”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

ۋاقتى: 2011-12-29 / تۈرى: ئىلمىي ماقالىلىرىم / كۆرۈلۈشى: 129 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

 

”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرسىدا

 

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

 

بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلىمى

 

قىسقىچە مەزمۇنى:

”قۇتادغۇبىلىك“ 11-ئەسىردىكى بىر بۈيۈك نامايەندە.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا ئۆزدەۋرىگە نىسبەتەن ئەڭ قابىل تىل ئۇستىسىدۇر.مەزكۇر ماقالىدە ”قۇتادغۇبىلىك“ تە قوللىنىلغان موھىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى. شۇ ئاساستا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەر تىلىغا. قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە بىزنىڭ قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قۇتادغۇبىلىك، مۇبالىغە، ئالاھىدىلىك

 

摘要:“福乐智慧”是维吾尔族十一世纪伟大的里程碑之一。本书作者是一个最能干的语言大师。本文主要探讨了 “福乐智慧”中运用的一个重要修辞手段夸张及它的运用特点。通过讨论论证了作者对作品语言的态度。

关键词:福乐智慧,夸张,特点

 

 

”مۇبالىغە“ئەرەپچە ياسالما سۆز بولۇپ، تومۇرى ”بەلىغ“بۇنىڭ كۆپلۈك شەكلى ”بۇلەغە“دۇر. بۇ سۆز ”نەپىس مەنىلىك، تويۇنغان ئىپادىلىك، سىلىق“دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ. ”بەلىغ“نىڭ تەڭداش مەنىلىك تۈرى-فەسىھ (كۆپلۈك شەكلى فەساھەت) ”ئۇچۇق،روشەن،راۋان“ۋە“يېقىملىق،چىرايلىق ئۇسلۇبلۇق“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.لىكىن، ”بەلىغ“دىن تۈرلەنگەن“مۇبالىغە“ ئۆزىنىڭ تۈپ مەنىسى ئاساسىدا، ”ئاشۇرۇش، كۆپتۈرۈش“ۋە“چىرايلىق ئوخشىتىشلار بىلەن ئاشۇرۇپ سۈپەتلەش“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.      بەدىئى ئەدەبىياتتا مۇبالىغە تەسۋىرلىنىۋاتقان بىرەر شەيئى،ئوبراز ياكى ھادىسىنى ئەسلى ياكى تەبىئي ھالىتىدىن چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش، كۈچەيتىش ۋە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرىدۇر.

مۇبالىغە مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى بەدىئي ئەدەبىياتتا بولسۇن ئوبىكتىپ رىئاللىقنى، سۆزلىگۈچىنىڭ ياكى ئاپتۇرنىڭ تەسىراتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنى قوللىنىشتىكى ئاساسىي مەقسەت- بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياخشى نەرسىلەرنى مۇبالىغە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ شۇ ئارقىلىق كىشلەرگە ئىلھام بېرىش، زىيانلىق نەرسىلەرنى مۇبالىغە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى كىشلەر كۆرسە تېخمۇ يىرگىنىدىغان قىلىش؛ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كىشلەرگە تېخىمۇ ئېنىق، ئوبرازلىق قىلىپ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق كىشلەرنى شۇ شەيئى ياكى ھادىسىگە جەلىپ قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. قىسقىسى، بۇ ئۇسۇلنى جايدا، مۇۋاپىق قوللانغاندا، ئاڭلىغۇچى ياكى ئوقۇرمەننى شۇ شەيئىي- ھادىسە ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلغىلى؛ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىنى قوزغاپ شەيئىيلەرنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگىلى؛ تىلنى ئوبرازلىق، جانلىق، تەسىرلىك قىلىپ ئىپادىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مۇبالىغە بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى قەدىمدىن تارتىپلا قوللىنىپ كېلىۋاتقان، ئىپادىلەش ئۈنۈمى يوقىرى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاكى ھازىرغا كەلگىچە ئۆزىنىڭ تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قەلىمى ئۆتكۈر، تەسەۋۇرغا باي خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزلىرنىڭ خوشاللىق-قايغۇلىرىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رىئاللىققا بولغان پوزىتسىيىسى، تەبىئي شارائىتقا بولغان ساددا دىئالىكتىكىلىق كۆز قاراشلىرى، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق تۇردە ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ ۋاستىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان ھەم مۇبالىغىنىڭ ئۆلمەس، نادىر ئۈلگىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

     جۈملىدىن، 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ئەدىپ، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ”تۈركىي تىللارنى ئىسلام ئەدەبىياتىدا بەدىئىي شېئېرىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرگۈچى“(1)بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ”قۇتادغۇبىلىك“تە مۇبالىغە ئۇسۇلىدىن ناھايىتى جايىدا، ئۈنۈملۇك پايدىلانغان. مۇبالىغىنىڭ تۈرلۈك پىرىنسىپ، قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان. ”قۇتادغۇبىلىك“ تىكى ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ھەققىدە ئۇستازىم ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ “ قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى“ ناملىق كىتابىدا خېلى ئەتىراپلىق توختالغان بولسىمۇ، مۇبالىغە ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن. ھازىرغىچە باشقا مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنىڭ بىلىمىمنىڭ چولتىلىقىغا قارىماي غەيرەتكە كېلىپ ئەسەردىكى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە پىكىر يۇرگۈزدۈم كەسىپداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 تۆۋەندە ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن:

1.“قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى

  ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلار بويىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

1)يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇبالىغىنىڭ ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئىپادىلىمەكچى بولغان شەيئىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. مەسىلەن: ئاپتۇر ”كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا“ كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنىڭ يۇرگۈزىۋاتقان قانۇنىنىڭ ئادىل قانۇن ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى بېرىدۇ:

қayuä lkǝ tǝgsǝ mǝniη bu tѳrüm,  

                  ol äl barqa ätilur tax ǝrsǝ қorum.

قايۇ ئەلگە كىرسە، مېنىڭ قانۇنۇم،

ئۇ ئەل تۈزىلەر بولسا تاش يا قۇرۇم.            (213-بەت،830-بېيىت)

شۇنداقلا ئايتولدىنىڭ ئاغزىدىن قانداق كىشىلەرگە خىزمەت قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:

                 tapïnma tapïsna aқï tapɤï қïl,  

                  aқï ǝvi altun kümüx қapɤï bil.

خىزمەت قىلما، قىلساڭ سېخىلەرگە قىل،

سېخى ئۆيى ئالتۇن، كۈمۈش ئىشىكى بىل. (235-بەت، 948-بېيىت)

ئۇنىڭدىن باشقا ”بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇشى بايانىدا“ ئاچكۆز بەگلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

                         todumsuz bolur ol kѳzi suқ kixi,

                      kѳzi suққa yǝtmǝz bu dunya axï.

بولۇر تويمىغۇر ئول كۆزى ئاچ كىشى،

كۆزى ئاچقا يەتمەس بۇ دۇنيا ئېشى.(445-بەت،2001-بېيىت)

يوقىرقى ئۈچ بېيىتتىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بىرىنچى بېيىتتا، قانۇن ئادىل بولسا، قورامتاشتەك چىڭ ۋە جاھىل كىشىلەرنىمۇ تۈزىگىلى بولىدىغانلىغى؛ ئىككىنچى بېيىتتا، سېخىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشتا كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزەلەيدىغانلىغى؛ ئۇچىنچى بېيىتتا بولسا، كۆزى ئاچ كىشىلەرنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن تويغۇزغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەشبىھ مۇبالىغە ۋە ئاددى مۇبالىغە شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئوبىكتىپ رىئاللىقنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىپادىلەپ بەرگەن. ئادىل قانۇننڭ كىشلەرنى نۇرغۇن يامان ئىشلاردىن چەكلەپ تۇردىغانلىغى؛ سېخىلارنىڭ مەرت، مەردانە بولىدىغانلىقى؛ ئاچكۆز كىشىنىڭ مەڭگۈ تويمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئوبىكتىپ ھەقىقەتتۇر. مانا مۇشۇ ئوبىكتىپ ھەقىقەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يوقارقى مۇبالىغىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىدىكى مۇستەھكەم ئاساسىدۇر .

2) مۇبالىغىنىڭ چېكى بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، ھەددىدىن زىيادەكۆپتۈرۋىتىش ياكى ھەددىدىن زىيادە كىچىكلىتىۋىتىشتىن ئىمكان بار ساقلانغان. نىمىنى مۇبالىغە قىلىش ، نىمىنى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئەستايىدىل باش قاتۇرغان.

مەسىلەن:

”ئۈگدىلمىشنىڭ غەزىنەدارلىققا قانداق كىشى لازىملىغى توغىرسىدا ئىلىككە ئېيتقانلىرى“ دا ئاپتۇر تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى بېرىدۇ:

                 kǝrǝk ѳdtǝ bir yam yaηanqa bolur,

                 қamuɤ naηkǝ yaηzaɤ munu bu tǝηin.

كېرەك ۋاقىتتا بىر خەس بولۇر پىلغا تەڭ،

جىمى نەرسىگە بۇ ئوخشىشىپ كېتەر. (595-بەت،2820-بېيىت)

دىيىش ئارقىلىق بىر ئادەمگە مەلۇم بىر نەرسىنىڭ لازىم بولغان ۋاقتىدا ئۇ نەرسە گەرچە ئوت- چۆپكە ئوخشاش ئادەتتىكى نەرسە بولسىمۇ، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە، پىلغا تەڭ بولىدىغانلىغى، قىممىتىنىڭ ئاشىدىغانلىغىنى كىشلەر ھېس قىلالايدىغان شەيئىي ئارقىلىق مۇۋاپىق ئىپادىلىگەن بولسا؛ “ ئۇدغۇرمىشنىڭ ئۈگدىلمىشكە دۇنيادىن يۈز ئۆرۈپ بارغا قانائەت قىلىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى“ دا ئاپتۇر ئۆلۈم ھەققىدە سۆزلەپ:

                   ѳküx tǝrnǝkig kѳr taradï ѳlüm,

                   ѳlümüη saқïnsa aқar kѳz tulum.

تاراتتى ئۆلۈم تولا توپلارنى، باق،

ئۆلۈمنى ئەسلىسەم كۆز يېشىم بۇلاق. (997-بەت، (4829-بېيىت)

دىيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشى ۋە كەيپىياتىنى ”كۆز يېشى بۇلاق بولماق“ دېگەن مۇبالىغە ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. يۇقىرقى ھەر ئىككى مۇبالىغە، چىكى بولۇش، جايىدا بولۇش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولغاچقا كىشلەردە بىر خىل غەيرىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ.

  3)ئەسەردە ئىشلىتىلگەن مۇبالىغىلەر ناھايىتى ئېنىق، روشەن بولۇپ، كىشىلەر بىر كۆرۈش بىلەنلا ئۇنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىگىنى بايقىيالايدىغان، تىڭىرقاپ قالمايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغان. مەسىلەن:يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان ئۆمىرىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئەسەرنىڭ 693-، 1175-، 1274-، 1332-، 1396- بېيىتلىرىدا تىرىكلىك(ئۆمۈر)نى ”شامالدەك كېتەر“، ”بوراندەك ئۆتەر“، يەلدەك كېچەر“، ”چۈشتەك كېچەر“ دېگەندەك تەشبىھ مۇبالىغە شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كىشىلەرنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئاشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلغان. ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۆمۈرنىڭ ئۆتۈش سۈرئىتى ”شامال، بوران، يەل، چۈش“لەرنىڭ ئۆتىشىدەك ئۇنچە تىز بولمايدۇ. بۇيەردە ئاپتۇر ئېنىقلا مۇبالىغە شەكلىدىن پايدىلانغان بولۇپ كىشىلەر يوقارقى ئىپادىلەش شەكىللىرىنى كۆرگەندە، بىر قاراش بىلەنلا ئۇنىڭ كۆپتۈرۈلگەنلىكىنى سېزەلەيدۇ ئەمما ئۇنى ئاشۇرۇلغان دەپ شۈبىھلەنمەيدۇ ۋە تەپەككۇرىغا سىغدۇرالايدۇ.

4)مۇبالىغىنى ھەممە جايدا قارا-قۇيۇق قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، مەزمۇننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا قاراپ دەل- جايىدا قوللىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. بىز پۈتۈن ئەسەرنى باشتىن- ئاخىر تەپسىلىي كۆرۈش جەريانىدا، 6645 بېيىتلىق بۇ زور ھەجىملىك ئەسەردە، ئاپتۇرنىڭ پەقەت يۈز نەچچە بېيىتتىلا مۇبالىغە ئۇسۇلىنى قوللانغانلىغىنى بايقىدۇق. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئاپتۇر ئەسەردە پەقەت ئۆزى ئەڭ زۆرۈر دەپ قارىغان، مەزمۇننى ئىپادىلەش، كۈچەيتىش، گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولغان جايلاردا بۇخىل ۋاستىنىڭ ياردىمىگە تايانغان.

5)“قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇبالىغە ھاسىل قىلىشتا كۆپلۈكنى بىلدۈردىغان سانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىدادۇر. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ”مىڭ، تۈمەن، يۈزمىڭ، تۈمەنمىڭ“ دېگەن سانلاردىن پايدىلىنىپ، دېمەكچى بولغان پىكىرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تەكىتلەش مەقسىتىگە يەتكەن. ئاپتۇر ئەسەردە يوقارقى سانلاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلغان مۇبالىغىلەر ئىچىدە، ”مىڭ“ بىلەن كەلگەن مۇبالىغە 59، تۈمەنمىڭ بىلەن كەلگەن مۇبالىغە 20، تۈمەن بىلەن كەلگەن مۇبالىغە 9 بولۇپ، ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى قوللىنىلغان مۇبالىغە ئۇسۇلىنىڭ يېرىمدىن كۆپىرەكىنى تەشكىل قىلغان. مەسىلەن:

                   bir ѳk ǝrsǝ duxman miη ol yaslïқï,

                   miηin dostuη ǝrsǝ birol azlïқï.

يېغى بىر بولسىمۇ مىڭدۇر زىيىنى،

مىڭ بولسىمۇ دوست ئاز دەپ بىل ئۇنى.(836-بەت،4190-بېيىت)

 

                      ataηnï anaηnï sǝidü tapïn,

                     yantu bǝrǝg tapuη tümǝn miη asïɤ.

خىزمەتلە خوش قىلساڭ ئاتا-ئانانى،

تاپۇرسەن تۈمەنمىڭ كۆپ پايدا ئاسىغ. (357-بەت،1569-بېيىت)

 

                 ѳküx sѳzlǝmǝ sѳz birǝr sѳzlǝ az,

                 tümǝn sѳz tügünin bu bir sѳzdǝ yaz.

تولا سۆزلىمە سۆز بىرەر سۆزلە ئاز،

تۈمەن سۆز تۈگۈنىن بۇ بىر سۆزدە ياز. (77-بەت ،172-بېيىت)

2. ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرى

 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدا، مۇبالىغە شەكىل جەھەتتىن ئادەتتىكى مۇبالىغە، باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن مۇبالىغە ۋە ئاشۇرما مۇبالىغە دەپ ئۈچ تۈرگە، مەزمۇن جەھەتتىن كېڭەيتىلگەن مۇبالىغە ۋە تارايتىلغان مۇبالىغە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىراق كىلاسسىك ئىستىلىتىكىدا مۇبالىغىنى تۈرگە ئايرىشتا ئوخشىمىغان ئۆلچەم ئاساس قىلىنغان. يەنى، سۈپەتنىڭ تەكىتلىنىش دەرىجىسى ۋە ئىدىراك قىلىش يوللىرىنى ئاساس قىلغان. چۈنكى، مۇبالىغە بەلاغەت ئىلمىدا دەسلەپتە“چۆكمەك“ مەنىسىدىكى ”ئىغراق“ نامى بىلەن ئاتىلىپ سۈپەتنىڭ تەكىتلىنىش دەرىجىسى نوقتىسىدىن بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنگەن. ”قۇتادغۇبىلىك“نىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىدىن، شۇنداقلا ئاپتۇر ياشىغان ئىجتىمائى موھىت، دەۋىر نوقتىلىرىدىن ئەسەردىكى مۇبالىغىنىڭ شەكىللىرىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بەلاغەت ئىلمىدىكى تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇللىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز ھەم مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە تۈرگە ئايرىپ، تەھلىل قىلىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايمىز. چۈنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى ۋاقىتتىلا بىر ئىسلام ئۆلىماسى بولۇش سۈپىتىدە ئەرەپ، پارس تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن. ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇلاردىن ئۇزۇق ئالغان. ئەمدى ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى مۇبالىغىنىڭ تۈرلىرىگە كەلسەك، بەلاغەت ئىلمىدىمۇ ئەڭ دەسلەپتە مۇبالىغىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە بۆلۈنىشىدە ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار بارلىققا كەلگەن. ئەمما كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، بەلاغەت ئىلمىدا بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك سۈپەتنىڭ تەكىتلىنىش دەرىجىسى ۋە ئىدىراك قىلىش يوللىرى ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭدا مۇبالىغە تەبلىغ ( ئاددى مۇبالىغە)، ئىغراق (مۇرەككەپ مۇبالىغە)، غۇلۇۋ ( مۇبالىغىنىڭ ئەڭ يوقىرى چېكى ) دېگەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. تۆۋەندە ھەرقايسى تۈرلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1)تەبلىغ (ئاددى مۇبالىغە)

شەيئى –ھادىسىلەرنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئەقىل قۇبۇل قىلالايدىغان ۋە مەنتىقىغە ئۇيغۇن دەرىجىدە ئازراق كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش تەبلىغ دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن:

                   miη ǝrdǝm kǝrǝk bu jǝhan tutɤuқa,

                   kѳr arslan kǝrǝk bu қulan basɤuқa.

پەزىلەت كېرەك مىڭ تۇتۇشقا جاھان،

قۇلان تۇتقىلى كۆر كېرەك ئارسلان.  (97-بەت،284-بېيىت)

 

                   қïlïq bax ѳzǝlǝ mǝsǝl bǝglik ol,

                   küniηǝ aηar miη hǝtǝrlïɤ ixi.

بۇ خانلىق مىسالى باش ئۈزە قىلىچ،

كۈنىگە ئاڭا مىڭ خەتەرلىك ئىشى.  (471-بەت،2155-بەت)

 

                   kixidin kixigǝ қumaru sѳz ol,

                   қumaru sѳzüg tatsa as yüz ol.

كىشى كىشىدىن مىراس سۆز قالۇر،

مىراس سۆزنى تۇتساڭ يۈز پايدا بۇلۇر. (79-بەت، 190-بېيىت)

 

بۇ يەردە جاھاننى تۇتۇش ئۈچۈن كىشىلەردە نۇرغۇن ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلەتلەرنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكى، ئوردىدا دائىم خەتەرلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى،  باشقىلاردىن قالغان ياخشى سۆز-ئىبارىلەرنى ئېسىدە چىڭ ساقلاشنىڭ كىشىلەرگە زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى “ مىڭ ”، ”يۈز“ دىن ئىبارەت كۆپلۈكنى بىلدۈردىغان سانلارنىڭ ياردىمىدە  ئاشۇرۇپ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ مىڭ خىل پەزىلەتنى ھازىرلىيالىشى، ئوردىدا كۈندە مىڭ خەتەرلىك ئىشنىڭ يۈز بېرىشى، باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ يۈز خىل پايدا يەتكۈزىشى مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا مومكىن ئەمەستەك كۈرۈنسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنى ھاياتتا ھازىرلاش ۋە ئورۇنلاش مۆمكىنچىلىكى بار. شۇڭا بۇنداق مۇبالىغىلەرنى ئەقىل تېزلا قۇبۇل قىلالايدۇ. شېئېرىي ئەسەرلەردا مۇبالىغىنىڭ بۇ خىل شەكلى شائىرلارنىڭ ھېسىياتىنى كۈچەيتىپرەك ئىپەدىلىشىدە  ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ماقالىنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەردە مەزمۇن ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇبالىغىنىڭ تەبلىغ شەكلىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلانغان.

2) ئىغراق(مۇرەككەپ مۇبالىغە)

ئىغراق-مۇبالىغىنىڭ تەبلىغ شەكلىگە قارىغاندادەرىجىسى ئۈستۈنرەك بولغان شەكلىدۇر. ئۇنىڭدا شەيئىي ھادىسلەر ئەسلىدىكى ھالىتىدىن تىخىمۇ كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. بۇنداق ھالەتنىڭ ھاياتتا يۈز بېرىش مۆمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما مەنتىقىلىق بولىشى، ئەقىل قۇبۇل قىلالايدىغان بولىشى كېرەك.

مەسىلەن:

uқux ol burunduқ anï yǝtsǝ ǝr,

tilǝkkǝ tǝgir ol tümǝn arzu yǝr.

ئەقىلدۇر بۇرۇندۇق ئاڭا يەتسە ئەر،

تۈمەنمىڭ تىلەگى بولسا ھەم يىتەر. (73-بەت،159-بېيىت)

 

aȥunqïқa ǝrdǝm kǝrǝk miη tümǝn,

anïn tutsa ǝl kün kǝtǝsǝ tuman.

ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن،

ئۇنىڭلە تۇتسا ئەل، يوقالۇر تۇمان       (99-بەت، 285-بېيىت)

 

 Biri til turur kѳr birsi boɤuz,

Bu ikki basa tutsa asɤï ѳgüz.

بىرى تىل ، ئۇ بىرسى بوغۇز گال ئىرۇر،

ئەگەر تۇتساڭ چىڭ ، نەپئى دەريا بولۇر. (247-بەت ،993-بېيىت)

 

munï bǝrdiη ǝmdi maηa sǝn ǝta,

қïlur mǝn munïη xükri yüz mïη қata.

مۇنى قىلدىڭ ئەمدى ماڭا سەن ئاتا،

قىلۇرمەن بۇڭا شۈكرى يۈز مىڭ قاتا.      (645-بەت،3058-بەت)

 

يۇقىرقىلاردا بىر ئادەمنىڭ تۈمەنمىڭ تىلىكى بولۇش،ھۆكۈمدارغا مىڭ تۈمەن خىسلەتنىڭ كېرەك بولىشى، بىرەر ئىشنىڭ پايدىسىنىڭ دەريادەك بولىشى،بىر ئىشقا يۈز مىڭ قاتا شۈكرى قىلىش، قاتارلىقلار نورمال تۇرمۇشتا ئىمكانىيەتنىڭ سىرتىدىكى ياكى يۈز بېرىش مۆمكىنچىلىكى يوق ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم ئىشنىڭ دەرىجىسىنى ۋە قېتىم سانىنى “ كۆپ تەكىتلىگەن ۋە كۈچەيتكەن“ بولغاچقا، ئۇنى ئەقىل قۇبۇل قىلالايدۇ.

3) غۇلۇۋ(مۇبالىغىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى)

مۇبالىغىدىكى كۆپتۈرۈش ھەقىقەت چېكىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ۋە ئەقىل ئۇنى ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلالمايدىغان ياكى مەنتىقىغە سىغمايدىغان، شۇنداقلا ھاياتتىمۇ ھېچ ۋاقىت يۈز بەرمەيدىغان دەرىجىدىكى ئالدىنقىلىرىغا قارىغاندا دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلگەن مۇبالىغە شەكلىدۇر.

مەسىلەن:

ǝ                          di mǝ patïɤ ңǝndǝsǝ saқïxï,

anïn tǝzginür kѳr ңǝkimlǝr baxï.

بۇ ئىلمىي ھەندىسە ئىرۇر بەك چۇقۇر،

ئۇنىڭدا ھېكىملەر بېشىمۇ قايۇر. (591-بەت، 2786-بېيىت)

 

ǝvin tǝg tarïr bu yǝti қat kѳktüg,

adïrttï sǝqim tǝg yǝr ǝrsǝ қaxï.

يارار ئۇ يەتتە كۆكنى دانىدەك،

چۇقۇر دۆڭنى ئۇششاق قىلىپ ئاجىرتۇر (591-بەت، 2787-بېيىت)

 

hiyanǝt kixi қayda sunma ǝlig,

tǝηiz ǝrsǝ suɤlur қurïtur yǝrig.

خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر،

دېڭىزمۇ سوغىلار، قۇرۇپ كېتەر يەر. (605-بەت، 2866-بەت)

 

bu kѳk tirgüki ol kѳnilik tѳrü,

tѳrü artasa kѳk turumaz ѳrü.

ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۆۋرۈك ئىرۇر،

بۇزۇلسا ئۇ قانۇن ئاسمان يىقىلۇر.    ( 723-بەت ، 3464-بېيىت)

 

يۇقىرقىلاردىكى ”يەتتە قات كۆكنى  دانىدەك يېرىش“،  ”چۇقۇر دۆڭنى ئۇششاق قىلىپ ئاجىرتىش“، ”خىيانەتچى تۈپەيلىدىن دېڭىزنىڭ تارتىلىپ، يەرلەرنىڭ قۇرۇپ كىتىشى“، “ قانۇننىڭ بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن ئاسماننىڭ يىقىلىپ چۈشىشى“ قاتارلىقلار ئەقىلگە شۇنداقلا مەنتىقىگە تامامەن سىغمايدىغان ھالەتلەردۇر. شۇنداقتىمۇ بۇ كۆپتۈرۈشلەر ئاڭلىغۇچىدا تەسۋىرلىۋاتقان ئوبىكىتنىڭ موھىملىق دەرىجىسى ھەققىدە تەسەۋۇر پەيدا قىلالايدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇر ئېكرانىدا جىلۋىلىنىپ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.

مۇبالىغە يەنە بەدىئىي ئەدەبىياتتا باشقا ۋاستىلەر بىلەن بولۇپمۇ ئوخشىتىش بىلەن زىچ گىرەلەشكەن ھالدا قوللىنىلدۇ. بۇ خىل مۇبالىغىنى ئادەتتە بەلاغەت ئىلمىدا ”تەشبىھ مۇبالىغە(ھازىر تىلىمىزدا باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن كەلگەن مۇبالىغە دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ)“ دەپ ئاتايدۇ. كۆپ ھاللاردا مۇبالىغە بىلەن تەشبىھ(ئوخشىتىش) بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ، بىر-بىرىنى مەنە جەھەتتىن كۈچەيتىدۇ ۋە بەدىئىي تەسىر جەھەتتىن كېڭەيتىش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ(2). ئەدەبىياتتا مۇبالىغىنىڭ بۇ خىل شەكلىدىن خەلقمىز،جۈملىدىن كىلاسسىكلىرىمىز ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن پايدىلانغان. شۇلار بىلەن بىر قاتاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆز ئەسىرىدە بۇ خىل ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بۇخىل مۇبالىغە شەكلىنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان.

مەسىلەن:

ǝlig boynï қïlқa ükǝkqǝ baxi,

aηar kǝd ïnanmaz uқuxluɤ kixi.

ئىلىگنىڭ بوينى قىلدەك ،بېشى مۇناردەك،

ئۇڭا بەك ئىشەنمەس ئەقىللىق كىشى،     (471-بەت،2154-بېيىت)

 

tüpi yǝl kǝqǝr tǝg tiriglik kǝqip,

asïɤsïz ülïr mǝn ѳzümkǝ aqïp.

تىرىكلىك بوراندەك ئۆتەر ئۇ كېچىپ ،

ئىڭرايمەن ئۆزۈمگە بىكار ئېچىنىپ.(283-بەت،1175-بەت)

 

nǝgü tǝr ǝxit ǝmdi bilik tǝηiz,

sѳzin yaηzatur kѳrsǝ қïzɤu mǝηiz.

بۇڭا ئوخشىتىپ ئۇ ، ئاڭلا نىمە دەر،

بىلىمى دېڭىزدەك مەڭزى قىزىل ئەر.  (139-بەت،480-بېيىت)

 

kǝrǝkindǝ bulsa kixi ѳz muηï,

yam ǝrsǝ yaηanqa bolur tǝηi.

كىشىگە تېپىلسا دەل كېرەك نېمە،

بىلىنگەي پىل كەبى ئۇ خەستەك نېمە. (595-بەت،2817-بېيىت)

 

يۇقىرقىلاردىكى ”ئىلىگنىڭ بوينى قىلدەك، بېشى مۇناردەك“، “ تىرىكلىك بوراندەك ئۆتەر“، ”بىلىمى دېڭىزدەك“، ”بىلىنگەي پىل كەبى ئۇ خەستەك نېمە“ دېگەنلەر تەشبىھ مۇبالىغىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.

يۇقىردا بىز “ قۇتادغۇبىلىك“ تىكى مۇبالىغىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە تۈرى بىلەن تونىشىپ ئۆتتۇق. بۇ بايانلىرىمىزنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، بۇلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر پىشقان تىل ئۇستىسىغا خاس ئىستىدات بىلەن، ئەسەردە مۇبالىغە ئۇسۇلىنى جايىدا، جانلىق قوللىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، چېكى بولۇش، كىشىلەرگە تەبىئىي تۇيغۇ بېرىش، مەزمۇنغا ماسلاشتۇرۇش، قانداق جايدا قايسى مۇبالىغە شەكلىنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىللەردە كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇپ مۇبالىغىدە يېڭى بولۇش، قايتا تەلرارلانماسلىق، جانلىق تەبىئىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغان. بىز بۇلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇبالىغە ھەققىدىكى بىلىملەردىن  تۇلۇق خەۋەردار ئەدىپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەر تىلىغا ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە كىيىنكىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە، ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.

 

 

ئىزاھلار

 

(1)   م.ئۈلكۈتاشىر، ”بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقىرى“، 17-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى، تۈرۈكچىدىن تۇرسىنئاي ساقىم تەرجىمىسى

(2)   ئىمىن تۇرسۇن، ”ئەدەبىياتىمىزدا تەشبىھ مۇبالىغە“ ، يېڭى قاشتېشى ژورنىلى، 1998-يىل 4-سان 86-بەت

پايدىلانغان ماتىرىياللار

 

1.يۈسۈپ خاس ھاجىپ،“قۇتادغۇبىلىك“،مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل5-ئاي1-نەشرى

2.زەمىر سەيدۇللازادە، كىلاسسىك ئىستىلىستىكا دەرس لېكسىيىسى

3. يولۋاس راشىدىن، ”ئىستىلىستىكا ساۋادى“، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى باستۇرغان، 2002-يىل 5-ئاي

4. ئارسلان ئابدۇللا، ”قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى“، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى نەشرياتى، 2001-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

5.ئىمىن تۇرسۇن ، ”ئەدەبىياتىمىزدا تەشبىھ مۇبالىغە“، يېڭى قاشتېشى ژورنىلى، 1998-يىل 4-سان 86-بەت

 

مەزكۇر ماقالەم:بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان

 

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. ئابدىراخمان.
    2012/01/24 10:14:58

    قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.ھارمىغاي سىز.تېخىمۇ تىرشىڭ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif