مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدىكى قىسقا فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر

ۋاقتى: 2011-12-27 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 559 قېتىم / 7 دانە باھا يوللانغان باھا

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تور ئارىلاۋېتىپ بىر تور بېكەتتە،تۈركىيىلىكلەر تەرپىدىن ئىشلەنگەن مەھمۇد بوۋىمىز ھەققىدىكى قىسقا فىلىمنى ئۇچىرىتىپ قالدىم.بىزدە تاكى ھازىرغىچە بۇ خىلدىكى فىلىملەر ئىشلەنگىنى يوق.شۇڭا كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنەي دەپ بۇنىڭدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى بلوگىمغا يوللىدىم.تۆۋەندىكىلىرى فىلىمدىن كېسىۋىلىنغان بىر قىسىم سۈرەتلەر:

 

قەشقەر ئوپالدىن يولغا چىقىش

تۈرۈك تەقۋىمى

قەبىلىلەرنى زىيارەت قىلىش

ئات ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان تۈرۈكلەر

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش

ئات ئۈستىدىمۇ ئوقيانى ئالدىغا ھەم كەينىگە ئاتالايدىغان جەسۇر كىشىلەر

شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تامغىلىرى

تۈركىي تىللار دىۋانىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

دىۋانغا قېتىرقىنىپ ئىشلەش

 ئەينى ۋاقىتتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن بىر كارتىنا

قەشقەر ئەتىراپىدىكى رايۇن ۋە خانلىقلارنىڭ بىر قىسمى

ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدىن تارتىپ قارخانلارغىچە بولغان ئارلىقتىكى خانلار

خانلارنىڭ تىزىملىكى بۇ رەسىمدە سەل تولۇقراق چىقىپتۇ

 

تاغ-دالىلارنى كېزىش،مۇشەقەتلىك سەپەر

ئەتىراپلىق كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈش

تۈركى تىللار دىۋانىنى ساقلىغۇچى كىتاپپۇرۇش ئەلى ئەمىر ئەپەندى

باشقا سۈرەتلەر  

7نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. خاكان
    2012/01/18 03:13:52

    رەھمەت سىز گە كارامەت نادىر مەزمۇنلار ئىكەن . بولسا سېن ھۆججىتىنى كۆرسەك بولاتتى . ئەگەر قوشۇلسىڭىز مەن بىر ئامال قىلىپ چىقىرىپ باقاي .

  2. بىلىگقۇت
    2012/01/09 17:43:00

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ياخشىمۇسىز لوپنۇرى :
    بىلوگىڭىزنى كۆرگەندىن تۈنجى كۆرگەندىن بېرى ھازىرغىچە ۋاقىت بولسىلا بىلوگدىكى يازمىلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بىلوگنى ياخشى قۇرۇپسىز ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيەت، مائارىپى ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدىنىپ كېلىۋېتىپسىز. سىزگە قايىل بولدۇم. قادىر ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلغاي ۋە يەنىمۇ مەدەت بەرگەي ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، سىز بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئېلخەت ئادرىسىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم، خالىسىڭىز خەت يازارسىز. يەنە بىر ئۆتۈنۈش مەھمۇد كاشىغەرى ھەققىدىكى ھەققىدىكى فىلىمنىڭ تور ئادرىسىنى يېزىپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن.

    • lopnuri
      2012/01/09 19:33:49

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،قېرىندىشىم!ئالدى بىلەن سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھام ۋە باھالىرىڭىزغا تەشەككۈر!گەرچە ئۇچىرىشىپ سىرداش بولۇپ ئۆتەلمىسەكمۇ،تور ۋاستىسى ئارقىلىق بولسىمۇ پىكىرداش بولالىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بېرىپ تۇرارسىز.بۇ فىلىمنى بىر دوستۇم ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. بولمىسا بۇ فىلىمنى سىزنىڭ خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ بېرەي. مەن بۇ فىلىمنى بلوگقا چىقىرىشنى بىلەلمىدىم.شۇڭا رەسىملىرىنى يوللاپ قويغان ئىدىم.

  3. تورباجىن
    2011/12/28 21:02:52

    ئوھوي …..كۆزۈم ئېچىلىپلا قالدىغۇ!

    • lopnuri
      2011/12/28 21:42:51

      قەدىمىڭىزگە مەرھابا!بۇ يازمامدىن سىزگە نەپ يەتكەن بولسا،شۇنىڭغا خۇشالمەن!

  4. ئەردەۋىل
    2011/12/28 13:25:44

    ئاشۇ سىننى ھەمبەھىر قىلغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى؟

    • lopnuri
      2011/12/28 20:01:58

      ئەسلىدە مەنمۇ شۇ فىلىمنى ھەمبەھىر قىلاي دېگەن.ئەمما،سىن يوللاش بوشلۇقلىرىغا يوللاپ ئۇلىنىش قىلاي دېسەم قەتئىي تەستىقلىمىدى.بۇ بلوگقا چقىرش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم.يەنە باشقىچە چىقىرش ئۇسۇلى ھەققدە ئىزدىنىۋاتىمەن.ئەگەر يەنىلا بۇ سىننى نورمال چىقىرالمىسام،بلوگقا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif