەك قىسىملىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق تەرىپى بار، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

     6.“قىلىچۋازلىق“ئۇيۇنى

  ئۇيۇن ماتىرىيالى: قوناق شېخى ياكى گازىر شېخى بەزى ۋاقىتلاردا ئىنچىكە يۇلغۇن ياغاچلىرىمۇ ”قىلىچ“ قىلىنىدۇ.لېكىن كۆپىنچە قوناق شېخى ”قىلىچ“ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب قوناق شېخىنىڭ غولى باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە قارىغاندا يۇمشاق بولۇپ، ئۇيۇن جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن قارشى تەرەپنى يارىلاندۇرۇپ قويماسلىقنى ئاساسي مەقسەت قىلغان. بۇ خىل ”قىلىچ“نى تەييارلاشتا ئالدى بىلەن ئورىۋىتىلگەن ياكى قونىقى ئۈزىۋىلىنغان قوناق شېخى تاللانغاندىن كېيىن پىچاق بىلەن ئۇنىڭ غولىدىكى قوپال جايلىرى شىلىپ سىلىقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 60-70 سانتېمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. قوناق شېخىنىڭ تەخمىنەن ھەر ئون سانتىمىتىردا بىردىن بوغۇمى بولىدۇ. بۇنىڭ ”قىلىچ“دەستىسى قىلىنىدىغان بىرىنچى بوغۇمى ئادەتتە سىلىقلانمايدۇ.

 ئويناش ئۇسۇلى: بۇنى ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم ”ھەربىي“ ، ”دۈشمەن“دېگەندەك گۇرۇپلارغا بۆلىنىپ ئۆزلىرى بىلىدىغان ياكى كىنولاردىن كۆرىۋالغان تەقلىدىي ”جەڭ“ ئۇسۇلىدا ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئوينىغاندا ئادەتتە ”قىلىچ“نى يۈز قىسىملىرىغا قارىتىپ سانجىش ياكى چېپىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئاساسلىق قورساق ۋە بەل قىسمىغا چېپىلىدۇ ياكى تىقىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا قاتتىقراق تىقىلسىمۇ، ”قىلىچ“نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يۇمشاق بولغاچقا، قايرىلىپ ياكى سۇنۇپ كېتىپ ئادەم زاخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ بىر خىل تەقلىدىي ”جەڭ مەيدانى“نى ياكى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان قەھرىمانلىرىنى ئاساس قىلىپ ئوينىلىدىغان ئۇيۇن بولغاچقا، بالىلارنىڭ باتۇر،يۈرەكلىك، قورقماس، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ئېنىق بولۇش تەربىيىسىگە ئىگە بولىشىدا بەلگىلىك رولى بار. ئۇندىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق نۇرغۇن تەرەپلىرى بار.

    7.ئوقيا ئېتىش ئۇيۇنى

ئۇيۇن ماتىرىيالى: ئالدى بىلەن بىرەر مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە-توملىقى نورمال ھۆل يۇلغۇن ياغىچى، ئەللىك سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېنى سەل كەڭرەك يىپ، ئۇزۇنلىقى 50 سانتىمىتىر ئەتىراپىدىكى تۈز ئۆسكەن قۇمۇش دەستىسى تەييار قىلىنىدۇ. يۇلغۇن دەستىسىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن پىچاق بىلەن بوغۇمچە چىقارغاندىن كېيىن تەييارلىۋالغان يىپ ئاۋال بىر تەرەپكە چىگىلىدۇ. ئاندىن يىپ چىگىلگەن تەرەپنى دەسسەپ تۇرۇپ يۇلغۇن ياغىچى ئاستا ئىگىلىپ يەنە بىر تەرپىمۇ يىپ بىلەن باغلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ”يا“ پۈتىدۇ. قۇمۇش دەستىسى بولسا،“ئوق“قىلىنىدۇ.

   ئويناش ئۇسۇلى: ئوق بىلەن يا پۈتكەندىن كېيىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىگىزرەك بىرەر جايغا داڭگال،بوتۇلكا قاتارلىق نەرسىلەرنى تىزىپ مەلۇم بىر ئارىلىقنى ئۆلچەم قىلىپ بىر تۈز سىزىق سىزىدۇ. ئاندىن نۆۋەت بىلەن ”نىشان“نى قارىغا ئېلىپ ئاتىدۇ. بۇ ئۇيۇن كۆپىنچە مۇسابىقە شەكىلدە ئوينىلىدۇ. ئايرىم ھاللاردا ئەركىن ھالدا سوقۇپ ئوينايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇيۇننى بەزىدا يالغۇز ئويناشقىمۇ بولىدۇ. يالغۇز ئوينىغان مەزگىللەردە بىر قىسىم بالىلار ئادەتتە ئوقنىڭ ئۇچىغا يىڭنە، ئىنچىكە مىخ قاتارلىقلارنى بېكىتىپ، قەغەز ساندۇقلارنى ئىسىپ قويۇپ شۇلارنى چەنلەپ ئېتىپ ئوينايدۇ. كۆپچىللىك ئوينىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچىغا ئۇنداق ئۇچلۇق نەرسىلەر ئورنىتىلمايدۇ.

پايدىلىق تەرەپلىرى: بۇ ئۇيۇن بەلكىم ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ھاياتىنىڭ باللىرىمىز ئارىسىدىكى ئۇيۇن شەكىلدە ساقلانغان كارتىنىسى بولۇپ، ئۇيۇنچۇقنى ياساش ئۇسۇلى ئاددىي، ئويناش قائىدىلىرىمۇ مۇرەككەپ ئەمەس. بۇ ئۇيۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەلۇم بىر نوقتىغا يىغىنچاقلاش، ئۇيۇن جەريانىدىكى ”غەلبە“ ۋە ”مۇۋاپىقىيەتلەر“ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنىڭ ماھارەت ۋە ئىقتىدارىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مەلۇم دەرىجىدە ئەھمىيىتى بار.

   8.پەتەنگۈچ ئۇيۇنى(رەگەتكە ئۇيۇنى)

ئۇيۇن ماتىرىيالى : ئالدى بىلەن ئاچىماق شەكىلدىكى يۇلغۇن ياكى باشقا غولى قاتتىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغىچى، 10-15 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇمىلاق ياكى ياپىلاق رېزىنكە(يۇمىلاق رېزىنكە ئادەتتە ۋېلسىپىت ياكى ھارۋىنىڭ چىمچىرىغا ئىشلىتىلىدىغان دۇكانلاردا تەييار سېتىلىدىغان رېزىنكىدۇر، ياپىلاق رېزىنكە بولسا يەنىلا ۋېلسىپىت ياكى ھارۋا چاقلىرىنىڭ چىقىرۋىتىلگەن كېرەكسىز كامىرلىرىنى قايچا بىلەن قىيىپ تەييار قىلىنىدۇ)؛ يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان شەكىلدىكى كۆن(كىيمەيدىغان ئاياق ياكى باشقا خۇرۇم ئىشلىتىلگەن تاشلاندۇق نەرسىلەردىن قىيىۋىلىنىدۇ) تەييار قىلىنىدۇ. ئاندىن ئاچىماق ياغىچىنىڭ ھەممە قىسىملىرىدىكى پوستى پاكىز قىرىپ چىقىرۋىتىلىدۇ. ئاچىماق قىسىمنىڭ ئۈستى تەرپىدىن ئىككى-ئۈچ سانتىمىتىر قالدۇرلۇپ، بۇغۇمچە چىقىرىلىدۇ. ئاندىن تەييارلانغان كۆننىڭ ئىككى تەرپىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىلىدۇ. ئاخىرىدا ئاچىماق بىلەن كۆن رېزىنكە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئۇيۇنچۇقنىڭ نامى بۇ تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ”بەتەنگۈچ(بەلكىم ”بەتلەنگۈچ“ سۆزىدىن كەلگەن بولسا كېرەك)“ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەدەبىي تىلدا بولسا ”رەگەتكە“دەپ ئاتىلىدۇ.بەتەنگۈچ تەييار بولغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىكلىكى بەتەنگۈچكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇششاق ھەم يۇمىلاق تاش تەييار قىلىنىدۇ. يۇمىلاق تاشنى رەگەتكىگە سېلىپ، خۇددى ئوقيا ئۇيۇنىغا ئوخشاش مەلۇم بىر ”نىشان“نى قارىغا ئېلىپ ئېتىپ ئوينىلىدۇ. بەزى كەپسىزرەك بالىلار ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدىكى خامان ۋە باغلىرىغا زىيان سالغان قۇشقاچ قاتارلىق جۇغى كىچىك قۇشلارنى سوقۇپ چۈشۈرۈپ ئوينايدۇ.  ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار ياكى كۆپچىللىك بالىلارنىڭ بۇ خىل ئۇيۇننى ئويناشتىن توسىدۇ. ھەمدە، بۇ جانلىقلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئۆلتۈرسە گۇناھ بۇلىدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرىدۇ.

پايدىلىق تەرەپلىرى: بۇ ئۇيۇندا تاش ئاساسلىق ئېتىش قۇرالى قىلنغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ ئۇيۇننى ئوينىغاندا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. ھەم بىر-بىرىگە قارىتىپ ئاتماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىر-بىرىنى سۆيۈش ۋە ھاياتلىقنى قەدىرلەش، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەتەنگۈچ ئارقىلىق ئۇچار قاناتلارنى ”ئوۋلىغان“ ”ئوۋچىلار“نى ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە ئۇلارنى ئۇنداق قىلىشتىن توسۇش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئۆز ئەتىراپىدىكى جانلىقلارنى ئاسىراش ۋە قوغداش ئېڭىنى كۆچەيتەلەيدۇ.

     9.قاتار ئۇيۇنى

     سابىرجان سىيىتنىڭ ”ئۇيغۇر ئۇيۇنلىرى“ناملىق كىتابىدا ”توققۇز قاتار ئۇيۇنى“دېگەن بىر ئۇيۇن تۈرى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ خىل ئۇيۇننىڭ ياشانغانلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇن شەكلى ئىكەنلكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. مېنىڭچە، قاتار ئۇيۇنى چوڭلارغا قارىغاندا، بالىلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ ئوينىلىدىغان بىر خىل ئۇيۇن شەكلىدۇر.ھەم ئۇنىڭ تۈرى يالغۇز توققۇز قاتار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

قاتار ئۇيۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە چوڭلار ئارىسىدا خېلى ئومۇملاشقان بىر خىل ئەقلى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئۇيۇن شەكلى بولۇپ، ئويناش قائىدىلىرى ئاددي، كۆڭۈل ئېچىش ۋە كاللا ئىشلىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيۇن شەكلىدىن ئىبارەت. قاتار ئۇيۇنى ئادەتتە توققۇز قاتار ۋە ئون ئىككى قاتاردىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ ئۇيۇننى ئوينىغاندا، قاتار ئادەتتە سىلىق يەرگە ياغاچ بىلەن سىجاپ سىزىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق كارتۇن قەغەز ياكى ياغاچ تاختىلارغا ئالدىن سىزىۋىلىپ، يېنىدا بۇلارنى ئېلىپ يۈرۈپ ئوينايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. قاتار سىزىلغاندىن كېيىن، توققۇز قاتار بولسا، توققۇز تال ئۇرۇق؛ ئون ئىككى قاتار بولسا، ئون ئىككى تال ئۇرۇق تەييار قىلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تەييارلىغان ئۇرۇقلىرى ب شەكىل، رەڭ ياكى چوڭ –كىچىكلىك جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇرۇقلار ئادەتتە داڭگال، ئۇششاق تاش، ئۇشاقلانغان ياغاچ، قوي مايىقى قاتارلىقلاردىن تاللىنىلىدۇ. توققۇز قاتار تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە سىزىلىدۇ:

ئون ئىككى قاتار تۆۋەندىكىدەك شەكلدە سىزىلىدۇ:

مەيلى توققۇز قاتار بولسۇن ياكى ئون ئىككى قاتار بولسۇن ئويناش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئەمما ئۇرۇق سانى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا مۇسابىقىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ قاتارغا بالدۇر ئۇرۇق بېسىش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. نۆۋەت تالىشىش كۆپىنچە ھاللاردا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈنۈش تەرىقىسىدە بولىدۇ. چۈنكى، قاتار ئۇيۇنى بىر مەيدان ئويناش بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. شۇڭىلاشقا، كىيىنكى مەيدانلاردا ئۆتۈنگەن تەرەپكە يەنىلا بېشىدا ئۇرۇق بېسىش نۆۋىتى كېلىدۇ. كىمنىڭ ئالدى بىلەن ئۇرۇق بېسىشى بەلگىلەنگەندىن كېيىن نۆۋەت بىلەن بىر-بىردىن قاتار ئىچىدىكى بۇرجەكلەرگە، كىسىشكەن نوقتىلارغا ئۇرۇق بېسىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇرۇق بېسىش نۆۋىتى ئالغان كىشى بىر ئۇرۇقنى قاتار ئىچىگە باسسا، ئارقىدىن ئىككىنچى كىشى بىر ئۇرۇقنى باسىدۇ. قالغان ئۇرۇقلىرىنىمۇ شۇ تەرىقىدە بېسىپ تۈگىتىدۇ. ئۇرۇق بېسىش جەريانىدا ياكى ئۇرۇق بېسىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇرۇق يۆتكەش جەريانىدا، كىم ئۆزىنىڭ ئۇچ تال ئۇرۇقىنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئەكىلىپ، قاتار ھاسىل قىلالىسا، شۇ ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىدىن ئۆزىنىڭ كىيىنكى قەدىمىگە پايدىلىق بولغان بىر ئۇرۇقىنى يەيدۇ. قايسى بىرى بولسۇن، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى بالدۇر يەپ تۈگەتسە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى قاماپ، مېڭىش يولىنى قويمىسا، شۇ يەڭگەن بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى تەڭلىشىپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ.

  قاتار ئۇيۇنىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ناھايىتى كۆپ، ئالدى بىلەن ئۇ مەخسۇس ئۇيۇن مەيدانى تەلەپ قىلمايدۇ.مەخسۇس ئۇيۇن قۇراللىرىمۇ بولمايدۇ. كىم قەيەرنى ياخشى كۆرسە،شۇ يەردە ئولتۇرۇپ، سىزىپ ئوينىسا ئۇرۇقلارنىمۇ خالىغان نەرسىلەردىن تەييار قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئۇ قارشى تەرەپنى بىخۇدلاشتۇرۇش ۋە ئېزىقتۇرۇش، ئوخشىمىغان تاكتىكا قوللىنىش  ئارقىلىق غەلبە قىلىشنى ئاساسي مەقسەت قىلغاچقا، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشنى، كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇيۇننى ئويناش جەريانىدا بالىلار تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغان تەھلىل قىلىپ ھەل قىلىش ماھارەتلىرىنى ياخشى چېنىقتۇرالايدۇ.

    10.پىرقىرغۇچ ئۇيۇنى

ئۇيۇن ماتىرىيالى: ئاۋۋال 10-15 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا قۇرۇغان قۇمۇش، تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى ئۇزۇنلىقى 7-8سانتىمىتىر،كەڭلىكى 4-5 سانتىمىتىر بولغان گېزىت قەغىزى ھەمدە ئۇزۇنلىقى بىر مىتىر ئەتىراپىدىكى تومراق قۇمۇش دەستىسى تەييارلىنىدۇ.10-15 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇمۇشنىڭ ئىككى چېتىنى پىچاق بىلەن ئاستا يىرىپ، تەييار قىلىنغان قەغەز قارمۇ-قارشى يۆلىنىشتە ئاشۇ يېرىققا قىستۇرىلىدۇ.  بۇنىڭ نەق ئوتتۇرسىغا بىر دانە يىڭنە ئۆتكۈزىلىدۇ. ئاندىن بىر مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇمۇش دەستىسىنىڭ بوغۇمغا ئايرىلغان قاتتىقراق يېرىدىن يىڭنە پاتقىدەك تۈشۈك ئېچىلىدۇ. پىرقىرغۇچنىڭ يىڭنىسى ئاشۇ ئېچىلغان تۈشۈككە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئۇيۇن ئادەتتە شامال چىققان مەزگىللەردە ئوينىلىدۇ. ئوينىغۇچى پىرقۇرغۇچنى قۇمۇش دەستىسىنىڭ تۈشۈكىگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، شامال يۆلىنىشىگە قارشى ماڭىدۇ. شامال كۈچى ئاجىزراق بولسا،يۈگىرەيدۇ. پىرقۇرغۇچ شامال تەسىرىدە پىرقىراپ ئاجايىپ چىرايلىق شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ ئۇيۇندا ئوينىلىدىغان ئۇيۇنچۇقنى ياساش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، يېشى كىچىك بالىلار ياسىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرقىرغۇچ ئاساسلىقى قۇرۇغان قۇمۇشنى ئاساسىي ماتىرىيال قىلغاچقا، ياسىغان مەزگىلدە ئېھتىياتچان،سەۋىرچان، ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سەللا بىخەستەلىك قىلسا، قۇمۇش يىرىلىپ كېتىپ، پىرقىرغۇچنى ياسىغىلى بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئۇيۇندا ئەڭ ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇ ئاساستا دېققىتىنى بىر نوقتىغا ئۇزۇن مەزگىل مەركەزلەشتۈرۈپ، مەلۇم ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش، ياخشى قىلالمىغاندا خاتالىقلىرى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ يېڭىۋاشتىن باشلاش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ياخشى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

  11.لاي قۇيماق ئۇيۇنى

بۇ ياز پەسلىدە بالىلار ئارىسىدا خېلى كۆپ ئوينىلىدىغان ئۇيۇن بولۇپ، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي ۋە قىزىقارلىق. ئالدى بىلەن ئېرىق ۋە كۆلچەكتىن  مەلۇم مىقتاردا لاي ئېلىنغاندىن كېيىن، خۇددى ئانىلىرىمىز خېمىرنى پىشۇرغاندەك يۇغۇرۇپ پىشىرۇپ سىلىق ھالەتكە ئەكىلىمىز. لاي ئارىسىغا كىرىپ قالغان ئەخلەت ياكى چاتقاللارنى پاكىز ئېلىۋىتىمىز. لاي سىلىقلانغاندىن كېيىن ئۇنى تەكشى يەرگە قويۇپ، قۇيماق شەكىلدە چۆرىسىگە قىر چىقىرىپ تەكشى ئاچىمىز. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوتتۇرا قىسمىنىڭ لېيىنى نېپىز قىلىشقا تىرىشىمىز.“قۇيماق“تەكشى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىنىمىزغا ئېلىپ توپىسى يوق قاتتىق يەرنى تاللاپ كۈچەپ دۈم قىلىپ ئۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا ”بوڭ ”قىلغان ئاۋاز چىقىپ لاي قۇيماقنىڭ ئوتتۇردىكى لاي ئۈستىگە ئېتىلىپ، يوغان بىر تۈشۈك ئېچىلىدۇ. بۇ ئۇيۇندا لاي قۇيماقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قېلىن –نېپىزلىكىگە ئوخشىمىسا، چىقىدىغان ئاۋازمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ ئۇيۇن پەقەت كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، مۇسابىقە شەكىلدە ئوينالمايدۇ. بۇ ئۇيۇننىڭ ئەۋزەل تەرىپى شۇكى، كەتكەن ماتىرىيال ناھايىتى ئاددى بولۇپ، بۇ ئۇيۇننى بىر قانچە ئادەم بىرگە ئوينىسىمۇ ياكى ئۆزى يالغۇز ئۇينىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

12.قۇمۇش كېمە ئۇيۇنى

 

 قۇمۇش كېمە ئۇيۇنى باھار ياكى ياز پەسىللىرىدە ئېرىق ئۆستەڭلەرگە سۇ كەلگەن مەزگىللەردە ئوينىلىدىغان بىر خىل ئۇيۇن تۈرى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قۇمۇشنىڭ چوڭراق بولغان ياپرىقى قۇمۇش غولىغا چاپلىشىپ تۇرغان يۇمىلاق نەيچىسىمان قىسمى بىلەن قوشۇپ سويىۋېلىنىدۇ. بۇ ئۇيۇن بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆپ ئوينىغان ئۇيۇن تۈرى بولۇپ، قۇمۇش كېمىنىڭ ياسىلىش تەرتىپى ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ. لېكىن، ئويناش ئۇسۇلى قۇمۇش كېمە ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېقىۋاتقان سۇغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بەزىدە مەخسۇس سۇ تېز ئاقىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. كىمنىڭ كېمىسى ئارىلىقتا توختاپ قالماي ئەڭ يىراققا بارالىسا، شۇ يەڭگەن بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا قۇمۇش كېمە ياساپ بولغاندىن كېيىن، ناۋادا ئۆزىنىڭ ئۆيى ئەتىراپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر بولسا، سۇنىڭ باش ئېقىنغا بېرىپ قۇمۇش كېىمىنى قويۇپ بېرىپ قايتىپ كېلىدۇ. ھەمدە ، ئۆز ئۆيىنىڭ يىنىدىن ئۆتىدىغان يەرگە كېلىپ قۇمۇش كېمىنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. كىمنىڭ كېمىسى بالدۇر ئېقىپ كەلسە، شۇ ئۇتقان بولىدۇ. قۇمۇش كېمە ئۇيۇنىمۇ بالىلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇچىرىشىش جەريانىدا ئىجاد قىلغان بىر خىل ئۇيۇن شەكلى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىجادچانلقىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

13. قەغەز تانكا ئۇيۇنى

بۇ ئۇيۇن ئاساسلىقى شامال چىققان كۈنلەردە كەڭ كەتكەن دالا ياكى تۈز يولدا ئوينىلىدۇ. قەغەز تانكىنى ياساش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى  بىر كۆرگەن بالىلار ئۇنى ئوڭايلا ياسىيالايدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى ۋاراق قەغەز تەييارلىنىدۇ. قەغەزنىڭ بىر تەرىپى ئازراق قىيىپ ئېلىۋىتىلىپ  سەل كىچىكلىتىلىدۇ، ھەمدە بىر-بىرىگە ئۇزۇنسىغا قىلىپ چېتىلىدۇ. چېتىشتا ئاساسلىقى شىلىم ئىشلەتمەيدۇ. بەلكى ناننى يۇمشاق چايناپ شۆلگەي بىلەن سۇيۇقراق قىلىپ چاپلىنىدۇ. ”تانكا“نىڭ دىيامىتىرى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر دىيامىتىرى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ”تانكا ”يەرگە چاپلىشىپ قېلىپ مېڭىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ. بەك كىچىك بولۇپ قالسا، مېڭىۋاتقان يولىدىن ئوڭاي چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئىككى ۋاراق قەغەزنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقىدىن مەلۇم قىسمىنى چىقىرۋىتىپ، دىيامىتىرىنى نورمال قىلىپ تەڭشەش كېرەك. تانكىنىڭ دىيامىتىرى پۈتكەندىن كېيىن مەلۇم ئارىلىق قالدۇرلۇپ ”تانكا“ چاقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كىچىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە بەش ياكى ئالتە تۆشۈكچە ئېچىلىدۇ. بۇ تۆشۈكچىلەرنىڭ ھاۋانى ئۆتكۈزۈپ ”تانكا“ چاقىنى ئالغا سىلجىتىش رولى چوڭ بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر چاقلىق ”تانكا“ پۈتىدۇ. بۇنىڭ ”تانكا ”دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ تانكىنىڭ زەنجىر تاپان چاقىغا ئوخشىتىپ ياسالغانلىقىدا ۋە پۈتكەندىن كېيىنمۇ مېڭىش ھالىتىنىڭ تانكىنىڭ مېڭىش ھالىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقىدادۇر. بۇ خىل ئۇيۇن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك شامال چىققان كۈنلىرى دالا ياكى تۈز يوللاردا ئوينىلىدۇ. ياساپ بولغاندىن كېيىن يالغۇز ئوينىسىمۇ بولىدۇ ياكى بىر نەچچە بالا شامال يۆلىنىشى بويچە قويۇپ بېرىپ مۇسابىقە شەكىلدە ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ”تانكا“ مېڭىۋاتقان چاغدا، بالىلار كەينىدىن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇيۇن بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن بەك پايدىلىق.

دېمەك، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن بالىلار ئۇيۇنلىرى بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئوينىغان يەرلىك پۇرىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۇيۇن تۈرلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئۇيۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇيۇنلارنى ئەسلەش ۋە قەلەمگە ئېلىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى،بىزدە  ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ، ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يەرلىك بالىلار ئۇيۇنلىرى يەنىلا خېلى كۆپ ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. بۇلارنى قېزىش، رەتلەش ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىلمىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1.ئابلىز مۇھەممەد بۆرىيار، ”ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى“، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2010-يىلى 3-ئاي ئىككىنچى بېسىلىشى

2.سابىرجان سېيىت، ”ئۇيغۇر ئۇيۇنلىرى(1)“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 3-ئاي 1- نەشرى

3.تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار تۈزگەن، ”بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان“، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2005-يىلى 8- ئاي 1- نەشرى

مەزكۇر ماقالە كروران ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3609

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-01-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: